مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1339|ئىنكاس: 17

جىسمانى گۈزەللىك ، قەلىب گۈزەللىكى ۋە سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10514
تۆھپە نۇمۇرى: 1944
توردا: 1581 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 06:37:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جىسمانى گۈزەللىك ، قەلىب گۈزەللىكى ۋە سۆز ھەركەت گۈزەللىكى

ئىمىنجان ھىدايەت پاسىبانى

ھۆرمەتلىك مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قوللىغۇچىللىرى ھەم مىنىڭ ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلار ئويلاپ باقسام ھازىرغا قەدەر مىسرانىم مۇنبىردە ياخشىراق ئەھمىيتى يۇقىرى مەنىسى چوڭقۇر بولغان بىرەر ئەسەر يازماپتىمەن  بۇقىتىم مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتى مۇناسىۋىتى بىلەن بەش كۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجىرتىپ ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە رىئال تۇرمىشىمىزدا بولۇۋاتقان بەزى ئىشلارنى تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق بۇ تىمىنى پۇتۇن يەر شارىدىكى تورداشلارغا سۇندۇم  سەۋىرچانلىق بىلەن ئالدىرماي ئوقۇپ باشقا تورداشلىرىڭلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىڭلارنى سورايمەن .
جىسمانى گۈزەللىك ،قەلىب گۈزەللىكى ۋە سۆز ھەركەت گۈزەللىكى ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئاساسىي ھۈجەيرىسى ھېساپلانغان ئادەمنىڭ ، كونكىرىت قىلىپ ئىيىتقاندا ھازىرقى دەۋىردىكى ھەر بىر ئىنسان بالىسىنىڭ جىسمانى ۋە مەنىۋى گۈزەللىك ئۆلچەملىرىدۇر ! جىسمانى گۈزەللىك بىلەن قەلبى گۈزەللىكنى بىر بىرىگە زىت ئورۇنغا قويۇش ، ئۇنىڭ بىر سى ئارقىلىق ئىككىنچىسنى چەتكە قېقىش خاتا . شۇنداقتىمۇ بۇ ئىككى خىل گۈزەللىكنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىش ھەر بىر ئەقىل ئىگىسنىڭ مەجبۇرىيتى دەپ قارايمەن .
مىنىڭچە جىسمانى گۈزەللىك ، گۈزەللىكنىڭ كىشىلەر ئىزلىنىدىغان ھەۋەس قىلدىغان مۇھىم تەرپى . گوركى :<< ئادەم ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى بويچە سەنئەتچى بولۇپ ، ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش گۈزەللىكىنى ئارزۇ قىلىدۇ >> دىگەن ئىدى .
جىسمانى گۈزەللىك كە نىسبەتەن ھەرخىل قاراشلار بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى بىر ئورتاقلىق بەدەن ساغلاملىقىدىن ئىبارەت . مىنىڭچە پەقەت بەدەن ساغلاملىقى ئاساسىدا جىسمانى گۈزەللىك ۋە تاشقى گۈزەللىكنىڭ باشقا تەلەپلىرى ئىسكەت گۈزەللىكى ، ھۆسۈن گۈزەللىكى ، زىننەت گۈزەللىكى بولۇشى مۇمكىن ...... جىسمانى گۈزەللىك جىسمانى جەھەتتىكى تۇغما ياكى