مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 24597|ئىنكاس: 343

دۇنيا قويۇشنى چەكلىگەن ئۈچ چوڭ مۇزىكا ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 2774
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41094
تۆھپە نۇمۇرى: 4334
توردا: 6940 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 08:33:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەسكەرتىش :
بۇ قانداقتۇر تۇقۇپ چىقىلغان، ئويدۇرما ۋەقەلىكنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان تېما بولماستىن بەلكى تارىخى ماتىرىياللار ئاساس قىلىنىپ يېزىلغان، ماتىرىياللاردا راست خاتىرلەنگەن ئىشلار خاتىرىسىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلانغان تېمىدۇر. يۈرىكىدە مەسىلە بار مۇنبەرداشلارنىڭ تېمىدىن يىراق تۇرىشىنى ئەسكەرتىمەن ! مەزكۇر تېمىغا چەكلەنگەن مۇزىكىلارنىڭ بىرىنجىسى يانداش قىلىنىدۇ !









دۇنيا قويۇشنى چەكلىگەن ئۈچ چوڭ مۇزىكا !


چەكلەنگەن مۇزىكىلار بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسىنى تېپىش بەك تەسكە چۈشتى. ئۈچ مۇزىكا ئىچىدىن "تۆۋە قىلىش" بىلەن " قارا رەڭلىك يەكشەنبە" نىڭ ئۈنگە ئېلىنغان بىرقىسمىلا تېپىلدى... شۇنىڭ ئۈچۈن تېمىمىزغا " تۆۋە قىلىش مۇزىكىسى" نى كىرگۈزىمىز!

"تۆۋە قىلىش "  


 

دۇنيا قويۇشنى چەكلىگەن 3 چوڭ مۇزىكىلار :  "< تۆۋە قىلىش > < 13- جۈپ كۆز > <قارا رەڭلىك يەكشەنبە> "
بۇ مۇزىكىلار ئادەم نېرۋىسىنىڭ ئەڭ زىل ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىشى روھىنى كونتىرول قىلىۋالىدىغان بولۇپ مۇزىكىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا  ئاڭلىغۇچى ئەسەبىيلەرچە ئۆزىنىڭ گۇناھلىرىنى، خاتالىقلىرىنى  ئويلاپ ئۆزىنى قەتتى كونتىرول قىلالمايدۇ، نەتىجىدە ئۆزىنى ئۆلتىرىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە " قارا رەڭلىك يەكشەنبە" بىرقەدەر داڭلىق ! رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇ ئۈچ ناخشىنى ئاڭلىغۇچىلار  تەڭرىنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەنلەر...

بىرىنجىسى: 


   ئالۋاستى مۇزىكا   " تۆۋە قىلىش "

غەرىپ مۇزىكا تارىخىدىكى تۇنجى چەكلەنگەن مۇزىكا. مەزكۇر مۇزىكا ئامىرىكىلىق Deliver me دىگەن كىشى تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان، ھەم ئىجات قىلىنغان كۈن دەل مۇشۇ كىشىنىڭ ئۆلگەن كۈنى. بۇ گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئېيتىلغان ناخشا، ئەمما ئادەتتىكى "تۆۋە قىلىش" ناخشا-مۇزىكىللىرى بىلەن ئوخشىمايدۇ.كىشىنى ئۆزىنى ئۆلتىرىۋېلىشقا كۈشكەرتىدۇ، يىتەكلەيدۇ ! مۇزىكا سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالغان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكى بىلەن يەنە " يالماۋۇز ناخشىسى" دەپ ئاتالغان.ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالغانلار ئاساسەن ئەڭ سادىق مۇخلىس، مۇرتلار.
ئۇلار ئاساسەن جەننەتكە ئىشەنگۈچىلەردۇر،تەڭرىنىڭ ئۇلارنى قېشىغا چاقىرىپ ئېلىپ كىتىشىگە تەشنا بولغان كىشىلەر. مەزكۇر مۇزىكىدا ئۆزىنى ئۆلتىرىۋېلىشنىڭ قورققىدەك ئىش ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن......

شۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەر:

تۆۋە قىلىش ناخشىسىنى چۈشىنىشكە ئامالسىز قالدۇق. مۇزىكىغا جۆر بولۇپ ئۇدۇنياغا كەتكەن كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالمايمىز. ھاياتنى چۈشىنىشكە ئامالسىز قېلىۋاتىمىز. يۈرەك باغرىمىزنىڭ ساپ بولمىغانلىقىدىن ئەمەستۇر، ياشقا تولغان كۆزىمىز بىلەن بۇ سوغۇق دۇنياغا قارىغىنىمىزدا، جاھاننىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىكى بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا جىنايەت، گۇناھى قىلمىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرالايمىز ! بىز پەقەت ئۇلارنى كۆرەلمەيمىز خالاس ! قىزىل رەڭلىك بۇ يۈرىكىمىز سېزىمنى بارا-بارا يوقۇتۇپ تاشقا ئايلانماقتا..... 

ئىككىنجىسى


ئالۋاستى مۇزىكا  13- جۈپ كۆز (ئون ئۈچىنجى جۈپ كۆز)


ئاۋال بىز 13 دىگەن مۇشۇ سان ھەققىدە ئازىراق تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى:


غەرىپ تەرەپتە ،يەنى ياۋروپا ،ئامىرىكا ئەللىرىدە بۇ مۇزىكا ئىسمى زەھەر دەپ ئاتىلىدۇ. 13 بۇ سان شۇملۇقنىڭ ئاپەتنىڭ بەلگىسى . غەرىپ تەرەپتىكى دىن ئومۇملاشقان جايلاردا بۇ ئىسىمنى ياقتۇرىدىغانلار يوق دىيەرلىك.

چۈنكى 13 دىگەن بۇ سان ئەيسانىڭ 13-شاگىرىتى يۇداغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ 13-شاگىرىتى 30مىسقال كۈمۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇستازى ئەيساغا ساتقىنلىق قىلىپ ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق كىرىستقا مىخلىنىشىغا

سەۋەپ بولغان.

ئافىرىقىدىكى بىر ئىپتىدائى قىبىلىدە ناھايىتى سىرلىق بولغان بىر مۇزىكا ئىجات قىلىنغان. ئەمما قىززىق يېرى شۇكى ، مۇزىكا ئىجات قىلغۇچىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى بىلگىنى بولمىغان. ئاڭلاشلارغا قارغاندا 60 يىللار ئىلگىرى بىر قەبىلە كىشىللىرى بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئارقا-ئارقىدىن كوللىكتىپ ھالدا ئۆزلىرىنى ئۆلتىرىۋالغان. مۇشۇ سەۋەپتىن مەزكۇر مۇزىكا قويۇش چەكلەنگەن مۇزىكىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ قاتتىق چەكلەنگەن، ھۆكىمەت بىرلىشىپ بارلىق قول كۆچۈرۈلمە نۇسقىللىرىنى يىغىپ يوقىتىۋەتكەن، بىراق يەنە بىر قىسىم قولدا كۆچۈرۈلگەن ناخشا نوتىللىرى ساقلىنىپ قالغان. كىيىن تەخمىنەن ،1991-يىلىغا بارغاندا، داڭلىق بىر مۇزىكانت ئوغۇرلۇقچە بۇ مۇزىكىنىڭ قولدا كۆچۈرۈلگەن نوتا شەكلىنى سېتىۋېلىپ ساقلىۋالغان، بەلكى ئۇ بۇ مۇزىكىغا ناھايىتى قېزىقىپ قالغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما مۇزىكىنىڭ تارىخىغا ئىشەنمىگەن. شۇ سەۋەپتىن ئۇ ئەسلى نوتا بويىچە مۇزىكىنى ئۆزى چېلىلپ، ئۆزى ئېيتىپ باققان، نەتىجىدە ئۇ مۇزىكىنى قايتا -قايتا ئاڭلىغاندىن كىيىن ئالاقىزادىلىك ئىچىدە قېلىپ قالغان نوتا شەكلىدىكى مۇزىكىنى كۆيدىرىۋەتكەندىن كىيىن ،ئۆزىنى دەرىزىدىن تاشلاپ ئۆلىۋالغان.

مانا شۇ ئىشتىن كىيىن 13-جۈپ كۆز توغرىسىدىكى ماتىرىياللار ئۈزۈلۈپ قېلىپ بۈگۈنگە كېلەلمىگەن. پۈتۈنلەي يەر شارىدىن غايىپ بولغان دىسەكمۇ بولىدۇ !


ئۈچىنجىسى :


ئالۋاستى مۇزىكا قارا رەڭلىك يەكشەنبە


ئامىرىكا، فىرانسىيە ۋېنگىرىيە ھۆكىمەتلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەركىتى ئاخىرى بۇ مۇزىكىنى يوقاتقان. " قارا رەڭلىك يەكشەنبە" ئەسلى مۇزىكا 47 مىنۇت 13سىكىنۇتلۇق بولۇپ، ئاساسلىق پىئانىنو بىلەن ئورۇنلانغان. ماتىرىيالدا بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق بىر كىشى كۈلۈپ باقمىغان، ئاڭلىغاندىن كىيىن نېرۋا قالايمىقانچىلىقى يۈز بېرىپ خۇدىنى يوقىتىدۇ دەپ خاتىرلەنگەن. ھازىرقى توردا تارقالغان شەكلى بولسا پۈتۈنلەي شەكلى ،ئۇدارى ئۆزگىرىپ كەتكەن نۇسقىللىرى بولغاچقا بۇرۇنقىدەك ئۇنداق تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.

جۇڭگۇ تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى بىر مۇزىكانتىڭ ئەسلى نۇسقىدىكى " قارا رەڭلىك يەكشەنبە " پىلاستىنكىسىنى ساق 50 يىل ساقلىغانلىقىنى ،بۇنى ھەتتا ئائىلىسىدىكى ئايالىدىن تارتىپ بىلمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن . يەنە خەۋەلەرگە ئاساسلانغاندا " قارا رەڭلىك يەكشەنبە "  ئامىرىكا ئوخايو ئىشتاتىدىكى مەلۇم بىر مۇزىكا ئۇنۋېرستېتىدىكى بىخەتەرلىك ساندۇقىدا ساقلاغلىق بولۇپ،  ھەقىقى نۇسقىدىكى "قارا رەڭلىك يەكشەنبە" ئىكەنلىكىدە گەپ يوق.


تۇنجى ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالغان كىشى :

ئەنگىلىيە سەپتىن قايتقان بىر ئەسكەر بولۇپ، ئۆيىدە ئارام ئېلىپ ئولتۇرغاندا، پوچتالىيون ئەكەلگەن كۇرۇپكىدىن مۇزىكا لېنتىسىنى ئالغان. بىرىنجى مۇزىكا نەق "قارا رەڭلىك يەكشەنبە" بولۇپ، ئەسكەر بۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن روھى قاتتىق زەربىگە ئۇچىرغان، كەيپىياتىنى قەتتى تەڭشەلمىگەن ! ئاخىرىدا چىدىمىغان ئەسكەر قولىغا تاپانچىسىنى ئېلىپ مېڭىسگە قارىتىپ تەپكىنى باسقان. " پاڭ " قىلغان ئاۋازدىن كىيىن ئەسكەر ئۆلگەن، مۇزىكابىردىن -بىر يىپ ئۇچى بولۇپ ساقلىنىپ قالغان !


100دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتىرىۋېلىشىغا سەۋەپ بولغان  قارا رەڭلىك يەكشەنبە  (gloomy sunday)   ئەينى ۋاقىتتا ئالۋاستىنىڭ چاقىرىق مەكتۇپى دەپ ئاتىلىپ قالغان. بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىغان 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالغان بولۇپ، مۇزىكىنى ئومومىيۈزلۈك، ئىزدەپ ، تەكشۈرۈپ چەكلەش ئۈچۈن 13 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن.

مۇزىكىنىڭ ئىجات قىلغۇچىسى ۋىنگىرىيەلىك Rezso Seress بولۇپ، 1899-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان تالانتلىق مۇزىكا پىشىۋاسى. مۇزىكانت ئۆزىنىڭ چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرىدىغان قىز دوستى ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەندە قاتتىق ئازاپ ئىچىدە ئىجات قىلغان بولۇپ، ئىجات قىلىنىپ ئۇزاققا بارمايلا پۈتكۈل دۇنياغا پارتىلاش خارەكتىرلىك تەسىر كۆرسىتىۋەتكەن، مۇزىكا مۇڭلۇقلىڭىدىن ئەمەس بەلكى مۇزىكىنىڭ يالماۋۇز ئالۋاستى دەپ ئاتالغىنى ئۈچۈندۇر.مۇزىكانتمۇ بۇنداق بولىشىنى قەتتى ئويلىمىغان، ھەمدە چىن يۈرىكىدىن كەچۈرۈم سوراپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇزىكىنى يوقىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما مۇزىكىغا قويۇلغان نام نۇرغۇن كىشىلەرنى قىززىقتۇرۇپ، تەۋەككۈل قىلىشقا ئۈندەپ، نەتىجىدىكى ئىچىنىشلىق ۋەقەگە سۆرەپ قويغان.

1936-يىلى بۇ ناخشا ئامىرىكىغا ئېقىپ كەلگەن.  تۇنجى قېتىم ئەنگىلىيە ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتكۈچى ئامىرىكىلىق Paul Robeson  ئۈنگە ئېلىپ تەييارلاپ بولغاندا توساتتىن ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالغان.

كىيىن 1941-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامىرىكىلىق داڭلىق نىگىر ناخشىچى Billie Holiday  ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن بۇ مۇزىكىنى ئورۇنلاپ ھەممىنى تاڭ قالدۇرغان.  شۇنىڭ بىلەن قارا رەڭلىك يەكشەنبە ئامىىكىدىكى مودا ناخشىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

ئەمما ئۇزۇنغا بارماي بەزىبىر خەۋەرلەر بۇ مۇزىكىغا ئاجايىپ سىلەرنى كىرگۈزۈپ بۇ مۇزىكىغا كىشىلەرنى گۇمان بىلەن قارايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلگەن.

1932-يىلى 2-ئايدىكى بىر قېتىملىق قاتىللىق دىلوسىدا ساقچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى ياغاچچى Joseph  نىڭ ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندە توساتتىن  Keller  (قاتىل) نىڭ قالدۇرغان خېتىنى بايقايدۇ،  خەتتە "قارا رەڭلىك يەكشەنبە " دىگەن مۇزىكىنىڭ تېكىستى قالدۇرۇلۇپ قويۇلغان ئىدى. بۇ ئىش ساقچىلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ. كىيىن ئارقىمۇ-ئارقىدىن يۈز بەرگەن مۇشۇ ئىشقا ئوخشاش دىلولار ساقچىلارنى قىيىن ئەھۋالدا قويىدۇ. ھەممە ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلۈش شەكلى ئوخشاش، قالدۇرغان خېتى ئوخشاش ئىدى ! كىيىن بۇ ئىش شۇ جايدىكى چىقىدىغان گىزىتنىڭ بېشىغا چىقىپ كىشىلەر ئارىسىدا چوڭ غۇل-غۇل قوزغىغان. ھەتتا بەزىلەر :

"بۇ مۇزىكىنىڭ ئىجاتچىسى ئۆلمەي تۇرۇپ؛ مۇزىكىدىكى سېھىر ئۆچمەيدۇ " دەپ ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتقان.

ناخشا سەۋەپلىك ۋىنگىرىيەنىڭ ئۆزىدىنلا ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالغانلار 157 گە يەتكەن (20-ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن 60-يىللىرىغىچە )


پايدىلانغان تور بىكەتلەر :


بەيدۇ بەيكې، شىنلاڭ، پاۋپاۋ سىمسىز قانىلى، سوسو ئىزدەش ماتورى.


باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكەشكە قەتتى بولمايدۇ !


مىسرانىم تەرجىمە ئەسەرلىرى !


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
elijan + 99 ياخشىۇ سىز ماڭا تۆۋە قىلىش دىگەن مۇزىكىن
dahan + 100 ھى ھى مۇشۇنداق سىرلىق نەرسىگە ئامراقتىم
yagmur + 10
hokumran + 200 ياخشى تېما
kapsizkiz + 200 بىر ئاڭلاپ قۇيۇشقا ئەرزىمدۇ نىمە ئاۋۇ قا
moghal + 200 تەرجىمىسىگە كۆپ كۈچ سەرىپ قىپسىز، مۇنبەر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 809   باھا خاتىرىسى

كۈلۈپلا قويىمەن خالاس.....

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19238
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6649 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 08:45:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا قويۇشنى چەكلىگەن بىلەن يەنىلا سىز مۇنبەرگە يوللاپسىزغۇ ؟ ئىككى سەككىز ،ئون ئالتە.

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4676
تۆھپە نۇمۇرى: 1144
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 08:51:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرى ھەقىقەتەن يامان ئىكەن جۇمۇ ،دۇنيادا  قۇيۇش چەكلىگەن مۇزىكىنى قۇيالىغاندىن كىيىن  [s:179]  [s:137]

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

گۇناھلىرىمنى يۇ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7576
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 08:53:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"قارا رەڭلىك يەكشەنبە"دېگەن مۇزىكىنىڭ ئىسمىنى بەش يىل بۇرۇن تۇنجى قېتىم  بىر ئېنگلىز تىلى سۇئالىدا كۆرگەن ئىدىم،شۇ چاغدىلا ئاڭلىغۇم بار ئىدى.زادى قانداق مۇزىكىدۇ،ئادەمنى شۇنچەئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بارغۇدەك.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!
مىرئادى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 08:56:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كصشص كصشصگة مؤهت

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29944
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10615
تۆھپە نۇمۇرى: 471
توردا: 5805 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2012-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 08:59:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا مۇشۇنداقمۇ ئىش بولىدىكىنا! [s:164]

كصشصنص كصشصگة مؤهتاج قصلصشتصن خؤدا ساقلصسؤن

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 691
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11659
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 1176 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 09:00:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ ئاڭلاپ باققۇم كەۋاتىدۇيا.........

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4667
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 4474 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2012-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 09:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت kapTalis كە 2011-04-23 08:45 PMئەۋەتىلدى :
دۇنيا قويۇشنى چەكلىگەن بىلەن يەنىلا سىز مۇنبەرگە يوللاپسىزغۇ ؟ ئىككى سەككىز ،ئون ئالتە.

" مەجبۇرلاش قانچە ،قارشىلىشىش شۇنچە  "  ئەمەسمۇ ؟ چەكلىگەن بولغاندىكىن دەپ يوللىغاندۇ  بۇ توردىشىمىز ، قانداق دېدىم ؟ئۆزىڭىزمۇ بىرىنچى بولۇپ كۆرۈپسىزغۇ مانا ! ھى ...ھى....

♥زىمىن بىرىنجى ۋ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18299
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4675
تۆھپە نۇمۇرى: 926
توردا: 5312 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2012-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 09:04:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ تۇنجى  قېتىم  ئاڭلىشىم ئىكەن .
سىز دائىم  مۇشۇنداق  ياخشى  ، مەزمۇنى  مول تېىمىلارنى يوللايسىز ~~~~

ھە راسىت  مۇنبەر  باشلىقى بوپسىز   . مۇبارەك  بولسۇن زۇلپىقار  [s:132]

جەسۇر ئوغلان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13329
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5379
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2012-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 09:09:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەدە ئۇنداق ئۇڭاي ئېش باركەن.  ھاياتتىن شۇنچە تويغان بارمۇ!!!! [s:177]  [s:177]  [s:177]

بىپايان قۇملۇق،چەكسىز دالا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش