مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 707|ئىنكاس: 10

ئۇيغۇر دارۋازلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدۋار بول ئاي !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 675
يازما سانى: 1268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13739
تۆھپە نۇمۇرى: 771
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 11:03:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر دارۋازلىرى

( چاتما )

مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائى


سۆز بېشى

ئۆتۈپتۇ بۇ ئانا يۈرتنىڭ تۈمەنمىڭ قەھرىتان - يازى ،
جاھانغا بەخىش ئېتىپ دەرمان چويۈن كولدۇرما ئاۋازى ،
تىنىمسىز ياڭرىسا چەكسىز دالاسىدا مۇقام سازى ،
پايانسىز ئەرشىدە غەيۇر قىران بۇركۇتلەر پەرۋازى ،
قىران بۇركۇت ئەمەس ، ئالتۇن قانات جانبازى - دارۋازى .

ئەجەپ


ئۆتتى داڭلىق سەيلىگاھ - سەنشىيادا قالتىس ياز ئەجەپ ،
ياڭرىدى ئاسمان - پەلەك ئۇيغۇرچە نەغمە - ساز ئەجەپ .
مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان جۈپ كۆزلەر نەزەر سالماقتا تەڭ ،
بارچە تىلدا << مىڭ ياشا ، ئادىل >> دېگەن ئاۋاز ئەجەپ .
راۋۇرۇس تەڭشەكنى تۇتقان بۇ زەبەردەس نەۋقىران ،
ئەرش - مۇئەللەق قوينىدا ۋاھ ، ئەيلىدى پەرۋاز ئەجەپ .
ئاستىدا چاڭجىياڭ ، گويا ئۇ مىسلىسىز چوڭ ئەجدىھا ،
تەۋرىنىپ يە ئەيمىنىپ قالمايدۇ ياش دەرۋاز ئەجەپ .
ئۆتتى ئاخىرى پىلسىراتتىن ، قىلدى تەزىم ئۇچ بوغۇز.....
تاڭ قېلىپ ئالەم ، دېدى:<< ئۇيغۇر ئىكەن جانباز ئەجەپ!>>


شېھىت جانباز

ھەر كىشىنىڭ تاللىغان - ياقتۇرغىنى باشقا گەپ ،
بەخىش ئېتىپتۇ بىر ھەۋەس ، بىر ئوتنى ھەر ياشقا ئەجەپ .
كۆكتە پەرۋاز ئەيلىگەن مەردانە جانباز خىسلىتى -
غايىبانە ئوت يېقىپتۇ بىر قەلەمقاشقا ئەجەپ .
دەپتۇ:<< جانبازلىق تامام مەنسۇپمۇ ئەرلەرگە ، ئاداش ،
بىزدە يوق جۈرئەت - ئىرادە بەلنى باغلاشقا ئەجەپ ؟! >>
ئۇچتى جەۋلان قىلدۇرۇپ قۇندۇز چېچىنى ئەرش ئارا ،
ئىپتىخار ، ئىلھام بېغىشلاپ قان - قېرىنداشقا ئەجەپ .
مىھرىگۈل - ئىسمى ، باشئەگىم باغرىدا جىسمى ئۇنىڭ ،
شۇ ئىسىم چۇڭقۇر ئويۇلدى مەڭگۈلۈك تاشقا ئەجەپ .


ئەرش مەلىكىسى

لەرزىگە سالدى يۈرەكنى مەڭگۈتاش بەرگەن سادا ،
ئېيتتى قانچە ئايجامال پەرى << بۇ يولغا جان پىدا!
جەبرى ، ئاپەت تاغلىرىنى ئەل قىلىپ- باش ئەگدۈرۈپ ،
پاك شېھىدلەر ئارزۇ - ئارمانىنى ئەيلەيمىز ئادا...... >>
بەردى شۇنداق پاك قەسەم جانباز پەرى ئاينۇر ھەسەن ،
<< بول ئامان ، قۇچقىن شەرەپ - شان >> دەيدۇ مەرد ، پالۋان دادا .
مويسىپىت << ئۇلۇغ ئاتا >> ناملىق ئۇلۇغۋار چوققىلار ،
كەل قىزىم ، يول ئاچ زەپەرگە،- دەيدۇ،- ئالەم ئالدىدا .
ئەللىك ئىككى دەل مىنۇتتا مىڭ غۇلاچ ئارقان بېسىپ ،
بىر سەھىپە ئاچتى بۇ دۇنياۋى قامۇس بابىدا .


كارامەت

ۋاھ ، ئەجەپ ھال : كۆكتە خانە ، زۇمرەت دېڭىز ،
بىر زەبەردەس نوچى جانباز ئەرش تامان تاشلايدۇ ئىز .
سىم ئەمەس ، گوياكى ئۇ مەشرەپ - مۇقام سەيناسىدا ،
بولمىغان بۇنداق كارامەت ئادىمىي دۇنياسىدا .
لەرزىگە كەلمەكتە ئەرش قەلئەسى ياڭراق سازىدىن ،
پاك غۇرۇر ، ئەركەكچە روھ ياغماقتا كۈي ئاۋازىدىن .
ئۇردى گاھ زەخمەك راۋابقا ، چۈشتى گاھ شاديانىغا......
ئايمۇ بولدى ئۇ قەدەم قويغانغا يۈكسەك خانىغا .
<< يەڭگۈچى ئابلەت ئۆزۈم!>> دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىغان ،
ئالدى ئاخىرى ئەل ئارا ئالىي شەرەپ قوش - قوشلىغان .



ئىزاھاتلار :

1) ئادىل ھۇشۇر 1997- يىلدىن باشلاپ سەنشىيا قاتارلىق جايلاردا پولات سىمدا مېڭىپ ، 7 تۈردە جېننىس دۇنيا رېكورتى ياراتقان .

2) مېھرىگۈل يۈنۇس 2002- يىلى 8- ئاينىڭ 7- كۈنى كورلىدىكى باشئەگىمدە ئۇزۇنلۇقى 647 مېتىر ، ئېگىزلىكى 205 مېتىر ، يانتۇلۇقى 25 مېتىر كېلىدىغان ئارقاندىن چۈشۈپ كېتىپ ، 23 يېشىدا ھاياتلىق سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان .

3) ئاينۇر ھەسەن خوتەندىكى ئۇلۇغ ئاتا چوققىسى بىلەن تاتلىقسۇ چوققىسغا تارتىلغان 1680 مېتىر پولات ئارقاندىن 52 مىنۇتتا ئۆتۈپ ، جېننىس دۇنيا رېكورتى ياراتقان .

4) ئابلەت مەجۈن ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسىدا پولات ئارقان ئۈستىدە 38 كۈن ياشاپ ، 7 تۈردە جېننىس دۇنيا رېكورتى ياراتقان .


ئاپتۇرى : مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائى

<< جۇڭگۇ مىللەتلىرى >> ژۇرنىلىنىڭ 2006 يىللىق 5 - سانىدىن ئېلىندى .

________ شەرمى^^ناز ________



گۈزەللىك ئۈستىگە پاكلىق قوشۇلسا ، قەنت ئۈستىگە ھەسەل سۈركىگەندەك بولىدۇ .

www.akram608.com كورىيە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30949
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4344
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1190 سائەت
تىزىم: 2011-2-19
ئاخىرقى: 2014-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 11:15:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلتۇر كورىيەدە ئوتكۇزۇلگەن داۋاز مۇساپىقىدە  ئادىل ھوشۇرنىڭ شاگىتى پۇتى يارلىنىش سەۋەبىدىن 3- بوپ قالغان .  بۇيىل يەنە كېلەمىش    [s:141]

كورىيەدىن بىۋاستە مال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز www.akram608.com    غا مەرھەممەت.                1632738903 QQ

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37286
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3588
تۆھپە نۇمۇرى: 93
توردا: 480 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2011-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 11:17:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇلارغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى جاھانغا تۇنۇتىدىغان ئەزمەتلەرنىڭ ئۆمۆرىنىڭ ئۇزۇن،تىنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24292
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6233
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 595 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 12:06:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  ئۇيغۇرلانى دۇنياغا  تونتىۋاتقانلامۇ  ئاز  ئەمەس  .ئۇلار  ئۇيغۇرلارنىڭ  پەخرى.لىكىن  مىھرىگۇل  ھەسەننىڭ  ھاياتىدىن  ئايرىلغانلىقدىن  بەك  ئەپسۇسلاندىم.

كۇلۇپ ياشا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29020
يازما سانى: 891
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7608
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 2110 سائەت
تىزىم: 2011-2-4
ئاخىرقى: 2011-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 12:09:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.ئۇلار  ئۇيغۇرلارنىڭ  پەخرى

ئشۋالسا يول ئۇچۇق.كەتسە توسمۇدۇق.يۇقاپ كەتسە ئىزدىمۇدۇق

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 3518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29442
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 12:22:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

يالپۇز-مۇز گۈلى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6100
يازما سانى: 1422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 12:54:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دارۋازلارنىڭ شان شەرىپىگە ئۇقۇلغان مەدھىيلەر خەلقىمىزنىڭ تۆھپىكارلارنى چوڭ بىلىدىغان ئىسىل خىسلىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ.

ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33226
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4652
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 886 سائەت
تىزىم: 2011-3-9
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 02:15:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىختا يىزىلىشچە قەشقەردىن رۇزى ئىسىملىك بىر يىگىت ئاتىسى بىلەن بىرگە ھەرەمگە ھاجى بۇلۇپ كىلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپ ھىندىستانغا  كەلگەندە بارلىق مال مۈلكىنى ئوغۇرغا بىرىپ قۇيۇپ ھىچنىمىسى قالمىغان ئۇلار بومباي كوچىلىرىدا سەرسان بۇلۇپ يۈرگەندە ئۇلارنىڭ ئاتا مىراس ھۈنىرى ئەسقاتقان ئۇلار ئەسلى نەچچە ئەۋلات دارۋاز بۇلۇپ ،دارۋازلىق قىلىپ پۇل تاپقان ئىكەن .ئاتا-بالا ئىككىسى ئارغامچا ئۈستىدە ناھايتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ماڭغاندا بۇنى كۆرگەن ھىندىلار ھاياجانلىنىپ ھوشىدىن كىتىپ يېقىلغان ھەمدە ھوشىغا كىلىپلا ئۇلارغا باش قۇيۇپ سەجدە قىلغان ئاتا-بالا ئىككىسى بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي ھىندىلاردىن سورىسا ئۇلار مۇنداق بىر رىۋايەتنى ئېيتىپ بەرگەن : << قەدىمقى ھىندى دىنىدا ئۇلارنىڭ بىر مۇققەدەس ئىلاھى بۇلغانكەن(نامى ئېنىق ئىسىمدە قالماپتۇ) بۇ ئىلاھ ئاخىرقى زامان يىتىپكىلىش ئالدىدا ئەرشتىن چۈشەمىش ھەمدە تېرەك بۇيى ئىگىزلىكتىكى بوشلۇقتا  ھىچ نىمىگە تايانماي،ھىچ نەرسىگە دەسىمەي تۇرۇپ ماڭامىش شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىزگە سەجدە قىلدۇق سىز بىزنىڭ ھېلىقى ئىلاھىمىز شۇ دىگۈدەك >>ھەقىقى ئەھۋالنى بىلگەن بۇ ئاتا-بالا ئىككىسى ئەھۋالنى ئاق كۈڭۈل ھىندى خەلقىغەچۈشەندۈرۈپتۇ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلگەن ئاق كۈڭۈل ھىندى خەلقى شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنى داۋاملىق ئۇيۇن قۇيۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ ،ئۇلار بىر مەزگىل ھىندىساندا ئۇيۇن قۇيۇپ پۇلمۇ تېپتۇ ئاق كۈڭۈل ھىندى خەلقىنىمۇ خوشال قىلىپتۇ ھەمدە ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىپتۇ بىراق ئۇلار ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي رۇزى ھاجىمنىڭ ئاتىسى ۋاپات بۇلۇپ كىتىپتۇ شۇنىڭ بىلەن رۇزى ھاجى سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە،مىسىر قاتارلىق ئەللەردە ئۇيۇن قۇيۇپ زور شۆھرەت قازىنىپتۇ كېيىن كاناداغا ،ئامېركىغا بېرىپ دېڭىز يۇلى ئارقىلىق تىيەنجىنغا يىتىپ كىلىپ ئۇيۇن قۇيۇپتۇ بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شۆھرىتى ئوردا ئىچىگىمۇ تارقىلىپتۇ شۇ ۋاقىتتىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى داۋگۇاڭ خان رۇزى ھاجىنى ئالاھىدە ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ بىر نەچچە مەيدان ئۇيۇن كۈرۈپتۇ ھەمدە ئۈزنىڭ قېشىدا ئېلىپ قالماقچى بۇلۇپتۇ رۇزى ھاجىم ھەقىقى ئەھۋالنى بايان قىلغاندىن كېيىن داۋگۇاڭ خان رۇزى ھاجىمنى ناھايتى داغدۇغا بىلەن يۇرتى قەشقەرغە يولغا سېلىپ قۇيۇپتۇ رۇزى ھاجى يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن داۋاملىق شاگىرت تەربىيلەپ جامائەت ئىشلىرىغا ئاكىتىپ قاتنىشىپ خەيىر-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئالەمدىن ئۈتۈپتۇ .ئاڭلاشلارغا قارىغاندا رۇزى ھاجىم ياش ۋاقتىدا ناھايتى شوخ ئادەممىش بەلكىم ئۇ كاناداغا بارغان ۋاقىتتا شوخلۇق قىلىپ قويغان بولسا كېيىنكى كۈنلەردە كوكلىن تۇغۇلۇپ قېلىپ دارۋازلىق قىلىپ <<پەلەك شاھزادىسى>> دىگەن نامنى ئالدىمۇ ؟؟؟ كېيىن بىزنىڭ ئۇستا داۋازچىمىز ئادىل ھۇشۇر كوكلىنغا جەڭ ئېلان قىلىپ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ <<پەلەك شاھى>> دىگەن كاتتا نامنى ئېلىپ كانادالىقلارنى ھوشىدىن كەتكۈزۋەتتى ،بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ دىيىشىچە داۋازلىق ھۈنىرى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ جىسمىغا ،روھىغا ،مەنىۋىيىتىگە چۇڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بۇلۇپ بۇ جەھەتتە باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇردىكەن . مىنىڭ بۇنداق جېق گەپ قىلىشتىكى مەقسىدىم يۇقارقى تارىخى ھىكايىنى ئاڭلىغانلارمۇ ياكى ئاڭلىمىغانلارمۇ بۇلىشى مۈمكىن شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنكاس سۈپىتدە ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم كۈرۈپ چىقىپ ئىنكاس قايتۇرۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن . ئاخىرىدا شۇنى دىمەكچىمەنكى ئۆز خەلقىڭلارغا ئىشىنىڭلار !!! ياشاڭلار ئۇيغۇر داۋازلىرى  [s:141]  [s:141]  [s:141]

*ئاللاھ گۇناھلىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36464
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5746
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 04:56:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.ئۇلار  ئۇيغۇرلارنىڭ  پەخرى

ھەي................ئۇ كۆڭۈللۈك كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى!

ھەر ئىشتا بىر خەيىر بار !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 974
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11238
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 1144 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 06:04:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

7-قەۋەت (yawuz2) نىڭ يازمىسىغا

رەھمەت سىزگە مەن بىلمەيدىكەنمەن ، ئەمدى بىلۋالدىم ،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش