مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9503|ئىنكاس: 42

پاكــلىققا بــاغلانغان يىـللار (پوۋىست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ ماڭا يار بولغىن ~!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 1159
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 120448
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2608 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 04:17:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پاكــلىققا باغلانغان يىــللار



مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىمەن.

ئايزۆھرە ئابدۇمىجىت (سۈزۈك ئاي)



            
                                 
[align=justify][align=justify]سەھەرگە يېقىن ھارغىن تېنىمنى ئاران سۆرەپ دىگۈدەك ئۆيگە كەلدىم. يېڭىلا تۇغۇلغان ئوغلۇم پاكزاد دۇنيادىن بېغەم ھالدا يىنىك پۇشۇلداپ ئۇخلىماقتا ئىدى. ھاجەتخانىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئۇۋۇلغىنىچە ئايالىم نەسىمە چىقتى –دە،گۇمان بىلەن غەزەپ ئارىلىشىپ كەتكەن يوغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ ئۈستەل ئۈستىدىكى بىر پارچە سۆرەتنى كۆرسىتىپ ،دېدى:
ــ بۇ سۆرەتتىكى قىز كىمۇ ؟ كېچىچە ئۆيگە كىرمەي نەلەردە يۈردۈڭ ؟
نەسىمە ئۈلۈشكۈن كاستۇمىمنىڭ يانچۇقۇمغا سېلىپ قويغان بىر پارچە سۆرەتنى ماڭا شىلتىپ مېنى ھەدەپ سەتلەۋاتاتتى.
ــ سودىدىكى ھەمكارلاشقۇچى شىركەتنىڭ خادىمى.ئاخشام شۇلار بىلەن بىللە تاماق يىدىم شۇ.
ــ نېمە ؟ كېچىچە يەپ بولالمايدىغان قانداق تاماق ئىكەن ئۇ؟ ئۇنىڭ سۆرىتى نېمە قىلىدۇ سېنىڭ يانچۇقىڭدا؟ -ئۇ ئەزەلدىن مېنى سەنلەپ باقمىغان ئىدى. سەل ھار كەلگەندەك بولۇپ ئۇنىمۇ سەنلەشكە باشلىدىم.
ــ نېمە تۈگىمەيدىغان گەپ بۇ ؟ نېمە كارىڭ ؟ ئەركىشىنىڭ ئىشىغا ئارلاشما؟
ــ نېمىشقا كارىم بولمايدىكەن؟ مەن كىمۇ –ھە؟ ئۇ ئالدىمغا كېلىپ ماڭا ھۈرپەيدى.كاچچىتىغا چاڭڭىدە بىرنى سالدىم.ئۇ مەڭزىنى تۇتۇپ تىتىرەپ كەتتى.
ـ بالا تۇغۇلغىنىغا ئىككى ئاي بولا- بولمايلا مېنى ئۇرساڭ مەن بۇ ئۆينى قانداق تۇتىمەن-ھە؟قانداق تۇتىمەن؟ ھۈ...ھۈ... ئۇنى توي قىلغاندىن بېرى تاك قىلىپ چىكىپ باقمىغاچقا سەل ھۇدۇقۇم قالدىم .ئۇنىڭ يىغلاشلىرى سىرتتىكى ئۆيدە تۇرغان ئانامنى چۆچۈتتى بولغاي ئۇ يۈگۈرۈپ كىرىپ مېنى سىرتقا چىقىرىۋەتتى. ئۆيدە نەسىمەنىڭ يىغلاشلىرىنى،ئاپامنىڭ نەسھەتلىرىنى، ئوغلۇمنىڭ خىرقىراپ يىغلاشلىرىنى كەينىمگە قالدۇرۇپ ماشىنامنى ھەيىدىگىنىمچە شىركەتكە كەلدىم.
بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا شىركەتتە ئادەم ئىنتايىن ئاز ئىدى. بۇ جېدەللەرنى ئويلاپ كاللامغا زىڭڭىدە ئاغرىق كىرىپ كەتتى.ئىشخانامغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغان ئادەم تاماكا چىكىشكە باشلىدىم. خىيالىمنى ھېلىقى سۆرەتتىكى قىز خاسىيەت ئىگەللىۋالغانىدى. خاسىيەت ھەمكارلاشقۇچى شىركەتنىڭ خادىمى بولۇپ چەتئەلدە ئوقۇغان، قەددى-قامىتى كېلىشكەن،ئايالىم نەسىمەدىن قېلىشمىغىدەك چىرايلىق قىز ئىدى. ئۇنى بىر كۆرۈپلا مۇنداقچە ئېيىتقاندا ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم. ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم تاماق يىدىم. نەسىمەنىڭ كۈنلەشلىرى ھەرگىز ئورۇنسىز ئەمەس، ئەلۋەتتە.ئۇ توغۇپ ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن كەلگىلى ئۇزۇن بولمايلا ئۇنى ئۆيدە يالغۇز تاشلاپ قويدۇم.شۇ قىز بىلەن تاماق يەپ كۆڭلىمنى خۇش قىلىپ يۈرىشىممۇ نەپسىم ئۈچۈن. تۇنۇگۇنكى يىغىلىشتا توختاممۇ مۇۋەپىقىيەتلىك ئىمزالاندى، خاسىيەتنىڭ تارتىنماي ئەركىن سۆزلەشلىرى، ئادەمنى ھەۋەسلەندۈرىدىغان زىلۋا قامىتى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاخشام بولۇپ ئۆتكەن بىرمۇنچە ئىشلار... ئۇنداقتا نەسىمەچۇ ؟ ئۇ مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم ۋە مۇھەببىتىم ئەمەسمۇ؟ مەن راستىنلا نەسىمەگە يۈز كېلەلمەيمەن. بۇرۇن مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلسا يىرگىنىدىغان ئارۇپ مانا ئەمدى... كاللامنى ئىختىيارسىز ئاچچىق خىياللار چۇلغىۋالدى.كاللامدا ئۆتكەن ئىشلار ھەم نەسىمە بىلەن بىرگە بولغان كۇنلەر كىنو ئىكرانىدەك نامايەن بولوشقا باشلىدى.

(1)




تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدىكى چاغلار. كائىنات سوغۇق تەرىنى ئوڭشاپ، زىمىستانلىق كۈنلەر بىلەن خوشلىشىپ ، يېشىل تونىنى ئەمدىلا ئۇچىسىغا ئارتقان گۈزەل باھار پەسلى.
ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ئەسقەر مۇئەللىمگە بەرگەن ۋەدەم بۇيىچە تىل-ئەدەبىيات گوروپپىسىنىڭ ‹‹قارا دوسكا›› سىنى ئىشلەپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.
ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىشىمگە ئەسقەر مۇئەللىم:
ــ كىرە،كىرە!... ھەجەپ ۋاق قالدىڭغۇ؟
ــ مۇزاكىرىدىن ھازىرلا چۈشكەن چۈشۈپلا شۇ ... گېپىم تۈگىمەيلا ئۇ:
ــ مېنىڭ سىنىپىمدىكى نەسىمەنى تۇنۇمسەن؟ ئۇنى چاقىرىپ چىق. ‹‹قارا دوسكا›› مەزمۇنى ئۇنىڭدا ئىدى. ئۇنىڭ خېتى چىرايلىق ئۇ خېتىنى يېزىپ بەرسۇن.سەن ئەتراپىدىكى گۈل-نەقىشلەرنى ئىشلەپ بەر!
ــ نەسىمە؟ مەن ئۇ قىزنى تۇنۇمايمەن.
ــ ماۋۇنى؟ توۋا بىر پاراللىدا ئوقۇپ تۇرۇپمۇ تۇنۇمايمەن دەيدا؟ باشقىلاردىن سورا! دەپ بېرىدۇ. چاققان.. چاققان... ئۇ كېتىپ قالمىسۇن.
مۇئەلللىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولۇپلا، تۇلۇق 2-يىللىق 1-سىنىپنىڭ ئالدىغا يۈگۈردۈم. ‹‹نەسىمە؟ ئۇ كىم بولغىيدى ئەمدى، پاراللىدا ھەجەپ بۇنداق قىزنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.›› پەلەمپەيدىن چىققاچ خىياللىرىم ئىچىدىن قىزنى ئىزدەشكە تىرىشتىم. ئەمما پەقەت ئەسلىيەلمىدىم. خىيال بىلەن سىنىپنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن.سىنىپ ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى قاقتىم . تاك .. . تاك... ئىشىكنى سىنىپ باشلىقى مۇرات ئاچتى.ئىككىمىز قول ئېلىشىپ كۈرۈشكەندىن كېيىن :
__ نەسىمەنى چاقىرىپ قويساڭ بوپتىكەن.دېيىشىمگە مۇرات مۇغەمبەرلىك بىلەن ھىجىيپ.
ــ ئاغىنە، قاچان قىزلارنى چاقىرىشنى ئۆگىنۋالدىڭ؟ سېنى خېلى نىپىز يىگىت دېسەم... ماقۇل سەن ئۈچۈن... ئۇ بىر خىل گۇمان ئارىلاش ماز كۈلكە بىلەن سىنىپ ئىچىگە قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا:
ــ نەسىمە! سىزنى بىر قاراقاشلىق يىگىت چاقىرىدۇ. ئۇ شۇنداق دېيىشىگىلا سىنىپ ئىچىدىن بىر مەيدان كۈلكە كۆتۈرلۈپ سىنىپنىڭ تىنىچ مۇھىتىنى بۇزىۋەتتى. مەنمۇ خۇددى بىر نەرسىسىنى يوقىتىپ قويغان ئادەمدەك تېرىكىپ:
  ــ ئاغىنە،بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ مەن چاقىرمىدىم ئەسقەر مۇئەللىم چاقىرىپ قوي دېگەنتى.ھەجەپ بىر كەنسەن.ــ دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم.
ــ بولدى...بولدى... تېرىكمىگىنە. نېمە پەرقى بۇ ئىككىسىنىڭ ؟ خورازنىڭ تاجىسىدەك قىزىرىپ كەتكىننى ما ئاداشنىڭ . بىز توغرا چۈشىنىمىز ئاداش كۆڭلىمىزدە توغرا چۈشىنىمزغۇـ ھە! ئۇ مۈرەمگە بەزلىگەن قىياپەتتە پوپىلاپ قويدى. ئۇ شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا شۇنچىلىك پاكىز ، رەتلىك كىيىنگەن . بېشىغا تىگى قارا گۈللۈك ياغلىق چىگۋالغان،گەپ قىلسىمۇ – قىلمىسىمۇ زىناقلىرى ئېغىزى ئەتراپىدا ئويناپ تۇرىدىغان بىر قىز ئالدىمغا پەيدا بولدى.ئۇ سۈزۈك لەۋلىرىنى سوزۇپ:
ــ مېنى ئىزدىگەن كىم؟ قىزنىڭ سۇئال نەزىرىدە تىكىلگەن بىر جۈپ كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئۇچرىشىپ قالدى. گويا كۆرۈنمەس بىر ئوت قاياقلاردىندۇ ئۇچۇپ كېلىپ يۈرىكىمنى كۆيدۈردى...
ــ ھە سىزنى ماۋۇ تارتىنچاق يىگىت ئىزدەپتىكەن،-دېدى مۇرات بىر خىل غەيرى ئاھاڭدا.
ــ مېنى ئىزدەيدىغان نېمە نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟ قىز خىجىلچان كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قېچىش ئۈچۈن ئىتتىك يەرگە قارىۋالدى. ئۇنىڭ سۈزۈك چىرايىغا ماسلىشىپ كەتكەن بىر جۈپ قاپقارا ،خۇما كۆزلىرى ، قارا كۆزلىرىگە جىيەك تۇتقان ئۇزۇن كىرپىكلىرى، خۇددى ھېلىلا ئېقىپ چۈشىدىغاندەك ئىلىپتەك قاڭشارلىق بۇرنى، سۈزۈك ئوماق لەۋلىرى مېنى گاڭگىرتىپ قويغانىدى. قانچىلىك تۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا:
ــ ھەي ئاداش، نېمە بولدۇڭلا؟ ساھىپجامال ئالدىدا بۇتقا ئايلىنىپ قالدىڭلىغۇ ؟ ۋاي نېمە بولدى سىلىگە ؟ سىنىپ ئىچىدىن يەنە بىر نۆۋەت كۆتۈرۈلگەن كۈلكە خىياللىرىمنى بۆلۈۋەتتى.نەسىمە مۇراتقا بۇدناپ:
ــ ساراڭ،-دېدى–دە،تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويدى.ئۇنىڭ خىجىللىقتىن يۈزلىرى شەلپەردەك قىزارغان ئىدى. مەنمۇ ئېسىمنى يىغىپ :
ــ ھە...ھە راسىت. ئەسقەر مۇئەللىم سىزنى چاقارغان... گېپىم تۈگىمەيلا ئۇ خۇددى گېپىمنى چۈشەنگەندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ ماقالە يېزىلغان بىر پارچە قەغەزنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا پەيدا بولدى.
ــ ھە، ئەسلىدە سىزگە دەپ قويغان ئىكەندە. يۈرۈڭ ئەمىسە، مۇئەللىم ساقلاپ قالغان،-دېدىم ئۇنىڭ ھېلىلا خىجىللىق يوقىغان چىرايىغا قاراپ.
  شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز ‹‹قارا دوسكا›› نى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتۇق. مەن نەسىمەگە ئۆزەمنى بىر كۆرسىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن ‹‹قارا دوسكا›› نى شۇنداق بېرىلىپ ئىشلىدىم. ئەتراپىدىكى نەقىش ، گۈللەرنى شۇنچىلىك كۆركەم سىزىۋەتتىم .ھەممە لاھىيە تۈگەپ ئۇ خەت يېزىشقا باشلىدى. ئۇ خەتنى شۇنچە چىرايلىق يازدىكى ‹‹قارا دوسكا›› غا قايتا جان كىرگۈزىۋەتتى. نەسىمە ھەر بىر تال خەتنى دوسكىغا يازغاندا ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ پاك ھېسىياتنىڭ نازۇك ھېسلىرىنى يۈرىكىمگە ئىزلايتى. ئۇنىڭ تەمكىنلىك چىقىپ تۇرىدىغان گەپ سۆزلىرى، مېھىر يېغىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ قارا كۆزلىرى، پات –پات سوزۇپ قويىدىغان ھىلال ئايدەك ئەگىمە قاشلىرى يۈرىكىمگە ئاللىمۇقاچان مۇھەببەتنىڭ تۇنجى قەسىرىنى قۇرۇپ بولغانىدى. ئىككىمىزنىڭ ياخشى ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە.‹‹قارا دوسكا›› مۇۋەپىقىـ ـيەتلىك پۈتتى. ئەسقەر مۇئەللىم دولامغا ئۇرۇپ :
ــ يارايسەن يىگىت . ئالتۇن مېدالنى بىكار ئالماپسەن جۇمۇ. خۇددى كۆڭلىمدىكىدەك بوپتۇ.تېخىمۇ تىرىشقىن! ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىدىن نەسىمە ئالدىدا خىجىل بولۇپ يەرگە كىرىپ كەتكۇدەك بولدۇم، ئەمما چاندۇرمىدىم. ئەنە شۇ كۈن مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. چۈنكى قەلبىمدىكى تۇنجى مۇھەببەت ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ دۇنياغا كۆز ئاچقانىدى.

(2)



شۇ كۈنى ئاخشىمى پەقەت ئۇخلىيالمىدىم . پۈتۈن خىيالىم نەسىمەدە ئىدى. دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ باش –ئاخىرى يوق خىيال قوينىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدىم .
‹‹توۋا! بىر پاراللىدا تۇرۇپمۇ نەسىمەنىڭ بارلىقىنى بىلەيدىكەنمەن دېسە؟ بۇمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى، ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم . ئۇنىڭ كۆڭلىدە باشقا بىرسى بارمىدۇ؟ ئۇنىڭغا تەلەپ قويسام قانداق بولا؟›› كاللام نۇرغۇن گادىرماچ خىياللار بىلەن لىق تولدى. ئەتىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇ بىر ئاز كەمسۆزدەك قىلاتتى. قاچانلا قارىسام قولىدىن كىتاب چۈشمەيتى. باشقا قىزلار بىلەنمۇ ئانچە يېقىن ئەمەستەك قىلاتتى. ئۇنى ئۇچۇرتۇپ قالسام يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولاتتىم. يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتەتتى.
كۈنلەر سېغىنىش، ئەسلەش بىلەن ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە.ھېسياتىمنى ئامال بار يۇشۇرۇشقا تىرىشتىم . ئۇنىڭغان نۇرغۇن قېتىم ‹‹سۆيگۈ خېتى›› يازدىم.بىراق... بىراق... ھازىر ۋاقتى ئەمەس دەپ ئويلايتتىم. دەرىسلەرگە سۇس قارايدىغان، خىياللىرىمنى دەرىستىن بىردىنلا نەسىمەگە ئاغدۇرۇپ دائىم ئۇنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇنى دائىم يىراقتىن كۆزىتەتتىم. ئۇ نېمىدىنىدۇر خىيال قىلغاچ يىراق-يىراقلارغا بىر خىل مۇڭ بىلەن نەزەر تاشلايتتى. كىتابخۇمار بۇ قىزنىڭ قولىدا قاچانلا قارىسام كىتاب چۈشمەيتتى. مۇھەببەت رومانلىرىنى ئوقۇيدىغان، مۇرادقا يىتەلمەي قالغان پىرسۇناژلارغا ئىچىم سىيرىلىپ بەزىدە كۆز يېشى قىلىدىغان بولۇپ قالدىم .
‹‹ۋاقىت ــ ئەڭ چوڭ زوراۋان!›› توۋا ، ھەش-پەش دېگۈچە نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى.يەنە تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۆز قۇددىرتىنى نامايەن قىلىپ نەسىمە بىلەن مېنى بىر سىنىپ قىلىپ قويدى. مېنىڭ تەبىئىي پەندە ئالاھىدىلىكىم بولغاچ ئۇنىڭ بىلەن بىر سىنىپقا بۆلۈنۈپ قالغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ نەسىمە بىلەن ساۋاقداش بولۇپ قالدىم .ھەر كۈنى ئۇنى كۆرەلەيتىم.دەرس ۋاقىتلىرى ئۇنى كۆزىتىپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتىم. ئۇ بىركۈنى ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپ كەتسە ، يەنە بىر كۈنى بۇلۇتلۇق ھاۋارايىدەك تۇتۇلۇپ قالاتتى.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا جىدى تەييارلىق قىلىۋاتىمىز . بىراق مەن نەسىمەنىڭ ئىشق ئوتىدا كۆيۈپ پۇچىلىنىۋاتىمەن. كونىلار ‹‹مۇھەببەت كۆيمەيدىغان ئوت،تۈگىمەيدىغان دەرت››دەپ ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئېيىتقانـ ـىكەن. ھەر كۈنى ئۇنى چۈشەپ قالىمەن. ئانامنىڭ نەچچە قېتىم ئاگاھلانـ ـدۇرىشىغىمۇ قۇلاق سالماي ئىشىق ئوتىدا پۇچىلىنىپ يۈرىۋەردىم. نەسىمەدىن يەنىلا مۇھەببىتىمنى يۇشۇرۋاتىمەن . چۈنكى ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمەسلىكىدىن، زېھنىنىڭ چېچىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. بارا-بارا بۇنداق ئازاپقىمۇ كۆنۈپ، پاك ھېسياتىمنى يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈپ قويدۇم.ئۇنىڭ ئانچە-مۇنچە قىلغان ئىللىق سالىمى ماڭا كۇپايە ئىدى.
كىتاب قولىمدا، يەنە نەسىمەنى كۆزىتىۋاتىمەن. ئۇنىڭ خىيالچان كۆزلىرىدىن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئەلەم يۇشۇرۇنغان.كۆز چاناقلىرىدا ھەسىرەتـ ـلىك ياشلار مانا مەن دەپ مارىلاپ تۇراتتى. ھېلىقى تىتىك، جۇشقۇن كەيىپىياتقا سۇلغۇن روھ ھە دەپ ياماشقان ... «ئاھ ،خۇدا...ئۇنىڭغا نېمە بولغاندۇ؟ ئۇنى بىرى بوزەك قىلمىغاندۇر-ھە؟ ...›› كاللام لوقىلداپ ئاغرىماقتا، ئەزەلدىن نەسىمەنىڭ بۇنداق تۇرىقىنى كۆرمىگەنىدىم. ‹‹قىزنىڭ سىرىنى بىلەي دېسەڭ ،تەڭتۇشى بىلەن سىرداش›› توغرا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى دىلنازدىن سوراي. ئاخىرى تاقىتىم تاق بولۇپ دىلنازدىن سورىدىم.
ــ دىلناز ! نەسىمە ياخشى قىز . ئۇنىڭغا يېقىندىن بېرى بىرەر ئىش تەسىر قىلدىمۇ –قانداق؟ بەك چۈشكىنلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. بىز ساۋاقداش بولغاندىكىن قاراپ تۇرساق بولماس.
دىلناز لاپپىدە كۆزىمنىڭ ئىچىگە تىكىلدى.ئۇنىڭ بۇ تىكىلىپ قاراشلىرىدىن ئەندىكىپ كەتتىم. ئۇ گۇمان ئارىلاش نەزىرىدە:
ــ ئارۇپ، سىز ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن خەۋەرداردەك بۇنى قانداق بىلدىڭىز ؟
ــ ياق ! مۇنداقلا سوراپ قويدۇم . خاتا چۈشەنمەڭ.
ــ ئۇنداق ئەمەستەك تۇرىدۇ،جۇمۇ.ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز نېمە؟ دىلناز مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ كەتتى.خىجىل بولغىنىمدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم .
ــ ھە،سىرىڭىزنى بىلىۋالدىممۇ؟ راستنى دەڭە نەسىمەنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسىز ؟
ــ . . .  
ــ ۋىيىي ، مابالىنى. بولدى خىجىل بولماڭە تېپىۋاپتىمەن-دە!
ــ ھەئە. شۇنداق دەپلا بىر دىلنازنىڭ كۆزىگە بىر يەرگە قاراپ سۆزىمنى باشلىدىم .ــ بولدى سىزدىن يۇشۇرمايمەن . ئۇزۇن بولدى نەسىمەنى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كەلدىم .ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ سەمىمىي كۆڭلۈم بار.بىراق يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولغاندەك ھېس قىلدىم. مەندىن يۇشۇرماڭ ئۇنىڭغا زادى نېمە بولدى؟
ــ قارىسام ، راستىنلا كۆڭلىڭىز باردەك قىلىدۇ. ئۇنىڭغا راستىنلا بىر ئىش بولدى... يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ كەتتى.نەسىمەنىڭ چۈشكۈن ھالەتكە مۇپتىلا بولۇشنىڭ سەۋەبى مانا ئەمدى ئاشكارىلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.
دىلناز ئېغىر خۇرسىنىپ قويغاندىن كېيىن سۆزىنى باشلىدى.
ــ نەسىمە بىر كىتابخۇمار قىز .ئۇ دائىم كۈتۈپخانىغا بېرىپ كىتاب ئوقۇيدۇ.بىر كۈنى ئۇنىڭغا كۈتۈپخانىدا بىر يىگىت ئۇچراپتۇ.ئۇنىڭ ئىسمى مەنسۇر بولۇپ سودىگەر ئىكەن. ئۇ نەسىمەگە ئاستا –ئاستا يېقىنلىشىپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىپتۇ.نەسىمەنىڭ دېيىشىچە ئۇ يىگىت ھەم كېلىشكەن ھەم قاملاشقان ئىكەن.باشقىلاردىن ئوقۇشىمچە ئۇ يىگىت دادىسىنىڭ ئىگىلىكىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ ، تولىمۇ مەرد ۋە باي ئىكەن. مەن تېخى نەسىمەنى ئۇ يىگىتىنىڭ مال-دۇنياسىغا كۆز سېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.ئەمما ئۇنداق ئەمەسكەن. بىر كۈنى نەسىمە ئۆيۈمگە كەپتۇ.ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ :
ــ ئاداش، مەنسۇر بىر ھايۋان ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ بىر نەچچە كۈن بولماي بىر ناتۇنۇش قىز ئالدىمنى توسۇپ:
ــ قىزچاق سىز تېخى كىچىك ئىكەنسىز. ئەڭ ياخشىسى ئوقۇشىڭىزنى ياخشى ئوقۇڭ. مەنسۇر بىر ھايۋان! ئۇ مېنىڭ بەختىمگە ئولتۇرغان ، سىزنىمۇ نابۇت قىلشنى خالىمايمەن،دەپ ئادەم ئاڭلىسىمۇ نۇمۇس قىلغۇدەك گەپلەرنى دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەنسۇرغا قىزنىڭ گەپلىرىنى دېسەم:
ــ باشقىلار بىزنىڭ بەختىمىزگە كۆز قىزارتىدۇ.بىزنى كۆرەلمەيدۇ. ئەشۇنداق ناتۇنۇش قىزنىڭ سۆزىگە ئىشىنەمسىز ياكى ماڭىمۇ؟ ئارىمىزغا شەيتان كىرمىسۇن، ئۇنداق قىزلارغا ئىشەنمەڭ ! دېسە ساددىلىقىمدىن يەنە مەنسۇرغا ئىشىنىپ يۈرىپتىمەن. مانا بۈگۈن ئۇنىڭ ھەقىقي قىياپىتىنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم .ئاھ ،خۇدا... ئۇ تېخىمۇ بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى. ئاخىرى ئۇنىڭ بۇنداق ھالىتىگە چىدىماي ئۇنى يەنە گەپ قىلىشقا قىستىدىم .ئۇ لىۋىنى چىشلەپ، ياش تاراملاپ تۇرغان كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ تۇرۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى-دە،خۇرسىنىپ قۇيۇپ سۆزىنى باشلىدى.
ــ بىزنىڭ يېزا تەرەپلەردە بىرمۇ تۇققىنىمىز يوق. ھەر تەتىلدە دائىم دېگۈدەك شەھەردە تۇرۇپ بەكمۇ زىرىكىمىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە داداممۇ يېزا تۇرمىشىغا بەكمۇ ئامراق. دادام مۇشۇ يازدا چۇقۇم يېزا تەرەپتىن بىر باغ ئالىمەن دەپ نىيەت قىلغانىدى.شۇنىڭ بىلەن دادام راستىنلا دېگىنى قىلىپ باش باھاردا شەھەرگە يېقىنلا بىر يېزىدىن باغ ھويلۇلۇق بىر ئۆي سېتىۋالدى. باھار پەسلى بولغاچقا ئائىلىدىكى ھەممەيلەن شۇ ئۆيگە بېرىپ باھار پەسلىدىكى يېشىللىقتىن ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن كەلدۇق. ھەقىقەتەن ئۇ ئۆيىمىز شۇنداق جىمجىت ھەم يېشىللىق بىلەن قاپلانغان ئىدى. مانا مەن يېزا تۇرمۇشىنىڭ گۈزەللىكىنى شۇ ئۆيگە كېلىپلا ھېس قىلدىم . ئانام بىلەن ئىككىمىز ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى سۆگەتزارلىققا چىقىپ ئايلىنىش ئۈچۈن چىقتۇق. سۆگەتلىك باھار ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقان بولۇپ شۇنداق كۆركەم ئىدى. ئايلىنىۋېتىپ بىر ماشىنا دىققىتىمنى تارتتى. رەڭگى ،ماشىنا نۇمۇرى نەق مەنسۇرنىڭ ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى مانا مەن دەپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئاپامنى سەل تۇرۇپ كىرىمەن دەپ قويۇپ ماشىنا يېنىغا خۇشال ھالدا كەلدىم. ماشىنا ئىچىدە ئىككى گەۋدە ئىرماش-چىرماش بولۇپ ياتقانىدى. ‹‹سېنى سۆيىمەن ، سەن ئۈچۈن ھەممىدىن  كېچىشكە رازى ›› دەپ تۈرلۈك تۈمەن ۋەدىلەرنى بەرگەن لەۋلەر باشقا بىر لەۋنى ئاچكۆزلەرچە يالماۋاتتى.قىزنىڭ ئىڭراشلىرى، مەنسۇرنىڭ نۇمۇسسىز قىلىقلىرىغا قاراپ تۇرۇشقا چىدىماي ‹‹ھايۋان ! ›› دېدىم –دە، يىغلىغىنىمچە كەينىمگە قارىماي يۈگۈرگىنىمچە كېتىپ قالدىم. ئارقىمدىن مەنسۇرنىڭ توۋلاشلىرىغا پەرۋامۇ قىلمىدىم. كۆزۈم ھەقىقەتەن كوركەن. تاس قاپتىمەن بىر ھىيلىگەر تۈلكىنىڭ دامىغا چۈشكىلى... كونىلارنىڭ ‹‹سىرتىغا قاراپ باھا بەرمە›› دېگەن ھېكىمىتى ئەمىلىيەت بولدىغۇ مانا ... نەسىمە بۇقۇلداپ ئىچ –ئىچىدىن يىغلاپ كەتتى. ھېلىمۇ ياخشى بىر ئايلا ئارلاشقان بولدى.ھېلىقى ھايۋاننىڭ ئەپتى –بەشىرىسى ھېلىمۇ ياخشى بالدۇر ئاشكارلاندى. ھازىر ئۇنىڭ ئەھۋالى خېلى ياخشى...مەنسۇر دېگەن ھايۋان ئۇنى بىر نەچچە قېتىم ئىزدىدى. نەسىمە تۇتۇق بەرمىگەچكە ئۇمۇ يوقالدى.ھەي نەسىمەنىڭ ئاپئاق كۆڭلىدە قارا داغ قالدى-دە.  دىلناز ئېغىر بىرنى تىنىپ قويدى.
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ ، يۈرىكىمنى ھەرە چاققاندەك بۇلۇپ كەتتىم. ئاچچىقتىن تىتىرەيتىم . ئىچ-ئىچىمدىن ھېلىقى ئەبلەخكە نەپرەت ، لەنەت ياغدۇراتتىم.‹‹ شۇنداق پاك ۋە مەسۇم قەلىبنى ئالدىغان قانداق ۋىجداندۇر ئۇ؟ ئۇنى ھەرگىز بوش قويمايمەن. ئېھ!شەپقەتلىك ئاللاھ نەسىمە ئۈستىدىكى بۇ ئازاپنى كۆتۈرىۋەت! يوللىرىمنى راۋان قىلىپ ، مېنى ئۇنىڭغا ھالال جۈپ قىلىپ تاللىغايسەن.››

(3)



ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنىپ بولغىلى بىر ھەپتىدىن ئاشتى. كەيىپىياتىم شۇنچىلىك ناچار. چۈنكى ئىمتىھان كۆڭلۈمدىكىدەك ئەمەس ئىدى. ئارزۇنىمۇ قولۇمنىڭ ئۇچىدىلا توشقۇزۇپ قويدۇم .ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك بەرگىنى ئۆزەمگە ئايان ئىدى.
كۈندە تورۇسقا قاراپ خىيالغا پاتىمەن. ئىشكاپتىن نەسىمەگە يازغان خەتلىرىمنى بىر-بىرلەپ ئوقۇپ چىقتىم. كۆزلىرىمگە لىق ياشنى تۇشقۇزۇپ خەتنى باغرىمغا باستىم. ھەر بىر پارچە خەتتە مېنىڭ يۈرىكىم، ساپ مۇھەببىتىم بار ئەمەسمۇ؟ ‹‹ھەي نەسىمە ! مۇشۇ تاپتا نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانسەن؟ خەتلىرىمنى بەرسەم مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنەرسەنمۇ؟ مۇھەببىتىڭدە پۇچلىنىۋاتقان مەندەك غېرىپنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلارسەنمۇ ؟..ئەڭ يېقىن دوستۇم نۇرشات ئارقىلىق نەسىمەگە يازغان 15 پارچە ‹‹سۆيگۈ خېتى›› نى بەردىم . خەتنىڭ جاۋابىنى كۈتمەكتىمەن. ئاخىرى بىر پارچە نەسىمەنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرىۋالدىم.خەت قولىمدا، گويا نەسىمەن يېنىمدا تۇرغاندەك ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ كەتتىم .خەتنى يۈرىكىمگە يېقىپ بىر پەس تۇرغاندىن كېيىن، ھۇجرامغا يۈگرەپ كىرىپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم .
‹‹ سالام : ئارۇپ
ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ مەن خېلى ئوبدان تۇرىۋاتىمەن. مېنى ياخشى كۆرگەنلىكىزگە رەھمەت. دىلنازدىن ھەممىنى ئاڭلىدىم .بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ‹مەن سىزنى سۆيىمەن› دېگەن قىممەتلىك سۆزنى ئېيتىش ئاسان. ئۇنى دېيىشكە ھېچقانچە ۋاقىت كەتمەيدۇ.ئەمما ئۇ بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر سۆيىشىگە، ئاسىرىشىغا مۇھتاج. مېنىڭ مۇھەببىتىم شۇنچە پاك،سۈپسۈزۈك ئىدى.بىراق... تولىمۇ ئەپسۇس. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر چۈش بولۇپ قېلىشىنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلدىم ، ئەمما ئۇ رېئاللىق ئىدى.ئەمدى ھاياتقا يۈزلىنىمەن. ياش تۆكۈشكە ئەرزىگۈدەك ئىشلارغا ياش تۆكۈپ، ئىنتايىن ياخشى ياشايمەن. ناپاكلار مېنىڭ يېشىمغا قەتئىي ئەرزىمەيدۇ!  
كەچۈرۈڭ ! سىزنى ھازىرچە ياخشى كۆرەلمەيمەن. سىزدىن شۇنى كۈتىمەن، مېنى تىنىچ ئارامىمدا قۇيۇڭ ،مەن شۇنىڭغا مۇھتاج. ئەشۇ پاك، نازۇك ھېسياتىڭىز ئۆزىڭىزدە قالسۇن. بىز تېخى بۇ جەھەتتە تولىمۇ گۆدەك ئىكەنمىز.دادامنىڭ دائىم :

كۆڭۈلنىڭ كەيىنىگە كىرمەڭ،
كۆڭۈل ھەر كويغا باشلايدۇ.
سەمەرقەندنىڭ ئالمىسىدەك،
سىزنى چۆللەرگە تاشلايدۇ.



دېگىنى ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئىكەن. ئەمدى بۇنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئەمدى كۆڭۈل كەينىگە كىرىپ، ئەقىل كۆزلىرىمنى ئېتىۋالمايمەن. باشقىلار ساددىلىقىمدىن ، گۆدەكلىكىمدىن پايدىلىنىپ پاك ، غۇبارسىز مۇھەببىتىمنى ئالدىغان بولسىمۇ، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئالدايدىغانلارغا يۇلۇقتۇرار...  
ھازىرقى ھېسياتىڭىزنى چۈشىنىمەن. بەلكىم بۇ ھېسيات مەڭگۈلۈكتۇر، ياكى بىردەملىك ھېسياتنىڭ ئەقلىڭىزنى ئازدۇرىشىدۇر.
ھېلىقى ۋاپاسىزدىن ئۆچ ئالىمەن دەپسىز . ئۇنداق قىلماڭ! ھەركىم قىلسا ئۆزىگە. ‹ياخشىلىققا ياخشىلىق قىل، يامانلىققا ئۆزىنىڭ قىلغىنى كۇپايە.› ئامان بۇلۇڭ، سىزگە بەخت تىلەيمەن!
ساۋاقدىشىڭىز: نەسىمە››
خەتتە مېنى ئۈمىدلەندۈردىغان بىر ئېغىزمۇ گەپ يوق. ئۆزەم سۆيگەن قىزنىڭ ماڭا بەخت تىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ يىغلامسىرغان كۆزلىرىمدىن ئاچچىق ياشلار تاراملاپ چۈشمەكتە.ئەينەككە قارىدىم. ئەينەكتە تولىمۇ خۇنۇك، سۇلغۇن چىراي مېنى مەسخىرە قىلىپ يەكلىمەكتە ئىدى. ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم ئانام ، دادام ھۇجرىغا نېمە بولدىكىن دەپ يۈگرەپ كىرىپتۇ.ئۇلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا يىغا بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم .ئۇلارمۇ ئارتۇق سۆزلىمەي ، مېنى يالغۇز قالدۇرۇپ چىقىپ كېتىشتى.قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن تاڭ، ئويغانسام ئاللىمۇقاچان كۈن چۈش بولاي دەپتۇ. دادامنىڭ بىرمۇنچە نەسھەتلىرىنى ئاڭلىغاچ ناشتا قىلىۋاتسام دوستۇم نۇرشات ھويلىغا كىرىپ:
ــ ئاداش، بۈگۈن نەتىجە چىقىدىكەن. يۈرە مەكتەپكە بېرىپ كېلەيلى.
مەن ناشتامنى تاشلاپ ، ئاپامنىڭ كەينىدىن چاقىرىشىغىمۇ قۇلاق سالماي نۇرشات بىلەن مەكتەپكە كەلدىم. نەتىجەمنى تىزىملىكتىن كۆرۈپ ھەيران قالدىم .كۆزلىرىم تورلىشىپ كەتتى. نۇرشاتنىڭ نەتىجىسى خېلى يۇقىرى ئىدى.نەسىمەنىڭمۇ ئىشقىلىپ مەندىن يۇقىرى ئىدى.
ماڭغۇدەك ماجالىم قالمىغان ھالدا ئېغىر قەدەملىرىمنى ئاستا يۆتكەپ ئاستا –ئاستا كېتىۋاتىمەن.نۇرشاتنىڭ تەسەللىيلىرىگە قۇلاقمۇ سالماي ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يولنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ قاپتىمەن. قانچىلىك ئولتۇرغىنىمـ ـنىمۇ بىلمەيمەن. يولدا كېتىۋاتقان ماشىنا، موتولارنىڭ قاتتىق سىگىنالدىن خىيالىمدىن ئويغىنىپ قارىسام جاھان ئاللىمۇقاچان شەپەق قىزىلىغا پۈركىنىپتۇ. قۇياش مەغرىپتىكى ئورنىدىن ئورۇن ئالماق ئۈچۈن تەرەددۇتـ ـلىنىپ،  شەپەق لىۋىدە قول پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپتۇ...
ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلىرىمنى ئاران يۆتكەپ، قەدەملىرىمدىن تۆكىلىۋاتقان سۇلغۇنلىقنى، يۈرىكىمدىكى ئازاپنى يۈدۈپ ئۆيگە كەلدىم. ھېچكىمنىڭ گەپلىرى قۇلۇقىمغا كىرمەپتۇ.تاپا-تەنىلەرنى كەينىمدە تاشلاپ غېرىپ ھۇجرامغا كىردىم-دە، كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ خىيالغا ئەسرا بولدۇم. ھىجران مەندەك غېرىپنى ئازاپ بۆشۈكىدە ئەللەيلەتمەكتە.مەن ئەيلەيلىنىۋاتىمەن ، ئەللەيلىنىۋاتىمەن..
ھىجران نېمە دېگەن شېرىن –ئازاپ-ھە!

***          ***           ***



ئادەم ئاجايىپ مەخلۇق –ھە! ئازاپلانغاندا ، قىيىنچىللىققا يولۇققاندا ھەمىشە تۇرمۇشتىن ، ھاياتتىن زارلىنىدىكەن.خۇشال بولغاندا ھايات ئۇنىڭغا تولىمۇ گۈزەل، قىزغىن كۆرىنىدىكەن. ھاياتنىڭ ئاچچىق سىناقلىرى ئادەمنى ئەشۇنداق ھېس –تۇيغۇغا سۆرەپ كىرەمدۇ-يا؟!

***             ***             ***



‹‹ھەي،نەسىمە...ھەي نەسىمە... قەلبىمدىكى بۇ ئازاپ گۈلخانلىـ ـرىنى يامغۇر بولۇپ ئۆچۈرسەڭچۇ ؟ مەن ھەرگىز سەندىن ئۈمىد ئۈزمەيمەن، ھەرگىز ... ھامان بىر كۈنى بۇ پاك قەلبىمنى چۈشىنىپ يېنىمغا قايتىپ كېلىسەن. مەن سېنى ساقلايمەن... ئاخىرقى تىنىقىم قالغۇچە. جاپا چەكسەممۇ، مۈشكۈل تاغ –داۋانلاردىن ھالقىساممۇ مەيلى. چۈنكى مەن ئۈمىدۋار... دىلىڭدىكى ئازاپنى مەن ئۇنتۇلدۇرىمەن، گۈلۈم ! سەن مېنىڭ جاپا چېكىشىمگە ئەرزىيدىغان، مەن سۆيگەن قىز...››

4



چاقىرىق كەلدى. ئەتتىگەندىلا دادام، ئانامنىڭ تاپا-تەنىسىگە كۆمۈلۈپ قالدىم.
ــ شۇنچە ئۈمىد كۈتكەن ئىدىم. ئىسىت...ئىست... بىر شەخسي مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى دەپ ئوقۇتتۇممۇ سېنى؟-دادامنىڭ ئاچچىقتىن ساقالللىرى تىتىرەپ تۇراتتى.
ــ مەھەللىدىكىلەر،ئۇرۇق-تۇققانلار ئالدىدا يۈزىمىزگە سەت ئەمەسمۇ؟ بالىڭىز نەگە ئۆتتى دېسە، نېمىمۇ دەرمەن؟- ئاپامنىڭ سۆزلىرى تومور- تومورلىرىمغا ئۆتۈپ كەتتى.
ــ ئاكاڭ ،ھەدەڭدەك داڭلىقراق ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بولساڭ يۈزىم قانچە يۇرۇق بولاتتى-ھە!–دادام يەنە تاپا قىلىشقا باشلىدى.ئاكام تەسەللىي بەرگەچ دولامغا ئۇرۇپ:
ــ بوپتۇ ئۇكام،كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما! سەن ئەقىللىق بالا، قايتا ئوقۇ. كېلەر يىلى چۇقۇم ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەيسەن.
ــ ياق!!!!!.... ئۆيدىن غەزەپ بىلەن يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتىم. قانچىلىك يۈگۈردىمكىن ئۇقمايمەن. يۈگۈرۈۋېرىپتىمەن. دەل قايناق بازارنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە يۈگۈرۈشتىن توختاپ قالدىم .چۈنكى بىر بېلىق يايمىسى دىققىتىمنى تارتقانىدى. بېلىق يايمىسىدىن بىر جۈپ ئالتۇن بېلىق سېتىۋالدىم. ئۇنى نەسىمەگە سوۋغا قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغانىدىم. شۇ قىزغىنلىقىمدا دىلنازنى ئىزدەپ نەسىمە بىلەن كۈرۈشتۈرۈپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم. ئۇ تەلىپىمگە قوشۇلۇپ نەسىمەنى ئۆيىدىن چاقىرىپ قويدى. مەن ئۇنى مەكتەپ يېنىدىكى كىچىك باغچىدا ساقلاپ تۇردۇم .
يىراقتىن نەسىمە ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى ئوينىغاچ ئۇياق-بۇياققا قاراپ قۇيۇپ ماڭا كۈلگىنىچە كەلمەكتە. ئۇ يېقىنلاشقانسېرى يۈرىكىم بارغانچە كۈچلۈك سوقۇشقا باشلىدى.
ــ ياخشىمۇسىز ئارۇپ،-دىدى ئۇ ئاپئاق چىشلىرىنى يالىڭاچلاپ تاتلىق تەبەسسۇم بىلەن.
ــ ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ ؟
ــ خۇداغا شۈكرى. مېنى ئىزدەيدىغان ئىشىڭىز بارمىدى؟
ــ ھەئە. ئازىراق ۋاقتىڭىزنى ئالسام بولامدۇ؟
ــ قېنى سۆزلەڭ.
ــماڭغاچ پاراڭلىشايلى .شەھەرگە يېقىنلا بىر يەردە ھاۋاسى ياخشى بىر جاينى بىلىمەن. شۇ يەرگە بېرىپ كەلسەك قانداق؟ سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن –نۇرغۇن گەپلىرىم بار ، نەسىمە.
ئۇ سەل ئىككىيلىنىپ:
ــ ھىم ... ماقۇل ،- دېدى لىۋىنى بوشقىنە چىشلەپ قۇيۇپ.
مەن ئۇنىڭ ماقۇلىقىدىن شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كەتتىم..ئىككىمىز بىللە ماڭدۇق. مەن شۇن تاپتا ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك يىگىتتەك ھېس قىلىۋاتىمەن. تارتقان ئازاپلىرىم نەلەرگىدۇر غايىپ بولغان. چۈنكى مەن ئەڭ سۆيىدىغان قىز بىلەن بىللە ... ئارىنى بىر پەس سۈكۈت قاپلىغاندىن كېيىن مەن ئارىدىكى جىملىقنى بۇزۇپ:
ــ مۇبارەك بولسۇن ،نەسىمە. نېمىلا بولسۇن سىزگە ياخشى مەكتەپنىڭ چاقىرىقى كەلدى. سىزنى تەبرىكلەيمەن. بىراق مەن...
ــ رەھمەت. كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ،ئارۇپ. قايتا ئوقۇسىڭىز ھەممە ئىشلار يەنە جايىغا چۈشىدۇ.
ــ نەسىمە مېنىڭ پەقەت قايتا ئوقۇغۇم يوق. سودا قىلىپ پۇل تاپايمىكىن دەيمەن.
ــ ۋۇي، بۇنداق گەپ قىلماڭ. سودا قىلىشقىمۇ بىلىم كېرەكتۇ؟ چۇقۇم ئوقۇڭ، ئارۇپ. نەسىمەنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل قەتئىيلىق ۋە يىلىنىش ئارىلاش ھېسيات چىقىپ تۇراتتى.ئۇ كۆزلىرىمگە ئۇزاق قارىۋەتكەندىن كېيىن، سۇس تۈرۈلگەن قاپىقىنى ئوڭلاپ :
ــ ئارۇپ، مەن ئۈچۈن ئوقۇمايمەن دېسىڭىز مەن گۇناھكار بولۇپ قالىمەن. چۇقۇم قايتا ئوقۇڭ. سىزگە ئىشىنىمەن سىز چۇقۇم نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەيسىز... چۇقۇم ئوقۇڭ! ئۇ تۇيمايلا ئىككى قولى بىلەن بىلەكلىرىمنى چىڭڭىدە تۇتۇۋالغانىدى. خىجىللىقتىن دەرھاللا قولىنى چۈشۈرۋالدى-دە،ياغلىق ئارىسىدىن چىقىپ قالغان چاچلىرىنى قۇلىقىنىڭ كەينىگە قارىپ قويۇپ:
ــ چۇقۇم ئوقۇڭ! –دېدى خىجىللىقىنى ياپقاچ يەرگە قاراپ.
ــ مەن ئوقۇسام ،ئەمىسە تەلىپىمگە قوشۇلامسىز ؟
ــ نېمە ؟ بۇنى شەرت قىلىۋالماڭ،ئارۇپ. بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟
ــ كەچۈرۈڭ ! بولدىلا بۇ گەپنى دېيىشمەيلى . قاراڭ بۇ بېلىقلارغا ، بۇنى سىزگە ئالدىم.
ــ ماڭا؟- قىزنىڭ قارا كۆزلىرىدىن بىر خىل مەمنۇنلۇق سۇئال نەزەردە ماڭا تىكىلگەنىدى.
ــ بېلىق جانلىقلار ئارىسىدا ئەڭ ئۇنتۇغاق جانلىق. سىزنىڭمۇ بېلىقتەك  ئۆتكەن ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ، ھايات بەتلىرىڭىزگە يېڭى مەزمۇنلارنى يېزىپ قالدۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. نەسىمە ماڭا قاراپ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ:
ــ رەھمەت سىزگە . چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن. ئۇ قولومدىن  بېلىق قاچىسىنى ئېلىپ بىر جۈپ بېلىققا زوق بىلەن قاراپ قويدى.
بىز يەنە ياندىشىپ مېڭىۋاتىمىز. ئۇ ئۇچۇرغانلىكى تاشلارنى تېرىۋېتىپ ماڭاتتى.بىردەم ماڭغاندىن كېيىن ئالدىمىزغا بىر نەچچە تال خىش پارچىسى ئۇچراپ قالدى. نەسىمە بېلىق قاچىسىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويۇپ،ئاپئاق،نازۇك قوللىرىنىڭ مەينەت بولۇشىغا قارىماي يەردىكى خىش پارچىسىنى تېرىپ ، يول بويىغا تاشلاشقا باشلىدى.
ــ ۋاي-ۋۇي ، بولدى تەرمەڭە . قولىڭىز مەينەت بولۇپ كېتىدۇ.
ــ ياق ئۇنداق دېمەڭ. قول مەينەت بولسا بولسۇنكى، كۆڭلىمىز مەينەت بولۇپ كەتمىسۇن. بۇ خىشلارنى سىزمۇ ئالمىسىڭىز ، مەنمۇ ئالمىسام ھامان بىر كۈنى پۇتىمىزغا پۇتلىشىش، ھەم بىزنى يىقىتىشى مۇمكىن. سىزگە دادام سۆزلەپ بەرگەن بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەي.
بۇرۇنسىدا بىر باي كىشى بولۇپ ، ئۇ ئىنتايىن ساخاۋەتچى، مەرد كىشى ئىكەن. يىتىم –يىسىر، غېرىپ كىشلەرگە ، نامرات يوقسۇل ، تۇل ئاياللارغا خەيىر-ئېھسان قىلىدىكەن. مەسچىد،كۆۋرۈك سالىدىكەن.شۇڭا ئۇنىڭ ياخشى نامى يۇرت-يۇرتلارغا تارقىلىپتۇ.بىركۈنى باي قازا قىپتۇ.باي قازا قىلغان كۈنى باينىڭ بېغىغا قارايدىغان باغۋەن بوۋاينىڭ چۈشىگە باي كىرىپ قاپتۇ. قارىسا باي ئاستىدىن سۈپسۈزۈك كەۋسەر ئېقىپ تۇرىدىغان گۈزەل جەننەتتە تۇرارمىش. باينىڭ خىزمىتىنى نەچچە –يۈزلىگەن ھۆر-پەرىلەر قىلىۋېتىپتىمىش.ئۇنىڭ يۈزىدىن نۇر–زىيا تۆكىلەرمىش .بوۋاي باينىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا سالام قىلغاندىن كېيىن:
ــ ھۆرمەتلىك باي غوجام، ئاللاھ ئۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىـ ـڭىزدىن مەمنۇن بولۇپ، بۇ گۈزەل جەننەتتىن سىلىگە ئورۇن بېرىپتۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرى سىلىگە بوپتۇ. مۇبارەك بولسۇن! تەقسىر، -دەپتۇ باغۋەن بوۋاي .
باي ئېغىر خۇرسىنىپ قويۇپ:
ــ ياق خاتالاشتىڭ. ئاللاھ مېنىڭ ھەممە ياخشى ئەمەللىرىمنى بىكار قىپتۇ.جەننەتتىكى ئورنۇم ئۇ ئىشلارنىڭ خاسىيىتى ئەمەس،-دەپتۇ.
ــ ئەمىسە... دەپ ھەيرانلىق بىلەن سوراپتۇ باغۋەن بوۋاي.
ــ بۇ دۇنياغا كەلسەم ئاللاھ ماڭا ‹‹ئى بەندەم، سېنىڭ ئۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭنىڭ ھەممىسى رىيا بولدى. سەن يۈز تېپىش ئۈچۈن ئۇ ئىشلارنى خالىس نىيتىڭ بىلەن قىلمىدىڭ. ئەمما بىر كۈنى يولدا ئالدىڭغا بىر تال تىكەن ئۇچراپ قېلىپ ئۇنى ئېلىۋەتتىڭ. بۇ ئىشنى مەندىن بۆلەك ھېچكىم كۆرمىدى. شۇ ياخشى نىيتىڭ ئۈچۈن بۇ جەننەتتىكى ئورۇنغا ئىگە قىلدىم، قېنى كىرگىن.›› دېدى. شۇڭا مەن جەننەتتە تۇرۇپتىمەن،-دەپتۇ. نەسىمەنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ بولۇپ بايا قىلغان سۆزلىرىمگە خىجىل بولۇپ قالدىم. ئۇنى خاتا تاللىمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
*****          *****           *****
شۇنداق، ئازغىنە ياخشىلىق بىزنى جەننەتكە ، كىچىككىنە يامانلىق بىزنى دوزاخقا باشلىشى مۇمكىن .ئىشقىلىپ ھاياتتا ياخشىلىق ھامان ئۆز قىممىتىنى تاپماي قالمايدۇ.
******         *****            *****
بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كۆڭلۈم ئوبدانلا ئېچىلىپ قالدى. ئۇئۆيىگە ماڭدى. نەسىمەنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنىڭ قارىسى يۈتكۈچە ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇردۇم. ئىچىمدە:‹‹سەن مېنىڭ ، ھامان بىر كۈنى مېنىڭلا گۈلۈم بولسەن ، نەسىمە...›› دەپ پىچىرلايتىم.

(5)



مەن قايتىدىن ئىرادىگە كېلىپ، تولۇق 3-يىللىقتا قايتا ئوقۇدۇم. نەسىمەمۇ ئوقۇشقا كەتتى.ئۇنىڭ ماڭىدىغان كۈنى ماڭا قالدۇرغان بىر پارچە خېتىنى يەنە قايتا ئوقۇۋاتىمەن.
‹‹ سالام:ئارۇپ
سىزنىڭ قايتا ئوقۇيدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم. سىزنىڭ پۈتۈن زېھنىڭىزنى ئۆگىنىشكە بېرىپ، كېلەر يىللىق ئىمتىھاندا نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.سىزگە مۇۋەپىققىيەت تىلەيمەن.
مۇھەببەت نازۇك ھېسىيات.ئۇ قەدىرلەنمىگەن قەلبتىن ئاسانلا ئۆچۈپ كېتىدۇ.بىز مۇھەببەت جەھەتتە تولىمۇ ياش. بىزدىكى مۇھەببەت قەدىرلەش ۋە قەدىرلىنىش دەرىجىسىگە يەتكەندىلا ئاندىن بۇ نازۇك ھېسياتنىڭ ئۇچىنى باغلايلى.سىزگە راستىنى دېسەم، بىز تېخى بۇ دەرىجىدىن خېلى يىراقتا... سىزنى مەن بىر دوستۇم دەپ بىلىمەن. سىزگە دوستلۇق جەھەتتىكى مۇھەببەتنىلا بېرەلەيمەن. ئۇنىڭدىن ئارتۇقى مەندە يوق.سىزنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزىدىغان ئەمەس، باشقىلارنى كۈلدۈرەلەيدىغان، مۇھەببەت- نەپرىتى ئېنىق ، جاسارەتلىك يىگىت بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھايات تېخى ئالدىمىزدا... كۈلكە بىلەن يىغا ئالمىشىپ مېنى يىغلاتقانلار قان –قان يىغلايدىغان، مېنىڭمۇ قاقاھلاپ كۈلىدىغان چاغلىرىم كېلىدۇ. مەندىن خاتىرجەم بۇلۇڭ.سىزگە ئامەت تىلەپ:
دوستىڭىز: نەسىمە.››
ئۇنىڭ خېتىنى باغرىمغا باستىم . قەلبىمدە توختىماي ياڭراۋاتقان ئارمان كۈيلىرى قايتا ياڭرىماقتا. مەندىن ۋاقىتلىق ئايرىلغان قارا كۆزگە يۈرىكىم توختىماي نىدا قىلماقتا...
‹‹خەير،قەدىرلىك نەسىمە.مەن چۇقۇم سەن دېگەندەك ھەقىقي يىگىت بولىمەن. تىرىشىپ ئوقۇپ ، سېنى پۈتۈن تىرىشچانلىقىم بىلەن قايىل قىلىمەن. ھامان بىر كۈنى مېنى چىن قەلبىڭدىن سۆيۈپ قالىسەن، گۈلۈم. ماڭا ئىشەن... ئامان بول ،ئامان بول!!!››
***       ***     ***
ئاساسىم ياخشى بولغاچقا دەرسلەر ماڭا قىيىن توختىمىدى. شۇنداقتىمۇ بوشاشقا بولمايدۇ.ئىزچىل تىرىششى كېرەك. چارچاپ كەتسەممۇ داۋام قىلىشىم كېرەك.ھەممىسى كەلگۈسى ئۈچۈن...جاپالارغا، يۈرەكتىكى سېغىنىش ئازابىغىمۇ كۈنۈپ كەتتىم. ھايات ئەنە شۇنداق. سېنى ھەممىگە كۆنىدىغان قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان نۇرغۇن غايىلىرىم بار-دە.
-ئارمان كۆكتە چاقناپ تۇغان يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ.ئۇ ھەر بىر قېتىم چاقنىغاندا، ئۇنىڭغا تەلپۈنگەن يۈرەككە يېڭى ئۈمىد ۋە ئېگىلمەس روھ ئاتا قىلىدۇ.
كېچە زۇلمەت پەردىسىنى چۈمكەپ ،بارچە غەرق ئۇيقىغا كەتسىمۇ يەنىلا مەن ئويغاق.چىراق تۈۋىدە پىلان تۈزگەن دەرسلەرنى ئۆگىنىمەن، يادىلايمەن. بەزىدە دېرىزىدىن ئايغا قاراپ نەسىمەنى سېغىنىمەن. مەن سېغىنىشقا  كۈنۈك... ئۇ مېنى ھەر كۈنى يوقلىما قىلىپ تۇرىدۇ.ئۇ چۈشىمگە پات-پات كىرىپ قالىدۇ. بەزىدە چۈشۈمدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ سوغۇق تامغا يۆلىنىپ  نەسىمەگە توختىماي پىچىرلايمەن.
‹‹ خەپ، چۇقۇم ئۆتۈپ كەتمىسەم... نەسىمە چۇقۇم مېنىڭ بولىدۇ. چۇقۇم مېنىڭ بولىدۇ...›› شۇنداق تەسەللىي بېرىپ ھەش –پەش دېگۈچە بىر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىمۇ تۈگىدى. ئاھ، شۇنداق راھەت بولۇپ قالدىم .ئۆگەنگەن كىشىگە ئاسان تۇيۇلامدىكىن ، ھاردۇقۇم چىققۇدەك ئىمتىھان بەرگەنىدىم .
مانا ، ئىمتىھان نۇمۇرىمۇ چىقتى. يۈرىكىم ھاياجاندىن تىتىرمەكتە... ناھىيە بويىچە ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر... ئاھ،ئۇڭۇممۇ ، چۈشىممۇ؟ ئاتا –ئانام، ئوقۇتقۇچىللىرىم ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىم مەندىن سۆيۈنمەكتە.
نەسىمەمۇ تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلدى. بىراق ئۇ ئۆزىنى مەندىن ئېلىپ قېچىۋاتاتتى. كۈرۈشۈشكىمۇ ئۇنىماي بۈگۈن،ئەتە،ئۆگۈن دەپ ئىزچىل كەينىگە سۆرەۋەردى.  
‹‹ساۋاقداشلار يىغىلىشى›› دا ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. بەزى قىز ساۋاقداشلىرىم بولسا چاچلىرىنى بۈدرە قىلىپ، ھەرخىل رەڭدە بويىغان بولۇپ،قارىسا كىشى ئەيمىنىپمۇ قالاتتى. ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى.ئۇ قىلچە ئۆزگەرمەپتۇ.تېخىمۇ تەمكىنلىشىپ كەتكەن بولۇپ ، ئىنتايىن مۇلايىم ئىدى. ئۇ يۈرۈش تۇرۇشتا ئۆزگەرمەپتۇ، كۆڭلىمۇ ئۆزگەرمىگەندۇر -ھە؟ ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر نەچچە ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم پىرقىراپ نېرى بۇلالمايۋاتاتتى، بۇ نېرۋامغا تازا تەگدى. مېڭەمدە يالت قىلغان بۇ خىيال بىلەن سورۇندا پەقەت ئولتۇرالماي قالدىم. ئاخىرى ھەممىسى بىر-بىرلەپ تارقىلىشقا باشلىدى. نەسىمە يەنە مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۋاتاتتى. ئاخىرى تاقەت قىلىپ بۇلالماي جۈرئەتلىك ھالدا ئۇنى چاقىردىم .
ــ نەسىمە! ئۇ بۇرۇلۇپ كەينىگە قارىدى-دە، يەنە شۇ تاتلىق تەبەسسۇم ياماشقان لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ:
ــ ھە! ئىشىڭىز بارمىدى؟
ــ ئازىراق گېپىم بار. ئەتراپىمىزدىكى ساۋاقداشلار بىر-بىرىگە قارىشىپ قۇيۇپ كۇسۇرلاشقىنىچە كېتىپ قېلىشتى.
ــ دەڭە ،ئاڭلاي... مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ:
ــ نەتىجەمنى ئۇقتىڭىزمۇ ؟
ــ ھەئە،ئۇقتۇم. ئۇ شۇنداقلا جاۋاب قايتۇردى. ئۇنىڭغا باشقا گەپلەر ئارتۇقچىدەك ھېس قىلدىم .ئەتراپ بىردەم سۈكۈتكە چۆمدى. گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەيلا ئۇدۇللا:
ــ بىرەرسىگە كۆڭۈل بەرمىگەنسىز –ھە؟  
ــ ياق ! ئۇنداق ئىش يوق،-ئۇ ئىنتايىن كەسكىن جاۋاب بەردى. كۆڭلۈم ئازىراق جايىغا چۈشۈپ:‹‹شۈكرى،ئاللاھ مىڭ شۈكرى...›› دەپ پىچىرلايتىم.
ــ ئارۇپ ، مەندىن ئۈمىد ئۈزمىگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدىم . كۆڭۈلنى زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ. ماڭا تىنچلىق كېرەك. مېنىڭ بۇ ئىشلارنى ئويلىغۇم يوق. مېنى ئىزدىمەڭ، بۇلامدۇ؟ سىزدىن ئۆتىنەي. نەسىمەنىڭ چىرايى بۆلەكچىلا تاتىرىپ كەتتى.ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپلا كېتىپ قالدىم .
« توغرا تىنىچ قۇياي. بىزدە‹بىر قېتىم يىلان چاققان ،ئۇن يىلغۇچە يىلاندىن قورقۇپتۇ»دەيدىغان گەپ بارغۇ؟ بەلكىم يۈرىكىمدىكى جاراھەت تېخى ساقايمىغاندۇر. ئالىي مەكتەپكە ئۆتسەم نېمە بوپتۇ،ئالدىدا نەتىجەمنى بىلدىڭمۇ دەپ كەتكىنىمنى، توۋا! تېخى بەش يىل ئالدىمدا... ئۇنىڭغا تىنچلىق كېرەك. ئۇ ھامان سېنىڭ. سەۋرىچان بول، ئارۇپ...›› ئۆز- ئۆزۈمنى بەزلەپ، لىۋىمنى چىشلىگىنىمچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يەنە  قاراپ قالدىم .

(6)




چاقىرىق كەلدى. بۇ قېتىمقىسى ھەممىنى خۇشال قىلىدۇ. ئارزۇيۇم بويىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹خەلىقئارا ئىقتىساد ۋە سودا›› كەسپىدىن كەلگەنىدى. پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر قولىمدىكى قىزىل رەڭلىك چاقىرىقىنى كۆرۈپ بۆلەكچىلا خۇشال بولۇشقانىدى.مەنمۇ ئائىلىمىزدىن چىققان ئۈچىنچى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلانغانىدىم. بىراق ئوقۇش پۇلى بۇ خوشاللىققا سوغۇق سۇ سەپتى.كىچىككىنە كىيىم –كېچەك دۇكىنى بىلەن تۆت بالىنىڭ ئوقۇشى ۋە بىر ئائىلىنى بېقىش ئاسانمۇ ؟ چوڭ ئاكامنىڭ ئوقۇشىغا بىر يىل قالغان.ھەدەمنىڭ يەنە ئىككى يىل بار ،ئۇ يەنە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقچى. كىچىك ئىنىم ئەمدى تۇلۇق ئوتتۇرغا چىققان. مەن ئوقۇمايمەن دېسەم دادام ھەرگىز قوشۇلمايدۇ. دادام ئوقۇيالمىغىنىدىن تولىمۇ ئۆكىنىدىغانلىقى ئۈچۈن «قېنىمنى سېتىپ بولسىمۇ سىلەرنى ئوقۇتىمەن» دېگەن. ھەدەم ئوقۇشقا ماڭغان يىلى شەھەر سىرتىدىكى قورو جاينى سېتىۋەتكەن. قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا ناھىيىلىك ھۆكىمەتتىن ئۈچ مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىپ ، قىيىنچىلىقىمىزنى خېلىلا يەڭگىللەتتى.قالغان پۇللارنى ئانامنىڭ بىر تال ئالتۇن ئۈزۈكىنى سېتىپ، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ياردىمىدە ھەل قىلدۇق.
مەن ئوقۇشقا ماڭىدىغان ئاخشىمى دادام ، ئانامغا ۋەدە بېرىپ ،چۇقۇم ياخشى ئوقۇيدىغانلىقىمنى، ئۇلارنىڭ ئەجرىگە جاۋب قايتۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئانام كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ،بېشىمنى مېھىرلىك قوللىرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ:
ــ جېنىم بالام، مۇشۇ ئەقلىڭنى ئاللاھ زىيادە قىلسۇن. چۇقۇم ياخشى ئوقۇ، -دېدى.داداممۇ ئارتۇق گەپ قىلماي بېشىنى لىڭىشىتىپ قويدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى.
يوغان مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ھەيرانلىق ئىلكىدە كىرىپ ، بۇ قوينى كەڭ، ئىلىم – مەرىپەت بېغىدا سىنىپ،ياتاق،كۈتۈپخانا بىلەن ئۈچ بۇرجەك مۇناسىۋەت ئورناتقىلى بەش ئايدىن ئاشتى.رەڭدار مەكتەپ مۇھىتى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئاتا-ئانىسىنى ئالداپ پۇلنى سۇدەك خەجلەۋاتقانلار،كىيىم –كېچەك، ئويناشتا بەسلىشىپ ئۆگىنىشنى بىر چەتكە قايرىپ قويىۋاتقان ئوغۇل-قىزلار غەزىپىمنى كەلتۈرسە، شەنبە–يەكشەنبە ياتاقتىن چىقماي ئۆگىنىش قىلىپ ياكى بىر يەرلەردە ئىشلەپ ئازىراق بولسىمۇ ئاتا-ئانىسنىڭ يۈكىنى يەڭگىلىتىۋاتقانلاردىن تولىمۇ مەمنۇن بولاتتىم. مەنمۇ شۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ ئايلىق خىراجىتىمنى ئۆزۈم ھەل قىلدىم. تاللا بازارلىرىنىڭ ماڭ يۆتكەش ئىسكىلاتىدا، ئاشخانىلاردا، يۈك توشۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلىدىم . ھالال يول بىلەن پۇل تاپىدىغانلا ئىش بولسا ھەممىنى قىلدىم . بۇ سەۋەپلىك ئۆگىنىشتىن قىلچە بوشاشمىدىم .ئىزچىل سىنىپنىڭ ئالدىدا ئىدىم.
نەسىمە بىلەن بىر شەھەردە بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشتۈم.ئۇ ماڭا «مېنى يالغۇز قوي ،تىنىچ قوي›› دەپ ئۆتۈنگەچكە ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋالماي دەپ ئۇنى ئىزدىمىدىم.ئۇ شۇنداق دېگەنسېرى ئىرادەم شۇنچە كۈچىيىپ كېتەتتى. ھىجرانلىق كۈنلەرگە مەن بۇرۇندىن كۈنۈك. يۈرىگىمدە يىغلىساممۇ،تېشىمغا چىقارماي ياشاۋەردىم.ھامان بىر كۈنى يۈرىكىمدە پارلاق قۇياشنىڭ چاقنايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. چۈنكى ئۈمىدۋار كىشى ئۈمىدسىزلىك، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىنمۇ قايتا يول تاپالايدۇ.
ئوقۇشقا كېلىپ ئىككى يىلغۇچە ئۆيگە قايتمىدىم. يىراقتىكى ئاتا- ئانامنىڭ ، قەلبىدىكى جاناننىڭ سېغىنىش جان-جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. بۇ ئوتنى بېسش ئۈچۈن ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويغان يىلى قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتتىم. دادام- ئاپاملار كۆزۈمگە بۆلەكچىلا قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. دادام بۇرۇنقىدىن سەل مۈكچىيىپتۇ. چاچ-ساقاللىرى ئاقىرىپ، بوۋايغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئانامنڭ بۇرۇنقى نۇرلۇق كۆزلىرى خۇنۇكسىرەپ، قاش-كىرپىكلىرى چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئىلگىركىدەك پارقىراپ تۇرىدىغان يۈزلىرىنى قورۇق بېسىپ نۇرسىزلىنىشقا باشلاپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ بىر خىل ئاچچىق سۇيۇقلۇق بۇرۇنلىرىمنى ئېتىشتۇرۇشقا، كۆزلىرىم قىزىرىشقا باشلىدى.بىراق ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋالدىم .
ئاتا–ئانا نەقەدەر ئۇلۇغ ئىنسانلار-ھە! پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئوتقا كىرىشكىمۇ تەييار. پەرزەنت كۆزىدە يىغلىسا ئۇلار يۈرىكىدىن يىغلايدۇ. ئۇلار مەڭگۈ پەرزەنت ئۈچۈن جان كۆيدۈردىغان،مىننەتسىز،مېھرىبان پەرىشتىلەردۇر.
تەتىلدە دادامغا ياردەملىشىپ دۇكانغا قارىشىپ بەردىم. خۇدانىڭ رەھمى كەلدىمۇ، سودىمىز خېلى يۈرىشىپ قالغانىدى.بىر كۈنى دۇكاندا گېزىت كۆرۈپ ئولتۇرسام ،ناھايىتى يېقىملىق بىر تۇنۇش ئاۋاز قۇلىقىم تۈۋىدە شىۋىرلاۋاتقاندەك تۇيۇلدى..زەن سالسام بۇ يۈرىكىمگە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرۇپ دەسساۋاتقان قىز نەسىمەنىڭ ئاۋازى ئىدى. يۈرىكىم دۈپىلدەپ سوقۇشقا باشلىدى.ئۇ دۇكان ئالدىدىن ئاپىسى قولتۇقلاپ نېمىلەر ئۈستىدە قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى. مەن ئۇنى كۆردۈم، بىراق ئۇ مېنى كۆرمىدى. قارا سوكنىيدىن تىكىلگەن تىزىدا چاپان، بوينىدىكى ئاپئاق شارپا، ياراشتۇرۇپ چىگىۋالغان شايە ياغلىق ئۇنىڭ زىلۋا بويىغا خويمۇ ياراشقانىدى.ئۇنى چاقىراشقا پېتىنالماي دۇكان ئىچىدن ئانا-بالىنىڭ سايىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردۇم.
خىيالىمدا ئويۇن دېسە جېنىنى بېرىدىغان، پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، نۇمۇسىنى قايرىپ ئوغۇللارنىڭ كەينىدىن غىلجىڭشىپ يۈرىيدىغان قىزلار بىلەن نەسىمەنى سېلىشتۇراتتىم.‹‹ياق!› دەيتىم ئىچىمدە.‹‹ نەسىمە كىم ؟ ئۇلار كىم ؟ مېنىڭ گۈلۈم ئالتۇنغا بەرگۈسىز نۇمۇسچان قىز. ئۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ئۆزەمچى ئۇنى نەدىكى بىر مايماقلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كەتكىنىمنى قارا، توۋا...›› تېلفۇن ئەنسىز جىرىڭلاپ خىيالىمنى تەرەپ-تەرەپكە ئۇچۇرىۋەتتى. تېلفۇننى ئېلىشىمغا ئاكام:
ــ دەرھال،دۇكاننى تاقاپ قايتىپ كەل،چاققان بول!-ئۇ شۇنداق دەپلا تېلفۇننى قۇيىۋەتتى.ئەنسىز تۇيغۇلار يۈرىكىمگە كەلكۈندەك بېسىپ كىرمەكتە.يۈرىكىم جىددى سوقماقتا ئىدى...
دۇكاننى تاقاپلا ئۆيگە قاراپ يۈگۈردۈم.ئۆيگە يېقىن كېلىشىمگە ئاسمان پەلەك كۆتۈرۈلگەن ئىس جاھاننى بىر ئالغانىدى.كاللامدا ‹‹ئۆيگە ئوت كەتتىمۇ–نېمە؟›› دېگەن شۇم خىيال يالت قىلىپ ئۆتتى-دە، قەدەملىرىمنى تېخىمۇ تېز ئېلىشقا باشلىدىم. ئىشىك ئالدىغا بىر مۇنچە ئادەملەر توپلاشقان بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسنىڭ قىزىل چىرىغى كىشلەرنىڭ گۇڭۇر- مۇڭۇرلىرىغا ماسلىشىپ بىر خىل رېتىمدا جىددىي يېنىپ تۇراتتى.يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى.پۇت-قوللىرىمدا جان قالمىغانىدى... كىشلەر توپىنى يېرىپ ھويلىغا ئېتىلىپ كىردىم. ئانام ھويلىدىكى سۇپىدا ھۇشسىز ياتاتتى. ئاكام ،ئىنىم ،ھەدەملەر ئەدىيال ئاستىدىكى بىر گەۋدىگە ئېسىلىپ ‹‹ۋاي دادا!›› دەپ يىغلاۋاتاتتى. قوشنا-خۇلۇملار،ئوت –ئۆچۈرۈش ئەتىرىتىدىكىلەر ئوتنى ئاللىمۇقاچان ئۈچۈرۈپ بولغانىدى. كۈيۈپ قارىدىغان تاملار، كونا ئەدىيال ئاستىدىكى جىمجىت گەۋدە، ئانامنىڭ ھۇشسىز ھالىتى، ھويلىدىكىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق يىغا-زارى، ئاھ، ئالدىمدىكى بۇ دەھشەتلىك سۆرەتكە قاراپ تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمىدىم. ئەدىيالنى ئېچىپ قارىشىمغا دەھشەتلىك بىر مەنزىرە نېرۋامنى قاماللاپ ،كۆزلىرىمگە ئىشەندۈرۈپ، مېنى قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىلكىپ تاشلىۋەتتى...
ھوشىمدىن كېتىپتىمەن.ھوشىمغا كەلسەم ئانام ماڭا ھەمراھ بولۇپ يېتىپتۇ. ئۇ تېخىچە ھۇشسىز ئىدى.بىز دوختۇرخانىدا يېتىپتۇق.ھوشۇشغا كەلگەندىن كېيىن دادامنىڭ قازاسىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىساممۇ قوبۇل قىلماي تۇرالمىدىم. ئۇنى ئەنە شۇ مۇڭلۇق قەبرىلەر دۇنياسىغا كۆمۈپ قويوپتۇ.
تىمتاس قەبرىستانلىق ئالدىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ دادامغا ئۇزۇن دۇئا قىلدىم. كىچىكىمدە بىزنى مۈرىسىگە چىقىرىۋېلىپ، يىمەي يىگۈزۈپ كەيمەي كەيدۈرۈپ چوڭ قىلغان دادام،بىزنى ئوقىتىمەن دەپ بارلىقىنى بېغىشلىغان دادام، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، پەرزەنت ئوتىدا كۆيگەن غەمگۈزارىم دادام، بۇ دۇنيانىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، مەدەكتەك پۇچىلانغان بەخىتسىز پۇچىلانغان دادام كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ مېنى قىيناشقا باشلىدى.ئۈن سېلىپ يىغلاپ يەنە دۇئاغا قول كۆتۈردۈم.
‹‹ئېھ، شەپقەتلىك ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپسەن. دۇنيا راھىتىنى تۈزۈك كۆرمىگەن دادام بىر ئۆمۈر ھالال ياشاپ،مەسچىدنى دوست تۇتقان سالىھ كىشى ئىدى. ئۇ بۇ دۇنيانىڭ ئوتىدا كۆيدى. ئەمدى ئۇنىڭغا دوزاخ ئوتىنى ھارام قىلىپ، جەننەتنىڭ گۈزەل باغلىرىدىن ئورۇن بەرگەيسەن...»
ئۆيگە ھالسىز تېنىمنى سۆرەپ قايتىپ كەلدىم.ئانام ھېلىمۇ ياخشى ھوشىغا كەلگەنىدى.يىغىدىن ئىششىپ كەتكەن قىزىل كۆزلىرىدىن يەنە ياش قۇيۇلماقتا ئىدى.ئىشىكتىن كىرىپلا ئانامغا ئېسىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم. قوشنىلار ئانامنى ، مېنى بەزلەشكە باشلىدى.
ــ بولدى ئالتۇنخان يىغلىغانغا ھەسەن ئاخۇن تىرىلمەيدۇ.يىغلىساڭلار ئۇنىڭ روھى قورۇلىدۇ.
ــ قوپە، بالام ئارۇپ بۇ يەردە ئولتۇر.ئاپاڭنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ يېرىم قىلماي، -دېدى قوشنىمىز تۇرسۇنخان ھەدەم.
ــ ھەممىگە مەن سەۋەپچى. ھەسەنئاخۇننىڭ ئۆلۈمىگە مەن سەۋەپچى. ئانام ئۆزىنى كاچاتلاپ يىغلاشقا باشلىدى.ھەممىمىز ئۇنى تۇتۇۋالدۇق.
ــ ئانا، بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ بۇ بىر تاساددىپىيىلىق،-دېدى ئاكام ئانامنىڭ ئوڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ ئۇنى بەزلىگەچ.
ــ ياق بالام مەن سەۋەپچى... قوشنىمىز سېلىماخۇننىڭ مۇرىسىدىن دائىم ئوت ئۇچقۇنداپ تۇرىدىغان. قاچان بىر يەرگە ئوت كېتەمۇ،دەپ كۆزۈم تۆت ئىدى. ‹‹بەندە سانىسا توققۇزنى،خۇدا سانا ئوتتۇزنى›› دەپ ئوت ئۇچقۇنداۋېرىپ بىزنىڭ ئامبارنىڭ ئۈستىدىكى ياغاچقا ئوت تۇتۇشۇپ كېتىپتۇ. ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقسام داداڭلار ئۆگزىگە چىقىپ ياغاچلارنى يەرگە تاشلاشقا باشلاپتۇ.قايتىپ چۈشسىلە، دېسەم بۇ ئوت ئۇلغۇيۇپ كەتسە پۈتۈن مەھەللىگە يامراپ كېتىشى مۇمكىن ، دەپ پەرۋامۇ قىلماي يەرگە ياغاچلارنى تاشلاشقا باشلىدى.ئامبار ئۆينىڭ ئۈستى بەك بوشلا يېپىلغان ئىدى. بۇ يادىمدا يوق سىرتقا باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىشقا چىقىپ كېتىپتىمەن. ھويلىغا كىرسەك ئاسمان-پەلەك ئوت ئىچىدىن ئاجىز ئىڭىرغان ئاۋازدىن بۆلەك ھېچنېمە ئاڭلانمىدى.ئوت قاراسلاپ كۆيىۋاتاتتى.ئاجىز تورۇس داداڭنى كۆتۈرەلمەي ،داداڭ بىر مۇنچە كۆيىۋاتقان ياغاچلار بىلەن بىللە ئۆي ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.ئۆيدە كىيىم-كېچەك مودىللىرى بار ئىدى.داداڭ شۇ مودىل –ياغاچلار بىلەن بىللە كۆيۈپتۇ.ئىشىك سىرتتىن تاقاق ،ئاچقۇچى داداڭدا ئىدى، بالام. بىز سىرتتىن تىركىشىپ يۈرۈپ ئىشىكنى ئاران ئاچتۇق. ئىشىكنى ئاچقاندا پۈتۈن ئەزايىنى ئوت قاپلىغان داداڭ ئۆيدىن ئۆمىلىگىنىچە چىقتى.ئوت كەتكەن ئادەمگە قۇم ياكى توپا چېچىپ ئوتنى ئۆچۈرۈش كېرەك ئىكەن،بىراق مەن كالۋا ئۇنىڭ بېشىغا بىر چېلەپ سۇ قويۇپتىمەن.ئاھ، خۇدا... ئۇ بىردەم جان تالىشىپ، تىركىشىپ جىم بولۇپ قالدى. ھەممىنى قىلغان مەن... ھەممىگە مەن سەۋەپچى... مەن كالۋا!!!- ئۇ ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.بىز تۆت بالىمۇ ئۇنىڭغا ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدۇق...
قوشنىلارنىڭ ياردىمىدە دادامنىڭ نامىزنى تىنىچ ئۇزاتتۇق.ئاكام ئۆي زىممىنى سېتىپ دۇكاننى ئىجارىگە بېرىۋەتتى. ئۇ خىزمەتكە چىققاچقا ئىدارىسىدىن ئۇنىڭغا بىر كىشلىك ئۆي تەگكەن ئىدى. ئانام بىلەن كىچىك ئىنىم شۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.ھەدەمنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئارزۇسىمۇ كۆپۈككە ئايلاندى. ئۇ دادام تۈگەپ ئىككى ئاي بولاي دېگەندە ياتلىق بولۇپ چىقىپ كەتتى.
مەكتەپكە ئائىلىدىكى بىر مۇنچە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ قايتىپ كەلگۈچە ئاللىمۇقاچان دەرس ئۆتىلىپ خېلى بىر يەرگە بېرىپتۇ.«ئوقۇش مۇكاپات پۇلى›› مېنىڭ ئۈمىدىم بولغاچقا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ دېگۈدەك ئۆگىنىپ تېزلا دەرسلەردە يېتىشىۋالدىم.شەنبە-يەكشەنبە كۈنلۈك ئىشلەشنىمۇ قولدىن بەرمىدىم. فاكولتىتنىڭ ‹‹قارا دوسكا›› سىنى ئىشلەپ بېرىپ ھەر ئايدا ئاز-تولا كىرىم قىلاتتىم. ئىشقىلىپ تۇرمۇشۇم بۇرۇنقى ئىزىغا چۈشۈپ،كۈندىن-كۈنگە ياخشىلانماقتا ئىدى.
تەتىلدە يەنە ئۆيگە قايتمىدىم . نەسىمە بىلەن بىر تەربىيلەش ئورنىدا روس، ئېنگىلىز تىلى ئۆگەندۇق.ئۇنىڭ تىرىشچانلىق ، ئىزچىللىقى مېنى قايىل قىلاتتى. كۈن ئارىلاپ دەرستىن چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاماق يەيتتىم، باغچىلارنى ئايلىنىپ كېلەتتىم. بۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. گويا ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغانىدىم.
ئايدىڭ كېچە. ئۇزۇن كەتكەن جىمجىت كوچا.ئىككىمىز بىللە ياندىشىپ كېتىۋاتىمىز.
ــ نەسىمە،ئوقۇشىڭىزمۇ پۈتەي دەپ قالدى قانداق قىلاي دەيسىز؟
ــ مەكتەپ مېنى ئېلىپ قالىمىز دەيدۇ. مېنىڭمۇ قالغۇم بار. بىلىسىز ئۈرۈمچى چوڭ شەھەر.بۇ يەردە ئۆگىنەي دېسىڭىز ھەممە تەل... ھەم بۇ يەردە قالسام ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرالايدىكەنمەن.
ــ توغرا .ياخشى ئويلاپسىز.
ــ سىزچۇ؟
ــ مەن تېخى ئويلاشمىدىم .ئىشقىلىپ سىز پەخىرلەنگۈدەك ئادەم بولىمەن.ئۇ مىيقىدا كۈلۈپ قويدى-دە،خىجىللىقتىن ئىتتىك يەرگە قارىۋالدى.
ــ نەسىمە.
ــ ھەئە؟
ــ كۆڭلىڭىزدە بىرەرسى يوقتۇ-ھە؟
ــ سىزچە باردەكمۇ؟ قىزنىڭ غەزەپ ئارىلىشىپ كەتكەن قارا كۆزلىرى ماڭا تىكىلدى. قارا كۆزلەر ماڭا توختىماي سۆزلەيتى.ئىككى تامچە ياش يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك قارا كۆزلەردىن ئۈلۈپ چۈشتى. ئۇ يېشىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن كۆزلىرىنى ئىتتىك باشقا تەرەپكە ئېلىپ قاچتى... ئارىنى بىر پەس جىملىق قاپلىغاندىن كېيىن :
ــ بولدى. ھەممىنى چۈشەندىم . سىز پەقەت مېنىڭ گۈلۈم... پەقەت مېنىڭلا!!! دەپ ئاۋازىمنى بولۇشىغا قۇيۇپ ۋارقىرىۋەتتىم.مەن بۇ نازۇك ھېسياتىمنى نەسىمەگە، پۈتكۈل كوچىغا،پۈتۈن شەھەرگە ياق! پۈتكۈل جاھانغا جاكارلاۋاتاتتىم.
*******              *******              ********
مەن نىمىلەرنى قىلىپ يۇرۇيمەن،مىنىڭ سۇيگىنىم نەسىمە ئەمەسمىدى. مەن قاچانلاردىن بۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدىم،
ئاچچىق خىيال تىگى يوق ئەسلىمىلەر مىنى ئۆزەم خالىمىغان رەۋىشتە قىينىماقتا ئىدى.
مانا شۇ چاغدىلا چوڭلارنىڭ،ئايال كىشى تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا بەزى ئەرلەر تالاغا قاراپ قالىدۇ دىگەن سۆزلىرى قۇلاق تۇۋۇمدە ياڭراشقا باشلىدى.توۋا مەن بىلىپ بىلمەي ئاشۇ «بەزى» ئەرلەرنىڭ قاتارىغا قانداقلارچە كىرىپ قالغاندىمەن؟ ئەجىبا مەن نەسىمەنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولوپ قالدىمما، مەن راستىنلا خاسىيەتنى ياخشى كۆرۆپ قالغاندىمەنمۇ؟ نىمە ئۇچۇن بۇنداق ئازاپلىنىمەن؟
خىيالىم يەنىلا ئۆتۆپ كەتكەن شۇ يىللار ئارىسىدا پەرۋاز قىلماقتا ئىدى. تۇرۇپلا خاسىيەتكە تېلېفون قىلغۇم كەلدى،لېكىن بۇنداق قىلىشىمنىڭ ھەقىقەتەن چەكتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنىلا بۇ خىيال مىنى قىينىماقتا ئىدى. ئاخىرى تېلىفون تۇرۇپكىسىنى ئالدىم-دە، خاسىيەتنىڭ تېلىفونىغا تېلىفون قىلىش ئۇچۇن يادقا بولۇپ كەتكەن نۇمۇرلارنى بېسىشقا باشلىدىم،يۈرىكىم بارغانچە ئەنسىز سوقوشقا باشلىدى.قارشى تەرەپنىڭ ۋەي! دېگەن ئاۋازى چىقىشى بىلەن تەڭ ئۆزەمنى بىلمەيلا تېلىفوننى جىددى قويۇۋەتتىم.شۇندىلا يۇرۇكۇم جىددى سوقوشتىن توختىدى.ھەقىقەتەن جىددىلەشكەن ئىدىم، خىيالىمدا ئۇنىڭغا نېمە دەيمەن،نېمە دېيىشىم كېرەك دىگەنلا سۇئال؟
قولۇم تېخى تۇرۇپكىدىن يىراقلاشماستىنلا تېلىفوننىڭ ئەنسىز جىرىڭلىغان ئاۋازى مىنى چۆچۈتۈۋەتتى. توۋا بىلگەندەكلا خاسىيەت قايتۇرۇپ ئۇرغان ئىدى.
تېلىفوننى شۇنچە ئىزتىراپتا ئالدىم،يۈرىكىمدىكى تەشۋىشلەر قاياققىدۇ يوقاپ كەتكەن ئىدى. مەن شۇ چاغدىلا ئىككى خىل ئادەمنىڭ رولىنى ئېلىۋاتقىنىمنى، چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھىسىياتقا قۇل بولۇۋاتقىنىمنى چۈشىنىپ قىلىۋاتقاندەك ئىدىم.
-ۋەي، جىنىم بامۇ سىز؟
-ھە. مەن بار.
-ۋاي- ۋۇي، جىنىم يوقاپلا كېتىدىكەنسىز،ئادەمنى ئەنسىرتىپ... قول تىلىفونىڭىزغا تىلىفون ئۇراي دىسەم ئايالىڭىز بىلىپ قالمىسۇن دەپ ئۇرمۇدىم،لېكىن سىز نىمە قىلىۋاتىسىز،ئاخشام شۇنچە شىرىن كىچىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپلا يوقاپ كېتەمسىز؟ ئەھۋالمۇ سوراپ قوياي دېمەيسىزا!
-ھە، مەن شۇ...
-ھە بولدى ! ئايالىمدىن قورقوپ دەڭا؟
ـ........
-بۈگۈن دەم ئالاتتىڭىزغۇ؟ ئىشخانىڭىزغا سولىنىۋىلىپ نېمە قىلىۋاتىسىز؟ مېنى سېغىنمىدىڭىزما جىنىم؟ مەن بەك سىغىندىم سىزنى...
-مەن مەن ...مەن،
-ۋوي ، نىمە بولدى جىنىم سىزگە،ئەجەپ دۇدۇقلاپلا قالدىڭىزغۇ؟ ئايالىڭىزدىن تاياق يىمىگەنسىز -ھە؟
-خاسىيەت ئازراق ئىشىم بار ئىدى،كىيىنچە سۆزلەشسەك،ئىشىمنى تۇگىتىپ بولۇپلا سىز بىلەن ئالاقىلىشاي -ھە؟ دىدىم-دە، ئۇنىڭ جاۋابىنى كۇتمەيلا تېلىفوننى قويۇۋەتتىم.
ئۇنىڭ ئەركىلەپ دېگەن گەپلىرى ماڭا شۇنچە خوش ياققان بولسىمۇ تۇرۇپلا ئايالىم نەسىمەنى ئەسلىتىپ قويدى،ئايالىم خاسىيەتتەك ئەركىلىيەلـ ـمەيدۇ، ناۋادا خۇش بولۇپ كېتىپ بىرەر قېتىم ئۇنى ئۆزەمگە تارتسام ئۇنىڭ يۇزلىرى بىلىنەرلىك قىزىرىپ كىتىدۇ- دە،دەرھاللا مېنى ئۆزىدىن يىراق قىلىدۇ.
-ھاي ،،سەت تۇرىدۇ،بالا بار...
-ۋاي نېمانداق قىلىسىز،ئادەمنى خىجىل قىلماڭە -،دەيدۇ- دە ،ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ماڭا قاراپ پىسىڭڭىدە كۈلۇپ قويۇشىغا قاراپ ھەۋەسلىنىپ قالىمەن.
ئۆزەمنىڭ تۇرۇپلا كۈلۇپ كەتكىنىمنى بىلمەيلا قالدىم، توۋا مەن نىمە بولىۋاتىمەن؟ مەن زادى نېمە بولدۇم؟؟؟
ياق مەن سىرتقا چىقىشىم كىرەك،بۇ ئىشلار مىنى تۇگەشتۇرىۋىتىدىغانـ ـدەكلا، مەن ئەمدى بۇ شىرىن ھەم ئاخىرى يوق خىياللارنى قىلمايمەن، بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالاي بەلكىم بۇنىڭغا جاۋابنى كىيىنچە تاپارمەن... مانا شۇ خىياللار بىلەن سىرتقا چىقتىم،بىنا ئىچىدە تونوشلاردىن ئۆزەمنى ئەپ قاچتىم،بۇنداق ۋاقىتتا بىرەرسىنىڭ ئۇچىرىشىپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايتىم. تەلىيىمگە ھىچ كىم ئۇچىرىمىدى،بۇگۇنكىدەك دەم ئېلىشتا كىممۇ دەم ئالماي مەندەك ئىشخانىسىدا تىمىسقىلاپ يۇرىدۇ دەيسىز؟ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نېمىلەرگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى تولۇق بىلىپ كەتمىسەممۇ،جاۋاپسىز قالغان سۇئاللارنى يەشمەكچى، ئاخىرى چىقمايدىغان خىياللاردىن ئۆزەمگە تەسەللى ئىزلىمەكچى بولۇۋاتىمەن. ئاياغ تىۋىشلىرىممۇ ئۆزەمگە باشقىچە ئاڭلانماقتا ئىدى،دەماللىققا نەگە بېرىشىمنى بىلمىدىم، ئىشىك تۇۋىگە كىلىپ ئىككى تەرەپكە قارىماقتىمەن،
ئاھ ،خۇدا نىمە ئىشتۇ بۇ ئەمدى،ھەتتا نەگە بىرىپ نىمە قىلىشىمنىمۇ بىلەلمەيۋاتاتتىم،تۇرۇپ ئۆزەمدىن گۇمانلانغىلى چۇشتۇم،مەن قانداق ئادەم؟ -ھەي ئاروپ سىنىڭ ھەتتا بىرەر يىقىنىڭمۇ يوقمۇ؟ھال كۇنۇڭنى دەپ مەسلىھەت سورىغاچ ئىچ باغرىڭنى تۆككىلى؟
-كىمگە نىمە دەيمەن؟ مەن باشقا ئاياللار بىلەن ئىش- پەش تارتىشىپ قالدىم دەيمەنمۇ؟ ياق ھەرگىز ئۇنداق ئىش بولمايدۇ! مەن پەقەت ھەم پەقەت نەسىمەنىلا سۆيىمەن ئۇ مىنىڭ بارلىقىم دەيتىم ئىچىمدە.موشۇ غۇۋا خىياللارنى قىلىۋاتقاندا خاسىيەتنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى ئەركىلەپ نازلىنىشلىرى كۆز ئالدىمغا كىلىۋىلىپ مىنى يەنە بىئارام قىلىشقا باشلىدى. يەنىلا ئىشخانىغا قايتىشنى قارار قىلدىم،سىرتتا دوقوروپ يۇرۇشتىن خىجىل بولدوم، ھەم بارغىدەكمۇ يەرنى ئويلاپ تاپالمىدىم، تونوشلارنىڭ ئۇچىراپ قىلىشىدىن ئەنسىرىگەنمۇ بولدوم.يەنىلا ئىشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇشنى ئويلىدىمدە ئازىراق يەيدىغان ئىچىدىغان نەرسە ئىلىپ كىرىپ كىتىش قارارىغا كەلدىم. شۇنداق مەن ئۆزەمنى تۇتىۋىلىشىم كىرەك! قانداق قىلىش توغرىسىدا ئوبدان ئويلىشىــشىم كىرەك.
شۇ خىياللار بىلەن شىركىتىمىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاللا بازىرىغا كىرىپ قاپتىمەن.ھاراقتىن بىر بوتولكا ئۇششاق- چۇششەك يىمەكلىكتىن ئالدىمدە ئالدىراش پۇلنى تۆلەپ ئىشخانامغا يۈگۈردۈم.
ئىشخانىغا كىرىپلا ئىشىكنى ئىچىدىن ئېتىپ،ئالغان نەرسىلىرىمنى رەتلىك تىزدىم-دە،تېلىفون ئىكرانىغا قاراپ قويدۇم،شۇ دەقىقىدە نېمە ئۈچۈن تېلىفون خاتىرىسىگە قارايدىغانلىقىمنى بىلمىسەممۇ ئىتتىكلا بۇ قىلىغىمدىن غەلىتىلىك ھېس قىلدىم،ئويلىمىغان يەردىن خاسىيەتنىڭ تېلىفون نومۇرى ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
بولدىلا ئەڭ ياخشىسى كۆرمىگەنلا بولاي دىدىم ئىچىمدە، كۆڭلۇمدە يەنىلا ئۇنىڭغا تىلىفون ئۇرۇپ باقاي دىگەن نىيىتىم بولسىمۇ.
تېخى بايىلا ئېلىپ كىرگەن نەرسىلىرىمنى بىر قۇر نەزىرىمدىن ئۆتكۈزۋېتىپ، رەتلىك تىزدىمدە ئىشخانىدىن ھاراق قۇيغۇدەك نەرسە ئىزلەشكە باشلىدىم،بۇ ھالىتىم ھەقىقەتەنمۇ ھاراق ئىچمىسە تۇرالمايدىغان ھىلىقى ھاراقكەشلەر بىلەن قىلچە پەرقى يوق ئىدى،
مانا شۇنداق قىلىپ خىزمەت تارىخىمدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئىشخانىدا ھاراق ئىچىپ باقمىغانلىق رېكورتىمنى بۇزماقتىمەن، شۇنداقلا ‹‹خىزمەت ۋاقتىدا ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ!›› دېگەن ئىشچى- خىزمەتچىلەر تۈزىمىمۇ بىرىنچى قېتىم مېنىڭ ئالدىمدا بۇزۇلماقتا ئىدى ،شۇنداق ،مەن بىرىنچى قېتىم خىزمەت تۈزىمىگە خىلاپلىق قىلىۋاتىمەن ھەمدە بىلىپ تۇرۇپ قىلىۋاتىمەن. بولدىلا بۇلارنى ئويلاشقا ۋاقتىم يوق.
بىر رومكا ،ئىككى رومكا ھاراق ئارقا -ئارقىدىن كانىيىمنى كۆيدۈرۈپ قورسوقىمغا كىرىشكە باشلىدى،قاڭسىق ھاراقنى بىرىنجى قېتىم ئۆزەم يالغۇز ئىچمەكتە ئىدىم.كومپىيوتىرنى ئېچىپ مۇزىكا قۇيۇپ ئولتۇراي دېدىم ئۆزەمگە، ياخشىراق مۇزىكا ئىزلەپ باقاي دېدىم-دە ،تور بەتلىرىنى ئىزلەشكە باشلىدىم. تۇرۇپلا قايسى بىر بېكەتتىن «مىرزات ئالىم» نىڭ مۇزىكىلىرىنى سېغىندىڭىزمۇ؟ دېگەن تېمىنى كۆرۈپ قالدىم ھەمدە ئۇنى ئاچتىم.
توۋا قېرىشقاندەك «ئاجىراشماڭلار ئاتا-ئانىلار»دىگەن ناخشا جاراڭلاشقا باشلىدى،بۇ بىر ئورۇنلاشتۇرۇشتەكلا بولۇۋاتاتتى، خىياللىرىم يەنە چېچىلىشقا، ئۆتكەن ۋاقىتلارنى يەنە بىر ئەسلەشكە ۋاقىت ئاجىرىتىپ بېرىۋاتقان ئىدى. مەن داۋاملىق خىيالغا چۈكۈشكە باشلىدىم.


(7)




قايناق ئۆگىنىش مۇھىتى ئىچىدە ھەش-پەش دېگۈچە بەشىنچى يىلغا قەدەم قويغانلىقىمنى سەزمەيلا قاپتىمەن.بىر كۈنى ياتاقتا فاكولتىتتىكى بىر قىزنىڭ ماڭا يازغان «سۆيگۈ خېتى›› نى ئازىراق ئوقۇپلا يىرتىپ ئولتۇرسام ياتاقدىشىم دىلشات كىرىپ كەلدى.
ــ ئاغىنە ، يەنە «سۆيگۈ خېتى›› تاپشۇرىۋالدىڭما؟ ماڭا  نېمىشقا مۇشۇنداق ئامەت كەلمەيدىغاندۇ؟ سەندىكى بوي ، چىراي مەندە بولغان بولسا مەكتەپتىكى 60 پىرسەنت قىزلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ خۇشال يايراپ يۈرمەمتىم.ھەي... ئۇ تاماكىسىدىن بىرنى چىقىرىپ لىۋىدە چىشلەپ يەنە سۆزلەشكە باشلىدى.
ــ ئارۇپ، سەن بەك دۆتمۇ ياكى ئەقىللىقمۇ؟ئەتىدىن كەچكۈچە ئۆگىنش،ئۆگىنش دەپلا يۈرىيسەن .نۇرغۇن ئالىملىرىمىز ئۆگىنىپ بولالمىغان بىلىمنى سەن،مەن مۇشۇ ئاددىي كاللىمىز بىلەن ئۆگىنىپ تۈگىتەلەمدۇ؟ سىنىپتا بىرەرسى چاقىرسا بارمايسەن. بارساڭ سائەت سەككىز بولغۇچە مۇشۇ سېسىق ياتاققا ئالدىرايسەن.‹‹جا ئاكتىپ›› دېگەن لەقەمنىڭ ئىگىسى بولۇشقا رازىغۇ سەن. بەش يىلغۇچە پەقەت چۈشىنىپ بولالمىدىم سېنى.ئۇ تاماكىسىنى كۈچۈپ –كۈچۈپ شوراشقا باشلىدى.تاماكا ئىسلىرىنى قولۇم بىلەن قورۇپ قۇيۇپ :
ــ ھە نوچى ،ئاخشام نەگە باردىڭ ؟-دېدىم .
ــ ۋاھ ، ئاداش ئاخشام ياشىدىم دېگىنە.ۋاھ ...ۋاھ...ئۇ كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ يىنىك يۇمدى-دە، مەيدىسىنى سىلاپ تۇرۇپ:
ــ پېچىتى بۇزۇلمىغان بىر قىز بىلەن بىللە بولدۇم.
ــ نېمە؟!!!... غەزەپتىن تىتىرەپ ئورنىمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
ــ ھەي، بولدى تىتىرمىگىنە .بۇ يەردە ئولتۇرە ئالدىرىماي دەپ بېرىمەن.ۋاي، توڭ سويما! مانا ئەمەسمۇ بار دېسە بارمايسەن .ئىش كۆرمىگەن... ئوغۇل بالا دېگەنچۇ ھەممە ئىشنى مانداق كۆرۈپ بېقىش كېرەك .‹‹ ئوغۇل بالىغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەر ئاز›› دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمۇ ؟ ئۇ قىزغىنلىق بىلەن پەخىرلىنىپ سۆلەشكە باشلىدى.
ــ تۈنۈگۈن تېخى يېڭىلا ئوقۇشقا كەلگەن بىر نەچچە قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان دېگىنە . بىر نەچچە دوستوم بىلەن ئۇلارنى ‹‹ئەرۋاھ›› مۇزىكىلىق ئارامگاھىغا بېرىپ ئوينىتايلى دېيىشىپ ،ئۇلارغا مەسلىھەت سالساق ماقۇل دېدى.نەق تۆت قىز ، تۆت يىگىت تازا پۇخادىن چىققۇچە يەپ-ئىچىپ ئوينىدۇق. ئۇ قىزلارمۇ ئويناشقا كۆنەكمۇ خېلى ئويناپ قۇيىدىكەن.بۇ قىزلار ھاجەتخانىغا يالغۇز بېرىشتىن قورقۇپ بىللە بارىدىكەن. مۇشۇ پۇرسەتتە ھېلىقى ئەركىن بايتال قىزلارنىڭ ئىچىملىكىگە بىھۇش دورىسى سېلىۋەتتى.بىز قىزلار كىرىشىگە ئۇلارنى تاڭسىغا دېسكوغا زورلىدۇق. ئۇلار تازا قىززىپ ئىچىملىكىنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىشكە باشلىدى.بىردەمدىن كېيىن پۇرسەت كەلگەندە خوجايىنغا دەپ ئايرىمخانا ئاچقۇزۇپ جۈپ –جۈپ بولۇشۇپ كەتتۇق... ۋاھ، گۈلمىرە بىر پارچە ئوت ئىكەن كاساپەت... جاننى ئېلىپ يەردە قويدىغۇ؟ ئاھ، ئاخشامنى ئويلىساملا... دىلشات خۇمالاشقان كۆزلىرىنى خىرە-شىرە يۇمۇپ ھىجىيىپ ياتاتتى. ئۇنىڭ كاچىتىغا نەچچىنى سالغۇم ، ئۇنىڭ بىلەن بىرمەيدان ئېلىشقۇم كەلدى. بىراق ئۇنىڭ بۇ بىرىنجى قېتىملىقى ئەمەس ... نەچچە قېتىم گەپ قىلىپ ھېرىپ قالغاچقا ئېغىر سۈكۈت ئىچىدە بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئالداپ تەربىيلەش ئورنىدا ئوقۇيمەننى باھانە قىلىپ پۇل ئېلىشلىرى، دەرس ۋاقتىدا توختىماي ئۇچۇر يوللاپ، سۆيگىنى بىلەن سائەت- سائەتلەپ پاراڭلىشىپ ۋاقىتنى بىكار –بىكار ئۆتكۈزۈشلىرى،تىرىشقانلارنى كۆرەلمەي‹‹جا ئاكتىپ››، «مۇئەللىمنىڭ» يالاقچىسى دەپ لەقەم قۇيۇشلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ بېشىم سىيقىراپ ئاغىرىپ كەتتى. يۈرىكىمدە ئەپسۇسلىنىش، نەپرەت ۋە ئېچىنىش...
  ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى بولغاچقا سىنىپىمىزدا يىغىلىشلار كۆپىيىپ قالدى. نۇرغۇنلىرىنى رەت قىلىۋەتكەن بولساممۇ ساۋاقدىشىم ھەم ياتاقدىشىم دىلشاتنىڭكىنى رەت قىلالماي بىر نەچچە ساۋاقدىشىمىز بىلەن شەھەردىكى بىر مۇزىكىلىك ئارامگاھقا كەلدۇق. كۈتكۈچى بىزنى بىر ئايرىمخانىغا ئورۇنلاشتۇردى. مېنىڭ بۇنداق سورۇنلارغا كېلىشىم تۇنجى ئىدى.مەن تېلۋۇزۇردا، گېزىت- ژۇرناللاردا سۆكۈلىۋاتقان «رەڭلىك سورۇن» نىڭ دەل مۇشۇ ئىكەنلىكىنى پەملىدىم. ئۈستەل ئۈستىدىكى لىق يىمەك- ئىچمەك ، ھاراق –تاماكا بىزنىڭ بىر تەرەپ قىلىشمىزنى كۈتۈپ تۇراتتى.ئۇلار ماڭا زورلاپ بىر ئىستاكان ھاراقنى ئىچكۈزىۋەتتى. ھاراقنىڭ ئاچچىق تەپتىدىن قېقىلىپ كەتتىم ئۇلار مېنى مازاق قىلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى.دىلشات بىر چاغدا كۈتكۈچىنىڭ قۇلىقىغا نېمىلەرنىدۇ پىچىرلاپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۈچ قىز غىلجىڭشىنىغىچە كىرىپ كەلدى. قىزلاردىن بىرى ھېچ تەپ تارتماي يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى-دە:
ــ ياخشىمۇسىز چىرايلىق يىگىت . مېنىڭ ئىسمىم پەرى. ئىسمىڭىز نېمە؟-دېدى قۇيۇق گىرىم قىلغان كۆزلىرىنى سوزۇپ.
ــ دىلشات ،-دېدىم سوغۇقلا.
ــ ھە، دىلشات ئاكامكەنسىز-دە. ئۇ شۇنداق دېگەچ ماڭا بىر تال تاماكا تەڭلىدى.
ــ كەچۈرۈڭ مەن تاماكا چەكمەيمەن. ئۇ ئۈن-تىنسىز ھالدا تاماكىنى پۇرقىرتىپ چېكىشكە باشلىدى.قىز ناھايىتى قىسقا يوپكا كىيىۋالغان بولۇپ يوتا پاچاقلىرى ئۇچۇق ئىدى. مەيدىسى ئۇچۇق،ئادەم قارىسىمۇ ئەيمەنگىدەك ئىدى...سېرىق چاچلىرىنى پات-پات ئارقىغا تاراپ قۇياتتى. يۈزلىرىدىكى قۇيۇق گىرىم ئۇنى بەئەينى كۆك ئەرۋاھقا ئوخشىتىپ قويغانىدى .
ــ ۋاي ، چىرايلىق ئاكا ئولتۇرماي ئىچكەچ ئولتۇرىڭە،-دەپ ماڭا بىر ئىستاكان ھاراق تەڭلىدى.
ــ مېنى زورلىماڭ ، ئىچمەيمەن! سۆزۈم قوپال ھەم سوغۇق ئىدى. ئۇ سەل رەنجىپ ھاراقنى گۈپپىدە قىلىپ كۆتۈرىۋەتتى. بىر قىز بالىنىڭ بۇنداق كۆتۈرۈشلۈك ئىكەنلىكى مېنى ھەيران قالدۇردى.باشقىلار خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى يىنىك يۇمۇپ، قىزلار بىلەن چاپلىشىپ تانسىغا چۈشكەنىدى.
ــ قوپۇڭە ،ئەمىسە بىزمۇ تانسا ئوينايلى .قىز ھېچ ئەيمەنمەستىن قولۇمنى تۇتۇپ ئالدىغا تارتتى.
ــ مەن... مەن تانسا ئۇقمايمەن.
ــ مەن ئۆگىتىپ قۇيىمەن قۇپۇڭە.باشقىلارنىڭ زورلىشى دىلشاتنىڭ مازاق قىلىپ:
ــ ئاداش ،ھەي قوپە ئىشتانغا چىقىرىپ قويمىغانسەن-ھە ۋە...دەپ سەت كۈلۈشلىرى مېنى ئورنىمدىن قوپۇشقا مەجبۇر قىلدى.قىز ھېچ خىجىل بولغاندەك ئەمەس ئىدى.ئۇ مۈرەمدىن قاماللاپ ، ئۇڭ قولىمدا بېلىنى تۇتقۇزۇپ قويدى.ئىزا تارتقىنىمدىن ئۆزۈمنى قىزدىن ئامال بار قاچۇراتتىم.
ــ ھوي ، چىرايلىق ئاكا خىجىل بولماڭ. ئۇ شۇنداق دېگەچ كۆكسىنى مەيدەمگە ياقتى. ئاپئاق بىلەكلىرىنى بوينۇمغا يۆگىدى. ئاياللاردىن كېلىدىغان بىر خىل ئوتلۇق سېزىم نېرۋامنى غىدىقلاپ ھېسياتىمنى ئويغۇتىۋەتتى. قىزنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاپ ،ئۇنىڭ لەۋلىرىگە سۆيمەكچى بولدۇم.ئاھ ،كۆز ئالدىمدا نەسىمە!... ئۇ ماڭا ‹‹ ۋۇ ھايۋان!›› دەپ تىكىلىپ تۇراتتى.تۇيۇقسىز ھەركەتتىن توختاپ، چاپىنىمنى ئالغىنىمچە ئايرىمخانىدىن يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتىم. نەسىمەگە يۈز كېلەلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم . دادام  مېنى ھەدەپ ئەيىپلىمەكتە... ئەتىسى دىلشات ماڭا ھۈرپىيىپ :
ــ ھەي، قىز بالا ئالدىدا يۈزۈمنى تۆكۈپ ... بېشىدىلا بارمايمەن دېسەڭ بولمامدۇ؟ .ھۇ تومپاي سەھرالىق،كىتاب خالتىسى ... دىلشاتنىڭ نادانلىقى ماڭا ئايان بولغاچقا ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمىدىم .ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنداق جايلارغا بارماسلىققا قەسەم ئىچتىم.

(8)




ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر ئاي قالغاندا بىر قانچە شىركەتنىڭ تەكلىپ خېتىنى تاپشۇرىۋالدىم . بەلكىم ياخشى نەتىجىللىرىم بولغاچ خىزمەتنى مەن ئەمەس، خىزمەت مېنى ئىزدەپ كەلگەنىدى. مەكتەپنىڭ مېنى ئېلىپ قېلىش قارارىنى رەت قىلىپ، شەھەردىكى چەتئەل ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان بىر شىركەتكە تەكلىپ خېتىنى كۆتۈرۈپ باردىم . دېرىكتۇر نەتىجىللىرىمنى ۋە ئېنگىلىزتىلى ، رۇس تىلىدىكى ئالاھىدىلىكىمنى كۆزدە تۇتۇپ مېنى ئالاھىدە كۈتىۋالدى ھەمدە شىركەتنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇردى. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ مەن خىزمەتكە باش چۆكۈپلا كىرىپ كەتتىم. خىزمەتتىكى تىرىشچانلىقىم،ئەستايىدىللىقىم، مەسئۇلىيەتـ ـچانلىقىم دېرىكتۇرنى تەسىرلەندۈردىمۇ قانداق مېنى تېخىمۇ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى. مۇئاشىممۇ خېلىلا يۇقىرى ئىدى. خىزمەتتىكى ھەمكارلاشقۇچى شىركەتلەر بىلەن داڭلىق مېھمانخانا ، رېستۇرانلارغا باراتتىم .مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى ، ئەينى چاغدىكىم مۇزىكىلق ئارامگاھلار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشلەر بارىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى بۇ ئېسىل جايلار بىلەن سېلىشتۇرپ ئاندىن بىلدىم .يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە شەھەردىكى ئەڭ ئېسىل ئولتۇراق رايۇنىدىن بىر تاۋار ئۆي سېتىۋېلىپ ،بېزەپ ئانام بىلەن ئىنىمنى ئەكىلىۋالدىم . ئانام ئۆيدىكى بېزەلگەن تاملارنى، ئۆي جازىلىرىنى سىلاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
ــ رەھمەتلىك داداڭ ھايات بولغان بولسا مۇشۇ كۈنلىرىڭنى كۆرگەن بولسا قانچە خۇشال بولغان بۇلاتتى-ھە!
ــ بولدى ئاپا يىغلىما! ئەمدى مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ كېيىنكى تۇرمۇشىڭنى خاتىرجەم ئۆتكۈزگىن. ھېيىت –بايراملاردا يۇرتقا بېرىپ كېلىمىز. ئىنىمنى ئۆزۈم ئوقىتىمەن. ئۆي كەڭرى . بۇ ئۆي ئەمدى سېنىڭ ،ئاپا! ئۇ ماڭا ئېسىلىپ خۇشاللىق ياشلىرىنى ئاققۇزماقتا ئىدى...
بىر كۈنى ئىشخانامدا ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتسام دېرىكتۇر كىرىپ كەلدى. ئۇ ماڭا بىر توختامنى تۇتقۇزۇپ :
ــ ئارۇپ ، بۇ توختامنى ئۇقۇپ ئىمزالىشىمىز كېرەك بۇ توختام شىركەتنىڭ كېيىنكى تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .سىزگە ئىشىنىپ بۇ خىزمەتنى سىزگە تاپشۇردۇم . ئەستايىدىل كۆرۈپ ئىشنى تېز تۇتقايسىز . ئۇ قولۇمنى چىڭ سىقىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.
كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ پىلان تۈزۈپ ، ماتىرىيال تەرجىمە قىلىپ ، رەتلەپ ئاخىرى خىزمەت لايىھىسىنى ۋە دوكلاتنى پۈتتۈرۈپ چىقتىم. ھەمكارلاشقۇچى شىركەت خىزمەت پىلانى ۋە دوكلاتنى كۆرۈپ رازى بولۇشقاندىن كېيىن شىركىتىمىز بىلەن توختام تۈزدى. بۇ توختام شىركەتكە مىليون يۈەنلىك پايدا ئەكەلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر يىل ئىچىدە بۇنداق توختامدىن ئۈچنى ئىمزالاپ شىركەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە مېنىڭ شىركەتتىكى ئورنۇم بىراقلا كۆتۈرۈلدى.شىركەت ماڭا ماشىنا ئېلىپ بېرىپ قاتناش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلدى.دادامنىڭ :«خۇدا تىرىشچان بەندىسىگە ئايىماي بېرىدۇ.» دېگەن گەپلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كۆز يۇمماس ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم .  
  ئەمدى مەن دۇنيادىكى مۇھەببەتلىشىشكە ئەڭ لايىق ئىنسان. يۈرىكمدىكى قارا ھىجرانغا خاتىمە بېرىلىدىغان كۈنلەرگە ئاز قالدى. ئۆمرىمنىڭ تۇنجى مۇھەببەت ۋاراقلىرىنى ئىزلىغان نەسىمە يەنە خىيالىمدا... ئۇنى پات-پات ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىمەن. ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ قارا كۆزلىرىدىن ھاياتقا بولغان قىزغىن مۇھەببەتنىڭ چاقناپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىمەن.
   كەچ كۈز. تىمتاس گۇگۇمدا يەنە ئىككىمىز ياندىشىپ كېتىۋاتىمىز. گەپ تېمىسى يەنە خىزمەت ئۈستىدە... ئاخىرى چىداپ بولالماي مۇھەببەت توغۇرلۇق سۆز ئاچتىم.
ــ نەسىمە ،ئەمدى بىز مۇھەببەتكە ئەڭ لايىق. بىز ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس ... سىزنى بۇ دۇنيادا چىن يۈرىكىدىن سۆيىدىغان ئىنسان بىرلا ،ئۇ بولسىمۇ مەن ! ئەمدى بىز توي قىلايلى بولامدۇ؟ ماڭا ماقۇل بولۇڭ ، بولامدۇ؟ سىزنى چۇقۇم بەخىتلىك قىلىمەن،ماڭا ئىشىنىڭ... ئۇ خىجىللىق قاپلىغان يۈزلىرىنى ئاپئاق ئالقىنى بىلەن سىلاپ قويۇپ گەپ قىلماي جىم تۇرىۋالدى.
ــ سىزگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي.
بىر گۈزەل قىز بار ئىكەن. ئەمما ئۇ ئەما ئىكەن . شۇڭا ھېچقانداق بىر يىگىت ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويماپتۇ. ئۇ بۇنىڭدىن كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر يىگىت قىزنى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە قىزغا كۆڭلىنى ئىزھار قىپتۇ.قىزچاق ئۆزىنى سۆيگەن يىگىتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بەكمۇ بىلگۈسى كەپتۇ ،ئەمما كۆزىنىڭ ئەما ئىكەنلىكىنى ئويلىسىلا كۆڭلى يېرىم بولىدىكەن. بىر كۈنى يىگىت قىزغا توي تەكلىپى قويۇپتۇ. بىراق قىز مەن بىر ئەما ،دەپ يىگىتنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلماپتۇ.كېيىن قىز دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىپ ئاخىرى كۆزى ئېچىلىپتۇ.ئۇ ئىنتايىن خۇشال ھالدا سۆيگەن يىگىتىنىڭ قېشىغا كېلىپ قارىسا يىگىتمۇ بىر ئەما ئىكەن. يىگىت ئىنتايىن خۇشال ھالدا قىزغا توي تەكلىپى قويۇپتۇ.بىراق قىز يىگىتكە :« مەن بىر ئەما ئىدىم ،ئەمدى مېنىڭ كۆزۈم ئېچىلدى . ئەمدى مەن يەنە بىر ئەما بىلەن توي قىلالمايمەن ،دەپتۇ.» بۇ چاغدا يىگىت ئېغىر خۇرسىنىپ قويۇپ :« ئەمىسە بەخىتلىك بولۇڭ ! كۆزىمنى ياخشى ئاسىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.» دەپلا كېتىپ قاپتۇ. ھېكايەم تۈگىگەندە نەسىمەنىڭ كۆز چاناقلىرىدا لىققىدە ياش . ئۇ يىغلامسىراپ تۇرۇپ:
ــ ئارۇپ ،قېنى ئېيتىڭە . دۇنيادا مۇشۇنداق مۇھەببەتمۇ بارمىدۇ؟ بىر يىگىت بىر قىز ئۈچۈن ئەشۇنداق بەدەل تۆلىيەلەرمۇ ؟  
ــ بار،جېنىم نەسىمە. مانا مەن سىزگە ئەشۇنداق پاك سۆيگۈنى بېرەلەيمەن.سىزنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيىمەن. سىزنى كۆرگەن شۇ كۈندىن باشلاپ يۈرىكىمدىكى ئوت بىر مىنۇتمۇ سۇسلىغىنى يوق. ماڭا ئىشىنىڭ سىزنى چۇقۇم بەخىتلىك قىلىمەن.بىز توي قىلايلى بولامدۇ؟ مەن شۇنداق دەپلا ئۇنى يۈرىكىمگە چىڭ باستىم . ئۇنىڭ ئىسسىق ياشلىرى بىلەكلىرىمنى ھۆللىدى.ئۇ باغرىمدا نۇمۇس كۈچىدىن بىردەم تىپىرلاپ ئۆزىنى قويىۋەتتى. ئۇ تېخىمۇ بۇقۇلداپ يىغلىماقتا ئىدى. مېنىڭمۇ كۆزىمدىن بىر نەچە تامچە ياش چىقىپ كەتتى... ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ:
ــ نەسىمە ،بىز توي قىلايلى بولامدۇ ، -دېدىم . مەن ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قۇيۋاتاتتىم.ئۇ گەپ قىلماي بېشىنى لىڭىشىتىپ ماڭا قاراپ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ قويدى.
   ئاپپاپ قار ياغقان كۈنى بىز توي قىلدۇق.مۇھەببىتىمىز مۇشۇ قاردەك ئاق ھەم پاك... نەسىمە توي كۈنى بىر تال ئەتتىرگۈلگە ئوخشاپ قالغانىدى. توغرا ئۇ مېنىڭ گۈلۈم... ئۆزۈمگە ئىشەنمەي قولدىشىم نۇرشاتقا:
ــ ئاداش، مېنى چىمداپ باقا،-دېدىم .
ــ مانا ئەمىسە،-نۇرشات بېلىمنى بىرنى كۈچۈپ چىمدىدى ،ئاغىرىقتىن ۋايجانلاپ كەتتىم.
ــ چۈشۈم ئەمەس ئىكەن شۈكرى!
ــ بۇ چۈشۈڭ ئەمەس ،ئارۇپجان. راست... ئەتىگەندە نىكاھنى ئۇقۇپ بولۇپمۇ شۇنداق دەيسەن،ھازىرمۇ شۇنداق دەيسەن. نەسىمە بىلەن بىللە ياتمىغۇچە ئىشەنمەمسەن نېمە؟ ئۇ مۇغەمبەرلەرچە سەت ھىجايدى.
ــ بولدى قىلە! ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويدۇم.
توغرا بۇ چۈشۈم ئەمەس ... ئىزچىل تىرىشچانلىق بىلەن ئۈمىدۋار ياشىغانلىقىمنىڭ، سەۋر قىلىپ كۈتكەنلىكىمنىڭ تاتلىق مېۋىسى. پاكلىق ئىچىدە ئۆتكەن يىللارنىڭ ماڭا بەرگەن قىممەتلىك سوۋغىسى .ياشا پاكلىققا باغلانغان يىللار!...

************                ***********    

          

ئىشخانا تېلفۇنىنىڭ يەنە بىر قېتىم جېرىڭلىشى بىلەن خىيال قوينىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ تېلفۇننى ئالدىم.
_ ۋەي ،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. - تېلفۇن بىر ئەركىشىدىن كەلگەن بولۇپ ئاۋازى ئىنتايىن تۇنۇش ئىدى.
_ سىز كىم ؟ كىمنى ئىزدەيسىز؟
_ ئارۇپمۇ سەن ؟ ئاداش ،مېنى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن؟ دائىم تاپشۇرۇقنى بىللە ئىشلەپ ،دەرسلەرنى ماڭىلا يادا ئېلىپ بېرەي دەپ تۇرۋالىدىغان دوستۇڭنى تۇنۇمىدىڭمۇ؟  
_ ۋاي ،قۇددۇسمۇ سەن؟ ۋاي جېنىم ئاغىنە تۇنۇمامدىغان سېنى؟ كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ. ھازىر نەدە؟
_ ھە،مەن شۇ. مەن شىركەتنىڭ  بىرىنجى قەۋىتىدە. چۈشە بىرگە تاماق يەيلى.
_ ۋاي ،كەلدىڭما؟ توختا بىر مىنۇت... شۇنداق دەپ تېلفۇننى قۇيۇپلا پەسكە چۈشتۈم. قۇددۇس بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن :
_ سالامەت كەلدىڭمۇ ؟ شۇنداق ياخشى تۇرۇپسەن.
_ سەنمۇ شۇ ئاداش... ياخشى ئوقۇغىنىڭنىڭ ئەجرىنى كۆرۈپسەن ،مانا. كاتتا شىركەتتە ئىشلەپ دېرىكتۇر بولۇپ كېتىپسەن. بىز شۇ ئاران نەچچە مىڭ يۈەن مۇئاشنىڭ قولىغا ئايلىنىپ قالدۇق.  
_ ئۇمۇ ياخشىغۇ؟ شۈكرى قىل ئاداش خۇدايىم بېرىدۇ. يەيدىغان -ئىچىدىغاننى ئىشخانىغا ئەكىرىپ كېتىپ شۇ يەردە پاراڭلىشامدۇق؟
_ بولىدۇ ،يۈرە ئەمىسە. ئىككىمىز يەيدىغان -ئىچىدىغان نەرسىلەرنى ئىشخانىغا ئېلىپ كىردۇق..ئۇ ئىشخانىغا كىرىپلا  ئۈستەل ئۈستىدىكى ھاراقنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.
ــ ئاداش، سەن پەقەت ھاراق ئىچمەيتىڭ؟ بۇ نېمە ئىش؟؟؟ توۋا!
ــ بۇنىڭغا ھەيران قالما ،ئاداش تۇرمۇش سېنى ھەممىنى قىلدۇردۇ.گەپ تېمىسىنى ئىتتىك يۆتكۈدۈم –دە:
_ مېنى قانداق تاپتىڭ ،ئاداش؟ -گەپ تىشىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.
_ ۋاي،ئاداش بىز خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەندە سەن ئاللىمۇقاچان بۇ شىركەتكە كىرىپ بولغان تۇرساڭ ،بىلمەي قالامتىم. بىزگە بۇ يەردە يىغىن بار ئىدى.ئىككى كۈنلۈك يىغىن ئەتە باشلايدۇ ۋاقىت بار ئىكەن،شۇڭا سەن بىلەن مۇڭدىشاي دەپ كېلىشىم .سېنى مۇشۇ يەرگىلا ئىزدەپ كەلدىم.باشقىلاردىن سېنى مۇشۇ يەردە تېخىچە ئىشلەۋاتىدۇ، كاتتا ئادەم بولۇپ كەتتى دەپ ئاڭلىغان راست ئىكەن ئەمەسمۇ؟
_ ۋاي ،بەك ئاشۇرۋەتتىڭ. توي قىلدى دەپ ئاڭلىدىم .كىم بىلەن توي قىلدىڭ ؟ تويىڭغا بىزنى چاقىرىپمۇ قويماپسەن. نەسىمە بىلەن ئەمەستۇ؟
شۇ نەسىمە.
- ۋاھ تەلىيىڭ كەپتىغۇ؟ بالاڭ بارمۇ ؟
-ھە! بار بىر ئوغلۇم بار.
_ۋاھ ،ئاداش مانا سەن دۇيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمسەن. سۆيگەن قىزىڭ بىلەن ئاخىرى توي قىپسەن.قانداراق ئۆتىۋاتىسەن؟
_ نېمىسىنى دەيتىڭ ؟
ۋاي نېمە بولدى؟ ئۇ بىرەرى بىلەن ئىشپەك -تارتىشىپ قالمىغاندۇ؟
-ۋاي ياق! مەن...
_ نېمە؟ سەنما؟ ھېلىقى ئارۇپ تاڭسىڭ؟ نېمە دەيسەن ئاداش ھەي؟ سەن ھېلىقى مەنسۇر بولۇپ قالما -جۇمۇ؟
_.... بېشىمنى كۆتىرەلمەي قالدىم.ئارىنى بىر پەس سۈكۈت قاپلىغاندىن كېيىن:
_ ھە راسىت ،ھېلىقى مەنسۇر قانداق بولۇپ كەتتى؟ ئۇ نەسىمەنىڭ سۆيگۈ قاتىلى ،ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالىمەن ،دەپ يۈرمەمتىڭ؟  
_ ئۇ ئۆلدى.  
_ ۋاي خۇدايىم .بېشىنى يەپتۇدە. نېمە بولۇپ ئۆلدى؟
_ ئالدىرماي تۇر سۆزلەپ بېرىمەن. ئېغىر بىرنى تىنىپ قويۇپ سۆزۈمنى باشلىدىم.

(9)

  

توي قىلىپ تۇرمۇشىمغا يېڭى ھۆسىن كىردى.ئۆي چىنىدەك پاكىز، تاماق ۋاقتىدا ئېتىكلىك.كىيىم-كېچەكلىرىم ئىشكاپتا رېتى بىلەن تىزىقلىق... نەسىمە بىر ئاياللىق بۇرچىنى تولىمۇ بىجاندىللىق بىلەن قىلىۋاتاتتى.ئۇ ئانام بىلەن خۇشچاقچاق مۇڭدىشىپ ئۇنى پەقەت زېرىكتۈرمەيتى.بۇ چاغدا ئۇلار ئانا –بالىغا ئوخشاپ قالاتتى. كۈنلىرىم شۇنداق كۆڭۈللۈك...
  تويلۇق دەم ئېلىشمۇ توشۇپ خىزمەتكە باشچىلاپ كىرىشىپ كەتتىم. خىزمىتىم ئالدىراش بولسىمۇ ، خېلى ياخشى كېتىپ باراتتى.ئەمما «ئاينىڭ ئون باشى يورۇق،ئون بەشى قاراڭغۇ» دەپ، شىركەت مالىيىسىدىن چاتاق چىقىپ ئىشخانام پېچەتلەندى.بىر قىسىم مەسئۇلىيەت مېنىڭ ئۈستىمگە ئارتىلدى.مەن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىمنى ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلدىم. بۇ ئىش ماڭا تولىمۇ ھار كەلدى. ئالدىراش خىزمەتتىن بىراقلا بىكار بولۇپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالدىم. يالغۇز ئۆيگە كىرىۋېلىپ ئاھ ئۇرۇپ كېتەتتىم.نەسىمە ماڭا تەسەللىي بېرىپ :
ــ ئاھ ئۇرغانغا ھەسرەت تۈگىمەيدۇ.پات ئارىدا گۇناھسىزلىقىڭىز ئېنىقلانسا چۇقۇم ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.ئەنسىرىمەڭ! بۇنداق چاغلاردا روھىم سەل كۆتۈرىلۈپ قالاتتى.
  بىر كۈنى كىتاب ئىشكاۋىنى رەتلەۋاتسام ،نەسىمەنىڭ قارا تاشلىق كۈندىلىك خاتىرسى قولۇمغا چىقىپ قالدى.قىزىقىپ ئوقۇي دەپ بىرىنجى بەتنى ئاچتىم.
« سەن ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەر ئۈچۈن مىننەتدار بولۇپ باققانمۇ ؟ ھايات ساڭا شۇنى ئۇقتۇردىكى ، سەن يىغلاشقا يۈز سەۋەپ تاپقىنىڭدا كۈلۈشكە مىڭ سەۋەپ تېپىپ ياشا!›› نېمىدىگەن ئۇلۇغ ھېكمەت –ھە! خاتىرىنى باغرىمغا بېسىپ يىغلاپ كەتتىم. « توغرا ئاق ھامان ئاق ،قارا ھامان قارا بولىدۇ .مەن گۇناھسىز پاك ئادەم چۇقۇم ھەممە ئىشلار ئېنىقلىنىپ ،مېنىڭ پاكلىقىم ئىسپاتلىنىدۇ.››خاتىرىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئاچتىم.

2008-يىلى 11-ئاينىڭ 6- كۈنى (پەيشەنبە)



مېنىڭ ئاق ئاتلىق شاھزادەم بۈگۈن ماڭا توي تەكلىپى قويدى. ئاخىرى ئۇ قىلىمەن دېگىنىنى قىلدى. مېنىڭ ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرۈشلىرىمگە چىداپ، سىنىقمنى يەڭدى. سېنى سۆيىمەن ،ئارۇپ.ئاللاھ خالىسا چۇقۇم بىر ئۆمۈر ۋاپادار ئايالىڭ بولىمەن.
  ئىچ-ئىچىمدىن خۇرسىنىپ خاتىرىدىكى سېنى سۆيىمەن دېگەن سۆزنىڭ ئۈستىگە بىرنى سۆيۈپ قويدۇم. ‹‹ گۈلۈم مېنى سىناپتىكەندە، ئۇمۇ مېنى سۆيىدىكەن ئەسلى... ئوماق خۇتۇنۇم.››  
خاتىرىنى ئۆرۈپ ئۇزۇن يېزىلغان بىر نەچچە بەتنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئوقۇشقا باشلىدىم.

2009-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى (چارشەنبە)



بۈگۈن مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۈچ نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچى تۈرمىگە پىخسىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ئۈچۈن ئايال جىنايەتچىلەرگە لىكسىيە سۆزلىگىلى باردۇق.تۈرمىدىكى ئايال جىنايەتچىلەردىن بىر –بىرلەپ ئەھۋال سوراپ ئۇلارغا مەسلىھەت بەردۇق. يېشى مۇشۇ يەردىكىلەردىن كىچىكرەك،  قاڭشارلىق، قاپقارا قاش –كۆزلىرى سۈزۈك چىرايىغا خويمۇ ماسلاشقان بىر قىز مېنى ئۆزىگە تارتتى. چىرايىدىكى مەيۈسلۈك ئۇچىسىدىكى كۆك رەڭلىك مەھپۇسلار كىيىمى ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى يۇشۇرالمىغانىدى.قىزچاقنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇلايىملىق بىلەن :
ــ سىڭلىم بۇ يىل قانچىگە كىردىڭىز؟ ئىسمىڭىز نېمە؟ بۇ يەرگە نېمە سەۋەپتىن كىرىپ قالدىڭىز؟-دەپ سورىدىم .قىز خۇددى ئانىسىغا دەردىنى تۆكىۋاتقان كىچىك بالىدەك ئاغزىنى ئۈمەللىتىپ نېمىلەرنى دېيىشكە ئۇرۇندى - يۇ، ئەمما دېيەلمىدى.مىڭ يېرىدىن تۆكۈلگەن ياشلار ئۇنى گەپ قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلدى.ئۇ بىر ھازا ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتكىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن. «توۋا ! ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىمەن دەپ ئۆزۈمنىڭ يىغلاپ كەتكىنىمنى ،قارا›› يىغىدىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋېلىپ :
ــ سىڭلىم يىغلىماڭ، بېشىڭىزدىن قانداق ئىشلار ئۆتكەن بولسا ماڭا دەڭ. مەن ياردەم قىلالىسام ھەجەپ ئەمەس. ئۇ ئېسىدەپ تۇرۇپ ئارانلا:
ــ ھەدە ،ئىسمىم نازىنە. بۇ يىل 21 ياشقا كىردىم،-دېدى . ئارىنى بىر پەس جىملىق قاپلىغاندىن كېيىن ئۇ ئېغىر بىرنى تىنىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى باشلىدى.ئۇنىڭ بۇ تىنىقىغا نۇرغۇنلىغان قايغۇ ۋە ئەلەم مۇجەسسەم بولغاندەك قىلاتتى.
ــ كىشلىك ھايات رەڭدار سۆرەتلەر دۇنياسى ئىكەن ،ھەدە.بەزى سۆرەتلەر رەڭلىك،گۈزەل كۆرۈنگىنى بىلەن قارىماققا ئۇنىڭ كەينىگە نۇرغۇنلىغان ساختىلىق ۋە رەزىللىك ، ئازاپ يۇشۇرۇنغان بولىدىكەن.يەنە بەزى سۆرەتلەر رەڭسىز ، كۆرۈمسىز كۆرۈنسىمۇ ئۇ خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى ياكى تىنىچ ئۆتەڭدىكى خىلۋەت، خاتىرجەم ئارامگاھ بولۇپ قالىدىكەن. مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن ئەشۇ قىسمەتلەر نۇرغۇنلىغان ئازاپ مەنزىرىلىرىدىن قالغان بىر پارچە ئېچىنىشلىق تەقدىرنىڭ بىر پارچە كارتىسى. ئۇ تېخىمۇ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.ئۇنىڭ يىغىسىغا بارچە ئازابى يۇشۇرۇنغاندەك قىلاتتى. ئۇ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدىكى ياشنى سۈرتكەندىن كېيىن ئېغىر بىرنى تىندى- دە،يىغلامسىراپ سۆزىنى داۋام قىلدى.
ــ بىزنىڭ ئائىلە مەن تۇغۇلغاندىن كېيىن مېھرى مۇھەببەت ئۆچكەندەك، ئېسىمنى بىلسەم ئاپامنىڭ يىغىسى ، ھەدەمنىڭ قورقۇمسىراپ ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا لاغىلداپ تىتىرەپ تۇرغان ھالىتىنى كۈندە دېگۈدەك كۆرۈپ چوڭ بوپتىمەن.تۇرمۇشىمىز ئانچە باياشات بولمىسىمۇ ، بارىغا شۈكرى قىلىپ ياشايدىغان بىچارە ئاپام دادامنىڭ ئۇرۇپ خارلاشلىرى، تىل –ئاھانىتى ئاستىدا چىشىنى چىشلەپ 20 يىلىنى ئۆتكۈزگەن يىلى رەھىمسىز تەقدىر ئۇنى يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن بۇ ئالەمدىن ئېلىپ كەتتى. ئاپامنىڭ شۇ كېسەلگە گىرپتا بولۇشىغا دادام سەۋەپچى ئىدى. ئۇ چاغدا ھەدەم 17 ياشتا ، مەن 15 ياشتا ئىدىم .دادام بىز بىلەن كارى بولماي ھاراق ئىچىپ سىرتلاردا قىمار ئويناپ ،كېچە-كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەيتى.مەن تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا مەكتەپتىن چىقىۋېلىپ ئۆيدىن ئازىراق پۇلنى دەسمىي قىلىپ كىچىك گازىر يايمىسىدىن بىرنى ئېچىۋالدىم .ھەدەم شۇ يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىپ ئۆتەلمىدى.داداممۇ ھاراق ئىچىپ ئىشقا بارماي يۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئىشتىن ھەيدەلدى.مانا ئەمدى مېنىڭ گازىر تېپىپ ساتقان ئازغىنە پۇلۇممۇ دادامنىڭ ھاراق پۇلىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتى.دادام دائىم ھاراق ئىچىپ ئۆيگە كىرىپ ھەدەم بىلەن ئىككىمىزنى ئۇرىۋالاتتى. بولۇپمۇ ھەدەمنى بەكرەك ئۇرىۋالاتتى. مەن پۇتىغا ئېسىلىپ يىغلاپ يالۋۇرغاندىلا ئاندىن ئۇرۇشتىن توختايتى.ھەدەمگە ئاپامنىڭ ئۆلۈمى ، دادامنىڭ ئاھانەت ،تايىقى ،ئالىي مەكتەپتىن ئۆتەلمىگەنلىكى بەك ئېغىر كەلدىمۇ ئۇ نېرۋىسىدىن ئاداشتى. ۋارقىراپ –جاقىرقىراپ  ئۆينى بېشىغا كىيەتتى. شۇڭا دادام ئۇنى بىر ئۆيگە سولاپ قويدى.ئۆيدىكى گېلەم ،تىلىۋىزۇر ئىشقىلىپ پۇلغا يارايدىغانلىقى نەرسە دادام تەرىپىدىن سېتىلىپ ھاراق،قىمار پۇلىغا ئايلاندى. ئۇرۇق- تۇققانلارمۇ بىزگە بىرەر چىنە تاماق سۇنۇشتىن باشقىنى قىلالمايتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈنىمۇ ئاران-ئاران ئۆتەتتى.
بىر كۈنى ھەدەم سولانغان ئۆينىڭ ئىشىكى ئۇچۇق،يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى.ئۆيگە كىردەم ھەدەم يوق... ئۇ شۇ يوقۇغىنىچە قايتىپ كەلمىدى.دادم مەھەللىنى بىر ئىككى پىرقىراپ ئىزدەپ قويۇپلا ئىزدىمىدى. مەن كىچىك تۇرسام ئۇنى نەدىن ئىزدەي؟ ئەمدى تاياقنى مەنلا يەيتىم... يىغلاش ئۇنىڭغا كار قىلمىدى.
  ئۆيمۇ سېتىلدى.بىر كىچىككىنە ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇردۇق.بىر كۈنى قورسىقىم ئاچ ، سوغۇق تامغا يۆلىنىپ تىتىرەپ ئولتۇرسام دادام بىر نەچچە كىشىلەرنى ئۆيگە باشلاپ كىردى-دە،مېنى ھويلىغا چقىرىۋەتتى.
ــ ئەمىسە بۇ دورام ئۇتسام ھەممە نېمەمنى قايتۇرىۋالىمەن شۇنداقمۇ ؟-دېدى دادام كەلگەنلەردىن بىرىگە.
ــ ھەئە ،شۇنداق. ئەمما نېمەڭگە ئوينايسەن؟ ئارىنى بىر پەس جىملىق قاپلىغاندىن كېيىن :
ــ ھەممە نېمەڭدىن ئايرىلدىڭ. ئەمدىچۇ تۇرسۇن، ئەشۇ قىزىڭنى تىكمەكتىن باشقا چارەڭ يوق. ئۇ ماڭا خۇتۇن بولسۇن ، قىزىڭنى تىك!
ــ قانداق بۇلا؟ نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ مېنىڭ قىزىم تۇرسا.
ــ بولمايدىغان نېمە بار .ھەي ،ئاياپ نېمە قىلىسەن؟
ــ ھە بوپتۇ تىكسەم تىكتىم! ئۆي ئىچىدىن ‹پاق!›› قىلغان شاپىلاق ئاۋازى  ئاڭلاندى. دەرۋەقە دادام مېنى قىمارغا تىككەنىدى.
ئۆيدىكى پاراڭنى ئاڭلاپ تامغا يۆلىنىپلا قالدىم. ئاھ،خۇدا ،مۇشۇنداقمۇ دادا بولامدۇ ؟بىرى قۇلاق تۈۋىمدە ‹‹قاچ!›› دېمەكتە ئىدى. ئارقامغىمۇ قارىماي ئۆيدىن قېچىپ كەتتىم.كۈزنىڭ ئاچچىق سوغۇقى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. شۇ قاچقانچە كېچىچە قېچىپ ئۆزۈمگە ناتۇنۇشلا بىر جايغا كېلىپ قاپتىمەن. قورساقنىڭ ئاچلىقى مېنى خېلىلا ھالسىراتقان ئىدى. ئەتىگەنلىك بازارلادا سېتىلىۋاتقان ھورى چىقىپ تۇرغان ئىسسىق نانلا،مانتىلار ئىشتىھايىـ ـمنى غىدىقلىماقتا ئىدى.يېنىمدا بىر تىيىن يوق... تۇيۇقسىز قولىقىمدىكى ھالقا ئېسىمگە كەلدى-دە،ئۇنى سېتىش ئۈچۈن ئەمدىلا ئىشىكىنى ئاچقان بىر زەرگەرخانىغا كىرىپ ئۇنى خوجايىىغا كۆرسەتتىم.ئۇ ئۈستى-بېشىمغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن :
ــ قىزچاق ، بۇنى نەدىن ئالدىڭىز؟-دەپ سورىدى.
ــ ئاپام قىلىپ بەرگەن.
ــ ئوغۇرلىمىغانسىز–ھە؟ ئۇنىڭ گۇمان ئارىلاش كۆزلىرى ماڭا تىكىلگەنىدى.
ــ ياق!!!... مەن ئوغرى ئەمەس... مەن ئوغرى ئەمەس!-شۇنداق دەپ ۋارقىراپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم.خوجايىن سەل ئوڭايسىزلاندى-دە ، ئارتۇق گەپ قىلماي قولۇمغا بىر مۇنچە پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويدى.يىغلامسىرىغان پېتى گەپ-سۆزسىز دۇكاندىن چىقىپ كەتتىم.بۇ پۇلمۇ نەچچە كۈنلۈك بولدى. ئاخىرى يەنە مۇھتاجلىق ،ئاچلىق مېنى قىيناشقا باشلىدى.ئىش ئىزدەپ كوچا كوچىلارنى ئارلاۋاتسام تۇيۇقسىز قار ئارىلاش يامغۇر يېغىپ كەتتى.كىشلەر ئالدىراش ئۆيلىرىگە مېڭىشىۋاتاتتى. مەن بىر سەي ساتىدىغان يايمىنىڭ ئاستىدىكى كىچىككىنە لەمپە ئىچىگە يامغۇردىن پاناھلىنىپ كىرىۋالدىم. يانپىشىمغا بىر نەرسە ئۇرۇلۇپ قارىسام بىر گۆشرەڭ رەڭلىك پورتمال ئىكەن. ئېچىپ قارىسام ئىچىدىن مىڭ نەچچە يۈەندىن ئارتۇق پۇل، بىر مۇنچە كارتا ،كىملىك چىقتى. پورتىمال قۇلۇمدا مەن شۇ چاغدا پۇلغا قانچە ئېھتىياجلىق-ھە! پورتىمالنى قولۇمدا تۇتۇپ تۇرۇپ ئاپامنىڭ:
ــ دىۋانىچىلىك قىلساڭمۇ خەقنىڭ قىل چاغلىق نەرسىسىنى ئالما! بىزگە ھارام ياراشمايدۇ. دېگەن گەپلىرى خىيالىمدىن يالت قىلىپ ئۆتتى. كىملىكتىكى ئاددىرىس بۇيىچە ئۇنىڭدىن – بۇنىڭدىن سۈرۈشتە قىلىپ ئاخىرى پورتىمالنىڭ ئىگىسىنى تاپتىم .پورتىمال ئىگىسى چىرايلىققىنە كەلگەن، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان 40 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى زىۋىدە ئىسىملىك بىر ئايال ئىكەن. ئۇ پورتىمالنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولدى. ئۇ كۆكتات  ئالاي دەپ چىقىپ پورتمالىنى يۈتتۈرۈپ قويغانىكەن. ئۇنىڭ يولدىشى ئاشپەز بولۇپ.ئۇ ئاشخانىدا يولدىشىغا ياردەملىشىپ بىر تەرەپتە ئۆپكە –ھېسىپ، راڭپىزا چىقىرىدىكەن. ئۇ ئەھۋالىمنى ئۇققاندىن كېيىن مېنى دۇكىنىدا ئېلىپ قالدى.شۇنداق قىلىپ مەن يىمەك –ئچمەك، يېتىپ قوپۇشتىن قىينالمايدىغان بولغانىدىم .ئايىغىم ياراشتىمۇ ئىشقىلىپ ئاشخانىنىڭ سودىسى بۆلەكچىلا جانلىنىپ كەتتى.ئاشخانىغا مەھەللىدىكى يىگىتلەر تولاراق كىرەتتى. ماڭا كۆز تاشلاپ ،ھەرخىل چاقچاق قىلسىمۇ مەن پەقەت كۈلۈپلا قۇيۇپ ،ئانچە ئىرەن قىلمايتىم.ئىشقىلىپ بۇ يەردە تىل – ھاقارەت ، ئۇرۇش ،خورلاش يوق ئىدى.
  كۈنلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە. تۇرمۇشتىن پەقەت قىينالمايمەن. ئايلىق ئىش ھەققىم 500 يۈەن . تۇرمۇشۇم خېلى كۆڭۈللۈك ئىدى.ئاشخانىغا دائىم 27-28 ياشلاردىكى بىر يىگىت كېلىپ ئۇزۇن-ئۇزۇن نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. مەن بىلەن ئانچە-مۇنچە مۇڭدىشىپ يەر تېگىدىن قاراپ قۇياتتى.بەزىدە ئاشقان پۇلنى ئالمايلا پېشىنى قېقىپ ماشىنىسىنى ھەيدىگىنىچە كېتىپ قالاتتى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭغا بىر خىل ھۆرمۈتۈم قوزغىلىپ قالدى.
   ئاشخانا تىجارىتى راۋاژلانغاچقا ئاشخانىنى قايتىدىن بېزەپ كېڭەيتتۇق. مەھەللىدىكى بىر قىسىم كۆرەلمەس خۇتۇنلار ئارقامدىن گەپ تېپىشقا باشلىدى.« نازىنە بىز بۇزۇق ئىكەن. ئەسلى بىر پاھىشە ئىكەنتۇق. مەھەللىدىكى ئوغۇللارنى سېسىق سۈيىدە بۇلغاپ بولدى...›› بۇ گەپلەرنى تاپقان ئۇدۇلىمىزدا ئاشخانا ئاچىدىغان ئورۇققىنە كەلگەن بۇسەرەم ئىسىملىك ئايال ئىدى.ئۇنىڭ سودىسى ئانچە يۈرىشمىگەچكە قەستەن مەن بىلەن قېرىشۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئاشخانىسىغا يۈزلەشمەكچى بولۇپ ئۇنى ئىزدەپ باردىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ سەت چالۋاقاپ كەتتى.
ــ ۋۇ يۈزى قېلىن جالاپ . قايسى يۈزۈڭ بىلەن كەلدىڭ؟ چىق ! تاپسامنى بۇلغىماي.مەھەللىدىكى يىگىتلەرنى كېچىدە ئاشخاناڭغا سولاپ نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭىنى مېنى بىلمەيدۇ دېمە! مەن بىلەن يۈزلىشەرمىش تېخى؟ شۇ ئىشلىرىڭنى يۈزلىشەمتىڭ؟ ئۇ بويۇنلىرىنى ئېتىپ ،قوللىرىنى شىلتىپ مېنى سەتلەشكە باشلىدى.
ــ ۋۇ رەسۋا ،سەندە بار چىراي ئىشەكتىمۇ بار .چىرايىم بار دەپ نوچىلىق قىلما! ئۇنىڭ ھاقارەتلىرى پۈتۈن مەھەللىدىكىلەرنى يىغىۋەتتى.گەپ قىلالماي ئاغزىمنى تۇتقىنىمچە ‹‹توۋا!...›› دەپلا قالدىم .ئۇ ھاقارەت قىلىۋەرگەچكە زىۋىدە ھەدەم :
ــ ھوي ،گەپ قىلمىسام بۇسەرەم تىللاۋەردىڭىزغۇ ؟ بۇنداق ئادەم قارىلىماڭ جۇمۇ ، يامان بولىدۇ.
ــ ۋاي زىۋىدىخان ، بۇنىڭغا ئۇنچە يان باسماڭ جۇمۇ.سىز يۇرتقا تۇققان يوقلايمەن دەپ كەتكەندە نېمە ئىشلارنى قىلدى بىلمەيسىز، كېچىدە مەھەللىدىكى يىگىتلەرنى دۇكانغا سولاپ نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى سىز كۆرمىدىڭىز... يۇۋاش تۇرسا ئىچىڭىز ئاغرىپ كەتتىما؟ سىزمۇ ئېرىڭىز بىلەن ئوغلىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭ .بولمىسا ئەتە-ئۆگۈن قورسىقىنى پوڭگايتىپ ئالدىڭىزدا يۈرسە كېلىن قىلماي ئىلاجىڭىز يوق بۇ كەلگىندىنى ؟ ئۇ چاغدا ۋاي ئىسىت دېگەنگە ئورنىغا كەلمەيدۇ جۇمۇ.ۋاقتىدا يولغا سېلىڭ بۇ يىتىمەكنى.
ئىچ-ئىچىمدىن بۇقۇلداپ يىغلاپ يەرنى چاڭگاللىغىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم . ئەتراپتىكى ‹‹ساڭا كۆيدۈم،قۇلۇڭ بوپ كىتەي›› دېگەن يىگىتلەرمۇ ماڭا ھومىيىشىپ ،مېنى كۆرەلمەيدىغان قىزلار بولسا ماڭا ئالىيىشىپ ،مېنى شەرەتلەپ كۇسۇرلىشىپ تۇراتتى.كىشلەر ئەشۇ مۇتىھەم ئايال بىلەن تەڭ مېنى سەتلىمەكتە... مەن تەرەپتە تۇرىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق.زىۋىدە ھەدەمنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتى. كىشلەر توپى ئارىسىدىن ئاشخانىنىڭ دائىملىق خېرىدار ھېلىقى مەرد يىگىت قولۇمدىن تۇتقۇنىچە قار–يامغۇردەك تۆكۈلىۋاتقان تىل ھاقارەت ئاستىدىن مېنى تارتىپ چىقىپ ، ماشىنىسىغا چىقاردى –دە، ماشىنىنى قوزغاشقا باشلىدى.
ــ كۆردىڭلامۇ خالايىق ! تەپ –تاتماي نامەھرەمنىڭ قولىنى تۇتۇۋاتقىنىنى. ۋۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن بۇزۇلۇپ چۈشكەن جالاپ!  ئاھ ، ئاخىرى ھاقارەتلىك تىللاردىن قۇتۇلۇپ كىشلەر توپى ئارىسىدىن چىقىپ كەتتۇق. ھېلىقى يىگىت مېنى بەزلەپ مېنى بىر ئۆيگە باشلاپ كەلدى.مەن بۇنداق ياسىداق ئۆينى تۇنجى كۆرگەنىدىم .يىگىت بىلەن مۇڭدىشىپ ئىچ سىرىمنى دەپ ئىچىم خېلى بوشاپ قالدى.ئۇنى بارغانچە ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتىم.شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ شېرىن-شېكەر گەپلىرىگە ئالدىنىپ قىزلار ئۈچۈن ھاياتى،بارلىقى ھېساپلىنىدىغان گۈلۈمدىن ئايرىلىپ قالدىم. سىرتلارغا ئانچە چىقماي ئۇنىڭ ئۆيىدە يېرىم يىلنى ئۆتكۈزدۈم . ئۇ ھەپتىدە ئىككى كۈن پەيدا بولۇپ يەنە يوقاپ كېتەتتى.ئۇنىڭ بىلەن نىكاھسىز بىرگە تۇرۇشتىن نۇمۇس قىلىپ توي توغۇرلۇق سۆز ئاچسام قانداق بۇلا دەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭدىن ھامىلدار بولۇپ قالدىم . ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى دېسەم چۇقۇم خۇشال بولىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم ئەپسۇس...ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ ‹‹ئالدۇرىۋەت››دەپ تۇرىۋالدى. بالىدا گۇناھ يوق ،ئۇنداق قىلالمايمەن دېسەم ئۇ مېنىڭ ئايالىم بار،بۇ ھارىمىنى نەگە ئاپارساڭ ئاپار دېمەسمۇ كاللامدىن بىر قاپاق سۇ قۇيۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم.  
ــ ئەمىسە مەن نېمىگە ھېساپ ،مەن ئاشنىڭىزما؟-دېدىم .ئۇ مېنى يەنە بالىنى ئالدۇرۋېتىشكە زورلىدى. مەن ياق ، دەپ قاتتىق تۇردۇم .شۇنىڭ بىلەن ئۇ چېچىمنى قاماللاپ ، قورسىقىمغا تېپىپ مېنى ئۇرۇشقا باشلىدى. قورسىقىم قاتتىق ئاغرىپ ھۇشۇمدىن كېتىپتىمەن. بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانا ئىكەن .بىر سېستىرا :
ــ يولدىشىڭىز ياتاق پۇلىنى تۆلىۋەتتى. سىزگە بۇ خەتنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى ،ئەمىسە ياخشى ئارام ئېلىڭ!- ئۇ شۇنداق دەپ بىر كونۋېرتنى قولىمغا  تۇتقۇزۇپ چىقىپ كەتتى. كونۋېرت ئىچىدىن بىر پارچە خەت ۋە نەچچە مىڭ يۈەن پۇل چىقتى.
‹‹ نازىنە مېنى كەچۇر دېيەلمەيمەن. ھەم كەچۈرۈشىڭىزنى كۈتمەيمەن. چۈنكى مەن گۇناكار ئەمەس. سەن ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە مەن ساڭا ياردەم قىلغان. مەن سىنى زورلىمىدىم،ئۆز ئىختىيارىڭ بىلەن مەن بىلەن بىللە بولدوڭ.مۇشۇ پۇلنى خىراجەت قىلىپ يۇرتىڭغا كىتەرسەن...خوش››
خەتنى ئوقۇپ بولۇپ چاچلىرىمنى قاماللاپ يىغلاپ كەتتىم. ئاغىرىۋاتقان قورسىقىمنى سىلاپ تۇرۇپ:«كەچۈر مەندەك نۇمۇسسىز ئاناڭنى كەچۈر بالام . ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالىمەن! سەن ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىمەن!!!!!! ئۇ بارلىقىمنى ، بالامنى مەندىن ئايرىدى،ئەمدى ئۇنى ھاياتىدىن ئايرىيمەن.» قەلبىمدىكى ئۆچمەنلىك مېنى قىساس ئېلىشقا چاقىرماقتا ئىدى...
مەن يەنە شۇ تۇرمۇش سەۋەبىدىن يامان يولغا كىرىپ كەتتىم .ھەر قېتىم ئەشۇ ئىپلاس ئىشنى قىلغان ۋاقتىمدا يۈرىكىمدىكى قىساس ئوتى تېخىمۇ يالقۇنجايتى.سومكامدىن پىچاقنى ئايرىماي يۈردۈم... ئۇ ئەبلەخنى قەيەردە كۆرسەم شۇ يەردە قىساس ئالماقچى بولدۇم.  
  بىر كۈنى ماگىزىن ئارىلاپ يۈرسەم ئۇ ھايۋان كىچىدە بىر قىزنى يىتىلىگىنىچە ماگزىنغا كىردى. ھېچنىمە كۆزۈمگە كۆرۈنمەپتۇ.يۈرەكتىكى قىساس پىچاقنى قولغا ئالدۇردى... ئۇنىڭ ئالدىغا كەلسەممۇ ئۇ مېنى تۇنىمدى. بەكلىم قېنىق گىرىملىرىم مېنى ئەسلى ھالىتىمدىن ئۆزگەرتىۋەتـ ـكەندۇ. ئۇ مېنى تۇنۇپ بولغۇچە ئۇنىڭ يۈرىكىگە بىر پىچاق، قورسىقىغا بىر پىچاق تىقىۋەتتىم.يېنىدىكى قىز چىرقىرغىنىچە ماگزىندىن چىقىپ كەتتى. ئەتراپتىكى ئادەملەرمۇ قورقۇپ قېچىشقا باشلىدى.ئۇ ھايۋان قورسىقىنى تۇتقىنىچە :
ــ سەن ... سەن! دەپلا يەرگە گۈپلا قىلىپ يىقىلدى.ئاخىرى قىساسىمنى ئالدىم ،ئەمدى تارتۇشقىدەك نېمە بار؟ بەرىبىر قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمەن دەپ ئويلاپ پىچاق بىلەن بېغىشىمنى كەستىم . قان توختىماي چىقىۋاتاتتى.بىردەمدىلا ھالسىزلىنىپ يىقىلدىم .كۆز ئالدىمدا غۇۋا قۇتقۇزۇش ماشىنسى، تېز بۇلۇڭلار!... تېز دېگەن ئاۋازلارنى ئاڭلاپ ھۇشۇمدىن كېتىپتىمەن.  
يەنە شۇ دوختۇرخانا . بىر نەچچە ساقچى بېشىمدا تۇراتتى. يەيدىغان رىسقىم بارمۇ يەنە ھايات قالدىم . ئۇ ھايۋانمۇ نەچچە قىزنى ئالداپ ، نەچچە بالىنىڭ يىتىم بۇلۇشىغا سەۋەپ بولۇپ يۈرگەن بىر بۇزۇقكەن.ئاخىرى مېنىڭ قولۇمدا تۈگەپتۇ. ئالاقىدار تارماقلار مېنىڭ ئەھۋالىمنى  ۋە ئۇنىڭ جىنايىتىنى كۆزدە تۇتۇپ مېنى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئەي ئىسىت ، بىر ئەرزىمەس نائەھلىنىڭ پوقىغا تېيىلىپ بۇ تۆت تام ئىچىگە قامالغىنىمدىن تولىمۇ ئۆكىنىمەن. .. ..
  قىزنىڭ ياش تاراملاپ تۇرغان خىيالچان كۆزلىرى يىراقلارغا تىكىلگەنىدى. قىزدىن ئۇ ھايۋاننىڭ ئىسمىنى سورىدىم .ئۇ ھايۋان دەل مېنىڭ 18 ياش ۋاقتىمدىكى پاك مۇھەببىتىمنى ئالدىغان ھايۋان مەنسۇر ئىكەن. «ئەلقىساسى مىنەل ھەق» دەپ ئۇ ئاخىرى بېشىنى يەپتۇ. ئۇنىڭغا بۇ ئۆلۈم ئاسان بولۇپ قاپتۇ،ئەمما ئۇ دۇنيالىقى چۇقۇم ياخشى بولمايدۇ. «نەپسى غالىپنىڭ ئۆمرى كوتا» دېگەن شۇدە...  
  قىزغا بۇ يەردە ياخشى ئۆزگەرسە جازا مۇددىتىنىڭ قىسقىرايدىغانلىقىنى،  تۈرمىدىن چىققاندا مېنى ئىزدەش كېرەكلىكىنى دەپ ئادىرسىمنى قالدۇرۇپ قايتىپ كەلدىم .  


***           ****            ***



قەلبىمنى ئېچىنىش ۋە ئازاپ ئىگەللىۋالدى. خاتىرىنى يېپىپ قۇيدۇم . ئالدىمدا كۆزلىرى ياشقا تولغان نەسىمە، قان ئىچىدە مىلىنىپ ياتقان ناتىۋان قىز نازىنە تۇراتتى.توۋا دەيتىم ئىچ-ئىچىمدىن كونىلاردا «ئەر ئۆزى ئەر ئەمەس ،سۆزى ئەر» دەيدىغان گەپ بارغۇ ؟ نېمىشقا مەنسۇردەك ، ھېلىقى ساۋاقدىشىم دىلشاتتەك كىشلەر ئۆز ئەقلىنى تاپماي،نەپسىنىڭ قولىغا ئايلىنىدىغاندۇ؟ ئۇلار نېمىشقا ھالال،پاك ياشاۋاتقان يىگىتلىرىمىزنىڭ بىر تاياقتا ھەيدىلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ؟ ئېھ ،ئاللاھ يىگىتلىرىمىزدىن غۇرۇر ۋە شىجائەتنى زىيادە قىلغايسەن... دەپ ئاللاھتىن تىلەيتىم.
ھەممە ئىش ئايدىڭلاشتى .مېنىڭ پاكلىقىم ئېنىقلىنىپ مەن يەنە خىزمەت ئورنۇمغا قايتىپ كەلدىم .مانا بۇ پاك ياشاپ ئۆتكەنلىكىمنىڭ مەسئۇلى ئەمەسمۇ ؟ ئوغلۇم تۇغۇلغىنىغا مانا بۈگۈن توپتۇغرا ئۈچ ئاي بولدى . ئۇنىڭغا «پاكزات» دەپ ئىسىم قويدۇم.  

***              ********             ***



قۇددۇسقا خاسىيەت بىلەن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى،نەسىمەنى ئۇرغانلىقىمنى ئېيتىپ بەردىم.ئالدىمدىكى سوۋۇپ كەتكەن چايدىن بىر ئىككى يۇتۇم ئوتلىدىم -دە،قۇددۇسقا قارىدىم.ئۇنىڭ ئەلپازىدىن قاراپ بىلگىلى بولمايدىغان بىر خىل  چۈشكۈنلىكنى سەزدىم . ئۇ ئىنىكىنى يۆلەپ ماڭا قارىدى-دە:
_ئاداش ،دۇنيادا ئازمايدىغان ئادام يوق...سەن ئەقىللىق ئادەم. ساڭا ئىشىنىمەن.ئەينى چاغلىرى مەنسۇر بىلەن دىلشاتتىن قانچە نەپرەتلەنگەن بولسا ھازىرمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. سەن نەسىمەگە بەك تەستە ئېرىشكەن.ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلمىغىنىڭ قالمىغان...ئەمدى شۇنداق تەستە كەلگەن مۇھەببەتنى قەدىرلە! خاسىيەتنى ئەمدى ئۇنتۇپ كەت!...-ئۇ ئالدىمغا كېلىپ ئىككى مۈرەمنى تۇتتى -دە،كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ:
_ سېنىڭ مەنسۇر بولۇپ قېلىشىڭنى،نازىنە ۋە نەسىمەلەردەك قىزلارنىڭ ئەمدى ياش تۆكىشىنى خالىمايمەن. مەن كېتەي،ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ.مەن يەنە كېلىمەن... سەن يالغۇز ئولتۇرۇپ ياخشى ئويلىنىپ باق!ئۇ شۇنداق دەپ مەن بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. تۇيۇقسىز كەلگەن تېلفۇن خىياللىرىمنى نەلەرگىدۇر ئۇچۇرىۋەتتى.
_ ۋەي ،كىمۇ؟ -تېلفۇننى ئالدىم.
_ ۋىيىي ،تېخىچە ئىشخانىدىما؟ تېلفۇنىڭىز يەنە ئىتىكقۇ، يېنىڭىزغا بارايمۇ؟ ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ بەك زېرىكىپ كەتتىم ،جېنىم.-يەنە شۇ خاسىيەت ئىدى
    كاللام سەل جايىدا ئەمەس... شۇڭا تېلفۇننى ئاچمىغان.
_يېنىڭىزغا باراي بىز ئوبدانراق پاراڭلىشايلى ،بولامدۇ؟
    ـ بولدى ! ھازىر كەيىپىياتىم بەك ناچار... ھەممە گەپنى تېلفۇندىلا دېيىشەيلى.
    ـ ئارۇپ ،كۆڭلۈڭىزنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن. سىزنىڭمۇ قىينىلىدىغان يېرىڭىز بار. بەلكىم مەن سەۋەپلىك ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن ئازارلىشىپ قالغانسىز.
    ـ بولدى ،خاسىيەت ! گەپ قىلماڭ... كاللامغا تۈمەن مىڭ ھەرە غۇڭۇلداپ كىرىشكە باشلىدى... بېشىم چاراسلاپ ئاغىرماقتا ئىدى.
    ـ ئارۇپ، بولدى بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. مەنمۇ پات ئارىدا بۇ شەھەردىن كېتىمەن. سىزنىڭ خۇتۇن-باللىرىڭىز بار ئادەم. ھەممە گۇناھ مەندە! باشتىلا سىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇرشۇم كېرەك –ئىدى. سىزدىن رەنجىمەيمەن! مېنى دەپ بىر ئوبدان ئائىلىڭىز بۇزۇلمىسۇن، بالىڭىز دادىسىز بولۇپ قالمىسۇن... مەن بۇنداق بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن. ئەمىسە ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ! پات-پات مېنى ئەسلەپ قويسىڭىزلا ماڭا شۇ كۇپايە... ئامان بولۇڭ!-ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپلا تېلفۇننى قۇيۋەتتى. ھەي ،مۇشۇنداق بىر ياخشى قىزنى مەن... مېنىڭ مەنسۇردىن نېمە پەرقىم –ھە؟ ئىچىمدە:‹‹ ئامان بول!خاسىيەت... مېنى كەچۈر!›› دەپ پىچىرلايتىم.
كاللامنى چاڭگاللىغىنىمچە ئۇزۇن -ئۇزۇن خىياللارنى قىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.« توغرا مەن بىر ئەركىشى .ئەركەكتەك ياشىشىم كېرەك.مەن يەنىلا نەسىمەگە تەئەللۇق... قىلغان گۇناھللىرىمغا توۋا قىلىپ مەنسۇر ۋە دىلشاتنىڭ تىراگىدىيىسىنى قايتا تەكرارلىماسلىقىم كېرەك. پاكلىققا باغلانغان بۇ يىللارنىڭ ماڭا قالدۇرغان قىممەتلىك سوۋغىسىنى ئەستىن چىقارماسلىقىم ، ئەنە شۇ يىللارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ھامان ھالال،پاك ياشىشىمىز كېرەك.مېنى كەچۈر نەسىمە! خاتىرجەم بول! بىز ئەمدى تېخىمۇ ياخشى ياشىشىمىز كېرەك.ئەمدى ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى ئىككىنجى قىلمايمەن. خاسىيەت ئەمدى ھاياتىمدا مەۋجۇت ئەمەس...مەن بۇ مۇھەببەتكە ئاسان ئېرىشمىگەن ئەمدى ئۇنى ئەبەدىي قەدىرلىشىم،ئوغلۇمنىڭ مەندەك دادىسى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغان پەخىرلىنەرلىك دادا بولۇشۇم كېرەك! ھالال ياشايمەن! ... پاكلىقىم ۋە ئىمانىم بىلەن ئاتامدەك ئۇلۇغۋار روھ بىلەن ياشايمەن. ئەشۇ پاكلىققا باغلانغان يىللارنىڭ ئىزىنى باسىمەن... سەن مېنىڭ گۈلۈم، نەسىمە! مېنى ئەمدى شەيتان ئازدۇرالمايدۇ...››  
  خىيالدىن ئويغىنىپ قارىسام كېچە سائەت ئىككىدىن ئاچقان بولۇپ، زىمننىڭ بۇ قارا كېچىسى يېڭى بىر ئەتىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇراتتى. دېرىزە ئالدىغا كەلدىم. يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان رەڭدار چىراقلار، ئېگىز- ئېگىز بىنالارنى،پۈتۈن شەھەرنى كۈندۈزدەك يۇرىتىۋەتكەنىدى.ئاستا چاپىنىمنى كەيدىم –دە،ئىشخانىدىن چىقىپ ئۆيگە ماڭدىم...ماشىنىنى توختىتىپ بولۇپ ،پەسكە چۈشتۈم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئۆيىمنىڭ چىرىقى تېخىچە يېنىپ تۇراتتى. نەسىمە مېنى ساقلاۋاتىدۇ. توغرا ! مېنىڭ پاك ئايالىم مەندەك قارا يۈز ئېرىنى ساقلاۋاتىدۇ... مېنىڭ بەختىم مېنى ساقلاۋاتىدۇ...
  

*****                *********               *****

  

ئوڭۇشسىزلىق ۋاقىتلىق بولىدۇ.ئۇنى ئۆزگەرتىش، مۇۋەپىقىيەتكە ئايلاندۇرۇش سېنىڭ قولۇڭدا...ھايات ئەنە شۇنداق .گاھ سېنى كۈلدۈرىدۇ، گاھ سېنى يىغلىتىدۇ.پاك ئۆتكەن يىللار چېھرىڭگە تەبەسسۇم سوۋغا قىلىدۇ، ناپاك ئۆتكەنيىللىرىڭ سېنى ھالسىرىتىپ ،ئۆلۈمگە ئالدىرتىدۇ... پاكلىق ۋە ھالاللىق ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ نېممەت. ئۈمىدۋارلىق،ئارزۇ ئارمانلىرىڭمۇ ھەم شۇنداق... ياشا ئەي ! پاكلىققا باغلانغان يىللار...
                              
              

2010- يىلى مايدا قارمايدا يېزىلدى.
2011-يىلى فېۋرالدا كۇچادا قايتا ئۆزگەرتىلدى.



                                                
ئەسكەرتىش: ئەسەرنى قالايمىقان يۆتكەشكە كۆچۈرۈشكە ياكى گېزىت -ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ! ئەسەر ھوقۇقىغا دىققەت قىلىڭ! ئەمگىكىمنى ھۆرمەتلىگەيسىز.

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sakra0999 + 100 ئەجىرىڭىزگە بارىكالل.
شاتئاي + 200 ئېسىل ..... ھارمىغايسىلەر ئاداش .. قولۇڭ
saptilak + 500 نادىر ئەسەر. مەن ئەسىرىڭىزنى كەچكىچە تول
ھېسلىرىم + 1000 نادىر تىما .
YuqunAdam + 300 نادىر ئەسىرىڭىز تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ مەن

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 2000  مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

غــــەيرەت قىـل ئــاي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1579712
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12279 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 05:12:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]مىسرانىم مۇنبىرىدە سىز يىزىپ يوللىغان ئەسەرلەرنى ئاساسەن دىگۈدەك ئوقۇپ تۇرىۋاتىمەن...
قەلىمىڭىزدىن پۈتكەن بىر-بىرىدىن ياخشى يىزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھوزۇر ئالغاچ،سىزگە ئىختىيارسىز قايىللىقىم ئاشىدۇ.
نادىر ئەسەردىن بىرنى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائاليىتىگە قاتناشتۇرۇپسىز،سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىسۇن،بىزنى داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئەتكەيسىز.ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق(بەرىكەت)،كۈنلىرىڭىزگە خوشاللىق،ئائىلىڭىزگە بەخت تىلەيمەن.



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەركىنلىككە تەل

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 160
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6823
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 05:12:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مىللىتىمغا .شۇنداقلا دىنىمغا قۇرۇق شۇئار توۋلاپ ئېغىزىدا شەھەر .ئالىدىغانلار كېرەك ئەمەس ئۇلار. دىنغا .مىللەتكە يۇك خالاس كەمىنە ؛ئۈمۈدگۇلىدىن ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن !

ئاللاھ ماڭا يار بولغىن ~!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 1159
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 120448
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2608 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 05:35:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  تارىم كە 2011-05-01 05:12 PMئەۋەتىلدى  :
[align=justify]مىسرانىم مۇنبىرىدە سىز يىزىپ يوللىغان ئەسەرلەرنى ئاساسەن دىگۈدەك ئوقۇپ تۇرىۋاتىمەن...
قەلىمىڭىزدىن پۈتكەن بىر-بىرىدىن ياخشى يىزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھوزۇر ئالغاچ،سىزگە ئىختىيارسىز قايىللىقىم ئاشىدۇ.
نادىر ئەسەردىن بىرنى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائاليىتىگە قاتناشتۇرۇپسىز،سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىسۇن،بىزنى داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئەتكەيسىز.ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق(بەرىكەت)،كۈنلىرىڭىزگە خوشاللىق،ئائىلىڭىزگە بەخت تىلەيمەن.



"ياخشى تىلەك ئالتۇنغا تەڭ!" رەھمەت سىزگە....
ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش بېسمىدىن مۇنبەرگە چىقمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. ئەزىزلەرگە ئۇشبۇ تېمىنى سۇندۇم ،ياقتۇرشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

غــــەيرەت قىـل ئــاي !

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 2020
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116757
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12809 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 05:56:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     سۈزۈك ئاينىڭ بىر نەچچە نەسىرى ئەسىرى، شېئىرىلىرى ۋە ھىكايىلىرىنى ئوقۇغان ئىدىم، بولۇپمۇ شېئىرىلىرى ناھايىتى لىرىك، ھىسياتلىق چىقاتتى. بۈگۈن بۇ ئەسىرىنى كۆرۈپ چوڭ ھەجىمدىكى بۇنداق ئەسەرنىمۇ يازغىنىدىن، يېزىپلا قالماي ، باشتىن ئاياغ ۋەقەلىكى ماسلاشقان، خېلىلا ئۆلچەمگە يەتكەن ، مەلۇم دەرىجىدە پىشقان ئىجادىيىتىدىن سۆيۈندۈم. ھەر خىل ژانىردا ئىلھامىڭىزنىڭ زىيادە بولىشىنى تىلەيمەن.


يۇرت_ئوغلانى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6231
تۆھپە نۇمۇرى: 226
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 06:08:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يىزىپسىز  ئەسسىرىڭز چوقۇم مۇكاپاتقا ئىرشىدۇ

ozung  bilgan  yolni atang

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19333
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4246
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 06:13:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ئەسىرىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلمىدىم، لېكىن يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئەسەر ئۈستىدىن بىر قۇر كۆرۇپ چىقتىم، ئەڭ دەسلەپكى تەسىراتىم ئەسەر قۇرۇلمىسى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىلىپتۇ، ئىپادىلەش جەھەتتىنمۇ ياخشىكەن، ھازىرچە مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي، تەپسىلاتىنى ئەسىرىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن دەرمەن.
  دەسلەپكى تەسىراتىمغا ئاساسەن ئەسىرىڭىزنى تەۋسىيەلىك تېمىلارغا  بىرىنچى بولۇپ كۆرسىتىمەن، مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى تەۋسىيەلەمدۇ- يوق بىلمىدىم.

ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 1245
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 59070
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2965 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 06:16:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ئەسەردىن بىر ئەپكەپسىز   مۇكاپاتقا ئىرىشىشڭىزگە تىلەكداشمەن...
   ئېسىل ئەسەرگە ئېسىلراق   ئىنكاس يازاي دىگەنتىم ئەپسۇس  بۇ مۇكاپاتلىق ئەسەر  بولغاچقا  بەرىبىر ئىنكاسلار بىردەك تازلىنىدۇ شۇڭا  ئەسرىڭىز مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكىن يازاي.......
قەدەملىرىڭىزگە بەركەت، قەلەملىرىڭىز ئۆتكۈرلۈك يار بولسۇن......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4182
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8413 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 06:29:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ھايات ئاجايىپ بولىدىكەن، نۇرغۇن ئىشلار ئويلىغىنىمىزدەك بولمايدىكەن، پالانى ئىشەنچىلىك، پالانىنى ياقتۇرىمەن دەيدىكەنمىز ئەمما شۇ ئىشەنچىلىك، ياقتۇرىدىغان ئادىمىمىز قانداق بىر تەسىرلەرگە ئۇچرايدىكىن ئادەمنى ئۆزىگە ئىشەنگىنىگە، ياقتۇرغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرىدۇ. ھەي... ياخشى يېزىلغان ئەسەردە بۇ.
........ قۇرۇق چىراي ئىپادىسى چىقىرۋالغاننى ئۆچۈرىدىغان ئىش ئىدى ئەسلى. ئىش بىجىرگەندە كەسكىن بولغۇلۇق.

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4238
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28758
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 06:31:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەھەردىكى شەبنەم كەبى شۈنچە سۈزۈك ھەم يىنىك ....

ئەسىرىڭىزنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغانلىقىمدىن خۇشالمەن ، ئاخىرغىچە ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن تەسىراتلىرىمنى سۆزلەيمىكىن !

ئىجادىي ئەسەرلەرنى كۆپرەك يولاپ تۇرغايسىز ! [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

مۇھتاجىلىق بەك يامان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش