ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت atabore كە 2011-05-02 11:17 PMئەۋەتىلدى :
Hold My Hand بۇ جۈملىنى « قولۇمنى تۇتقىن » دەپ تەرجىمە قىلساق ياخشىراق بولامدىكى ؟ Hold نىڭ ئىستىمال مەنىسى « تۇتۇپ تۇرماق»، ياكى «تۇتۇش» بولغاندىنكىن.
يەنە بىر گەپ، بىز تېخى باشقىلارغا باھا بەرگىدەك سالاھىيەتكە ئىگە بولمىدۇق. ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى ئىگىسى ئۆزى بەرسۇن!
بىزنىڭ باشقىلارغا باھا بىرىدىغان سالاھىيىتىمىز بار ، ئەكسىچە باشقىلارنى جەننىتى ياكى دوۋزىقى قىلىۋېتىدىغان سالاھىتىمىز يوق { جانابى ئاللاھ } بىزدىكى بىر جۈپ يۇغان قاپقارا كۆزنى ھەق ناھەقنى كۈرۈش ئۈچۈن ماۋۇ ئىككى دۇلىمىزنىڭ ئۈستىدىكى يۇمۇلاق ئازراق سۇقىچاق كەلگەن سۈيۈملۈك كاللىمىزنى ئويلىنىش تەپەككۇر قىلىش ياخشى - ياماننى ئايرىشقا ۋە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ، گۈزەل تىلىمىزنى بولسا سۆزلەش . ياخشى يامان توغرىسىدا بۇلۇپمۇ كۆز بىلەن كۆرگەن ئىشلارنىڭ ياخشى يامانلىقىنى كاللا ئىشلىتىپ ھۈكۈم قىلغاندىن كىيىن تىل ئارقىلىق بايان قىلىشقا ياراتتى ، مەن كىچىكىمدىن يارتىپ مايكۇل توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ۋە ئۇنىڭ ناخىشللىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان . مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇ ھېچقانداق يامان ئىش قىلمىدى . بەلكى نۇرغۇنلىغان تىللاردا داستان بولغۇدەك ياخشى ئىشلارنى قىلدى . شۇڭا مەن شەخسەن ئۇنىڭغا ياخشى دىگەن باھانى بىرىمەن ... بىراق ئەڭ ئاخېرقى ھەل قىلغۇچ ھۈكۈمنى{ ياراتقان ئىگىمىز جانابى ئاللاھ } چىقىرىدۇ ،
ھەر بىر ئىنسان بۇدۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرى ۋە قىلغان يامانلىقلىرى توغرىسىدا ئۇدۇنيادا بىر - بىرلەپ ھىسابىنى بەرگۈچىدۇر ......