مۇنبەردىكى بوكىس ھەركىتىنى ياختۇردىغان بالىلارنىڭ كۈرۈپ بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئىلگىركى دۇنيا بوكىس شاھ ئاتىسى { روكىي ماسيانو } نىڭ قىسقىچە تەرخمىھالىنى يوللىدىم ياختۇردىغانلار كۈرۈپ بېقىڭلار . ...
دۇنيا بوكىس چولپانلىرى توغرىسىدا گەپ بولسا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا مۇسۇلمان بوكىس شاھى مۇھەممەد ئەلىي . ئىلگىركى بوكىس شاھى . تەيسىن . خولىپپېردو . لويىس ۋە ھازىرقى شەرەپ قۇچىۋاتقان ئاكا - ئۇكا بوكىسچىلار . شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇنەۋەر بوكىسچىلار كىلىشى مۇمكىن . بىراق ئۆز ۋاقتىدا دۇنيادا { روكىي ماسيانو } ئىسىملىك ئاجايىپ بىر بوكىسچىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى كۆپلىگەن كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن { ھەر قايسى ئىزدەش تورلىرىدىمۇ ئۇ توغرىسىدىكى ماتىرياللار كۆپ ئەمەس } تۈۋەندە مەن بۇ بوكىس ئاتىسىنىڭ قىسقىچە تەرجىمالىنى يوللىدىم .
ئىسمى : ROCKY MARCIANO
ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى : روكىي ماسيانو
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1923 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى : 1969- يىلى 31 ئاۋغۇست
دۆلەت تەۋەلىگى : ئامېرىكا
بوي ئىگىزلىكى : 1 مىتىر 78سانتېر
تېرىنېرى : گولدمان
روكىي ماسيانو - دۇنيا بوكىس تارىخدىكى ئەڭ داڭلىق بوكىس شاھى ، ئۇ بوكىس سەھنىسىدىن چىكىنگىچە بولغان ئارلىقتا بىر قېتىممۇ مەغلۇپ بۇلۇپ باقمىغان بىردىنبىر بوكىسچى ، ئۇ بوكىس ھاياتىدا جەمىي 49 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بۇلۇپ ، 49 مەيداننىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلغان 43 مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى ئۇرۇپ يىقىتقان . 18 مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى ئۇرۇپ مەيداندىن چىقىرۋەتكەن ، روكىي ماسيانو نىڭ بۇيى ئانچە ئىگىز ئەمەس بىراق ئۇنىڭ دۇنيا بوكىس سەھەسىدە { گىگانىت بومبا . ۋە شىددەتلىك تۈمۈر مۇش } دەپ نامى بار بۇلۇپ ئۇنىڭ مۇش ئېتىش سۈرئىتى تىز بۇلۇپلا قالماي . مۇشتى ناھايىتى قاتتىق . ئۇنىڭ 1952 - يىلىدىكى جو ۋۇلكوت بىلەن بولغان مۇسابىقىسى دۇنيا بوكىس تارىخىدىكى ئەڭ دەششەتلىك بۇكىس مۇسابىقىسى بۇلۇپ كەلمەكتە ، ئۇ بوكىسچىلىق ھاياتىدا 6 قېتىم دۇنيا بوكىس شاھى بولغان . ئەپسۇس 1969 - يىلى روكىي ماسيانو بىر قېتىملىق ئايرىپىلان ۋەقىسىدە ئۈلۈپ كەتكەن، ..
تۆۋەندىكى ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇسابىقە جەريانىدىكى نادىر كۈرنىشلەر .
كىيىنكى قېتىملىق تىمامدا ئىلگىركى دۇنياۋى بوكىس شاھى { مىك تەيسىن } نىڭ ئاجايىپ بوكىسچىلىق ھاياتى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز ....
مەنبە : يۇكۇ تورى