مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3099|ئىنكاس: 82

ئۇرماڭ مېنى،  مۇئەللىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 991
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 46206
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6644 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 09:48:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇرماڭ مېنى،  مۇئەللىم

 

(بىر ئوقۇغۇچى تىلىدىن)


مەن مەلۇم بىر مۇنبەردە ئوقۇغۇچىنى ئۇرغان ئوقۇتقۇچى ھەققىدىكى  بىر تېمىنى كۆرۈپ، تولىمۇ  بىئارام بولدۇم-دە، قولۇمغا قەلەم ئالدىم......

 

ئۇرماڭ مېنى مۇئەللىم،

كەلمىدىڭ دەپ مەكتەپكە.

سىزدىن تولا تىل ئىشتىپ،

تولدى قەلبىم ھەسرەتكە.

 

ئۇرماڭ مېنى مۇئەللىم،

-كېچىكەمسەن كۈندە؟! دەپ.

قۇلىقىمنى سوزماڭ ھەم،

ئاڭلىمايدۇ دەپ ھېچ گەپ.

 

ئۇرماڭ مېنى مۇئەللىم،

بالدۇر قايتىپ كەتتىڭ دەپ.

ئۈسسۈتمەڭ ھەم دوسكىغا،

تۆۋەن نومۇر ئالدىڭ دەپ.

 

ئۇرماڭ مېنى مۇئەللىم،

بەرمەپسەن دەپ تاپشۇرۇق.

بىلەمسىزكىن مېنىڭدەك،

سىنىپتا ھېچ دەردمەن يوق.

 

 

ئۇرماڭ مېنى مۇئەللىم،

    ياش ئاققۇزۇپ كۆزۈمدىن.

دادام مېنى ئوقۇتقان،

    قورقۇپ قانۇن-تۈزۈمدىن.

 

ئوقۇشۇمغا شۇڭىمۇ،

دائىم قارشى تۇرىدۇ.

         قوي باقمىسام سەھەر-كەچ،

نان بەرمەيدۇ، ئۇرىدۇ.

 

دەپتەر، قەلەم ئېلىشقا،

بەرمەيدۇ بىر تىيىنمۇ.

شۇنداق ئوقۇش ئويلىڭا،

ئوڭايمۇ  يا  قىيىنمۇ!؟

 

ئۆگەي ئانام كۆيۈمسىز

مېنى كۆرەر كۆزى يوق.

    قاغار:ئۆلگىن شۇمتەك!...دەپ

تاتلىققىنە سۆزى يوق.

 

سىزمۇ بولسا چۈشىنىڭ،

مەن سەبىينىڭ قەلبىنى.

نەگە بارسام تىل ئاڭلاپ،

تاياق يېمەي ھەر كۈنى.

 

ئاتا—ئانام تايىقى،

ماڭا خېلى يېتەرلىك.

   ئۇرماڭ يەنە مۇئەللىم،

ئۆتسە بىرەر سەۋەنلىك.

 

قويسام بىلمەي رەنجىتىپ،

ئۇرماي بېرىڭ تەربىيە.

دەرمان بولۇڭ بىرەر رەت،

مەن يېتىمنىڭ دەردىگە.

 

ئۇستازىم سىز كۆيۈمچان،

تىللاپ-ئۇرسىڭىز بولماس.

ئەخلاقلىق كىشى ھەرگىز،

ئادەم تىللىماس، ئۇرماس!

 

ئىلمىي، سىيلىق سۆز بىلەن،

پەرۋىش قىلىڭ مۇئەللىم.

ئۆسۈپ مەنمۇ ئەدەبلىك،

قىلاي سىزگە مىڭ تازىم!

 

(  ئەركزات نەزمىلىرى  )


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
moghal + 200 ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

ئۆلگۈر....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4553
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8854
تۆھپە نۇمۇرى: 386
توردا: 5073 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 10:42:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى كۈنى ئوقۇتقۇچىنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ،بىر قىسىم ناچار ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا ھەقلىقكەن دىگەنتۇق.ئەمدى بۇ شىئېرغا نىمە دىسەك بولا!؟
مەن دىسەم بىكاردىن-بىكار ئادەم ئۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىنى كۆرمىدىم،ھازىرغۇ شەھەرنىڭ باللىرىنى ئۇرۇش تۈگۈل قاتتىقراق گەپ قىلسا ئەرز قىلىشتىن يانمايدۇ،
ئېشىېۋالغاننى ساۋىداپ تۇرسا ياخشى.
ياخشى تەربىيەنى ئاڭلىمىغان ناچار ئوقۇغۇچىنى تاكى ئۆزىنى تونىغىدەك ئۇرۇڭ مۇئەللىم!

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3497
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4000
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10853 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 10:54:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى مەجبۇرى مائارىپ سىياسىتىدە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارنى ئۇرشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئۇرمايمۇ ئاڭلىق تەربىيە بەرسە بۇلىدىغۇ؟ شېئىرڭىز تۇلىمۇ ياخشى چىقىپتۇ.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6426
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239934
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12520 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 11:00:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچىمۇ ھازىر ئوقۇغۇچىلارغا قول تەككۈزۈش بەك كۆپ كۈرۈلمەيدۇ ، بۇرۇن بىز ئوقۇيدىغان چاغلاردا تاياق دىگەننى دەششەت ساللاتتى بەزى ئوقۇتقۇچىلار ، لىكىن شۇنىڭغا چۈشلۇق بىزمۇ بەك كەپسىز ئىدۇق ، بىراق ھازىر دەۋىر ئۆزگەردى تاياق يىمەي تۇرسا مەكتەپتىن يېنىپ ئاتا - ئانىسىنى باشلاپ كېلىدىغان ئىشلار ئاۋۇپ كەتتى ،
ئىشقىلىپ مېنىڭچە ‹ ئۇستازىڭ زالىم بولسا ، شاگىرتىڭ ئالىم بولىدۇ › بەك ئاشۇرۋەتمىگەن ھالدا .

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

شام نىم ئۇچۇن يى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37500
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3432
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 806 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 11:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بەزدە مەنمۇ ئۇرۇپ سالمەن جۇما  بۇ سويملارنى . قىلغان ئىشلىرنى كۆرسەڭلا ، بىزنىڭ بىر بئولوگىيە ئوقۇتقۇچىمىزغا   تاپشۇرۇق دەپتىرى ئارقىلىق سالام خەت يازغىنى دىمەيسىلە .  نەچچە بەتلىك دەمسىلەر  تاس قاپتۇ پوسىتتىن بىرنى يازغىلى  .

كۆز ئالدىمدىن كەتتىڭ يىراقلاپ ، خوش دېيىشىكە بارمىدى تىلىم . باققىنىمىدا ياشلىق كۆزۈڭگە ، پوچىلاندى ھىجىراندا دىلىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13503
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5950 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 11:08:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2-قەۋەت پاتىمەنىڭ يازمىسىغا:
سىڭلىم سىز ئاكا-ھەدىللىرىڭىزنىڭ بالىلىرىنى 2كۈن ئۆزىڭىزلا مۇستەقىل تاپشۇرقىنى ئىشلىتىپ،سۇغاق نەرسىلەرنى يېيشتىن مۇۋاپىق تۇسۇپ ئاغرىتىپ قويماي،باللار ئۆز-ئارا ئۇرشۇپ قالمىغان ئاساستا ئۇخلىتىپ-تۇرغۇزۇپ باشقۇرۇپ بېقىڭا.
بىر شەرت:قاپاق تۇرمەيسىز،ۋاقىرىمايسىز،رۇھى قوقاق سالمايسىز،ئۇرمايسىز.
ئاندىن ئىنكاسىڭىزغا ئىشىنىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10181
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64062
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8017 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 11:14:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بالىنىڭ ئەسكىسىنى بىلمەيمەن. پەقەت ، شوخ ھەم سەل تەربىيەگىلا خاس بالىنى بىلىمەن . ئوقۇغۇچىنى بولۇپلا باشلانغۇچتىكى بالىنى ئۇرۇشقا مەن قەتئى قارشى تۇرىمەن . بالىلاردىكى مەسىلىنى مىھىر بىلەن ، سۆھبەت بىلەن تۈزۈۋالغىلى بولۇدۇ . بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىلار بالىنىڭ خاراكتىرىنى بىلەتتى ھەم شۇ بويىچە تەربىيە ئېلىپ باراتتى. ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەپسىزلىكىنىمۇ ياخشى ئۇقۇغۇچى ئەمەس دەپ ، بالىنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈش  تەرەپلىرىنىمۇ بوغۇپ قويۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بەكمۇ كۆپ. ئۆتكەندە مەن 5 ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرۈشتۈم ، ئۇلارنىڭ تۆتى بالىنىڭ ئىنتىزامى ياخشى ئەمەس، تولا گەپ قىلىدۇ سىنىپتا مەن دەيچۇ دەپ ئۈنلۈك گەپ قىلىدۇ دەپ خاپا بولدى . بىرى بولسا ، بالىنىڭ ئىنتىزامىنى مەن باشقۇرسام بولۇدۇ ، سىز ماڭا ياردەملىشىپ بالىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرۈپ بېرىڭ، دەيدۇ . ئىنتىزام ،سىنىپ جىمجىت بولسا ياقتۇرۇلامدۇ . باشقا مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە كىشى ، سەبىلەرنىڭ ئاۋازى شۇنچە چىڭ ئاڭلىنىپ تۇرۇدۇ. مىللى مەكتەپلەردىن ئۆتسەكچۇ، جىمجىت . ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ . باشلانغۇچتىكى بالا قانچىلىك ئىنتىزامسىز بوپ كېتە. سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ دىگەن گەپلىرى يۈرۈگۈمنى ئېچىشتۇرۋەتتى. بالىنى يەنىلا ئالدىغا ئېۋەتىدىغان بولغاچقا ئامالسىز قايتتىم . كېچىچە چايلاردا ئولتۇرۇپ چارچىغان كاللا بىلەن ئەتىكى خىزمەت قونچاقلارغا دەرس ئۆتكىدەك جىمجىتلىق بىلەن ئۆتۈشى كېرەككەن ئەلۋەتتە. مەن بايا دىگەندەك بەشتە بىر نىسبەتتە ئېسىل ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار. ساپا مائارىپى بۇلارغا تەلەپنى يۇقۇرى قويغانسېرى بالىلارنى جۈرئەتسىز تەربىيەلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار سەمىگە شۇ بولسۇنكى، قايسى بىر ئالىم:< ياشاش ھوزۇر سۈرۈشتىن ئەمەس،بۇرچتىن دېرەك بېرىدۇ >.دىگىنىدەك مەسئۇلىيەت ھەم بۇچ بىلەن مۇنبەردە تۇرايلى .

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10181
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64062
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8017 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 11:24:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئۇرماڭ مېنى،  مۇئەللىم

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت arkakzat كە 2011-04-25 10:42 PMئەۋەتىلدى :
قايسى كۈنى ئوقۇتقۇچىنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ،بىر قىسىم ناچار ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا ھەقلىقكەن دىگەنتۇق.ئەمدى بۇ شىئېرغا نىمە دىسەك بولا!؟
مەن دىسەم بىكاردىن-بىكار ئادەم ئۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىنى كۆرمىدىم،ھازىرغۇ شەھەرنىڭ باللىرىنى ئۇرۇش تۈگۈل قاتتىقراق گەپ قىلسا ئەرز قىلىشتىن يانمايدۇ،
ئېشىېۋالغاننى ساۋىداپ تۇرسا ياخشى.
ياخشى تەربىيەنى ئاڭلىمىغان ناچار ئوقۇغۇچىنى تاكى ئۆزىنى تونىغىدەك ئۇرۇڭ مۇئەللىم!

ئوقۇتقۇچى بولغان ھەرقانداق بىرى باشقا ئادەم بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ لېكىن ، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى دىگەن لاياقەت بىلەن ئوقۇتقۇچى بولۇدۇ . بالىلارغا قايتا- قايتا تەربىيە ئىشلەپ پەقەت بولمىغاندا ، ئاتا-ئانىنى چاقىرىپ ئۇلارغا ئەھۋالنى ئېيتىش كېرەك . بالىدا ھەققى يوق . ئۇنىڭ مەسئۇليىتى ھەممىگە تەربىيە قىلىش. ئۆسۈۋاتقان نوتىنى مايماقكەن دەپ سۇندۇرۇش كېتەمدۇ . ئوقۇتقۇچى پەقەت ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەشكىلا مەسئۇل . ئۇرۇپ - تىللاش توغرا كەلسە ئاتا- ئانىلارغا سەۋەپ بىلەن ئېيىتپ ئاندىن ئۆزلىرىگە تاپشۇرسا بولۇدۇ . مەن ئوقۇغۇچىنى ئۇرغان قانداق ئوقۇتقۇچىغا يولۇقماي ، ئۇ ئوقۇتقۇچى ساپاسىز. نېرىپلىرى ئىنتايىن چارچىغان . دىققەت قىلسۇنكى ،ئۇرۇش جىنايەت ، مەن ئۇچراپلا قالسام ، تاياقنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويمىچە بولدى قىلمايمەن .

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

مەن ئۆزۇمنى بەك

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37589
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3172
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2011-4-14
ئاخىرقى: 2011-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 11:33:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئۇرماڭ مېنى،  مۇئەللىم

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  zulayha كە 2011-04-25 11:14 PMئەۋەتىلدى  :
مەن بالىنىڭ ئەسكىسىنى بىلمەيمەن. پەقەت ، شوخ ھەم سەل تەربىيەگىلا خاس بالىنى بىلىمەن . ئوقۇغۇچىنى بولۇپلا باشلانغۇچتىكى بالىنى ئۇرۇشقا مەن قەتئى قارشى تۇرىمەن . بالىلاردىكى مەسىلىنى مىھىر بىلەن ، سۆھبەت بىلەن تۈزۈۋالغىلى بولۇدۇ . بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىلار بالىنىڭ خاراكتىرىنى بىلەتتى ھەم شۇ بويىچە تەربىيە ئېلىپ باراتتى. ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەپسىزلىكىنىمۇ ياخشى ئۇقۇغۇچى ئەمەس دەپ ، بالىنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈش  تەرەپلىرىنىمۇ بوغۇپ قويۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بەكمۇ كۆپ. ئۆتكەندە مەن 5 ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرۈشتۈم ، ئۇلارنىڭ تۆتى بالىنىڭ ئىنتىزامى ياخشى ئەمەس، تولا گەپ قىلىدۇ سىنىپتا مەن دەيچۇ دەپ ئۈنلۈك گەپ قىلىدۇ دەپ خاپا بولدى . بىرى بولسا ، بالىنىڭ ئىنتىزامىنى مەن باشقۇرسام بولۇدۇ ، سىز ماڭا ياردەملىشىپ بالىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرۈپ بېرىڭ، دەيدۇ . ئىنتىزام ،سىنىپ جىمجىت بولسا ياقتۇرۇلامدۇ . باشقا مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە كىشى ، سەبىلەرنىڭ ئاۋازى شۇنچە چىڭ ئاڭلىنىپ تۇرۇدۇ. مىللى مەكتەپلەردىن ئۆتسەكچۇ، جىمجىت . ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ . باشلانغۇچتىكى بالا قانچىلىك ئىنتىزامسىز بوپ كېتە. سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ دىگەن گەپلىرى يۈرۈگۈمنى ئېچىشتۇرۋەتتى. بالىنى يەنىلا ئالدىغا ئېۋەتىدىغان بولغاچقا ئامالسىز قايتتىم . كېچىچە چايلاردا ئولتۇرۇپ چارچىغان كاللا بىلەن ئەتىكى خىزمەت قونچاقلارغا دەرس ئۆتكىدەك جىمجىتلىق بىلەن ئۆتۈشى كېرەككەن ئەلۋەتتە. مەن بايا دىگەندەك بەشتە بىر نىسبەتتە ئېسىل ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار. ساپا مائارىپى بۇلارغا تەلەپنى يۇقۇرى قويغانسېرى بالىلارنى جۈرئەتسىز تەربىيەلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار سەمىگە شۇ بولسۇنكى، قايسى بىر ئالىم:< ياشاش ھوزۇر سۈرۈشتىن ئەمەس،بۇرچتىن دېرەك بېرىدۇ >.دىگىنىدەك مەسئۇلىيەت ھەم بۇچ بىلەن مۇنبەردە تۇرايلى .
ھەي !!!بەش ئوقۇتقۇچىنىڭ توتى بالىڭىز ئىنتىزامى ياخشى ئەمەس دىگەن تۇرسىمۇ  ،سىز  يەنىلا قايىل بولماي ،ئوقۇتقۇچىلار ئۇستىگە باشقا گەپلەرنى قىسپسىز ! !! سىزنىڭچە ئاشۇ تۆت ئوقۇتقۇچى بىكادىر بىكار بالىڭىزنى ياخشى ئەمەس دەرمۇ؟،،سىز بالىڭىزنى تەربىلەشتە ئۆزىنڭىزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىڭىزمۇ ؟ بالىڭىزنىڭ قورسىقى توق،كىيىمى پۇتۇن بولىسا سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز تۇگىگەن بولمايدۇ.

ۋاقىت ھەممىنى ئى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14787
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9074
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 5576 سائەت
تىزىم: 2010-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 11:35:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇبىرئوقۇغۇچى.مەن سىنىپىمدىكى نەچچەئوقۇغۇچىنىڭ ناھاق تەيەق يىگىنىنى بىلىمەن.ئۇنىڭ ئارىسىدامەنمۇبار.بىريىلنىڭ ئالدىدائىنگىلىستىلى ئوقۇتقۇچۇم دەرىس ئۆتەۋاتسا،ئوڭ يېنىمدىكى بىلەن سول يېنىمدىكى ئوقۇغۇچى كۇسۇلداشقاباشلىدى.مۇئەللىم دەرىسنى توختىتىپ بىزتەرەپكەكەلدى.ماڭاتىكىلىپ،مەن تېخى يېنىمدىكىگەگەپ قىلىپ قويىدىغان چېغى دەپ خىيالى مۇئەللىمگەقاراپ تۇرسام،كىلىپلاپاڭڭىدەئىنكەمگەسالماسمۇكىتاپ بىلەن.كىچىك ۋاقىتتائادەم سەل قىززىققان بوپ قالىدىكەن.ئەرمۇئەللىم بولغاچقاقولى قاتتىقمىكىن،يۈزۈم قاپقىزىق بولۇپ كەتتى.شۇنچەكۆپ بالىنىڭ ئالدىداناھەق تايەق يەپ.......ھەييييي.ئاچچىقىمداتوۋلاپ ساپتىمەن.شۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى ماڭاقارىمايدىغان،ماڭائۇم ساقلاپ،قول كۆتۈرسەم قوپارماس بولدى.شۇنىڭدىن ئىتىبارەن،ئىنگىلىزتىلىغاقىزىقماس بولدۇم.ئاخىرى نەتىجەم چۈشۈپ كەتتى.مۇئەللىملەرنىڭ بالىلارنى ئۇرۇشى خاتا،ھەرقانچەگەپ ئاڭلىمىسىمۇ،ئۇزگەپ قىلسابولىدىغۇ؟<<چىرايلىق،يۇمشاق گەپلەرمۇبەزىدەتاشنى ئېرىتىدۇ.>>مۇئەللىمنىڭ بىرخاتاقىلمىشىدىنمۇ،نەچچەئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن.
------------------------------------------------------
ھازىرقى سىنىپىمدىمۇبالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىمىسەئۇرىدۇ.بىرەمەسلىنى ئىشلىيەلمىسىمۇئۇرۇدۇ.شۇنچەسەت گەپلەربىلەن ھاقارەتلەيدۇ.سىنىپىمدىكى بىربودەك ئوقۇغۇچى بىرمەسىلىنى ئىشلىيەلمىگەنىدى،ئۇنى <<توڭگۇز،(چوشقا)مۇشۇنچىلىك ئاددى مەسىلىنىمۇئىشلىيەلمىدىڭ.سەن بىرنىمىنىڭ ئچكىرى تولۇق ئوتتۇرامەكتەپكەئۆتەلىشىڭ مۇمكىن ئەمەس.ئاخىرى بېرىپ،مايلامچىلىق قىلىسەن>>دېگەنىدى پۈتۈن سىنىپتاكۈلكەسادالىرى توختىمىدى.ئەڭ ئازاپ بولغىنى مۇشۇبودەك ساۋاغدىشىم ئىدى.كىين ئۇنى ساۋاغداشلار<<توڭگۇز>>دەپ لەقەم قويدى.بۇئوقۇغۇچى ئاخرى بېرىپ،بۇبەرداشلىقلارغاچىدىيالماي،ساراڭ بولۇپ قالدى.روھى جەھەتتىن قاتتىق ئازاريىدى.ئاتا-ئانىسى ياخشى ئادەملەرئوخشايدۇ،مۇئەللىمنى ئەرىزقىلمىدى.ھەيييييييي...........!
بالىلارنى ئۇرۇش قانۇنغاخىلاپ قىلمىش.بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشى ئەڭ زۆرۈر،ئەڭ ئەۋزەل.

http://www.2345.com/?k98332372سىز تېخى بۇنى كۆرمىدىڭىزما؟ نېمىگە ساقلاپ تۇرىسز؟ دەرھال كۆرۈڭ..!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش