مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1179|ئىنكاس: 20

قىسمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 07:08:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]

قىسمەت 

(پوۋست)

مەنبە: ئۆز قەلىمىم

 

 

[align=justify]بۈگۈن ھاۋا خېلىلا ئىسسىپ قالغانلىقتىن قادىر ئەتىگەن كىيۋالغان كاستىيۇم چاپىنىنى ماشىنىنىڭ ئارقا ئۇرۇندۇقىغا تاشلاپ قويدى ۋە ماشىنىنىڭ يان ئەينىكىنى يېرىم چۈشۈرۈپ قۇيۇپ سىرىتنىڭ باش باھاردىكى مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ ماشىنىنى سالقىن ھەيدەپ ئۆيى ئالدىغا يىتىپ كەلدى. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ كىرگەن قادىرنى ئايالى زۆھرە ناھايىتى قىزغىن كۈتىۋالدى ۋە قادىرنىڭ قولىدىكى كاستىيۇمنى ئېلىپ كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويدى.

[align=justify]قادىر مىھمانخانا ئۆيگە كىرىپلا  ئۈستەل ئۈستىگە تىزىلغان نازۇ-نىممەتلەردىن ۋە تېخى چېيى ئىچىلىپ بۇلۇنمىغان ئىككى تال پىيالىدىن ئۆيگە مىھمان كىلىپ كەتكىنىنى پەرەز قىلدى ۋە كەينىدىنلا ئۆيگە كىرگەن ئايالى زۆھرەدىن سورىدى.

[align=justify]-بۈگۈن يەنە مىھمان كەلگەن ئوخشىمامدۇ خۇتۇن؟

[align=justify]-كەلدىكەلمەمدىغان ئەتىۋارلىق قىزىڭىزنى تۇرسۇن جۈيجاڭنىڭ ئوغلىغا سۇراپ ئادەم كىرگۈزۈپتۇ.

[align=justify]-نىمە دە جاۋاپ بەردىڭىز؟

[align=justify]-جاۋاپ بەرمەي بۇلامدۇ؟ ئۇغۇل تەرەپ توينىڭ تەييارلىقىنى قىلۋەرسۇن، دادىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ،، چاي ئەكىردىغان كۈننى بىكىتىپ ئۇلارغا خەۋەر بىرەيلى دەپ يولغا سالدىم. تۇرسۇن جۈيجاڭمۇ كىچىك ئادەم بولمىسا -يە.

[align=justify]-ئاپلا ما خۇتۇننىڭ بىغىرەزلىكىنى، سىز زادى نىمە بولدىڭىز؟ راھىلەنىڭ بۇ ئىشقا تېخى مەيلى بارمۇ يوق بىلمەي تۇرۇپ نىمە دەپ خەۋەر بىرسىز؟

[align=justify]-نىمە بۇلاتتىم قىزىمنىڭ بەختىنى دەپ شۇنداق قىلۋاتىمەنغۇ؟ مەيلى يوقمىش ھەممىنى قىلغان سىز. نىمە دىسە ماقۇل دەپ.  ھەددى ئەمەس ئۇنىڭ مەن دىگەن كىچىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلغان ئاپىسى. ئاپىسىنىڭ گىپىگە كىرمەي باققىنىنى مەن بىر كۈرەي.

[align=justify]-بولدى-بولدى .بۇ خەۋەرنى راھىلەنىڭ سەمىگە سېلىپ بېقىپراق بىرنىمە دىيشەيلى دەپلا قادىر تېلۋىزۇرنىڭ تىزگىنىكىنى قولغا ئالدى ۋە قاناللارنى بىر-بىرلەپ ئېچىپ كۈرۈپ كۆرگىدەك ياخشىراق فىلىم قۇيۇلمىغاچقا تىلۋىزۇرنى ئۆچۈرۈپ گىزىتنى قولغا ئېلىپ گىزىت ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

[align=justify]زۆھرە ئاشخانىدا تاماق تەييارلاۋاتقان شۇ پەيىتتە راھىلە مەكتەپ ئالدىدا ئادىل بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى.

[align=justify]ئادىل ئېغىر بېسىقلىق بىلەن.

[align=justify]-راھىلە  بۈگۈنچە ئۆيىڭىزگە بارماي تۇرايمىكىن دەيمەن.

[align=justify]- بىز دىيىشكەنغۇ؟  بىرەر قىيىنچىلىق بارما.

[align=justify]-قىينچىلىققۇ يوق بىراق ئاپامنىڭ يېقىندىن بىرى سالامەتلىگى تازا ياخشى ئەمەس تۈنۈگۈن ياتاققا ئالدۇرغان ئىدىم شۇڭا ئاپامنىڭ سالامەتلىگى سەل ياخشىلانغاندىن كىيىن قائىدە بۇيىچە ئاپام ئۆيۈڭلەرگە بېرىپ ئاتا-ئانىڭىز بىلەن سۆزلىشىپ كەلگەندىن كىيىنرەك بارساممىكىن دىگەن ئىدىم. 
-ھوي نىمىشكە رەھيھان ئاپامنىڭ ياتاقتا ئىكەنلىكىنى بالدۇرراق دىمەيسىز؟ يۈرۈڭ ياتاققا بېرىپ ئاپىڭىزنى يوقلاپ كىلەيلى.

[align=justify]-بىراق ئۆيگە قايتمىسىڭىز ئۆيدىكىللىرىڭىز ئەنسىرەپ قالارمۇ؟.

[align=justify]-ياقەي ئۆيگە تېلېفۇق قىلۋەتسەم بولىدۇ. دەپلا راھىلە سومكىسىدىن تېلىفۇننى ئالدى-دە ئۆينىڭ نۇمۇرىنى بېسىپلا تېلېفۇننى ئالغان دادىسىغا  

[align=justify]-دادا بىر دوستۇمنىڭ ئاپىسى ياتاقتا بۇلۇپ قاپتىكەن شۇنى يوقلاپ قۇيايمىكىن دىگەن شۇڭا چۈشتە ئۆيگە قايتالمايمەن، ئاپامغا دەپ قويسىڭىز.دەپلا تېلېفۇننى قويىۋەتتى ۋە شوخلۇق بىلەن ئادىلغا تىلىنى چىقىرىپ قويدى.

[align=justify]ئاشخانىدىن چىقىۋاتقان زۆھرە تېلېفۇننى قۇيۋاتقان قادىرغا قاراپ قىزىڭىز يەنە تاماققا كەلمەمدىكەن؟دەپ سورىدى. 

[align=justify]-بىر دوستىنىڭ ئاپىسى ياتاقتا بۇلۇپ قاپتىكەن شۇنى يوقلاپ قويماقچى ئىدىم تاماققا بارالمايمەن. شۇ جايدىنلا ئىشقا كىتىمەن دەيدۇ.

[align=justify]-ئىسىت راھىلەگە تۇرسۇن جۈجاڭنىڭ ئوغلىنىڭ گىپىنى دەپ باقاي دىگەن. بوپتۇ كەچتە دەرمەن.بىز تامىقىمىزنى يەۋىرەيلى دىدى-دە ئوخشىغان ئىككى چىنە چۆچۈرىنى ئەكىلىپ بىر چىنىسىنى قادىرنىڭ ئالدىغا قويدى ۋە تەڭشەلگەن ئاچچىقسۇ لازىنى قادىر تەرەپكە سۈرۈپ قويدى.       

[align=justify]  ئادىل راھىلەنىڭ شوخلۇقىدىن سۈيۈنگەن بولسىمۇ بىراق كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە يەنىلا راھىلەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىسىنىڭ توي ئىشىغا قۇشۇلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ كۆڭلى بىر قىسىم بۇلۇپ قالدى. راھىلە بىلەن ئادىل دوختۇرخانا ئالدىدىكى ئاشخانىدىن بىر قاچا نېرىن چۆپ ۋە دوختۇرخانا ئالدىدىكى تاللا بازىرىدىن قۇۋەت يىمەكلىكلىرىدىن سېتىۋېلىپ رەيھان ياتقان ياتاققا خۇشال ھالدا كىرىپ كىلىشتى ۋە راھىلە رەيھان بىلەن يۈز يېقىشىپ كۈرۈشكەندىن كىيىن بىر قۇر ئەھۋال سۇرۇشۇپ كارۋات يېنىغا قۇيۇلغان ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردى.

[align=justify]رەيھان بىلەن راھىلە پاراڭلىشىپ تۇرغاندا سىستىرا قىز كىرىپ كەلدى-دە 20-كارۋاتنىڭ پۇلى تۈگەپتۇ تىزدىن پۇل ئۆتكۈزۋىتىڭلار، ھەراسىت مەسئۇل دوختۇرنىڭ سىزگە دەيدىغان گىپى باركەن دوختۇر ئىشخانىسىغا كىرىڭ دەپلا چىقىپ كەتتى.

[align=justify]ئادىل دەرھال پۇل ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىنىڭ مالىيە .ئىشخانىسىغا چىقىپ كەتتى.

[align=justify]رەيھان بىر تەرەپتىن تاماق يەپ بىر تەرەپتىن راھىلەگە دەرت تۈكۈشكە باشلىدى.

[align=justify]-ئادىلنى قىيناپ قويدۇمدە. بۇ بالا بەكلا كۈيۈمچان بالا بولدى.نەچچە كۈن بولغان مىجەزىم يوق،  كونا كىسەل بولغاندىكىن دورا ئىچسەم ياخشى بۇلۇپ كىتەرمەن دىگەن خىيال بىلەن يۈرۈپتىمەن. ئاخشام بىلمەيلا قالدىم ئاشقازىنىم مۇجۇپ ئاغرىپ ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن.بىر چاغدا قارسام دوختۇرخانىدا تۇرىمەن.ئادىل بېشىمدا ئولتۇردۇ. ۋاي.... ئاللاھ ئۆزى سالغان كىسەل بۇ، بۇنىڭغا بەندىنىڭ ئامالى يوقكەن.

[align=justify]راھىلە رەيھاننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ دەرھال رەيھانغا تەسەللى بىرىشكە باشلىدى.

[align=justify]ھىساۋات بۆلىمىدىن چىققان ئادىل دوختۇر ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى ۋە مەسئۇل دوختۇر بىلەن بىرەر قۇر سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ئادىل دوختۇردىن:-

[align=justify]-دوختۇر ئاپامنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتىمۇ-؟ دەپ سورىدى.

[align=justify]دوختۇر ئېغىر بىر تىنىۋەتكەندىن كىيىن ئادىلغا بىر ھازا قاراپ تۇردى ۋە كۈيۈنگەن ھالدا 

[align=justify]-ئادىل ئۆزىڭىزنى تۇتۋېلىڭ ھەرگىز ھاياجانلانماڭ، ئاپىڭىزنىڭ كىسىلى بەكلا كونىراپ كىتىپتۇ. ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەن. شۇڭا ئاپىڭىزنىڭ ئاخىرقى بىر نەچچە كۈنلۈك ئۆمىرىدە ئاپىڭىزنىڭ نىمە ئارزۇسى بولسا شۇنى قىلىپ ئاپىڭىزنى ياخشىراق بېقىۋالارسىز.

[align=justify]ئادىلدا دوختۇرنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن خۇددى بىرسى ئاسماندىن يەرگە تاشلىغاندەك سىزىم پەيدا بولدى-دە بىر ئاز ئىسىگە كەلگەندىن كىيىن ئاپىسىنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈكلا ئۆمرى قالغانلىقىنى بىلىپ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى.

[align=justify]-رەيھان ئاپا كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ئاللاھ ئاسانچىلىق بىرەر. ئاللاھ پاتمانلاپ سالغان كىسەلنى مىسقاللاپ ئالىدۇ دەيدۇ. بارا-بارا ياخشى بۇلۇپ كىتىسىز.

[align=justify]-قىزىم بۇ قېتىم كىسىلىم تازا ياخشى بۇلۇپ كىتەلمەيدىغان ئوخشايدۇ. مۇشۇ ئادىلدىن بەك ئەنسىرەيمەن. بىچارە بالام مەندىن كىيىن قالسا بۇ يۇرىتتا ھىچنىمىسى يوق قارا يىتىم بۇلۇپ قالارمۇ دەپ بەك ئەنسىرەيمەن.كۈزۈمنىڭ ئۇچۇق ۋاقتىدا توينى قىلۋەتسەم دەيدىغان ئويۇم بار ئىدى بىراق ئادىل گەپ سۇرسام گەپ قىلغىلى ئۇنمايۋاتىدۇ. بىرەر لايىقىڭ بارمۇ دىسەم يەرگە قاراپلا تۇرغان. رەيھان يەنە گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللەپ تۇرشى ئادىل كىرىپ كەلدى ۋە ئاپىسىغا قاراپ

[align=justify]-ئاپا ياخشى ئارام ئېلىپ داۋالىنىڭ پۇل تۆلىۋىتىپ كىردىم. دىدى-دە كۆزىنى ئاپىسىدىن دەرھال ئېلىپ قاچتى.

[align=justify]سەزگۈر ئانا ئادىلنىڭ قىزرىپ كەتكەن كۆزلىرىدىن ئۆزىنىڭ كىسىلىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى بىلىپ يەتتى-دە ئادىلغا قاراپ

[align=justify]-ھەراسىت تېخى راھىلە چۈشلۈك تاماق يىمىگەندۇ؟ سىلەر سىرىتتىن تاماق يەپ ئىشقا مېڭىۋىرىڭلار:-دىدى.

[align=justify]ئادىل بىلەن راھىلە چىقىپ كەتكەندىن كىيىن رەيھاننى بىردىنلا غېرىپلىق بېسىپ ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى.

[align=justify]ريھاننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ يېزىدا گەرچە باي بولمىسىمۇ بىراق دادىسى تۇراخۇن قارىمنىڭ دىننىي بىلىمىنىڭ چۇڭقۇرلۇقى بىلەن ناھايىتى يۈز-ئابرۇيلۇق كىشىلەردىن ئىدى.

[align=justify]بىراق رەيھان بۇيىغا يەتكەن يىلى بۇلارنىڭ ئائىلىسىگە كۈڭۈلسىزلىكلەر ئار-ئارقىدىن كىلىپ بىر يىل ئىچىدىلا رەيھان ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدى ئەمدى رەيھان ئاكىسىنىڭ ھامىيلىقىدا قالدى.     

[align=justify]رەيھاننىڭ كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ تۇرغان چاغلاردا قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە تەتىلدە كەلگەن 23ياشلاردىكى بىر بالا رەيھاننىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالدى ۋە بىر مەزگىل ئارلاشقاندىن كىيىن يىگىتنىڭ شىرىن-شىكەر گەپلىرىگە ئالدىنىپ يىگىتنىڭ قۇرغان قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتتى ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.   
    يىگىت مەكتىۋىگە قايتىپ كەتكەندىن كىيىن قىز بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ قىزنى ئۇنتۇپ كەتتى.

[align=justify]قىز يىگىتنى قانچە سېغىنغان بولسىمۇ بىراق يىگىت بىلەن ئالاقىلشالماي تىت-تىت بۇلۇپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۆزىدىكى غەيرى بىنورمال ئىشلارنى بايقاپ قېلىپ ناھايىتى قورقۇپ كەتتى. ۋە ئامالىسىز بۇ ئىشنى يەڭگىسىگە ئېيىتتى. يەڭگىسى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىرگە ئوننى قېتىپ رەيھاننىڭ ئاكىسىغا يەتكۈزدى.ئاكىسى رەيھاننى ھارغىچە ئۇرۇپ ئايالى بىلەن ئىككىسىنى قوشنا ناھيىگە بالىنى ئالدۇۋىتىشكە يولغا سالدى.

[align=justify]بالىنى ئالغۇزۇپ قايتىپ كەلگەن رەيھاننى ئاكىسى بىلەن يەڭگىسى رەيھانغا مەسلىھەتمۇ سالماي يەڭگىسىنىڭ نىرۋىسى ئاجىز ئاكىسىغا چېتىپ قۇيۇشقا مەسلىھەتلىشىپ توي كۈنىنى بىكىتىۋەتتى.            

[align=justify]رەيھاننىڭ بۇ تويغا رازىلىقىنىڭ بار يوقلىقى بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمىدى. رەيھان يىغلاپ قاخشاپ بۇ توينى تۇسۇپ قالالمىغاندىن كىيىن تەۋەككۇل دەپ ئەتە توي دىگەن كۈنى كىيىم كىچىكىنىمۇ ئالماي ئانىسىدىن قالغان بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا ۋە بىر تال بىلەيزۈكنى ئېلىپ ئۆيدىن قېچىپ چىقتى.     

[align=justify]رەيھان شۇ قاچقانچە ناھيە بازىرىدا بىر جۈپ ھالقىنى سېتىپ كىرا قىلىپ غۇلجىدىكى بىر ناھيەگە قېچىپ كەلدى. ئۇ ناھيە مەرگىزىدىن يىراقراق بىر مەھەللىدىن بىر ياشانغان مۇماينىڭ بىر ئېغىزلىق كونا ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇردى.

[align=justify]ئۇ بۇ ناھيىگە كەلگەندىن كىيىن ھالقىنى ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى كىراغا بەرگەن بولسىمۇ بىراق بىر قىسمىنى ئۆي ئىجارىسىگە تۆلەپ يېنىدا پۇل قالمىغان ئىدى. قانداق قىلىش كىرەك؟

[align=justify]رەيھان كۆپ ئويلۇنۇشلاردىن كىيىن مۇمايغا بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بىرىش بىلەن بىرگە بىرەر ئاشخانىدا ئىشلەش توغرىسىدا مەسلىھەت سالدى.

[align=justify]مۇماي قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۆزىنىڭ بىر تۇققىنى ئاچقان ئاشخانىغا قاچا يۇيۇشقا تۇنۇشتۇرۇپ قويدى.

[align=justify]رەيھان ئاشخانىدا قاچا يۇيۇپ تۇرمۇشىنى قامدىغاننىڭ سىرتىدا مۇماينىڭ ھالىدىن ناھايىتى ياخشى خەۋەر ئالدى.  
      رەيھان ئىشتىن ھېرىپ چارچاپ كىلۋاتقان بىركۈنى مەھەللىسىگە ئاز قالغان ۋاقىتتا بىر بۇۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى-دە ئىتتىك بالا يىغلىغان تەرەپكە بېرىپ بۇۋاقنى قولىغا ئالدى.بۇ بالا ئەمدى تۇغۇلغان بۇلۇپ يېڭى بىر يۆگەككە يۆگەلگەن ئىدى.

[align=justify]رەيھان بالىنى تۇتۇپ بىر دەم ساقلىغان بولسىمۇ بىراق بۇ كۇچىدىن بىرمۇ ئادەم ئۆتمىدى.رەيھان بۇ بالىنى تۇتۇپ تۇرىۋەرسە بالىنىڭ يىغىسىنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى-دە ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ئۆيىگە يىتىپ كەلدى.

[align=justify]رەيھاننىڭ كەلمەيۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەپ دەرۋازا ئالدىدا ئولتۇرغان قەمەرخان ئانا رەيھاننىڭ قولىدىكى يىغلاپ كىلىۋاتقان بۇۋاققا قاراپ ھەيران قالدى ۋە ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ رەيھاننىڭ ئالدىغا كىلىپ خۇددى بۇ نىمە ئىش-؟ دىگەندەك رەيھانغا قارىدى.رەيھان قەمەرخان ئانىغا قاراپ:-

[align=justify]-بۇ بالىنىڭ يىغىسىنى پەقەت توختىتالمىدىم سۈت بەرسەك بولغۇدەك دەپلا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

[align=justify]قەمەرخان ئانا بىلەن رەيھان كۈندە كەچتە ئۆيىگە ناشتىلىق ئۈچۈن ئەكىلىپ بىرىدىغان كالا سۈتىدىن ئازراق ئىستىپ بالىنىڭ ئەغزىغا ئاز-ئازدىن تېمىتىپ بالىنىڭ يىغىسىنى توختاتتى.

[align=justify]بالا سۈتكە تۇيۇنغاندىن كىيىن خۇددى ئانا كەپتەرنىڭ قانىتى ئاستىدا خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقان كەپتەر باجكىسىدەك ئۇيقۇغا كەتتى.

[align=justify]شۇ ۋاقىتتا قەمەرخان ئانا بالىنىڭ كىلىش مەنبەسىنى رەيھاندىن سورىدى.

[align=justify]رەيھان قەمەرخان ئانىغا بالىنى قانداق ئۇچرۇتۇپ قالغانلىقىنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بىرىپ قەمەرخان ئانىنى خاتىرجەم قىلدى.

[align=justify]شۇنىڭ بىلەن بۇ بالىغا ئادىل دىگەن ئىسىم قۇيۇلۇپ مۇشۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇپ قالدى.

[align=justify]كەچتە راھىلە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن زوھرە تاماقتىن بوشىغان قاچا-قۇچىلارنى يۇغۇشتۇرۋىتىپ راھىلەنىڭ ھۇجۇرسىغا كىرىپ كەلدى ۋە گەپ باشلىدى.

[align=justify]-قىزىم راھىلە سىزمۇ چوڭ بۇلۇپ قالدىڭىز، يېشىڭىزمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، خىزمەتكە چىققىلىمۇ 2يىلدىن ئېشىپتۇ. بېشىڭىزنى ئوڭشايدىغان ۋاقىتمۇ بۇلۇپ قالدى نۇرغۇن ئائىللەردىن سىزنى قىز قىلۋېلىش توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن بولسىمۇ بىراق قىزىم ئۆزىڭىز بىلىسىز دادىڭىز بۇ شەھەرنىڭ 4نىڭ ئالدى شۇڭا سىزنى نەدە بىر ئائىلىسىنىڭ تايىنى يوق ئائىللەرگە ياتلىق قىلشقا كۆڭلۈم ئۇنماي تۇرغان ۋاقىتتا تۇرسۇن جۈيجاڭنىڭ كىچىك ئوغلىغا سۇراپ ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىر نەرسە دەي تۇرسام دادىڭىز كاماندىروپكىغا چىقىپ كىتىپ تۈنۈگۈن قايتىپ كەلدى، ئۇ كۈنى دادىڭىز چارچاپ قالغاچقا بۇ گەپنى دىيەلمىگەن ئىدىم بىراق بۈگۈن ئۇغۇل تەرەپتىن يەنە سۈيلەپ كەپتىكەن توي تەييارلىقىنى قىلىۋىرىش توغرىسىدا ئۇچۇر بىرۋەتتىم-

[align=justify]-مىنىڭ رايىمنى بىلىپ باقمايلا نىمە ئۈچۈن بۇنداق جاۋاپ بىرىسىز؟ مەن ئۇ باشلىقنىڭ بالىسىنى كۈرۈپمۇ باقمىسام.مەن چۈشەنمەيدىغان بىر ئادەم بىلەن قانداقمۇ تۇرمۇش قۇرالايمەن. مەن بۇ ئىشقا قۇشۇلمايمەن ئاپا-دىدى.  
    زۆھرە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەتە تۇرسۇن شەنجاڭنىڭ ئوغلى مەكتىۋىڭىزگە ئىزلەپ بارىدۇ. شۇ ۋاقىتتا تۇنۇشسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

[align=justify]-نىمە مەكتەپكە ئىزلەپ بارامدا؟ مەن ھەرگىز كۈرۈشمەيمەن.بۇلۇپمۇ ئادىلنىڭ ئالدىدا.

[align=justify]-ئادىل دىگەن كىمۇ ئۇ؟ بۇندىن بۇرۇن بىرەرسى بىلەن پۈتۈشكەن يىرىڭىز بارمۇ دىسەم ئۇندىمەيسىز ئەمدى بولغاندا نىمە گەپ بۇ . بىرەرسى بىلەن پۈتۈشكەن يىرىڭىز بولسا دەپ باقمامسىز؟ بىز كۈرۈپ باقايلى. –دىدى.

[align=justify]-ئاپا ئۇ يىگىت بىلەن ئىككىمىز بىر مەكتەپتە ئىشلەيمىز ھازىر ئۇنىڭ ئانىسى دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ كىسىلى بىر ئاز ياخشىلانغاندىن كىيىن ئۆيىمىزگە كەلمەكچى-دىدى.

[align=justify]-ئاتا-ئانىسى نىمە ئىش قىلىدۇ؟

[align=justify]-ئۇنى كەلگەندە بىلىپ قالىسىز.

[align=justify]زۆھرە ئۇنداقتا تۇرسۇن جۈيجاڭلارغا  نىمە دەيمەن ئەمدى دەپ قاخشاپلا كەتتى. راھىلە

[align=justify]-نىمە دەيتىڭىز قىزىمنىڭ دىيىشكەن لايىقى بار ئىكەن.دەپ جاۋاپ بىرىڭ ئەگەر بولمىسا ئەتە مەكتەپكە بارغاندا ئۆزۈم گەپ قىلاي دەپ گەپنى ئۈزۋەتتى.

[align=justify]زۆھرە ياتاق ئۆيگە قايتىپ كىرگەندىن كىيىن قادىرغا قىزىنىڭ گىپىنى يەتكۈزۈپ قاخشاپلا كەتتى.

[align=justify]-توۋا ما قىزنىڭ گىپىنى قاراڭ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىرەر ئېغىز تىنىپمۇ قويماي ئەمدى بولغاندا لايىقىم بار دىگىنىنى ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ .ئالدىدا يەرگە قارتىپ. 
     -بولدى قاخشاۋەرمىڭە قىزىمىزنىڭمۇ ئويلىغان يەرلىرى باردۇر بەلكىم. قېنى ئاۋال ئۆزى تاپقان لايىقنى كۈرۈپ باقمايلىمۇ؟  
    -سىلى شۇنداق دىگەن بىلەن تۇرسۇن جۈيجاڭلارغا نىمە دەيمىز؟

[align=justify]-سىزمۇزە بەك ئالدىراڭغۇ جىمۇ.قالغان گەپنى راھىلە تۇسۇن جۈيجاڭنىڭ ئوغلى بىلەن كۈرۈشكەندىن كىيىن دىيشەيلى. بەك ئۇيقۇم كىلىپ كەتتى دەپلا يانغا ئۆرۈلۈپ ئۇيقۇغا كەتتى.

[align=justify]زۆھرە قانچە قىلسىمۇ ئۇيقۇسى كىلىدىغاندەك ئەمەس ئۇنى ئاستا-ئاستا خىيال دەرياسىنىڭ مايماق كىيمىسى يىراقلارغا ئېلىپ كەتتى.

[align=justify]زۆھرەنىڭ تۇغۇتى ناھايىتى تەسكە چۈشكەن بۇلۇپ تۇغۇتىدا قادىر ۋە يېڭىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇۋىقىنى تاشلاپ قۇيۇپ ئۇ دۇنياغا كىتىپ قالغىلى تاسلا قالدى يەنىلا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئامان قالغان بولسىمۇ بىراق ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن ئۆزىمۇ بىلمەي بالىغا باشقا ئانىلاردەك ئۇنچىۋالا مىھرىنى بىرەلمىدى.زۆھرە قانچە  ئۆزىنى بېغىشلاي دىسىمۇ بىراق كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى بۇ بالىنى قۇبۇل قىلالمايدىغاندەك تۇيغۇدا بۇلاتتى بىراق سىرتىغا ھەرگىز چىقارمايتى.بالىنىڭ كۈندىن كۈنگە چوڭ بۇلىۋاتقان چىرايى يا زۆھرەگە ياكى قادىرغا ئوخشىماي زۆھرەنى تىلسىماتلار ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كىتەتتى.بىراق راھىلەگە قادىرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىقى زۆھرەنىڭ خىياللىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ بىرەر گۇمانىنى قوزغاشقا ئۇرۇن بەرمەيتى.

[align=justify]ئەتىسى ئەمدى دەرىستىن چۈشۈپ ئىشخانىسى ئالدىغا كەلگەن  راھىلەنى بىر ئۇقۇغۇچى چاقىرىپ قالدى.

[align=justify]-مۇئەللىم دەرۋازا ئالدىدا بىر ئاكاش سىزنى چاقىرۋاتىدۇ.

[align=justify]راھىلە بىلدىم دىگەندەك بېشىنى يىنىڭ ئىرغىتىپ قويدى-دە ماتىرياللىرىنى ئىشخانىغا ئەكىرۋىتىپ دەرۋازا ئالدىغا ماڭدى.

[align=justify]ئۇ كىتىۋېتىپ كۈرۈشمەكچى بولغان كىشىسىنى خىيال قىلاتتى. ئۇ تازا ئۆكتەم بىر نىمە بۇلۇپ قالسا قامداق قىلارمەن؟ ئۇ شۇ خىيال بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىپ قالغانلىقىنىمۇ تۇيماي قالدى.  

[align=justify]-سىز راھىلە مۇئەللىم بۇلامسىز؟

[align=justify]راھىلە ئىتتىك بېشىنى كۈتۈرۈپ ئالدىدا كۈلۈمسىرەپ  ناھايىتى سىپايە تۇرغان بىر يىگىتنى كۆردى-دە ئىتتىك سالام قىلدى.

[align=justify]-سىز؟

[align=justify]-مەن رادىل بۇلىمەن.سىز بىلەن كۈرشەي دەپ كەلگەن ئىدىم.

[align=justify]-ھە شۇنداقمۇ مەن راھىلە. ئۇنداق بولسا ئاۋۇ قەھۋەخانىغا كىرىپ سۆزلىشەيلى.

[align=justify]ئۇلار يانمۇ يان ماڭغان بىلەن ئىككىلىسى ئۆز خىياللىرى بىلەن بەنت ئىدى.

[align=justify]رادىل بۇ قىزغا لايىقىم بار ئىدى بىراق ئۆيدىكىلەر ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەرىنى ئاددى كۈرۈپ سىز بىلەن كۈرشۈشكە قىستىدى دىگەن بۇ گەپنى قانداق چۈشەندۈرەرمەن دىگەن خىيالدا ئىدى.

[align=justify]ئىككىلىسى ئۆز خىياللىرى بىلەن بۇلۇپ كىتىپ قەھۋەخانىنىڭ ئالدىغا قانداق كىلىپ قالغانلىقلىرىنىمۇ تۇيماي قېلىشتى.

[align=justify]رادىل بېشىنى كۈتۈرۈپ قەھۋەخانىنىڭ ئالىدىن بىر نەچچە قەدەم ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى-دە خىجىل بولغان ھالدا .

[align=justify]-ھوي ئۈتۈپ كەتكىلى تاس قاپتۇق ئەمەسمۇ؟ قېنى مەرھەمەت دەپ راھىلەنى ئىچىگە باشلىدى.

[align=justify]رادىل بىلەن راھىلە دېرىزە يېنىدىكى بىر بوش ئۇرۇنغا كىلىپ بىر بىرسىگە قارمۇ-قارشى  ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن يىتىپ كەلگەن كۈتكۈچىگە بىر ئىستاكاندىن قەھۋە بۇيرۇپ بۇلۇپ ئىككىلىسى جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتىشتى.
[align=justify]ئاردىكى جىمجىتلىقنى يەنىلا راھىلە بۇزدى.
[align=justify]-ئاپام مەكتىۋىڭگە  بىرسى ئىزلەپ بارىدۇ دىگەن بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى-؟ راھىلە قەستەن رادىلنى گەپكە سېلۋاتاتتى.
[align=justify]-شۇنداق، سىزگە قانداق چۈشەندۈرسەم بۇلار؟-
[align=justify]-نىمە گەپ بولسا ئىيتىۋىرىڭ قۇلۇقۇم سىزدە.
[align=justify]-راھىلە مەن ئاۋال سىزگە ئۈزۈمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئىسمىمنى دىمىسەممۇ بىلدىڭىز، ئائىلەمدىكىلەرنىمۇ تۇنۇيسىز، بىراق مىنى تۇنمايسىز، چۈنكى مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىنلا ئىچكىردىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتاھان بىرىپ ئۆتۈپ شۇ مەكتەپتىن يەنە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم ۋە  شۇ مەكتەپنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتقان ئىدىم. دەم ئېلىشقا كەلگەندىن بىرى ئائىلەمدىكىلەر تۇيۇمنى قىلىش توغرىسىدا تۇلا سۆزلەپ بېشىمنى قايدۇرۇپلاۋەتتى.
[align=justify]-سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز؟
[align=justify]-دىمەكچى بولغۇنۇم ئۇقۇش جەريانىدا بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ئىدىم، ئۇ قىز بىلەن بىر شىركەتتە ئىشلەيمىز. ئۇ قىز جەنۇبى شىنجاڭلىق بۇلغاچقا ئۆيدىكىلەر قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئائىلىمىزدىكىلەرگە ماس كەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسى بەك يىراقكەن دەپ تۇرۋېلىپ سىلەرنىڭ ئائىلىدىكىلەر بىلەن سۆزلەشكەن ئىكەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانامنىڭ گىپى بىلەن سىز بىلەن كۈرۈشۈپ ئەھۋالىمنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ باقاي دىگەن نىيەتتە كەلگەن ئىدىم.
[align=justify]راھىلە بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ ئاسان ھەل بۇلۇپ قالغانلىقىغا ناھايىتى خۇشال بۇلۇپ كەتتى.
[align=justify]-سىزنىڭ ئۇچۇق -يۇرۇقلۇق بىلەن دىگەن گەپلىرىڭىزگە كۆپتىن- كۆپ تەشەككۈر. مىنىڭ ئەھۋالىممۇ سىزنىڭكىدەك. ئاپامنىڭ زورى بىلەن سىز بىلەن كۈرۈشكىلى چىققان ئىدىم. لىكىن كۈرۈشكەندىن كىيىن ئەھۋالىمنى سىزگە قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي تۇرۋاتسام سىز ئەھۋالىڭىزنى ئېيتىپ مىنى ناھايىتى خۇشال قىلىۋەتتىڭىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ خىزمىتىم بۇ شەھەردە، مەن ئۇقۇتقۇچۇلۇق كەسپىمنى جېىنىمدىنمۇ ئەزىز كۈرىمەن شۇ نوختىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئىككىمىزنىڭ ئىشى روياپقا چىقمىغىدەك.
[align=justify]-سىزمۇ ناھايىتى ئۇچۇق-يۇرۇق قىز ئىكەنسىز. سىز بىلەن تۇنۇشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن.
[align=justify]-مەنمۇ شۇنداق، ئەمدىكى گەپ ئائىلىمىزدىكىلەرگە قانداق چۈشەندۈرۈش كىرەك.
[align=justify]رادىل بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى.
[align=justify]قىزىققكەنسىز. سىز ئائىلىڭىزدىكىلەرگە رادىلنىڭ لايىقى باركەن دىسىڭىز. مەن ئائىلەمدىكىلەرگە راھىلەنىڭ لايىقى باركەن دەپلا گەپنى تۈگەتمەمدۇق.
[align=justify]ئىككىسى ئۆز-ئارا تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى قالدۇرشۇپ  قەھۋەخانا ئالدىدا خوشلاشتى.
[align=justify]رادىلنىڭ كەيپى چاغ كىتىپ قالغان بولسىمۇ بىراق راھىلە ئادىل كۈرۈپ قالغانمىدۇ؟ ئادىلغا قانداق چۈشەندۈرەرمەن دىگەن خىيال بىلەن دەككە-دۈككە ئىچىدە مەكتەپكە قايتىپ كىردى.
[align=justify]ئادىل بىلەن راھىلە  راھىلەنىڭ ئىشخانىسى ئالىدىدا ئۇچرۇشۇپ قالدى . چۈنكى ئادىل راھىلەنى ئىشخانىسىدىن تاپالماي قايتىپ چىقۋاتقان ئىدى. ئۇلار گەپ -سۆزسىز ئىشخانا ئارقىسىدىكى ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردى.
[align=justify]-بىرەر يەرگە بارغانمىدىڭىز؟
[align=justify]راھىلە دەماللىققا نىمە دىيىشىنى بىلەلمىدى.
[align=justify]-ھە راسىت راھىلە ئاپامىنى بۈگۈن ئۆيگە قايتۇرۇپ چىقماقچى ئىدىم شۇڭا چۈشتىن كىيىن ئىشقا كىلەلمەيمەن سىز خاپا بولماي مەن ئۈچۈن مۇدىردىن چۈشتىن كىيىنلىككە رۇخسەت سۇراپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
[align=justify]بۇلىدۇ. بىراق رەيھان ئاپامىنىڭ كىسىلى تېخى ياخشىلانماي تۇرسا نىمىشكە ياندۇرۇپ چىقىسىز؟.
[align=justify]-راھىلە ئالدىنقى كۈنى دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەن ۋاقتىمدا دوختۇر ئاپامنىڭ كىسىلىنىڭ ئاشقازان راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى، ئائىلىگە قايتۇرۇپ كىتىپ ئاپامنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ياخشى بېقىۋېلىشىم كىرەكلىكىنى ئېيىتقان ئىدى. شۇڭا ئاپام كىسىلىنى بىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ چىقاي دەيمەن.
[align=justify]-نىمە؟ راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى؟ سىز نىمىشقا تۈنۈگۈن بۇنى ماڭا دىمەيسىز؟
[align=justify]-راھىلە سىزنىڭمۇ مەن بىلەن تەڭ ئازاپلىنىشىڭىزنى خالىمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تۇغۇلۇپ ئاپامنىڭ قىرقى توشماي تۇرۇپلا  دادام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ئاپام مىنى باقىمەن دەپ كۆپ جاپا تارتىپ كەتتى. ئاپامىنىڭ ئاخىرقى ئۆمىرىدە بولسىمۇ تىنىچ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرشىنى ۋە كىسىلىنى بىلىپ قېلىپ ئازاپلانماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
[align=justify]راھىلە ئادىلنىڭ كۈزىدىن خۇددى يىپى ئۈچۈلگەن مارجاندەك چۈشۋاتقان ياشلارنى كۈرۈپ چىداپ تۇرالمىدى ۋە ئادىلغا نىمەدەپ تەسەللى بىرشنىمۇ بىلەلمەي ئادىلنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ يىغلاپ تۆكۈلۈپلا كەتتى.
[align=justify]راسىت ئەمەسمۇ بۇ ئايال مۇشۇ ئادىل ئۈچۈن نىمە قۇربانلىقلارنى بەرمىدى؟. بىر ئۆمۈر تۇل ئۆتكەننىڭ ئۈستىگە  كۇچا سۈپۈرۈپ تاپقان ئازغىنە پۇلى بىلەن ئادىلنى ئالىي مەكتەپكىچە ئۇقۇتتى ۋە خىزمەتكە چىقاردى.
[align=justify]-ئادىل كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ رەيھان ئاپامنىڭ كىسىلىنى ئاللاھ ئۆزى ئاسان قىلار. مەنمۇ بىرگە بېرىپ ياردەملىشەيمۇ؟
[align=justify]-رەھمەت راھىلە ئۆزۈم يىتشەلەيمەن. مەن ماڭدىم ئەمسە.
[align=justify]سىز بېرىۋىرىڭ. ئەگەر ياردەم قىلغۇدەك ئىشلار بولسا تېلېفۇن قىلىۋىتەرسىز.
[align=justify]ئادىلنىڭ قارىسى يىتكىچە قاراپ تۇرغان راھىلە بىردىنلا ئادىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاپىسىغا قانداق ئېيتىش توغرىسىدا ئويلۇنۇپ قالدى.
[align=justify]ئالدىنقى كۈنى ئادىل بىلەن راھىلەنى يولغا سالغان رەيھان تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كىتىۋېتىپ قوشنا ياتاقتىكىلەرنىڭ ئۆزى توغرىسىدا قىلىشقان گەپ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالدى.
[align=justify]-بىچارە رەيھان ئوغلىنى خىزمەتكە چىقارغىچە تارتمىغان جاپاسى قالمىغان ئىدى. ئەمدى بىر راھەت كۈرەي دىگەندە  بۇ نەس كىسەلنىڭ بۇ ئايالغا چاپلاشقىننى قاراڭلار.
[align=justify]-نىمە كىسەلكەن؟
[align=justify]ھىلراقتا دوختۇر ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتاتتىم. دوختۇر رەيھاننىڭ ئوغلى ئادىلغا «ئاپىڭىزنىڭ كىسىلى ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەن. قايتۇرۇپ كىتىپ ئائىلىدە ياخشىراق بېقىۋېلىڭ» دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم.
[align=justify]-ۋاي بىچارە، ئەشۇ بالىنى باقىمەن دەپ بىركۈن ئاچ، بىر كۈن توق يۇرۇپ تېپىۋالغان كىسەلدە بۇ. بۇ ئايالنىڭ ئۆيى بىزنىڭ...........................
[align=justify] 
[align=justify]رەيھاننىڭ قۇلقىغا ھىچقانداق گەپمۇ كىرمىدى. ئۇ تامنى تۇتۇپ ئاران دىگەندە ياتىقىغا كىلىۋالدى-دە يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىپ ھارغىچە يىغلىدى ۋە ئۆتمۈشنى قايتا ئەسلەشكە باشلىدى.
[align=justify]ئادىل 7ياشقا كىرگەن يىلى رەيھاننىڭ بىردىن بىر يۆلەنچۈكى بولغان قەمەرخان ئانا دۇنيادىن ئۆتتى. رەيھان يىغلاپ قاخشاپ بۇ دىلكىشىنىڭ ئۆلۈم ئىشلىرىنى ئۇزتۇپ تۇرىشى قەمەرخان  ئانىنىڭ تىرىكلىكىدە ھالىڭ نىچۈك دەپ قۇيۇشقىمۇ يارمىغان تۇققانلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن كىلىپ رەيھاننى بۇ ئائىلىدىن ھەيدەپ چىقاردى. رەيھان بۇ ئۆيىدىن چىققاندىن كىيىن بۇ ناھيىدە تۇرۇشقا پەقەتلا رايى بارمىدى-دە ھازىر تۇرۋاتقان بۇ شەھەرگە كەلدى ھەمدە شەھەر سىرتىدىن يىللاردىن بىرى يىغىپ ساقلاپ قويغان پۇلىغا چاققانغىنە ئىككى ئېغىزلىق ئۆيى ۋە كىچىككىنە ھويلىسى بار بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدى. ئۆينىڭ مەسلىسىغۇ ھەل بولدى بىراق تۇرمۇشنى قانداق قامداش كىرەك؟
[align=justify]كۈزىدىن ئايرىغان خۇدا ھاسسىدىن ئايرىماپتۇ دىگەندەك باشقىلارنىڭ ئىش كۈشلىرىنى قىلىپ بىرىپ جان بېقىپ كىلۋاتقان رەيھانغا ئاللاھ ئوڭ كۈزى بىلەن قاراپ ئۇنى قادىر بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ قويدى.
[align=justify]بىر كۈنى رەيھان ئۆيىدە قايسى ئائىلىدىن ئىشىم بارتى دەپ ئىزلەپ كىلەر دەپ ئولتۇرغان پەيىتتە  قوشنىسى رەشىدە مۇئەللىم كىرىپ كەلدى. ئىككىسى بىرەر قۇر سالاملاشقامدىن كىيىن
[align=justify]-رەيھان قارىسام بەك تىرىشچان ئايالكەنسىز.  بىراق قىلىۋاتقان بۇ ئىشىڭىز بىر كۈن بولسا ئىككى كۈن يوق. قۇرساق بېقىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئىشلاركەن.رەيھان
[align=justify]-رەشىدە مۇئەللىم نىمە ئامال؟ مىنىڭمۇ باشقا ئىش قىلغۇم بار بىراق نىمە ئىش قىلىمەن؟ يا قۇلۇمدا دەسمىي قىلغۇدەپ پۇل بولمىسا دەپ يىغلاپ سالدى.
[align=justify]قاراڭ ئادىلنىڭمۇ مەكتەپ يېشى تۇشۇپ قاپتۇ. ئادىلنى مەن ئالاقىلشىپ بىزنىڭ مەكتەپكە ئالدۇرۇپ بىرەي سىز ئەگەر خالىسىڭىز پۇلى ئاز بولسىمۇ ئايدا مۇقىم كىرىم قىلالايدىغان بىر خىزمەت بار شۇنى قىلىپ كۈرەمسىز-يە؟

[align=justify]-قانداق خىزمەت؟- ئوغلۇم ئۈچۈن ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ قىلىپ كىتەلەيمەن.
[align=justify]قاراڭ يېقىندا ك ناھيىسىدىن ئاكام بۇ شەھەردىكى شەھەر قۇرلۇش ئىدارىسىگە يۆتكۈلۈپ كەلدى. ئۇ  بۇ شەھەرگە يۆتكۈلۈپ كەلگەندىن كىيىن ئىدارىدىكى تازلىق ئىشچىللىرىنىڭ كامچىللىقىنى كۈرۈپ بىر تۈركۈم كۇچا سۈپۈرىدىغان تازلىق ئىشچىسى قۇبۇل قىلماقچى ئىكەن. شۇڭا سىزنى شۇ ئۇرۇندا ئىشلەپ قالسىكەن دىگەن ئۈمۈد بىلەن يىنىڭىزغا كىرىشىم ئىدى.
[align=justify]مىنىڭ بۇ ئۇرۇندا نۇپۇسۇم بولمىسا مىنى قۇبۇل قىلارمۇ؟
[align=justify]مەن ئاكام بىلەن سۆزلەشتم ۋە سىزنىڭ قىيىنچىلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ ماقۇل كەلتۈرۈپ قويدۇم. ئەگەر خالىسىڭىز ئەتىلا ئىشقا چۈشسىڭىز بولغۇدەك.
[align=justify]-راستما؟ رەشىدە مۇئەللىم رەھمەت سىزگە مەندىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانا، سىزگە كۆپ رەھمەت.
[align=justify]-ھە راسىت ئاكامنىڭ ئىسمى قادىر. بۇ ئۇنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرى بۈگۈنلا بېرىپ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ كىلىڭ:-دەپ قۇيۇپلا چىقىپ كەتتى.
[align=justify]رەيھان بۇ خۇشاللىقتىن دەماللىققا ئىسىنى يۇقۇتۇپ قويغان بولسىمۇ بىراق تىزلا ئەسلىگە كىلىپ ئادىلنى ئېلىپ شەھەرلىك شەھەر قۇرلۇش ئىدارىسىگە يۇرۈپ كەتتى.
[align=justify]دەرۋازىۋەن بۇۋايدىن قادىرنىڭ ئىشخانىسىنى سۇراپ بىلۋالغاندىن كىيىن قادىرنىڭ ئىشكىسىنى يەڭگىل چەكتى. ئىچىدىن كىرىڭ دىگەن ئاۋاز ئاڭلانغاندىن كىيىن رەيھان ئادىلنىڭ قۇلىدىن يىتىلەپ قورۇنۇپقىنە ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.قادىر قانداقتۇ بىر ماتىرىيالنى كۈرۈپ ئولتۇرغانلىقتىن رەيھان ئىشىكنى ئاستا يېپىپ قۇيۇپ نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى. قادىر بىر دەمدىن كىيىن ماتىرىيالدىن بېشىنى كۈتۈرۈپ :-
[align=justify]-بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ دەپ سورىغاچ رەيھاننىڭ يېنىدىكى ئادىلنىڭ ئۇماقلىقىغا قاراپ قالغان ئىدى.
[align=justify]- ئىسمىم رەيھان رەشىدە مۇئەللىم سىزنى ئىزلىشىمنى ئېيىتقان ئىدى.
[align=justify]-ھە رەيھانمۇ سىز ؟ رەشىدە سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى ماڭا ئېيتقان ئىدى. بىز ھازىر بىر تۈركۈم كوچا سۈپىردىغان تازلىق ئىشچىسى ئاياللارغا ئىھتىياجلىق ئىدۇق. ئەگەر باشقا مەسىلە بولمىسا سىزنى تىزىملايلى قانداق؟
[align=justify]-رەھمەت جۈيجاڭ رەھمەت.
[align=justify]-بۇ بالا؟
[align=justify]-بۇ مىنىڭ بالام بۇلىدۇ ئىسمى ئادىل، بۇ يىل 7ياشقا كىردى.
[align=justify]-مەكتەپكە بەرمىدىڭىزمۇ؟ بالىنىڭ دادىسىچۇ؟
[align=justify]مۇشۇ تەتىلدىن يىغىلغاندا بەرمەكچى بۇلاۋاتىمەن. بالىنىڭ دادىسى قاتناش ۋەقەسىدە تۈگەپ كەتكەن.
[align=justify]-ھە شۇنداقمۇ؟ قادىر تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئېلىپ ئاللا قانداق بىر نۇمۇرلارنى بېسىپ ئۇلىغاندىن كىيىن قارشى تەرەپكە ئىشخانامغا كىرىڭ دىدى-دە تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى جايىغا قۇيۇپ قويدى.
[align=justify]ئانچە ھايال بولمايلا ئىشخانىغا بىر ئايال كىرىپ كەلدى. قادىر ئايالغا :-
[align=justify]-رەيھاننى بۇ قېتىم قۇبۇل قىلىدىغان ۋاقىتلىق ئىشچىلارنىڭ قاتارىغا تىزىملاپ، كىيىم- كىچەك ۋە كىتەرلىك ئەمگەك قۇراللىرىنى ئېلىپ بىرىڭ دەپ ئۇرۇنلاشتۇردى. رەيھان قادىرغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتقاندىن كىيىن ئايال بىلەن ئىشخانىدىن ئايرىلدى.
[align=justify]رەيھان تىزىملاش ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ ئايالنىڭ دىگىنى بۇيىچە ئەتىگىنى بۆلۈنگەن ئۇرۇننى قانداق ۋاقىتتا تازلايدىغىنىنى بىلۋالغاندىن كىيىن سۈپۈرگە قاتارلىق ئەمگەك قۇراللىرىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
[align=justify]رەيھاننىڭ كەيپىياتى بۈگۈن بۆلەكچە ياخشى بۇلۇپ بۇندىن كىيىن ئىش چىقماسلىقىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىغان بولغان ئىدى.
[align=justify]رەيھان شۇنداق قىلىپ بۇ شەھەرنىڭ مۇھىت تازلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قۇشۇپ كىلىۋاتقان ئەشۇ جاپاكەش ھەدە-سىڭىللار قاتاردىن ئۇرۇن ئېلىپ بۇ شەھەردىكى تۇرمۇش مۇساپىسىنى باشلىغان ئىدى.
[align=justify]رەيھان ئۆزى جاپا تارتسىمۇ بىراق ئادىلنى تەربىيلەش ئۈچۈن ناھايىتى كۈچ سەرىپ قىلدى ئۇنىڭ ئۈستىگە رەشىدە مۇئەللىممۇ ئادىلنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈل بۈلۈپ كۆپ ياردەمدە بولدى.
[align=justify]ئادىل ياتاققا تىۋىش چىقارماي كىرگەن بولسىمۇ بىراق ئانىنىڭ يۈرىكى تۇيۇپ بولغان ئىدى.
[align=justify]-كەلدىڭمۇ بالام.
[align=justify]سىزنى ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ  دەپتىمە. قانداقراق تۇرۇپسىز ئانا.؟
[align=justify]بۈگۈن كىسىلىمنىڭ ھەممىسى چىقىپ كەتكەندەكلا ناھايىتى  ياخشى تۇرىمەن. شۇڭا ياتاقتىن چىقىش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ كىرسەڭ ئۆيگە تىزراق قايتىپ كەتسەم  بۇلاتتى.
[align=justify]ئادىلنىڭ كۆڭلى شۇنداق يېرىم بولسىمۇ بىراق ئاپىسىنىڭ ئالدىدا قىلچە چاندۇرماسلىق ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتاتتى.
[align=justify]ئادىل ھايال بولمايلا ياتاقتىن چىقىش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ كىردى ھەمدە ياتاق ئىچىدىكى نەرسە-كىرەكلەرنى يۇغۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئاپىسىنى بالنىست ئىشىكى ئالدىغا چاقىرغان  تاكسى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆيگە قايتۇرۇپ كەتتى.
[align=justify]رەيھان ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن ئادىل :-
[align=justify]-ئاپا ئائىلىدە ھىچقانداق ئىش بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن سىزنى دوختۇر ياخشى ئارام ئالسۇن دىدى. شۇڭا بەك چارچاپ كەتسىڭىز بولمايدىكەن.
[align=justify]-بولىدۇ ئوغلۇم سەنمۇ ئۆز ئىشىڭغا مېڭىۋەر
[align=justify] -مەن بۈگۈن چۈشتىن كىيىن رۇخسەت سوردۇم شۇڭا بۈگۈن سىزگە ھەمرا بۇلۇپ ئۆيدە بۇلىمەن.
[align=justify]-بوپتۇ ئەمسە بىردەم ئارام ئېلىۋال مەن ساڭا ئوخشۇتۇپ بىر لەغمەن ئىتىپ بىرەي.
[align=justify]-سىزگە ھازىر گەپ قىلسام يەنە تاماق ئىتىمەن دەيسىزغۇ. بولدى مەن گاڭپەن دۈملەپ قويغان. بىردەمدە سەي قورۇپ بۇلىمەن ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ ھە ئاپا.
[align=justify]رەيھان ئوغلىنىڭ بۇ كۈينۈشلىرىدىن ئالەمچە سۈيۈنگەن بولسىمۇ بىراق ئۇزۇنغا بارماي بۇ يۇرۇق ئالەمدىن ۋە كۈيۈمچان ئوغلىدىن ئايرىلىدىغانلىقى ئىسىگە كەلسىلا  يۈركىنى قۇرۇت يىگەندەك ئازاپلىناتتى. چۈنكى تا ھازىرغىچە ئادىلغا داداڭ قاتناش ۋەقەسىدە ئۈلۈپ كەتكەن دەپ ئادىلنى ئالداپ كىلۋاتاتتى.
[align=justify]بۈگۈن ئىشتىن بۇرۇنراق چۈشكەن قادىر ئۆيىگە كىرىشى كەينىدىن سوڭدىشىپلا راھىلەمۇ كىرىپ كەلدى.
[align=justify]راھىلەنى كۆرگەن زۆھرەنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى ۋە دەرھال ھۇجۇرسىغا كىرىپ كەتكەن راھىلەنىڭ ئارقىسىدىنلا كىرىپ سۇئال دىگەننى ياغدۇرۋەتتى. چۈشتە نەگە باردىڭ؟ تۇرسۇن جۈيجاڭنىڭ بالىسى رادىلجان بۈگۈن مەكتەپكە سىنى ئىزلەپ باردىمۇ؟ قانداقراق بالا ئىكەن ؟ تەققى-تۇرقى قاملاشقانمىكەن؟نىمە دىيىشتىڭلار؟
[align=justify]-ۋاي-ۋۇي ئاپا سۇئال دىگەن بىردىن سورىمامدۇ؟ چۈشتە مەكتەپنىڭ يېنىدا ئۆيى بار دوستۇمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تاماق يەپ مەكتەپكە چىقتىم . رادىل ئىزلەپ باردى بىراق ئۇ بالىنىڭمۇ لايىقى باركەن ئۆيدىكىلەرنىڭ زورى بىلەن مەن بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن بارغانكەن. بىز ناھايىتى ياخشى پاراڭلاشتۇق. بىراق توي قىلماي دوسىت بۇلۇپ قالىدىغان بولدۇق. زۆھرەنىڭ بىردىنلا جۇدۇنى تۇتتى دە مۇنداق دىدى.
[align=justify]-نىمە دوست بۇلۇپ قالىمىز؟ نەدە شۇنداق ئىش بار ئىكەن توي قىلغىنىڭلار قىلغان.
[align=justify]-ئاپا خەخنىڭ مىنى ئالغۇسى بولمىسا زورلاپ تاڭامتىڭىز. 
[align=justify]-ئىچىڭدە خۇشال بۇلۇپ كىتىۋاتقانسەن ھەقاچان؟
[align=justify]نىمىگە خۇشال بۇلاتتىم-
[align=justify]قادىر مىھمانخانىدا ئولتۇرۇپ ھەممە گەپنى ئاڭلىغانلىقتىن دەرھال زۆھرەنى چاقىرىپ راھىلەنى سۇئال-سۇراقتىن قۇتۇلدۇرۋالدى.

 



ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى داۋاملىق ئىنكاس شەكىلدە يوللايمەت. .


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Hok + 500 ئەجىر. ياخشى بولغان تېمىلىرىڭىز بىلەن بى
alafasy + 1000 ياخشى يېزىپسىز، مۇنبىرىمىزگە تېخىمۇ ياخش

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1500   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11752
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5488
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 4964 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 07:34:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ئەسەردىن يەنە بىرسى ۋۇجۇتقا كەپتۇدە؟؟؟


داۋامىغا تەشنامىز....


قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي...!!!!

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8628
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 07:46:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

sanga karap kuliman

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12846
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20745
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 4641 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2012-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 07:51:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ .داۋامىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈمەن !

نادان جاھىللار بىلەن مۇنازىرلەشمە !!

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 742
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 694
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 474 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 07:55:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا بەك ياخشىمىكەن ئۇنداقتا ساقلىۋىلىپ ئەتە چوقۇم ئوقۇيمەن.

يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 8340 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 08:04:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنى ئوقۇپ ئەجەب بىر خىل بۇلۇپ قالدىمغا، ياخشى چىقىپتۇ، زادى بىر قەدەمنى خاتا باسسا ئىش چاتاق. گەرچە مەنمۇ ئوغۇل بالا بولساممۇ بىراق ئوغۇل بالىغا ئاسان ئىشىنىشكە بولمايدۇ زادى. ماۋۇ گەپنى ئاڭلاپ تىللاپ كەتمەڭلار ھە، چاقچاق.
بىراق ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ، ئىجادى يازماق تەس.
قېنى باشقۇرغۇچىلىرىمىز، ماۋۇ تېمىنى ئوقۇپ بىر باھايىڭلارنى بەرمەمسىزلەر، تەۋسىيەلەشكە بولامدۇ؟

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 08:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستلارنىڭ مىنى قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. مەن كىتاپ ئۇقۇشقا بەك ئامراق. ئويلاپ باقسام  ئەزەلدىن باشقىلار يازغان ئەسەرلەردىن زوق ئېلىپ باشقىلارغا زوق بېغىشلىغىدەك ھىچقانداق نەرسى يېزىشنىمۇ ئويلۇشۇپ باقماپتىمەن. لىكىن مىسرانىمغا ئەزا بولغان بىر ئايدىن بىرى باشقىلارنىڭ يازمىسىنى كۈرۈپ ئۆزۈمنى چاغلىماي بۇ پوۋسىتقا تۇتۇش قىلىپ قالدىم. كاللامدا شۇنداق ياخشى ۋەقەلىكنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق بەت يۈزىدە دىگىنىمدەك ئىپادىيەلمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ دوستلارنىڭ مىنى قوللىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. مىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىم سىلەرنىڭ تەنقىد-پىكىرىڭلاردىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا كۆپرەك تەنقىدى-پىكىر بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ مىنىڭ تۇنجى يازمام شۇڭا دوستلارنىڭ كەمچىللىكىمنى تۇنۇتۇپ قۇيىشىڭلارنى سۇرايمەن.
ھە راسىت مىنىڭ كومپىيوتېرنىڭ كۆپ قىسىم بىلىملىرىدىن خەۋرىم يوق. ئاددىسى تورداش دوستلارنىڭ دوستقا قۇشۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىغىمۇ ئۇچۇر قايتۇرالماي نۇرغۇن دوستلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكەن بولشىم مۈمكىن. شۇڭا دوستلارنىڭ مەندەك ئۇچۇر قايتۇرۇشنىمۇ بىلمەيدىغان توردىشىڭلارنى كۈچۈرۋىتىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 8340 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 08:32:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6-قەۋەت (TOGRAKPADIXASI) نىڭ يازمىسىغا

قارىغاندا ئۇچۇر قۇبۇل قىلىشنى راست ئۇقمايدىكەنسىز، ئاۋۇ ئوڭ تەرەپ يۇقۇردىكى بىر كونۋىرىتقا ئوخشايدىغان بەلگە يۇرۇپ تۇرىدۇ، شۇنى چەكسىڭىز ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم دىگەندەك خەتلەر كۆرىنىدۇ، شۇنى چەكسىڭىز سىزگە يېزىلغان خەتلەر بار.
............. كەچۈرۈڭلار ھە، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سۆزلەپ قويدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39368
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1180
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2011-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 09:07:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلى راۋان،چۇشنىشلىك چىقىپتۇ !داۋامىنى بەك ساقلىتۋەتمەڭ [s:174]

ياشماق تەس ئەمەس،ئادەم بولماق تەس.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 09:20:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۆھرە راھىلەنىڭ ھۇجۇرىسىدىن قايتىپ چىققاندىن كىيىن قادىرغا قايناپلا كەتتى.
-ھەممىنى قىلغان سىز.  كىچىكدىن باشلاپ نىمە دىسە قىلىپ بىرىپ يامان ئۈگۈنۈپ قالدى. قىز بالا دىگەن ئاتا-ئانىنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي نەدىكى بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە يە دادا بولغۇچى بىر گەپ قىلمىغان.
-ھەي نىمە دەۋاتىسىز. راھىلە زادى نىمە ئىش قىپتۇ. ئۇ يە بىرەر يامان ئىش قىلدىمۇ. شۇنداق ئەدەپلىك ئەخلاقلىق چوڭ بۇلۋاتمامدۇ. باشقىلارنىڭ قىزلىرىغا قاراپ بېقىڭە، تۇرقىدىن قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنىمۇ ئايرىغىلى بولمىغان.
-ھە سىزنىڭلا قىزىڭىز بەك ياخشى. ئۆمۈرلۈك ئىشىدىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلىمايۋاتسا.
-توختاڭ-توختاڭ قادىر قولىنى كۈتۈرۈپ زۆھرەنى توختاتتى.
-تېخى قىزىم مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلاپ باقمىغىنى يوق. پەقەت مۇشۇ ئىشتىلا سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلىمىدى خالاس.
-نىمە دىدىڭىز بۇ تويغا سىزمۇ قارشىمۇ؟
-ئەلۋەتتە.
-نىمىشكە؟
-ھەي ئەخمەق خۇتۇن تۇرسۇن جۇيجاڭنىڭ ئۆيىدىن ئەلچى بۇلۇپ كەلدۇق دىسىلا ئەقلى ھۇشىڭىزنى يۇقۇتۇپ قويدىڭىزمۇ نىمە؟ ئۇنىڭ بالىسى نىمە ئىش قىلىدۇ؟ نەدە ئىشلەيدۇ؟ دەپ سۇراپمۇ باقماي ماقۇل دىدىڭىزما؟
-سىز بىلەمتىڭىز نەدە ئىشلەيدىغىنىنى؟ مۇشۇ شەھەردىكى كاتتا ئىدارىدە ئىشلەيدىغاندۇ دادىسى يۈز ئابرۇيلۇق جۈيجاڭ بولغاندىكىن. بۇگەپنى ئاڭلىغان قادىر كۈلۈپ كەتتى.
-ھەي ئاخماق خۇتۇن، رادىلجان دىگەن ئىچكىردىكى بىر شىركەتتە ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ تەرەپتىن تويلىشىدىغان قىز چۇقۇم خىزمىتىنى تاشلاپ مېڭىشى كىرەك، ئۇندىن باشقا رادىلجاننىڭ ئىككى يىلدا ئاران 15كۈن دەم ئېلىشى باركەن. شۇ ۋاقىتتىلا قىزىڭىزنى كۈرەلەيدىكەنسىز.
-نىمە خىزمىتىنى تاشلايدىكەن، تېخى 2يىلدا 15كۈن دەم ئالامدىكەن .ئەمسە بولمىغىدەك.
-شۇنداق بولمايچۇ. بىزنىڭ يە نەچچە بالىمىز بولمىسا، مۇشۇ بىر تاللا قىزىمىزنى شۇنداق يىراققا ياتلىق قىلامدۇق؟
ئەمسە تۇرسۇن جۈيجاڭلارغا نىمە دەرمەن ئەمدى؟
-نىمە دەيتىڭىز ، كىلىپ كەتكەن ئەلچىلەرگە تېلېفۇن قىلىپ راھىلە بىلەن رادىلجاننىڭ كۈرۈشكەنلىكىنى بىراق رادىلجاننىڭ شىركەتتە بىلە ئىشلەيدىغان لايىقىنىڭ بارلىقىنى، راھىلە بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن كۈرۈشكەنلىكىنى دىمەمسىز.
-شۇنداق قىلسام بۇلارمۇ؟
-بولمايدىغان نىمىسى بار؟
-شۇنداق قىلاي دىگىنىچە زۆھرە ياتاق ئۆيدىكى تېلېفۇندا سۆزلىشىش ئۈچۈن ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
ئۆز ھۇجۇرسىدا بارلىق گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان راھىلەنىڭ يەلكىسىدىن بىر تاغنى ئېلىۋەتكەندەك يەڭگىللەپ قالدى.
رەيھان ئۆزىنىڭ كىسىلىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن خۇددى يەلكىسىنى ئېغىر بىر تاش بېسىپ تۇرغاندەك ناھايىتى ئازاپلاندى.
توغرا كىچىكىدىن يىتىملىكنىڭ دەردىنى تارتىپ چوڭ بولغان ئادىل قانچىلىغان خورلۇقلارنى تارتمىدى. قانچىلىغان كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىمىدى. بىچارە بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى زادى نەدە؟ رەيھان ئادىل ئۇقۇشنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن بۇ سىرنى دىيىش قارارىغا كەلگەن بولسىمۇ بىراق ئادىلنىڭ ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە كۈيۈنۈشلىرىگە قاراپ بۇ نىيىتىدىن يانغان ھەتتا بىر ئۆمۈر بۇ مەخپىيەتلىكنى ئادىل ۋە باشقىلارغا تىنماسلىققا ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە قىلغان ئىدى. بىراق بۇ كاج پەلەك رەيھاننى بىر ئۇچۇرۇپلا ھايات مەنزىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مۇساپىسىغا ئاپرىپ تاشلىغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ رەيھاننىڭ يۈرىكىنى بىر قۇرۇت غاجاپ بىئارام قىلاتتى.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 09:25:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچۇرنى كۈرەلەيمەن بىراق باشقىلارغا ئۇچۇر قايتۇرالمايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4205
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6581
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 01:52:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنى ياخشى يېزىپسىز دوستۇم تېخمۇ تىرىشڭ مەن سىزگە ئامەت تىلەيمەن ...

قەيسەرجان

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 04:24:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-توۋا نىمە دەيدۇ دادىسى بۇ راھىلە. سىزنىڭ قول ئاستىڭىزدا ئىشلەيدىغان نەدە بىر تازلىق ئىشچىسىنىڭ ئوغلىنىڭ گىپىنى قىلىپ ھەجەپ نىرۋامنى ئۆرلەتتى دىسە.
-قايسى تازلىق ئىشچىسىنىڭ گىپىنى قىلۋاتىسىز؟
-مەنمۇ بىلمەيمەن ئىش قىلىپ ئوغلى راھىلە بىلەن بىر مەكتەپتە ئىشلەيدىغان، بىر تۇل خۇتۇن بار ئوخشايدۇ. شۇ خۇتۇننىڭ بالىسى، نەدىكى بىر يىتىمەكنى لايىقىم دەپ يۈرۈيدۇ ما راھىلە دىگەن مىڭىسىنى قاغا چۇقىۋالغان گالۋاڭ. دەپ قايناپلا كەتكەن زۆھرەنى قادىر تەستە بېسىقتۇردى-دە ھۇجۇرا ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى.
بايدىن بىرى ئاپىسىغا قانچە چۈشەندۈرۈپمۇ چۈشەندۈرۈپ بۇلالمىغان راھىلە ئاپىسىنىڭ بەزى بىر سېسىق گەپلىرىنى ئويلاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.ۋە بالدۇرلا ئورنىغا كىرىپ يېتىپ تەگسىز خىياللار قاينىمىغا غەرىق بۇلۇپ كەتتى.

راھىلە كىچىكىدىن ناھايىتى ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، ئاجىزلارغا ھىسداشلىق قىلىدىغان يۈركى يۇمشاق قىز ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ئالي مەكتەپ ھاياتىدا نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ تەلىۋىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق ئادىل بىلەن بىر قېتىملىق تاساددىبى ئۇچرۇشۇشتا تۇنۇشۇپ قالدى.
ئۇ كۈنى راھىلە ئۇقۇتقۇچى تۇلۇقلاش ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىش كۇرسىدىن كەچرەك قايتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىدىغان يولدا قورقۇش ئىچىدە ئالدى-كەينىگە قاراپ-قاراپ كىتىپ باراتتى. بىراق ئۆيىگە قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە نەدىن پەيدا بولدى بىر مەس راھىلەنىڭ ئالدىنى تۇسىۋالدى. راھىلە قانچە يالۋۇرغانسىرى مەس تېخىمۇ ئەدەپ راھىلەگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى. بىچارە راھىلە ئەتراپقا قاراپ قانچە توۋلىغان بولسىمۇ بىراق بىرەر ئادەمنىڭ قارىسىمۇ كۈرۈنمەيتى. مەس راھىلەنىڭ قولىنى كاپپىدە تۇتىۋالدى-دە ھە دەپ يول ياقىسىدىكى قۇيۇق ئورمانلىق ئىچىگە سۆرىگىلى تۇردى.
شۇ پەيتتتە نەدىن پەيدا بولغانلىقى نامەلۇم بولغان بىر قول كىلىپ مەسنىڭ گەجگىسىدىن قاماللاپ تۇتتى-دە مەس ئادەمنى خۇددى ئەسكى پالازنى تاشلىغاندەك يول ياقىسىدىكى ئېرىق ئىچىگە ئىتتىرۋەتتى. راھىلە مەسنىڭ قۇلىدىن قۇتۇلغىنىغا خۇشال بۇلۇپ تۇرغان شۇ پەيىتتە مەس يېنىدىن بىر پىچاقنى چىقاردى ۋە بۇ نامەلۇم كىشىگە ئېتىلدى. بۇ نامەلۇم يىگىت ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن پىچاقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بىر پەشۋا بىلەن مەس ئادەمنى يەنە يىقىتتى. خۇددى كونىلار يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ دىگەندەك مەس ئادەم يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ يىگىتكە پىچىق شىلتىغاچ يىگىتكە ئېتىلدى بۇ قېتىم پىچاق يىگتنىڭ كالتە يەڭ كۆينەك كەيگەن بىلىكىنى جىجاپ ئۈتۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن غەزەپكە تولغان يىگىت مەسنى قارا-قۇيۇق ئۇرۇپ سۈر-تۇقاي قىلىپ خېلى يەرگىچە قوغلاپ كەينىگە قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ بىلىكىدىن تېخىغىچە قان چىقىۋاتقان ئىدى.
بۇ ئىشتىن بەك قورقۇپ كەتكەن راھىلە نىمە قىلىشىنى بىلمەي يول ياقىسىدا تىتىرىگىنىچە يىغلاپ تۇراتتى ئادىل قايتىپ كەلگەنلىكىنى كرگەن راھىلە ھىلىغىچە قولىدىن قان چىقىۋاتقان يىگىتنى كۈرۈپ قورقۇپ كەتتى ۋە دەرھال قول ياغلىقىنى چىقىرىپ يىگىتنىڭ قۇلىنى تاڭماقچى بولدى.
يىگىت
-بولدى ھىچقىسى يوق. بىردەمدە توختاپ قالىدۇ. بۇ كىچىدە بىرەر يەرگە ماڭغانمىدىڭىز؟
-ھە، ياق مىنىڭ ئۆيۈم مۇشۇ ئەتراپتا ئىدى كەچلىك مۇزاكىرىدىن يېنىشىم ئىدى. بۇ يەرنىڭ چىرىقى بۇزۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ،  بۇ يەرگە كىلىشىم مەسكە ئۇچراپ قالدىم. ھېلىمۇ ياخشى سىز كىلىپ قالدىڭىز. بولمىسا قانداق قىلاتتىمكىن؟
-ھە ئۇنداق بولسا مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قۇياي. يۈرۈڭ قىنى ئۆيىڭىز تەرەپكە باشلاڭ.
-ھە بولدى، بۇ كۇچىدىن ئەگىلسەملا ئۆيۈمگە يىتىپ بارىمەن، سىزنى ئاۋارە قىلماي.
-ئۇ تەرەپتىكى كۇچا بەك قاراڭغۇ ئىكەن. يەنە بىرەرسى ئۇچراپ قالمىسۇن يەنە.دەپلا يىگىت راھىلە كۆرسەتكەن تەرەپكە مېڭىپ كەتتى.
راھىلە ئۈن-تىنسىز يىگىتكە ئەگەشتى ۋە يولدا ئىككىلىسى بىرەر ئېغىزمۇ گەپلەشمەي راھىلەنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلدى. يىگىت بىر نەچچە قەدەم ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق كەينىگە قاراپ راھىلەنىڭ بىر دەرۋازا ئالدىدا توختىغانلىقىنى كۈرۈپ.
-ئۆيىڭىز مۇشۇمۇ؟دەپ سۇرىدى.
-ھەئە.
-ئۇنداقتا ياخشى چۈش كۈرۈڭ خوش.
راھىلە يىگىتنىڭ ئىسمىنى سۇراش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللىدىيۇ بىراق ئاۋازىنى چىقىرالمىدى. يىگىتنىڭ سىماسى كىچە قاراڭغۇلىقىدا ئاستا-ئاستا غايىپ بولدى.
راھىلە ياتاق ئۆيىدە ئورنىغا كىرىپ ياتقاندىن كىيىن ھىلراقتا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئويلاپ تىنى شۈركۈنۈپ كەتتى ۋە يىگىتنىڭ ئىسمىنى سۇرۋالالمىغانلىقىغا كۆپ ئەپسۇسلانغان بولسىمۇ بىراق يىگىتنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ خۇددى كۆز قارچۇقىغا ئورنىتىۋالىدىغاندەك خىيال بىلەن ئۇيقۇغا كەتتى.
بىر نەچچە ئايدىن كىيىن راھىلە ئىمتاھاندىن ئۈتۈپ مۇشۇ شەھەرگە يېقىن بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇقۇتقۇچىلىققا تەخسىم قىلىندى. ئۇ مەكتەپكە كىلىپلا نەچچە ئايدىن بىرى ئىسمىنى بىلىشكە تەقەززا بولغان يىگىتنىڭ مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىدىغانلىقىنى كۈرۈپ ناھايىتى خۇشال بۇلۇپ كەتتى. يىگىتنىڭ ئىسمى ئادىل بۇلۇپ بۇ مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسى ئىدى. يىگىت ئۆزى ياش بولغان بىلەن بىلىمنىڭ چۇڭقۇرلىقى بىلەن مەكتەپتىكى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىرسى ئىدى.
راھىلە مەكتەپكە كەلگەن كۈنى مەكتەپ مۇدىرى ئادىلنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ  راھىلەنى بىر ھەپتىگىچە ئادىل بىلەن بىرگە ئادىل دەرس بىرىدىغان سىنىپلارغا كىرىپ ئادىلنىڭ ئۇقۇتۇش مىتودىنى ياخشى ئۈگۈنۈشكە ئۇرۇنلاشتۇردى. ئادىل بۇ قىزنىڭ ھېلىقى كۈنى  ئۆزى قۇتقۇزۋالغان قىز ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ ھەيراق قالدى ۋە بۇجاھاننىڭ كەڭ دىسە چىكى يوقلىقىنى، تار دىسە ناھايىتى تار ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئادىل بىلەن راھىلەنىڭ بىر گە بۇلىدىغان چاغلىرى كۆپەيگەنسىرى بۇ ئىككىلىسىدە بىر-بىرنى ياخشى كۈرۈش ئىستىكى پەيدا بولدى.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 04:25:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بار.......................................

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 04:29:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پوۋسىتنىڭ ئاخىرىنى تورغا بىۋاستە يېزىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن يېزىش سۈرىتىم سەل ئاستا بۇلۇپ قالدى شۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش