ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 20قەۋەت شاھۇ كە 2011-05-06 01:58 PMئەۋەتىلدى :
زۆرۈرىيىتى يوقمىكىن!؟ سىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزىدىن باشقا بىراۋنىڭ سۆزىدە ئۈممىتىم دەپ سۆزلىگەننى ئاڭلىغانما؟! ئۈممەت سۆزى ھەرگىزمۇ خالىغان كىشىنىڭ كەينىگە بىرىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسىنى قوشۇپ ئىشلىتىۋېرىدىغان سۆزى ئەمەس. دەرھال ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلىمەن.
ماقۇل، ئۆزگەرتەي.
باشقۇرغۇچىلار:
1. " ئويغىنايلى ئىنسانلار" دىگەن تېما ئاستىدا يېزىلغان ئەسەردىكى " ئۆزۈممۇ ئۇيغۇر ئەۋلادى" دېگەن ئابزاستىكى "ئۈممىتىم" دېگەن سۆزنى " ئۈممەت" كە ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز.
2. شۇ تېما ئاستىدا يېزىلغان 3 كۇبلىتلىق شېئىرنىڭ 1- كۇبلىتىنىڭ 3- مىسراسىدىكى " ئۈممىتىم ئۈستىدىمۇ ئويلىنىمەن" دېگەننى " ئاخىرەت ئۈستىدىمۇ ئويلىنىمەن" دەپ ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز.
مېنىڭ بايقىغانلىرىم ئاران شۇلار بولدى. تورداشلار ئۇنىڭدىن باشقا جايلاردىمۇ يۇقىرىقىدەك خاتالىقنى بايقىساڭلار ماڭا خەۋەر قىلىۋەتكەيسىلەر .