مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2400|ئىنكاس: 28

ئۇيغۇر قىزلىرى سىلەر گۈزەل، ئەمما... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22039
تۆھپە نۇمۇرى: 1133
توردا: 3243 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 04:48:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر قىزلىرى سىلەر گۈزەل، ئەمما...



مەن بۇ ماقالىدە قىزلىرىمىزنى رەنجىتىپ قويۇشۇم مۇمكىن ،بولۇپمۇ چىرايلىق قىزلارنى. بىر يىگىتنىڭ ئۆزى بىلەن ھېچقانداق زىددىيتتى يوق ھەتتا تونۇشمايدىغان قىزلارنى رەنجىتىپ قويۇشنىڭ ئۆزى ئەخمەقلىق بولۇشى مۇمكىن .ئەمەلىيەتتە ھەددىدىن ئاشقان مۇھەببەت بەزىدە ئەخمەقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ئەمەسمۇ؟ئۇيغۇر قىزلىرى، سىلەر راستىنلا چىرايلىق ، بۇ ماختاش ئەمەس بەلكى ھەقىقەت.سىلەرنىڭ زىلۋا قامىتىڭلار،ئايدەك يۈزۈڭلار،بولاقتەك كۆزۈڭلار، قىزلارغا خاس لاتاپىتىڭلار ، پاكىزلىقڭلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ.سىلەرنىڭ قولۇڭلار گۈل ،ئۆزۈڭلار گۈل،سىلەر بولغاچقىلار ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ يۈرىكى پۈتۈن،قولى ئۇزۇن.
ھېلىمۇ تەلىيىم باركەن مەنمۇ ئۇيغۇر يىگىتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرنىڭ ئايدەك يۈزۈڭلار ،بولاقتەك كۆزۈڭلار ھەم زىلۋا قامىتىڭلاردىن ھەر زامان ياتسىرىماي،ھوقۇقلۇق ھالدا بەھىر ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم.مېنىڭچە ئازراق ئەقلى بارلىكى ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق تۇيغۇدا بولۇشى مۇمكىن.ئەمما مەندە سىلەرنى خوش قىلالمايدىغان باشقا بىر خىل تۇيغۇمۇ مەۋجۇت.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل تۇيغۇ بارغانسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ.بۇ بىر خىل ساپ تۇيغۇ ئەمما مۇرەككەپ تۇيغۇ...ئۇنىڭدا ئەنسىرەش ، ئازاپ، ۋە ئازراق نومۇسمۇ بار.
شۇنداق، مەن دائىم سىلەرگە نەزەر سالىمەن،سىلەرنى باشقا مىللەت قىز، ئاياللىرى بىلەن سېلىشتۇرىمەن.خوش بولۇشقا تېگىشلىكى شۇكى،كۆپىنچىڭلار ئەقىللىق، نومۇسچان،چىرايلىق ،خۇش پىچىم،پاكىز ھەم مېھرىبان.بۇ ماڭا بىر خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بەخىش ئېتىدۇ.بەزىلىرىڭلارغا قارسام بۇ خىل تۇيغۇ ئاجىزلاشقا باشلاپ ئۇنىڭ ئورنىنى ئەپسۇس ۋە ئازاپ ئالىدۇ.چۈنكى مېنىڭ كۆرگىنىم ئاشۇ گۈزەل تەنلەرنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاجىز بىر روھنىڭ سايىسى بولىدۇ.شۇ چاغدا مەن ئاشۇ قىزلارنىڭ قەلبىنىڭ قۇپقۇرۇق ئىكەنلىكىنى سىزىپ قېلىپ بىئارام بولىمەن.مېنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى،ئۇلاردا نىشان، غايە يوق.خۇددى بۇ دۇنيادا ياشىمايۋاتقاندەك پىكىرسىز، روھسىز.ئۆي خىيالى قانداق قىلىپ چىرايلىق بولۇشتا.ئۇلار ھە دەپ تېشىنى بېزەيدۇ،ئەمما ئىچى بېزەكسىز قالغان،قەلبى بېزەكسىز قالغان .شۇڭا ئۇلاردىن باشقىلار ئاسانلا پايدىلىنىپ كېتىدۇ.ئۇلاردا ئېتىقاد يوق،كىشىلىك ھايات قارشى ئىنتايىن سۇس،شۇڭا ئىتتىكلا ئېغىپ كېتىدۇ.جەمئىيەتكە پەرۋاسىز ۋە ئىنكاسىز مۇئامىلە قىلىدۇ.بەزىدە ھەتتا ئۇلارنىڭ گۈزەل تېنىدىن باشقاھېچنىمىسى قالمىغاندەك ھېس قىلىپ قالىمىز.ئەلۋەتتە تاشقى گۈزەللىك بىر تەبىئىي ئارتۇقچىلىق بولسىمۇ ئەمما ئۇ پەقەت باشقىلارنى ھۇزۇرلاندۇرۇش ۋە جەلىپ قىلىش رولىنىلا ئۆتىيەلەيدۇ،ئۇ ھەرگىزمۇ قەدىر - قىممەتكە تەڭ ئەمەس.
بىر گۈلنىڭ قەدىر- قىممىتى گۈزەللىكتە بولۇشى مۇمكىن،ئەمما ئادەمنىڭ قەدىر- قىممىتى ھەرگىز تاشقى گۈزەللىكتە ئەمەس،بەلكى قانچىلىك ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلىگەنلىكىدە. بۇ يەردىكى ياشاش ئىقىتىدارى باشقىلارغا تايىنىپ ياكى ماسلىشىپ ياشاش ئەمەس بەلكى ئۆزلىككە ئىگە بولغان ياشاش ئىقتىدارىدۇر.تارىختىن بۇيان قەدىر -قىممەت بىلەن ياشاش ئاجىزلارغا يەنى مەنىۋى جەھەتتىكى ئاجىزلارغا مەنسۈپ بولغان ئەمەس.بۈگۈنكىدەك ئىنتايىن رېئالنى ۋە كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە بۇ تېخىمۇ شۇنداق.
ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر قىز - ئايالىرىسىز ھەرگىزمۇ تەرەققى قىلغان جەمئىيەت بولۇپ شەكىللەنمەيدۇ .بۇ جەمئىيەتكە ئەمدى ئۇيغۇر قىزلىرى گۈزەل ھۆسنى، ناخشا ئۇسۇلغا ھېرىسمەنلىكى، مۇھەببەت خىياللىرىغا تولغان كاللىسى بىلەن ئەمەس ئەڭ رېئالنى، ئەقلى تەپەككۇرى بىلەن قاتنىشىشى كېرەك.


2005-يىللىق 1- سان شىنجاڭ ئاياللىرى


پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5691
تۆھپە نۇمۇرى: 974
توردا: 6941 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 05:31:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى چىققان يازمىكەن مەن بەكسۇيۇندۇم  مۇشۇ ئائىلە تەربىيىسى سۇسلىشىۋاتقان مۇشۇ جەمىيەتتە  بۇنداق ئىشلا بىردەم دە بىر  ئۇچىرايدۇ    [s:173]

گۇنا   قىلىپ  ھالى قالمىغاندا ئاندىن تۆۋەقىلدۇ  

ھەجەپ بىر ئېيتىلغانگەپكەن بۇ  ھەي ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15940
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4127
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 05:35:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر خىل ساپ تۇيغۇ ئەمما مۇرەككەپ تۇيغۇ...ئۇنىڭدا ئەنسىرەش ، ئازاپ، ۋە ئازراق نومۇسمۇ بار.

ياخشى ئادەم خاتىرجەم ياشايدۇ .

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4922
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31226
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6393 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 05:35:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگەللمىسى بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1940
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 25143
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4266 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 05:36:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبىيۋى ئەھمىيتى باركەن ، رەھمەت قىزچاق سىزگە ! [s:166]

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

تۇغۇلدۇم ، چىقتى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38771
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1912
تۆھپە نۇمۇرى: 261
توردا: 1352 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2012-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 05:42:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ قېتىم ئاڭلىغانسىز.....  
     ئانىلار ئوتتۇرىسىدا قىزلار تەربىيىسىگە ئائىت گەپ بولسا، كۆپىنچە ئانىلار «ئاق قەنتتەك ئاۋايلاپ، چاڭ قوندۇرماي ئۆستۈردۈم» دېيىشىدۇ.
ئاق قەنت..... دەرھەقىقەت، تولىمۇ نازۇك ئوخشىتىش، نازۇكلۇقى شۇنىڭدىكى، ئاق قەنتكە بىرەر نەرسە يۇقسا ئۇنى تازىلاش قىيىن. يۇققان جاينى كېسىپ ياكى قىرىپ ئېلىپ تاشلاش كېرەك. چاڭ تەگكەن قەنت كۆپىنچە تاشلىۋېتىلىدۇ.
     قىز بالىنىڭ نامىغا يۇققان داغنىڭ كېتىشىمۇ شۇنچە قىيىن. بەزىدە كۆرمەيلا بېسىلغان تىكەن جەبرىنى بىر ئۆمۈر تارتىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بەزىدە بۇ ئىش كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىر ئۆمۈر ئازابلايدۇ. كىشىنى ئۆمۈر بويى گۇمان، شۈبھە، بەختى كەمتۈكلۈك قاينىمىغا سېلىپ قويىدۇ. ھەممىسىگە كۆپىنچە ئويلىماي ئىش قىلىش، ئىرادە تىزگىنىنى بىر–ئىككى دەقىقە بوش قويۇۋېتىش سەۋەب بولىدۇ.
     ئىنسانىي پەزىلەتلەر، مەنىۋى قەدىر–قىممەتلەر ھەققىدە سۆز بولسا، ئۇلارنىڭ قىزلاردا ئەڭ ئالىي دەرىجىدە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاخىر ئۇ قىز بالىدە! مىللەتنىڭ كۆركى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى.
     قىز بالا پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ناھايىتى نازاكەتلىك، ئىپپەتلىك، ھايالىق، سەۋر–تاقەتلىك، ئاقىل، مېھرىبان....بولۇشى كېرەك.
     ئەيىب يا گۇناھ ئىش قىلىپ قويغان باشقا ھەممە كىشى كەچۈرۈلۈشى مۇمكىن، پەقەت قىز بالا كەچۈرۈلمەيدۇ. قىز بالىغا كەلگەندە ھۆكۈممۇ غايەت قاتتىق بولىدۇ: «ئوغۇل بالا شۇ ئىشنى قىلغاندا باشقا گەپ ئىدى، ئەمما ئۇ قىز بالىدە!» تامام ۋەسسالام!
     قىز بالىنىڭ ئىسمى، جىسمى، مەنىۋىيىتى، ئىش–ھەرىكىتىگە ھەمىشە ئۆلچەم باشقىچە بولۇپ كەلگەن.
     سوراپتۇكى:
    —دۇنيادا ئۆلۈمدىن يامىنى نېمە؟
    —قىزىڭنىڭ ناقابىل بولۇشى!
    بۇ دەھشەتنى بېشىدىن كەچۈرگەنلەرنىڭ دىلىدىنمۇ، تىلىدىنمۇ بۇنىڭدىن دەھشەتلىكراق نىدا چىقىدۇ:
    —قىز ئاسرىغاندىن كۆرە، تۇز ئاسرىسام بولماسمىدى؟
    ئېگىلگەن قامەتلەر، ئېگىلگەن باشلارغا كېلىدىغان خۇلاسە ئۇنىڭدىنمۇ دەھشەتلىك:
    —قىز كەلتۈرگەن نومۇس—ئۆلۈمدىن ئارتۇق!
    ئەسىرلەر، زامانلار بۇ ئەزەلىي قاراشلارنىڭ مەنىسىنى ئۆچۈرەلمىگەندەك قىلىدۇ.
    قىز ئۆستۈرگەن ئائىلىدە ئائىلە ئىگىلىرىنىڭ كۆڭلىدە غۇرۇر، ئىپتىخار، سۆيۈنۈش ۋە قىز شەنى بىلەن باغلىق ئار–نومۇسمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز قىز بالىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن يېتۈك، كامىل ئىنسان بولۇپ ئۆسۈشى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇنى «ئاق قەنتتەك ئوراپ، ئاۋايلاپ، چاڭ قوندۇرماسلىققا» ھەرىكەت قىلىدۇ.

مەن ئۆتمۈشتىكى بىر تامچە سۇ ، كەلگۈسىدىكى بىر ئۇچۇم تۇپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30648
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1033
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2011-2-16
ئاخىرقى: 2011-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 05:44:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت بەك ياخشى تىما ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28081
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2075
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 05:57:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستا ...ما تېمىنى كۆرۈپ يەنە ھىلىقى مېكىجىن ئېسىمگە كىلىۋالدىيا ؟ نىمە نومۇسچىلىق -ھە ، پۈتۈن تورغا تاقىلىپ بولسىمۇ ئۆزى بىلمەي يۈرىۋاتامدىغاندۇ ، ھەي ....

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38543
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 247
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2011-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 06:29:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ياخشى يېزپسىز [s:166]

ياخشىلىق قۇلۇمدىن كەلسە

ساغلام ھايات سىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33426
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7076
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 1601 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 06:30:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەنجىپ قالماستىن تەپەككۈر قىلىدىغان تىما ئىكەن ، رەھمەت سىزگە ...........

ساغلام  ھايات  سىزگە يار بولسۇن

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3091
يازما سانى: 1599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11480
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 2783 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 06:34:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزدىن نىمىشقا ئاغرىنغىدەكمىز؟!
ھەقىقەتنى سۆزلەش گۇنا ئەمەس...
شۇنچىلىك تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر تېما ئىكەن بۇ.

*ئاللاھ گۇناھلىر

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 767
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5241
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 1657 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 07:16:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياخشى چىققان تىماكەن...........يەنە بوللاسا يوللاپ تۇرۇڭ

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 8340 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 07:20:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 11قەۋەت  doppiqe كە 2011-05-04 07:16 PMئەۋەتىلدى  :
بەكمۇ ياخشى چىققان تىماكەن...........يەنە بوللاسا يوللاپ تۇرۇڭ
سىز بەك قىزىق ئىنكاس يازىدىكەنسىز.

بىز بۇ دۇنياغا م

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4726
يازما سانى: 1087
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12487
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 5607 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 08:44:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلارنىڭ  قىزلارغا بىرىدىغا ئائىلە تەربىيىسى ياخشى بولسىلا .
بەك ياخشى  بولاتتى .

پۇل قىزلىقىنى مەڭگۇ يوقاتمايدۇ . مەن يول ماڭغاندا يامغۇر ياققان بولسا كۆز يىشىمنى ھىچكىم كۆرمىگەن بولاتتى.

دوست بولۇشنې خال

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38362
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2011-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 11:09:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا ياخشى تېما ئىكەن ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش