ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 50قەۋەت 0998waris كە 2011-04-26 02:17 PMئەۋەتىلدى :
قىيامەتتە ھەرگىزمۇ بولماس جەننەت مۇۋەففەق.
ئىمان بىلەن ياشىماي ئازغۇن بولغان ئىنسانغا.
ئىمان دىگەن نىمەئۇ؟..ھەقنى تۇنۇش،چىن ياشاش،
ئۇ يىتەكلەر ئادەمنى ھەققانىيەت، ۋىجدانغا
مانا....مانا.....ئەمدى بولدى، ئەمدى ھەم مۇشائىرە، ھەم ئەدەب-ئەخلاق، ھەم ئىتىقاد سۆزى تەڭ ئىلىپ بىرىلسا ياخشى ئەمەسمۇ، مەتەپەككۈر (مۇتەپەككۇر) ئىشنى ياخشى باشلىدى، ۋارىساخۇن ئايىغىنى تاشلىدى، ئەمدى ئەنسار قارى داۋامىنى يادلايدۇ.
ئۇ يىتەكلەر ئادەمنى ھەققانىيەت ۋىجدانغا،
چىن ئىتىقاد، ۋىجدانغا، شەرمى-ھايا، غورۇرغا.
تونۇپ ياشا رەببىڭنى، شۇندا كۈلەر بۇ ئۆمرۈڭ،
ئىچىشمامدۇ يۈرىكىڭ، ئوخشاپ قالساڭ لاي سۇغا؟