مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2348|ئىنكاس: 24

ئاشۇرا كۈنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 12:35:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇرا كۈنى

مەنبە :بىلدۈر تورى

ئااشۇرا – ئەرەبچە “ ئاشىر “ دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ “ ئونىنچى “ دېەگن مەنىدە ( بۇ ئەرەبچە سۆز ئەسلىدە ئىبرانىي تىلىدىكى “ ئونىنچى “ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان “ ئاسۇر “ دېگەن سۆزدىن كەلگەن ) ئاشۇرا كۈنى مەخسۇس ھىجىرىيە مۇھەررەم ئاي ( 1 – ئاي ) نىڭ 10 – كۈنىنى كۆرسىتىدۇ . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، ئاللاھ تائالا مۇشۇ كۈنى جەننەت ، دوزاخ ۋە ئىنسان ( ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانا ) نى ئاپىرىدە قىلغان ، شۇڭا بۇ كۈن مۇقەددەس كۈن ھېسابلىنىدۇ . شۇنداقلا ، ئادەم ئاتا ئەلەيھىسسالام ( ۋە ھەۋۋا ئانا ) ، نۇھ ئەلەيھىسسالام ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ، مۇسا ئەلەيھىسسالام ، داۋۇد ئەلەيھىسسالام ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ، ئەيسا ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت 10 چوڭ پەيغەمبەر مۇشۇ كۈنى خەتەردىن قۇتقۇزىۋىلىنغان . يۇقىرىدىكى رىۋايەتلەر ئىچىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇرا كۈنى قۇتقۇزىۋىلىنغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەت ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ يەھۇدىيلار بۇ كۈننى روزا تۇتۇپ خاتىرلەيدۇ . مىلادىيە 622 – يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرگە ھىجىرەت قىلىپ بارغاندىن كېيىن مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن ئىتىپاقلىشىش ، ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ دىنىي ئادىتىگە تەقلىد قىلىپ بۇ كۈننى روزا تۇتۇش كۈنى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى ،. 623 – يىلى ھىجىرىيە 9 – ئاي ( رامىزان ئاي ) روزا تۇتۇش ئېيى قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن ئاشۇرا كۈنى تەدىرىجى ھالدا ئىختىيارەن روزا تۇتۇش كۈنى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن . مەملىكىتىمىىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىللىرىنڭ بەزى رايونلىرىدىكى قەدىمىي * مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ئاشۇرا كۈنى قۇرئان ئوقۇش ، دۇئا – تىلاۋەت قىلىش ھەمدە داشقايناق ( يەنى كۈجە ) ئىچىش ئادىتى بار .

ئاشۇرا كۈنى بولۇپمۇ شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئالاھىدە خاتىرە كۈنى ھېسابلىنىدۇ . مىلادىيە 680 – يىلى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ، ھەزىرتى ئەلىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىمام ھۈسەيىن ئىراقلىقلار تەرىپىدىن خەلىپە قىلىپ تىكلەنگەندىن كېيىن ، ئۇ مەدىنە مۇنەۋۋەردىن ئىراقتىكى كۇفە شەھرىگە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشقا ماڭغان . 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى كەربالا شەھرىگە يېتىپ كەلگەندە ، ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ نۇرغۇن لەشكەرلىرىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ، سانى كۆپ دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمەي ، ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ 200 دەك ئادىمى پۈتۈنلەي شېھىت بولغان . بۇ كۈن دەل ھىجىرىيە 61 – يىلى 1 – ئاينىڭ 10 –كۈنى يەنى ئاشۇرا كۈنى ئىدى . شىئەلەردە ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى تەدىرىجى ھالدا ئىمام ھۈسەيىننى خاتىرلەيدىغان تەزىيە كۈنى بولۇپ قالغان ۋە ئاشۇرا بايرىمى دەپ ئاتالغان . شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ھەر يىلى مۇشۇ كۈن كەلگەندە داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ . بىر مۇنچىلار مەسچىتلەردە ياكى ئائىلىسىدە قۇرئان تىلاۋات قىلىپ ، ئىمام ھۈسەيىنگە تەزىيە بىلدۈرىدىغان تەزىيە قەسىدىللىرىنى ئوقۇپ ، ھەتتا شارائىتى بارلار كەربالا شەھرىدىكى ئىمام ھۈسەيىن مەقبەرىسىگە مەخسۇس بېرىپ قەبرە يوقلاپ بۇ ئۇلۇغ شېھىتكە بولغان تەزىيىسى ۋە ئىززەت – ئىكرامىنى ئىپادىلەيدۇ . ئىران ، ئىراق قاتارلىق ئەللەرنىڭ بەزى جايلىرىدىكى شىئەلەر بۇ كۈنى سىرلىق ۋە مۇسىبەتلىك سەنئەت ئويۇنلىرىنى ئورۇنلايدۇ ، بىر مۇنچە شىئەلەر يىغىلىپ كوچىلارغا چىقىپ : “ كۇللى يەۋمىن ئاشۇرا ، كۇللى ئەرزى كەربالا ( ھەممە كۈنلەر ئاشۇرا ، ھەممە زىمىن كەربالا ) “ دەپ توۋلاپ مۇسىبەت نامايىشى قىلىدۇ .، يىغا – زارە قىلىشىپ ھازا ئاچىدۇ ، ھەتتا ئۆزىنى زەنجىر ، قامچىلار بىلەن قامچىلاپ ، بەدەنلىرىدىن قانلار ئاققۇزۇپ ، ئۆزىنى قىيناش ئارقىلىق ئىمام ھۈسەيىننىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېچىنىشلىق شېھىت قىلىنغانلىقىغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ . شىنجاڭ يەكەندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر شىئە مۇسۇلمانلىرىمۇ ھەر يىلى ئاشۇرا كۈنى ئۆز مەسچىتىگە يىغىلىپ مۇناسىۋەتلىك ۋەز ، تەبلىغلەرنى ئاڭلايدۇ ، ئۈچ كۈنگىچە تائەت – ئىبادەت ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ئاشۇرا كۈنىنى خاتىرلەيدۇ .

ئىزاھات :

* قەدىمىي مەزھىپى “ مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىللىرىدىكى خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەل قىلىدىغان مەزھەپ بولۇپ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىر ئەمەل قىلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي ئىسلام ئېتقادىغا ئوخشاپ كېتىدۇ . بۇ مەزھەپ بۇ مىللەتلەر تىلىدا “ گېدىمۇ “ ( (格迪目“ يەنى قەدىمىي “ دېيىلىدۇ . “ لاۋجىياۋ “ ( (老教 يەنى “ كونا مەزھەپ “ دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ قەدىمىي ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان .

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 02:30:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تىما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە رەھمەت ھەشقاللا!
ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!
maraz.bey بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 07:22:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تەدبىرىڭ قانداق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33166
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 297 سائەت
تىزىم: 2011-3-9
ئاخىرقى: 2011-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 08:36:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34426
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5174
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 4354 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 09:38:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم رەھمەت سىزگە.... [s:173]

ئەسسالامۇ-ئەلەي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25520
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5266
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 2583 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 10:08:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت maraz.bey كە 2011-04-22 07:22 AMئەۋەتىلدى :
{{{شىنجاڭ يەكەندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر شىئە مۇسۇلمانلىرىمۇ ھەر يىلى ئاشۇرا كۈنى ئۆز مەسچىتىگە يىغىلىپ مۇناسىۋەتلىك ۋەز ، تەبلىغلەرنى ئاڭلايدۇ .}}}

بۇ گەپلەر ئەمدى ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىككى مەزھەب بولۇپ ، ( بۆلۈنۈش ) ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلامدۇ قانداق .؟؟؟؟؟  


بۇنىڭدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ،يەكەندىكى شىئەلەر كۆپىنچە پارىسلارنىڭ(ئىرانلىقلار) ئەۋلادلىرىدۇر،ئۇيغۇرلاردىن شىئە مەزھىپىگە ئىتىقات قىلىدىغانلار يوق دىيەرلىك.يەكەندىكى باشقا مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ مەسچىتىگە كىرمەيدۇ.ھەتتا ئۇلار ئاچقان دوختۇرخانىغىمۇ بارمايدۇ،شۇڭلاشقا سىزنىڭ ئەنسىرشىڭىز ئارتۇقچە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 10:12:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت maraz.bey كە 2011-04-22 07:22 AMئەۋەتىلدى :
{{{شىنجاڭ يەكەندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر شىئە مۇسۇلمانلىرىمۇ ھەر يىلى ئاشۇرا كۈنى ئۆز مەسچىتىگە يىغىلىپ مۇناسىۋەتلىك ۋەز ، تەبلىغلەرنى ئاڭلايدۇ .}}}

بۇ گەپلەر ئەمدى ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىككى مەزھەب بولۇپ ، ( بۆلۈنۈش ) ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلامدۇ قانداق .؟؟؟؟؟  

ئۇنداق بولمايدۇ،يەكەندىكى شىئەلەر دەپ قارىلىۋاتقانلار بەكمۇ ئاز ساندا،بۇرۇندىن بار،تارىىخى سەۋەپلەر تۈپەيلى شەكىللىنىپ قالغان،ئەمما ئۇلارنىڭ سانى بەك ئاز،بارغانسېرى ئازلاپ ماڭىدۇ، ئىش ھەركەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى دىنى ئېتىقاد  ئېقىمىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇرلاردا ئىككى مەزھەپ بار،ئىككى مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتتى دەپ يېنىكلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 10:20:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ھەرگىزمۇ مەزھەپ كوچىسىغا كىرىپ قالمىسۇن ، شىئەلەر دىگەن ئازغۇنلاردۇر .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 11:03:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يازمىڭىزغا تەشەككۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38101
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7486
تۆھپە نۇمۇرى: 896
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 11:07:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مۇنبەرداشلارغا ئاشۇرا كۈنىنى بىلدۈرۈپ ياخشى قىپسىز!!ئەمما بۇ يەردە قەدىمى مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئاشۇرا كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزدىغانلىقىنى ،شىئەلەرنىڭ ئۆزىنى قامچىلاپ ئىمام ھۈسەيىننى خاتىرلەيدىغانلىقىنى ،دىيارىمىزدىكى كىشلەرنىڭمۇ دۇئا تىلاۋەت بىلەن ئۆتكۈزدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق .پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام پەقەت بۈ كۈنلەردە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىقان،ئەمما يۇقىرقىلاردەك ئالاھىدە تەبرىكلەش پائاليىتى ئۆتكۈزمىگەن.ئەجىبا شۇنداق ئەمەسمۇ؟؟مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئۈچلا بايرىمى بار ،ئۇ بولسىمۇ قۇربان ھېيىت،روزا ھېيىت ،ۋە ھەر ھەپتىدىكى جۈمە كۈنىدىن ئىبارەت.بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بىر قانچە ھەدىسىنى يازغان بولسىڭىزلا ئاشۇرا كۈنىنى چۈشەندۈرۈشكە يىتەرلىك ئىدى.
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى،ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن ئاشۇرا كۈنى(مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10-كۈنى)روزا تۇتۇش توغرۇلۇق سورالغاندا،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام "ئۆتكەن يىلقى گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ"دېدى.                                       ______________        مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتاتتى ۋە باشقىلارنىمۇ روزا تۇتۇشقا بۇيرتتى.                                                                                               _____________   بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى:ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇش ياخشى ئىشنى قىلىشقا تەكىتلەش يۈزىسىدىن بولغان.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش