|
|
|
|
ساددا قەلىب
بۇدرۇق قولۇق لاي پاتقاقتىن ئاجرىماي،
ئويناپ كۈلۈپ ئۆتمەكتە سەن ئەركىلەپ.
قايغۇ نىمە بەخت نىمە بىلمەيسەن،
ئاتا-ئاناڭ باققاچ سىنى پەپىلەپ.
تۇلۇن ئاينى قويدى مانا ھەسەتتە ،
ساددا كۈلكەڭ جەۋلان قىلىپ چىھرىڭدە .
بىغۇبارسەن بۇ ھاياتتا ھەممىدىن
پاك ئەقىدە ياشنار سېنىڭ قەلبىڭدە.
مەسۈم قەلىب بۇ ھاياتقا جۆر بولۇپ ،
سۈرمەكتە سەن ھاياتلىقنىڭ پەيزىنى.
ھىيلە-مىكىر غەمخانىسى بۇ دۇنيا،
چۈشەنمەيسەن قىلسا بايان ئەرزىنى.
تەشنا يۈرەك
ئىلىم -ئىرپان مەشئىلىنىڭ كانىدا ،
يۈرمەكتە سەن ھاياتلىقتا سىنىلىپ.
تەقدىر بۈگۈن تۇتقۇزۇلدى قولۇڭغا ،
چىقار بىر كۈن ۋولقان كەبى ئىتىلىپ.
گۆدەكلىككە بىرىپ بۈگۈن خاتىمە،
بىغىشلىدىڭ ياشلىقىڭنى بىلىمگە.
ئۇنتۇپ كەتتىڭ ھېرىش نىمە چارچاشنى،
سىڭىپ كەتتى تىرىشچانلىق قېنىڭگە.
ئاداشقان سەركە
يىتىپ كەلدىڭ ئالىي بىلىم يۇرتىغا،
ئاتا-ئانا قېرىنداشتىن ئايرىلىپ.
ئاسمان پەلەك بىنالارنى تەڭ قىلماي،
يىغلاپ سالدىڭ ئۆز يۇرتۇڭنى سېغىنىپ.
شۇنچە قاتتىق تەسىر قىلدى بۇ مۇھىت،
بىردەمدىلا ئۆگىنىشتىن يالتايدىڭ.
ئىلىم پەن كۆكىدە چاقنىغان يۇلتۇز،
تەسلىم بولۇپ ھاراققا زابۇي ئاتالدىڭ.
قىڭغىر چىشلەپ تاماكىنى قاۋاقتا،
كىرىپ كەتتىڭ ئويۇن كۈلكە قوينىغا.
ئاتا-ئاناڭ يۈرىكىنى قان قىلىپ،
كىرىپ قالدىڭ سىرلىق تۇمان تورىغا.
كۈتەلمىدى ئەمدى جاھان سېنىڭدىن ،
پارلاق نىشان كەلگۈسىنىڭ ئەركىسى.
نىشانىڭدىن كېتىپ قالدىڭ ئادىشىپ،
بولۇپ قالدىڭ ئاداشقانلار سەركىسى.
مەنبە: ئۆزۈم
|
|
|
|
|
|