مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 709|ئىنكاس: 0

ئىسلام ۋە غەرب/ ئىسلام غەربتە  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26362
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 09:26:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام ۋە غەرب/ ئىسلام غەربتە
ئەكمەلىتتىن ئېھسان ئوغلۇ (تۈركىيە)  

نەچچە ئون يىللىق جاھىل ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۇنىس ۋە مىسىر ئىنقىلابى ھوقۇقنى تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ مىسالى بولۇپ قالدى. ئەمما تۇنىس، مىسىر ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن ئىنقىلابلارنى پۈتكۈل دۇنيا خەلقى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
نەچچە ئايدىن بۇيان «ئەرەبلەر باھارى» نەزەرىيىسى غەربنىڭ سىياسىي بەس-مۇنازىرلىرى ۋە ئاخباراتلىرىغا تولۇپ كەتتى. غەربتە ئولتۇراقلىشىپ قالغان نۇرغۇن مۇسۇلمانلارمۇ مەزكۇر رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا قاتتىق دىققەت قىلىپ، ئۆز دىنداشلىرىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئۆزىگە ئوخشاش قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان مۇھىتتا تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە قوغدىنىشتىن بەھرىمان بولىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەمما مۇنداق ئۆتكۈنچى ھالەتنىڭ تىنچلىق بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ھېچكىم كاپالەت بېرەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، لىۋىيە، بەھرەيىن ۋە يەمەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، يۇقىرىدىكى دۆلەتلەردە يولغا قويغىلى بولىدىغان سىياسىي ھەل قىلىش ئامالىنى تېپىش مۇسۇلمانلار دۇنياسىغىلا ئەمەس، يەنە غەرب ۋە پۈتكۈل خەلقئاراغا يۈكلەنگەن قىيىن مەسىلە
. شۇنداق بولسىمۇ، بۈگۈنكى ئەرەبلەرنىڭ ئاممىۋى ھەركەتلىرى ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدىغان بىردىنبىر ئامىل ئەمەس. يۇقىرىقى مۇناسىۋەتنىڭ باشقا بىر تەرىپى بار: غەربتىكى ئىسلام يەنى غەرب جەمئىيىتىدە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، بولۇپمۇ ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار مەسىلىسىدۇر.
ياۋروپا كېڭىشى 2010-يىلى 5-ئايدا «ياۋروپادىكى ئىسلام، ئىسلامىزىم ۋە ئىسلامغا بولغان ۋەھىمە» ناملىق دوكلات ئېلان قىلدى، دوكلاتتا نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان مۇسۇلمانلار ئىزچىل ياۋروپانى ماكان قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ياۋروپا مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى ئىتېراپ قىلدى. ئەمما بۇ دوكلاتتا بىرلا ۋاقىتتا ياۋروپا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھاقارەت، كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار دىن ۋە مەدەنىيەت ئاداۋىتىدىكى قۇربانلىق بۇيۇمغا ئايلىنىپ قالدى.

نۆۋەتتە ياۋروپادىكى ئاساسلىق ئاخباراتلار ھەمدە دانىيەدىكى خەلق پارتىيىسى، گوللاندىيەدىكى ئەركىنلىك پارتىيىسى، فرانسىيەنىڭ دېموكراتىيە فرونتى، شېۋىتسارىيەنىڭ خەلق پارتىيىسى، ئەنگىلىيەنىڭ مۇھاپىزەت ئىتتىپاقى، ئىتالىيەنىڭ شىمال ئىتتىپاقى ۋە ئاۋسترىيىنىڭ ئەركىنلىك ئىتتىپاقى قاتارلىق پارتىيەلەر ئارىسىدا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىسلامنى كەمسىتىش كەيپىياتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ يۇقىرىقىلارغا ئوخشا كېتىدىغان پوزىتسىيەدىكى پارتىيەلەر مەۋجۇت، يەنە يېڭىدىن گۈللەنگەن سىياسىي پارتىيەلەر تېزلىكتە قەد كۆتۈرمەكتە.
بۇ خىل ۋەزىيەت بىزگە كۆپلىگەن ياۋروپالىقلاردا ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەنبە ۋە تارىخىي مۇناسىۋەتكە قارىتا ئەڭ ئاساسىي تونۇشنىڭ كەمچىللىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. يەنە بىزگە چۈشۈنىش، سىغدۇرۇشچان ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان يېڭى تىپتىكى مۇناسىۋەتنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئۇقتۇردى.
پيۇ (Pew) فوندى جەمئىيىتى مۇنبىرىنىڭ 2010-يىلى 9-ئايدىكى ئاممىۋى تۇرمۇشتىكى دىن دوكلاتىدىكى قاراشقا ئاساسلانغاندا، غەربىي ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسى 17 مىليونغا يەتكەن. ئاۋستىرىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ھونلاندىيە (گوللاندىيە)، شېۋىتسارىيە ۋە شېۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇستىكى نىسبىتى %5 تىن ئېشىپ كەتكەن. بىز ئۇلارنىڭ جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تۇرمۇشتا رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى چوقۇم قوللىشىمىز ۋە ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك.
ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھۆكۈمەتلەر ئارا ئورگان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە يەر شارى تىنچلىقى، مۇقىملىقى، ئىناقلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملەش ئىسلام كېڭىشىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى. مەن نۇرغۇن سورۇنلاردا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى مۆتىدىل ھەم زامانىۋىلاشقان پىرىنسىپقا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدىم. ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى نىزامنامىسى ھەمدە ئون يىللىق ھەرىكەت پىلانى قاتارلىق ئاساسىي ھۆججەتلىرىدە 21-ئەسىردىكى ئىسلام مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئالدىن كۆرەر كۆرسەتمە بىلەن تەمىن ئەتتى.
ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئۆز ئارا قوللىشى، ئۆز ئارا تولۇقلىشى كېرەك. پەقەت ئوخشىمىغان جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھۆرمەت قىلىشقاندىلا  كەڭ قورساق، مۇقىم ۋە گۈللىنىش ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ. ئىسلامدىن ۋەھىمە يېيىش كېسەللىكىگە ئاشكارا قارشى تۇرۇش باشقا دىنلارغا ئۆچمەنلىك كەيپىياتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس، بىز مۇسۇلمانلارمۇ قولىمىزنى سۇنۇپ، يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش، خرىسىتىئان دىنىدىن ۋەھىمە يېيىش ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى خاتا چۈشۈنىشكە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.


بىز ئىچكى رادىكال ئۇنسۇلار تەرىپىدىن پايدىنلىنىپ كېتىلمەسلىكىمىز كېرەك. پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت ئاشقۇنلۇق ۋە تېرورىزىم بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىۋاتقان مۇھىت ئاستىدا، بىز يۇقىرىقى تىرىشچانلىقنىڭ مەدەنىيەت كۆپ خىللىقى ئاساسىدا تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش نىشانىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئىشىنىشىمىز كېرەك، ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى، ئىنسانىي ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكى يېڭى دۇنيادا ھۆرمەتكە ئېرىشىشى كېرەك.
باراك ئوباما پىرىزدېنتلىققا سايلانغان، ئىسلام بىلەن غەربنىڭ يېڭى بابىنى باشلايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى. تۇنجى قېتىم چەتئەلگە چىقىپ تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلغاندا، ئۇ:
«ئامېرىكا مەڭگۈ ئىسلام بىلەن دۈشمەنلەشمەيدۇ...تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئامېرىكا بىلەن ئىسلام كوللىكتىپى، مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى بىردىنبىر ئۇلتاش بولۇپ قالمايدۇ. بىز ئورتاق مەنپەئەت ۋە ھۆرمەتنى ئاساس قىلغان ھالدا كەڭ ئۇچرىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك. بىز ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئۇقۇشماسلىقنى يوقىتىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىردەكلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالىمىز. گەرچە بىز بىردەكلىككە كېلىشكە ئامالسىز بولساقمۇ، قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلغان پوزىتسىيەنى ساقلاپ قالىمىز. بىز ئىسلام ئېتىقادىغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، چۈنكى نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئىسلام مېنىڭ دۆلىتىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى» دېدى.
ئەڭ مۇھىمى، ئورگان ۋە شەخسلەر چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ، ئاشقۇنلۇقنى يېتىم قالدۇرۇشى ھەمدە قول تۇتۇشۇپ، ھوقۇق تولۇق ئەمەلىيلەشكەن كەڭ قورساق ۋە ھۆرمەت قىلىشىدىغان مەدەنىيەت ھىدى قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ ئىسلام دۇنياسى ۋە غەربنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى، غەربتىكى ئىسلامغىمۇ ھەم ئوخشاش.
مەنبە:ئوكيان تورى، نەپرەت تەرجىمىسى

http://news.okyan.com/View.aspx?ID=1993

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
jahan + 100 ئېسىل خەۋەر،توغرا گەپ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش