مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 376|ئىنكاس: 5

بولدى ئەمدى ئىچمەيلى ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37650
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1078
تۆھپە نۇمۇرى: 211
توردا: 1298 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 01:42:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدى ئەمدى ئىچمەيلى  !
جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ،مىللىتىم كىشىلېرىنىڭ ئىقتىسادى  تۇرمۇشى سەۋىيەسى خېلى يۇقۇرى كۈتۈرۈلۈپ قالدى .تۇرمۇش سەۋىيەمىزنىڭ ئۈسۈشى بىلەن بىزدىكى ھاراق ئىستىمالى چىكىدىن بەك ئىشىپ كىتىۋاتىدۇ .مەيلى بىر ئىشتا ئۇتۇق قازىنايلى ياكى مەغلوپ بۇلايلى  ،بىراۋلارنى مىھمان قىلايلى ياكى مىھمانغا بارايلى، ھەممىدە ھاراق ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ ئىچىلمىسە بولمايدىغان بىر قائىدىلەر قاتارىغا كىرىپ قالدى .
ھازىرقى شارائىتتا تۇرمۇشىمىز بىرقەدەر ياخشىلاندى ئەمما كۆپ ساندىكىلېرىمىزنىڭ تۇرمۇشى تۈۋەن سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ ،شۇنداق تۈۋەن سەۋىيەدە تۇرۇپمۇ ھاراق ئىچىشنى تاشلىماي تۇرمۇشىمىزنى تىخمۇ ۋەيرانچىلىققا ئۇچىرىتىۋاتىمىز .ھاراققا بەرگەن ۋاقتىمىز باشقىلارنىڭكىدىن بەك كۆپ –بەك كۆپ بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ .يۇقۇرىسى رەھبىرى كادىرلار دىن ئالى دەرىجىلىك  دەرىجىلىك زىيالىلارغىچە ،تۈۋەينى ئادەتتىكى خىزمەتچىلەردىن  دىھقانلارغىچە  ھەرقاندىقى ئاز دىگەندە ھەپتىدە ئۈچ قىتىم ،كۆپ دىگەندە ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى دىگۈدەك ئىچىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ ،پۇلىنى  چىچىۋاتىدۇ .
ئىسلام دىنىدا « ھاراق ئىچىش ھارام » دىيىلگەن چۈنكى ،ھاراق ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولۇپ ،جىگەرنى قىتىتىپ ئاشقازاننى بۇزۇپ ھەر خىل كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
بۇرۇنقى ئەجداتلېرىمىزغا قارايدىغان بولساق يۈز ياشتىن بىر يۈز يىگىرمە ياشقىچە ياشايدىغانلار خېلى كۆپ ئىدى .ھازىرچۇ ؟ ئەللىك –ئاتمىش ياشقا كىرە –كىمەيلا ئۈلۈپ كىتىۋاتىمىز .ھەتتا بىر قىسىملېرىمىز يىگىمە- ئوتتۇز ياشتىلا  ئۈلۈپ كىتىۋاتىمىز .بۇ ئۈلۈملەرنى ھاراق ئىچىشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ –ئەلبەتتە !
تۈۋەندە ھاراق ئىچىشتىن كىلىپ چىققان بىرقانچە ئەمىلى پاجىئەلەرنى كۆرۈپ باقايلى :
يېزىمىزنىڭ مەركىزى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىلى خېلى يىللار بولۇپ قالغان ئىككى نەپەر قوشنا بار ئىدى ئۇلار بىر تام قوشنا بولۇپ ،ئۆز ئارا ناھايىتى يىقىن ئۈتەتتى .بىر قىتىملىق ھاراق سورۇنىدا ئۇلار ئۆز سىنىپلېرىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە بىر قىسىم ئىشلېرىنى تالىشىپ دەسلەپتە قىزىرىشىدۇ كىيىن ئىچىپ خېلى قىزىغاندىن كىيىن جىدەللىشىشىش دەرىجىسىگە يىتىدۇ ،باشقىلارنىڭ ئارىغا چۈشىشى بىلەن تۇختاپ قالىدۇ . كەشتە قايتا تۇتۇشۇپ پىچاق تىقىشىپ بىر ئوقۇتقۇچى ئۈلىدۇ يەنە بىرى قانون تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۈكۈم، قىلىنىدۇ .مانا بۇلارنىڭ ئىككىدىن بالىسى يىتىم ،ئاياللېرى تۇل قالدى .مەكتەپ بولسا ياراملىق ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچىدىن ئايلىلىپ قالدى .بۇ ھاراق كەلتۈرگەن پاجىئەدۇر .
ناھىلىك سوتتا ئىشلەيدىغان بىرنەچچە نەپەر ئادۇۋكات  ساقچى  قۇربان ھېيتتا ئۆز ئارا ھېيتلىشىپ ھەربىرىنىڭكىدە كەلگەندە بىر يەشىكتىن پىۋا ،ئۈچ پوتۇلكىدىن ھاراق قۇيۇشنى دىيىشىپ ھىيتلاشقان ئىككەيلەننىڭ ئۈيىدە ھېيتلىشىپ ئۈچۈنچىسىنىڭكىگە بارمايلا يولدا ماشىنىغا سۇقۇلۇپ نەق مەيداندا بىرەيلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان ، بىرقانچىسى ئېغىر يارىلانغان .
يىقىندا شەھەردىن يېزا خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇلۇپ چۈشكەن بىر كادىر ھاراق سورۇنىنىڭ ئۆزىدىلا قازا قىلغان  يۇقۇرقىغا ئۇخشاش تىپىك مىساللار ۋە پاجىئەلەرنى يازسساق خېلى نۇرغۇن .
تۆۋەندە يەنە بىرنەچچە تۇرمۇش كارتىنىلېرىنىڭ ھاراق ئېچىشتىنكېلىپ چىققان ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ  باقايلى :
مىنىڭ يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىۋىدا ئىشلەيدىغان بىر دوستۇم بار ئىدى ئۇ،خىزمەتتە ئەستايىلدىل ئىدى .كېيىن ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان نەسىھەتكە قۇلاق سالمايدىغا بۇلۇپ قىلىپ خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىز ھاراقكەش دەپ نام ئالدى ھىساۋېتىدىمۇ يەتمىش مىڭ يۈئەن بوينىغا ئارتىلىپ خىزمەتتىن توختىلدى .باياشات ئائىلىسى بىردىنلا قەرزدار ئائىلىگە ئايلاندى .
خوشىنىمىزنىڭ ئۇغلى يېقىندىلا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالى مەكتەپكە ئۇقۇشقا كىرگەن ئىدى بىرىنچى يىلى خېلى ياخشى ئۇقۇۋاتىدۇ دەيتتى ئىككىنچى يىلىغا ئۆتۈپلا پات-پات قايتىپ كېلدىغان بۇلۋالدى ھەمدە ئاتا-ئانىسىنى قىستاپ پۇلنى كۆپ ئالىدىغان پۇلنى ئازاراق بەرسە ئۇقۇمايمەن دەپ زورلۇق قىلدىغان بۇلۋەپتۇ .ئاڭنىساق ھاراققا قاتتىق بېرىلىپ دەرسلەر ئېغىر كىلدىغان بۇلۇپ قاپتۇ ،ئككى يىل توشمايلا ئاشقازان كېسىلى بۇلۇپ يېتىپ قىلىپ ئاتا-ئانىسى نۇرغۇن چىقىمدار بۇلۇپ ساقاييتى ھەمدە ئالى مەكتەپتىنمۇ ئايرىلدى .
يۇقۇرقى ئەمىلىي مىساللار جەمىئىيتىمىزدە يۈز بېرۋاتقا ھاراق ئېچىشتىن  كەلگەن كارتىنىلارنىڭ بىر بۇرجىگى  خالاس.
ئەمدى تۆۋەندىكى بىرقانچە دىئالۇكلانى ئاڭلاپ باقايلى :
<<ئاخشام بەك كۆپ ئىچۋېتىپتىكەنمەن ،ئايالىم بىلەن ئۇرۇشۇپ يامانلىتۋېتىپتىمەن .ھەي –ئىسسىت !>>
<<ئەمەت نىمە بۇلۋاتىسەن ؟>><<ھەي.....ئاخشام دوستلار سىنى ئۇزۇتۇپ قۇيمىز دەپ كۆپەرەك بۇلۇپ كېتىپتۇ ،ئاپتۇبۇستا كۆڭنىم ئاينىپ ،بېشىم ئاغرىپ ئولتىرالمايلا كېتۋاتىمەن >>
<<ماھىرە ،سىز ئاتىنچى سائەتتىكى مۇزىكا دەرسىڭىزنى ،مىنىڭ بىرىنچى سائەتتىكى ماتىماتكا دەرسىنىڭ ئورنىغا ئۆتۋېلىڭا ،مەن ئاليىچى سائەتتە ئۆتىۋالاي >،نىمە ئۈچۈن؟<<ھەي ،سورىماڭ تۆنۆگىن كەچ بەك كۆپ ئىچىپ سەپتىكەنمىز ھازىرغىچە مەسلىگىم يېشىلمەيۋاتىدۇ .>>
<<ئۆمەر ئاكام ئادەتتە ھاراق ئىچمەيتىغۇ ؟>><<ھەي ھازىر كادىر بولغان ئادەم ھاراق ئىچەلمىسەڭ ھوقوقىڭنى ساقلاپ قالالمايسەن،شۇڭا ئىچىپ ئۆگەنگەن گەپ .>>
<<ياقۇپ دوختۇردىن پۈتۈنلەي ساقىيىپ چىقىپسەن ساقىيىپ چىقانلىقىڭ ئۈچۈن خوشە بىر رومكا ئىچىۋىتە!>>
<<قانداق تۇرسۇن مۇدىر ،بۈگۈنكى ئېتىز ئېرىق تەكشۈرىشى خۇلاسىسىدە قانچىلىك ئىچىلىپتۇ؟>><<ئارانلا بەش يەشىك ئىچىلىپتۇ.>>
<<ھەي_ئاداش گەپ قىلما ،مۇشۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئوغلۇمنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىمەن دەپ ئۇ باشلىق،بۇ باشلىققا ھاراق قۇيۇپ ئۆزەممۇ ھاراقكەش بۇلۇپ كەتتىم.>>
ھەي، بۈگۈن سەن خىشمەت ئىلغارى بولدۇڭ ،بىر –ئىككى قۇتا قۇيمامسەن ؟!>>
<<كۈرەش،موتوسىكىلىتنى يىڭى ئالدىڭ بۇنىڭ چىيىنى بېرىۋەت!>>..........
مۇشىنىڭ غا ئوخشاش دىئالوكلار ناھايتى نۇرغۇن. ھە بىرىدە ھاراق ئالدىنقى قاتاردا پۇراپ تۇرىدۇ.
دوسىتلار ! بىز ھاراقنى نىمە ئۈچۈن ئىچىمىز ؟ھاراق بىزگە نىمە بەردى؟ قايسى بىرىمىز ئاخشىمى ھاراقنى كۆپرەك ئىچىۋالساق ئەتىسى ئۆزىمىزدىن رازى بۇلۇپ باقتۇق ؟قايسى بىرىمىزنىڭ ئايالى ۋە بالىلېرى بىز ھاراق ئچىپ ئۆيگە كەلسەك بىزنى ئوبدان قىلىپسەن دەپ ماختاپ باقتى !  ئەمەلىيەتتە ھەر بىرىمىز ھاراقنى ئچىپ بۇلۇپ ئتىسى ئىچمىسەم بوپتىكەن دەپ پۇشايمان قىلىز-يۇ يەنە ئچىپ سالىمىز .مانا بۇ بىزدىكى بىر ئاجىزلىق. پۇشايمان قىلىمىز يالتايمايمىز .ۋەدە بېرىمىز ئەمەل قىلمايمىز.قەيەرگىلا بارساق ،قايسى سورۇنغا كىرسەك بوتولكا بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئاز ئىچىشكە ۆۆڭلىمىز ئۇنمايدۇ.ئىچمىگەنلەرنى زورلايمىز ،ئىچمىگەنلەرنى مازاق قىلىمىز،كەمسىتىمىز. ئىچكەنلەرنى ماختايمىز ،نوچى ھىساپلايمىز....
مانا دوستلار بۇلار ھازىر بىزدە يىتىلۋاتقان ھەم يىتىلىپ بولغان بىر بىخ، بىز بۇ بىخنىتەڭ يۇلۇپ تاشلىمىساق بىزنى پۈتۈنلەي چىرىتىپتاشلايدۇ ھەم كاردىن چىقىرىدۇ.بۇرۇندىنلا ئىقتىساد كىمنىڭ يۇقىرى بولسا ئىقتىسادى ئاجىزلار شۇنىڭغا بىقىنىپ كەلگەن.دوستلار ئىككى نان تاپساق بىرنى داپ قىلىپ چالمايلى!!نۇرغۇنلېرىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئاجىز ھەم كەينىدە،شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نىمە ئۈچۈن بىكارچىلىق سوررۇنلېرى بولسىلا بىزنىڭ بۇلىدۇ؟! ئويلاپ باقايلى ،رەھبەردىن تارىپ زىيالى ھەم دېھقانغىچە ئويلاپ باقايلى؟؟!ھاراق ئىچمەيمۇ رەھبەرلىك قىلغىلى ۋە خىزمەت قىلغىلى بۇلار؟؟!!
قاسى بىر شائىرىمىز مۇنداق بىر كوپلىت شىئېر يازغان:
ھازىرغىچە ئىچىپ باقتۇق كۆپلەپ ھاراق،
يا بۇنىڭدىن چىقمقدى مۇڭگۇز قۇلاق.
دوختۇر دەيدۇ "ئاشقازاننىڭ ساق يېرى يوق،
جىگەر قاتقان،بۆرەك ئاجىز،يۈرەك چاتاق".
مانا بۇ شائىرھاراققا خېلى بۇرۇنلا مۇشۇنداق باھا بەرگەن.ئىدى.شۇڭا دۇستلار<<بولدى ،ئەمدى ئىچمەيلى! ھاراققا ئۆزىمىزنى ئۇرمايلى!ئىلىم پەن ئىگەنلەپ،ئىقتىسادىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئاتلىنايلى!!!>>.

مەنبە -ئۆزەم
<<مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە>>

شەمشەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36455
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 634
تۆھپە نۇمۇرى: 20
توردا: 4943 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2011-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 04:40:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ نەچچە يىل ئىلگىرى بىر ئادەم 1-ئايداھاراق ئىچىپ، مەسلىكتەيولدا ئۇخلاپ، مۇزلاپ قېتىپ قاپتىكەن.

قەلبى گۈزەل-ھەممىدىن گۈزەل

ئەقىلسىز دوستۇڭ

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20702
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2685 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 04:46:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن، بىراق بۇ ئەرلەر قىززىق، ئوڭ ۋاختىدا ھاراق تاشلايمەن دەيدۇ،شىشە قولىغا چىقسا ئىچىپ بولۇپ قۇرۇق شىشىنى  تاشلايدۇ. [s:159]  [s:159]  [s:159]  [s:159]

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئولۇمنى ھەر ۋاقى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30695
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 2218
توردا: 2109 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 05:22:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تىمىكەن ھەقىقى ئەمىليەتىكى ئىشلار كەن ....شۇڭا بىز زامان نىڭ كەينىدە قالماقتا ..........
ھازىر چوڭلار  ئەمەس ياشلار دا بەك ئىغىر بۇئىشلار ............ [s:162]  [s:162]  [s:162]  [s:162] مىھرىبان ئاللاھ ئىگەم بىزنىڭ ياشلىرىمىزنڭ ھىدايەت قىلغىن قىزلىرىمىز غا ئىپپەت شەرمى ھايائاتاقىلغىن ........
مۇكاپاپلىق ئەسەر قىلغاق بولغىدەك............. [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:173]  [s:173]  [s:173]

سەن بەخىت بىلەن

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10373
يازما سانى: 1114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11033
تۆھپە نۇمۇرى: 331
توردا: 7428 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 06:03:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق ئىچكىچە ئېشەك سۈيدۈكى ئىچ دەپتىكەن بەزىلەر.
ھاراق ئىچكىچە چوشقا گۆشى يەڭلار، گۇناھ ئازراق بۇلىدۇ.

سىز ماڭا كۈلۈپ قاراڭ ،مەنمۇ سىزگە كۈلۈپ قاراي شۇندىلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز!!!

يىگىت قەسەم ئىچم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19575
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4467
تۆھپە نۇمۇرى: 277
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 04:39:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست ئېيتىدۇ ،  بولدى   ئەمدى  ئىچمەيلى ~!

ئىسىل كۈنلىرىم تېخى ئالدىمدا ~!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش