ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 18قەۋەت mutepekkur كە 2011-04-25 09:52 PMئەۋەتىلدى ئاپتۇر (kulkiz0903) نىڭ يازمىسىغا :
بەك مۇشائىرە قىلغۇڭىز كېلىپ كەتكەن بولسا مانا مۇنۇ شېئىرغا مۇشائىرە قىلىڭ:
يارالمىشىم ئەزەلدىن ھېكمەت بىلەن پۈتۈلگەن،
ئىنسانچىلىق ماركامغا ھىجران كۈيى تۆكۈلگەن.
ئازاب كەلسە تىك تۇرۇپ، بەخت كۈلسە كۈلمىدىم،
.......
بىلسەڭ سىناق ئالەم بۇ سىناپ ئۆتەر ئادەمنى،
باشلىرىڭغا كىيمىگىن ئاھ زار بىلەن ئالەمنى.
يۈرىكىمدىن يىغلايمەن مەئشەت تولغان دۇنياغا،
ئاڭلىمىسۇن تەڭرى دەپ بۇ دىلدىكى نالەمنى.
گۇناھ تولدى زېمىنغا ئىبلىس شەيتان دەستىدىن،
ياخشىلارنىڭ كۈنى تەس رەزىللەرنىڭ قەستىدىن.
ئەمما ئۆتەر كۈن تىنماي يېقىن كېلەر قىيامەت،
ئىمان نۇرى كۆرۈنمەس كۆپ كۆپ ئىنسان بەستىدىن.
زارلاپ سالدىم يەنىلا سورىقى بار جاھاننىڭ،
دەڭسەپ كۆرگىن ئۆزۈڭنى تەلىپى نە زاماننىڭ.
توغرا بىلەن توغرا بول ئەگەشمىگىن شەيتانغا،
بىلسەڭ ئۇلۇغ ئۇلۇغنىڭ يامان يەنە ياماننىڭ.
توغرا دەيسىز، بىراق بۇلاردىن كۆرۈپ كەتسەكمۇ بولماس، ھەۋەسكارلار ئەمەسمۇ. مەن مىسرانىم خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ خىل تۈردىكى تېمىلارنىڭ سۈپىتىنى بەكرەك نەزەردە تۇتۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.