ئارمان ناخشىسى
يۈسۈپجان سۇلايمان
ئارمان - ئىنسانلاردىلا بولىدىغان مەۋھۇم ئۇلۇغلۇق . ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى پاك قەلىبلەرگە ئۇۋا سالغانلىقىدا ۋە گۈزەللىكىدە . ئارماننىڭ گۈزەللىكى گۈلنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشىغىمۇ ، ساليوتلارنىڭ كېچە ئاسمىنىدا گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىپ چېچىلىشىغىمۇ ۋە باشقا بارىلىق گۈزەللىكىنىڭ كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىشىغىمۇ ئوخشايدۇ . ئارماننىڭ گۈزەللىكىنى پەقەت ئۇلۇغ مەقسەتلەرلا تەۋەللۇت ئەيلەيدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ گۈزەللىكى بەزقدە قۇياش ، يۇلتۇزلارنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ .
گۈزەل ئارمان ئىنسان ھاياتىنىڭ خورىماس بايلىقى . شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، گۈزەل ئارمان ئۇۋا سالغان قەلىب ئىگىلىرى ھاياتلىق سەپىرىنىڭ ھارماس تۇلپارلىرى ۋە گۈزەل مەنزىلىنىڭ ئۈمىدلىك پالۋانلىرى ھېسابلىنىدۇ . گۈزەل ئارماندىن مەھرۇم كىشىلەرچۇ ؟ ئۇنداقلارنى شەخسىيەتچىلىكنىڭ قۇل - مالىيى ، ئىنسانىيەت ئالىمنىڭ ئەخلەت چاۋالىرى دېيىش بەلكىم ئارتۇقچە كەتمەس ........
دۇرۇس ، ئارماننىڭ گۈزەل ، بۈيۈك بولۇش - بولماسلىقى ئىنساننىڭ ئاڭ ، ساپا قۇرۇلمىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ، ئەلۋەتتە . شۇڭا ئىلىم - پەنگە ئاشنا بولۇپ ، ئىشقىدا پەرۋانە بولۇش كېرەك . ئاددىيسى ، بىر پارچە ئېسىل كىتابقا زېھنىمىزنى بېرىپ ، ئۇنىڭدىن تۇلۇق ھاسىلات ئالىدىغان بولساقمۇ ، تەپەككۇر قۇلىرىمىز يېڭىچە بىر پەرۋاز بىلەن روھىيەت ئالىمىمىزگە يېڭى ئۈمىد ، ئارزۇ - ئارمان بەخىش ئېتىدۇ ؛ بىلىش ۋە نەزەر دائىرىمىزدىمۇ زور يۈكسىلىش ھاسىل بولىدۇ . چۈنكى ، بىلىم ئىگىلەشنىڭ ئاساسلىق قورالى بولغان كىتاب - خۇددى ھېكمەتلەر دۇنياسىغا ئوخشايدۇ . سەن بۇ دۇنيانىڭ قازغۇچىسى بولالىساڭ ، گۈزەل ئارمان ئىگىسىگە ئايلىنىسەن ۋە ئارمانلىرىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئارمانلارنى تەۋەللۇت ئەيلەيدۇ . دەرۋەقە ، ئارماننىڭ ۋىسال تېپىشى مۇشەققەتلىك بىر جەريان ، لېكىن سەن ئۇنى ۋىسال تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئەقىل - زېھنىڭنى ، ئۆمرۈڭنى ھەددىدىن زىيادە خوراتقان تەقدىردىمۇ ، ئارمان يولىدا چەككەن رىيازەتلىرىڭدىن ئۆكۈنمە . چۈنكى ، ئاشۇ رىيازەتلىرىڭ بەدىلىگە ھېچبولمىسا گۈزەل ئارمان مەنزىلىنىڭ توغرا يولى تەۋەرۈك بولۇپ قالىدۇ . كىيىنكىلەرگە مۇشۇ گۈزەل ، بۈيۈك ئارماننى چېچەك ئاچقۇزۇش يولى تەۋەرۈك بولۇپ قالسا ، ئەۋلادلار ئەلۋەتتە مۇشۇ يولغا ۋارىسلىق قىلىپ ، سەن ۋىسال تاپقۇزۇشقا قادىر بولالمىغان ئارمانلارنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ چېچەك ئاچتۇرالايدۇ . دېمەك ، سېنىڭ ئاشۇ تۆھپەڭنىڭ ئۆزىدىلا ناھايتتى قىممەتلىك روھ مەۋجۇت !
ئەنە ، تۈن نىسپى بولۇپ قالغىنىغا قارىماي ، تېخىچە ئۇيقۇدىن بىدار ھالدا ئۈستەل ئالدىدا مۈپچىيىپ ئولتۇرغان ئىجادكارنىڭ تىنىمسىز قەلەم تەۋرىتىشلىرىدىن ؛ تىمتاسلىققا چۆمگەن پىنھان خانىلاردا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ ھارغىن تىنىقلىرىدىن ؛ قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىدا ئارخېلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئارخېلوگلارنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىدىن ؛ قەھرىتان قىش ، تۇمۇز ئىسسىقنى بىر چەتكە قەيرىپ قويۇپ ، جەپ ماھارىتى يېتىلدۈرۋاتقان جەڭچىلەرنىڭ تاغنى تىتىرتىدىغان ئالەمچە زور كۈچ - قۇدرەت مۇجەسسەملەنگەن ھۇررالىرىدىن ؛ ھەرقايسى كەسىپ ، ھەر ساھەلەردىكى كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ رىقابەت جەڭگاھلىرىدىن ئۈمىد ئوغلانلىرىنىڭ ئارمان ناخشىسى ياڭرىماقتا !
دىلى گۈزەل ، ئارمانى بارنىڭ ،
ئارزۇلىرى سائادەتكە يار .
ئارمان قۇياش مىسالى پارلار ،
ئارمان تۇغقان دىل بولمىغاي خار .
قېنى قەدىردانلار ، بىزمۇ ئارمانغا چۇشلۇق دەرماننى ئىلىم - پەندىن تۇلۇقلاپ ، ئارمان ناخشىسىنى ئېيتايلى ! بۇ ناخشا بىزنى تىنىمسىز ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشكە ، ھاياتلىق سەپىرىنىڭ تۇلپارى بولۇشقا ئۈندىسۇن ! بۇ ناخشىنىڭ ئىلھامى ھاياتىمىزنى ئۇلۇغ مەنىلەرگە ، ئادەملىك سۈپىتىمىزنى ئالقىش سادالىرىغا كۆمسۇن !
( ‹‹جۇڭگۇ مىللەتلىرى ›› ژۇرنىلىنىڭ 2006- يىللىق 5- سانىدىن )
________ شەرمى^^ناز ________