ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 32قەۋەت nazuk731 كە 2011-05-01 11:17 PMئەۋەتىلدى :
ئۇلار ئۇنداق دوپپا كىيىڭلار بۇنداق ئەتلاس كېيىڭلار دىگەن بىلەن بىز ئىچكىردە ئۇقىۋاتقان بالىلارغا تەس كېلىدىكەن.نىمە قىلىمىز ئۆزىمىزنى كۆرسىتىپ؟ مۇشۇ ئىچكىردىكى كاۋاپ سېتىۋاتقانلارنىڭ دەستىدىن كوچىلارغا نەرسە ئالغىلىمۇ چىقالمايۋاتساق،قانداقمۇ دوپپا ،ئەتلاس كېيىپ يۈرگىلى بولسۇن دەيسىلەر؟ نىمىشقا دەپ سورىساڭلار ئازراق ئەمەس خېلىلا قاينىغىم كېلىۋاتىدۇ.چۈنكى بىز بۇ يەردە ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرنى بوزەك قىلىدىغان ، ئۆكتەملەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز....بىر كۈنى بىز بىر قانچە شىنجاڭلىك بالىلار بىلەن تاماق يېگىلى ئاشخانىغا كىردۇق.ئارقىدىنلا بىر قانچە كاۋاپچىلار كىردى، ئۇلارنىڭ يېنىدا پىچاق، بويۇنلىرىدا زەنجىر، كوپتىلىرىنىڭ ئالدى ئېچىق، قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماييتۇق، بىز تاماقنى يەپ بولۇپ چىقىپ كېتەيلى دەپ تۇرساق ،ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئالدىمىزنى توستى ۋە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپ ، قوللىرىنى تەڭلەپ ، ئۆكتەملىك بىلەن نىمىشقا ئۇلاغا قارىغىنىمىزنى باھانە قىلىپ تاسلا قالدى جېدەل چىقارغىلى.ئەتىسى ئاشخانا ئىگىسى خۇيزۇمۇ ئۇلارنىڭ بۇرۇن تاماق يېگىلى كېلىپ قەستەن جېدەل چىقارغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. قېنى ئېيتىڭلارچۇ؟ ئۇلار شىنجاڭدا بولغان بولسا شۇنداق قىلارمىدى؟
سىزنى ھېچكىم دوپپا،ئەتلەس كەي دەپ زورلىمىدى..چىرايىڭىزمۇ باش سۈرىتىڭىزگە ئوخشاش چىرايلىق بولسا،ئىچكىرنىڭ ھېچقانداق يېرىدە چانمايسىز،ھېچقانداق ئۇيغۇر كاۋاپچى كېلىپمۇ بوزەك قىلمايدۇ.....باشقا مىللەتتە يوقمىكەن بىر-بىرىنى بوزەك قىلىدىغانلار؟ ئەسكى بار يەردە ئېسىلمۇ بار..