ئامېرىكا ھەقىقىي پۇل كۇرسنى كونتۇرۇل قىلىۋالغان دۆلەت، جۇڭگۇنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى يوق!
ئامېرىكا ھەقىقىي پۇل كۇرسنى كونتۇرۇل قىلۋالغان دۆلەت، جۇڭگۇنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى يوق! پۇل كۇرسى بولسا سىياسى مۇدىئانى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، ئەكسىچە بىزنىڭ كىتاپ - ماتىرياللاردا ئۈگەنگىنمىزدەك نوقۇل ھالدىكى خەلق پۇلى بىلەن دوللارنىڭ ئايرىلىش نىسپىتى ئەمەس. يېقىندا بىزنىڭ ئىلىمدارلىرمىز، ئامېرىكىدىن پۇل كۇرسىنى( پۇل ئالماشتۇرلىشنى ) سىياسىلاشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىشتى. مەن سىزلەرگە شۇنى دەي، ئامېرىكا پۇل كۇرسىنى سىياسىلاشتۇرىدۇ، ئۇنداقتا سىز قانداق ئويلايسز؟، مۇنداقچە ئېيتقاندا، پۇل كۇرسى بۇ نەرسە بارلىققا كېلشتىن باشلاپلا، سىياسىنىڭ بىر بەلگىسى بولۇپ كەلگەن. ئۇنداقتا كىم ئەڭ چوڭ پۇل كۇرسىنى كونتۇرۇل قىلغۇچى دۆلەت؟ ئامېرىكا سەن بىزنى توختىماي ئەيىبلەيسەن، ئەمما سەن ھەقىقىي ئەڭ چوڭ پۇل كۇرسىنى كونتۇرۇل قىلغۇچى دۆلەت! ئامېرىكا باشتىن -ئاخىرى بارلىق دۆلەتنىڭ خوجايىنى-ئاكىسى بولۇشىنى ئويلاپ كەلدى، ئەمما باشقا دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرنى ئاڭلاتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇ چوقۇم بىر دۈشمەنگە ئېھتىياجىلق بولىدۇ. سوۋىت ئىتپاقى ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى بولغان چاغلاردا، پۈتۈن غەرىپ ئىنتايىن ياخشى، بارلىق ئىشەنچىلىك مەبلەق سالغۇچى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ ئەتىراپىدا ئىدى. ئەمما سوۋىت ئىتپاقى يېمىرلىگەندىن كېيىن، ئامىرىكىلىقلار ئۆز گەپلىرىنى باشقىلارنىڭ بەك ئاڭلاپ كەتمەيۋاتقانلىقىنى بايقاشتى، ياۋرۇپالىقلارمۇ ئامىرىكىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كېتشمىدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارغاندا، ئامېرىكا پۇل كۇرسىنى قورال قىلىپ ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ھوجۇم قوزغىدى، جەڭ تېخنىكىسى جەھەتتىن ھوجۇم قىلىش بولدى. ئەمما ئۇ بۇ قېتىم جۇڭگۇدىن باشلىدى، بۇ بولسا بىر ئىستىراتىگىينىڭ بۇرلىشى ئىدى.
ياپۇنىيە ئىلگىرى ئىختىزاد جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ رەقىبى ئىدى، يەنە 1985-يىلدا ياپۇنىيە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ قەرىز ھوقۇق دۆلىتى ئىدى. يەنى بۈگۈنكى بىز بىلەن ئوخشاش. بەزىلەر بەلكىم، بىز ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ قەرىز ھوقۇق دۆلىتى( ئەڭ چوڭ قەرىز بەرگۈچى دۆلەت) ئامېرىكا چوقۇم ھىيقىشى كېرەك دەيسىز. ئۇنداقتا مەن سىزگە شۇنى ئېيتاي، ئامېرىكا ھەرگىز بۇنىڭ ئۈچۈن ھېيىقمايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى سىز ئۇنىڭ دۈشمىنى، خۇددى 1985-يىلدىكى ياپۇنيەگە ئوخشاش. نېمشقا مېنىڭ موشۇنداق دەيدىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ چۈنكى بىز، چوڭ دۆلەتنىڭ باش كۆتۈرشى ۋەئەڭ چوڭ قەرىز بەرگۈچى دېگەندەك خىيالى مەنزىرگە مەپتۇن بولۇپ كەتكەن، يەنە ئەگەر ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلپ قالساق نەتىجىىسى ئىككى دۆلەتنى ئېغىر زىيانغا ئۇچۇرتىدۇ دېگەن خىيالى مەنزىرگە مەپتۇن بولۇپ كەلدۇق،ھەتتا ئامرىكىنىڭ پۇل كۇرسىنى ئۇرشىنى سىياسىلاشتۇرۋەتتى دىگەندەك ئويلادا بولۇپ يۈردۇق. بىزنىڭ ئامېرىكىغا بولغان چۈشەنچىمىز بەكلا يۈزەكى، يەنى جۇڭگۇچە تەپەككۇر ئۇسۇلىدا ئامېرىكىغا ھۆكۈم قىلىپ كەلدۇق، بۇنداق قىلش ئېنىقكى بىزنىڭ ئۇتتۇرشىمىز بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ.
ئاۋۋال، ئامېرىكا بىرلىششىتىن ئىبارەت شۇئار بىلەن جۇڭگۇنىڭ پۇل سىياسىتىغا زەربە بەردى. ئەمما بىزچۇ، يەنىلا خام خىيال قىلىپ كەلدۇق، بىزنىڭ قارشىمىزچە ئامېرىكا بوينىنى سوزۇپ بىرنى ھۆركىرسە ھېچكىم بۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. سىزگە دېسەم بۇ بىر خام خىيال خالاس.! نېمشقا ؟ چۈنكى باشقىلارمۇ بۇنىڭغا ئېنكاس بىلدۈردى. 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 20- كۈنى، بىزنىڭ رەھبەرلىرمىز نىيويۇرىكتا 20دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقاندا، بىز ئامېرىكىغا، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا ئەركىن سودا قىلشتەك ياخشى كۆڭلىمىزنى ئىپادىلەۋاتقاندا، ئوباما بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگۇ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىكسپورۇتىنى ئازايتىش كېرەك دېدى. سىز بەلكىم جەنۇبى ئافرىقىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئامېرىكىنى قوللىغانلىقنى بىلشىڭىز مۇمكىن.
2010-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە، ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلاشتى. بىزنىڭ تاراتقۇلىرمىز؛ بىز تۇنجى قېتىم گىرمانىيەدىن ئىشىپ دۇنيا بويۇنچە ئەڭ چوڭ ئىكىسپوروت دۆلىتىگە ئايلاندۇق، دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنىۋاتقان پەيتتە ئىقتىسادىمىز 8% لىك موقىم ئېشىىش نىسپىتىنى ساقلىدى، بىزدىكى ئىشسىزلا پەقەت 20 مىليۇن دەپ خەۋەر قىلىشتى. ياخشى، ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللار باش بېتىگە، ياۋرۇپانىڭ ئىقتىسادى نىمشىقا بۇنچە ناچار؟ چۈنكى جۇڭگۇ گىرمانىيەدىن ئېشىپ دۇنيا بويۇنچە ئەڭ چوڭ ئىكىسپورۇت دۆلىتىگە ئايلاندى، ئىكسپورۇت ئارقىلىق ئۆزدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى چۈشۈردى، بۇنىڭ بىلەن 8% لىك موقىم ئېشىشىنى ساقلاپ، ئىقتىساد ئاۋۋال ئەسلىگە كەلدى، ئەمما ياۋرۇپالىقلار ئىشسىزلققا ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى ، دەپ خەۋەرلەرنى بېسىشتى. بۇ خەۋەرلەر ياۋرۇپادىكى پۇقرالارنىڭ غەزپىنى قوزغىدى. ئۇلار جۇڭگۇدىن قاتتىق نەپرەتلەندى. چۈنكى، ئەگەر سىز يېقىندىن بۇيان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىڭىز، 2010-يىلدىن باشلاپ، ياپۇنىيە ۋە ياۋرۇپادىكى كىشلەرنىڭ جۇڭگۇغا بولغان كۆز قارشىنىڭ باغانسىرى ناچارلاشقانلىقىنى بايقايسىز، چۈنكى يۇقارقىدەك تەشۋىقاتلار سەۋەبىدىن. ئامېرىكا ئالىبۇرۇن سۆز قىلىش ھوقۇقى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ قەلبىدە ئورننى تىكلەپ، ئەخلاقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىدە تۇرۇپ، جۇڭگۇغا بىرلىكتە قارشى تۇرۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا سۆز قىلش ھوقۇقى دېگەن نىمە؟ ئۇ بولسىمۇ خەلق ئارالىق ئۇچۇرنى كىم كونتۇرۇل قىلسا، بۇ ھوقۇق شۇنىڭدا بولغان بولىدۇ. بۇ سۆز قىلىش ھوقۇقى ئىتايىن موھىم، چۈنكى ياۋرۇپادىكى پۇقرالار بىر قەدەر ساددا، ئادەتتە ئۇلار گېزىت-ژۇرناللارغا نېمىنى باسسا شۇنداق ئېنكاس قايتۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىزگە زەربە بەرمەكچى بولسا، چوقۇم ھەرخىل تاراتقۇلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغاپ، ئاندىن بىرلىكتە قارشى تۇرىدۇ. نۆۋەتتىكى ئەھۋال موشۇنداق، يەنى سۆز قىلىش ھوقۇقى بىزنىڭ قولىمىزدا ئەمەس!
ئاپتۇر: لاڭشىئەن پىڭ
مەنبە: گۇاڭجۇ كۈندىلىك گېزىتى.
http://www.caogen.com/blog/Infor_detail.aspx?ID=6&articleId=26588