مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1043|ئىنكاس: 9

بارات كېچىسى ( شەبى بارات ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 07:44:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم ھېيىت – ئايەملەر ۋەخاتىرە كۈنلەر
( ھىجىرىيە ۋاقتى تەرتىپى بويىچە تونۇشتۇرۇلدى )
بۇ مەزمۇن شەمشىدىن ھاجى نىڭ ‹‹ مىلادىيە 1950 – يىلىدىن 2050 -يىلىغىچە ئىسلامىي ھېيىت – ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلەرنىڭ مىلادىيە ۋە ھىجىرىيە بويىچە ۋاقىت سېلىشتۇرمىسى ›› ناملىق كىتابىدىن كۆچۈرۈلدى .( ئاللاھ كىتاب ئىگىسىدن رازى بولغاي !)

بارات كېچىسى ( شەبى بارات )

مەنبە : بىلدۈر تورى

بارات – ئەرەبچە << بەرائەت >> دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆزلىشىشى بولۇپ ، << پاك بولماق ، گۇناھسىز بولماق ، كەچۈرۈم قىلماق ، ئازاد قىلماق >> دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ .
بارات كېچىسى ھىجىرىيە تەقۋىمىدە شەئبان ( 8 – ئاي ) نىڭ 15 – كۈنى كېچىسىنى كۆرسىتىدۇ ۋە پارىسچە << شەبى بەرات >> دەپ ئاتىلىدۇ .، ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كېچىنى << شەبى بارات >> دەپ ئاتاپ كەلگەن . ئىسلام دىنىدا ، بۇ كېچە ، بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھنىڭ << كەچۈرۈم قىلىش كېچىسى >> دەپ قارىلىدۇ . شەئىبان ئېيىدا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك بىر كېچە بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇيغۇرلار بۇ ئاينى << بارات ئاي >> دەپمۇ ئاتايدۇ .
رىۋايەتتە ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 60 ياشقا يېقىنلاشقان بىر يىلى ھىجىرىيە شەئىبان ( 8 – ئاي ) نىڭ 15 – كۈنى كېچىسى يالغۇز ئۆزى مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى بەقى قەبرىستانىغا يەنى جەننەتۇل بەقىگە بېرىپ دۇئا تىلاۋەت قىلغان . ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ ، ساھابىلىرىغا : << بۇ كېچىدە ئاللاھ تائالا ئالەمگە ئەڭ يېقىن جايغا چۈشىدۇ ۋە مۇشۇ كېچىسى چىن ئىخلاس بىلەن تۆۋە قىلغانلار ، كەچۈرۈم قىلىنىشىنى تىلىگەنلەر ، بەخىت – سائادەت تىلىگەنلەرنىڭ تىلەكلىرى مەقبۇل بولىدۇ >> دېگەن . يەنە بىر خىل تەبىردە شۇنداق دېيىلىدۇكى ، قۇرئان كەرىم تەلىمىگە ئاساسەن ، ھەربىر بەندىنىڭ كۈندىلىك ياخشى – يامان سۆز – ھەركەتلىرى ئىككى نەپەر پەرىشتە تەرىپىدىن ھەربىر بەندىنىڭ << كىتابى >> ( نام – ئەمەل دەپتىرى ) غا يېزىلىپ ، ئاخىرەتتە سوراق قىلىنغاندا مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشقا ئاساس قىلىنىدۇ . شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام : << ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بۇ خىل < دەپتىرى > ھەر يىلى بىر قېتىم ئالماشتۇرىلىدۇ . يەنى كونا دەپتەر ساقلاپ قويۇلۇپ يېڭى دەپتەرگە داۋاملىق خاتىرلىنىدۇ >> دېگەن . فىقھەشۇناسلارنىڭ قارىشىچە << شەبى بارات كېچىسى >> دەپتەر ئالماشتۇرىلىدىغان ۋە ھەركىم ئۆز گۇناھىنى كەچۈرۈشنى ئاللاھ تائالادىن تىلەيدىغان كېچە ، تەۋبە قىلىدىغان كېچە ، شۇڭا ئادەتتە بۇ كېچە << تەۋبە قىلىش كېچىسى >> ، << دەپتەر ئالماشتۇرۇش كېچىسى >> دەپمۇ ئاتىلىدۇ . مۇسۇلمانلار ئۆز سەۋەنلىكلىرىنى ئاللاھنىڭ كەچۈرۈشىگە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن مۇشۇ كۈنى كەچتە ئىككى رەكەت نەفلە نامىزى ئوقۇيدۇ ، ئەتىسى بىر كۈن نەفلە روزا تۇتىدۇ . بۇ كېچىدە مۇسۇلمانلار مەسچىتلەردە قۇرئان تىلاۋەت ۋە تائەت – ئىبادەت قىلىدۇ .، تەۋبە ئىستىغپار ئوقۇيدۇ ، ياكى سەدىقە بېرىش قاتارلىق ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىدۇ . بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەنكى بىر يىل ئىچىدىكى ياخشىلىق – يامانلىقلىرىنى ئەسلەپ ، يېڭى دەپتەرگە تېخىمۇ كۆپىرەك ياخشىلىقلىرىنىڭ يېزىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھتىن رەھمەت ئاتا قىلىشنى ۋە كەچۈرۈم قىلىشنى تىلەيدۇ . بۇ پائالىيەتلەر بارات كېچىسى ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ .
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ بۇ كېچىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن . بۇ كېچە كەلگەندە ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە مەھەللىدىكى ياشلار ،- بالىلار ياغلىق قاپاقنى بادىرنىڭ ئۇچىغا بېكىتىپ مەشئەل يېقىپ مەسچىتنىڭ ئۆگىزىسى ياكى مەھەللىدىكى ھەممە كىشى كۆرەلەيدىغان ئېگىزلىككە چىقىپ ۋە ياكى ئۆيمۇ – ئۆي ئايلىنىپ : << بارات كەلدى ، تۇيدۇڭلارمۇ ، قازانغا ياغنى قۇيدۇڭلارمۇ ؟ >> دەپ باشلىنىدىغان << بارات قوشىقى >> نى يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ يەنى << ۋەششەمسى توۋلاپ >> ھەممە كىشىنى << بارات كېچىسى >> نىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەردار قىلاتتى ، ئۇلارغا ئۆي ئىگىلىرى بارات كېچىسىگە ئاتاپ پىشۇرۇلغان پوشكال – قۇيماقلارنى ھەدىيە قىلاتتى . شۇنداقلا ئۇلار يەنە ياغلىق قاپاق ، مەشئەللىرىنى كۆتۈرۈپ قەبرىستانلارغا بېرىپ ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا دۇئا – تىلاۋەت قىلاتتى .