چىنىقىش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن جىسمانى ساغلاملىق ۋە جىسمانى گۈزەللىكتۇر . ئىسكەت گۈزەللىكى خۇددى ساغلام ئۆسۈۋاتقان دەرەخ شاخلىرىنى بەلگىلىك پەرۋىش ئۆلچىمى بويچە تۈز ئۆستۈرۈش ياكى ئېگىپ بىر شەكىلگە كىرگۈزۈشكە ئوخشاش جىسمانى ساغلاملىق ۋە بەدەن گۈزەللىكىنىڭ تەبىي شەرىتلىرى ئۈستىدىن قايتا ئىش قوشۇش ئارقىلىق بولغان گۈزەللىكتۇر .بىز دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۆز پەرزەنىتلىرىنى مۇئەييەن تەلەپ بويچە ئىسكەت قېلىپىغا سېلىپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز ھەم ئاڭلايمىز . بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى مىسال قىلىدىغان بولساق ، تۇغۇلغان بالىنى زاكىلاش ، بۆشۈككە سېلىپ قول پۇتىنى تۈز ئۆستۈرۈش ، بېشىغا خالتىغا سىلىنغان گۈرۈچ قويۇپ ، ئۇنىڭ ئەگرى يىرىنى تۈزەپ يۇمىلاق قىلىش ، يىقىلغان بالىنىڭ بىشىنى تۇخۇملانغان داكىدا چىڭ ۋە يۇمىلاق تېڭىش ، بۆشۈكتە يىنىك چىمدىپ بالىنىڭ قاڭشىرنى چىقىرىش ، بالىنى دۈمچەك ، دەمكۆتە ۋە ئىسكەتسىز قىلىپ قويدىغان ئىش ھەركەتلەردىن ساقلاش ، پايدىلىق بالىلار ئويۇنلىرىغا قاتناشتۇرۇش ، تۇغۇتتىن كېيىن ئانىنىڭ قوسىغىنى تۇخۇملانغان ماتا بىلەن ئوراپ تېڭىش ، تاسما تارتىش ، تاش مايماق ۋە ئىچ مايماقلارنى تۈزەش قاتارلىقلارنىڭ قەدىمدىن ئادەت بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز ( بۇ مىساللار ئۆزەمنىڭ ئانا يۇرتى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيە كىلياڭ يىزا يۇلغۇنجاي كەنتىدىكى مەن ئاڭلىغان كۆرگەن  بويچە ئىلىندى  ھەممە يۇرىتنىڭ ئۆز ئۆرۈپ ئادىتى بولىدۇ توغرا قوبۇل قىلارسىلەر ) دوسلار كىشىلەر ئۆز ھاياتىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان جىسمانى گۈزەللىك ۋە ئىسكەت گۈزەللىكىنى گەۋدەلەندۈرۈشكە قادىر . شۇنداقلا ئۆز ھاياتىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىغا لايىق گۈزەللىك ئالامەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك بەھرىمان بولۇشقىمۇ قادىر . مىنىڭچە جىسمانى ۋە تاشقى بەدەن گۈزەللىكى پەقەت ياشلىقنىڭ دەسلەپكى دەۋىردىن ئىبارەت بىرلا باسقۇچ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ دەيدىغان كۆز قاراشلار بىر تەرەپلىمە ۋە ئۈمۈتسىز قاراشتۇر . ساغلام بەدەن ، جىسمانى گۈزەللىك ، ئىسكەت گۈزەللىكى ، ھۆسۈن گۈزەللىكى ، ئادەمنىڭ تاشقى كۆرۈنىشتىكى شەكلى گۈزەللىكىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ شۇڭلاشقا بۇ بىر قانچە ئامىللار ئۆز ئارا ماسلاشقان بولۇشى لازىمدۇر ، ئۇنىڭغا يۇيۇپ - تارىنىش ،كىيىم - كېچەك ، زىبۇ زىننەت ۋە خۇلقى مىجەز جەھەتتىكى گۈزەللىك ئامىللىرى مۇۋاپىق دەرىجىدە قوشۇلغاندا جانلىق ، چىرايلىق ئادەم سىياقلىق شەكىللىنىدۇ ، كىيىم - كېچەك بىلەن زىبۇ - زىننەت گەرچە جىسمانى گۈزەللىك بولمىسىمۇ ، ئۇ جىسمانى گۈزەللىكنى جۇلالاندۇرۇش رولىنى ئۆتەپ ، ئادەمنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش گۈزەللىكلىنىڭ قوشۇمچىسى بولىدۇ .
