|
|
|
|
[align=justify] [align=justify] ئاتۇش -قەدىم يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ ،تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا ،تارىم ئويمانلىغىنىڭ غەربىدىكى <<ئالتۇن ئۈچبۈرجەك>>كە جايلاشقان چېگرا شەھەر.
[align=justify]
[align=justify] شەرق ،جەنۇب تەرەپتىن قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن ،غەرب تەرپتە ئۇلۇغچات ناھىيىسى،شەرقى شىمال تەرەپتە ئاقچى ناھىيىىسى بىلەن چېگرىلىنىپ تۇرىدۇ.شىمالى قىسىمى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ئارقىلىق قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ.
[align=justify]
[align=justify] ئاتۇش-قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مەركىزى بولۇپ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىغى 1433 كېلومىتىركېلىدۇ.شەھەر رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300مېتىر كېلىدۇ.
[align=justify]
[align=justify] ئاتۇش ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ قىرغىزستان،قازاقىستان،ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگەبېرىشىتكى مۇھىم تۈگۈن.تورغات ،ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىغا ئىنتايىن يېقىن.
[align=justify]
[align=justify] جەنۇب تەرەپتىن پاكىستان ،ھىندىستان،پارس قولتۇغى ئەللىرىگە بېرىشتاقونجىراب ئېغىزىغا 443كىلومېتىر كېلىدۇ.قەشقەر ئايرىپورتى بىلەن بولغان ئارىلىغى 30كىلومېتىر كېلىدۇ.
[align=justify]
[align=justify] جەنۇبى شىنجاڭ تۆمۈريولى،314-دۆلەت يولى ئاتۇشتىن ئۆتىدۇ،قاتنىشى ئىنتايىن قولايلىق.
[align=justify]
[align=justify] ئاتۇشنىڭ بۇرۇن شىنجاڭدىكى كىچىك <<شىياڭگاڭ >>دىگەن نامى بارئىدى.ئاتۇش يەنە مەدەنىيەت-سەنئەت ماكانى،مەرىپەت بۆشىكى،پۇتبول يۇرتى،پالۋانلار يۇرتى،ئەنجۈر ماكانى ،سودا دىيارى،مۇناقى ئۈزۈم يۇرتى دىگەن نامى بار.
[align=justify]
[align=justify] [align=justify] مەرىپەت بۈشۈكى[align=justify] [align=justify] [align=justify] ئۇيغۇر يىڭى زامان مائارىپىنىڭ تۇنجى مۇقەددىمىسى 1885يىلى ئاتۇش ئىكىساقتا <<ھۈسەينىيە>>مەكتىپى قۇرۇلدى ،ھەرقانداق بىر مەدىنىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ،ۋە باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشى ئەلۋەتتە كۈچلۈك ئىقتىساتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .ئىقتىسادى تەرەققىيات ،مەدىنىيەت تەرەققى قىلىشىغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنى تارقىتىش يولىدا خىزمەت قىلىدۇ .بۇ قىتىمقى تارىى بۇرۇلۇشقا ئاساس سالغۇچى مۇسابايۇف جەمەتى ،شىنجاڭ ھەم ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان مەرىپەتپەرۋەر باي ،.ۇلار ياۋروپا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەرەققىياتلىرىدىن ئىلھام ئىلىپ ئاتۇشتا بۇ تۇنجى ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخىدىكى مەشئەلنى ياندۇرىدۇ ،بۇ مەشئەلنىڭ تورىشى بىلەن پۈتكۈل شىنجاڭ دىيارى ئۇنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن يورۇيدۇ ،ئۇيقدىن ئويغىنىپ يورۇقلۇققا تەلپۈنىدۇ .[align=justify] بۇ ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ بۆشىكى ئىكساق ھۆسەينىيە [align=justify] [align=justify] پۇتبۇل يۇرتى[align=justify] [align=justify] شىنجاڭ بويىچە پۇتبۇل تۇنجى بولۇپ مۇشۇ يەردە ئومۇملاشقان ھەمدە تۇنجى پۇتبۇل كوماندىسى مۇشۇ يەردە قۇرۇلغان.[align=justify] [align=justify] 1927-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېكىساق پوتبۇل كوماندىسىنىڭ 2:0 نەتىجە بىلەن ئەنگىلىيە كۇنسۇلخانا كوماندىسىنى ،شېۋىتىسىيە كۇنسۇلخانا كوماندىسىنى 7:0 چوڭ نەتىجە بىلەن ئۇتقان «پارلاق تارىخ » ياراتقان.بۇ بىز ھەر بىر پۇتبۇل سۆيەر خەلقنىڭ مەڭگۈ قەلبىدە [align=justify]
[align=justify] [align=justify] ئەنجۈر ماكانى[align=justify] [align=justify] ئاتۇش شەھىرىدىن ئەنجۈر چىقىدۇ، شۇڭا " ئەنجۈر ماكانى" دېگەن نامى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق. ھازىر ئاتۇش شەھىرىدە 5000مولۇق ئەنجۈرلىك بار. يىلىغا 5000توننا ئەنجۈر چىقىدۇ. بۇ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كۈلەملىك ئەنجۈرلىك بار يىلىغا 5000توننا ئەنجۈر چىقىدۇ، بۇ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كۈلەملىك ئەنجۈرلۈك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ[align=justify] [align=justify] [align=justify] [align=justify] مۇناقى ئۈزۈم يۇرتى [align=justify] شەھەر بويىچە ئومۇمىي مۇناقى ئۈزۈم كۆلىمى 100 مىڭ موغا، يىللىق ئومۇمىي ھوسۇلى 90 مىڭ توننىغا يەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئۈزۈم يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكە، كۆرگەزمە ۋە سېلىشتۇرۇپ باھالاشلاردا ‹‹ئالتۇن›› مېۋە، ‹‹بازارلىق مەھسۇلات››، ‹‹يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى››، ‹‹ئورگانىك مەھسۇلات››، ‹‹زەھەرسىز يېمەكلىك››، ‹‹ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات››، ‹‹داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات››، ‹‹ئورگانىك يېمەكلىك›› دېگەندەك مۇكاپات – شەرەپلەرگە ۋە ئېسىل ‹‹مۇناقى›› دېگەن ئىجازەتنامىگە مۇيەسسەر بولدى. شۇڭا، كىشىلەر بۇ ئۈزۈمنى يەنە ‹‹ئاتۇش ئالتۇنى›› دەپمۇ تەرىپلىشىدۇ. [align=justify]
[align=justify]
[align=justify]
سودا دىيارى ھەممەيلەنگە مەلۇم ئاتۇشلۇقلار سودىغا ماھىر ،ئاتۇشلۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى تىجارەت قىلىدۇ .
ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەردە تىجارەت قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ شۇڭا كىچىك شاڭگاڭ دەپ نام ئالغان.
2000-يىلدىن كىيىن ئاتۇشنىڭ ئۇل-مۇئەسسە قۇرلۇشى تىز تەرەققى قىلدى،ئاتۇش سودىگەرلىرى بۇرۇن تاپقان پۇلىنى قوشنا شەھەر،ئۆلكە ياكى قوشنا مەمىلىكەتلەرگە مەبلەغ قىلىپ سالاتتى،ھازىر قىسمەن ئاتۇش سودىگەرلىرى ئانا يۇرتىنىڭ قۇرلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا باشلاپ ئاتۇش شەھرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا.ئاتۇشتا ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر يەرلىكلەر تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنغان بولۇپ بۇ بىر قىسىم شەھەرلەردىكى ئىچىكىردىن كەلگەن كارخانىچىلار كونتىرول قىلىش بىلەن تۈپتىن پەرىق قىلىدۇ. ئاتۇش كىچىككىنە بىر شەھەر بولسىمۇ لىكىن ئاتۇشلۇقلار تىرىشچان،ئىزدىنىش روھىغا باي بولغانلىقتىن ئاتۇش سودىگەرلىرى كارخانىللىرى يېقىنى قەشقەر،خوتەن،ئۈرۈمچى،يىراقراقى جىياڭسۇ،جېجىياڭ،قازاغىستان،تۈركىيە........... قاتارلىق دۆلەت ياكى رايۇنلاردا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا بىلەن بىلەن شۇغۇللىنىپ شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك ھەسسە قوشماقتا. كونا ئاتۇش سودىگەرلىرى پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلىنىش شارئىتى بىلەن تەمىن ئىتىپ يېڭى ئاتۇش كارخانىچىللىرىنى روياپقا چىقىرىشقا باشىلىدى.ئاتۇشلۇقلارنىڭ پۇلدىنمۇ ئۈتە ئەڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىدىغان يېرى شۇكى بىر-بىرىنى يۈلەش روھى ئەۋلادتىن -ئەۋلاتقا داۋام ئىتىپ كىلىۋاتىدۇ،ۋە داۋام ئەتكۈسى.ئاتۇشلۇقلار ئۆزلىرىنى خان ئەۋلادى دەپ قارايدۇ،شۇڭا ھەر قانداق قىيىن ئەھۋالدا قالسىمۇ بېشىنى تىك كۈتۈرۈپ يۈرىيدۇ ۋە ئۆز تەقدىرى ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلىدۇ.
مەدەنىيەت سەنئەت ماكانى
ئاتۇش خەلىق ناخشىلىرى يىقىملىقلىقى ،شوخلىقى بىلەن 7 ياشتىن 70ياشقىچە ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا.ئاتۇش ئۇسۇلىنىمۇ ئوخشاشلا ھەممەيلەن ياخشى كۆرىدۇ.
تۆۋەندە ئاتۇش پەدىسىدىن بىرنى ئاڭلايلى
مەنبە : توردىن يىغىلدى.
|
|
|
|
|
|