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.
oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 11:40:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كۆپنى  كۆرگەن  

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30077
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5633
تۆھپە نۇمۇرى: 593
توردا: 3066 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2014-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 11:44:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىز بۇ كىچىنىڭ قەدرىگە يىتىپ تەۋبە قىلايلى

تامنى بۇزغان زەي، يىگىتنى بۇزغان مەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38368
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3716
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2011-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 11:58:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا بارات كەلدى دەپ رىزىنكا كۈيدۈرەتتۇق.

ئىزدەنگۈچى

ھەقىقى گۈزەللك چ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36834
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3249
تۆھپە نۇمۇرى: 93
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2011-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 12:54:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستنلا ئەھمىيەتلك كۇنكەن  ،رەھمەت سزگە قىرىندىشم، [s:166]  [s:166]  [s:166]

ھايالىق،سىلىق بولسا نازۇك خۇيى، كىلەر سۆزىدىن،ياخشىلىق بۇيى. ئۇياتلىق كىشى ئۇ،يامانلىق قىلماس، قوشۇلماس يارامسزغا،كىشى تىللىماس. -رةيهانة

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29953
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5068
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2011-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 12:55:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كۈننى مەخسۇس ئىبادەت كۈنى قىلىپ بېكىتىۋېلىش بىدئەت .
يەنە پوشكال ، قۇيماق سېلىپ ياغ پۇرۇتۇش دېگەن ساپلا بىدئەت ئىشلار . بۇنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى يوق ئىشلار ئىكەنلىكىنى ئىسلامدىن ئازغىنا بىلىمى بار كىشىلەرمۇ بىلىدۇ .

ساڭا كۆپ شۈكۈرلە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13057
يازما سانى: 1443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12687
تۆھپە نۇمۇرى: 639
توردا: 4079 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 12:58:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يىل بارات كىچىسى ئىبادەت قىلشنى نىيەت قىلغان ئىدىم، تەبلىغلەردىمۇ بارات كىچىسىنىڭ خاسىيتى توغرۇلۇق نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلىغان. ئەمما مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ئىشلار بىدئەتلەرنى ئارلاشتۇرۋالمايلى.
ئاللاھ ھەممىمىزنى بىدئەتتىن يىراق قىلسۇن!

ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ لله پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3467
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12197
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 09:39:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداقلا ئۇلار يەنە ياغلىق قاپاق ، مەشئەللىرىنى كۆتۈرۈپ قەبرىستانلارغا بېرىپ ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا دۇئا – تىلاۋەت قىلاتتى


ۋاي تۇۋا ما گەپلەرنى...... ئەرۋاھنىڭ رۇھىغا دۇئا تىلاۋەت قىلىش.....





[s:148]

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر ئارىسىدا مەن گۇناھسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24995
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6061
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2011-1-4
ئاخىرقى: 2011-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 10:57:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە <قارىغۇ>لارچە ئېسىلىۋالماي، <قۇرئانغا ، سۇننەتكە>ئۇيغۇن بولغانلىرىنى ئۆزلەشتۇرەيلى ،،،!!! بىز بىلىپ-بىلمەي قىلىپ كىلىۋاتقان  <بىدئەت> ئىشلار بۇنىڭسىزمۇ ئاز ئەمەس !!!

ھەربىر جان ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر....

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-27 01:23:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ،
ئازىراق ئوقۇشماسلىق باردەك ھېس قىلدىم ،
بۇ بىر ئىلمى ماقالە ، بۇنىڭغا ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتمىقىمىز لازىم ، يەنى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ تار كۆز قارىشىمىز ، كاللىمىزدا تۇيۇقسىز چاقناپ ئۆتكەن پارتىلاش خارەكتىرىدىكى ھېسىياتىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلىماسلىقىمىز لازىم . بۇ يەردە شەمشىدىن ھاجى ئىسلامىي ھېيىت بايراملار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىۋاتىدۇ ، يەنى شۇ بايرامغا مۇناسىۋەتلىك ئىش پائالىيەتلەر ، ھەر قايسى رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ شۇ بايرامغا بولغان پوزىتىسىيىسى ۋە پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىۋاتىدۇ ، ئاپتور  بۇ يەردە بۇ توغرا ، ئۇ خاتا  دېگەن مەسىلەئۈستىدە توختالمىدى . پەقەت ھېيىت - بايراملار توغرىسىدا مۇپەسسەل چۈشەنچە بەردى ،
بىزگە غەلىتە بىلىنىۋاتقان ۋە بىدئەد تۇيۇلغان ئاۋۇ ئىش ھەركەتلەر بولسا بىز كۆز يۇمساق بولمايدىغان ھەقىقەت ، يەنى شۇ خىل پائالىيەتلەر مەۋجۇت ، ھېيىت - بايراملارنى چۈشەندۈرگەندە بۇ خىل ئەھۋاللار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈش ھەرگىزمۇ شۇ خىل پائالىيەتلەرنى قوللاش ياكى تەشۋىق قىلىشنى بىلدۈرمەيدۇ ، پەقەت مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ خالاس . شۇڭا كۆپچىلىك توغرا مۇئامىلىدە بولۇپ ، قايناپ كەتمەي ، گۇناھ سادىر قىلىپ قويۇشتىن زېرەك ھەم ھۇشيار بولايلق ، بىدئەد ئىشلارغا ھۆكۈم قىلغاندا بىلىدىغان بىلىمىمىزگە كۆرگەن ماتىرىيالىمىزغا ( قۇرئان ، ھەدىس ، نوپۇزلۇق ، ئېتىراپقا ئېرىشكەن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ پەتىۋالىرىغا ) تايىنايلى . توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر ،
ئاللاھ ئىگەمدىن ھەممىمىزگە تەۋپىق ۋە مەغفىرەت تىلەيمەن !

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش