|
|
|
|
[align=justify] javaھازىرقى ئىشلىتىلىشى ئەڭ چوڭ ئوبيىكىتقا يۈزلەنگەن سىستىما تىلى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن يۇمتال شىركەتلىرىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولدى ھەم نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك تاللاشتىكى دەسلەپكى تاللىشى بۇلۇپ قالدى.يىڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن سىستىمىلق چۈشۈنۈش بىرقەدەر تەس.بۇرۇن تاپشۇرۇق ئورنىدا بۇنى يازغان مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر تۈرىنىڭ شىئېر ھىكايە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن پائالىيەتكە يوللاپ باقتىم،بەلكىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىدە بىردىنبىر پروگرامما يېزىلغان ئەسەر بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن.پاراڭلىشىش سۇپىسى دىگەن بۇ تۈر ئاساسەن Javaنىڭ پۈتۈن بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خىزمەت قانۇنىيىتى:
[align=justify] پاراڭلىشىش سۇپىسى ياساش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ خىزمەت قانۇنىيىتىنى بىلىشىمىز لازىم . پاراڭلىشىش سۇپىسى تور پروگراممىسىغا تەۋە بۇلۇپ ھازىرقى بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلدىغان تور پروگرامما شەكلى بولسا ئابونت ئاپاراتى/مۇلازىمىتىر قۇرۇلما شەكلى ،يەنى خەۋەرلىشىش ئىككى تەرەپنىڭ بىرى مۇلازىمىتىر بولۇپ ئابونتنىڭ ئىلتىماسىنى ساقلايدۇ ھەم بىرتەرەپ قىلىدۇ.ئابونت مۇلازىمەت لازىم بولغاندا مۇلازىمىتىرغا ئىلتىماس قىلىدۇ.مۇلازىمىتىر ئىزچىل ھالدا مۇساپە مۇھاپىزەت قىلش ،تور ئېغىزىنى تىڭشاش رولىنى ئۆتەيدۇ.بىر ئىلتىماس تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان مۇلازىمەت يولىنى قوزغىتىدۇ،ھەم ئۆزى داۋاملىق مۇھاپىزەت قىلىپ باشقا ئابونتلارنىڭ ئىلتىماسىغىمۇ ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇردۇ.
[align=justify] پاراڭلىشىش سۇپىسى پروگراممىسى TCP كىلىشىمىدىن پايدىلىنىلغان.TCPبولسا ئۇلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ،ئىشەنچلىك قىلىدىغان كىلىشىم،ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ،تەرتىپىلپ خاتالىقى يوق سانلىق مەلۇمات ئىقىمىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.ئەۋەتكۈچى ۋە قوبۇل قىلغۇچى ئىككى تەرەپ socket ئوتتۇرسىدا چۇقۇم ئۇلىنىش شەكىللىنىش كېرەك،TCPكىلىشىمى ئاساسىدا پاراڭلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن،ھەربىر socket ئۇلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغاندا ،يەنەبىر socket ئۇلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
[align=justify] توردىكى ئىككى پروگرامما قوش يۈنىلىشلىك ئالاقە ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات ئالمىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.بۇ قوش يۈنىلىشلىك يولنىڭ بىر تەرىپى socketدەپ ئاتىلدۇ.socket ئادەتتە ئابونت بىلەن مۇلازىمىتىرنىڭ ئۇلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. نىڭ كۆپ كۆرۈلدىغان پروگرامما تۈزۈش كۆزۈنمە يۈزى.بىر socket ،بىرTCP/IPكىلىشىمى ۋە بىر ئېغىز نۇمۇرى بىلەن بەلگىلىندۇ.
[align=justify] ئاسان بولسۇن ئۈچۈن مۇلازىمىتىر بىلەن ئابونت كۆزۈنمە يۈزى ئوخشاش لايىھىلەندى .
مۇلازىمىتىر كودى قىسقارتىلدى ،ئابونت كودى بىلەن مۇلازىمىتىر كودى توغرا بولغاندا تۆۋەندىكىدەك سۆزلىشىش كۆزنىكى چىقىدۇ
ئابونت كودى
_____________________________________ مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە مەنبە : ئۆزۈم
|
|
|
|
|
|