مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 349|ئىنكاس: 1

ئازاپلىق پىغان         -خاقانيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38755
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224
تۆھپە نۇمۇرى: 4
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2011-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 09:13:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئازاپلىق پىغان

-خاقانيە

ئەخمەت شۇ تاپتا ئۆزىگە قانداق تەسەللى بىرىشنى بىلمەيلا قالدى.شۇ دەمدە ئۇنىڭلغا ئاچچىق ئورالغان موخۇرەكنىڭ كۆكۇش تۇمانى ئۇنى بۇ ئازاپلىق دۇنيادىن بىردەم بولىسىمۇ كۆزىدىن يىراق قىلالايىتى.ئۇ ئۇزىنى رۇسلىماق بولدىيۇ لىكىن ئاچ قۇساق ئىچكەن ناشتىلىق ھاراق ئۇنى ئۆز مەيلىگە قۇيماۋاتاتتى.ئۇ شۇرداپ كەتكەن غىرىبانە تامنى نەچچە يىرى يىرتىلىپ يەڭلىرى ئۇزۇلۇپ كەتەي دەپ قالغان چاپانلىرى بىلەن سىپىغانچە يەردەئولتۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىدىن تامچىغان ياشلىرىنىڭ ئەكسىدىن بۇرۇنقى شادىمان ،قايناق ھايات كورۇنۇشلىرى جۇلالنىشقا باشلىدى.......

-بالام ئەخمەتجان،تامىقىڭنى ئىسسىقىنە يەۋالغىن...

-بالام ئەخمەتجان ھىرىپ قايىتىپ كەلدىڭ،بولدى ئۇنچىلىك ئىشلارنى ئۇزەم قىلۋەتەي

-ئاكا،قارغىنا،بۇگۇن مەكتەپتە زىھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۇتكۇزگەن ئىدى،بىرىنجى بولدۇم.ئوقۇش قوراللىرىم تۇلۇقلاندى.ئاكا بۇ ئۇچكە يىغىپ ساتقان پۇل ئىدى،ھىيىت كىلەي دىدى،كەش ئالغىنا ئاكا،مانا 30يۇەن.... ئوماققىنە قۇل ،قىرىنداشلىق مىھىر ئۇنى چاقىرماقتا....

-...........

ئەخمەتجان جانسىز قۇللىرىنى ئۇزاتتىيۇ دەرھال تارتىۋالدى.چۇشكۇن قەلىب ياكى پۇشايماندىنمۇ  ۋەي ياكى كەچكۇزنىڭ شاماللىرىمۇ ئۇنىڭ ھەسرەتلىك ئۆكۇنۇشلىرىنى ياشلىرىغا يۇشۇرۇپ ،يىرىلىپ كەتكەن ئىغىزنى نەمدىگەنچە   ئانا تۇپراققا سىڭىپ كەتتى.

-ھەي ي ي ي ي....ئىچى-ئىچىدىن چىققان بىر ئوھ ئۇنىڭ بىشىنى بىر خىش  ئۇسىتىگە يۇتكىگىچە ئۇزۇلىمىدى،

-ئاھ دادا-ئانا سىلەر ھايات چاغدا بارلىق بىرەر ھۆنەر كەسىپنىڭ يۇلنى تۇتماپتىمەن.سىلەرنى قاقشىتىپ تۇتقانلا نەرسىنى سىتىپ ئەيشى-ئىشرەت قىلىپ يۇرۇپتىمەن. مانا تۇرمۇشنىڭ ئەگىرى تۇقاي يۇللىرى مىنى ھەر كويغا سالدى.........ئويگە كىرىسەم ئانا سەن يۇق ،ئوينىڭ ھەر بىر نەرسىدىن سىنىڭ پۇراقلىرىڭ كىلىدۇ،ئانا! سىنىڭ شۇ مىھىرلىك بىقىشلىرىڭ قىنى،سىنىڭ ھالال سۇتىڭدە كۈچ تاپقان ،مىنى ھەر قەدەمدە جاسارەت بىلەن ياشاشقا ئۇندەيدىغان دادامنىڭ ئاشۇ پالۋان سۇپەت سىماسى نەدە......

ئۇنىڭ ياشلىرى تۇختىماسىتىن يىپى ئۇزۇلگەن مارجاندەك تۇكۇلۇشكە باشلدى. دائىم سىڭلسى ئايىشە ئىتىپ بىرىدىغان  ئاشۇ موڭ كۇي كەچلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى ئاتا قىلغاندەك،بۇ دۇنيالىقتىكى مۇڭزارى بولۇپ قالغانتى:

 

بۇ دۇنيادىن كەتتى شۇ، مىھىرى ئاتەش ئانام،

ئۇزۇن ئوتمەي سەنمۇ كەتتىڭ ئەزىزىم ئاتام.

تۇققانلىرىم ئالدىدا سەن. قالدۇرۇپ يالغۇز،

كىمگە ھال ئىيتاي،بولدۇم چۇلدىكى يالپۇز

 

كۆز قارچۇغدا قالدى ئانا،پەرىشتە كەبى سۇرىتىڭ،

بىلمەپتىمەن ئەسلى يارشىپتىكەن سىنىڭ دۆلىتىڭ.

دىگەنتىڭ ئەرگە بىر نۇۋەت ھەم بۇ سىنىڭ نۆۋىتىڭ،

نادان بالغا يات كەلدى ئاتا،خىزىر سۇپەت سۆلىتىڭ.

 

مەن كىتەي قىرىندىشىم ،كەچمىشىم يات ناۋاسىغا،

غەۋغادىن يۇرەي يىراق،دەردىلىرم شىپاسىزداۋاسىغا.

ئاتا سەنسىز تاپمىدىم ساۋاپ، قالدىم بىراۋ بالاسىغا

ئىلىپ كەت مەن غىرىپنى ئەرزىم بارقىيامەت دەۋاسىغا  

............

 

ئەخمەتجان ياشلىرىنى سۇرتىۋىتىپ،يىراقلارغا،ئاشۇ كۆز يەتمەس كۆككە قاراپ ئۇزۇنغىچە بىرنىمىلەرنى دەپ قۇللرىنى جۇپلەپ ھوكسۇپ-ھوكسۇپ يىغىلىۋەتتى.چۇنكى تەقدىر ئاشۇ سىڭلىسىنىمۇ ئاتا-ئانسىغا ھەمرالىققا ئىلىپ كەتكەن ئىدى.

-مەن ئەمدى  قانداق قىلاي،ئۇ بىر ئىشلارنى ئويلاشقا تىرىشىتىيۇ بىراق كىشەنلەنگەن رۇھى ئۇنى بىر ئىزىدىن نىرى قىلمايۋاتاتتى...

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم بالام،

قەلبىگە ئىللىق بىر سىزىم تارقالغان ئەخمەتجان ئۇرۇندىن دەس تۇرۇپ كەتتى،ئالدىدا بىر دىۋانە تۇراتتى،

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسلام.ياخشى تۇردىلىمۇ.

ئۇ ئوزىگە ھەيران قالدى،چۇنكى ئۇ ھاياتىدا بىرەرسىگە بۇنچە ئىچىلىپ سالام سائەت قىلىپ باقمىغان ئىدى..

-تاغا ئويگە كىرىسىلە.،ئۇ سەل جىددىلىشىپ قالدى،ئوي چاشقان يامانلىغۇدەك بولۇپ قالغان ئىدى، ئەخمەتمۇ كەچتە نىمە يىيىشنى ئوزىمۇ بىلمەيتى.

-خىجىل بولما بالام،دىۋانە كۆڭلنى بىلگەندەڭ،بىر چاغلادا مەنمۇ بۇنىڭدىن بەتەر كۇنگە قالغان ،پۇت-قۇلدا ماغدۇر قالمىغاندا ئاندىن ئۇزەمىنى تىپىۋالدىم.بىراق مەن كىچىكىپ ئەقىل تىپىتىمەن.سەن تىخى ياش،پىشانەڭ يۇرۇقكەن،ئادەم بۇ دۇياغا بىر مىھمان،ھاياتلىق ئومىرنىڭ بىر قىسىمى بولغانغا ئوخشاش ئولۇممۇ ھاياتلىقىنىڭ بىر قىسىمى.ئۇ كۇلگەنگە كۇلۇپ باقىدۇ.ياراتقۇچى بەندىسىنى ئەزەلدىن تاشلىۋەتكەن ئەمەس.يىراقلارغا قارا ھايات تىخمۇ گۇزەل....

ئۇ دىۋاننىڭ قاپقارا قۇللىرىنى يۇزىگە سۇرتكىنچە يىغلاپ كەتتى،.بىر ئىللىق سىزىم پۇتۇن جىسمىغا تارقىلىپ، ئۇزىنىڭ سۇئالغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدى

بىراق ئۇ بىشىنى كۇتۇرۇشكە جۇرئەت قىلالمدى.يىنىك ئىلىنغان قەدەملەرگە ئەگىشىپ بۇ ئاۋاز ئاستا- ئاستا كۆككە سىڭىپ كەتكەندەك بىلىندى

 


ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1912
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 25864
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4260 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 04:26:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكەن ئىشلارمۇ؟.

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش