مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2379|ئىنكاس: 6

قۇربان ھېيىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 12:02:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم ھېيىت – ئايەملەر ۋەخاتىرە كۈنلەر
( ھىجىرىيە ۋاقتى تەرتىپى بويىچە تونۇشتۇرۇلدى )

بۇ مەزمۇن شەمشىدىن ھاجى نىڭ ‹‹ مىلادىيە 1950 – يىلىدىن 2050 -يىلىغىچە ئىسلامىي ھېيىت – ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلەرنىڭ مىلادىيە ۋە ھىجىرىيە بويىچە ۋاقىت سېلىشتۇرمىسى ›› ناملىق كىتابىدىن كۆچۈرۈلدى .( ئاللاھ كىتاب ئىگىسىدن رازى بولغاي !)


قۇربان ھېيىت

مەنبە : بىلدۈر تورى

قۇربان ھېيىت ئىسلام دىنىدا روزا ھېيىت بىلەن قوشۇلۇپ ئىككى چوڭ ھېيىت – ئايەمنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .
قۇربان ھېيىت ئەرەبچە << ئەيد ئەزھا >> دېيىلىدۇ ، << ئەيىد قۇربان >> دەپمۇ ئاتىلىدۇ . << قۇربان >> سۆزى << قۇربانلىق قىلىش >> مەنىسىدە بولۇپ ھەج قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى . قۇربان ھېيىت ھىجىرىيە بويىچە زۇلھەججە ( 12 – ئاي ) نىڭ 10 – كۈنى ، يەنى ھەج تاۋاپنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدۇ . قۇربان ھېيىتتا قۇربانلىق قىلىش قەدىمىي پەيغەمبىرىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى رىۋايەتكە مۇناسىۋەتلىك . ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يالغۇز ئاللاھقىلا سۆيىنەتتى ۋە چەكسىز سادىق ئىدى . ئۇ دائىم ئاللاھقا ئاتاپ نۇرغۇن قوي ، كالا ، تۆگىلەرنى قۇربانلىق قىلاتتى . ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭ خالىس قىلىۋاتقان بۇ ئىخلاسمەنلىكىنى تازا چۈشىنىپ كەتمەي ئەجەبلىنەتتى . شۇڭا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام جامائەت ئالدىدا : << ئەگەر ئاللاھتىن ئەمر چۈشسە ئامراق ئوغلۇم ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىشقىمۇ تەييارمەن >> دەپ دەبدەبىلىك جاكارلىغان ئىدى . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ياشىنىپ قالغان ئايالى سارەدىن بالا يۈزى كۆرمەي ، ئاللاھ تائالادىن : << پەرۋەردىگارىم ! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنىت ئاتا قىلغىن ! >> دەپ تىلىگەندە ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سارە ئۇنىڭغا ھاجەر دېگەن خىزمەتچىسىنى ئەمرىگە ئېلىشنى ئېيىتقان . ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھاجەر دىن بىر پەرزەنىت كۆرگەن . بۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بولۇپ ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ياشانغاندا كۆرگەن بۇ پەرزەنتىگە تولىمۇ ئامراق ئىدى . ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ساداقىتىنى سىناش ئۈچۈن ، ئىسمائىل ئىشقا يارىغۇدەك چوڭ بولغاندا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا : << بالاڭنى قۇربانلىق قىلغىن ! >> دېگەن بۇيرۇقنى چۈشۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ئادا قىلىشنى نەچچە قېتىم ئۇنىڭ چۈشىگە سالغان ئىدى . شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن جانىجان ئوغلى ئىسمائىلغا بۇ ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى . ئىسمائىل قەتئىي نىيەت بىلەن : << ئىي ئاتا ! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ ، شۇنى ئىجىرا قىلغىن ، خۇدا خالىسا ئۇنىڭغا مېنى سەۋىر قىلغۇچى تاپىسەن . >> دېدى . [ سۈرە << ساففات >> ( 37 – سۈرە ) ، 102 – ئايەت ] . شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەككە شەھرىنىڭ يېنىدىكى مىنا جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ ، ئۇنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولدى . يولدا ، شەيتان ئىبلىس نەچچە قېتىم كېلىپ ئىسمائىلنى بۇ بۇيرۇققا قارشىلىق قىلىشقا ۋە قېچىپ كېتىشكە قۇتراتتى . ئىسمائىل شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىنى رەت قىلىپ غەزەپ بىلەن قولىغا تاش ئېلىپ شەيتانغا تاش ئاتتى ۋە ئاخىرىردا ئىتائەتمەنلىك بىلەن يەردە يېتىپ بېرىپ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ۋە ئاتىسىنىڭ خەيرىلىك ئىشىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى . ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پىچاقنى كۆتۈرۈپ ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پىچاقنى سالغاندا پىچاق كەسمىگەن ، قايتا – قايتا سالسىمۇ پىچاق زادى ئۆتمىگەن ، دەل مۇشۇ چاغدا جەبرائىل پەرىشتە ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشۈپ قارا باشلىق بىر قوچقارنى ئىسمائىلنىڭ ئورىنىدا قۇربانلىق قىلىشقا ئەكىلىپ بەرگەن شۇنداقلا ئاللاھ تائالا : << ئىي ئىبراھىم ! ( ھېلىقى ) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ ( يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ ) . بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز . بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر . بىز ئۇنىڭ ئورىنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى ( يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى ) بەردۇق >> [ سۈرە << ساففات >> ( 37 – سۈرە ) ، 104 _____107 – ئايەتلەر ] دەپ ۋەھىي قىلدى . قەدىمقى ئەرەبلەر مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن ھەر يىلى قۇربانلىق قىلىپ تۇرغان ئىدى .
مانا مۇشۇ ۋەقەنى خاتىرىلەش ۋە ئاللاھ تائالاغا شۈكىرى قىلىش ئۈچۈن ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇشۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، قۇربانلىق قىلىشنى ھەج ئەمەللىرىنىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلىگەن . شەرىئەتتە بەلگىلىنىشىچە ، ئومۇمەن ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى بولغان مۇسۇلمانلار ھەر يىلى قۇربان ھېيىتتا قۇربانلىق قىلىشى كېرەك . ھاجىلار ھىجرىيە 12 ئاينىڭ ( زۇلھەججە نىڭ ) 10 – كۈنى باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلار 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە ئۈچ كۈن ئىچىدە قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ ، بۇ مۆھلەت ئۆتۈپ كەتكەندە قىلىنغان قۇربانلىق ئىناۋەتسىز بولىدۇ . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمەدە ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلاتقان چاغدا ئاللاھ تائالادىن : << بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق . پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقىغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن >> [ سۈرە << كەۋسەر >> ( 108 – سۈرە ) ، 1 ، 2- ئايەتلەر ] دېگەن ۋەھىي نازىل بولغان ئىدى . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلىپ ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئىبادىتىگە تەقلىد قىلىپ ھىجىرىيىنىڭ 2 – يىلى ( مىلادىيە 623 – يىلى ) 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنىنى قۇربان ھېيىت قىلىپ بەلگىلىگەن ، قۇربانلىق قىلىش ھەج قىلىشقا ئوخشاش ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ ۋە كىشىلەر ئاخىرەتتە مۇشۇ كۈندە قۇربانلىق قىلىنغان مالغا مىنىپ پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتۈپ جەننەتكە كىرىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
قۇربان ھېيىت كۈنى مۇسۇلمانلار جامە مەسچىتلەرگە ياكى دالىغا يىغىلىپ ھېيىت نامىزى ئوقۇيدۇ . دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بۇ كۈنى ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن تاماق يەيدۇ . ھەج قىلغۇچىلەر ھىجرىيە 12- ئاينىڭ 10 – كۈنى سەھەردە شەيتانغا تاش ئېتىپ بولۇپ ، مىنا جىلغىسىدا قۇربانلىق قىلىدۇ ( ھازىر ھاجىلار كۆپىرەك سەئۇدىي ئەرەبىستانىدىكى ئىشەنچىلىك بانكىلارغا قۇربانلىق پۇلىنى تاپشۇرۇپ ، قۇربانلىق قىلىشنى ھاۋالە قىلىدىغان ، بانكىلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئارقىلىق بۇ قۇربانلىقنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نامراتلارغا بۆلۈپ بېرىدىغان بولدى ) . دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ھېيىتنىڭ ئالدىدا قۇربانلىق مال تەييارلايدۇ . قۇربالىق مال قوي ، كالا ، تۆگە دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ساغلام ، تىمەن مال بولۇشى كېرەك ، مال بەك ئورۇق ، ناكا بولسا ھەتتا بىر پۇتى ياكى بىر كۆزى قۇلىقىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپىرەكى ناكا بولسىمۇ قۇربانلىق قىلىش دۇرۇس ئەمەس .
ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشىلار بىر ئادەمگە بىر قوي ، يەتتە ئادەمگە بىر كالا ياكى بىر تۆگە قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ ، يەتتە كىشى بىرلىشىپ كالا ، تۆگە قۇربانلىق قىلغاندا ، ھەممىسى بۇ قۇربانلىق ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىنى نىيەت قىلىشى كېرەك ، يەتتە كىشىنىڭ بىرەرسى مۇسۇلمان بولمىسا ياكى پەقەت گۆش يېيىشنىلا مەقسەت قىلسا ، يەتتە كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇربانلىق ئىبادىتى بىكار بولىدۇ . نامرات ، يوقسۇللارغا ، قۇربانلىق مال ھازىرلاشقا قۇدىرىتى يەتمەيدىغانلارغا قۇربانلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى چۈشمەيدۇ . قۇربانلىق مالنىڭ گۆشى ئۈچكە تەقسىم قىلىنىپ بىر قىسمى ئۆزىگە قالدۇرىلىدۇ ، بىر قىسمى ئۇرۇغ – تۇققان ، دوست – يارەنلەرگە ئاتىلىدۇ ، بىر قىسىمى نامراتلارغا سەدىقە قىلىنىدۇ . قۇربانلىق مالنى زەبىھ قىلغاندا ئاۋازلىق << ئاللاھۇ ئەكبەر >> دەپ تەكبىر ئېيىتىش كېرەك . ئاندىن قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ ، بولمىسا قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ . شۇنداقلا بوغۇزلىنىدىغان مالنى سىلاپ – سىپاپ ، سىلىقلىق بىلەن يىقىتىپ ئىتتىك پىچاق بىلەن بوغۇزلاش لازىم ، مالنى ئۇرۇپ – تېپىپ يىقىتىپ ، گال پىچاق بىلەن بوغۇزلاپ جېنىنى قىيناش گۇناھ بولىدۇ .
مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچىكىرى رايونلىرىدىكى خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر قۇربان ھېيىتنى << كىچىك ھېيىت >> ( ئەيىت سەغىر ) ھېسابلايدۇ ( بەزى رايونلاردا مۇسۇلمانلار زۇلھەججە < 12 – ئاي > نىڭ بىرىنچى كۈنىدىن 9 –كۈنىگىچە يەنى قۇربانلىق ھېيىتتىن ئىلگىركى 10 كۈندە روزا تۇتىدىغانلىقى ، بۇ 10 كۈن رامىزان روزىسىدىن 20 كۈن ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن قۇربان ھېيىتنى كىچىك ھېيىت دەپ ھېسابلىغان ) . شۇڭا ئۇلار قۇربانلىق ھېيىتلىق پائالىيەتنى روزا ھېيتتىكىدەك داغدۇغىلىق ئۆتكۈزمەيدۇ . دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا جۈملىدىن مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردە قۇربان ھېيت << چوڭ ھېيىت >> ( ھېيىت كەبىر ) ھېسابلىنىپ ھېيىتلىق پائالىيەتلەر ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ .
ئۇيغۇرلاردا روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت ، بولۇپمۇ قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن ، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇراسىم ۋە ئادەتلەردىن سىرىت ، نۇرغۇن ئېسىل ئەنئەنە ۋە ياخشى ئادەتلەر شەكىللەنگەن :
ھېيىتتىن بۇرۇن ھەممە ئائىلىلەر چوڭ تازلىق قىلىدۇ ، ئۆينىڭ تام – تورۇسلىرىن تازلايدۇ ، زۆرۆر تېپىلغاندا ئۆينى ئاقارتىدۇ ، ھويلا – ئارامنى پاكىزلايدۇ ، كىر – قات يۇيىدۇ ، ئائىلە ئەزالىرى يۇيىنىپ تارىنىدۇ ؛ ئائىلە ئەزالىرى ئىمكان بار بىرەر قۇردىن يېڭى كىيىم كىيىدۇ ياكى يېڭىراق كىيملەرنى يۇيۇپ ھېيىتلىق كىيىم قىلىدۇ ، بولۇومۇ كۆپىرەك كىچىكرەك بالىلارغا يېڭى كىيىم قىلىپ بېرىدۇ ، ئۇلارنى چىرايلىق ياساندۇرۇپ قويىدۇ ؛ ئاياللار ھېيىتلىق ساڭزا ، قېيىقچە ، باقالى ۋە تۈلۈك پىچىنە – پىرەنىك ، قۇرۇق – ھۆل مېۋە – چېۋە قاتارلىقلارنى تەييارلايدۇ ، يەنى ھېيىتلىق داستىخان ناھايىتى مول راسلىنىدۇ ؛ ھېيىت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن جامەگە ياكى ھېيىتگاھقا بارغۇچىلار غېرىب – غۇرۋالارغا ئالاھىدە سەدىقە ئاتايدۇ ؛ ھېيت – ئايەم كۈنلىرى ئۆزئارا ھېيىتلىشىدۇ ، بۇ ئۇزاققىچە كۆرۈشۈش ، سىردىشىش ، يوقلىشى پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سالاملىشىپ سىردىشىش ، ھېسىيات ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ . بولۇپمۇ ئۇرۇغ – تۇققان ، ئەل – ئاغىنە ۋە قۇلۇم – قوشنىلار ئارىسىدا ئازارلىشىپ يۈرگىچىلەر ھېيىت – ئايەم مۇناسىۋىتى بىلەن بىر – بىرىنىڭ ئۆيىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھېيىتلاپ كىرىپ ، ئوتتۇرىدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇپ تاشلايدۇ ھەمدە ياخشىلىشىپ قالىدۇ ، بۇ ھېيىت – ئايەمنىڭ ئەڭ ئېسىل خاسىيەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ھېيىتلاپ كىرگۈچى يېقىنلار بولۇپمۇ ئۇرۇغ – تۇققانلار شۇ ئائىلىدىكى كىچىك بالىلارغا ھېيىتلىق تۇتقۇزۇپ قويىدۇ ؛ ئادەتتە ئۈچ كۈن ھېيىتتا ئەرلەر ھېيىتلىشىپ ئاياللار مېھمان كۈتۈش بىلەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۈچ كۈن ھېيىت تۈگىگەندىن كېيىن ، ھېيىتنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئاياللارنىڭ ھېيىتلىشىشى جۈملىدىن ھېيىت چېيى باشلىنىپ تا ھېيىت ئاي تۈگىگىچە داۋاملىشىدۇ .
روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئەمما ھازىر بۇ ھېيىتلار مەملىكىتىمىزدىكى 10 مۇسۇلمان مىللەتنىڭ مىللىي بايرىمىغا ئايلىنىپ قالدى ، شۇڭا ھېيىت كۈنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشھال – خۇرام ھېيىت ئۆتكۈزىۋىلىشى ئۈچۈن ھېيىتلىق ئارامغا قويۇپ بېرىش قانۇنلۇق بولۇپ قالدى .

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 1230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 01:59:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يىزىپسىز. [s:132]

يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

HALKIM UQUN   JENM   PIDA

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 716
يازما سانى: 1229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11483
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 09:21:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز بىلۋالسۇن باشقلار ئسلامدىكى ھېيت بايراملارنى

خەلقم ئۇچۇن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29367
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7096
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1961 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2011-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 11:18:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىلىۋالدىم رەخمەت سىىزگە

دېڭىز دولقۇنى

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14182
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8795
تۆھپە نۇمۇرى: 488
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 10:31:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ،ھەممىمىز چۈشەندۇق.

كروران0911

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32639
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4740 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 08:08:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلىرىڭىزنىڭ داۋاملىق يوللىنىپ تۇرۇشۇنى ئۆمىد قىلىمەن .

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 04:12:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجىر ئاتا قىلسۇن !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش