مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1878|ئىنكاس: 7

يازغۇچىنى ئەدەبىيات ئۆزى ئىزدەپ تاپىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 1503
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4676
تۆھپە نۇمۇرى: 1144
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 10:46:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغۇچىنى ئەدەبىيات ئۆزى ئىزدەپ تاپىدۇ



(مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز بىلەن سۆھبەت)

يېقىندا ياش شائىر ئابلەت ئەخمەت بىلەن يازغۇچى مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز <<ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت>> مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەھمىيەتلىك بىر قېتىملىق سۆھبەتتە بولغان. سۆھبەتتە ئوتۇرغا قۇيۇلغان كۆزقاراش ۋە پىكىرلەر خېلىلا يېڭى ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن ژورنىلىمىزدا ئېلان قىلىشنى مۇئاپىق تاپتۇق.

ئابلەت ئەخمەت : ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆسۈپ يىتىلىش تارىخى بولىدۇ. يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش تارىخى ۋە كەچمىشلىرى ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىزمۇ ھەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۆزىڭىز ھەققىدە تەرجىمىھال خارەكتىرىدە تەپسىلىراق سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز: مۆرۈۋەتلىك دادام سەيپۇللىراخۇن ھاجىمنىڭ ۋاسا جۈپ ئۆيىمىزنىڭ تۆر تام خەرىگە كۆمۈر قەلەم بىلەن يېزىپ قۇيۇشىغا قارىغاندا مەن 1966-يىل 22-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشكە يېقىن بۇ ئالەمگە مىھمان بولۇپ كەپتىكەنمەن. ئەينى چاغدا قىقىراپ تۇغۇلدۇممۇ، يىغلىماي تىپچەكلىدىممۇ مەن ئۈچۈن نائېنىق. قانداقلا بولمىسۇن ئانامنىڭ پات- پات ئېسىمگە سېلىپ تۇرۇشىدىن دىلىمغا ئورناشقىنى-ھامىلىنىڭ قانۇنىيەتلىك تۇغۇلۇشىدىكى ئاي كۈنۈم خېلىلا ئۆتۈپ كېتىپ، 11ئايلىقتىمۇ ياكى 12 ئاي كىرگەندىمۇ تۇغۇلۇپتىكەنمەن. بەلكىم، بۇ ئالەملىك قىسمىتىم تۇنجى تىنىقتىلا تىرەجەشتىن باشلانغان بولسا كېرەك. ۋە بەلكىم، ئەينى چاغدىكى جاھاننى بىر ئالغان مالىمانچىلىق ۋە بىر- بىرىدىن يۇقۇرى ئاۋازدا توۋلىنىۋاتقان شۇئاردىن تۇغۇلماي تۇرۇپلا چۆچۈگەن بولسام، بۇ ئالەمنىڭ غوۋغالىرىغا قېتىلىشتىن كۆرە ئانامنىڭ شاھانە قۇرسىغىدا ئۇزاقراق تۇرۇۋېلىشنى ئەلا بىلگەن بولسام كېرەك (چاخچاق).

ئانام ھۆرمەتخان ھاجىمنىڭ دادام بىلەن سىر چىكىشكىنىدىن ئاڭلىغىنىمدا مەن ئانامنىڭ قۇرسىقىدا چاغدا دادام ئانامدىن ئوغۇرلۇقچە تۈگە گۆشى يەۋاپتۇدەك. ئەر كىشى ئايالى ئېغىرقات ۋاقتىدا مىھرىبانىدىن يۇشۇرۇنچە تۈگە گۆشى يەپ قويسا، ئايالىنىڭ تۇغۇتى قىيىن بۇلارمىش. ۋاقتى- سائىتى توشسىمۇ ھامىلە تۇغۇلماسمىش. ماڭا ئوخشاش 12ئايلىقتا تۇغۇلارمىش. دادام خېلى كىيىنگىچە ئۆزىنى ئاقلاپ <<ھاشار يىرىدە يىگەن ئۇ تۆگە گۈشىنى...>> دەپ قۇيۇدىغان.

بۇ گەپلەرنىڭ ئىلمى ئاساسى قانچىلىك، باشقا ئانا- پەدەرلەر نىمە دەيدۇ، بۇنىڭغا تىلىم قىسلىق قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئانامنى ئۈچ كىچە- كۈندۈز تولغاق قىينىقىغا مۇپتىلا قىلغىنىم، ئايۋانلىق ئۆيىمىزنى بىر ئالغان زارلاشقا بەرداشلىغى ئۇپرىغان دادامنىڭ بىرەر ئامال ئىزدەپ تاڭ يۇرۇماستىلا سامپۇل يېزىلىق شىپاخانىغا چىققىنى راس ئىكەن. ئۇ چاغلاردا يېزىلىق شىپاخانىلاردا تۇغۇت دۇختۇرى بولمىغاچقا يېزىلىق شىپاخانىدىكىلەر دادامغا ناھيىلىك دۇخۇتۇرخانىنى شەرەتلەپتۇ. سامپۇل بىلەن لوپنىڭ ناھيىە بازىرىنىڭ ئارىلىغى 9 كىلومىتىرلىق يول. دادام چوڭ يول بويىدا ماشىنا ساقلاپتۇ. بەلكىم ئۆيگە قايتقۇسى، ئانامنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويغۇسىمۇ كەلگەندۇ. بەلكىم ئۆيدىكى چىقىراقتىن مۇشۇ توپىلىق يول بويىدا ماشىنا كۈتۈش راھەتراق بىلىنگەندۇ. قانداقلا بولمىسۇن دادام چۈشكە يېقىن لوپ تەرەپتىن چىققان بىر ماشىنىنى تۇسۇپتۇ. شۇ كۈنى سامپۇلغا ئاياق باسقىنىمۇ، سامپۇلدىن ناھيىگە قاراپ ماڭغىنىمۇ شۇ بىرلا ماشىنا ئىكەن. دادام توسىغىنى شۇ چاغدىكى ناھيىلىك دۇختۇرخانىنىڭ بىردىن بىر كىسەل يۆتكەيدىغان بولكىۋاي ماشىنىسى بولۇپ، ناھيىلىك دۇختۇرخانىدا مەزگىلسىز قازا تاپقان سامپۇللۇق بىرىنىڭ جەسىدىنى يۆتكەپ چىققان ئىكەن. شوپىر توخىمۇھەممەت ئۇستام ماشىنىنى توختىتىپتۇ. ئەھۋالنى ئاڭلاپتۇ. ماشىنىدىكى جەسەتنى ئۆيىگە يەتكۈزۈپ قۇيۇپلا قايتىدىغىنىنى، ئۇنىڭغىچە ئانامنى چوڭ يول بويىغا ئەچىقىپ تۇرۇشنى ئېيتىپتۇ. توۋا دەيمەن، ھېلىقى مەرھۇم مەنزىلىگە يەتكەن ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ مەن تۇغۇلغان بولسام كېرەك، دادام بۇ خوشخەۋەرنى توختىمۇھەممەت ئۇستامغا يەتكۈزگەچ رەھمەت ئېيتىپ قۇيۇش ئۈچۈن چوڭ يولغا كەلسە توختىمۇھەممەت ئۇستام دادام، ئاناملارغا خېلى ئۇزاق ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. (بۇ كىشى ھازىرمۇ ھايات. ئۆزىنى پاكىزە تۇتۇپ، ناھايىتى روھلۇق يۈرۈيدۇ. خېلىلا يېقىن سالام- سەھىتىمىز بار. كۆزۈمگىلا ئەمەس دىلخانەمگىمۇ باشقىچىلا يېقىشلىق تۇيۇلىدۇ)

ئابلەت بۇرادەر، مانا بۇ سىز پاراڭلىشىۋاتقان كەمىنەنىڭ يۇرۇق دۇنياغا كېلىش تارىخى. كېيىنكى ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىم تەڭتۈش- قۇرداشلىرىم سىياق تولىمۇ جۇشقۇن يىللارغا توغرا كەلدى. راس، بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالسام بولمىغۇدەك. ئۇ يىللاردا بۇۋاققا تەگبىر ئېيتىلىپ ئىسىم قۇيۇش <<كونىلىق>> ھىساپلانغىنى ئۈچۈن، دادام پاتىھەچى موللامنى ئۆيىمىزگە ئوغۇرلۇقچە چاقىرتىپ كېلىپ، نامۇ- ئەمەلىمنى <<ئابدۇل مۇتەللىپ>> دەپ قويغۇزۇپتۇ. ئۈچ كۈن شۇ نامدا ئاتىلىپتىمەن. شۇ چاغلاردا كەنتىمىزگە ناھيىدىن بىر خىزمەت ئەترىتى چىققان بولۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىغى بىلەن شۇ چاغدا كەنتىمىزنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەۋاتقان دادام يېقىن ئۆتىدىكەن. ئىسمىم قۇيۇلۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ باشلىق ئۆيىمىزگە مىنى مۇبارەكلەپ كەپتۇ. بۇۋاققا ئىسىم قۇيۇلغان- قۇيۇلمىغىنىنى سۇراپتۇ. <<مۇتەللىپ>> دىگەن نامنىڭ مەنىسىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. دادامنىڭ دىگىنىنى ئاڭلاپ چۆچۈپتۇ. <<ئۇلۇق داھىمىزنىڭ سۆزلىرىدە بۇ ئىسىم يوق. شۇڭا ئۇلۇق ئىنقىلاپ ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ تۇغۇلغان بۇۋاققا داھىمىزنىڭ ئۈزۈندىلىرى ئىچىدىن ئىسىم تاپمىساق قانداق بولىدۇ؟!>> دەپ كايىپتۇ. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى ۋە كەنت ئىنقىلاۋى كومتىتنىڭ ھەيئەتلىرىنى شۇ ھامان ئايۋىنىمىزغا جەملەپتۇ. ئۆزى مىنى قۇچىغىغا ئېلىپ <<.... باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىدىغان، قۇربان بىرىشتىن قورقمايدىغان، ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلىبەسىرى ئالغا ئىلگىرلەيدىغان....>> دىگەن ئۈزۈندىنى يۇقۇرى ئاۋازدا ئۇقۇپتۇ. شۇ ئۈزۈندىدىن <<باتۇر>> دىگەن سۆزنى تاللاپتۇ. شۇ سائەتتىلا ئىسمىم ئالمىشىپتۇ. <<باتۇر>> ئىسمىمغا مۇبارەكلەر يېغىپتۇ!

ئىسمىمغۇ ئالمىشىپتۇ، لېكىن دادامنىڭ بېشىدىكى <<مۇدىر>>لىق مەنسەپ كۇلايىمۇ ئانچە ئۆتمەيلا <<بۇزۇق ئۇنسۇر>>لۇق قالپاققا ئالمىشىپتۇ. بۇنداق <<كونا ئىدىيە>>دىكى كىشىلەر <<ئۇلۇق مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ ئاۋانگارت قۇشۇنى>>غا مۇناسىپ ئەمەسكەن! <<زەھەرخەندە>> بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن. شۇڭا <<پارتىيىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان بۇنداق <زەھەرخەندە>نى ئىنقىلاۋى خىزمەتتىنلا ئەمەس، پارتيىدىنمۇ قوغلاپ چىقىرىش كېرەك>> ئىكەن!

ھەيھات، كۆرۈڭ بۇ تاماشانى! ئۈچ كۈن <<مۇتەللىپ>> نامىدا ئاتالغىنىم ئۈچۈن دادام ئات ئېغىلىدا ئۈچ ئاي سۇلاقتا ياتقان ئىكەن. كەنت ئىنقىلاۋى كومتىتنىڭ تاملىرى باشقىدىن ھاكلىنىىپ، ئۇنىڭغا دادامنىڭ ئېغىزىدىن زەھەر چېچىپ تۇرغان يىلان سىياق سۈرىتى سىزىلىپ، ئاستىغا << قانجۇقىڭ كۈچۈكلىگىنىدە كىم- كىملەر نىمە- نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟!>> دىگەن سۇراقلار يېزىلغان ئىكەن. تام قوشنىمىز تۈمۇرشاھئاخۇن <<باتۇر>> ئىسمىمنى مۇبارەكلەپ ئېلىپ كىرگەن بىر كويلۇق تىۋىت پوسمىمۇ مۇسادىرە قىلىنغان ئىكەن.

مەن ئۇ ئىشلارنى بەك كۆپ ئاڭلىدىم. دادامدىنمۇ، ئانامدىنمۇ ھەتتا شۇ چاغدا ئارانلا ئالتە ياشقا كىرگەن ئاكامدىنمۇ ئاڭلىدىم. ئاكام ھېلىمۇ ئۇ رەسىم، ئۇ شۇئار- سۇراقلارنى تېخى تۈنۈگۈنكى ئىشتەك ئەينەن تەسۋىرلەپ بىرەلەيدۇ. قارىغاندا ئالتە ياش دىگەنمۇ ئادەمنىڭ خاتىرە تىمپىرامىتلىرى خېلىلا يىتىلدىغان چاغلىرى بولسا كېرەك. لېكىن مەن ئۇ ئىشلاردىن ھېچقانچە ھاياجانلانمايەن. چۈنكى، مىنىڭ ساۋاقداشلىرىم، تەڭدىمەتلىرىم ئارىسىدا <<كۈرەش>>، <<ئىنقىلاپ>>، <<جۈرئەت>>، <<دولقۇن>>، <<مەدەنىەت>>.... دىگەندەك ئىسىمدىكىلەر بەك كۆپ. قارىغاندا لەنىتى <<تۆت كىشىلىك گۇروھ>> نىڭ ئازار- خورلۇقلىرى ئىز ئويمىغان دىلخانىلەر كۆپ بولمىسا كېرەك. شۇ سەۋەپ مەن ئۇ ئىشلاردىن باش چايقاپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا ھازىرقى ئىناق، دىمىكراتىك دەۋىرنى قەدىرلەشنى ئەۋزەل ھىساپلايمەن.

شۇ چاغلاردا ئىچى كۈچلۈك دادام ئۆلۈۋېلىش نىيىتىگىمۇ كەلگەن ئىكەن. كېيىن ئىشلار بىرئاز سۈزۈلۈپتۇ. يېزىلىق ئىنقىلاۋى كومتىتتا ئىشلەيدىغان ئەمەر رېخىم دىگەن باشلىق (بۇ كىشى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلىپ، جەسىدى جىگدە ئاچىمىقىغا ئېسىپ قۇيۇلغان ۋە << ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانلىق جىنايى پاكىتى>> چوڭ خەتلىك گېزىت شەكلىدە سامپۇلنىڭ شەنبە بازىرىدا قىستۇرما رەسىملىرى بىلەن قۇشۇپ كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. ھەقىقى قاتىللىرى بولسا 1978- يىلىغا كەلگەندە قانۇننىڭ ھەق- ئادالىتىنى تېتىغان! بالىلىق خاتىرەمدىكى بۇ ئىشلار ناھايىتى ئېنىق ئىسىمدە) دادامنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا قۇشۇلماپتۇ. ھەتتا ئۆيىمىزگىچە كېلىپ، دادامنى يوقلاپتۇ. دادامنى ئەخمىقانە نىيىتىدىن ياندۇرۇپتۇ.

دادام مەدرىسە تەربىيىسى كۆرگەن، شۇ چاغلاردا مەھەللىمىز بويىچە خېلىلا مەلۇماتلىق كىشى ئىكەن. بۇۋام پومىشچىك سايلانغىنى بىلەن دادام يەر ئىسلاھاتى، ئىجارە كېمەيتىش، خەلق كوممىناسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان ئىكەن. كەنتىمىزدە ئىتتىپاق ياچايكىسى قۇرۇلغىنىدا شۇ ياچايكىنىڭ تۇنجى شۇجىسىمۇ بوپتىكەن. لېكىن، ئىسمىمنىڭ غەلەت قۇيۇلۇپ قېلىشى سەۋەپلىك بېشى بىر ساڭگىلىغىنىچە خېلى بىر زامان ئۆرە بۇلالمىدى. بىز بالىلارمۇ تەڭدىمەتلىرىمىز ئارىسىدا <<پومىشچىك، بايدىخان، بۇزۇق ئۇنسۇرنىڭ پۇشتى>> ئاتىلىپ يۈردۇق. ئىش- ئەمگەكلەردە ئايرىۋېتىلدۇق. بۇرنىمىز نۇقۇشلىنىپ، يۈزۈمىز تۈكۈرۈكلەندى.

ئۇ ئىشلارنى ھازىر ئويلىسام كۈلۈپ كەتكىنىم بىلەن ئۇ چاغلاردا كۈلەلمەيتتىم. بىزدەك <<زەھەرخەندىنىڭ پۇشتى>>غا كۈلۈپ يۈرۈش ئۇ يىللارنىڭ نىسىۋىسى ئەمەس ئىدى. شۇنداق قىلىپ <<باتۇر>> ئىسمىم بىلەن مەكتەپكە كىردىم. توغرىسى ئاكام، ئاچاملارغا تۇلا ئەرىشىپ، قەغشلىك ئىچىدە مەكتەپكە كىرىپ قالدىم (بىرىنچى يىللىققا كىرگىنىمدە خېلىلا كىچىك بولسام كېرەك، بىر قېتىم سىنىپتا ئىشتانسىز ئولتۇرغۇنۇم، سۈيۈملۈك مۇئەللىمەيىمىز بائىممە قادىرنىڭ- مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بەش يىللىق سىنىپ مۇدىرىم، ئانا سۈپەت ئۇ ئۇقۇتقۇچۇمنى مەڭگۈ ھۆرمەت قىلىمەن!- ئىشتان قېنى؟ دەپ سىنىپتىن چىقىرۋەتكىنى ئېنىق يادىمدا).

قاراڭ ئابلەت، ئادەمگە <<كۈلۈپ يۈرۈش>> نىسىپ بولمىغان ئىكەن، غەمكىنلىك نىسىپ بولۇدىكەن. غەمكىنلىك دىگەنمۇ بەزىدە ئادەمگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىكەن. مەن سىنىپنىڭ بۇلۇڭىدا خۇدۈكچان ئولتۇرۇپ بىرىنچى مەۋسۈمدىلا ساۋات چىقاردىم. بائىممە قادىر مۇئەللىمە شۇ چاغلاردا دائىم مىنى بەستىلىك، <<كۈلۈپ يۈرەلەيدىغان>> بالىلار بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ، <<قارىغىنە، سىنىڭ ئىنىڭدەك تۇرۇپ باتۇرنىڭ خەت ئوقۇشى نىمە دىگەن تېز؟>> دەپ قۇياتتى. بۇنداق بالىلارنىڭ تەنەپپۇسلاردىكى ھومۇيۇش- دۈشكەللەشلىرىمۇ ماڭا بوينۇمنى يىغىپ ئۈگۈنۈش پۇرسىتى بەرگەن ئىدى. ھازىر ئويلىسام ئۇ بالىلارغىمۇ رەھمىتىم بار!

شۇنداق قىلىپ مەن كىتاپ ئوقۇشقا بىرىنچى يىللىقتىلا ھېرىس بولۇپ قاپتىكەنمەن. لېكىن، ئۇ چاغلاردا ئۇقۇغۇدەك قايسى كىتاپلارنى بار دەيسىز؟ تام- تاملارنى قاپلىغان <<چوڭ خەتلىك گېزىت>> مىنىڭ ئەڭ سۈيۈپ ئوقۇيدىغان <<كىتاب>>ىم ئىدى. يول بويىدىن، مەكتەپنىڭ سۈپۈندىلىكىدىن تىرىۋالغان ھەرقانداق خېتى بار قەغەز پارچىسى مەن ئۈچۈن قىممەتلىك ئىدى.

شۇ چاغلاردا لوپ ناھيىلىك سۈپەتلىك ئۇرۇق يىتىشتۈرۈش پونكىتىنىڭ سامپۇلدا بىر تەجرىبە مەيدانى بولىدىغان. كىمنىڭ شاپائىتى ئىكەنلىگىنى بىلمەيمەن، دادام شۇ مەيداننىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلى بولۇپ كىرىپ قالدى. ھەم ئۇ يىللىرى <<لىن بىياۋنى، كۇڭزىنى پىپەن قىلىش>> دولقۇنى راسا ئەۋجىگەن چاغلار بولۇپ، دادام بىر كۈنى كۇڭزىنى تەنقىت قىلىدىغان <<كۇڭلاۋئېر>> دىگەن كىتاپنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كىتاپقا دۈم چۈشتۈم! قانچە قېتىم يېنىشلاپ ئوقۇغۇنۇمنى بىلمەيمەن، بىر كۈنى ناھيىلىك ئۇرۇغچىلىق پونكىتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باشلىغى مايىپى ئىسىملىك تۇڭگان ئۆيىمىزگە كېلىپ قالدى. ئۇيغۇرچىنى ئوبدانلا يامىدايدىغان، ئۇيغۇرچە خەت ساۋادى تۇلۇق بۇ تۇڭگان بۇۋاي ئىلگىرىمۇ ئۆيىمىزگە پات- پات كېلىپ تۇراتتى. مىنىڭ دۈم يېتىپ كىتاب ئۇقۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ھەۋەسلەنگەن چېغى، <<ياكېشى، ياكېشى...>> دىگەچ بېشىمنى سىلىدى. قۇلۇمدىكى <<كۇڭلاۋئېر>>نى كۆرگىنىدە بولسا قۇشۇمىسى تۈرۈلدى. دادامغا قاراپ <<بالا بۇنداق كىتاپلارنى ئوقۇمىسۇڭ، كۇڭزى ياكېشى ئادەم! >> دىدى. ھەرقانداق ئەمەل ساھىبىدىن تۇلا خۇدۈكسىرەيدىغان بولۇپ قالغان دادام دەرھال ماقۇلغا كەلدى. لېكىن، مىنى غەم باستى. شۇ ھامان ما باشلىققا قاراپ ئۈمچەيدىم. << ئەمىسە قايسى كىتاپنى ئۇقۇيمەن؟!>> دەپ ۋاقىرىدىم. ما بۇۋاي كۈلۈپ كەتتى. << بۇ كىتاپنى ئوقۇمىساڭ، مەن ساڭا ياكېشى كىتاپ ئەكىلىپ بېرىدۇ>> دىدى.

ھازىر ئويلىسام مايىپىي ئىسىملىك ئۇ كىشى جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى، كۇڭزى ئىدىيىسىنىڭ خەن ئەۋلاتلىرىغا كۆرسەتكەن مەنىۋىي تەسىرىنى بىلىدىغان، ئاشۇنداق سەزگۈر يىللاردىمۇ ئۆز قارىشىنى مۇئاپىق شەكىلدە ئىپادە قىلالايدىغان ئىلغار پىكىرلىك كىشى ئىكەن. ئۇ كىشى كېيىنكى ھەپتىسى ۋەدىسى بويىچە ماڭا بىر پارچە كىتاپ ئېلىپ چىقىپتۇ. ئېلىپ چىققىنى <<سۇ بويىدا>>نىڭ بىرىنچى تومى بولۇپ، ئۇ مىنىڭ تۇنجى كىتابىم بولۇپ قالدى! ئەمەلىيەتتە مەن <<سۇ بويىدا>>نىڭ سەككىز قىسىملىق (ئۇيغۇرچە يېڭى يېزىق شەكلىدىكىسى سەككىز قىسىم ئىدى) ئىكەنلىگىنىمۇ، جۇڭگونىڭ مەشھۇر تۆت كىلاسسىك كىتابىنىڭ بىرسى ئىكەنلىگىنىمۇ ئەسلا بىلمەيتتىم. باشتا غەزەل- بىيىتلىرىنى ئوقۇمۇدۇم. چۈنكى، چۈشەنمىدىم. ئۈچ كۈن ئىچىدىلا ئوقۇپ تۈگەتكەن كىتابىمنى كۆتۈرۈپ ئۇرۇقچىلىق مەيدانغا يۈگۈردۈم. ھەتتا كېچىسى شۇ يەردە قوندۇم. مايىپىي خېلى كۈنلەرگىچە بۇ مەيدانغا چىقمىدى. ئەيتاۋۇر ئىككى ھەپتىلەردىن كېيىن بولسا كېرەك ما بۇۋاي چىقتى. مەندىن بىرىنچى تومدىكى مەزمۇنلارنى سورىدى. جاۋابىمدىن سۈيۈندى. <<گۈلدار شەيىخ>> قاتارلىق قەھرىمانلارنىڭ يۇۋاشلارغا ھامى- ھەمنەپەس بولىدىغان جاسارىتىدىن ئۈلگە ئېلىشنى تاپىلىدى. كېلەر قېتىم چىققىنىدا <<سۇ بويىدا>>نىڭ ئىككىنچى تومىنى ئېلىپ چىقىشقا ۋەدە قىلدى.

شۇنداق قىلىپ مايىپى بۇۋاينىڭ بىر قىسىم- بىر قىسىمدىن ئېلىپ چىقىپ بەرگىنى بويىچە <<سۇ بويىدا>> نىڭ بەشىنچى قىسمىغىچە ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئىسىت، داۋامىنى ئۇقۇش مۈمكىنچىلىگىگە كۈيە چۈشتى. نە سەۋەپتىندۇر مايىپىي ئەمدى ئۇرۇقچىلىق مەيدانغا چىقماس بولۇپتۇ. ئانچە ئۆتمەي داداممۇ ئۇ يەردىن قايتىپ كەلدى.

مۇشۇ بايانلار ئارىسىغا قىستۇرغۇم كېلىدۇكى، ماڭا ئەدەبىياتنىڭ ئىشقى <<سۇ بويىدا>>دىن تۇتاشقان بولسا كېرەك. ھەم بۇ ئوتنى مايىپى ئىسىملىك شۇ تۇڭگان بۇۋاي تۇتاشتۇرغان بولسا كېرەك. گەرچە كېينچىرەك ئانامنىڭ خەلق داستانلىرىغا خېلىلا ئېپى بارلىغىنى، بولۇپمۇ <<تاھىر- زۆھرە>> داستانىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان ئالاھىدىلىگىنى بايقىغان بولساممۇ، يۈرۈگۈمگە قول سېلىپ سىلاشتۇرسام كىتاپخۇمارلىقىم، ئەدەبىياتقا بولغان ئاشىنالىغىمنىڭ كۇلۇڭىدا مايىپىي ئىسىملىك شۇ بۇۋاينىڭ سىماسىنى كۆپرەك ئۇچراتتىم. كېيىنكى كۈنلەردە مەن ئۇ بۇۋاينى كۆپ سۈرۈشتۈردۈم. ئوغلى ماپىڭجۈن (لوپ ناھيىلىك مائارىپ ئىدارىسىغا مۇئاۋىن باشلىق بولغان، ھازىر ئۈرۈمچىدە) بىلەن بىرگە خىزمەتمۇ قىلدىم. ئۆزى بىر يۈۋەن پۇل چىقىرىپ ماڭابەش قىسىم كىتاپ سېتىۋېلىپ بەرگەن، ھەتتا ئۇنى سامپۇلغا ئەچىقىپ بەرگەن ئۇ بۇۋاينى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن! <<سۇ بۇيىدا>>نىڭ يېڭى يېزىق شەكلىدىكى سەككىز توملۇق كىتاۋىنى ھازىرمۇ پات- پاتلا ۋاراقلاپ قۇيۇمەن.

باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوتۇرا يىللىقلىرىدا ئۇقۇۋاتقان مەزگىلىمدە دادامنىڭ زادىلا كۆڭلى چۈشمىگەن <<باتۇر>> ئىسمىمنى يەنە ئالماشتۇرغۇسى كېلىپ قالدى. (ئەمەلىيەتتىمۇ دادام يېنىدا ئادەم يوق ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە مىنى <<مۇتەللىپ>> دەپ چاقىراتتى. مەن نىمىشقا بۇنداق ئاتايدىغانلىغىنى، نىمىشقا ئىككى ئىسمىم بارلىغىنى ئۇ چاغلاردا بىلمەيتتىم.) ئۇرۇق تۇققانلارنى يىغىپ، پاتىھەچى قارىمنى چاقىرىپ، ئىسمىمنى تەگبىر چۈشۈرۈپ باشقىدىن قويغۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى نامىم تۇلۇق ئەسلىگە كەلدى.

ئۆيىمىزدە بالا كۆپ، تۇرمۇشۇمىز غورىگۈل بولسىمۇ دادام- ئاناملار بىزنى زادىلا بويۇن قىستۇرمىدى. ھەممىمىزنى ئوقۇتتى. ئوقۇتقاندىمۇ مەكتەپكە ئىۋەتىپلا بولدى قىلماستىن، كۈندۈلۈك ئۈگۈنۈش ئەھۋالىمىزنى سۈرۈشتۈرۈپلا تۇردى. شۇ ئارىدىكى كۈيۈمگە تەئەللۇق ئىشلاردىن ئىككىسى زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىرى، بىر ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىش ئالدىدا سامپۇلدىكى بارلىق ماگزىنلاردىن ھېچقانداق دەپتەر تېپىلمىدى. دادام بىزگە دەپتەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن پىيادە يول يۈرۈپ ناھىيە بازىرىغا كەتتى. لوپتىنمۇ ھېچقانداق دەپتەر تاپالماي، كەچتە بىر قۇچاق جۇڭگوچە ماي بۇياق رەسىم كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئەسلىدە ئۇنى <<شىنخۇا كىتاپخانىسى>>دىن سېتىۋالغان ئىكەن. دادام بىرەر ھەپتىگىچە كىچىچە شۇ رەسىملەرنى كېسىپ- قاتلاپ، رەسىملىك بېتىنى ئىچىگە تىقىشتۇرۇپ- تۈپلەپ، ھەممىمىزگە يەتكۈدەك قىلىپ بەك چىرايلىق دەپتەر تىكىپ بەرگەن ئىدى. شۇ دەپتىرىمدىن بىرەرىنى تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاپ قۇيالمىغىنىمغا بەك ئۆكۈنىمەن. يەنە بىرى، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا ئانچە- مۇنچە يېزىش ئىقتىدارىم ئايان بولسا كېرەك، شۇ ۋاقىتلاردا ئەۋىج ئالغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەنقىتلەش يىغىنىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە تەنقىت سۆزى يېزىپ سۆزلەشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلاتتىم. بەزىدە تېخى ئاكام، ئاچاملارغىمۇ تەنقىت سۆزى يېزىپ بىرەتتىم. بىر كۈنى ئاكام ئۆز سىنىپ مۇدىرىنى تەنقىتلەش سۆزى سۆزلەشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. ئەسلىدە مۇئەللىم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بېشىغا چوت (ياغاچ ماياقلىق سۈەنپەن)بىلەن نۇقۇشلىغان ۋە <<سۇنۇپ كەتسە دۆلەتنىڭ!>> دىگەن ئىكەن. ئاكام شۇ ئىشنى تۇتۇۋېلىپ، ھېلىقى مۇئەللىمنى <<دۆلەتنىڭ مۈلكىنى ئاسرىمىدى>> دىگەن ئەيىپ بىلەن تەنقىتلىمەكچى بوپتىكەن. بۇ تىما ماڭا خوپ ياقتى. ئىجتىھات بىلەن يازدىم. كىچە بىر ۋاقىتتا ماقالە پۈتتى. ئاكامغا تەڭلەپ تۇرسام شۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپ <<كەچلىك دولقۇن>>دىن قايتقان دادام كۆرۈپ قالدى. ماقالىنى قۇلىغا ئېلىپ تەپسىلى ئوقۇدى. ئارقىدىن چىرايى تۇتۇلدى. ماقالىمىزنى كۈچەپ يىرتىپ، جىن چىراققا يېقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. دادامنىڭ بۇ ئىشىدىن ئاكاممۇ، مەنمۇ پۇسكايدۇق. بولۇپمۇ مەن بەكرەك خاپا بولدۇم. <<مۇئەللىمنى پىپەن قىلىشنى مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان! شۇنىڭ ئۈچۈن يازدۇق>> دىدىم. دادام << بۇنداق بىرنىمىلەرنى ئەمدى يازما! مۇئەللىم دىگەن ئۇستاز. شاگىرت ئۇستازنى تەنقىت قىلىپ بىرنىمە يازغان، تېخى ھەدىدىدىن ئېشىپ چوڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن ياخشى ئىشمۇ؟!>> دەپ كايىپ كەتتى. دەۋاتقانلىرىم راس گەپلەر. ئەمدى ئويلىسام دادامنىڭ شۇ قىلغىنى ئەينى دەۋىرگە ئۇقۇلغان ئەڭ نەمۇنە ئوبزور ئىكەن.

كېيىن زامان ئاسمىنى بارا- بارا سۈزۈلدى. سامپۇل ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۇبۇل سىراجى ئىسىملىك ئەدەبىيات مۇئەللىمىنىڭ بىرىپ تۇرۇشىدا <<قاناتلىق خەت>>، <<نۇرلۇق قىزىلى يۇلتۇز>>، <<قىزىل پۈپۈكلۈك نەيزە>>، <<گاۋيۈباۋ>>، <<دۈشمەن ئارقا سېپىدە>>، <<چەكسىز ئورمان، قارلىق دالا>>... قاتارلىق خېلىلا كۆپ كىتاپلارنى ئۇقۇۋالغان ئىدىم. مىنى يېزىقچىلىق كوچىسىغا باشلىغان تۇنجى ئۇستازىم دىيىشكە تۇلۇق ھەققىم بار ئۇ مۇئەللىم ھېلىمۇ ماڭا توختىماي ئىلھام بېرىدۇ. يازمىلىرىمدىن كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ تۇرۇپ سۈيۈنىدۇ. <<سۇ بۇيىدا>>نىڭ قالغان ئۈچ تومىنىمۇ تۇلۇقسىزئوتۇرىدا ئاندىن تاماملاش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. تۇلۇق ئوتتۇرىنى لوپ ناھيىلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە تۈگەتتىم. تۇلۇق ئوتتۇردا ئوقۇغان شۇ ئىككى يىل مېنىڭ كىتاپ بىلەن ئەڭ كۆپ ئۇچراشقان چاغلىرىم بولسا كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبى سىنىپىمىزدىكى بارلىق ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۆيلىرى ناھيە مەركىزىدە، مىنىڭ بولسا سامپۇلدا بولغاچقا سىنىپىمىزدىن بىر مەنلا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيتتىم. دەرستىن چۈشكەن، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمدا ئۇدۇللا مەكتەپ قىرائەتخانىسىغا چاپاتتىم. تۇلا بېرىۋەرگەچكە قىرائەتخانا باشقۇرىدىغان مايمۇنەم خانىممۇ مىنى تۇنۇۋېلىپ، كېيىنچە كىتاپ ئارىيەت ئېلىش كىنىشكامنىمۇ سۈرۈشتۈرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بىرەر يىل ئۆتمەيلا مەكتەپ قىرائەتخانىسىدا مەن ئوقۇمىغان كىتاپ ئاساسەن قالمىدى. ئەمدى مەن ناھيىلىك كۈتۈپخانىدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى بىجىرىۋالدىم. كۈتۈپخانىدىكى كۆزئەينەك تاقايدىغان، ۋىجىككىنە بۇۋايمۇ ئانچە ئۆتمەيلا مىنى تۇنۇپ قالدى. ئۇمۇ كىنىشكامنى سۈرۈشتۈرمەيلا قايسى كىتاپنى ئارىيەت ئالماقچى بولسام خالىغىنىمچە ئېلىپ كېتىشىمگە رۇخسەت قىلىدىغان بولدى. بەلكىم ئۇلارنىڭ قېلىقى خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپتۇر. لېكىن، تەگلەپ ئويلانساق كۈن- كۈنلەپ بىرەرى كىتاپ ئارىيەت ئالمايدىغان ئۇ پۇكەيدىن كۈنى دىگۈدەك يىراقلىمايدىغان مەندەك بىر ئوقۇغۇچى ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغان بولسام كېرەك.

شېئىر يېزىشنى شۇ يىللاردا باشلىدىم. خېلىلا ياخشى ئۇقۇغان بولساممۇ ئىمتىھان بىرىدىغان پەن تۈرىنى ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە تاللىيالماي قالغىنىم سەۋەپلىك ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىنى خۇتەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدىن تاپتىم. ئۇ يەردە ئابدۇللا مۇھەممەتئىمىن، مەتقاسىم ئەكرەم قاتارلىق ۋىلايىتىمىزنىڭ سەرخىل ئەدەبىيات ئۇستازلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇش نىسىپ بولدى. گەرچە ئوقۇغۇنۇم ئومۇمى پەن بولسىمۇ، ئەدەبىيات ۋە جۈملىدىن شېئىرىيەت ئىشتىياقى شۇ يىللاردا ھەر تىنىقىمنى لەرزىلەپ تۇراتتى. شېئىر ئوقۇمايدىغان كۈنۈم، شېئىر يازمايدىغان ھەپتەم يوق ئىدى. بايام ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئەدەبىيات پىشىۋالىرىنىڭ قوليازمىلىرىدىن جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ نۇرغۇن ئېسىل شېئىرلىرىنى كۈچۈرۈۋالدىم. (ئۇ خاتىرەم ھازىرمۇ بار) نەتىجىدە، پۇشكىن، بايرۇن، گىنرېخ ھېينى، مۇسا جىلىل، ھادى تاقتاش، خىزمەت ئابدۇللىن، ئەركىن ۋاھىدوپ، ئابدۇللا ئارىپوۋ، خەمىد غۇلام، گىيوتى، سەمەت ۋۇژغۇن، ئىليار بەختىيار... قاتارلىق شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تۇنۇشتۇم. ئۇلار ماڭا باشقىچە بىر ئالەم بولۇپ تۇيۇلدى. شېئىرىيەت چىمەنىگە باشچىلاپ كېرىشتىم. بۇنىڭ باراۋىتىدە خىزمەتكە چىققان تۇنجى كۈنۈملا لوپ ناھيىلىك سەنئەت ئۆمىگىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ خىزمەتكە بۆلۈندۈم. شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدىم. ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرى بولدۇم. مەدەنىيەت، مائارىپ ئۇرۇنلىرىدا ۋەزىپىلەردە بولدۇم. گەرچە ئەدەبىيات، جۈملىدىن شېئىرىيەت كوچىسىدا بەك نەمۇنە ئىزلارنى قالدۇرالمىغان بولساممۇ مەيلى نىمە قلاي، نەدە بۇلاي بالىلىقىمدا تۇتاشقان شۇ ئوت تا مۇشۇ كۈنگىچە، سىز بىلەن مۇڭدىشىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتقىچە زادىلا ئۆچۈپ باقمىدى!

ئابلەت ئەخمەت: تۇنجى ئەسىرىڭىز ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتنى ھىساپلاپ كۆرسەك ئانچە مول- ھوسۇللۇق يازغۇچى ئەمەسلىگىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ. ئاز ھەم ساز يېزىشنى ئويلىدىڭىزمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز: بۇ سۇئالىڭىزغا مەيلى نىمە دەپ جاۋاپ بىرەي ئۈزەمنى ئاقلىغانلىق بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭ <<ھوسۇلسىز يازغۇچى>> ئىكەنلىگىم راست. لېكىن بۇ ھەقتە ھەرقانداق بىر بانايۇ- سەۋەپ بىلەن ئۈزەمنى ئاقلىغۇم يوق. چۈنكى، مەن ئېلان قىلىنغان تۇنجى ئەسىرىمنىڭ قايسى ئىكەنلىگىنىمۇ سىزگە ئېنىق دەپ بىرەلمەيمەن. بايام دەپ ئۆتكۈنۈمدەك تۇنجى خىزمىتىمنى سەنئەت ئۆمەكنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىلىكىدىن باشلىدىم. شۇ چاغدا (1984- يىلى) كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ خۇتەن ۋىلايىتى بۇيىچە ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغانىكەن. ئۈلگۈرۈپ كەپتىمەن. يېڭىراق تىمىدا ئۆزگىچىراق بولۇشنى كۆزلەپ <<پىنسىيىگە چىققان ئانا>> ناملىق بىر پارچە دىرامما يازدىم. سەھنىلەشتۈرۈلدى. كۆرەكتە ئۈچ تۈر بۇيىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتلاندى. تىلىۋىيىزىدىمۇ كۆرسىتىلدى. ئارقىدىنلا <<يېڭى قاشتېشى>> ژورنىلىدا <<مۈشۈك>> قاتارلىق بىر بۆلۈك شېئىرلىرىم ۋە <<يالغۇز توغراق>> قاتارلىق بىرقانچە پارچە ھىكايەم ئىلان قىلىندى. ئۆزەمنى تۇرۇپلا يازغۇچى، شائىر بولۇپ قالغاندەك بىر تۇيغۇدا سەزدىم. ئىزدەپ كېلىدىغانلارمۇ ئاۋۇدى. لېكىن، ئۆزەمدىن، ئۆز ئەمگىكىمدىن ھوزۇرلىنالمىدىم. سەۋەبى يازغانلىرىم، ئېلان قىلغانلىرىم ئۆزەمگە ئاددىدەك تۇيۇلۇپ، ئۆزەمدىن زادىلا رازى بۇلالمىدىم. قانائەت تاپالمىدىم. مەن ئۈچۈن ئەدەبىيات ۋە يېزىقچىلىق گۇيا بۇنداق بولماسلىغى كېرەكتەك، بۇنداق ئاددى نەرسىلەرنى يېزىپ يۈرۈش يازغۇچىلىقتىن ئىبارەت شاھانە كەسپ ئۈچۈن بىرەر نۇقسانىي ئىشتەك تۇيۇلۇپ قالدى. ئېلان قىلىنغان ھەر پارچە ئەسىرىمنى مەتبۇئاتتا قايتا كۆرۈپلا بۈگۈن- ئەتىنىڭ ئىچىدە ئاللىكىملەر ئەيىپلاپ بىرنەسە دەيدىغاندەك، بۇرنۇمنى نۇقۇشلايدىغاندەك تۇيغۇ خېلى كۈنلەرگىچە سايەمدەكلا ئەگىشىپ يۈردى. بۇ ئادەت ماڭا تا مۇشۇ كۈنگىچە ياندىشىپلا كەلدى. قارىغاندا ئۆز- ئۆزۈمگە ئىشىنىش روھىم كەمتۈكرەك بولسام كېرەك.

سۇئالىڭىزغا قايتىپ كەلسەم مىنىڭ <<ھوسۇلسىز يازغۇچى>> بولۇپ قالغىنىم يەككە ھالەتتىكى ئېلان قىلىنغان يازمىلىرىمنىڭ سانىغىلا ئېيتىلسا ئادالەتلىك بولىدۇ. ئەمما يازمىلىرىمغا قارىتا دىيىلگىنىدە ئۇۋال بولىدۇ. مەن يېزىقچىلىقتا <<ئاز تۇغساممۇ، سۈپەتلىك تۇغۇش، ئەيىپ- نۇقسانسىز چوڭ قىلىش>> شۇئارىغا ئېتىقات قىلىمەن. نۇرغۇن بۇۋاقلىرىمنى ئەل- ئاۋامدىن ئۇزۇنغىچە پىنھان تۇتۇمەن. ئەيىپلىكتەك كۆرۈنگەنلىرىنى مەڭگۈ ئۆيۈمدىن سىرتىغا چىقارمايمەن. ھەتتا بەزى ئەسەرلىرىمنى يېزىلىپ يىگىرمە يىلدىن كېيىن ئېلان قىلدۇردۇم. (<< يېڭى قاشتېشى>، ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق 5- سانىدىكى <<يىغلىما، كامىل>> نامىدىكى ھىكايەم بۇنىڭغا دەلىل) ئۇنىڭدىن باشقا بەك ئۇزۇن مەشغۇل بولغان مەمۇرى خىزمەتلىرىممۇ نۇرانە يېزىقچىلىق پەسلىمنىڭ ۋاقىتلىرىغا تەتۈر ئىكەك بولغىنى ھەم راست! خۇشھاللىنىدىغان بىر ئىشىم تا مۇشۇ كۈنگە قەدەر سۈپەتسىزلىك سەۋەپلىك تەھرىراتتىن ئۆتمەي قالغان ئەسىرىم يوق.

ئابلەت ئەخمەت:سىز خېلى بۇرۇنلا <<يالغۇز توغراق>>، <<راشىدىننىڭ تەقدىرى>>، <<ساراڭقېتىش>>، <<تەلۋە>>، <<قوشنامنىڭ قىزى>>... قاتارلىق تېتىملىق ھىكايىلىرىڭىز بىلەن كىتاپخانلار قەلبىدىن تىگىشلىك ئورۇن ئالغان ئۈمۈتلۈك يازغۇچىلار قاتارىغا كىرىپ بولغان ئىدىڭىز. بىراق ياسىنجان سادىق، تۇرسۇنجان مۇھەممەت، ئابباس مۇنىياز، ئابدۇكېرىم قادىرلاردەك ئىزچىللىقى ساقلىيالمىدىڭىز. بۇ يېزىقچىلىقنىڭ سىزگە كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:مېنى يۇقارقى نامى شىپى كەلتۈرۈلگەن ئىچ ئات يەڭلىغ يازغۇچىلىرىمىزغا پەقەت تەڭدىمەت بولغۇنۇم ئۈچۈنلا سېلىشتۇرۇۋاتىسىزغۇ دەيمەن. مەن ئۇلار بىلەن زامانداش، ماكانداش بولغۇنۇم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن. تەڭدىمەت بولغۇنۇمدىن سۈيۈنۈمەن. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى دىگۈدەك تۇلۇق ئوقۇيمەن. ئىجادىيەتتە ئاشۇ ئەزىزلاردەك ئزچىللىقنى ساقلىيالمىغىنىم ئۈچۈن ئۈزەمنى كەچۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۆكۈنسەممۇ بۇنى يېزىقچىلىقتىن كەلگەن بىرەر ئاۋارىچىلىقتىن بولغان، دەپ قارىمايمەن. يېزىقچىلىق ماڭا ھېچبىر ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلمىدى. ئەكسىچە مەن ئويلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن ئاسايىشلىق قەدەملىرىمگە ھامى- ھەمنەپەس بولدى! يېزىقچىلىقنىڭ ماڭا كەلتۈرگەن شاپائىتى ھەققىدە يېقىندا يېزىپ تاماملىغان <<ھىكايىنىڭ قىممىتى ۋە يازغۇچىنىڭ شۆھرىتى>> ناملىق ماقالەمدە تەپسىلى توختالدىم. ئېلان قىلىنىشقا مۇيەسسەر بۇلالىغىنىدا ئورتاقلىشارمىز. قىسقىسى، مەن ئەدەبىيات ئارقىلىق ئەڭ ئاۋال ئۆزۈمنى تۇنۇدۇم. دۇنيانى تۇنۇدۇم. ئەقىل- پاراسەت، ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى بىلىۋالدىم. چوڭ- كىچىك ھەر ئىشتا ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈشنى، دەل- مۇئاپىق سۆزلەشنى، ئىش- ھەركەتتە مۆتىدىل بولۇشنى مەن ئالدى بىلەن ئەدەبىياتتىن بىلدىم. ئىنساننى، ئىنساننىڭ ئۆزىدىن باشقا ھەركىشىدىن ھەتتا ئۆزىدىنمۇ سىر- پىنھان تۇتىدىغان پەرىجىلىك خاسلىقىنى يېزىقچىلىقنىڭ ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولغان كۈزۈتۈش كۆزى ئارقىلىق تۇنۇۋېلىشقا تىرىشتىم.

ئابلەت ئەخمەت: ئەدەبىيات پىشىۋالىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولۇشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنى ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلىغان يازغۇچىلارنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىغىدىن بولغان، دەپ قاراش مۈمكىن. سىزنىڭچە ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى قانداق بولۇش كېرەك؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:<<ئەدەبىيات پىشىۋالىرى>> دەپ كىملەرگە قارىتىپ ئېيتقىنىڭىزنى بىلمىدىم. لېكىن، <<ئەدەبىياتقا قارىتا ئۆزىنى بېغىشلاش>> دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئاڭلىماققا خېلىلا يېقىملىق تۇيۇلىدىكەن. <<ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلىغان>> يازغۇچىلارنىڭ ئازلاپ ياكى كۆپىيىپ كەتكەنلىگىنى قۇيۇپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن <<ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش>> كېرەكمۇ- يوق؟ <<ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش>>نىڭ زۈرۈرىيىتى نىمە؟ دىگەن بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىمغا قىزىقامسىز؟ باشتىلا دەۋالايكى، مەن <<ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش>>دىگەن بۇ ياڭراققا قۇشۇلمايمەن. مېنىڭچە ئەدەبىيات بىر ئىنساننىڭ پەقەت بىر قېتىملا نىسىپ بولىدىغان بارچە ئۆمۈر- ھاياتىنى بېغىشلاشقا ئەرزىيدىغان كەسپ ئەمەس! ھەتتا ئۇ لەك- لەك ئادەمنىڭ ئالىي مەكتەپتە مەخسۇس كەسىپ شەكلىدە نەچچە يىللاپ ئوقۇيدىغان پەنمۇ ئەمەس. مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئەدەبىيات- ئىنسان ئۆزىنىڭ ئوي- تۇيغۇسىنى مەيلى نۇتۇق مەيلى يېزىق شەكلىدە بولسۇن باشقىلاردىن ياخشىراق، باشقىلاردىن ئۆزگىچىرەك، ئۆزگىلەردىن جەلىپ قىلارلىقراق ئىپادە قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىگەللەنسىلا بولىدىغان كەسىپ. ئۇنىڭ نەزىريە- مۇھاكىمىلىرىنى مەخسۇس تەتقىقاتچىلاردىن ئۆزگىلەر يەنە بىر كەسپنى ئىگەللەۋېتىپ، يەنە بىر ئىش تۈرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋېتىپمۇ زۈرۈرىيىتى تۇغۇلغىنىدا بىرەر مەزگىل ئۈگۈنۈپ- ئۆزلەشتۈرۈپ قويسىلا بولغىنى. ئەمەلىيەتتە ئەدەبىياتنى كەسپ شەكلىدە ئۆگۈنۈش بىلەن ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئوتۇرسىدا ھېچقانچە يېقىن مۇناسىۋەت يوق. (نۇرمۇھەممەت توختى، ياسىنجان سادىق، ئابلەت قادىرى، غۇجىمۇھەممەت... لەر رۇشەن دەلىل) ئەگەر <<ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى>> بەك يۇقۇرى مۇقامدا توۋلانسا ئۆزىدە ئەسلى ئەدەبىي گىننىڭ بار- يوقلىغى بىلەن ھىساپلاشمايلا ئۆزىمۇ بىلىپ- بىلمەي ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرىپ قالغان بەك كۆپ ئىنسان <<ئۆزىنى بېغىشلاش>> نىڭ ئۇرۇنسىز قۇربانىغا ئايلىنپ كېتىۇدە، بۇ باشقا بىرەر كەسپ بىلەن مەشغۇل بولغىنىدا نەتىجە قازىنىشىنىڭ بەلكىملىگى بار شۇ ئىنسانغا نىسبەتەن ئەدەبىيات ئېلىپ كەلگەن پاجىئە بولۇپ قالىدۇ! ئەسلىدە بۇ پاجەئەنىڭ جاۋاپكارى ئەدەبىيات بولماسلىغى كېرەك ئىدى!

ئەمدى <<سىزنىڭچە ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى قانداق بولۇش كېرەك؟>> دىگەن سورىقىڭىزغا كەلسەم، راستىنلا <<ئۆزىنى بېغىشلاش>> زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارالسا، ئىنسان ئەدەبىياتقا ئەمەس، ئەدەبىيات ئىنسانغا ئۆزىنى بېغىشلىغىنى ياخشى. يەنى، ئەسلى قان، ئەسلى دىت، ئەسلى گىن- ئېلمىنىتلىرىدا ئەدەبىياتنىڭ خېمىرتۇرۇچى بىللە تۈرەلگەن ئىنساننى ئەدەبىيات ئۆزى تېپىۋالالايدۇ. ئىنساننىڭ ئەدەبىياتنى زورۇقۇپ ئىزدەپ تېپىشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. بۇ خۇددى دات تۈمۈرنى، تۈمۈر كۇكۇندىسى ماگنىتنى ئۆزى تېپىۋالغىنىدەكلا بىر ئىش. بۇنداق تېپىشىش شۇنچىلىك تەبىئى، شۇنچىلىك قايناق بولۇدۇكى، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قاي سەۋەپلىك ئەدەبىيات بىلەن ئاشىنالىشىپ قالغىنىڭىزنى، يەنە قاي ۋەجىدىن بۇ ئاشىناغا بارچە مېھىر- مۇشتاقلىغىڭىزنى بىرىپ قويغۇنىڭىزنى بىلمەيلا قالىسىز. سىزنىڭ ئۆزىڭىز تۇيمايلا يۈرەك- باغرىڭىزدىن جاي بىرىپ قويغان <<ئەدەبىيات ئاشىنايىڭىز>> ھەر كۈن، ھەر مىنۇتتا قېنىڭىزدىن سۇ ئىمىپ، سەزگۈ- تۇيغۇڭىزدىن ئۇزۇقلىنىپ، سىزنىڭ قەلىمىڭزنى ئۆز كۈچى بىلەن قۇلىڭىزغا ئالغۇزۇپ سىزنى يېزىقچىلىق شىرەيىڭىزگە ئىڭىشتۈرۈدۇ. بۇ ھالدا سىز ئەدەبىياتنى ئەمەس، ئەدەبىيات سىزنى كونتىرول قىلىدۇ. سىز زورۇقمايسىز، ئەدەبىيات ئۆزى زورىقىدۇ. ئاي- كۈنى يېقىنلاپ كەلگەن بۇۋاقتەك ئۆزى پۇت ئېىتىدۇ. ئۆزى ئىڭڭەلەپ، ئۆزى تۇغۇلىدۇ. بۇنداق بۇۋاق ھەم بىجىرىم، ھەم ساغلام بولىدۇ. جاھاننىڭ، زاماننىڭ، ئالەمنىڭ سىناق- مانىۋىرلىرىدىن ئۇڭۇشلۇق ئۆتۈپ، سىز ھەققىدە ئۇزۇن زامانلاردىن كېيىنمۇ ئۇچۇر- مەلۇمات يەتكۈزەلەيدۇ. ئەگەر ئەدەبىيات سىزگە ئاشىنا بولماي، سىز ئەدەبىياتقا ئاشىنا بولسىڭىز، ئەدەبىيات سىزگە ئۆزىنى بېغىشلىماي، سىز ئەدەبىياتقا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىسىڭىز بۇ ھالدىكى تۈرەلمە سىزدىنمۇ كىسەلمەن، سىزدىنمۇ ئىنجىمارۇق بىرنىمە بولۇپ دۇنياغا كېلىدۇدە، ھاياتى بەردەملىگى سىزدىمۇ بۇرۇن ئۆلىدۇ! شۇڭا <<ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلار>>غا تەۋسىيەم: <<بېغىشلاش>> بىھۇدە بولۇپ قالمىسۇن! سىزگە زادىلا ئامراقلىغى يوق ھەرقانداق نازىننىڭ ئوتىدا مىڭ مەرتىۋە سەكپارە بولغىنىڭىز بىلەن ئۇ نازىنىن سىزگە مېھرىنى بويۇن تولغاتقان بولسا تەقدىرگە تەن بېرىپ، ئەڭ ياخشىسى بولدى قىلىڭ. ئەگەر ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بارچە نازلىقلاردىن خۇلقى يامان بۇ چوكان سىزگە ئۆزى سۇۋۇنۇپ ئۆزى خۇلۇقلانغان بولسا مانا بۇ تەلىيىڭىز! باغرىڭىزنى كەڭ ئېچىپ، قات- قاتلىرىڭىز بىلەن قۇچاقلاڭ، كۆپ بالىلىق بولۇڭ! تاپقان بالىڭىز ئەيىپ- مېيىپلىقتىن خالى، سىزدىنىمۇ، ئىرادىنمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرەلەيدىغان بولسۇن!

ئابلەت ئەخمەت: مەرھۇم يازغۇچى، رەھمەتلىك ئىنىڭىز ئەزىز سەيپۇللانىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى سىزنىڭ روھى دۇنيارىڭىزنى زىلزىلىگە سېلىپ، ئىنسان، ھايات، مېھرى- مۇھەببەت ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇرلاپ <<مۆرۈۋەتنامە>>ڭىزدە ئېيتقاندەك ئىككى كىشىلىك ئىجادىيەت قىزغىنللىقىدا ئەسەر يېزىۋاتىسىز. يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىڭىزدىن ئۇلىڭىزنىڭ مۇستەھكەم، ئىچكى ئېنىرگىيىڭىزنىڭ يىتەرلىك ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. <<قوشنىسىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەش>>، <<قىزىڭىزنى ئۈنلۈك چاقىرماڭ>> ... قاتارلىق ئەسەرلىرىڭىز كىتاپخانلار ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى كىتاپخانلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقامسىز؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:بېشىدىنئۆتكۈزۈپ باققان ئىلىمدارلار <<ئوغۇل بالا ئاتا ۋاپاتىدىن كېيىنلا ھەقىقى ئوغۇل بالىغا ئايلىنىدۇ>> دەيدىكەن. مېنى ئانچە ئۇزاق بولمىغان بىرنەچچە يىل ئىچىدە ئىككى قېتىملىق قازا يىغىسى تۇتتى. تۇتقاندىمۇ ئىنساننىڭ بەرداشلىغى تەس كەلگۈدەك دەرىجىدە ھەم تۇيۇقسىز، ھەم ئېغىر تۇتتى. ئاۋال دادامنى ئۈرۈمچى ئايرۇپورتىدىن 2- قېتىم ئىككى ھەرەم بەيتۇللاغا بىر چىرايلىق يولغا سېلىپ قويدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەي سەئۇدىدىن دادامنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىنىڭ خەۋىرى كەلدى. بەش ئوغۇل بىر قىز ئالتە قېرىنداشنىڭ ھېچبىرىمىز دادىمىزنىڭ ئاخىرقى تىنىقتىكى ئىككى جۈملە ئۈگۈت- نەسىھىتىگە نائىل بۇلالمىدۇق. قەبرىسىگە بىر كەتمەن تۇپا تاشلىيالمىدۇق. ئۇ تۇيۇقسىزلىقنى قانۇنىيەت نوقتىسىدىن تەسەللىگە يۈكلەپ ئەمدى كۆز جىيىكىمىز قۇراي دىگەندە ياخشى ئىنساننىڭ ئۈلگىسى ھىساپلىنىدىغان قەدىردانىم مىنى خۇتەن ئايرۇپورتىدىن ئۈرۈمچىگە ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ 5- كۈنى كەچتە 29 يېشىدا بۇ ئالەمدىكى مىھمانلىقىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئاخىرلاشتۇرغاندىمۇ مەن <<مۆرۈۋەتنامە>>دە <<كۇپۇرلۇق ھىساپلانمىسا يازغۇم كېلىدۇكى، ئىنساننىڭ يىغىسىغا، بەندىنىڭ نالە- ھەسرىتىگە، قېرىندىشىدىن ئايرىلىپ قالغۇچى بىقۇۋۇلنىڭ يۈرەك زەردابىغا ئىگىمىز تەسىرلىنىدىغان بولسا دىلكەش ئىنىم بىر خاسىيەت بىلەن تىرىلىپ قوپقان ۋە ئىلگىرىكى ئاشۇ خۇشپېئىللىقى بىلەن ئالدىمدا زاھىر بولۇپ، مىھرى ئىسسىق باغرى بىلەن مېنى باغاشلاپ، ئاشۇ سېخى ئالقانلىرى بىلەن ياقا پەشلىرىمگە سىڭىپ ئۈلگۈرمەيۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ قۇيار ئىدى!>> دەپ يازغىنىمدەك بۇ ئالەمنىڭ بارچە مۇسىبىتىنى ماڭا قالدۇرۇپ ئاخىرلاشتۇردى! يىغا-ياشلىرىم كۆزۈمدىن ئەمەس يۈرۈگۈمدىن تامچىلىدى. كۆز يېشىم زادىلا توختىمايۋاتقان شۇ كۈنلەردە قەلب كۆلچىگىم بىراقلا تەۋرەپ، ئۇ كۆلچەكنىڭ تىگىدىن بىر ماگما ئېتىلىپ چىقتى! قۇلۇم تىترەپ، لەۋلىرىم ئۈمچىيىپ، تىز- يۇتىلىرىم ئىگىلىپ قالغان شۇ ھالدا يېزىق ئۈستىلىگە كەلدىم. گەرچە كۆزۈم ھېچقانچە نەرسىنى كۆرمىسىمۇ تۈرتەكلەپ كېلىۋاتقان ئۇ خىل ھاياجاننى يازماي تۇرالمىدىم. نەتىجىدە <<مۆرۈۋەتنامە>>، <<قوشنىسىغا ئۆلۈم تىلەش>>، <<قىسمەت>>، <<ئاھ، ئاشۇ كۆزلەر>>، <<كاۋاپ پۇلىنى قايسىڭلار تۆلىگەن؟>>، <<ئاخىرقى ئەستىلىك>>، << قىزىڭىزنى ئۈنلۈك چاقىرماڭ>>... <<چىۋىن>>... قاتارلىق ھىكايىلەرنى، <<سەن بەلكى، مەن كۈتكەن ئاخىرقى مەنزىل>> ناملىق داستان ۋە بىر تۈركۈم شېئىرلارنى، <<قارا جايناماز>>، <<ئىشەك كۆزى>> ناملىق پوۋىستلىرىمنى قەغەزلىۋالدىم. ئېلان قىلىنغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ھىممەتلىك ئىنىم ۋە دىلكەش بۇرادىرىم ئەزىز سەيپۇللانىڭ نامىنى تەخەللۇس ئورنىدا تاجۇ- نام قىلدىم. شۇ ئېغىر كۈنلەردە مىھرىبان دوستلىرىمدىن باشقا مۇبارەك قەلىمىم بىلەن ئۇپرىغان ئۈستىلىم ماڭا تەسەللى بولدى. ئىچ- ئىچىمدىن پۇرقۇپ چىقىۋاتقان ئوت يېزىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇرىسىنى تاپتى. شۇندىن باشلاپ يازغان ھەر بىر ئەسىرىمدىلا ئەمەس قەلىمىم يورغۇلاۋاتقان ھەر بىر قۇردا شۇ قەدىردانىمنىڭ كۈلۈمسىرەپلا تۇرغان سىيماسى ماڭا يارۇ- ھەمدەم بولدى.

سۇئالىڭىزنىڭ كېيىنىكى بۆلىكىگە قايتىپ كەلسەم ئىنىمنىڭ قازايىدىن كېيىن سىز ئېيتقاندەك <<ھايات>>، <<ئۆمۈر>>، <<مىھرى- مۇھەببەت>> ھەققىدە، ئىنساننىڭ كەلمىش ۋە كەتمىشلىرى ھەققىدە باشقىدىن ئويلانغىنىم راست. روھى قاتلاملىرىمنىڭ زىلزىلىدە بۆلەكچە نۇرلانغىنى، چۆچۈپ سىلكىنگىنى راست. يازمىلىرىمدا ئۇ نوقتىلارنىڭ ئۆزىنى تەرپلەشكە تىرىشقىنىمۇ راست. روھى زىلزىلەمنىڭ تىرىشچانلىغى قانچىلىك ئۆزىنى نامايىش قىلدى، ئۈزەم بىرنىمە دىيەلمەيمەن. بۇندىن كېيىن قانچىلىك نامايىش قىلىدۇ، مەن ئالدىدىن بىلگۈچى ئەمەس. نىمىلا دىمەي بۇ زىلزىلىنى ئەمدى ئۈزۈپ قۇيالمايدىغاندەك تۇرۇمەن. ئىنشائاللاھ، ئىككى جاھاننىڭ ھەق ئىگىسى سىز ئېيتقان ئىچكى ئىنىرگىيەمنى تۇلۇقلاپلا تۇرغاي!


ئابلەت ئەخمەت :يازغۇچىدا چۇقۇم ئۇلۇقۋار غايە بولۇشى زۆرۈرمۇ؟ سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇمىز بار؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز: غايە يالغۇز يازغۇچىدىلاردىلا ئەمەس، ھەرقانداق ئىنسان بالىسىدا بولۇشى تامامەن كېرەك بولغان ئىچكى ئىنىرتسىيە كۈچى. ئۇ دىگەن خىيالنىڭ ئالىيراق شەكلىدەك قارالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئۆزى كۆزلىگەن مەلۇم بىر پەللىسىنى نىشانلىغان بولىدۇ. يازغۇچىمۇ ئەڭ ئاۋال بىر تەبىئى ئىنسان. ئۇنىڭمۇ تۈرلۈك- تۈمەن نىشان- غايىلىرى بولىدۇ. لېكىن سۇئالىڭىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سىزنىڭ بۇ يەردە چۇقچىلاۋاتقىنىڭىز يازغۇچىنىڭ ئۆز ئىجادى ئەمگەكلىرى ھەققىدىكى غايىسىگە قارىتىلغان. مېنىڭچە بۇ ھەقتىمۇ ئۇلۇقۋار غايىنىڭ بولغىنى كۆپ ئەۋزەل. لېكىن، بۇ جەھەتتىكى غايە قانداقتۇر ئۆز ئىجادىنىڭ سانىنىڭ كۆپلىگىگە، ھەجمىنىڭ ئۇزۇن- چوڭلىغىغا قارىتىلماي ئەكسىچە يازغۇچىنىڭ باغرىنى كىچە- كۈندۈز ئارامسىزلاندۇرغان تىما قىينىقىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا قارىتىلىشى، كۆرۈنمە- ھادىسە، ھېكايىلىق باسقۇچىدىلا سەمرىمەي بەلكى شۇ ھادىسە ئۆز قوينىغا يۇشۇرغان ماھىيەت چوڭقۇرلىقىغا چۆكۈش غايىسى بولۇش كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا غايە ئۆزئىگىسىنى تاپقان بولىدۇ. بۇنداق غايە بارغانچە چىچەكلەيدۇ، بارغانچە كۈۋەجەيدۇ. خىيال- ئارزۇلۇق پوستتىن مېغىزلىق ئەمەلىيەتكە ئايلانغىنىدىن غايىمۇ رازى بولىدۇ.

ئابلەت ئەخمەت :بىر تۈركۈم داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ياشىنىپ قېلىشى، ۋە ئارقا- ئارقىدىن ۋاپات بولىشى، قەلىمى پىشقان بىر تۈركۈم يازغۇچىلىرىمىزنىڭ رومان ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ كېتىشى بىلەن كۆرۈلۈۋاتقان سەرخىل ھېكايە- پوۋىست ئۈزۈكچىلىكىگە جان كىرگۈزۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىز. كىتاپخانلارغا ئاشكارىلاشقا تىگىشلىك مەخپىيەتلىرىڭىز بارغۇ دەيمەن؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز: مەن ئۆمۈر مەنزىلى ھوسۇللۇق كۈزگە تارتىشقان ئۇستازلارغا سالامەتلىك، رومان ئىجادىيىتىگە كۆچكەن ئەزىزلارنىڭ ھەربىر كۈنىگە بەرىكەت تىلەيمەن. ئۈزەم ھەرقانداق ئىشنى شاۋقۇن- سۈرەنسىز قىلىشنى ياقتۇرۇمەن. قىلمىغان، تېخى يۇرۇق كۆرمىگەن ئىشلارنىڭ داۋرىڭىنى سېلىشنى خالىمايمەن. يېزىلىپ پۈتكەن ھەرقانداق ئەسىرىمنىمۇ كۈيۈمچان تەھرىرنىڭ ئالدىغىمۇ بەك ئالدىراپ ئۇزاتمايمەن. بۇ مىجەزىمدىن كۆزەتكىنىڭىزدە ئۇ خىل ئۈزۈكچىلىككە قانچىلىك يىپ قۇشالايمەن، بۇ ھەقتە ھېچنەرسە دىگۈم يوق. مىنىڭ شۇ تاپتا سىزگە دىيەلەيدىغان بىرنەچچە جۈملەم: مەن ھەققىدە ھېچبىرىڭلار ئارتۇقچە تەمە- ئۈمۈتتە بولماڭلار. مىنى ئۇنى يازسىكەن، بۇنى يازسىكەن، ئۇنداق يازسىكەن، بۇنداقراقمۇ يازسىكەن دەپمۇ سىزىق- رامكا، ۋاقىت سېتكىلىرىنى تۈزۈپمۇ بەرمەڭلار. مەنمۇ ئۈزەمگە ھېچبىر پىلان- رامكا بەلگىلىيەلمەيمەن. يېزىلغۇسى كەلگەن ھەرقانداق تىما مىنى ئۆزى ئىزدەپ تاپىدۇ. شەكىل- جۇۋىسىنىمۇ ئۆزى كىيىپ كېلىدۇ. مەن پەقەت ئىلھام بىلەن تىمىنىڭ پۇرسىتىنى تۇتۇشنىڭ كۇيىدا بۇلۇمەن. بۇنداق پۇرسەتنىڭ ھەرقاندىغىنى ئۈزەم ئۈچۈنمۇ مىنى قەدىرلەيدىغان كىتاپخانلىرىم ئۈچۈنمۇ ئەمدى بوش- بىكىرىغا قۇيۇۋەتسەم بولمايدۇ.

ئابلەت ئەخمەت :ئۆتكەندە ياسىنجان سادىقنىڭ <<ئەدەبىي ئىجادىيەتتە تەۋەككۈلچىلىك، ئىزچىللىق، تىرىشچانلىق روھى بولۇش>> توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بىرگە ئاڭلىدۇق. سىزنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇمىز بار؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز: نەزىرىمدىكى ياسىنجان مۇشۇ دەۋىر ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ياراتقۇچىنىڭ بىز قەۋىمگە مەقسەتسىز نىسىپ ئەتكەن يازغۇچىسى ئەمەس. ياسىنجانمۇ ھەم ئۇ بىر مەقسەتنى ئادا قىلىش يولىدا مىننەتسىز مېھنەت سىڭدۈرۈۋاتىدۇ، مۇبارەك بولسۇن!

ئەمدى سۇئالىڭىزنىڭ ئۆزىگە كەلسەك مەن ياسىنجاننىڭ <<يازغۇچىدا ئىزچىللىق، تىرىشچانلىق روھى بۇلۇش زۈرۈر>> دىگەن تەجرىبە- تۈگەللىمىسىگە قۇشۇلۇمەن. ياسىنجاننىڭ ھازىرغىچىلىك بولغان نەتىجە- نامايىشلىرىمۇ شۇ تۈگەللىمىنىڭ مەھسۇلى. لېكىن مەن ئۇنىڭ <<يېزىقچىلىقتا تەۋەككۈلچىلىك قىلىش كېرەك>> دىگەن پىكىرىگە قۇشۇلالمايمەن. قۇشۇلمىغانلىقىم ئىنكار قىلغانلىقىم قۇرىدىن ئەمەستۇر؟ مىنىڭچە بۇ ئالەمدىكى ھەرقانداق ئىشنىڭ توغرا- خاتالىقىغا ھۆكۈم چىقىرىدىغان مۇتلەق ئۆلچىمى بولمايدۇ. ئوي- پىكىرنىڭمۇ شۇ. بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ پىكىرى، باشقىلارنىڭ قەدىمىنى ئۆز ئويىمىز، ئۆز ئۆلچىمىمىز بۇيىچە دەڭسەپ-تارازىلىغىنىمىزدا ئاسانلا خاتالىق يۈز بېرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن مەن ئۈزەمگىلا خاس بۇ پىكىرىمنىڭ بىرەر تالاش- تارتىشقا تۇترۇق بولۇپ قېلىشىنىمۇ خالاپ كەتمەيمەن. كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتقۇزۇشۇشقا زورۇقسىڭىز ئېنىق گېپىم: تەۋەككۈلچىلىكنىڭ مەيدان سورۇنى كۆپ بولۇشى مۈمكىن، لېكىن، يېزىقچىلىق ئۇ سورۇنغا تەۋە ئەمەس. بولۇپمۇ تارىخى تىمىلاردا ئەسەر يازغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى، يېزىلىپ پۈتكەن، كىتاپخانغا جامال كۆرسەتكەن ھەرقانداق ئەسەر ئەمدى يازغۇچىنىڭ ئىدارە دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ دائىرىنىڭ چەك- چېگراسىنى مەيلى ۋاقىت چېكى ياكى جۇغراپىيىلىك سىزىق نوقتىسىدىن بىز پەرەزلەپ ئۈلگۈرەلمەيمىز. ئۇقۇرمەنلەرنىڭ راي- خاھىشى، سەزگۈ- سەۋىيىسىنىمۇ دەڭسەپ بۇلالمايمىز. بۇ ھالدا بىزنىڭ <<ياھ، تەۋۋەككەل!...>> دەپ ئاتقان ھەرقانداق چالمىمىز كىمنىڭ بېغىغا، كىمنىڭ بېشىغا قانداق تەسىر كۈچ بىلەن چۈشۈدۇ، بىلىشكە قادىرلىقىمىز كەملىك قىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، <<تەۋەككۈل>> قىلغان ياخشى نىيەتلىك ئىز- قەدەمىمىز قاچان، قايەردە كىملەرگە ياخشى- يامان سەرمايە بولۇپ قالىدۇ، ئېھتىياتىمىز كەم بولماسلىغى كېرەك.

ئابلەت ئەخمەت: يېقىندا خېلى بۇرۇنلا ياخشى تەسىر قوزغاپ <<خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى>>غا ئېرىشكەن <<غاز كاۋىپى>> ناملىق ھېكايىڭىز <<مىللەتلەر ئەدەبىياتى>> ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇ سىزنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان تۇنجى ئەسىرىڭىزمۇ؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:<<غاز كاۋىپى>>نى نەمۇنە ئەسىرىم، دەپ قارىيالمايمەن. لېكىن ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى خىل تىلدا تۆت قېتىم ئېلان قىلىندى. ھەممە نۇسقىسىنى كۆردۈم. كېيىن ياسىنجان سادىق بىلەن <<مايبۇلاق>> ژورنىلىدىكى ئوسمان قاۋۇل ئايرىم- ئايرىم ھالدا << <قوشنىسىنىڭ ئۆلىمىنى تىلەش> ناملىق ھىكايىڭىزنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغىنىنى كۆردۇق>> دىيىشتى. ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ يۇرتقا قايتقان ئۇقۇغۇچىلىرىدىن بىرىمۇ ئۇ ھىكايىنىڭ ئەرەپچە نۇسقىسىنى كۆرگەنلىگىنى ئېيتتى. لېكىن مەن ھېچبىرىنى ئۇچرۇتالمىدىم. قارىغاندا يات تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسىرىم ھازىرچە شۇ بىرسى بولسا كېرەك.

ئابلەت ئەخمەت: سىزمۇ رومان يېزىشنى ئويلۇشۇپ باقتىڭىزمۇ؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:ئويلاشمىدىم، دىسەم يالغان ئېيتقان بولۇپ قالىمەن. خېلى بۇرۇنلا ئويلاشقان ۋە تىمىنىمۇ تاللاپ بولغان ئىدىم. لېكىن، قورقتۇم. گويا رومان يېزىش دىگەن بۇ ئىش مەندەكلەرگە نىسىپ بولمايدىغاندەك، قاملاشتۇرۇپ يېزىپ پۈتتۈرەلمەيدىغاندەكلا تۇيۇلدى. 2006- يىلىغۇ دەيمەن، بىرچاغلاردىكى <<گۇڭگا شېئىرلار>>نىڭ قۇربېشى، دوستۇم غالىپ راھمان خۇتەن قاشتشچىلىغى ھەققىدە بىرەر رومان يېزىلىشىنىڭ زۈرۈرلىگىنى، قاشتېشى سۈزۈش، كولاش، سېتىش جەريانىغا تۇلۇق قاتناشقان مېنىڭ بۇ تىمىدا ئەسەر يېزىشقا ياخشى نامزات ئىكەنلىگىمنى ۋە چۇقۇم ياخشى يېزىپ چىقالايدىغانلىمغا بولغان ئىشەنچىنى ئېيتتى. دىلكەش دوستلۇرۇمدىن تۇرسۇنجان مۇھەممەت، ئەنىۋەر ھوشۇر، شائىر ئابلەت قادىرىلارمۇ كۆپ مەدەت بەردى. مەن شۇ چاغدىمۇ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىشتىن ھېيىققان ئىدىم. كېيىن رەھمەتلىك ئىنىم ئېزىز سەيپۇللا قاشتېشى تىمىسىدا چوڭراق بىرەر ئەسەر يېزىپ چىقىش ئويىنىڭ بارلىغىنى، مۈمكىنچىلىك ئوڭ كۆزىدە باققىنىدا ئۇ ئەسىرىنى ئۆز مەبلىغى ئارقىلىق ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئەرەپ، ئېنگىلىس تىللىرىدا (رەھمەتلىكنىڭ بۇ تىللاردا بەلگىللىك ئاساسى بار ئىدى) قۇر بويىچە كىرىشتۈرۈپ نەشىر قىلدۇرۇش ئىرادىسى بارلىغىنى پۇراتقان ئىدى. قازايى قەدەر ھەم ئىنىم ھەم دىلكەش بۇرادىرىم بولمىش ئۇ مىھرىباننىڭ ياخشى تىلىگىنى ئارمان بىلەن چىشلەنگەن لەۋلىرىگە ئىلىنشتۈرگەن پېتى بىرگە ئېلىپ كېتىپ قالدى. شۇ گۈلگۈننىڭ ئارمانىنى چىچەك ئاچقۇزۇش يۈزىسىدىن بولسىمۇ بۇ يىل باشقا ئىشقا قول تۇتمايلا خۇتەن قاشتېشى تىمىسىدا بىر پارچە رومان يېزىپ تاماملىدىم. قاچانلاردا كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ، دوستلۇرۇمنىڭ، رەھمەتلىكنىڭ ۋە مىنى <<يازالايدۇ>> دەپ ئىشەنچ ئېتىشكەن كىتاپخانلىرىمنىڭ نەزىرىگە مەنزۇر كېلەمدۇ- يوق، ھازىرچە بىرنىمە دىيەلمەيمەن.

ئابلەت ئەخمەت:بەزىلەر <<رومان يازمىغان يازغۇچى ھەقىقى يازغۇچى ئەمەس، داستان يازمىغان شائىرمۇ ھەقىقى شائىر ئەمەس>> دەپ قارايدىكەن. سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇمىز بار.

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:مېنىڭمۇ ئىگىسى نائېنىق گەپلەرنى كۈلۈپلا ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان مىجەزىم بار. ئەگەر سىز ئېيتقان ئەشۇ <<بەزىلەر>> كونكىرتنى شەخس بولغىنىدا مەن ئۇلارنىڭ خانىسىگە قەدىردان يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى بىلەن ئېتىراپلىق شائىر غۇجىمۇھەممەت مۇھەممەتنى باشلاپ بېرىپ سۆھبەتسىزلا بىرپەس ئولتۇرۇپ كەلسەم، دەيمەن. ئىككى ئەدىپنىڭ نۇرانە كۆزلىرىنى كۈلكىگە ھامىيلاپ جىمغىنا ئولتۇرغان ئەشۇ تۇرقى <<بەزىلەر>>گە ئۆزگىچە بىر جاۋاپ بۇلالايتتى. شۇنداقتىمۇ قۇشۇمچە ئورنىدا دىگۈم كېلىدۇكى، يېزىلماقنى ئىستىگەن تىما ئىچ- ئىچىدىن تۈرتەكلەپ كەلگەن يازغۇچى قەلب تاسقاملىرىدىن ئۆتكۈزەلىگەنلىرىنىڭ ھەممىنى ئەدەبىياتنىڭ ھەممە شەكىللىرىدە ئۆرنەكلىك ئىپادە قىلالىسا تېخىمۇ قۇت ئىش بولىدۇ.

ئابلەت ئەخمەت:يېزىقچىلىق ئادەتلىرىڭىز بىلەن تۇنۇشۇپ باقساق بۇلاتتى؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:يېزىلىشنىڭ جىلۋىسى يامان لىۋى ھەرقانداق پەسىل، ھەرقانداق كۈندە مىنى ئىزدەپ ئۇچلۇنىۋىرىدۇ. لېكىن، قىش كۈنى مەن ئۇ لەۋنى كۆپراق سۈيۈپ قۇيالايدىكەنمەن. ئۈزەم شۇ لەۋنى تامشىشتا بەك خۇدۈكچان بولسام كېرەك، تولىمۇ تىنىچ مۇھىت بولمىسا ھېچنەرسە يازالمايمەن. ھەتتا مىنىڭ يېزىق ئۈيۈمدە كاززاپ تىجارەتچىدەك چىكىلدايدىغان تام سائىتىمۇ يوق. ھويلىدىكى سۇ تامچىلايدىغان جۈمەكىنىمۇ ئوڭشاپلا تۇرۇمەن. بىرەر چىۋىننىڭ گىژىلدىشىمۇ دىققىتىمنى بۆلۈۋېتىشكە تامامەن قادىر بۇلالايدۇ. يېزىلىشنى كۈتكەن ھەرقانداق تىما ھەققىدە بەك ئۇزاق ئويلىنىمەن. بەزى تىمىلارنى نەچچە يىللاپ ئويلىنىدىغان چاغلىرىممۇ بولدى. بولۇپمۇ قانداق باشلاش، قايسى جۈملىدە ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئەسەرنىڭ ئىككى بېشى ھەققىدە كۆپ باش قاتۇرۇمەن. يازغانلىرىم قايەرگە كېلىپ توختىشىدىن قەتئىنەزەر داۋاملاشتۇرۇشتىن ئاۋال ئايالىم ساھىپجامالغا بېشىدىن باشلاپ بىر قېتىم ئۇقۇتۇپ ئاڭلايمەن. (مەن بىلەن 10يىللىق ساۋاقداش ھەم ئۆزى ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى تاماملىغان بۇ كۈيۈملۈگۈم ھەر بىر پارچە يازمامنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنى ۋە مېنىڭ پىكىردىشىم) نەتىجىدە بىر پۈتۈن ئەسەر يېزىلىپ بولغۇچە باش ۋە ئوتۇرا قىسمى تەكرار بىرنەچچە قېتىم ھەتتا ئوننەچچە قېتىم ئۇقۇلىدۇ. شۇ جەرياندا تۈزۈتۈمەن، پىششىقلاپ ئىشلەيمەن. بۇنىڭ بىلەن ئەسەرلىرىمدە بىر خىل ئىزچىللىقنى، ماسلىشىشىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىمەن. پۈتۈپ بولغىنىدا بىرەر سۆزنىمۇ ئۆزگەرتمەيمەن.

مەن يېزىقچىلىقنى يازغۇچىنىڭ روھى ئالىمىدىن ئۆزلىگىدىن كۈيۈپ چىقىدىغان ماگما ئوتى ھىساپلايمەن. مەن روھ ئالىمىگە تەئەللۇق بولغان ئۇ خىل ئوتنى زورۇقۇپ ئۇلغايتىشقا ياكى ئۇرۇنۇپ پەسەيتىشكە ئامالسىز. ئەگەر قەستەن زورۇقسام چۇقۇمكى، بۇ ئوت ئۆزىنىڭ ئەسلى خاسىيىتىنى يۇقۇتۇپ قويىدۇ. يازمىلىرىمنىڭ بىر يىرىدىن <<يېزىش ئۈچۈنلا يېزىپ قويغۇنۇم>> پاش بولىدۇ. دىمەكچى بولغۇنۇم، مەن ھەرقانداق بىر نەرسە يازماقچى بولغۇنۇمدا زادىلا زورۇقمايمەن. يېزىلغۇسى كەلگەن ماھىيەتلىك ئۈندۈرمىلەر قۇلۇمغا قەلەمنى ئۆزى ئالغۇزىدۇ. شۇنچىلىك ئەركىن، ئازادە كەيپىياتتا ئولتۇرۇپ مۇبارەك قەلىمىمنىڭ ئىختىيارى (ئەمەلىيەتتە بەدىئى چىنلىقنىڭ رايى) بۇيىچە يېزىپ تاماملايمەن. ھەر بىر پارچە ئەسىرىم پۈتكىنىدە بىر قېتىم ئازاپلىنىمەن. چۈنكى، ئەسىرىم پۈتكەن دەل شۇ دەقىقە باغرىمنى كۆيدۈرۈپ ئۆتكەن ئىچكى ئوتنىڭ بىر پەسلىك ئۈچىشى بولۇپ قالىدۇ. يەنە بىر يېڭى ئوت قاچان يالقۇنجايدۇ، بىلمەيمەن. ئوت ئۆزى يانمىسا مەن قەستەن يېزىقچىلىق شىرەيىمنى بۇلغۇمايمەن! لېكىن دىيىشكە ئەرزىگۈدەك بىر ئادىتىم: ھەرقانداق ھادىسە- كۆرۈنمىىنى، ئاڭلىغان ھەرقانداق بايان- خاسلىقلارنى يېزىش نوقتىسىدىن دىتلاپلا تۇرۇمەن. قىممىتى بارلىرىنى شۇ كۈنىلا سۆز شەكلىدە بولسىمۇ كىچىك خاتىرەمگە پۈتۈۋالىمەن. يېقىندىن بۇيانقى يازمىلىرىمدا ھادىسىدىن كۆرە ماھىيەتنى، ھېكايىچىلىقتىن كۆرە ئىدىيىنى يۇرۇتۇشقا كۆپرەك كۈچىدىم. تىرىشچانلىغىم قانداقراق ئۈنۈم بەردى، باھايى سىلەرگە تالىق.

ئابلەت ئەخمەت:يېقىندا شائىر دوستۇم ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرۈك بىلەنئەسەرلىرىڭىز تىلىنىڭ نەپىس، سەنئەتلىكلىگى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم. ھېكايىلىرىڭىزدىن قۇيۇق شېئىرىي پۇراق چېچىلىپ تۇرىدۇ. بۇ سىزنىڭ بەدىئى تەربىيىلىنىشىڭىز بىلەن مۇناسىۋاتلىك بولسا كېرەك. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقساق؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:ئەسەرنىڭ تىلى يۇرۇتماقچى بولغان ئىدىيە، يېزىلىۋاتقان مەنەنى تۈسلەيدىغان ۋاستە. مەنە تەن بولغىنىدا تىل شۇ تەننى ئوراپ تۇرغۇچى زەرباپ تون ھىساپلىنىدۇ. كونىلار <<ئادەمنىڭ خىسلىتى ئوندۇر، بىرى تەن، توققۇزى توندۇر>> دىگەنىكەن. بۇ مەنىدىن كۈزەتكەندە ئەدەبىي ئەسەرنىڭ تىلى ئەڭ ئاۋال ئەسەرنىڭ ئىدىيىسىنى يۇرۇتۇشقا، ئۇقۇشچانلىغىنى ئاشۇرۇشقا، ئۇنىڭ ئاۋام ئارىسىغا تارقىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قۇپال تىل بىلەن بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ياخشى نىيەتلىك تەربىيىنىڭ ھېچقانچە ئۈنۈمى بولمىغىنىدەك، ئەڭ شاھانە تىمىمۇ يىرىك تىلدا يېزىلىپ قالغىنىدا ئىجتىمائى ئۈنۈمىمۇ، مەنىۋىي ئۈنۈمىمۇ كۈرۈنەرلىك تۈۋەن بولىدۇ.

مەن ئەسەر تىلىدا ئىمكان بار قىسقا، يىنىك جۈملە تۈزەيمەن. بۇ خاھىش بەلكىم كەرىمە نادىر، زوردۇن سابىر، نۇرمۇھەممەت توختى قاتارلىق ئۇستاز ئەدىپلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇغۇنمدىن بولسا كېرەك. <<شېئىري پۇراق>>قا كەلسەك بۇ ئالاھىدىلىكنى سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن. بەلكىم بۇ ئالاھىدىلىكمۇ باردۇ، چۈنكى مۇشۇ كۈنگىچە ئىپىك ئەسەرلەردىن كۆرە شېئىرنى كۆپراق ئوقۇيمەن. كۈنىگە بولمىسىمۇ ھەپتىسىگە بىرەر پارچە ھېچ بولمىغاندا بىرنەچچە بېيت شېئىر تۈزۈپ قۇيۇدىغان ئادىتىم ھەم بار.

ئەسەر تىلىمدا كۈچەيتمە جۈملە، كۈچەيتمە سۆز بىرىكمىسىنى تۇلا ئىشلىتىپ قۇيۇدىغان كەمچىلىگىمنى تىلغا ئالمىغىنىڭىزدىن قارىغاندا مىنى ئاياۋاتىسىزغۇ دەيمەن. پىشقان، ھۆرمەت- ئىخلاسىم ئۈستۈن بىر مۇھەررىر ماڭا <<مەن بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بۇلىدىغان ھەرقانداق ئوي- پىكىرنى تەكرار سۆز بىرىكمىسى بىلەن ئىپادىلەشنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن>> دىگەن ئىدى. شۇ ژورنالدا ئىككى پارچە ئەسىرىم ئېلان قىلىنغىنىدىن كېيىن ئاڭلىغان شۇ ئۈزۈندىدىن باشلاپ ئۆزەمچە قىزىرىپ- تەرلەپ شۇ مۇھەررىرگە قايتا ئەسەر يوللاشتىن ئۇيۇلۇپلا كەلدىم. لېكىن، قانچە تىرىشقىنىم بىلەن ئۇ ياقتۇرماسلىقنى زادىلا تۈزۈتەلمىدىم.

ئابلەت ئەخمەت:يۇرتىمىز ئېسىل تارىخى شەخسلەرنىڭ، كاتتا شەھەرلەرنىڭ ئىزناسى كۆمۈلگەن سېھىرلىك ھەم سىرلىق جاي. بۇ خىل ئېسىللىك ئەلۋەتتە سىزدە بەدىئى غىدىقلىنىشلارنى قوزغايدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇنداقتا تارىخى تىمىدا ئەسەر يېزىشنى ئويلۇشۇپ باقتىڭىزمۇ؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:يۇرتىمىزنىڭ شەجەرىلىك ئۆتمۈشى ھەققىدە ھەم تارىخى چىنلىققا ھەم بەدىئى چىنلىققا تۇيۇنۇپ چىققۇچىچىلىكى بار تىما ۋە شەخسلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. بۇ ھەقتە ئويلانغىنىم، ئىزدەنگىنىم، خېلى كۆپ ماتىريال توپلۇغۇنۇم ۋە كەرەملىك يازغۇچىمىز ئابدۇرىھېم ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن مۇشۇ قۇردىن ئۆتۈنۈشانا پاراڭلاشقىنىم ھەم راست. ئەپەندىممۇ قۇلۇمنى سىقىپ تۇرۇپ <<ئۇ تىمىلار ئەمدى سىلەرگە قالدى>>دەپ ئىلھام بەرگەن ئىدى. لېكىن، كېيىن توختاپ قالدىم. توختاپ قالغانلىقىم يازماسلىقتىن دېرەك بەرمىسە كېرەك.

مېنىڭچە تارىخى تىما ئالدىراپ قول تىقىدىغان كان ئەمەس. ئۇ ھەم تارىخى ئەينەنلىكنىڭ، ھەم بەدىئى چىنلىقنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، <<تارىخ>>لىق چىنلىغى بەدىئى تۇقۇلمىنىڭ قېتىغا بەك كۈچەپ چۈمكىۋېتىلسە كېيىنكىلەر بۇ بەدىئى ئەسەرنى ئەسلى تارىخ ئورنىدا قۇبۇل قىلىۋالىدىغان خاھىش كۆرۈلمەي قالمايدۇ. ئېزىقىش شۇ يەردىن باشلىنىدۇ. جۆيلۈشمۇ شۇ يەردىن باشلىنىدۇ. چۈنكى، ھەقىقى تارىختىن كۆرە ئوبرازلاشقان بەدىئى ئەسەرنىڭ تارقىلىشى كۆپ ھەم <<يېقىشلىق>> بولىدۇ. شۇڭا مىنىڭ تارىخى تىمىدىلاردىكى پوزۇتسىيەم- بەدىئىلىكنى ۋە بىرپەسلىك نەپ- مەنپەئەتنى چىقىش قىلغان شەخسنىڭ تۇقۇلمىسىنى <<پاھ! پاھ!...>> دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك. تارىخ مىنىڭ قاچان ۋە قانداقسىگە ئويناشقۇم كەلسە بولىۋىرىدىغان خوتۇنۇم ياكى سىزنىڭ قايان باشلىسىڭىز نازلىنىپ مېڭىۋىرىدىغان ئاشنىڭىز ئەمەس!

مېنىڭ يۇرتىمىز تارىخىدىكى چوڭ ۋاقىئەلەردىن كۆرە ھازىرچە يېزىش مۈمكىنلىگى بولغان تارىخى شەخسلەر ھەققىدە، مەسىلەن: تەڭداشسىز شائىرقۇۋەت ۋە كومپىزوتىرسۈپەت مەڭلەشخان ئانىمىز، خۇتەن يېڭى زامان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سۈت بەرگەن ئانىسى ھاجى خانىم توغرىسىدا بىر ئىككى پارچە ئەسەر يېزىپ ئۆزەمنى دەڭسەپ بېقىش ئويۇم بارغانچە چالما قۇپۇرۇۋاتىدۇ. ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان توي ئۈستىدە كۆچۈرۈلۈۋاتقان قىزغا قاراپ <<قىزارىپ چىقساڭ ھويلاڭدىن...>> دىگەن ئاجايىپ يېقىشلىق ناخشىنىڭ شېئىرىنىمۇ، كۈي- مۇزىكىسىنىمۇ نەق مەيداندىلا بىر ئاۋاز بىلەن پۈتتۈرگەن ئايالنى شائىر، كومپىزىتور دىمەسلىككە تىلىم بارارمۇ؟ نەچچە دۇقال، سانسىز قاتىلاڭچىلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، خۇنخور شىڭشىسەينىڭ، ئالدامچى گومىنداڭنىڭ تۈرمە تەمىنى يەتكۈچە تارتىپ تۇرۇپمۇ خۇتەندە پەننى مائارىپ ئېرىقىنى ياقىلاش ئىرادىسىدىن بىر كۈنمۇ يالتايمىغان مۇھاجىر ئانىنى يازماي قۇيۇشقا قەلىمىم ئۇنارمۇ؟! بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ بايانىنى ئاڭلاۋېتىپ تەسىرىدىن قۇلاقلىرىم لىكىلداپ، كۆز جىيەكلىرىم نەملىشىپ كەتكەن يۇرتىمىز ئىز- ئۆتمۈشىنى يازماسلىققا دىلخانەم كۈنەرمۇ؟... ئۈزەمگە ئۆمۈر، قەلىمىمگە بەرىكەت تىلەي.

ئابلەت ئەخمەت:يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:ياق. ئەدەبىياتنى سىياسى ئورنىدا چۈشۈنۈۋالىدىغان قاپاقنوچىلار ھەدىسىلا بەدىئى ئەدەبىياتنى سىياسى ماقالە قۇرىدىن كۈزۈتۈپ، يازغۇچىلىرىمىزنى يۈرەكزىدىسى قىلىپ كۆنۈپ قالغىنى ئۈچۈن بۇ سۇئالنى ماڭا ئىككىنچى قېتىم پۇرۇتۇۋاتىسىز. تەگلىگىنىڭىزدىن قارىغاندا مەن ھەققىدە بىرەر ئەپقاچتى گەپ ئاڭلىغاندەك تۇرۇسىز. ئۇنداقتا ئاڭلاڭ: 2004- يىلى <<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژورنىلىدا <<خۇتەن دىھقانلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى ئاشكارە رېتسىپى>> ۋە <<كىم خۇجايىن، كىم چاكار؟>> نامىدا ئىككى پارچە پىليەتۇنۇم ئېلان قىلىندى. نۇرغۇن دىھقانلار ھەشقاللىسى بىلەن ئىزدەپ كەلدى. گۇمۇلۇق بىر دىھقانمۇ مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلىغا تېلىپۇن ئالغۇزۇپ <<سىلە بىزنىڭ يۇرتقا قاچان كەلگەن؟>> دەپ سورىدى. بۇنداق تەسىردىن مەستخۇشقۇ بولۇپ كەتمىدىم. شۇنداقتىمۇ ناھيىمىزدىكى ئەمەل- مەنسەپ دىسە ھېچنىمىسىنى تەسەددۇق قىلىشتىن يانمايدىغان كالتە پەم كەلگىندىدىن بىرسى سىياسى دەسمايە ئىھتىياجىنى چىقىش قىلىپ مەزكۇر ئەسەرنى خەنزۇ تىلىغا ئۆرۈپ يوللىمىغان جايى، ماڭمىغان سۈرلۈك ئىشىكلىرى قالمىدى. ئىسىت، شۇ ئىنسانغا ئەپسۇس بولدىكى، زامانىمىز ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگى دىگۈدەك بىلىم ۋە ساپالىق ئەمەل ساھىپلىرىدىن بولغاچ ئۇلارنىڭ تەستىقلىرىدا <<بۇ دىگەن سەۋىيە ۋە تۇنۇش مەسىلىسى، چۈشۈنۈش مەسىلىسى. پىرىنسىپقا كۆتۈرۈۋېلىشقا بولمايدۇ>> دىگەن جۈملىلەر كەم بولمىدى. نەتىجىدە باشتا سۈر- ھەيۋە بىلەن باشلانغان بىردەملىك <<تاراقشىپ قېلىش>>لار ئۆزلىگىدىن پەسكارىغا چۈشتى. ئىدارىمىزدىن مەزگىلسىز ئايرىلغان <<مەدەنىيەتلىك ئورۇن>> دىگەن نام تاختىسىمۇ ئانچە ئۆتمەي ئۆز جايىغا قايتىپ كەلدى.

بۇ ئىشلاردىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا رەھمىتىم كۆپرەك. ۋەجى: شۇ چاغدىلا بىلدىمكى، ئوي- پىكىرنى ئىپادىلەش، جۈملىدىن يېزىش دىگەننىڭ بەدىئىيلىكى قانچە يۇقۇرى بولسا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، يىلانغا پۇت چىقارغۇچىلارنىڭ چالمىسى سۇ كۆرۈدىكەن. شۇڭىمۇ مەشغۇل بولۇۋاتقىنىمىز <<بەدىئى ئەدەبىيات>> دىيىلىدىكەن. بەدىئىلىك ئەدەبىياتنىڭ ئالدىدا تۇرۇدىكەن.

ئابلەت ئەخمەت:سىزنىڭچە ئەدەبىي ئىجادىيەتنى بىلىم، قابىلىيەت، ئەدەبىي تالانت، بەدىئى ساپانىڭ ئۇنۋىرسال سىنىقى دىيىشكە بۇلارمۇ؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:<<سىنقى>> دىگەن سۆزنى <<يۇغۇرۇلمىسى>> دىگەنگە ئالماشتۇرساق ئېيتقانلىرىڭىز تېخىمۇ جايىدا بولغۇدەك. مېنىڭ يۇقارقىلارغا يەنە ئىرسىي گېننى قوشقۇم بار. ھازىرغىچە گىنشۇناسلار ئادەم تىنىدە <<ئەدەبىي گىن>>نىڭ مەجۇتلىغى ياكى ئىرسىي ئۇدۇم ھەققىدە بىرەر نەتىجىلىك قاراش ئوتۇرغا قويمىغان بولسىمۇ بۇ خىل گىن ئىنساننىڭ چىراي، ئاۋاز خاسلىقىغا ئوخشاشلا تۇغما بولىدۇ، دىگەن قارىشىم كۈنسېرى غولداۋاتىدۇ. ئەسلى يارىتىلمىشتا بۇ خىل خاسلىقى كەمتۈك تۇغۇلغانلار كېيىنكى ھاياتىدا ئەدەبىيات كوچىسىدا قانچىلىك تەر تۆككىنى ياكى بايام سىز ئېيتقاندەك <<ئۆزىنى بېغىشلىغىنى>> بىلەن نەتىجە- ئىزلىرىدا يارقىنلىقتىن كۆرە خۇنۈكلۈك رۇشەنراق بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بىلىم، قابىلىيەت، ئەدەبىي تالانت بەدىئىي ساپا دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىغا تۇلۇق جەملىنىدىغان بولسا ھەم ئۇنىڭغا تۇغما ئىقتىدار قۇشۇلىدىغان بولسا، ھە تېخى زامان بۇنداق ئەدىپكە كەڭ قۇچاق يايىدىغان بولسا ھەيھات، بۇنداق يازغۇچىنىڭ چۈشكۈرۈكلىرىمۇ مەنىلەرگە تۇيۇنغان بولماي!

ئابلەت ئەخمەت:سىز ئۆز ئەسەرلىرىڭىزدە يۇرتىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى، خەلقىمىزنىڭ مىللى خارەكتىرىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىۋاتىسىز. ئەسەرلىرىڭىزدە يەنە ئىسىم قۇيۇش ئادىتى بىلەن يەرلىك شىۋىنى جانلىق ئىشلىتىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز: ھەرقانداق ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مىللى تەۋەلىكى بولغىنىغا ئوخشاش يۇرت خاسلىقىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردىكى خاسلىق ماھىيەتتە مىللى پۇراق بىلەن قۇچاقلىشىپ، ئىشىلىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ خىل قۇچاقلىشىش شۇ يۇرت كىشىلىرىنىڭ مىجەزى، قىزىقىشى، دەرت- كۈلكىسى، ئارزۇ- ئارمانلىرى، ئۆتمۈشتىن ئۇلاپ كەلگەن نەمۇنە ئەندىزلىرى قاتارلىقلارنى قېزىپ يېزىشتىن كېلىدۇ. مەن ئۆزۈم تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قەدىمى يۇرت سامپۇلنى تولىمۇ ياخشى كۆرۈمەن. ئۇ، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق نوقتسى بار ئۆزگىچە بىر يۇرت. ھەر بىر ئەسىرىمدە شۇ يۇرتقا ئائىت بىرەر سۆز، بىرەر ئۇچۇر بىرىشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. پىرسۇناژلىرىمنىڭ تولىسىغا شۇ يۇرتتا ئۆزەم كۆرگەن، دىدار- مۇلاقەتتە بولغان، شۇ ئەسەردىكى پىرسۇناژنىڭ ئىندىۋۇدىئاللىقىغا سىڭىشەلەيدىغان بىرەرىنىڭ ئىسمىنى تاللاپ ئالىمەن. تەسۋىرىمدىكى پىرسۇناژلارنىمۇ شۇ بىرەرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ يازىمەن. قارىغاندا سامپۇلدىن ئىبارەت شۇ سۈيۈملۈك يېزىنى يېزىپ بولغۇچىلا بۇ ئۆمرۈم ئۆزىنىڭ ئۆمۈر بەتلىرىنى يېزىپ تاماملىغۇدەك.

<<يەرلىك شىۋە>> مەسىلىسىگە كەلسەك چىنلىق ۋە تۇرمۇش پۇرىقىنى ۇلغايتىش زۆرىرىيىتىدىن مەن خاس دىئالوگلارنىڭ ئايرىملىرىدا شىۋە ئىشلىتىشنى چەتكە قاقمايتتىم. (ئۈزەممۇ <<غەلۋىر>> قاتارلىق ھىكايىلىرىمدە بۇ نوقتىغا ئېتىۋار بىلەن قارىغان) ئەمما، ئەمدىگە كەلگەندە ئويلۇنۇپ قالدىم. ئېنىقى <<قوش تىللىق مائارىپ>>نىڭ نامايەندە ئۈنۈمى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. كۈن ئۆتۈپ يىل پۈتۈنلەنگەندە ھازىرقى ئەدەبىي تىلىمىزنى تۇلۇق مەنىدە چۈشۈنۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئەۋلاتلىرىمىزنى <<شىۋە>> سۆزلۈكلىرىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن قىينىغۇم كەلمىدى. بۇ گويا بىزلەرنىڭ چاغاتاي تىلى دەۋرىدىكى تەۋەرۈك ئەسەرلەرنى ھەزىم قىلىشتا قىينالغىنىمىزدەك يۈز بېرىش مۈمكىنلىگى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بىر ھال. شۇڭا مەن ئەسەرلەردە يەرلىك شىۋە سۆزلۈكلىرىنى بەك تەكىتلەپ كەتمەيمەن. چوڭراق ھەجىمدىكى ئەسەرلەردە بۇ ھالدىن ساقلانمەق ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە.

ئابلەت ئەخمەت: مېنىڭ بىلىشىمچە سىز تۇرمۇش جۇغلانمىسى ئەڭ مول، بەدىئى تەپەككۈرى چوڭقۇر يازغۇچىلارنىڭ بىرسى. سىزگە ھازىر پەقەت بېسىپ ئولتۇرۇپ يېزىقچىلىق قىلىدىغان پۇرسەت بولسىلا ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىدە گەپ يوق. ۋاقىت ئۆز ئىلكىڭىزدە شۇنداقمۇ؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:2006- يىل باھاردا سىياسى كېڭەش لوپ ناھيىلىك كومتىتتىكى خىزمىتىمدىن قايتىپ چىققىنىمدىن بۇيان ياشاش زۈرۈرىيەتلىرىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم. شۇ چاغلاردىن باشلاپلا <<قىسىپ ئولتۇرۇپ>> يازسام ۋاقىت- پۇرسەت تۇلۇقى بىلەن ئۆز ئىلكىمدە ئىدى. ئىنىقىنى ئېيتسام تۈزۈتەلمەيلا كېلىۋاتقان ئەيىبىم دەل شۇ <<قىسىپ ئولتۇرالماسلىق>>تا كۆرۈلدى. بۇ نوقتىدا ئۈزەمگىمۇ يۈز كېلەلمەيمەن. كۆپ قېتىم <<نەگە؟>> دىگەن سۆز پۈتۈلگەن قەغەزنى نۇسقىلاپ ئىشىك تۇتقۇچىمغا، كارىدور تاملىرىمغا، يېزىق ئۈستىلىمنىڭ ئۇدۇلىغا چاپلاپمۇ باقتىم. ئۈنۈمى كۈرۈنەرلىك بولمىدى. ئىنىم پانىيغا <<خوش>> ئېيتقىنىدىن كېيىن خۇتەنگە قايتتىم. ھېلىھەم ئىككى ئارىدا بولۇۋاتىمەن. لېكىن ئەھۋالىمدا كۆپ ئۆزگۈرۈش بولدى. ئەمدى يەنە روھى ئالىمىمگە يۈزسىزلىك قىلسام... ئىچ- ئىچمگە سىغدىلىپ، بىر- بىرىنى توختىماي تۈرتۈشۈۋاتقان يېزۇلغۇسى كەلگەنلەرگە ئۇۋال بولىدۇ. بەك ئۇۋال بولىدۇ.

ئابلەت ئەخمەت:<<يېڭى قاشتېشى>> ژورنىلىنىڭ 2010- يىللىق 3- سانىدا <<ئۇنتۇلغان روھنىڭ شېئىردا ئويغۇنىشى>> ناملىق ئوبزورىڭىز ئېلان قىلىنىپ كىتاپخانلار ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغىدى. ئابلېپىز توختىمۇھەممەت ئارىقۇمىنىڭ شېئىرلىرىغا شائىر ئويلاپ يەتمىگەن نوقتىلاردىن چىقىپ ناھايىتى ياخشى باھا بېرىپسىز. سىزنىڭ قۇيۇق شېئىرىي كەيپىيات ئىچىدە ياشايدىغانلىغىڭىزنى ھېس قىلدىم ۋە بىر ياخشى ئوبزور ئوقۇغۇنۇمدىن سۆيۈندۈم. شېئىرىيەت ئوبزورچىلىغى بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىغىدا تۇرۇۋاتقان ھازىرقى ۋاقىتتا مۇشۇنداق ئوبزورلىرىڭىزنى يەنە پات- پات كۆرۈپ تۇرساق دەيدىغان ئارزۇيىمىز بار. ئوبزورچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئويىڭىز بارمۇ؟

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:<<شائىر ئويلاپ يەتمىگەن>> دىگەن ئىبارىڭىزگە قۇشۇلغۇم يوق، كەچۈرىسىز. ئۆزىڭىزمۇ لىرىكىغا تۇيۇنغان ۋۇجۇتنىڭ ئىگىسىكى، شائىر قەلبىنىڭ قانداق بولىدىغىنى سىزگە ئايان. گەرچە مەن بىر بۆلۈك شېئىرلىرىغا باھا يازغان شائىر ئارىقۇمى شۇ شېئىرلارنى يېزىۋاتقىنىدا مەن دىگەن نوقتىلارنى ئويلاپ يەتمىگەن بولىشى مۈمكىن. لېكىن، شائىرنى ھەر مىىسرانى قەغەزگە تامدۇرۇش ئارىلقىدا مەن باھايىمدا يازمىغان قانچىلىغان نوقتىلارنى ئويلىمىدى، دەپ قايسىمىز ھۆددە قىلالايمىز؟ شۇڭا كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالالايدىغان بىر مىسرا شېئىر ھەققىدە بىر پارچە ئوبزور تولۇق پۈتىدۇ.

شېئىرىي كەيپىيات ئىچىدە ياشايدىغىنىم راست. مەن تۇرمۇشقا شائىرانە نەزەر بىلەن قارايمەن. خالىغان جاي، خالىغان ۋاقىتتا نەچچە مىسرا بولىشىدىن قەتئىي نەزەر شېئىر تۇقۇپلا يۈرۈيمەن. چۇقۇم پۈتكۈزۈشنى، چۇقۇم يېزىۋېلشنى شەرت قىلمايمەن. قىلغۇدەك ئىشم قالمىغان بىردەمگىنە ئاراملىقىمنىڭ ھەممىسىدە شېئىر ئوقۇيمەن. قۇلۇمدا 25 يىلدىن بېرى ئۈزەمگە ياراپ كۆچۈرۈپ توپلىغان شېئىر خاتىرەمدىن بىرنەچچە توپلام بار. ئۇلار مىنىڭ ياخشى ھەمراھلىرىم. مەن ئۇ مىسرالارنىڭ قېتىدىن ئۆزەمنى ئىزدەيمەن. قەلبىمنى تازىلايمەن. بىركىملەرگە ئەندازلايمەن. ھېچقايسىسىنى قىلالمىسام شۇ شېئىرنى ئۇقۇۋېتىپ، شائىرنىڭ شۇ بىر پارچە شېئىرنى قانداقراق كەيپىياتتا ئولتۇرۇپ يازغىنىنى قىياسلايمەن. نەتىجىدە شۇ شارئىرنىڭ ھېسسىياتى بىلەن غايىۋانە ئورتاقلىشىمەن. سەۋەبىنى بىلگۈڭىز كېلىۋاتامدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەمگە روھى ئاراملىق ئىزدەش يۈزىسىدىنلا قىلىمەن.

ئوبزورچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىمنى سورىدىڭىز. مەن بۇ سۇئالىڭىزغىمۇ بايامقى بىرنەچچە جاۋابىمدەكلا ھازىرچە بىرنىمە دىيەلمەيمەن. چۈنكى، مەن قەلىمىمنى ئەمەس، قەلىمىم مېنى كونتىرول قىلىدۇ. بەلكىم ئىشەنگۈڭىز كەلمەس، مەيلى نىمە دەپ قېلىڭ، مەن يازماقچى بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئالدىن بەلگىلىۋالالمايمەن. پىلان- تىزىسمۇ تۈزەلمەيمەن. ۋاقتى كەلگەندە تولغىقى ئۆزى تۇتقان يېزىلما ئوبزور بولۇپ چىقامدۇ، شېئىرمۇ، ياكى پوۋىست، ھېكايىمۇ تۇغۇلغان بۇۋاق ئەكەك- چىشىلىقىنى ئۆزى نامايەن قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئوبزورچىلىق بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئاخىرقى تىنىقنىڭ زەمزىمىدەك زۈرۈر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. ھەم ئۇنى بىز بىرنەچچە نەپەر مونوپوللۇق يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئۇچچىدىن تەمە قىلىپ ئۈگۈنۈپ قالدۇق. ئۇ مونوپوللۇقنىمۇ بىلىپ- بىلمەي ئۇلارغا ئۆزىمىز تارتۇق قىلدۇق. ئەسلىدە ھەربىر كىتاپخان ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئوبزورچى. ئويلىغانلىرىمىزنى ئۆزگىچىراق ئىپادە قىلىشتىن قىينىلىۋاتقان يىرىمىزلا بار، خالاس!

http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=10841

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
pomixqik + 100
hokumran + 200 ياخشى تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 300   باھا خاتىرىسى

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 386
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9084
تۆھپە نۇمۇرى: 1407
توردا: 770 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 03:43:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسىرانىمغاتەكلىپىم  بۇ تېمانادىر لانسا

مەتتۇرسۇن ئېلىي

ساغلام ھايات سىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33426
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7076
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 1601 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 08:22:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان يازغۇچىلارغا ئۇتۇق يار بولسۇن ..................

ساغلام  ھايات  سىزگە يار بولسۇن

پەقەت ئاللاھ قا ئىگىلىمەن.

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22893
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12161
تۆھپە نۇمۇرى: 222
توردا: 7018 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 01:14:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىغا ئاز ئىنكاس ھەي............

تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29549
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 50484
تۆھپە نۇمۇرى: 1109
توردا: 6227 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 02:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەنلىك قەلەمداش قېرىنداشلارنىڭ ئوبرازلىق تىلى بۇ سۆھبەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپتۇ. سۆھبەتمۇ شۇنچىلىك سەمىمىي بوپتۇ. يازغۇچىغا ئۇتۇقلار يار بولغاي.

تۇغۇڭنى تۇغۇلغان تۇپراققا قادا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35496
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1193
تۆھپە نۇمۇرى: 4
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2011-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 12:13:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس  ئارقىلىق  ساقلىۋالمىسام  ، كىينكى قېتىم  تاپالماي قالماي  يەنە !

ئىمان بار يەردە،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48530
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 872
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2011-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 05:18:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەتراپلىق  پىكىرىلىشش بوپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59145
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-10-5
ئاخىرقى: 2011-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 03:58:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

造价师代考经济师代考QQ951400296

造价工程师代考经济师代考QQ951400296

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش