ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مەڭگۈتاش ئەپەندى. قۇمۇلدىن شۇنچە ئېسىل يازغۇچىلار چىقامدۇ ، بىزنىڭ قارامايدىكى قۇمۇللۇق ئارىسلان تالىپكاممۇ تېگى قۇمۇلدىن . تۆۋەندىكى سۆزلىرىڭىز ۋۇجۇجۇدۇمنى تىترەتتى ھەم سىزگە قايىللىقىمنى ئاشۇردى.
تاش چۆككەنسېرى جىمىپ كەتكەندەك، مەنمۇ بەزى نەرسىلەرنى چۈشەنگەنسېرى ئىلىمسىز سۆزلەشنىڭ خەتىرىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. يەڭگىلتەكلىك، دەلىلسىز سۆزلەش ئاقىۋەتتە نادامەت ئېلىپ كېلىدۇ.يۈزەكى، ھادىسىۋىي قاتلامدا تۇرۇپ پىكىر قىلىدىغانلار كۆپۈك شان- شەرەپنىڭ قۇللىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ساھابىلەر ھاياتىغا نەزەر تاشلىساق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا قارىي، پەتىۋا ئىلمىدا مۇجتەھىد، ئۇرۇشتا ياراملىق قوماندان، كىشىلەر ئارا مۇئامىلىدە ھاتەم ئىدى. ئۇلار زالىم ئالدىدا ھەقنى سۆزلىيەلەيدىغان، ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەيدىغان ،ھەر بىر كۈنىگە ھېساب بېرەلەيدىغان كىشىلەر ئىدى. گۈزەل ئەخلاق ئۈلگىسى بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىمىكى ئىككى كالپۇكى بىلەن ئىككى پۇتى ئارىسىدىكى ئەزالىرىنى باشقۇرۇشقا كېپىللىك بېرەلىسە، جەننەتكە كىرىشىگە كېپىللىك قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇلارنى بايان قىلىشتىكى مەقسەت، مەن تېخى ئۈگىنىش باسقۇچىدىمەن. ئويلىماي قىلغان بىر جۈملە خاتا سۆزۈم ئۈچۈن قىيامەتتە ھېساب بېرىمەن.
كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ، تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن . مەن يېقىندا قۇمۇلغا بېرىپ ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تولىمۇ ئاق- كۆڭۈل، بىر- بىرىنى سىلى، دەپ يېقىملىق ، مىھىرلىك سۆزلەشلىرىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەن ئىدىم .
ئىشلىرىڭىزغا مەڭگۈلۈك ئۇتۇق تىلەيمەن . مۇنبەردىكى ئەسەرلىرىڭىزنى ئڭقۇپ كېلىۋاتىمەن . ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغان تېمىڭىز ، < سول قوۋۇرغىلارغا ئىككى كەلىمە> دىگەن ئەسىرىڭىز بولدى . مۇشۇ تېمىڭىز سەۋەپلىك مەن ، ھاياتلىقتىكى باشقىچە ياشاش ئىستىكىدە ئويغاندىم . دلىمدكى بۇرچنى ھەقىقى ھەم تولۇقى بىلەن ھىس قىلدىم . اللە سىزگە، ئەجرىڭىزنى بېرىش بىلەن بىرگە ئىككى ئالەملىك سائادەت ئاتا قىلسۇن!