مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 721|ئىنكاس: 11

ئۇيغۇر دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللا بىلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12313
تۆھپە نۇمۇرى: 959
توردا: 3726 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 07:30:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                            ئۇيغۇر دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللا بىلەن تۇنۇشىۋېلىڭ
ئون نەچچە يىل مابەينىدە دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئالىملىرىمىز يىلدىن -يىلغا كۆپىيىپ بۈگۈنكى ۋاقىتقا كەلگەندە خېلى كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان دوكتۇرلار قۇشۇنى بارلىققا كەلدى. شۇنداقلا بۇئالىملىرىمز ئاخبارات ۋاستىللىرى ئارقىلق خەلقىمىزگە تۇنۇشتۇرلۇپ مىللىتىمىزگە ئالەمچە سۇيۇنۇش ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى.جۇملىدىن مىسرانىم تورىدىمۇ  خېلى  كۆپ ساندىكىى دوكتۇرلىرىمز تۇنۇشتۇرۇلغان ماقالىلەر ئىلان قىلىندى.بۈگۈن تورلارنى ئارىلاۋىتپ<<ساجىيە>>تورىدىن بۇ دوكتۇرىمىزنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ  دوكتۇر يىقىندا مىسرانىم مۇنبىردىكى <<دىسنى>>نامىلق تورداش يوللىغان بۇئادىرستىمۇhttps://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-12859-fpage-5.shtml
تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى. گەرچە بىر توردىن يەنە تورغا ئەسەر كۆچۈرۈش ياخشى ئىش بولمىسىمۇ تورداشلارنىڭ بۇئالىمىمز بىلەن تونۇشىۋېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ يەنىلا يوللاشنى لايىق تاپتىم.
                                                                                             ------يوللىغۇچىدىن.

ئابدۇل ئەزىز   رەھمەتۇللاھ 1971-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر   تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دوكتۇرنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە قەشقەر شەھىرى   ياغ بازىرىدا بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ   ئورۇنلاشتۇرۇشتا خوتەن شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. 1976-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەر شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1985-يىلى دادىسى ھەج قىلىش ئۈچۈن دوكتۇر ۋە ئاكىسىنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، ھەج قىلىپ قايتىشىدا ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيەتىگە ئېلىپ كېلىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى ئەرەب تىل تەييارلىق مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ. دوكتۇر ئۇ يەردە بىر يىل ئەرەب تىلى ئۆگەنگەندىن كىيىن 1986-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1989-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب-ئىسلام تەتقىقاتى فاكولتىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1993-يىلى مەزكۇر فاكولتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 1994-يىلى شۇ فاكولتېتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىغا قۇبۇل قىلىنىدۇ. 1997-يىلى ماگىستىر تەييارلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ۋەتەنگە قايتىپ تۇرمۇش قۇرۇپ، بىرمەزگىل ۋەتەندە تۇرۇپ قالىدۇ. 2001-يىلى شۇ چاغدىكى ماگىستىر يېتەكچىسى دوكتۇر سەئىد مۇھەممەدنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىمام قۇدۇرىنىڭ «ئەتتەجرىد» ناملىق كىتابىنىڭ ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى بابى ھەققىدە تەتقىقات ۋە تەھقىقات ناملىق ئىلمى ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئاندىن ئىمام قۇدۇرى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئاشۇ (ئەتتەجرىيد) ناملىق قوليازما فىقھى كىتابىنى تولۇق تەھقىقلاپ ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن قاھىرەدىكى "فىقھى ۋە ئىقتىسادى تەتقىقاتلار مەركىزى" تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ باشقا ئون دوكتۇر ۋە پروفېسسورلار بىلەن بىللە بىر يىل ئەتراپىدا ئىشلەپ ئاخىرى ئۇ كىتابنى 12 توم قىلىپ (ئىسلام سېلىشتۇرما فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى-ئەتتەجريد) دېگەن نام بىلەن قاھىرە دارۇسسالام نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىدۇ.

2002-يىلى 3-ئايدا دوكتۇرلۇق ئىلمى ئۇنۋانىنى ئېلىش ئىمتىھانىدىن ئۇتۇپ، ئۇقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان. شۇ يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ، ۋەتەندە ئۇچ يىل تۇرۇپ قالغان.

بۇ جەرياندا دوكتۇرنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى ئاكىلىرىغا تاشلاپ قويۇپ 2005-يىلى 10-ئايدا ئەزھەردىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇچۇن مىسىرغا ئۈچىنجى قېتىم كېلىدۇ. ئۈچ يىل جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاخىرى دوكتۇر يېتەكچىسى ئابدۇللاھ مۇھەممەد سەئىد ۋە ياردەمچى دوكتۇر يېتەكچىسى سابىر ئابدۇل ئەزىز ئىمرانلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئىسلام قانۇنشۇناسى ئەبۇ لەيىس سەمەرقەندى ۋە ئۇنىڭ فىقھى كۆز قاراشلىرى» ناملىق دوكتۇرلۇق رىسالىسىنى يېزىپ -2008يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسلام شەرىئىتى، سېلىشتۇرما فىقھى كەسپىدە 1-دەرىجىلىك دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

دوكتۇرنىڭ يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن باشقا، دوكتۇر يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ «ئسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ،ئۇلارنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئىرىشكەن.

ئۇ يەنە بىرقانچە دىنىي زىيالىيلار بىلەن بىرلىكتە "مۇختەسەرى تەفسىرى ئىبنى كەسىر" ناملىق چوڭ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىلادىيە 14-ئەسىردە دىيارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى سەدىدۇددىن كاشغەرى [ھىجىرىيە 705-يىلى ۋاپات بولغان] نىڭ ھەنەفى فىھقى كۆز قارىشى بىلەن يېزىپ چىقىلغان«مۇنيەتۇل مۇسەللى») نامازخانلار ئارمىنى) دېگەن كىتابنى قايتا تەھقىقلەش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى غەلىبىلىك تاماملاپ تور يۈزىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سەھىھۇل بۇخارىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن ئاخىرقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ.

دوكتۇر ھازىر پەرزەنتىلىرىنى ئوقۇتۇش ۋە بىر قىسىم ئىلمى تەتقىقاتلارنى قىلىش ئۈچۈن قاھىرەدە ياشاۋاتىدۇ.

مەنبە:ساجىيە تورى.http://sajiye.net/terjim.php

0998ۋارىس

ئولۇمنى ھەر ۋاقى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30695
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6808
تۆھپە نۇمۇرى: 2218
توردا: 2109 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2012-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 09:39:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قلىسۇن ......تونۇشقۇنۇمدىن بەك رازىمەن ............. [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:173]  [s:173]  [s:173]

ئويلانماقتىمەن..

تىرىشچان ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 24039
تۆھپە نۇمۇرى: 1464
توردا: 5979 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 09:48:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇنبەردە بۇ كىشىنىڭ تەرجىمھالى بىلەن قايتىدىن يۈز  كۆرۈشۈپ چىققىنىمدىن خۇشالمەن،  رەھمەت سىزگە!

تۇغۇلۇش ئۆلۈمگە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5017
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6366
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 5127 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 10:14:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاا بىلەن تونۇشىۋالغىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن ...

دىلشاد

ئىتىپاقلىق كۈچ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36134
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1736
تۆھپە نۇمۇرى: 151
توردا: 2312 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 10:52:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىگەم بىزنىڭ ھەرساھەدە دوكتۇرلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسۇن.

بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.   تۇرايىم: قۇت تۇرا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 8340 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 10:54:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق دوكتۇر ئالىملىرىمىز كۆپرەك يىتىشىپ چىقىشىنى تىلەيمەن.

ئتقادى بولمىغان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34175
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1680
تۆھپە نۇمۇرى: 103
توردا: 2018 سائەت
تىزىم: 2011-3-17
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 11:21:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇرىتى   يوقما  بۇ  دوكتۇرنىڭ

ھەركىم ئۆز تەغدىرىنىڭ  تۆمۇرچىسى.

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12313
تۆھپە نۇمۇرى: 959
توردا: 3726 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 11:47:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەرجىمھال دوكتۇرنىڭ تور بېتىدىن يوللانغان.ئەسلى مەنبەسىدىمۇ سۆرەت بولمغاچ
سۇرەت يوللاشقا ئامالسىزمەن.

0998ۋارىس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35454
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 12:14:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەك خۇشال بۇلدۇم ئۇلۇق ئاللاھ تىخىمۇ كۆپ ئالىملارنىڭ يىتىشىپ چىقىشىغا نىسىپ قىلسۇن [s:122]

çok sevmek hataysa, ben büyü

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25578
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2616
تۆھپە نۇمۇرى: 205
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 01:08:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىي مىللەتلەردىن چىققان تۇنجى ئەزھەرنىڭ دۇكتۇرىغۇ دەيمەن....
خاتالاشمىسام چوقۇم شۇنداق...
ئاللاھ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن بۇ ئاكىمىزنىڭ!!!

ھەممىڭلار سالامەت بولۇڭلار !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش