ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت taklamakan كە 2011-04-27 10:52 PMئەۋەتىلدى :
مەن قايىل ئەمەس، ئۇتتۇرۋەتتى، ئەلەم بولدى. بىراق ئۇلارنىڭ تېرىشچانلىقىغا رەخمەت. بىزنىڭ كوماندا ئەزالىرىمىزدا ئاجىزلىق ۋە يىتەرسىزلىك بەك كۆپ. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىىزلىقى توپ ئېلىش ۋاقتى بەكلا ئوزۇنكەن. نومۇر پەرقىدە ئارقىدا قالغاندىكىن، ۋاقىت جەھەتتىن ئۇتقان بولسا ياخشى بولاتتى. گۇۋاڭدۇڭ نومۇر جەھەتتە ئالدىغا ئۆتىۋالغاندىن كېيىن، ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدۇ ئەلۋەتتە. بىراق بىزنىڭ كوماندا ئەزالىرىمىزمۇ قولىغا توپنى ئالغاندىن كېيىن، پاسنى تىز بېرىپ، گارغا توپ ئېتىش قېتىم سانىنى كۆپەيتكەن بولسا بەلكىم، يېڭىشتە ئۈمۈت توغىلىشى مۇنكىن ئىدى، بىراق ماھىرلىرىمىز ئۇنداق قىلالمىدى. ئاچچىقكىم بەك كەلدى، ئۇيقا ھارام بولدى، ئۆز مەيدانىدا رەقىبىنىڭ تەنتەنە قىلىشىنى كورۇشتىنمۇ ئارتۇق ئەلەم بولماس دەيمەن. يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى. ھېلىغۇ تېلىۋېزوردا كۆرۈپ مۇشۇنداق بولدۇم، ئەگەر نەق مەيداندا بولغان بولسام، يېرىلىپلا كېتەركەنمەن.
گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىكى ئاساسلىق ماھىر ۋاڭ شىپىڭمۇ دىدى:بىز ئۇلارنى يەڭدۇق دىسەك،تەجىربىمىزگە تاينىپ يەڭدۇق.
ئاندىن مەملىكىتىمىزنىڭ داڭلىق ۋاستىكبول باھالىغۇچىسىمۇ(ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن) شىنجاڭ كوماندىسىغا ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس،گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىكى ئەزالارنىڭ كوپىنچىسى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى.ئۇلار ھەر قانداق خەلىقئارالىق مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتنىشىدۇ.داڭلىق چەتئەل كوماندىلىرى بىلەنمۇ مۇسابىقىلىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تەجىربىسى مول. لىكىن شىنجاڭ كوماندىسى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.بۇلۇپمۇ شىنجاڭ كوماندىسىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر ماھىرلارغا تېخىمۇ شۇنداق.ئۇلارغا يەرلىك مۇسابىقىلەردىن باشقا ھىچقانداق مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتىمۇ يوق دىدى. ئىشقىلىپ ئۇلارنى كۆپ تىرىشتى دەپ قارايمەن.