ئارىف
يىـڭى ئــەزا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم ئەھلى، ئادەتتە webQQ 2.0 ۋاقىتتا كۆپ ئېچىپ كەتمەيتتىم ، لېكىن 3.0 نىڭ ئىقتىدارلىرىرىدا بۆلەكچە يۈكسىلىش بوپتۇ ، ئەمدى ھازىر msn ۋە skype ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىۋاتقان ۋاقىت بولسىمۇ ، لېكىن كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ شارائىت بولماسلىقى تۈپەيلى ، تورخانىدا چىققانلار ۋە كومپىيوتىرنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەن تورداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئىككى قورالنى ئىشلەتكۈسى بولسىمۇ كۆپ ھاللاردا ئاچالمايۋاتىدۇ ، ئادەتتە كۆپ قىسىم تورخانىلاردا بۇ قوراللانى تورخانا مۇلازمىنتىرىدا تەمىنلىمىگەن بولىدۇ ، ئەگەر جىددى بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنى ئېچىش توغرا كىلىپ قالسا توردىن چۈشۈرۈپ ئاۋارە بولغۇچە تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئىشلىتىپ كۆرۈڭ ... webQQ نىڭ بەزى بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى ئۆتكەنكى يازمامدا ئازراق چۈشەندۈرگەن، ھەم بۇنى چۈشەندۈرۈشمۇ كەتمەيدۇ، بىز پەقەت خەقنىڭ تەييار سېستىمىسىنىلا ئىشلىتىمىز خالاس، http://web.qq.com ئاۋال بەتنى ئاچىسىز ، ئەگەر QQ 2011 bate2 نى ئىشلىتىدىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى قورال ستونىدىن webQQ3.0 نىڭ سۈرىتىنى چەكسىڭىز بىۋاستە كىرىسىز، كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ ، يۇقۇرىدا دېگەن بۇ ئىككى دىتالنى بۇ سۈرەتتىكى بەلگە بىرىپ قويغان يەرنى بېسىپ قوشىسىز، ئادەتتە ئۇنى بىر-بىرلەپ ئىزدەيمەن دېسىڭىز بەك ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا بىۋاستە 搜索应用 دىن skype دەپ ئىزدەڭ ، بۇ ئىككى دىتالنى تېپىپ چىقىدۇ، ئاندىن شۇلارنى تاللاپ 添加应用 نى باسسىڭىز webQQ ئۈستەل يۈزى سىن بەلگە ھاسىل بولىدۇ، شۇنى چەكسىڭىز كىرىش قىسمى ئېچىلىۇ، بۇ يەردىن سىز تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئالاقە قورالىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېچىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز : بۇ يەردىن ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تاللاپ كىرسىڭىز بولىدۇ، سىز بىر كومپىيوتىردىلا داۋاملىق ئاچسىڭىز بىر قانچە قورالنى بىر قېتىم ئېچىپ قويسىڭىزلا يەنە قايتا ئېچىش ھاجەتسىز، بىر بەت يۈزىدە ھەممە دوستلىرىڭىز بىلەن بىۋاستە سۆزلىشەلەيسىز، سىنلىق، ئاۋازلىق ھەممە ئىقتىدارلىرى ھاجىتىڭىزدىن چىقىدۇ ... ئەسكەرتىش: مەن پەقەت بەزى تورداشلارغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈنلا بۇ يازمىنى يوللاپ قويدۇم ، يازمىدا QQ ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىش ئىددىيەسى يوق ... قانۇنغا زىت بولغان گەپ سۆزلەرنى قىلىشسىڭىز ئۆزىڭىز ئىگە ...
مەنبە:ئۆزۈم
پاش قىلىش
تەكلىماننىڭ قۇم
ئاكتىپ ئەزا
muradil
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