|
|
|
|
سالام ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى!بىر پەس مۇشائىرە قىلىشايلى، دېگەن مەقسەتتە مۇنۇ تېمىنى يوللىدىم.ئەمىسە، قائىدە بويىچە مۇشائىرە قىلساق! تەكلىپىم: ئالدى بىلەن ئاۋۋال شېئىرلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ۋەزىن-تۇراق، بوغۇم ۋە قاپىيەلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسەڭلار! ئاندىن مەن يوللىغان ئىككى كۇبلېتنىڭ قايسى بىرى بولمىسۇن، شۇ كۇبلېتنىڭ خالىغان مىسراسىنى باشلىنىش قىلىپ داۋاملاشتۇرساڭلار، ئاندىن باشقىلارمۇ مۇشۇ تەرتىپ بويىچە داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ! قېنى، مۇشائىرىگە مەيلىڭلار بولسا، ماھارىتىڭلارنى نامايەن قىلىڭلار! مەرھەمەت!
رەنجىمەيمەن تەقدىر رەھىمىسىز،
رەنجىمەيمەن كۆڭۈل تۇراقسىز.
ئۆتمەس كۈنۈم پەقەت سىنىڭسىز،
ئاھ بىلمىدىڭ، شۇنى ئەقىلسىز!
كورمىدۇر كۆزلىرىڭ، ئېيتقىن مۇھەببەت،
گاسمىدۇر قولىقىڭ ئىشتمەس ئاھ -زارنى.
يىغلىتىپ دائىما ئاشىق-مەشۇقنى ،
مىڭ پارە قىلىسەن ئوتلۇق يۈرەكنى.
( گەرچە شېئىرلىرىم بەك قاملىشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ ياندىشىپ باقارسىلەر )
|
|
|
|
|
|