|
|
|
|
< ك >ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى
كىتاپ كۆرۈڭ
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي [align=justify]
كىتاپنى كۈندە كۆرسىڭىز، كۆڭلىڭىز كائىناتتەك كەڭرىپ،كېچىدە كۈن كۆرگەندەك، كېلىچىكىڭىز كىتاپتىن كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ،كەلگۈسىنى كېرىلىپ كۈتۈۋالالايسىز. كىتاپ كۆرگەن كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى كۆڭۈللۈك،كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ كۆرۈنىدۇ .كىتاپ كۆرگەنلەر كىتاۋىنى كونا،كۆرۈمسىز كەپىدە كۆرسىمۇ،كەڭ كائىناتتىكى كانادا، كورىيە،كۇبا، كولۇمبىيە،كەشمېر،كورلا،كېرىيە ،كەلپىنلەرنى كۆرگەندەك،كۈلۈمسىرەپ كۆڭلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.
كاتتا كىتاپنىڭ كارامەت كۇچى كەمتەرلەرنى،كاسىپلارنى،كادىرلارنى،كەمىنىلەرنى كامالەتكە كەلتۈرۈپ،كۆكنى كەزدۈرەلەيدۇ. كىتاپ كۆرمىگەن كىشى كامادىكى كېلەدەك،كارىزدىكى كېسەكتەك كۆككە كۆتۈرۈلەلمىگەن كۆكىنەكتەك ،كەپىدىكى كۇنجۇرىدەك ،كۆكۈرۈپ كۆپچۈلۈككە كونا كېسەلدەك كۆرۈنۈدۇ. كەمكۈتىسىز كۆكەمە،كۈنلەمچى،كوت-كوت ،كىبىرلىك كېلىدۇ.
كىتاپسىز كىشىنىڭ كۈزى كور،كەلگۈسى كۈلپەتلىك .كىشىلەرنىڭ كەينىدىن كوتۇلداپ-كاڭشىپ كوڭكىدا كىتىۋېتىپمۇ كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ،كۆپتىن-كۆپ كىشىلەرنى كۆڭلىدە كېپەنلىۋېتەلەيدۇ. كىمدە-كىم كىتاپ كۆرمەيدىكەن،كوچىسىغا،كۈلبىسىگە كەلكۈن كەلسىمۇ،كەتمەن كۆتۈرمەيدۇ.كۆكتاتلىرىغا كالا كەلسىمۇ كالتەكلەپ كەتكۈزۋەتمەيدۇ. كىيىم-كېچەك،كۆرپە-كىرلىك،كاستىيوم-كۆينەكلىرى كىرلىشىپ،كاللىسى كېپەكلىشىپ،كەپكىسى كىچىكلەپ كەتسىمۇ،كېسەللىنىشنى كۆزلىمەي كىيىۋېرىدۇ.كۈزۈتۈپ كۆرۈش كېرەككى: كىتاپ كۆرمەيدىغانلار كەم،كۆرۈدىغانلار كۆپ.كۈندۈزى كۆرمىگەنلەر كېچىسى كۆرۈدۇ، كۈتۈپخانىلارمۇ كەڭ كىتاپخانلارنى كۈزى كۆرۈپ،كونكىرت كۈزۈتۈپ،كەمدىن-كەم كۆرۈلۈدىغان كاتالوگ،كېلاسسىك،كىنايىلىك كىتاپلارنى كۆپ كىرگۈزۈپ،كەڭ-كۆلەمدە كۆرسۈتۈش كېرەك. كىتاپ كۆرمەي كىتىۋاتقان كۈنلىرىڭىزگە كۆز تىككىنىڭىزدە،كاكىراۋاتقان كۈيسىز كەچمىشلىرىڭىز كۆڭۈل-كۆكسىڭىزگە كىرىۋېلىپ،كۆڭلىڭىزنى كاۋاپداندا كۆمۈر كۆيدۈرگەندەك كۆيدۈرۈپ كەيپىڭىزنى كۆرۈمسىزلەشتۈرۈدۇ. كۆرەي دىسىڭىز كەنت كۈتۈپخانىسىدىمۇ كېرەكلىك كىتاپلار كۆپ. كوچىلاردا كوتۇلداپ كۆنمەي كىتاپخانىغا،كۈتۈپخانىغا كۈندە كىلىپ كىتاپ كۆرۈڭ !!!
(مۇكاپاتلىق ئەسەرگە تەۋسىيە قىلىندى )
مەنبە :ئۆز ئىجادىيىتىم
|
|
|
|
|
|