ئالدىنقى يازمىلىرىمدا دوستۇمنىڭ كۆرگەزمىسى ھەققىدە ئۇچۇر قىلغان ئىدىم.مانا بۈگۈنكىدەك خاسىيەتلىك كۈندە كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىسىز ئەمما كاتتا ئۆتكۈزۈلدى،ئەتتىگەندە سىنىپتىكى ھەممەيلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق، بىرلىرى پارتا-ئورۇندۇقلارنى يۆتكىسە ،بىرلىرى كۆرگەزمە مەيدانىنىڭ چالا قالغان ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى.ھەي... مەكتەپ ئىچىدە بىزگە ئۇچراپ قالغان كىشىنىڭ ھەممىسى «شۇنچە ئالدىراش نەگە ماڭغاندۇ؟» دەپ قېلىشلىرى تەبئىي، ئالدىرىماڭلار، مەن سىلەرگە دەپ بېرىمەن، بىز شۇ كۆرگەزمىگە ماڭغان.ئالدىن بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە.شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9داكۆرگەزمە باشلاندى، ئەڭ ئاۋۋال مەكتەپ رەھبەرلىرى ياپياش تۇرۇپلا شەخسى كۆرگەزمە ئاچقان بۇ يىگىت بىلەن بىللە كۆرگەزمە مەيدانىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقتى. مەن ئەتىگەندىن تارتىپلا ئارقا سەپتە بولغان بېرىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم، بولمىسا رەسىمگە تارتىپ قوياتتىم،-دە...
ھە مانا ئاخىرى ئالدىراشچىلىقلار تۈگەپ كۆرگەزمە زالىغا كىردىم،-دە ئاپراتىمنى ئىلىپ، چارسىلدىتىپ سۈرەتكە تارتىشقا باشلاپ كەتتىم، ھە مەن چاقماق خەۋەر قىلىپ يوللايمەن دىمىگەنمىدىم، مانا ئەتتىگەنلىك خەۋەرلەرنى پىقىر ئۆزى خەۋەر قىلىدۇ.كۆرگەزمە زالى بولغان مەكتەپ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىشىڭىزگىلا كۆزىڭىزگە ئەڭ ئاۋۋال چېلىقىدىغىنى بۈگۈنكى خەۋىرىمىزنىڭ باش قەھرىمانى مۇھەممەدئەلىنىڭ ئۇستازى، تالانتلىق ياش خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائىي ئەپەندىنىڭ يېزىپ بەرگەن كىرىش سۆزى.
ھاجىم ماياققا بىر قاراپ بەرسىلە، ئۆزلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ قوياي.
ئارىدىن بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندە يۇرت كاتتىلىرى، ھۆسىنخەت پېشۋالىرى كۆرگەزمىگە كىرىپ كەلدى، ھەممەيلەن قىزغىن تىنىچ-ئامانلىق سورىشىپ بولغاندىن كىيىن،مەيداننى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقىشتى.
ھۆسىنخەت ئۇستازلىرىمىز مۇھەممەد ئېلىجان بىلەن بىللە.
ئاندىن كىيىن، قۇربانجان روزى شەيدائىي ئەپەندى بىلەن غۇلامجان قادىر قۇتبىلىك ئەپەندىنىڭ باشلامچىلىقىدا نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش باشلىنىپ كەتتى،ئۇستاز خەتتاتلاردىن مىجىت سابىر ئەپەندىم نەق مەيدان ماھارىتىدە يېزىپ چىققان ئەسەر.
قەلەمنى مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئۇستازى شەيدائىي ئەپەندى قولىغا ئېلىپلا ،ۋاش-ۋۇش قىلىپ كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك ھۆسىنخەتتىن بىرنى يېزىۋەتتى مانا. مەيداندىكى ھەممەيلەن بىردەك ئالقىش ياڭراتتى.
ئۇندىن كىيىن قۇتبىلىك ئەپەندى ئۆزىنىڭ بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر تالانتىنى نامايەن قىلدى.
مانا-مانا ياش خەتتاتلارنىڭ ئىچىگە ئوت كىردى قاراڭلار، ئۇلار قەلەمنى تالىشىپ تۇرۇپ،ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ماھارەتلىرىنى ئىشقا سېلىشماقتا.شۇنداق قىلىپ نەچچە ئاش پىشىم ۋاقىت ئىچىدىلا بىر-بىرىدىن چىرايلىق ھۆسىنخەتلەر يېزىلىپ چىقتى، پەقىر يەنىلا ئارقا سەپتە، يېڭى پىشقان ھۆسىنخەتلەرنى قۇرۇتۇپ، بىر باشتىن تاملارغا چاپلاپ چىقتىم.
يۇنۇس قۇددۇس ئەپەندى يازغان ھۆسىنخەت.
ئۇستازلارنىڭ قولى سەل بوشىغاندا،خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائىي ئەپەندى بىلەن بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش شەرىپىگە نائىل بولدۇم.
پەقىر قەشقەر تەڭرىتاغ كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى مۇھەممەد تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن بىللە.
قاراڭلار، مۇنۇ ئوماق قىزمۇ بوۋىسى بىلەن ھۆسىنخەت كۆرگىلى كەپتۇ،ئۇ كۆڭلىدە«ئاكاش مىنى رەسىمگە بالدۇر تارتىۋەتتىڭىزمۇ قانداق، مەنمۇ كەلگۈسىدە مۇھەممەدئەلى ئاكامدەك كۆرگەزمە ئاچقاندا مېنى بىلىكيار بىلوگى نامىدا زىيارەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ...» دەۋاتقاندەك قىلىدۇ. «چاتاق يوق، ئوماق سىڭلىم، ھاياتلا بولسام ھۆسىنخەت كۆرگەزمىڭىزنى چوقۇم چاقماق تېزلىكىدە كۆرۈرمەنلەر بىلەن ئۇچراشتۇرىمەن»
خەتتات ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن.
ئانا، سىلى بولمىغان بولسىلا بۈگۈنۈم بولمايتتى، بۇ دەستە گۈلنى ئۆزلىرىگە تۇتتۇم.
شىنجاڭ ئىسھاق ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئاۋوكاتى مۇھەممەد تۇرسۇن ھەكىم، قۇرداشلىرى بىلەن بىللە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە يۇقىرى باھا بەردى.سولدىن ئىككىنجى كىشى
ياۋ، قاراڭلار باللا مۇشۇ ھۆسىنخەت قەلىمى بولغاچقىلا بىز بۈگۈن نە-نەلەردىن جەم بولدۇق.
خوش، ئەمدى بۈگۈنكى ھۆسىنخەتلەردىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنامدۇق؟ يارىغانلىرى بولسا ،باھا قويۇڭلار، ئەتتىگەندە تالاشمايلا سېتىۋىتىمەن.
مەكتەپ رەھبەرلىرى قۇربانجان روزى شەيدائىي ئەپەندى بىلەن، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى دەرسى تەسسىس قىلىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىۋاتىدۇ.
خوش شۇنداق قىلىپ، بۈگۈن كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تۈگىدى، كۆرگەزمە يەنە ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ، بۈگۈن كىلەلمىگەنلەر ئەتە-ئۆگۈن كەلسەڭلەرمۇ قولۇم كۆكسۈمدە!
بۇ يىگىتنى كىمكىن دېسەڭلار مىنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىمغا دېققەت قىلغايسىلەر، مىسرانىمنىڭ ھازىرقى لوگو خېتىنى مۇشۇ يىگىت يازغان.
مەنبە:
بىلىكيار بىلوگى