|
|
|
|
ھازىرغىچە قارىسام ،
مۇنبەر ئىچى تىپ - تىنىچ .
ھەممىڭلاردا ئۇيقا بار ،
شىرىن ئۇيقىدا جىمجىت ...
سائەت نەچچە بوپ كەتتى ،
تۇرمامسىلەر ئاداشلار .
يېتىۋەرسەك چۈشكىچە ،
قۇياش نۇرى باغاشلار ...
ئۇسساپ قاپتۇ تېمىلار ،
سۇغىرايلى سەھەردە .
توسالغۇسىز چىگىرسىز ،
سەھرا ، يېزا ، شەھەردە ...
كەيسە ئەجەپ يارىشۇر ،
ئاق تاۋار - يىشىل تاۋار .
ئوغرى كەلسە ئەگەردە ،
كۈچۈكلەر ئاۋۋال قاۋار ...
ئىشەنمەڭلار كۈچۈككە ،
تاشلىسا سۆڭەك يالاپ .
تۇتالمايدۇ ئوغرىنى ،
قويدۇڭلار ئۇنى باغلاپ ...
كۆزدە ئۇيقۇ تۈگىمەس ،
ئېچىڭلارچۇ لاپپىدە .
ئاچمىساڭلار ھەمياننى ،
ئوغرى ئالار شاپپىدە ...
مەنبە : سەھەردىكى جىمجىتلىقنى بۇزاي دەپ ...
|
|
|
|
|
|