مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bendora

قىسمەت كوچىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68572
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 252
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 01:21:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئىمانىلىق بىر جۇپلەرنى مۇردىغا يەتكۇزگەي،ئەسرىڭز ياخشى چىقۋاتدۇ داۋامنى تىخمۇ ياخشى يېزىشڭزغا تىلەكداشمەن.

سۇ كىېتىپ تاش قا

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8832
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4097 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 01:30:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىزكوپ رەخمەت داۋاملىق يىزىپتۇرغايسىز.

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 02:49:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىققىنىڭلارغا رەھمەت، مۇشۇ ھېكايىنىڭ راۋاجىنى ئويلىساملا مېنى بىرخىل ئازابمۇ ياكى ھارغىنلىقمۇ ئىشقىلىپ چىرمىۋالىدۇ، بەك تەستە ئەسلىمنى تاپىمەن دېسە...

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116220
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6783 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 03:14:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

42قەۋەتتىكى(bendora) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

ئىنكاسىڭىزنى تېمىنىڭ داۋامىمىكىن دەپ قالىدىكەنمىز. شۇڭا ئوشۇقچە ئىنكاسنى يازمىسىڭىز. چۈنكى ئاپتورنىڭ ئۆز ئەسىرىگە بولغان ئىنكاسلىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە تېمىنىڭ راۋاجىغا تەسىر يېتىدىكەن . يەنى رەھمەت، مۇشۇ ھېكايىنىڭ راۋاجىنى ئويلىساملا مېنى بىرخىل ئازابمۇ ياكى ھارغىنلىقمۇ ئىشقىلىپ چىرمىۋالىدۇ، بەك تەستە ئەسلىمنى تاپىمەن دېسە...مۇشۇ سۆزلىرىڭىزدىن ئەسەرنىڭ داۋامىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى پەرەز قىلىپ تېمىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ھىس قىلدۇرالماس قىلىپ قويىدىكەن .

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 05:56:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:42قەۋەتتىكى(bendora) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 43قەۋەت  zulayha كە 2011-12-12 03:14 PMئەۋەتىلدى 42قەۋەتتىكى(bendora) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
ئىنكاسىڭىزنى تېمىنىڭ داۋامىمىكىن دەپ قالىدىكەنمىز. شۇڭا ئوشۇقچە ئىنكاسنى يازمىسىڭىز. چۈنكى ئاپتورنىڭ ئۆز ئەسىرىگە بولغان ئىنكاسلىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە تېمىنىڭ راۋاجىغا تەسىر يېتىدىكەن . يەنى رەھمەت، مۇشۇ ھېكايىنىڭ راۋاجىنى ئويلىساملا مېنى بىرخىل ئازابمۇ ياكى ھارغىنلىقمۇ ئىشقىلىپ چىرمىۋالىدۇ، بەك تەستە ئەسلىمنى تاپىمەن دېسە...مۇشۇ سۆزلىرىڭىزدىن ئەسەرنىڭ داۋامىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى پەرەز قىلىپ تېمىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ھىس قىلدۇرالماس قىلىپ قويىدىكەن .  
تامام، بۇ يەردىكى ھارغىنلىق بېسىپ يازالماسلىقتىن چىققان بېسىمنىڭ بەرگەن تەسىرىدىن بولغان. ئازاب راست گەپ قىلسام بىلمەيمەن نېمىشقىكىن.

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116220
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6783 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 03:12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنىڭ داۋامى يېزىلماپتىغۇ جانىم . شۇنچە قىززىقىپ ئوقۇۋاتاتتىم . داۋامىنى بالدۇرراق يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 04:16:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 06:47:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنىسىغا تېلفون بېرىپ ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر تاماقخانىدا ساقلاپ تۇرىدىغانلىقى ئېيتقان مېھرىگۈل بىلەن ئەرشىدىن ھازىر دەل شۇ تاماقخانىدا غىزالانغاچ
ئىنىسى مەۋلاننىڭ كىرىپ كېلىشىنى كۈتىۋاتاتتى. مېھرىگۈلنىڭ يۈرىكى ئۆزىگە ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە سوقۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇ يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ نەتىجىسىنى بىلىشكە بەكمۇ تەقەززا ئىدى.ئەرشىدىننى كۆرسە مەۋلان قانداق ئىپادە بىلدۈرەر؟ ئاچىسىنىڭ ئۆزىگە بالدۇرراق خەۋەر قىلمىغىنىدىن خاپا بولارمۇ؟ ئەنە ئىشىك ئېچىلدى، ئىنىسى مەۋلان يەنە بىر دوستى بىلەن كىرىپ كەلدى،ھەدىسىنىڭ ئۆزىگە ناتونۇش بىر بالا بىلەن ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ باشتا ھەيرانلىق ھېس قىلغان بولسىمۇ بىراق تېزلا ئۆزىنى ئوڭشاپ ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى،شۇندا مېھرىگۈلنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇكام-ئەرشىدىن ئاۋۋال قوپۇپ سالام قىلدى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاكا، قانداق ئەھۋالىڭ؟-ئەزەلدىن باشقىلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتىدىغان مەۋلان ئەرشىدىننى «سەن»لەپ چۈشتى.بۇ ھال ئەرشىدىننى تولىمۇ خۇشھال ھەم ئەركىن-ئازادە قىلدى.
-ئۇكام بۇياق ئەرشىدىن. بۇ مېنىڭ ئىنىم مەۋلان، بۇ ئىنىمنىڭ دوستى ئىليار.تونۇشۇپ قېلىڭلار.-مېھرىگۈلمۇ ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق باشلانغان بۇ سورۇننىڭ كەيپىياتىدىن ئېچىلىپلا كەتتى.ئۇلار ھېلى تاغدىن، ھېلى باغدىن پاراڭلىشىپ كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئولتۇرۇپ قېلىشتى.دادىسىدىن تېلفون كەلمىگەن بولسا يەنە قانچىلىك ۋاقىت ئولتۇراتتىكىن تاڭ؟
-بالام قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتىڭ بولغاندەك ھېس قىلمىدىڭما؟ بېشىڭدىكى ياغلىقنى بايراقتەك لەپىلدىتىپ كېچىلەپ يول يۈرىدىغان زورو بولمىغاندىكىن، چايتىپ كەل ئەمدى.بولمىسا بار يېرىڭنى ئېيت ئىنىڭ ئالدىڭغا بارسۇن.
-ھە بولدى دادا، مانا ھازىرلا بارىمەن ئۆيگە.
شۇنداق قىلىپ ئاچا-ئىنى ئىككىيلەن ئەرشىدىننى قونالغۇسىغا يەتكۈزىۋىتىپ قايتىپ كەتتى.قايتقۇچە بولغان ئارلىقتا مەۋلان ئاچىسىغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.سورالغان سوئاللارمۇ جاۋاپسىز قالدى،باشتا دىققەت قىلمىغان مېھرىگۈل ئىنىسىنىڭ قاپاقلىرى چۈشۈپ كەتكىنىنى ئەمدى بىلدى.نېمىنى خاتا قىلغاندىمەن دەپ ئويلىغان مېھرىگۈل سوراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي جىم ماڭدى.ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىرىشىگە يۇمغاقسۈت سېلىپ ئەتكەن سۇيۇقئاشنىڭ ھىدى دىماقلارغا ئۇرۇلدى.ئەمدى گەپ قىلاي دىيىشىگە ماھىنۇر ھەدە كىچىك ئۆيدىن چىقىپلا قىزىغا يەنە بىر ئۆيگە كىرىپ كېتىشكە ئىشارەت بەردى،بۇنىڭدىن ھەيران قالغان قىز نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمىسىمۇ ئاستا گەپ قىلماي ئۆز ئۆيىگە قەدەم ئالدى.
-كەلدىما ئاۋۇ؟!-دادىسىنىڭ ئاۋازى گويا بومبا پارتلىغاندەك ئۆيدىكى جىمجىتلىقنى تۇيۇقسىز بۇزىۋەتتى.
-مىجەزى يوق ئوخشايدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى،-دېدى يەنە شۇ بىچارە ئاپا قىزىنى قوغداپ.
-نېمىگە مىجەزى بولمايدىكەن، چاقىرە ماڭ، چىقسۇن مىياققا. ئۈرۈمچىدىن مېھمان كەلگەنىكەن، روھلۇق بولىشى كېرەك، ئۆزىمۇ شۇ مېھمانلارنى دەپ ئاز جاپا چەكمىدى. چاقىرە ماڭ!
-ۋاي بولدى قىلغىن نۇرمەت!
-مەن بولدى قىلىمەن، ئەمدى بىراق بولدى قىلايلى ھەممىمىز، چىقە مىياققا مېھرىگۈل!
بولۇۋاتقان گەپ-سۆزلەردىن ھەممىنى چۈشىنىپ يەتكەن مېھرىگۈل بوينىدىن بىرى تارتقاندەك دادىسىنىڭ يېنىغا چىقتى.



ئاز بولۇپ قالدى، كەچتە يازاي. تاماق ئىتىشىم كىرەك.
قوللىغان، ياقتۇرغان ۋە داۋاملىق ئىز قوغلاپ كۆرىۋاتقانلارغا رەھمەت ئېيتىمەن،ئەسەرنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ئاستىدا بولىۋاتىدۇ. ئاخىرقى بىر ئوقۇغۇچۇم قالسىمۇ داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلدىم، ئىنشائاللاھ!

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:32:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-نەگە بادىڭ؟
-ھېچنەگە دادا.
-بىزگە يۈز بېرەمسەن زادى يوقمۇ؟ كوچىمۇ-كوچا يۈردۈڭما قول تۇتۇشۇپ؟ كاللاڭ جىڭ ئىشلىمەيدىكەن سېنىڭ! بىزلا بىلىپ قالايلى، مۇناسىۋەتنى ئۈزسۇن دېسەم، ئەمدى مەلە كويغا ئەكىلىشلا قالدى دېگىنە؟
-دادا قول تۇتۇشۇپ ماڭمىدۇق.مېنى ئىزدەپ كەپتۇ، كېتىڭ دېيىشىم كېرەكمىتى؟
-قول تۇتۇشۇپ ماڭدىڭمۇ ماڭمىدىڭمۇ كۆرگەنلەر بىلىدۇ. ئۆزىلا كەپتۇمۇ يا ئەلچىلىرىنى ئېلىپ كەپتۇما؟ ھازىرلا تېلفون قىلىپ ئۇقتۇر ئەتە ئۆيگە كەلسۇن، بەك كەتكىڭ بولسا مۇشۇ باھانىدە كېتىۋالارسەن شۇ ئۈرۈمچىگە. دۇئا بىلەنلا ئۇزۇتۇپ قوياي سېنى، بەك ئىسلامچە توي قىلغۇڭ بارتىغۇ سېنىڭ، بىكارغا تېگىدىغان بولغانكىن سەن،ئامىنغىلا ئۇزۇتۇپ قوياي سېنى، ئۇرە تېلفوننى، ئۇرە بىكار ئۆزەم ئۇرىمەن،چىرايلىقچە ئۇرۇپ چاقىرە!...
-نۇرمەت بولدى قىل، ئاچچىقلانماي گەپ قىل، خولۇم-خوشنىلار ھەممىسى ئاڭلاپ قالىدۇ بولدى قىل.
-نېمىنى ئاڭلايدۇ؟ ئاڭلىسۇن، بىكار ھەممىسى بىلىپ بولغاندا بىز ئاڭلىغاندىن، مۇشۇنداق بىزدىن بىۋاستە ئاڭلىغىنى ياخشى.
-دادا بولدى قىلە، چىقە ماڭ ئاچا ئا ئۆيگە چىكىتە.
-نەگە چىقىدۇ، چىقسا بىراق چىقسۇن ئۆيدىن!-نۇرمەت ئاكا ھە دەپ چالۋاقايتتى. گۈرەن تومۇرلىرى شۇ دەرىجىدە كۆپتىكى كۆرگەن ئادەم ئۇنى ھېلىلا گۈپپىدە يىقىلىپ چۈشەرمىكىن دەپ ئەنسىرگۈدەك!
-دادا بولدى قىلىڭە، مەن چاقىرتمىغان ئۆزى كەپتۇ شۇ، ئۇمۇ بەندىغۇ؟ گەپ بولسا چىرايلىقچە قىلىشساق بولىدىغۇ؟  نېمىشقا ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بېرىمىز؟ ... ...
مېھرىگۈل گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەستىن يىغلىغىنىچە ئۆز ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.شۇ تاپ ئۇنىڭ ھەممە نەرسىدىن ۋاز كەچكۈسى كېلىپ تۇراتتى، خۇددى ھەممە ئادەم ئۇنى قەستەن مۇشۇ يولغا ئىتتىرىۋاتقاندەك. ئۇ ئاغرىندى، ئۆزىنى چۈشەنمىگەن، ئۆزىگە بەخت بېرىمەن دەپ ئەكسىچە ئۆز يۈرەك پارىسىنى قىيناۋاتقان دادىسىدىن ئاغرىندى. ئۇ ئاغرىندى، ئۆزىگە ئىشەنمىگەن، گۇمانلانغان، بۈگۈنكى ئىشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان باشباشتاق ئەرشىدىندىن ئاغرىندى.نېمىشقا ئۆزىدىن سوراپ باقمايلا يولغا چىقىدۇ؟ ئەجىبا ئەرشىدىن بۇ ئائىلىدىكى قارشىلىقلارنى بىلمەمدۇ؟ بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا يەنە مېھرىگۈلنى ھاڭ تۈۋىگە قىستاپ كېلىدۇ؟
ئىشىك ئېچىپ كىرگەن ماھىنۇر ئاپا، بىر چىنە ئاشنى داققىدە مېھرىگۈلنىڭ ئالدىغا قويدى-دە گەپنى باشلىدى:
-ئۆزەڭنى ئاياشنىمۇ بىلمەيدىكەنسەن، نېمە قىلاتتىڭ ئۇ بىرمىگە تۇرايىڭنى دەپ بېرىپ؟ خەق بىرنى ئىككى قىلىپ سۆزلەپ يۈرۈپتۇ. دۇكىنىڭغا تونۇشلار كىرگەنمىتى؟ چايدىكى ئاياللارغا بېرىپ دەپتىكەن، ئەرلىرى ئارقىلىق داداڭنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. داداڭنىڭ دۈمبىسىدە پال باقىدىغانلىقىنى بىلىسەن، ئەجىبا ناتونۇش بىرى دېسە شۇ بىرنېمىنى كاللىسىغا كەلتۈرمەي قالاما؟  بۈگۈن چۈشتە داداڭ قەستەنگە دۇكانغا بېرىپ سېنى تاپالماي لازا ئالغان خالتىدەك ئاچچىقلاپ قايتىپ كەپتۇ. نېمە قىلىسەن دەيمەن چوڭ كوچىدا سۆرىشىپ؟ يا بىر ئېنىق بولسىكەن ئىشلىرىڭ! كاللاڭ راست ئىشلىمەيدىكەن سېنىڭ! ۋاي ئىسىت ۋاي ئىسىت... ...  بېشىڭدىكى ياغلىقىڭدىن ئۆرگۈلەي تېخى، چوڭ كوچىدا لەگلەكتەك لەپىلدەشسەڭلار بولىدۇ دېگەنما؟
-بولدى قىلە ئاپا، ئاڭلىغانلىرىم يېتىدۇ ھېلىمۇ. راستلا مەن ئۇنى كەل دېمىگەن، ماڭىمۇ دېمەي كەپتۇ، قانداق قىلىمەن ئاپا؟ قېچىشنىڭ ئورنى باما؟
-تېلفونۇڭنى ئالماشتۇرۋەتسەڭ بولدىغۇ؟ئارتۇق گەپ قىمماي ئېشىڭنى ئىچ، ئەتە تالاغا چىققۇچى بولما، كەتسۇن ئا بىرنىمەڭگە دە!
مېھرىگۈل يەنە بىر نېمىلەرنى دېمەكچىدى-يۇ،ئۇنىڭغىچە ئاپىسى ئىشىكنى جالاچشىتىپ ياپقىنىچە چىقىپ كەتتى. يالغۇز قالغان مېھرىگۈل ئاۋازىنى چىقىرالماي بۇقۇلداپ يىغلىغىنىچە، ئاشنى كۆز ياشلىرى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە مەجبۇرلاندى. تېلفون ئۇرۇشنى ئەپسىز كۆرگەن مېھرىگۈل قىسقا ئۇچۇردا بولغان گەپ-سۆزلەرنى ئەرشىدىنگە تولۇق ئېيتىپ بەردى.بىراق ئەرشىدىندىن كەلگەن مۇنداق بىر ئۇچۇر مېھرىگۈلنى ھەيران قالدۇردى، گويا بۇ ئۇچۇر ئەرشىدىندىن كەلمىگەندەك قايتا-قايتا قۇرمۇ-قۇر تەكرار كۆرۈۋەتتى.ئۇچۇر مۇنداق يېزىلغانىدى:
«كەچۈرۈڭ، سىزگە بۇنچىۋالا ئىش تېرىپ بېرىشىمنى ئويلىماپتىكەنمەن، بىراق مەن ھازىر سىزگە نېمىش قىلىپ بېرەلەيمەن پەقەت بىلەلمىدىم، ئۆتكەندە ئۆيۈمدىكىلەر ئۆيىڭىزگە كىرىۋەتسۇن دېسەم ئۇنىمىدىڭىز، مانا ئەمدى ئۆيىڭىزدىكىلەر بۇنداق دەپتۇ. سىز يەنە ياق، دەيسىز، سىزنى زادى چۈشىنەلمەي قېلىۋاتىمەن، پەقەت بولمىسا مەن سىزنى ئېلىپ بۇ شەھەردىن كېتەي، قانداق؟ سىزلا خالىسىڭىز سىزنى ئېلىپ باشقا يۇرتلاردا خاتىرجەم ياشىغۇم بار.جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن».
«توۋا-دەپ پىچىرلىدى مېھرىگۈل ئۆز-ئۆزىگە-مەن نېمە كويدا،بۇ بالا نېمە ئويدا؟ ئەجىبا مەن بىر ئىنساننى دەپ ئاتا-ئانامدىن كېچەرمەنمۇ؟ ھېچبىر مەھرەملىك مۇناسىۋىتىم يوق كىشى بىلەن شەھەر ئاتلاپ يۈرەرمەنمۇ؟ ئەجىبا بۇ بالا مېنىڭ يول تاللاشتىكى مەقسىتىمنى چۈشەنمەمدىغاندۇ؟ ياكى بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىسى ئازمىدۇ؟ نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم مەن؟ بەلكى چاقچاقتۇ» ئۆز خىيالىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن يازغان «ئەرشىدىن نېمە دەپ مۇشۇنداق چاغدا چاقچاق قىلىسىز؟ سىزگە ئاسان بىلىنىۋاتامدۇ بۇ ئىشلار»دېگەن سوئالىغا كەلگەن جاۋاپ مېھرىگۈلنىڭ قەلبىدىكى ئەرشىدىن ئوبرازىنى بىر بالداق تۆۋەن چۈشۈرۋەتتى.«ياق، مەن ئاللاھ ئۈچۈن بەندىدىن كېچىمەنكى، ئىنسان ئۈچۈن ئىنساندىن كېچىشنى ئەلا بىلمەيمەن، مېنى خاتا چۈشىنىۋالغان ئوخشايسىز»دەپ ئۇچۇرنى قايتۇردى مېھرىگۈل ۋە ئاستا ئورنىغا كىرىپ ئۆزىنى چۈمكەپ يىغىنى باشلىۋەتتى.


ئەگەر مېھرىگۈل بىلەن ئەرشىدىننىڭ قانداق بولۇپ كىتىدىغانلىقىغا قىززىقساڭلار كېلەركى ساندا كۆرۈشەيلى. خەير-خوش!

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116220
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6783 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:46:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

48قەۋەتتىكى(bendora) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

ئەستەقپۇرلا ، ما ئىشنى ؟ سىلەرنىڭ بەختىڭلارنى بىلگۈسى بار بۇ يۈرۈكۈم ، غەملىنىپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ تېمىنىڭ داۋامىدا.  بەكلا ئاز يېزىپسىز تاتلىق سىڭلىم . ئەتە يەنە مۇشۇ تېما ئۈچۈنلا كومپىيۇتىر ئاچىدىغان بولدۇمدە....

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش