كۆپكۆك دېڭىز ئۈستىدىن ئاپپاق شەھەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئەرەب ئەللىرى،فىرانسىيە،گوللاندىيە،ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن،2مىليون 900مىڭ نوپۇسقا ئىگە بۇ شەھەر جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا كاسابلانكا شەھرىدۇر، كاسابلانكا شەھىرىنىڭ ئەسلىي نامى دارالبىدا بۇلۇپ ماراكەشنىڭ پايتەختىدۇر.
<<كاسابلانكا>> دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەم ئىختىيارسىز ھالدا ئوتتۇرا ئاۋازلىق ئەر ناخشىچى ئوقۇغان تەسىرلىك ناخشا <<كاسابلانكا>>نى يادىغا ئالماي قالمايدۇ،ھوللىۋودتا ئىشلەنگەن<<كاسابلانكا>>
ناملىق فىلىم بۇ ئاق شەھەرنى پۇتۇن دۇنياغا تونۇتۇۋەتكەنىدى،<<كاسابلانكا>> ناخشىسىنىڭ كەڭ تارقىلىشى بىلەن،بۇ شەھەرنىڭ ئەسلىي ئىسمىنىڭ <<دارالبىدا>> ئىكەنلىكىنى بىلدىغانلارمۇ بارغانچە ئازلاپ كەتكەن.
كاسابلانكا شەھرىگە قەدەم بېسىشىڭىز بىلەن خۇددى كونا رەڭسىز كىنونى كۆرۈۋاتقاندەك بىرخىل ئېغىر تۇيغۇغا كېلىپ قالسىز ھەم يۈرەكلەرنىڭ بېغىشىغا ئورناپ كەتكەن ئېسىل مۇھەببەت ناخشىسى<<كاسابلانكا>>دا ئىپادىلەنگەن تەشنالىق، ئازاب ۋە مۇرەككەپ ھېسسىياتلارغا ئەسىر بولماي قالمايسىز.شۇنداق،بۇ بىر سوغۇق شەھەر، چۈنكى ئۇنىڭ باغرىدىكى ئاپپاق ئۆيلەر ، كۈمۈش رەڭ ئەگمە-نەقىشلەر، ئېگىز ئاق تاملىق تىياتىرخانا ، سۈرلۈك مەسچىت،....لەرنىڭ ھەممىسى قۇياش نۇرىدا بىرخىل سوغۇق نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا بۇ بىرخىل جەلپكارشەھەر ، چۈنكى بۇ يەردە كۆپكۆك دېڭىز ئۈستىدە قولۋاقلىق بېلىق تۇتۇپ يۈرگەن ، توپ-توپ بولۇشۇپ سۇ ئۈزۈشۈپ يۈرگەن ئەركىن ۋە بىغەم كىشىلەر ، ساپسېرىق قۇم ياكى ئوتقاشتەك قىزىل گىلەم ئۈستىدە ئاپتاپ سۇنۇپ يېتىشقان قىز - يىگىتلەر بار . ئۇلارغا سايە تاشلاپ تۇرغان پالما دەرىخى قىپقىزىل قۇياش نۇرىدا تاۋلىنىپ كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ ، سوغۇق نۇر ئىچىگە يوشۇرۇلغان بۇخىل جەلىپكارلىق بۇ شەھەرنى تېخىمۇ سىرلىق قىلىۋەتكەن.
ئىلاۋە:1942-يىلى ئىشلەنگەن<<كاسابلانكا>> فىلىمى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى ئارقىلىق دۇنياۋى تەسىر قوزغاپ،<<ئۆلمەس فىلىم>> سۈپتىدە مىليونلىغان يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدۇ.
ئارىدىن 40يىل ئۆتكەندىن كېيىن،يەنى 1982-ئامېرىكىنىڭ كولارىدو ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق كومپوزىتور،ناخشىچى بېد شجىنس بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكىنى يىپ ئۇچى قىلىپ تۇرۇپ<<كاسابلانكا>>ناخشسنى ئىجاد قىلىدۇ ھەم تولىمۇ لېرىك ئۇسلۇبتا ئورۇنلاپ،دۇنيا مىقياسىدا يەنە بىر قېتىم <<كاسابلانكا قىزغىنلىقى>>نى قوزغايدۇ.كېيىنكى 30مابەينىدە،ئەينى دەۋردىكى رەڭسىز فىلىم<<كاسابلانكا>>نىڭ رومانتىك كۆرۈنۈشلىرى بىلەن كىرىشتۈرۈلۈپ،تېخىمۇ زور سېھرىي كۈچكە تولغان بۇ ناخشا ھەرقايسى ئەل ناخشا مەستانىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.
(<<كاسابلانكا>> ناخشىسىنىڭ تېكىستى)
تاشلانغانتىم سۆيگۈ باغرىغا
تەڭ كۆرگەندە<<كاسابلانكا>>نى
ئارقا رەتتە ئولتۇرغان شۇ چاغ ماشىنىلىق كىنوخانا
سپاپ ئۆتكەن نۇرلار قوينىدا
جىمىرلىغان يۇلتۇزلا ئارا
ئېتىلدۇرما قوناق ۋە كولا
ئايلانغانتى شامپان، قىيامىغا
دىل تارىمىز تۇتاشقان ئدى
ئاشۇ پىژ-پىژ ياز ئاخشىمىدا
كۆيۈپ قالغان سەنمۇ ھەم ماڭا
تەڭ كۆرگەندە<<كاسابلانكا>>نى
ئاھ سۆيۈشلەر ، يەنە سۆيۈشلەر
<<كاسابلانكا>>دىكى ئوتلۇق سۆيۈشلەر
سېنىڭ ئاتەش نەپەسلىرىڭسىز،مۇھەببەتمۇ مەڭگۈ مەنىسىز
قايتىپ كېلىپ مېنىڭ باغرىمغا
تاشلانساڭچۇ<<كاسابلانكا>>غا
ۋاقىت سۇدەك ئۆتمەكتە تىنماي
كۈچەيمەكتە سۆيگۈم توختىماي
مەن ئويلايمەن<<كاسابلانكا>>دا
پۇچىلانغان تالاي يۈرەك بار
سەن بىلىسەن،قايتىلانمايدۇ
بىز ئىككىمىز ياشىغان باھار
قىياسىمدا،سۆيگۈ قىسسمىز
ئېكراندىمۇ چىقمايدۇ ئەسلا
كېتىشىڭگە قاراپ تۇرساممۇ
يۈرەك پارە-پارىدۇر ئەمما.
تەييارلىغۇچى:ئاينۇرە ھېمىت
تەرجىمە قىلغۇچى:غېنى سەمەت
مەنبە:شىنجاڭ سەنئىتى2011-يىلى 2-ئايلىق سان