مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7369|ئىنكاس: 47

مۇرات تارىتقان كۈلپەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇنتۇلماس ئەسلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19988
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7335
تۆھپە نۇمۇرى: 651
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 11:45:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇرات تارىتقان كۈلپەتلەر

ھېكايە

 


<مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە>

[align=justify]مەن بىركىمنىڭ بالا باققۇچىسى ۋە ياكى غالچىسى ئەمەس.  قىيىن ئاپام ، قىيىن ئاتامىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى ئۆگەنمىگەن . ھەم شۇنداقلا قىلمايمەن . خىزمىتىنى قىلىدىغاندىن بىرنى تاپ،  شۇ قىلسۇن.....!!! ئامىنە ۋاقىراپ سۆزلەۋاتاتتى .كېتىمەن بۇيەردىن ..سەنمۇ كەتسەڭ مەن بىلەن ماڭ بولمىسا ئىشلار تۈگىگەندە قايتىپ كەل.ئاتا-ئانا سېنىڭ بولغاندىن كىيىن خىزمىتىنى ئۆزۈڭ قىل...!!!
مۇرات ئايالى ئامىنەنىڭ ئاغزىغا قاراپ قىتىپلا قالدى.ياندۇرۇپ ئاغزىغا نەچچىنى ئۇرغىسى كەلدى.بىراق ئۆزىگە ھاي بەردى.چۈنكى ئايالى ئۆز يۇرتىدىن تۆت يۈز كېلومىتىر يىراقتىكى چەت بىرپاختىچىلىق بازىسىدا ئىدى. مۇرات چوڭ بىر تىنىۋىتىپ ،  كەينىگە بۇرلۇپ قاپ-قاراڭغۇ دەرەخ زارلىققا قاراپ ماڭدى نىمە ئۈچۈن..نىمە ئۈچۈن...مەن بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرايمەن.نىمە ئۈچۈن ئايالىم ئاپام دادامنى كۆزگە ئىلمايدۇ..مەن قايسى ئىشلارنى خاتا قىلدىم.باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىش گۇنامۇ؟نىمە ئۈچۈن......!!!!!!!  قاتتىق ۋاقىردى..

مۇرات 1982يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم بىر ناھىيسىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى.ئەقلىنى بىلسە دادىسى ناۋايلىق دۇكان ئاچىدىكەن . بازىرى شۇنداق ياخشى بولۇپ شۇ ناھىيدىكى ناۋايلارنىڭ ئالدى دىيىشكە بولاتتى . ئاپىسى بولسا بارلىق ئاپىلارغا ئوخشاش ئىنتايىن مىھرىبان ، كۆڭلى يۇمشاق ئائىلە ئايالى بولۇپ  360 كۈن دۇكاندا بولاتتى . مۇراتنىڭ دادىسى مەمەت ئاخۇن بولسا ئاچچىغى يامان تەرسا ئادەم ئىدى.مۇرات دادىسىدىن بەكلا  قورقاتتى.دادىسى تۇرسۇن ئاخۇن مۇراتنى ناھايتى چىڭ باشقۇراتتى .ھەم ئاتا كەسپى بولغان ناۋايلىق ھۈنىرىنى ئۆگۈتۈش ئۈچۈن تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنلا مەكتەپتىن چىقىرۋالدى . لىكىن مۇرات ناۋايلىق كەسپكە قارىتا ھىچقانداق قىززىقمىغاچقا دادىسىدىن كۈندە دىگۈدەك تىل-دەشنەم ئىشتەتتى،  ھەم ئانچە- مۇنچە تاياقمۇ يەيتى. مۇراتنىڭ بىردىن بىر ئارزۇسى سودىگەر بولۇش ئىدى.بىركۈنى مۇرات دادىسىغا :  دادا ،  مەن بۇ ناۋايلىق كەسپىگە قىززىقمايمەن مىنىڭ سودىگەر بولغۇم بار ، تىجارەتچى بولغۇم بار ، مىنى بۇ كەسىپكە زورلىمىسىڭىز ھىلىمۇ دۇكاندا بەش -ئالتە يىل تۇرۇپمۇ بۇ ھۈنەرنى ئۆگۈنەلمىدىم ھەم ئۆگەنگىممۇ يوق دېدى. دادىسى تۇرسۇن ئاخۇننىڭ چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتتى مىنىڭ ئاتاممۇ مۇشۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يىگەن مەن مۇ مۇشۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يەۋاتىمەن بۇ دىگەن ئاتا كەسىپ ئۆگەنسەڭمۇ ئۆگۈنىسەن .ئۆگەنمىسەڭمۇ ئۆگىنىسەن . بۇ كەسىپ سىنى مىنى پۈتۈن ئۆينى بېقىۋاتىدۇ.بىر ئوبدان كەسىپنى ئۆگەنمەي نىمە ئۈگەنمەكچىدىڭ !!!

[align=justify]گەپ سۆزلەر ئاۋۇپ كەتتى ، مۇرات ئاتىسىغا شۇنچە چۈشەندۇرۇپمۇ قايىل قىلالمىدى.ئاخىرى ئۆزىنى ئەڭ چۈشۈنىدىغان ،  نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرىدىغان مىھرىبان ئاپىسىغا يالۋۇردى .ئاپا منىڭ بۇ ھۈنەرنى ئۈگەنگۈم يوق ، مىنىڭ تىجارەت قىلغۇم بار دادامنى سىز قايىل قىلىڭ ئاپا ، مەن زادىلا بۇ كەسىپنى قىلمايمەن مەن ھۈنەرۋەن بولمايمەن ھۈنەر ئۈگەنگىم يوق دىدى.بىچارە ئاپا ئېرىدىن شۇنچىلىك قورۇقسىمۇ كىچىكىدىن نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرىپ ئاتام كۆرگەن ئانام كۆرگەن بالام دەپ مۇشۇ ئوغلى ئۈچۈن ئوت دىڭىزىغا كىرىشكە رازى ئاپا،  ئامراق ئوغلىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ئېرىنى قايىل قىلىشقا ماقۇل بولدى. شۇ كىچىسى مۇرات سودىگەر بولۇپ چۈش كۆردى . چۈشىدە نۇرغۇن پۇل تاپتى، يۈز تاپتى، شەھەر ئاتلاپ سودا قىلدى . نۇرغۇن جايلار غا قورۇ-جاي سالدى.شۇنچە تاتلىق چۈشنى دادىسىنىڭ ۋاقىراپ ئاپىسىنى تىللىشى بۇزىۋەتتى . سەن بالىنى كىچىكىدىن يامان ئۆگۈتۈپ قويدۇڭ  . ھە دىسلا چاپان ياپىسەن ،  يامان ئىشلىرىنى مەندىن يۇشۇرىسەن . مۇراتمۇ مىنىڭ بالامغۇ مەنمۇ ئۇنىڭغا ياخشى بولسۇن دەيمەن.كونىلارنىڭ پادىشاھلىقتىن يىقىلساڭ ناۋاي بول دىگەن گىپى بار... بىزنىڭ ئەۋلاتلاردىن ئەزەلدىن سودىگەر بولغانلار يوق ھەم چىقمىغان..!!!سىنىڭ مۇرات ئۈچۈن يىگەن تايقىڭمۇ ئاز ئەمەس ئىشەك تۇرقىدا بىرقىتىم پۇتى سىپىلغان كۆۋرۈككە ئىككىنججى قىتىم پۇتىنى سالمايدۇ.سەن ئىشىەكچىلىكمۇ بولالمىدىڭ سېنىڭ يەنە تاياق يىگۈڭ كىلىپ قاپتۇ . مانا ئەمىسە ؛  دەپلا ،  بىچارە مەزلۇمنى ئۇرۇپ چۇشۇپ كەتتى.توغرا مۇراتنىڭ ئاپىسى خەدىچەگە نىسبەتەن مۇرات ئۈچۈن تاياق يىيىش تۇنجى قىتىملىق ئەمەس.ئوغلى ئۈچۈن تالاي قىتىم تاياق يىگەن ،  تىل-دەشنام ئىشتكەن . دۇنيادىكى بارلىق ئاپىلار بالىسى ئۈچۈن تاياق يىيىش ئەمەس ئوت دىڭىزىغا كىرىشكە رازى. بىز بالىلارچۇ چوڭ بولۇپ ئۆيلۈك -ئوچاقلىق بولغاندا ئاتا-ئنىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىپ بارىمىز . ئۆي، ئائىلەم ،  يولدۇشۇم ، ئايالىم  دەپ بىرچاغلاردا بىز ئۈچۈن دەرت تارتقان بىز ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى قۇربان قىلغان ، بىز ئۈچۈن ئالا-كىملەرنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ سارغايغان شۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىمىز . دەۋىر چاقى ئايلىنىپ نۆۋەت بىزگىمۇ كىلىدۇ .بىزنىمۇ ئوغۇل قىزلىرىمىز ئۇنتۇپ كېتىدۇ . مانا بۇ ئۆتنە جاھان ، ئۆتنىگە لاپقۇت دىگەن شۇ.
< مەن كۈيەرمەن بالامغا بالام كۈيەر بالىسىغا > بۇسۆزلەرنى كىم دىگەن بولغىيتى..........ھەي دۇنيا...

[align=justify]
بۇخەدىچە تۇرسۇن ئاخۇندىن شۇنچىۋالا تاياقنى يەپ نۇرغۇن تىللارنى ئىشتىپ ئاخىرى مۇراتنىڭ تىجارات قىلىشىغا قايىل قىلدى.
مۇرات تىجارەتتىنى ئاۋال كىچىك ئىشلاردىن باشلىدى5-6ئايدەك كىچىك بىر ھارۋىدا ئۇششاق چەرچىن مال ساتتى . ئادەتتە ئۇ ناھىينىڭ ھەركۈنلىكى قىززىيدىغان يىزا-بازارلىرىغا چىقاتتى. ئۇندىن كىيىن بولسا قولىدىكى دەسمىنى غولدىتىپ يىزا-بازارلارغا ماس كەلگۈدەك بەتىنكە ، توشەي ،  بازىرى ئىتتىك لاتا خەيدىگەندەك نەرسىلەرنى ساتتى. تۇرمۇش بىرخىل رىتىمدا داۋام قىلماقتا . كۈنلەر ئۆتمەكتە.

مۇرات ئىلگىرى تولۇقسىز ئوتتۇرنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا ،  ئۆزىدىن بىر سىنىپ تۆۋەن ئوقۇيدىغان ئارزىگۈل ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ئۇلار دەسلەپتە بىر-بىرى بىلەن مەكتەپداش بولغانلىقى ئۈچۈن سالاملىشىپ ئۆتكەن بولسا ، مەكتەپتىن چىكىنگەندىن كىيىنمۇ ھەپتىلەپ بىربىرىنى ئىزدىشىپ ئەھۋاللىشىپ يۈردى.كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۇلار بىر-بىرىنى بىركۈن كۆرمىسە چىداشمايدىغان ھالەتكە يەتتى.
مەن ئارزىگۈلنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن دېدى..مۇرات يېقىن دوستى ئەلىگە :  نىمىشقۇدۇر ئۇنى كۆرسەملا تىلىم گەپكە كەلمەيدىغان ئويلىغان سۆزلىرىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىغان بولۇپ قالدىم ئېيتە ئاداش  ، مۇھاببەت دىگەن مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ؟ دەپ سوردى ئەلىدىن.
ھاھ..ھاھ.....قاتتىق كۈلىۋەتتى ئەلى. سەن تۈگەپسەن ئاداش،  سەن راستىنلا ئازۇگۈلنى ياخشى كۆرۈپ قاپسەن. ئىشىڭ چاتاق ئەڭ ياخشىسى مۇھاببەت دىگەن نەرسىدىن يىراق تۇرساڭ بولاتتى.خەيىر..ئىش بۇدەرىجىگە يەتكەن بولسا ئارزىگۇل بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىپ باققىن .كۆڭلىڭدىكى ھەممە سۆزلىرىڭنى راسچىللىق بىلەن ئىيىت ، ئەگەر مۇھاببەتكە قىززىقىپ قالغان بولساڭ بۇ ئىشىڭدىن يان. مۇھاببەت دىگەن قىززىقىش ئەمەس.مۇھاببەت دىگەن بوران-چاپقۇنلاردا ، ئازاپ-ئوقۇبەتلەردە ، ئىغىر كۇنلەردە قول تۇتۇشۇپ ماڭالىغانلارنى ھەقىقى مۇھاببەتلەشتى دەيمىز.مانا بۇنى مۇھاببەت.مانا بۇنى ئەقىدە دەيمىز .مۇرات قىززىرىپ كەتتى ،  چۈنكى بۇ ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگىنى تۇنجى مۇھاببىتى ئىدى .يۈرىكىنىڭ چۇڭقۇر يەرلىرىدىن ئاۋاز كەلدى .مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن..مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن...

مۇرات ئەتىسى ئەتتىگەندە ئارزىگۈلغا تېلفۇن قىلىپ دەيدىغان مۇھىم گىپى بارلىقىنى جىددى كۆرشىدىغانلىقىنى چۈش سائەت 12دە خەلىق باغچىسىنىڭ ئالدىدا كۆرشىشنى ئىيتتى ۋە ئارزىگۇلنىڭ جاۋابىنى كۈتمەستىن تېلفۇننى قويىۋەتتى.چۈنكى مۇرات بەكلا ھاياجانلانغان ئىدى .يۈرىكى دۈپۈلدەپ سۇقۇۋاتاتتى. مۇرات سائەت11.30دە كۆرشىدىغان جايغا كىلىپ بول دە ئارزىگۈلغا دەيدىغان يۈرەك سۈزلىرىنى يادلاشقا باشلىدى..ئارزىگۇل مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن .سىز مىنى ياخشى كۆرۈڭ ياكى ياخشى كۆرمەڭ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.قاچاندىن باشلاپ سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن.نىمە ئىشتۇر ئۇخلىسام چۈشۈمگە كىرىپ مىنى قىينايسىز . بىرەر ئىشقا مەشخۇل بولساممۇ خىيالىمدىن كەتمەيسىز.قىلىۋاتقان ئىشىمدىمۇ ئىزىپ كىتىمەن.مىنىڭ سىزبىلەن يۈرۇپ قالغۇم مەڭگۇبىللە ئۆتكۇم بار.مىنى قۇبۇل قىلاسىزمۇ ؟مەن بىلەن بىرگە ئۆتۈشكە قۇشۇلاسىزمۇ؟سىز ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش قىلىشقا مەن رازى .بۇندىن كىيىن ھەربىر تىنىقىمنى سىز ئۈچۈن تىنىمەن.
پەقەت سىزئۈچۈن ياشايمەن....
بۇ سىزنىڭ يۈرەك سۆزىڭىزمۇ؟ بۇگەپلەرنى راست دەۋاتامسىز ياكى.... مۇرات چۆچۈپ كەينىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى.كەينىدە ئارزىگۇل كۇلۇمسىرەپ تۇراتتى.مەن..مەن..مۇرات كىكەچلەپ كەتتى.سىز..سىز..قاچان كەلگەنتىڭىز؟.مەن كەلگىلى خىلى ئۇزۇن بولدى .ھەممە سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلىدىم.ئارزىگۇلمۇ قىززىرىپ كەتتى.ماڭا مۇشۇ گەپلەرنى دىگىلى چاقىرغانمىدىڭىز؟ شۇ..شۇنداق.مەن سىزنى كۆرسەم دەيدىغان گىپىمنى دىيەلمەيدىكىنمەن.شۇڭا سىز كەلگۈچە بىردەم ياد ... يادلاپ شۇ....مەن....مۇرات يەنىلام گەپ قىلالمىدى.ئارنى جىمجىتلىق باستى.
مەن سىزگە ئەتە تىلفۇن قىلاي باشقا گەپلەرنى تىلفۇندا دىيشەيلى.ئاردىكى جىمجىتلىقنى يەنىلام ئارزىگۈل بۇزدى....
ماقۇل سىزنىڭ خوش-خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن . مۇرات ئاران مۇشۇ گەپلەرنى دىيەلىدى.
ئۇنداق بولسا ئەتە كۆرشەيلى .ئارزىگۇل شۇنداق دەپلا كېتىپ قالدى.
ھەي دۆت، نىمىشقا كەينىڭگە قاراپ باقمىدىڭ .مانا ئەمدى ئوبدان بولدىمۇ؟ ئەگەر ئارزىگۇل قوشۇلمىسا ، ئارىمىزدىكى نەچچە يىللىق دوستلۇقمۇ تۈگەيدۇ .تويە مانا..مۇرات ئۆز-ئۆزىگە كايىۋاتاتتى.
كەچ كىردى مۇرات ھەرخىل خىيال بىلەن ئۆيگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەيلا قالدى.تاماقمۇ يىمەي ياتاق ئۆيگە كىرۋىلىپ كارۋاتقا ئۆزنى تاشلاپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدى.ئارزىگۈل ئەتە نىمە دەپ جاۋاپ بىرە..؟ ئەگەر ماقۇل دىسە دۇنيادا مەندىن بەخىتلىك ئادەم يوق.ئەگەر ياق دىسىچۇ..؟ مۇرات تۈگمەس خىياللار بىلەن قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى بىلمەيلا قالدى.
مۇرات تۇرە بالام ناماز ۋاقتى بولدى.نامىزىڭنى ئوقۇپ دۇكانغا چىققىن.مۇراتنى ئاپىسى ئۇيغاتتى.مانا ھازىر .مۇرات ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئىلىپ نامىزىنى ئوقۇپ دۇئاسىدا ئازىگۇلنىڭ خوشخەۋەر بىرىشىنى ئاللاھتىن تىلىدى.
مۇرات دۇكاندا دادىسىغا قارشىپ بىرىۋاتقان بولسىمۇ خىيالى يەنىلام ئارزىگۇلدا ئىدى.قىلدىغان ئىشىنى تاپالماي دادىسىدىن نەچچە قىتىم گەپمۇ ئاڭلىدى.
دۇكاندىكى ئىشلار تۈگىدى.مۇراتمۇ ئىشتىن چۈشۈپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ سائەتكە قاراپ پىشىن ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ .پىشىن ئوقۇۋالاي دەپ تاھارەت ئىلىپ نامازنى ئوقۇپ بولىشىغا تېلفۇن سايراپ كەتتى.مۇرات تىلفۇننى ئىتتىك قولغا ئالدى.ئارزىگۇل..ئىختىيارسىز توۋلىۋەتتى مۇرات ھىلىمۇ تەلىيىگە ئەتراپىدا ھىچكىم يوقكەن بولمىسا....
يۈرەكلەر دۈپۇلدەشكە قوللار تىترەشكە باشلىدى.ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم....دىدى مۇرات تىلفۇننى ئىلىپ ؟ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام..تىلفۇندا يىقىملىق تۇنۇش ئارزىگۇلنىڭ ئاۋازى..قانداق ئەھۋالىڭىز مۇرات؟ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
ھە..مەن..ناھايتى ياخشى ئاللاھقا شۈكىرى.سىزچۇ دەپ؟ سوردى مۇرات.
مەنمۇ ياخشى.ئارزىگۇلمۇ جاۋاپ بەردى.لېكىن نىمىشقۇدۇر ئاۋازى تىترەپ چىقىۋاتاتتى.يىنىڭىزدا كىم بار ؟دەپ سوردى ئارزىگۈل.
ھىچكىم يوق خاتىرجەم سۆزلەۋىرىڭ . دېدى مۇرات.
مەن شۇ..ئارزىگۇلمۇ دۇدۇقلاپ قالدى.مەنمۇ سىزنى ياخشى كۇرمەن مۇرات.سېزنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن.بۇ ياخشى كۈرۈشنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.
مۇرات ھاياجانلىنىپ كەتتى.ئىچ-ئىچىدىن ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئىيتتى.رەھمەت ساڭا ئىگەم تىلىگەن تىلىگىمنى يەردە قويمۇدۇڭ.سەندىن خوش-خەۋەر تىلىگەن ئىدىم تىلىگىم ئىجابەت بولدى.رەھمەت ساڭا ئاللاھ ئىگەم.
مۇرات.....!!! نىمەدەپ پىچىرلاۋاتىسىز؟ ئارزىگۇل مۇراتنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى.
ھە..مەن ئاللاھقا رەھمەت ئىيتىۋاتىمەن.ئاللاھقا شۈكرى ئىيتىۋاتىمەن. شۇنداق دىدى مۇرات ھاياجان ئىلكىدى.
مانا شۇنداق قىلىپ مۇرات بىلەن ئارزىگۇلنىڭ مۇھاببىتى شىرىن ئارزۇلىرى باشلاندى.
مىنى تاشلىۋىتىشكە باشقا قىزلارغا ئوغۇرلۇقچە قاراشقا روخسەت يوق جۇمۇ....ئارزىگۇل مۇرات بىلەن دائىم كۆرشىدىغان كۆل بويدا گەپ ئارلىقىدا ئەركىلەپ تۇرۇپ شۇگەپلەرنى قىلدى.سىزنىڭ خوش- خەۋەر بىرىشىڭىزنى ئاللاھتىن تىلىگەنتىم دىگەن.ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىنى تاشلىۋەتسىڭىز سىزنىڭ ۋاپاسىز لىقىڭىزنى ئاللاھمۇ كەچۈرمەيدۇ.
خاتىرجەم بولۇڭ .بۇنداق ئىشلارنى خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۇرمەڭ. مەن سىزنىڭكى ، سېز مىنىڭكى . بۇئۆزگەرمەس ھەقىقەت....مۇرات ۋەدە بەردى.
مەن سىزدىن ئايرىلىپ بىركۈنمۇ ياشىيالمايمەن.ئەگەر مىنى تاشلىۋەتسىڭىز سىزگەئۆلۈپ بىرىمەن جۇمۇ..دىدى ئارزىگۇل قەتتى قىلىپ.
ئەگەر سىزمىنى تاشلىۋەتسىڭىزچۇ؟دەپ ياندۇرۇپ سوردى مۇرات. بۇ مۇمكىن ئەمەس ھەم مۇمكىن بولمايدۇ. مەن سىزنىڭكى بىر ئۆمۇر سىزنىڭكى ئۇئالەمدىمۇ سىزنىڭكى دىدى ئارزىگۇل.مۇرات چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە ئارزىگۇلنى باغرىغا چىڭ باستى<سىز مىنىڭكى-مەن سىزنىڭكى>
مانا ھەش-پەش دىگۈچە ئۈچ يىلمۇ ئۆتتى.مۇرات بىلەن ئارزىگۇلنىڭ يۇرۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى.ئىككىسىنىڭ ئىشىنى پۈتكۈل مەھەلە كويلار بىلىپ كەتتى،مۇراتنىڭ ئۆيدىكىلەر.ئارزىگۇلنىڭ پۈتۈن ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلىپ بولدى.
يىشىڭمۇ بىر يەرگە بىرىپ قالدى ئۇغلۇم مەن ۋاقىت تىپىپ ئارزىگۇلنىڭ ئۆيىىگە بىرىپ كەلسەم بولاتتى دىدى بىركۈنى خەدىچە مۇراتقا.
شۇڭا سەن ئازىگۇلغا دەپ باقساڭ قايسى كۈنى بارسام مۇۋاپىق بولاركىن؟
ماقۇل ئانا مەن سوراپ باقاي دىدى مۇرات قىززىرىپ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟خەدىچە ئارزىگۇلنىڭ ئۆيىگەكىردى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قىنى يۇقرى ئۆتسە دىدى..ئارزىگۇلنىڭ ئاپىسى خەدىچەنى يۇقىرغا باشلاپ.
بۇيەردە بولۇنغان گەپ سۆزلەر ماڭا نامەلۇم پەقەت مۇراتتىن ئاڭلىسام ئارزىگۇلنىڭ ئاپىسى ئويلىنىپ بىقىپ جاۋابىنى بىرەي دەپ ئەلچىلەرنى يولغا ساپتۇ.
ئىككىنجى قىتىم بارغاندا بولسا ئارزىگۇلنىڭ ئاپىسى ،  قارىسلا  خەدىچە ،  مىنىڭغۇ قىزىمنى سىلەردەك ياخشى دىيانەتلىك ئائىلىگە كىلىن قىلغۇم بارئىدى ، بىراق مىنىڭ خەۋىرىم يوق بالىلارنىڭ دادىسى تۈركىيەدىكى بىر تۇققىنىمىزغا ماقۇل دەپ قويۇپتىكەن.شۇڭا مەنمۇ ياق دىيەلمىدىم.ئەيىپكە بۇيرىمىسا دەپتۇ . مۇرات ئاپىسىنى ئىككى-ئۈچ قىتىم ئەۋەتسىمۇ ئوخشاش جاۋاپنى بىرىپتۇ.
ئۇغلۇم دىدى خەدىچە.سەن شۇقىزدىن باشقا ھەرقانداق بىرسىنىڭ قىزىنى ئالىمەن دىسەڭ مەن ئىلىپ بىرەي.ئەمدى شۇ قىزنى ئۇنتۇپ كەت ئارزىگۇلدىن باشقا ھەرقانداق قىز بولسا پۇتكۇل بىساتىمنى سېتىپ بولسىم تويڭنى قىلىپ قويىمەن .گىپىمگە كىر ئوغلۇم.
ياق ئاپا مەن توي قىلسام ئارزىگۇل بىلەن قىلىمەن.ئارزىگۇلدىن باشقا ھىچكىم بىلەن توي قىلىمايمەن .شۇنى ئالغىنىم ئالغان. ئاپا مىنى توسما.!!!مۇرات ۋاقىراپ كەتتى .نىمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟ مەن ئارزىگۇل بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي.دەپ ئۆيدىن چىقىپ كىتتى.
دادام مەن قىزىمنى بىر ناۋاينىڭ بالىسىغا بەرمەيمەن .قىزىم جاپا تارتىپ قالىدۇ.بىزنىڭ چەت ئەلدە تۇققانلىرىمىزبار شۇلارنىڭ بىرەسىنىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلىمىز. بىزنىڭ ئۆيدە ماشىنا دەمسەن، موتۇسىكىلىت دەمسەن، ھەممە نەرسەبار .بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىرتال ئەسكى ۋىلىسپىتمۇ يوق تۇرسا . مەن چەت ئەلدىكى ئۇرۇق -تۇققانلاغا نىمە دەيمەن قىزىمنى بىر نامرات ناۋايغا بەردىم دەمدىمەن. ئۇلار كىم؟ بىزكىم؟
ھەممە نەرسە ئۆزخىلى بىلەن بۇندىن كىيىن بۇ ناۋاي تۇغۇرلۇق گەپ بولمىسۇن.قىزىڭغىمۇ ئىيىت ؛  بۇندىن كىيىن ئۇ بالا بىلەن كۇرۇشمىسۇن.ئەگەريەنە كۈرۈشكىنىنى بىلىپ قالسام تاياقنى سەن يەيسەن .مەن مەڭگۈ بىر نامرات ناۋاي بىلەن قۇدا بولمايمەن .!!!دەيدۇ. ئارزىگۇل يىغلاپ تۇرۇش شۇ سۇزلەرنى ئىيتى.
لىكىن خاتىرجەم بولۇڭ مەن ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىمەن.مىنىڭ خۇش-خەۋىرىمنى كۈتۈڭ دىدى .ئارزىگۇل.
ماقۇل .لىكىن ئۇنتۇپ قالماڭ مىنىڭ سىز دىن ئايرىلىپ ياشىغىنىمنىڭ ئەھمىيتى يوق.دىدى مۇرات قەتتى قىلىپ
مەنمۇ شۇ.دىدى ئارزىگۇل.مەن ئۆيگە كىرىپ كىتەي مەن مۇشۇ گەپلەرنى دىيىش ئۈچۈن ئاپامدىن يىرىم سائەت روخسەت سورغان دادام كىلىپ قالسا ئىش چاتاق مىنىڭ خۇش خەۋىرىمنى كۈتۈڭ.ئارزىگۇل كىرىپ كەتتى.مۇرات يالغۇز قالدى. <مەن قىزىمنى ناۋاينىڭ بالىسىغا بەرمەيمەن >.مۇراتنىڭ قۇلاق تۈۋىدە بۇسۆزجاراڭلايتتى.
مانامۇرات شۇ كۈندىن باشلاپ ناۋايلىق دىگەن كەسىپكە ئۆچ بولدى.بۇكەسىپتىن رايى قايتتى.مىڭ بىر جاپادا دادىسىنى قايىل قىلىپ سودىگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن بەل باغلىدى.

بازىرىڭ قانداقىراق ئاداش؟ دىدى.مۇراتنى ئىزدەپ چىققان ئاغىنىسى ئەلى . يامان ئەمەس خۇداغا شۈكرى دىدى مۇرات ئاغىنىسى بىلەن قول ئىلىپ كۆرشۇپ.
ئاداش ئارزىگۇل بىلەن قانداغراق ئۆتىۋاتىسەن؟ئايرىلىپ كەتمىگەنسەن؟ دەپ سوردى ئەلى.ياق ئاداش ئايرىلىپ كەتمىدۇق .شۇ ئايدا بىرە-ئىككى قىتىم كۆرشۇپ تۇرۋاتىمەن.توي ئىشىمىزغا ئۆيدىكىلەر قوشۇلمىدى.دەپ قىسقا جاۋاپ بەردى مۇرات.
ھە ئەسلى مۇنداق ئىشكەندە ، كۇڭلىڭگە كەلمىسۇن ئاداش ئارزىگۇل سەل يولدىن چىقىپ كىتىپ بارىدۇ.ئوبدانراق كۆزقۇلاق بولارسەن.دىدى ئەلى.
ئاداش گەپ بولسا ئوچۇق دىگىن ئاداش ئادەمنى ئەنسىرەتمەي.مۇرات سەل جددىيلىشىپ قالغانتى.
قارا ئاداش دىدى ئەلى.مەن ئارزىگۇلنى بىر-ئىككى قىتىم بىر بالا بىلەن تانسا خانىدا كۆرۇپ قالدىم.سۈرۈشتە قىلسام ئۇبالا سەن مال ئالىدىغان توپ مال دۇكىنىنىڭ يىنىدىكى دۇكاندا پۇتكۇل ناھىيە بازىرىدىكى ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە توپ پايپاق تارقىتارمىش.
سەنمۇ سۈرۈشتۇرۇپ باققىن ئاداش.دىدى ئەلى.
ئاغزىڭنى يۇم !!!!!دەپ ۋاقىردى مۇرات دوستى ئەلىگە.ئارزىگۇل ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ.سەن خاتا كۇرۇپ قاپسەن.سەن مىنى ئالداۋاتىسەن!!!
مەن قايتاي ئاداش دىدى ئەلى. ئوبدانراق سۈرۈشتە قىلغىن. ئەلى كىرىپ كەتتى.مۇراتنىڭ دۇكان ئاچقۇسى كەلمىدى.يۈرەكلىرى ئىچىشتى.مۇمكىن ئەمەس!!!!ئارزىگۇل بۇنداق قىلمايدۇ .ئۇماڭا ۋەدە بەرگن.بۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئۇدۇكىنىنى تىزلا تاقاپ ئەلى گىپىنى قىلغان ھىلىقى توپ مال دۇكىنىغا كىردى.كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلام قالدى.ئارزىگۇل دۇكاندا بىرسى بىلەن خۇشال چاقچاقلىشىپ تۇراتتى.ئارزىگۇل..!!!!!مۇرات قاتتىق توۋلىدى.ئارزىگۇل كەينىگە قاراپ ئاچچىغدىن تىشىلەيلا دەپ قالغان مۇراتنى كۆردى.مۇرات... سىز بۇگۇن دۇكان ئاچمىدىڭىزمۇ؟ئارزىگۇل قۇرقۇمسىراپ سوردى.چۈنكى مۇراتنىڭ بۇنداق ئاچچىغىدا تۇرغىنىنى تۇنجى قىتىم كۆرىشى ئىدى.
ياق..بۇياققا چىقىڭ ..مۇرات يەنە توۋلىدى.
بۇكىم؟بۇيەردە نىمە ئىش قىلىسىز؟دەپ سوردى مۇرات
بۇمىنىڭ دوستۇم شۇ ..شۇ...پايپاق ئالغىلى كىرگەنتىم.ئارزىگۇل دۇدۇقلاپ جاۋاپ بەردى.
ياخشىغۇ . بۇغۇ پايپاق ساتىدىغان دۇكانكەن.پايپاق ئالغىلى كىرىپسىز. ئەجىبا بۇ پايپاقچى پايپاقلىرىنى تانساخانىغىمۇ ئەكرىپ ساتامدىكەن؟.سىز شۇيەرگىمۇ پايپاق ئالغىلى كىرگەنمۇ؟ مۇرات ئاچچىقتىن يىرىلغۇدەك بولغانتى.
مەن...شۇ....كىرىپ كۆرۈپ باقاي دەپ كىرگەنتىم.ئارزىگۇل راستىنلام قورۇققانتى.
مۇشۇ پايپاقچى بىلەنما؟ بىرقىتىم كىرىپ بىقىپ تويماي.ئىككىنجى .ئۈچۈنجى قىتىممۇ كۆرگىلى كىرگەنمۇ؟ھەرقىىتىم مۇشۇ پايپاقچى بىلەنما؟بۇزادىكىم؟ سىنىڭ نىمەڭ ؟مەنچۇ؟ مۇرات سوراقنى داۋاملۇشتۇرۋاتاتتى.
مەن...بۇ...ئارزىگۇل گەپ قىلالمىدى.
مۇرات كەينىگەئۆرۈلۇپلام ئۇپايپاقچىدىن سوردى.
سەن بۇقىزنىڭ نىمىسى؟
مەن ما؟ 

[align=justify]خىڭ...دىمىقىنى قاقتى .مەن بۇقىزنىڭ ئوغۇل دوستى.
مۇراتنىڭ كۆزىدىن چاقماق چىقىلدى.
ئارزىگۇل بۇنىمە ئىش؟دەپ سورىدى مۇرات
مەن...مەن..سىزگە چۈشەندۈرەي.
چاڭ..قىلىپ تەككەن تەستەكتىن ئارزىگۇل كەينىگە ئۇچۇپ كەتتى.
ماڭ بۇياققا..سەن بىلەن تۈززىكچە پاراڭلىشاي.مۇرات شۇنداق دەپ ئارزىگۇلنى سۆرەپ دىگۈدەك ئىلىپ ماڭدى.
مۇرات ئارزىگۇلنى سۆرەپ دىگۈدەك دايىم ئۇچىرشىدىغان كۆلبويىغا ئىلىپ كەلدى.
مەن بىلەن مۇشۇنداق بىرگە ئۆتەمتىڭ؟مۇرات سۆزلەۋاتاتتى.تىخى ئۇدۇنيادىمۇ بىرگە ئۆتمەكچى؟قىنى ماڭا بەرگەن ۋەدە قەسەملار؟مىنى تاشلىۋەتمە دەپ مەندىن قەسىم ئىلىۋاتاتتىڭ ئەمدى ئۆزۈڭچۇ؟ سەن ئۆيۈڭدىكىلەرنى مۇشۇنداق قايىل قىلماقچىمۇ؟
چاڭ....يەنە بىر تەستەك تەگدى.
سۈزلىمەمسەن؟گەپقىل ؟
ماقۇل ئىش بۇيەرگە يەتكەندە سەنمۇ ئارماندا قالما.ئارزىگۇلمۇ مۇراتنى سەنلەپ چۈشتى.ئاڭلاپ تۇر مىنىڭ ئۆيۈمدىكىلەر ئىككىمىزنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلمىدى.سەندەك بىر ناۋاينىڭ بالىسى بىلەن توي قىلسام مەنمۇ بەخىتلىك بولالمىغۇدەكمەن. دادام توغرا ئىيتىدۇ.ھەممە نەرسە ئۆزخلى بىلەن ئۆتكىنى ياخشى.سەن مەڭگۇ مىنى بەخىتلىك قىلالمايسەن. ئاپاممۇ سەن بىلەن توي قىلسام ماڭا بەرگەن ئاق سۈتىگە رازى بولمايدىكەن. مەن ئويلىنىش ئارقىلىق سەندىن ۋاز كىچىشنى قارار قىلدىم.چۈنكى بىزنىڭ ئىشىمىزنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ.سەنمۇ توختاپ قال.مەنمۇ ھازىر سىنى ياخشى كۆرمەيمەن.مىنى ئۇنتۇپ كەت.سەنمۇ ئۆزخىلىڭنى تاپ.سەن ھەقىقەتەن ياخشى يىگىت.سەندە ھەممە نەرسە تەل ھەممە ئىسىل خىسلەت سەندىن تىپىلىدۇ.لىكىن سەندە بىرلام نەرسە كەم ئۇ بولسىمۇ پۇل...توغرا سەن مىنىدەپ داداڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ ئاتا كەسپىڭنى قىلماي ئۆزئالدىڭغا دۇكان ئاچتىڭ بۇنى چۈشىنىمەن.لىكىن سەن بۇدۇكىنىڭ بىلەن پۇل تىپىپ مەڭگۇ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بىلەن تەڭلىشەلمەيسەن........
ئارزىگۇل سۆزلەۋاتاتتى.... بۇچۈشۈممۇ -ئوڭۇممۇ؟ بۇ مەن ياخشى كۆرگەن ئارزگۇل شۇمۇ؟ ئەججبا ئارزىگۇل راستىنلام ئۆزگەرگەنمىدۇ؟ مۇرات قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيلا قالدى.
ئاخىردا شۇنى دەپ قوياي مىنى بۇندىن كىيىن ئىزدىمە.ئاۋارە قىلما.دىدى ئارزىگۇل.
ماڭا دەيدىغان باشقا گىپىڭ بولمىسا مەن كەتتىم .دەپ مىڭىشقا تەمشەلدى ئارزىگۇل.
توختا..!!!مۇرات ۋاقىردى.ساڭا شۇنى ئىيتىپ قوياي بۇئۆتنە جاھان شۇنداق بىركۈن كىلىدۇ.كۈزۇڭدىن ياش ئەمەس قان ئاقىدۇ.قان....ئارزىگۈل پەرۋاسىز كىتىپ قالدى.
مۇرات ئىغىر ئازاپ ئىچىدەئۆيگە كەلدى.بۇخەدىچە ئوغىلىنىڭ چىرايىدىكى بۇئۆزگىرىشنى كۆرۈپ بىر ئىش بولغىنىنى سەزدى.شۇڭلاشقىمۇ ئارتۇق گەپ سورمىدى.
ھە..مۇرات ئۆيدىمۇ؟ مۇراتنىڭ دادىسى سىرىتتىن كىرىپ كەلدى.
ئۆيدە...بۇخەدىچە جاۋاپ باردى.
ھەي..مۇرات..ھەي..مۇرات..بۇ يەرگە چىق.
مۇرات ئىغىر پۇتلىرىنى سۆرەپ دادىسىنىڭ ئالدىغا چىقتى.
ئەتە دۇكاندىكى ماللىرىڭنى ئۆتكىزىۋىتىپ ئۆگۈنلىكتىن باشلاپ ناۋايخانىغا ياردەملەش.تاقىۋەت ئۇنداق دۇكاننى تاپقان پۇلۇڭنىڭ تايىنى يوق.بۇنداق دۇكاننى ئاچمىغان ياخشى .ماناماڭا ئوخشاش نان بىرىدىغان ئاتا كەسپىڭنى قىل. مۇراتنىڭ دادىسى شۇنداق دىدى ۋەدۇكانغا چىقىپ كەتتى.
مۇرات ئىپادىسىز تۇراتتى.ئۇنىڭ كاللىسىدا بىر خىل بالىلارچە خىيالنىڭ سايىسى ئەگىپ يۈرەتتى.كىتىشىم كىرەك.بۇيەردىن كىتىشىم كىرەك.مۇرات ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى.
ئەتىسى مۇرات دۇكىنىغا مىڭىشتىن بۇرۇن ئانىسىغا.ئاپا مەندىن رازى بول ماڭا دۇئا قىل.مەن بىرمەزگىل باشقا يۇرىتلارنى ئايلىنىپ كىلەي دىدى.
نىمىشقا ئوغلۇم ؟دەپ ئەنسىرەپ سوردى بۇخەدىچە.
مۇرات بولغان ئىشلارنى بىرمۇ-بىر ئاپىسىغا سۇزلەپ بەردى.شۇڭا بۇيەردىن بىرمەزگىل كىتىپ تۇراي ئاپا مىنى چۈشەنگىن.ماڭا دۇئاقىل.ئاق يول تىلە مۇرات يىغلامسىراپ شۇگەپلەرنى ئاران دىيەلىدى.سىنى جاپادا قويدىغان بولدۇم ئاپا.
بۇخەدىچە ئوغلۇغا ئۇزۇندىن -ئۇزۇن دۇئالارنى قىلىپ ئۇغلىنى يولغا سالدى. چۈنكى بىر ئاپا بولغۇچى ئۇچۇن بالىسىنىڭ بەختى بالىسىنىڭ ئارزۇسى ھەممە جاپالارنى بىسىپ چۈشىدۇ.
مۇرات كەتتى..ئاپىسىنىڭ دۇئاسىنى ئىلىپ كەتتى.ئاپىسىنىڭ يۇرىكىنىڭ بىر پارچىسىنى ئىلىپ كەتتى.

[align=justify]
مۇرات بۇ يات شەھەرگە كىلىپلام ياخشىراق ئىش ئىزدەپ قىلماقچى بولدى.
كەچۈرۈڭ ئادەم تولۇق. قۇرلۇش ئورنىدىكى بىر ئادەم شۇنداق دىدى.
ئاشپەزلىك قىلالامسىز؟دەپ سوردى ئاشخانا خوجايىنى
ياق.مەن شۇ قاچا يۇيۇپ بەرسەممۇ مەيلىتى؟ دىدى مۇرات
ئادەم تولۇق! ئاشخانا خوجايىنى.شۇنداق دىدى پەرۋاسىزلىق بىلەن
مۇرات كۆپ يەرلەرگە باردى ھىچكىم ئۇنى ئىشقا قوبۇل قىلمىدى.ئۆينى سىغىندى.ئانىسىنى ئەسلىدى.كەچ كىردى ئۇ ئايلىنىپ بىركۆڭۇل ئىچىش ئۇرنىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدى. ئۇيەرنىڭ تىمىغا مۇلازىمەتچى قوبۇل قىلىش ئىلانى تۇراتتى.
بۇيەرگىمۇ كىرىپ باقاي دەپ ئويلاپ ئىچىگە كىردى .
مەن بۇيەرگە مەسئۇل ئادەمنى ئىزدەيتتىم دەپ ئىشىكتىن كىرىپلام ئۇدۇلدا بىرنەچچە ئۆزىدىمەتلىك بالىلارغا ۋاقىراپ سۇزلەۋاتقان بىرئادەمنىڭ ئالدىغا باردى
.مەن شۇ نىمە ئىشىڭ بار؟ دەپ سوردى.ھىلىقى ئادەم.
مەن خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن. جاۋاپ بەردى مۇرات.
بۇيەرگە بىركۈتكۈچى لازىم.بۇرۇن قىلىپ باققانمۇ؟دەپ سورىدى ھىلىقى ئادەم.
ياق .بۇرۇن قىلىپ باقمىغان لىكىن قىلىپ كىتەلەيمەن.دەپ جاۋاپ بەردى مۇرات،
ياخشى.ئايلىق ئىش ھەققىڭ 400كوي ياتاق بار. تاماق يوق. ئۈچ كۇن سىناق ئىشلەيسەن .ئۇچ كۈنگۈچە ئۈگۈنەلمىسەڭ ئىش ھەققى بەرمەي ئىشتىن بوشتىمەن.قانداق قىلامسەن؟ دەپ سوردى.ھىلىقى ئادەم.
ماقۇل قىلاي دىدى مۇرات.شۇنىڭ بىلەن مۇرات بۇكۆڭۇل ئىچىش ئىشلەپ قالدى .سىناقتىمۇ ئۆتتى. كۇلۇبىدا ئىشلىگىلىمۇ بىر نەچچە ئاي بولدى.خوجايىنغىمۇ يىقىپ قالغاچقا ئۇنى خىلى ۋاي دەيدىغان بولدى.
تۇيۇقسى بىركۈنى ئۇنىڭغا تىلفۇن كەلدى.
ۋەي مۇراتمۇ؟ تۇنۇشلا ئاۋاز،
ھە..مەن..مەن مۇرات.
مەن ئارزىگۇل...مۇرات تۇرۇپلا قالدى..
نى....نىمە ئىش... مۇرات دۇدۇقلاپ قالدى.
سىز قەشقەردىمۇ؟ ئارزىگۇل سوردى
شۇنداق؟دىدى مۇرات ھەيران بولۇپ.
مەن ئاپام بىلەن قەشقەرگە كەلگەنتىم.ھازىر بىكەتنىڭ ئالدىدا .بىزقەشقەرنىڭ ھىچ يىرىنى ئۇقمايمىز.كىيىم ئالغىلى كەلگەن.ھەراس سىزگە دەيدىغان خوشخەۋەرمۇ بار مەن ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلدىم .ئالدىمىزغا كىلەمسىز دىدى.
مۇرات ئويلىنىپ ئولتۇرمايلام ماقۇل دىدى .خوجايىندىن روخسەت سوراپ بىكەتنىڭ ئالدىغا كەلدى.يۇرىكى ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى.نىمىشقىدۇر بىرخىل ئەنسىزلىك باردەكلا قىلاتتى.بىكەتنىڭ ئالدىدا ئارزىگۇل بىلەن ئاپىسى تۇراتتى.ئۇلار قىسغىلام سالاملاشقاندىن كىيىن ئۇلارنى باشلاپ قەشقەرنىڭ ئاۋات بازارلىرىدىن بىرى بولغان يىڭى بازارغا كەلدى.ئۇلار ئالماقچى بولغان كىيىمنى ئالدى .نىمىشقىكىن ئارزىگۇل كۆزلىرىنى مۇراتتىن قاچۇراتتى.كىيىممۇ ئىلىنىپ بولدى.ئۇلار بۇيەردىن 4000كوي ئەتراپىدا كىيىم ئالدى.كىيىملەرنىڭ ھەممىسى ئارزىگۇل ئۈچۈن ئىلىنغانتى.سودا ئاخىرلاشتى .ئۇلارمۇ ناھىيگە قاراپ يولغا چىقتى.يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئارزىگۇل مۇراتقا رەھمەت سىزگە مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ .سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم دەپ خۇددى يات ئادەملەرگە ئوخشاش تەكەللۇپ قىلىپ قايتتى.ئارزىگۇلنىڭ يىنىدا ئاپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن مۇرات ئارزىگۇل بىلەن پاراڭلىشىشقا پۇرسەت تاپالمىدى.ئارزىگۇل قايتىش ئالدىدا بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە تىلفۇن قىلىپ چۈشەندۇرۇپ قويىمەن دەپ كەتكەن ئىدى.ئىككى كۈن ئۆتتى ئارزىگۇلدىن تىلفۇن كەلمىدى.ئەتىسى كەچتە مۇراتنىڭ ئاپىسى تىلفۇن قىلدى.
ئوغلۇم ساڭا بىرگەپنى دىمەي دىگەنتىم بىراق كۆڭلۈم ئۇنمىدى.بۈگۇن ئارزىگۇلنىڭ ئۆيدىكىلەر توي باغىقى ئىلىپ كەپتۇ.ئەتە تويى بولىدىكەن دىدى.
مۇراتنىڭ قولىدىن تىلفۇن چۈشۈپ كەتتى.كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى.مىنىڭ ئەمدىلا ساقيىشقا باشلىغان يۈرۈگۈمنى نىمىشقا يەنە ياراقىلدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلدىم دەپ ئۆچەي دەۋاتقان يەنە ياندۇرىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئۆز سۆيگۈنىمىڭ باشقىلار بىلەن بولغان تويىغا مەن كىيىم تاللىشىپ بىرىمەن؟ نىمە ئۈچۈن مىنى قايتا- قايتا ئالدايدۇ؟ئۇنى ياخشى كۆرگىنىم گۇنامۇ؟ ئەي خۇدا مىنى نىمىشقا بۇنچىۋالا ئازاپقا دۇچار قىلىسەن؟
مۇرات ئۈنسىز يىغلىماقتا؟ خۇداغا نالە قىلماقتا.
مانا شۇئىشتىن كىيىن مۇرات ئۆزىنى پۇتۇنلەي تاشلىۋەتتى.ئەزەلدىن ھاراق- تاماكىنى كۆرسە 100مىتىر يەردىن قاچىدىغان بىرمۇسۇلمان يىگىت ھاراق-تاماكىغا بىشچىلاپ كىرىپ كەتتى.شۇئىشتىن كىيىن مۇرات 3كۈنگىچە ئاغزىغا بىرچىشلەم تائام سالماي ھاراقلام ئىچتى.ئۈچۈنجى كۈنىسى كەچتە قان ياندۇردى.دوختۇر خانىغىمۇ بىرىشقا ئۇنمىدى.ئەتىسى ئەتتىگەندە پۇت-قولىدا جان قالمىغان مۇرات كۆزىنى ئىچىپ بىرقىزنىڭ بىشىدا ئولتۇرغىنىنى كوردى.
بۇقىزنىڭ ئىسمى ئامىنە بولۇپ مۇرات كۆڭۈل ئچىش كۇلۇبىغا كىلىپ بىر نەچچە ئايدىن كىيىن تونۇشقان ئىدى.ئىككىسىنى ئوتتۇردا پەقەت دوسلۇقلا بارئىدى.لىكىن بۇقىز مۇراتنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلەتتى.شۇڭلاشقىمىقىن مۇراتقا ھىسداشلىق قىلاتتى.بۇھىسداشلىق بارا-بارا مۇھاببەتكە ئايلانغان بولسىمۇ مۇراتقا بىلدۇرمەي يۇرگەچكە مۇرات بۇئىشلارنى بىلمەي يۇرىۋەرگەنتى.ئاخشام ھاراقنى بولىشىغا ئىچىپ قان ياندۇاغاندا مۇراتنىڭ خىزمەتداشلىرى مۇراتنى گەپكە كىرگۈزەلمەي ئاخىىرى ئامىنەگە بولغان ئىشلارنى دەپ تىلفۇن قىلغاچقا ئامىنە مۇراتتىن ئەنسىرەپ كىچىچە كىرپىك قاقماي مۇراتقا قاراپ چىققان ئىدى.
ئامىنە مۇراتنى يۆلەپ ئۇنمىغىنىغا-ئۇنماي ئاشخانىغا ئىلىپ چېقىپ سۇيۇق-سەلەڭ بىر نەرسە ئەتكۈزۈپ ئىچۈردى.دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بىرنەچچە كۈن ياتقۇزۇپ داۋالاتتى.
لىكىن مۇراتقا نىسپەتەن مۇھاببەت دىگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس پەقەت يۈرۈكى مۇزلاپ كەتكەن بولغاچقا بۇتوغۇرلۇق ئىغىز ئىچىشقا ئامىنەمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.
ئەمدى ئامىنەگە كەلسەك ئامىنە مۇراتتىن بىر-نەچچە ياش چوڭ بولۇپ بۇرۇب بىرقىتىم توي قىلغان.كىيىن ئىرى بىلەن كىلىشەلمەي ئاجىرشىپ كەتكەن.دوستلىرى بىلەن بىردوستىنىڭ تۇغۇلغان كۇنىگە كىرگەندە مۇرات بىلەن تاسادىبى تۇنۇشۇپ قالغان.بىر بالىسى بار3ياشتا بولۇپ بەلكىم شۇ سەۋەپتىنمۇ مۇراتنى سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىيەلمىگەنتى.ھەم مۇراتنىڭ بارلىق ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئىدى .شۇ قىتىملىق ھاراق پاجىئەسىدىن كىيىن مۇراتقا تىخىمۇ كۈيۈندى . تىخىمۇ ھۆرمىتىنى قىلدى.نەگە بارسا ئوغۇرلىقچە شۇيەرگە باردى.ھەتتا ئاشخانىغا تاماققا بارسىمۇ مۇرات تاماق يەپ بولغىچە تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلەپ چىقىپ كىتەتى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل كەتكەچكە 10000مىڭ كوي قىممىتىدىكى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى سېتىپ بولدى .مۇراتمۇ بۇئىشلارنى كىيىنچە بىلىپ قىلىپ ئامىنەگە مەندە مۇھاببەت دىگەن نەرسە يوق مەن مۇھاببەتنى يەرگە دەپنە قىلىۋەتكەن.شۇڭا ئاۋارە بولماڭ. مەندە قىزلارنى ئالداش بار  قىزلارغا ئىشىنىش،  ئەقىدە قىلىش.يوق..دىگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلسىمۇ ئامىنە پەرۋاقىلمىدى.يەنىلا مۇراتنى قوغلاشتى.بارا-بار مۇراتتا ئامىنەگە نىسبەتەن بىرخىل ئىنتىلىش پەيدا بولدى.بىىر كۈنى ئامىنە مۇراتقا مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن بۇنى سىزمۇ بىلىسىز.بىزنىڭ ئۆيگە ئەلچىلەر كىلىشكە باشلىدى.مەنمۇ ئامالسىز قالدىم .مەن بىلەن توي قىلامسىز؟ دەپ سورىدى .مۇرات دەماللىققا بىرنەرسە دىيەلمەي مەن ئەتە يۇرتقا بارىمەن كەلگەندە بىرگەپ بولسۇن.دىدى.مۇرات ئەتىسى يۇرىتقا بىرىپ كەلگۈچە بولغان ئارلىقتا ئويلاندى.
مەن بىرسىنى نەچچە يىل ياخشى كۆرۈپ ئەقىدە قىلسام ۋاپا كەلمىدى. ئۆزۈمنى شۇنچىۋالا تاشلىۋەتتىم. بىراق بۇقىز مىنى دەپ ھەممە نەرسىدىن ۋاز كەچتى.پۈتكۈل مۇھاببىتىنى ماڭىلا ئاتىدى.مىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىدۇ مەن ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدۇ.
خەيىر..بۇرۇن توي قىلغان بولسا نىمە بوپتۇ ؟ بالىسى بولسا نىمە بوپتۇ؟ مەن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ تاشلىۋىتىلدىم.ئەگەر مەنمۇ بۇقىز بىلەن كارىم بولمىسا نىمە كۈنلەرنى كۆرە.؟ ماڭا ئوخشاش ئازاپلىنارمۇ؟ مىنىڭ ئارزىگۇلنى ئۇنتىشىمغا ياردەم قىلدى مەن چۇ؟ مەن ئۇنىڭغا ئازاپ ئىلىپ كەلسەم ۋىجدانىم قۇبۇل قىلارمۇ ؟ مەنغۇ بەخىتلىك بولالمىدىم،  مۇشۇ قىز بولسىمۇ بەخىتلىك بولسۇن دىگەنلەرنى ئويلىدى.

[align=justify]
ئاخىرى تويمۇ بولدى توي ناھايتى خوشال لېكىن ئاددى ساددا ئۆتكۈزۈلدى.تويدىن كىيىنكى بىرنەچچە يىل شۇنداق تىنچ ئۆتتى.لېكىن كىيىنكى كۈنلەردە ئامىنەمۇ ئۆزگەردى. ھە دىسىلا مۇراتقا يانىدىغان.ئالدىغا يۈگۈردىغان ، مۇرات ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى خەجلىگەن پۇللىرىنى پەش قىلىدىغان بولىۋالدى.
ھېكايىمىزنىڭ بىشىدىلا سۆزلىگەن ئىشلار مۇرات خوتۇن بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ قەشقەر ۋىلايىتىنى مارالبىشى ناھىيسىگە پاختا تىرىش ئۈچۈن كەتكەن دادىسى تۇرسۇن ئاخۇن ، ئانىسى بۇخەدىچەلەرنىڭ يېنىدا بولغان ئىشلار.



خاتىمە

مانا بۇمۇھاببەت ئىلىپ كەلگەن قىسمەت.مۇھاببەت ئىلىپ كەلگەن تۇرمۇش.
دوستىمىز مۇراتنى يەنە قانداق تەتۈر قىسمەتلار كۈتۈپ تۇرىدۇ بۇنى بىلگۈچى بىر ئاللاھقا ئايان . 


2011يىلى4-ئاينىڭ29- كۈنى قەشقەردە يىزىلدى
مەنبە ئۆز قەلىمىم<ھىچقاندا ئويدۇرما ھىكايە ئەمەس ھەممىسى رىئال تۇرمۇشتا راسىت بولغان  ئىشلار>

 
بۇ ھېكايە مىسرانىم مۇنبىرى بىلەن ھېكايىنىڭ ئاپتۇرى <ئۆزۈمگە> تەۋە باشقا تور بەتلارگە كۆچۈرسە قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .

[align=justify]
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار مىنىڭ يىزىقچىلىقتىن قىلچىلىكمۇ خەۋىرىم بولمىغاچقا يېزىش داۋامىدا بەزى بىر تاققۇ -تۇققۇ سۆزلەر ھەم ئىملا خاتالىقى كۆپ كۆرۈلگەن  بولىشى مۇمكىن .  شۇڭا ئەيىپكە بۇيرىمىساڭلار ، شۇنداق بولسىمۇ ھالىمغا باقماي مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە قاتناشتۇرماقچى بولىۋاتىمەن. بەزى خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تەھىرلىۋەتسەڭلار .  رەھمەت سىلەرگە.


تەپەككۇر ئىلكىدە يۈرمەن جىمجىت،   كەلگۈسۈم ئۈستىدە خىيالغا پىتىپ. ئارزۇلاپ كۈتكۈنۈم كىلەرمۇ بىركۈن،   قارايمەن ھاياتقا ئۈمۈتسىز بىقىپ.
مىرئادى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 04:14:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17640
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 764 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 06:57:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا قىزلار شۇنداق ۋاپاسىزمدۇ ئىككىلىسى شۇنداق ۋاپاسىزلىق قىپتا بەك ئىچىم ئاچچىق بۇپ كەتتى .................
ئەگەر مۇشۇ پۇل دىگەن نەسنىڭ چىشى بولغان بوسا ئالىبۇرۇن بىزنى يەپ بولغان بۇلاتتى چىشى بولمغانلىقتىن ئاشىنداق ۋاپاسىزلارنىڭ ۋىجدانى ئەقلىنى  قالايمقانلاشتۇرماقتا    

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9745
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7061
تۆھپە نۇمۇرى: 608
توردا: 2686 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 09:05:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوغلاشقاندىن قاچ دەيدىغان بىر گەپ بار ، ما ھىكايىسنى ئوقۇپ راسكەن دەپ قالدىم

گۇناھىم سۆيگىدىن ئۆزگە،نىمەدۇر بىلمىدىم ئەسلا
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15101
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5969
تۆھپە نۇمۇرى: 271
توردا: 1201 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2014-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 10:35:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولدىن چىقما،خاندىن قورقما.

ھايۋاننىڭ ئالىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18426
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8896
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 10:48:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى زاماندا پۇل راسلا كۈچىنى كۆرسىتۋاتىغۇ ئىشقىلىپ  ھەيييييييييييييي  پۇلنىڭ دەستىدىن نۇرغۇن ئىشلار تەتۇر بوپكىتىپ بارغان بۇ جەمىيەتتە مۇھەببەتمۇ پۇل بىلەن................روياپقا چىقىدىغان ئوخشايدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟ [s:164]

دۇنيا مېھرى-مۇھە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5228
يازما سانى: 640
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10004
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 10096 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 11:38:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق ئوقۇپ چىقتىم.ھېكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. ئەسىرىڭىزنىڭ نەتىجە قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!!!!

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10699
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 11:57:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارنىڭ ۋەدىسى ۋەدە ، ئەتىسى نەدە . ................

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 2943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13078
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6925 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 12:28:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە ياخشى چىقىپتۇ،ھەقىقەتەن ھازىرقى جەميەتتە ئەركە چوڭ بولغان قىزلاردىن بۇنداق قىزلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ.

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.

HALKIM UQUN   JENM   PIDA

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 716
يازما سانى: 747
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11443
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1456 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 12:42:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.يەنمۇ تىرشىڭ [s:166]  [s:166]

خەلقم ئۇچۇن ياشايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش