ئـۆلـسـەڭـچـۇ
1
دىھقان دىگەن ئەزەلدىن جان باقىدۇ يەرتىرىپ،
شۇسەھرادىن كۈچ ئالغان ئۇ قالمايدۇ ھىچ ھىرىپ.
كۈرسەڭ ئەگەردىھقاننى سالام بەرگىن ئىگىلىپ،
سالام بەرمەي ئالدىدىن ئۈتكەنلىرىڭ ئۆلسەڭچۇ.
2
ھوقۇق بولسا قولۇڭدا بەرگىن ئەلگە مەنپەئەت،
يالتايمىغىن بۇيولدا تارتىپ قالساڭ ئەرزىيەت.
تۇتما ھەرگىز پۇلنى دوست،بولسۇن ساڭا نەسىھەت،
بەرسە ھارماي پارىنى ئالغانلىرىڭ ئۆلسەڭچۇ.
3
ئەجەپ تەسكەن جاھاندا ئادەم بولۇپ ياشىماق،
بۇ ۋەتەنگە بارىنى تەسەددۇق قىپ ئاتىماق.
ھايات بولساڭ ئالدىڭدا داۋان دىگەن سانساناق،
ياشاش ئۈچۈن يامان نام ئالغانلىرىڭ ئۆلسەڭچۇ.
4
ھەم تەس ئىكەن جاھاندا ياخشى دوستقا ئۇچۇرماق،
ياخشى يامان كۈنلەردە بىر قازاندا قاينىماق.
ھالال قىلىپ تىجارەت بىللە گۈللەپ ئاينىماق،
گۈللىگەندە دوستتۇڭدىن تانغانلىرىڭ ئۆلسەڭچۇ.
5
دىن بىزلەرگە چوڭ نىممەت،دىنسىز ئالەم جاھالەت،
ئۆلۈم دىگەن ھەقىقەت،شۇڭا ھايات بەك قممەت.
ماڭمىساق ھەق يولدابىز،كۈتەر بىزنى زالالەت.
بىلىپ تۇرۇپ ھەق يولدىن ئازغانلىرىڭ ئۆلسەڭچۇ.
تامام"
مىسرانىم مۇنبىرى مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى پائالىيىتىگە
ئاپتۇرى:رەخمۇتۇللام ئەزىز{لۇتفى}
0999غۇلجا بايانداي