     خۇلىقى - مىجەز گۈزەللىكى - قەلىب گۈزەللىكى ، سۆز ھەركەت گۈزەللىكىنىڭ جانلىق نامايەندىسىدۇر .
ئادەمنىڭ تاشقى گۈزەللىكى ، ئۇنىڭ ئىچكى قەلىب گۈزەللىكىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . << كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى >> ، << سۆز ، قەلىبنىڭ ساداسى >> دىگەن ماقال بار . قەلبى گۈزەل بولمىغان كىشىنىڭ رەڭگى - روھىدىن تولدۇرۇپ بولمايدىغان مەنىسىز بوشلۇق ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ بۇنداق كىشىلەر ھەتتا ئۆزىنىڭ تاشقى كۆرىنىشنىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ . ئۇلارچە ھەرخىل رەڭدار رەخىتلەر ، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ، ئاجايىپ - غارايىپ پوسۇنلارنىڭ ھەممىسى گۈزەللىكنىڭ مۇتلەق نامايەندىللىرى دەپ قارايدۇ . مىنىڭچە بۇ بۇيۇملار پەقەت قەددى - قامەت گۈزەللىكى ۋە خۇلىقى مىجەز گۈزەللىكى ، سۆز ھەركەت گۈزەللىگى ، قەلىپ گۈزەللىگى ئاساسىدىلا ، ئىنساننىڭ ئۆز گۈزەللىگى ، يەنى ئىنسانى گۈزەللىك بولالايدۇ . مانا بۇ ئادەمنىڭ گۈزەللىگى ئەڭ ئالىي گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى ، ئادەم گۈزەللىكىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى مەدەنلەر ، ئۆسۈملۈكلەر ، ھايۋانلاردا بولىدىغان مېخانىك ۋە بىئولۇگىيىيلىك خاراكتىردىكى گۈزەللىك بولماستىن ، ئىنسانغا خاس ھېس - تەپەككۇر گۈزەللىگى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ .
قەلىب گۈزەللىگى ، ئىنساننىڭ بارلىق ئىددىيە ، بىلىم ۋە تەجىربىللىرىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ ، شۇ كىشىنىڭ ماھىيتى ، پەزىلىتى ۋە قەدىر قىممتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى تەشكىل قىلىدۇ .بىز بىر كىشىنى ياخشى ياكى يامان ، ئالىيجاناپ ياكى پەسكەش دىگىنىمىزدە مۇھىمى ئۇنىڭ قەلىب سۈپۈتىنى نەزەردە تۇتىمىز .
ۋىجدان ________ بىر شەخسنىڭ باشقىلار بىلەن ياكى پۇتۇن جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۆز قەلبىنىڭ ۋە ئۆز ئىشلىرىنىڭ پاكلىغى ۋە ھەققانىلىغى ھەققىدىكى ئەخلاقى بىلىش ۋە ئىپتىخارلىق ھېسياتىدىن ئىبارەت . ۋىجداننىڭ ئاساسىي ئامىلى ، ئەخلاقى جەھەتتە ئۆز - ئۆزىگە باھا بىرىش ، ئۆز - ئۆزىنى نازارەت قىلىش ، ۋىجدانىي جەھەتتىن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ، خاتالىقىنى ئۆز گەرتىشتىن ئىبارەت . فېيىېر باخ ئۆزىنىڭ <<بەخىتنامە >> ، دىگەن ئەسىردە : << ئادالەت بىر خىل تەنقىدى پائالىيەت >> ، << ۋىجدان ، باشقىلار بەختىنىڭ ۋاكالىتى >> دەپ توغرا ئىيىتقان ، ئۆز قەلبىدە باشقىلارغا ناھەق زىيان يەتكۈزىدىغان پىكىر ۋە ھېسيات بىلەن شۇغۇللانغان كىشى ___-- ۋىجدانسىز ، قارا كۆڭۈل كىشىدۇر . ۋىجدان ، باشقىلار بەختىنى ئۆز پائالىيتىنىڭ پىرىنسىپى قىلغاندا تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ .
سۆز گۈزەلىلىگى ، توغىرسىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ كۆپلىگەن ھىكمەتلىك سۆزلىرى ، ماقال تەمسىللىرى ، شېئىرى ئىبارىللىرى بار .مەسىلەن : فېييېر باخ << خىرىستىياننىڭ ماھىيتى >> ناملىق كىتاۋىدا تىل توغىرسىدا توختىلىپ : << تىل ، دۇنيانىڭ نۇرى >> ، << تىل ، ھەقىقەتكە باشلاپ كىرىدۇ ، سىرلارنى روشەنلەشتۈرىدۇ >> ، << تىل ، ئىنسانىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ >> ، << تىل ، ھەقىقەتنىڭ ھاياتى >> ، << تىل ، نىجاتلىق ، ئىناقلىق ، ئىتتىپاقلىق ۋە ئازاتلىق قۇدرىتىگە ئىگە >> ، << ئۆزىنى ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل >> ، << تىل تەربىيسى ، بارلىق تەربىيەنىڭ ئاساسىي ئۇلى >> دەپ يازغان .
ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <<قۇتادغۇبىلىك >> داستانىدا ۋە ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ << ئەتەبەتۇلھەقايىق>>  ناملىق ئەسىردە ، تىلدىكى گۈزەللىك بىلەن خۇنۇكلۈك كۆپ تەرەپلىمە تەسۋىرلەنگەن . ئۇنىڭدا : << تىل __ ئەقىل بىلەن بىلىمنىڭ ئىپادىسى >> ، << تىل _- قەلىب شاھىدى >> ، << تىل __ بەخىت ۋە خارلىق سەۋەپچىسى >> ، << تىل __ ئىشىك ئالدىدىكى شېئىر >> ، << تىلنىڭ ئىناۋىتى راسىت سۆزدە >> ،<< ئېھتىيات ۋە كەمتەرلىك بىلەن سۆزلە >> ، << شائىر ___ تىل ئۇستازى >> ، << ئەدەپنىڭ بىشى كەم سۆزلۈك >> ، << ئويلىنىپ سۆزلىمىسەڭ ئاپەت تىرىلىدۇ >> ، << ئوق يارىسى ساقىيدۇ ، تىل يارىسى ساقايمايدۇ >> ، << يالغان سۆز بىلەن كىرەكسىز سۆز ، يولۇڭنى تارايتىدۇ >> قاتارلىق چوڭقۇر مەنىلىك پىكىرلەر بايان قىلىنغان .
مىنىڭچە سۆز گۈزەللىگى ، ئىنسان گۈزەللىگىنىڭ يارقىن ، تولىمۇ ۋەكىللىك خاراكتىرى بولغان بىر قىسمى ، سۆز گۈزەللىگى ئۈلۈكسىز راۋاجلىنىپ تۇرىدۇ . سۆز گۈزەللىگىنىڭ چىكى يوق . سۆز گۈزەللىگى ھەممە ئۈچۈن ، ھەتتا سۆز ئۇستىسى ھېسابلانغان ناتىق ، سەنئەتكار ، ئادۇۋكات ، دېپلۇماتلار ئۈچۈنمۇ چەكسىز دۇر سۆز گۈزەللىگىدە لوگىكىلىق ، گىرامماتكىلىق ، ئىستىلىستىكلىق ، ۋە ئېتكىلىق بولۇش لازىمدۇر .
لوگىكىلىق دىگىنىمىزدە ، سۆزدە توغرا تەپەككۇر قىلىش دىگەنلىكتۇر .
گىرامماتكىلىق دىگىنىمىزدە : سۆزدە جۈمىللەرنىڭ قانۇنلۇق تىزىلىشى دىگەنلىك .
ئىستىلىستىكىلىق دىگىنىمىز : تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ، تىلنى تىلشۇناسلىق دائىرسىدە جۇلالاندۇرۇش ، ئۇنى توغرا ، ئىنىق ئىپادىلەش دىگەنلىكتۇر .
رىتودىكلىق دىگىنىمىز : تىلنىڭ قايىل قىلىش ، تەسىرلەندۈرۈش ، مەھلىيا قىلىش ، قوزغاش ، كۈچنى ئاشۇرۇش دىگەنلىكتۇر .
ئىستېتىكىلىق بولۇش دىگىنىمىز : سۆزنىڭ سەنئەتلىك ، ئوبرازلىق ، جانلىق ، رەڭدار ، ئاۋازلىق ،كومېدىك ، تىراگىدىك ، تەمسىللىك.......... بولۇشى دىگەنلىكتۇر
ئېتىكلىق دىگىنىمىز : سۆزنىڭ گۈزەللىگى جەھەتتىن سۆزنى سىلىق ، مۇلايىم ۋە كەمتەر قىلىشتىن ئىبارەت بىر قانچە ئەخلاقى تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
ئەدەپلىك سۆز _ سۆز گۈزەللىگىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى ھۆرمەتلەش ئاساسىغا قۇرۇلۇشى لازىم . سۆزدە باشقىلارغا يول قويۇش ، مەرھەمەت قىلىش ، نېمە بولسا شۇنى تومتاقلا دىمەسلىىك لازىملىقىنى چۈشەندۇرىدۇ
سۆزنىڭ مۇلايىملىقى : سۆزدە باشقىلار بىلەن ئۆزىنى تەڭ تۇتۇپ سۆز قىلىش ،قىزغىن كەيپىيات ئىپادىلەش ............ قاتارلىق بىرقانچە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىملىقى نى كۆرسىتىدۇ
سۆزنىڭ كەمتەرلىكى ____ سۆزلىشىۋاتقان كىشىنى ھۆرمەتلەش ، سۆزدىن بۇرۇن ۋە كىيىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ، تەكەللۇپ قىلىش ، سەمىمىيلىك ئىپادىلەش ، سۆزنىڭ ھەممە قىسمىدا ھاكاۋۇرلۇق ، ماختانچاقلىق ، مەنمەنلىك ، بىسىم ۋە رەنجىتىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىق ، كىشىنى سۆز ئارقىلىق دارىتمىلاپ كەمسىتمەسلىك ، تەھدىت سالماسلىق ، خارلىماسلىق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ  دەپ قارايمەن
شۇڭلاشقا بارلىق ئوقۇرمەن قىرىندشلىرىمنىڭ بۇ تىمىغا بولغان چوڭقۇر ئىنكاسلىرىنى ئايماسلىغىنى تەنقىدى پىكىرلىرىنى بىرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ، سۆز گۈزەللىگى مۇنازىرە ، ئۇقۇشماسلىقلارنى ئىزاھلاش قاتارلىق چىگىش ۋە مۇرەككەپ مەيداندا ئۆزىنى تېخىمۇ ئالىيجاناپلىق بىلەن نامايەن قىلىشى لازىم ، شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى ، گەپتە ئۇتقانلىق ، غەلبە ۋە شۆھرەت ئەمەس ، ھەقىقى غەلبە ھەقىقەتنىڭ غەلبىسى ، گۈزەللىكنىڭ غەلبىسى ، كىشىلەر قەلبىنى سۆيۈندۈرۈشنىڭ غەلبىسى !!!!
     ( مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر مۇسابىقىسى تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر )   مەنبە  ئۆز تەپەككۇرۇمنىڭ ئىجادىيتى
    خوتەن ۋىلايىتى گۇما  ناھىيە كىلياڭ يىزا  يۇلغۇنجاي كەنتى
              ئىمىنجان  ھىدايەت  پاسىبانى
  چ چ 1395898567




ئىمىنجان ھىدايەت

ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6554
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 08:14:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ ... مۇمكىن بولسا بارىلىق دوسىتلىرىمىز مۇشۇنداق ئەدەپ - ئەخلاق تمىسىنى كۆپرەك كۈرۈپ قويسا ياكى يوللاپ تۇرسا نىمە دىگەن ياخشى - ، ھە ! ... ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتكا ئىرىشىپ قېلىشىغا تىلەكداشمەن ...

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 1503
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4676
تۆھپە نۇمۇرى: 1144
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 08:27:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىگەن گەپ -سۆزلىرىمىزنى ئۆزىمىزىنىڭ ئەمەلى ھەرىكىتگە ئايلاندۇرالىغان بولساق بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىش بولماس .

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

ا.ئەي ئوغول ئەرب

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4937
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5165
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2011-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 08:34:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتىمابەك ياخشى يىزىلىپتۇ تىما يازىدىغانلار كوپ لىكىن كوپىنچىسى  مۇھەببەت تۇرمۇش توغرى

ئۇلۇغ ئاللا بەندىلىرىڭنىڭ كوڭلڭگە ئىنساپ ۋە ئىمان ئاتا قىلغىن

ا.ئەي ئوغول ئەرب

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4937
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5165
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2011-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 08:41:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ئوقوغان ئادەمگەمەنىۋى زوق ھەم مۇۋاپىق تەربيەئاتا قىلىدىكەن ئىمىنجان قىرىندىشىمىز نىڭ ئارزۇ  ئارمانلىرىغا ئاللا ئىگەم  يەتكۇزگەي

ئۇلۇغ ئاللا بەندىلىرىڭنىڭ كوڭلڭگە ئىنساپ ۋە ئىمان ئاتا قىلغىن

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 09:03:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقۇردا دىيىلگەن ئۈچ گۈزەللىك بىرلەشسە چۇقۇم مۇكەممەل ەۈزەللىك بۇلىدۇ.

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17396
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5797 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 09:44:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ناھايىتى جانلىق يېزىپسىز بۇ ئەسەرنى،ئىزاھلىرىڭىزمۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق چىقىپتۇ،سىزگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن،شۇنداقلا ھەممەيلەننىڭ ئەخلاقى،ئەقلى،جىسمانىي جەھەتلەردىن ئورتاق گۈزەللىككە ئورانساق بەك ياخشى ئىش بۇلاتتى........ [s:166]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

سىناپ باقماسلىق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7049
تۆھپە نۇمۇرى: 277
توردا: 1694 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 05:06:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سىزنىڭ ھەر بىر يازمىلىرىڭىزغا باشقىچە قزىقىپ قىلىۋاتىمەن،سىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبىڭىز ،دۇنيا قارىشىڭىز،ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبىڭىز مىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ،مەن مومكىن بولسا تىمىلىرىڭىزنى قايتا-قايتا ئوقوپ نۇرغۇن جەھەتتىن ئۆز ئۇسلۇبىمغا ئۈزلەشتۈرۋالالىسام دەيمەن...
ئىنشاللا ئىگىمىز سىزنى ئامان قىلسۇن .

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10514
تۆھپە نۇمۇرى: 1944
توردا: 1581 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 08:36:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  abdukorax كە 2011-04-23 05:06 PMئەۋەتىلدى  :
مەن سىزنىڭ ھەر بىر يازمىلىرىڭىزغا باشقىچە قزىقىپ قىلىۋاتىمەن،سىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبىڭىز ،دۇنيا قارىشىڭىز،ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبىڭىز مىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ،مەن مومكىن بولسا تىمىلىرىڭىزنى قايتا-قايتا ئوقوپ نۇرغۇن جەھەتتىن ئۆز ئۇسلۇبىمغا ئۈزلەشتۈرۋالالىسام دەيمەن...
ئىنشاللا ئىگىمىز سىزنى ئامان قىلسۇن .
مەدەت بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر ! سىزگە رەھمەت

ئىمىنجان ھىدايەت

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10514
تۆھپە نۇمۇرى: 1944
توردا: 1581 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 05:36:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 11قەۋەت  uqkunxah كە 2011-04-25 01:15 PMئەۋەتىلدى  :
ئاللاھ سىز گە رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم [s:154]  [s:166]
رەھمەت  سىزگىمۇ ئاللاھ  سالامەتلىك  بەرسۇن !

ئىمىنجان ھىدايەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش