مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: TAYQIKIM

« شاھ تاج » دىگەن مانا مۇشۇ ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 10:40:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقتە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بولمىسا كېرەك. ئەمما، دوپپا سۆزىنىڭ <توپ بار> دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكىنى بەزى ماتىرىياللاردا قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30177
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8259
تۆھپە نۇمۇرى: 560
توردا: 4412 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 10:49:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:134]  [s:134]  [s:148]  [s:121]  [s:145]  [s:122]  [s:132]  [s:137]  [s:131]  [s:144]  [s:139]  [s:129]  [s:139] بۇ يەردىكى دوپپىلار چالا قاپتۇ..... [s:132]  [s:132]  [s:132]

كىتابخانا -ئۆزىڭىزنى ئىزدەپ بارىدىغان جاي!!

يېنىڭدا بارىنى ق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38947
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2011-4-28
ئاخىرقى: 2011-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 11:13:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Eltekinتۇلمۇ ئەستايىدىل سۆز بايان قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. بىلمىگەن قائىدىلەرنى ۋە شۇنداقلار بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلاردىن خەۋەردار  بولدۇم،بىلگەنلىرىمنى بولسا قايتا بىر تۇلۇقلىۋالدىم.بۇ ئىنكاستىن بىر قىسىم تورداشلىرمىز خېلى كوپ بىلىمگە ئىگە بولدى دەپ قارايمەن.
دوپپا توغرىسىدا يەنە تۇلۇقلاپ ۋە ياكى قۇشۇمچە قىلىپ  سۆز بايان قىلىدىغان  تورداشلىرمىزنىڭ بايانىنى ئاڭلاشقا تەشنامەن.

،ھاياتلىق ھەممىگە پەقەت بىرلا،شۇڭا ھازىرقى كۈنۈڭنى قەدىرلەپ ئېسىل ياشا !

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 11:36:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرلىرى

گۈل غۇنچە دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، تېگى ھاۋارەڭ ياكى كۆك رەڭ تاۋاردىن تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ تالالىرىغا تىكىلگەن گۈللىرى قېنىق يېشىل يىپەك يىپ بىلەن، ئەۋرىشىم يۇپۇرماقلىرى سۇسراق يېشىل يىپ بىلەن چېكىلىدۇ. يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپىدىكى گۈللەر قىزىل، كۆك، سۇس قىزىل رەڭلەردە بېزىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئاياللارغا خاس بولۇپ، دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، گىرۋىكىدىكى گۈللىرى ئۈستىدىكى گۈللىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ چېكىلىدۇ.
بادام مارجان دوپپا— بۇ خىل دوپپىنىڭ تېگى قارا، كۆك، توق يېشىل مەخمەللەردىن تىكىلىدۇ. دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى پىستە بادام شەكلىدە يوغان- يوغان چېكىلىدۇ. ئۇلار ئاق سەدەپ مارجان بىلەن يىپلارغا تىزىلىدۇ. بادام گۈلىنىڭ ئەتراپى چېكىت- چېكىت يۇلتۇزلاردەك بېزىلىدۇ. گىرۋىكىدىكى يېرىم ئاي شەكلىدىكى دۈگلەك گۈل مارجانلار بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئەتراپى ئاق مارجانلار بىلەن كۆركەم قىلىپ چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا چوكانلار، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا خاس بولۇپ، قەشقەر، كۇچا ئاياللىرىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمىدۇر.
ئەرەنچە چىمەن دوپپا — چىمەن دوپپا ئىسمى- جىسمىغا لايىق تولىمۇ چىرايلىق بېزىلىپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ نامىنىڭ چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىشىمۇ شۇنىڭغا باغلىق. دوپپا دۈگلەك شەكىلدە بولسىمۇ تۆت تالاسى توق يېشىل يىپەك يىپ بىلەن ئاجرىلىپ تۇرىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى يېشىل يىپ بىلەن تىكىلىپ، گۈل- غۇنچىلىرى قوشماق باداملار بىلەن بېزىلىدۇ، ئۈستىدىكى گۈللىرى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، گىرۋىكىدىكى گۈللىرى بولسا قېنىق قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، گۈل ئارىلىقى ئاق يىپەك يىپتا نازۇك قىلىپ يوپۇرماقنىڭ تارام- تارام تومۇرلىرىدەك بېزىلىدۇ. ئۇ ئەرلەرگە خاس بولۇپ، قەشقەر تەۋەسىدىكى ئەرلەر تولىمۇ ياقتۇرۇپ كىيىدۇ.
گۈلشەن چىمەن دوپپا— بۇ دوپپىنىڭ شەكلى گىلەم دوپپىغا ئوخشىسىمۇ، ئەمما گۈللىرىنىڭ تىكىلىش تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلمىسى باشقىچە. بۇ دوپپا گىئومېتىرىيىلىك ئۇسۇلدا ئەمەس، ئادەتتىكى گۈل دوپپىلىرىدەك ئىشلىنىدۇ. دوپپا توت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى ناھايىتى ئوچۇق رەڭلىك يىپەكلەردىن تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى ئاق رەختتىن بولۇپ گۈللىرى ئۈچ لىنىيىگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تېگىدىكى چوڭ گۈل قېنىق قىزىل رەڭلىك يىپتا، ئىككى يېنىدىكى ئېچىلغان يوپۇرماقلىرى قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكى گۈللىرىنىڭ ھەممىسى ئاق، قوش يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، ئىككى تەرىپىدىكى تۆت تالالىق گۈلى قېنىق ھال، ئوتتۇرسىدىكى ئاچىماق چېچەك يېشىل، يېنىدىكى يوپۇرماق لىنىيىلىرىنىڭ بىرى قىزىل، ئىككىنچىسى توق سۆسۈن رەڭلىك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ يۇقىرىسىغا جايلاشقان ئۈچىنچى لىنىيىدىكى گۈللەر ئوچۇق ھال رەڭدە، ئىككى ياندىكى قوش يوپۇرمىقى قېنىق ھاۋارەڭ ۋە قېنىق يېشىل رەڭلەردە بېزىلىدۇ، بۇ دوپپا ئەرلەر، بولۇپمۇ ياش يىگىتلەر ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئادەملەرگە خاس.
گۈل قىياق دوپپا— دۈگلەك شەكىلدە بولۇپ، سۇس ھاۋارەڭ تەگلىككە ھەر خىل رەڭدىكى يىپەك يىپلار بىلەن گۈل تىكىلىدۇ. گۈللەر قىياق بەلگىلىرى بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ، دوپپىنىڭ ئەڭ ئۈستىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈلى قېنىق سۇس رەڭدە، ئەتراپتىكى تۆت گۈل قېنىق ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ، گۈللەرنى ئوراپ تۇرىدىغان قىياق يوپۇرماقلار قېنىق ھال، ھاۋارەڭ، توق يېشىل رەڭلەردە چېكىلىپ، گۈللەر قارا يىپەك چېكىتلەر بىلەن تۆت تەرەپكە ئاجرىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپا قەشقەر ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ ئەرلەر كىيىدۇ.
چىمەنگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، سۇس يېشىل، مايسىرەڭ تەگلىككە ھەر تۈرلۈك گۈللەر چېكىلىدۇ. گۈللەر دانە- دانە شەكىلدە ئوچۇق ھال ۋە قىزىل رەڭلىك يىپتا چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ تۈزۈلۈشى خۇددى كېسىلگەن لىمون دانىلىرىغا ئوخشايدۇ. يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، سۆسۈن ۋە ئوچۇق كۆكرەڭلىك يىپەك يىپلاردىن ئىبارەت. گۈللىرى، جىيىكى ئاق، قارا يىپلار ئارقىلىق گويا ھەرىنىڭ چىشىغا ئوخشاش ئاجرىتىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، چىيەك ئۈستىگە ئايرىم- ئايرىم گۈل پارچىلىرى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاستۇر.
قىزىل گۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، توق يېشىل تەگلىك، ئاق، ساغۇچ يىپەك يىپ بىلەن گويا ئۆمۈچۈك تورىدەك بېزىلىدۇ. ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن گۈللىرى قىزىل يىپەك يىپ بىلەن دانە- دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئەتراپىدىكى چاچراپ چىققان بىخلار، غۇنچىلار يېشىل رەڭدە، ئېچىلاي دېگەن غۇنچىلار بولسا شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، ئۈستى ئاق يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گۈللىرى گېئومېترىيىلىك ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ، يوپۇرماقلىرى تۈز سىزىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ دوپپىنى ياش يىگىتلەر ۋە ئاياللار كىيسىمۇ بولىدۇ.
توقۇلما گۈللۈك دوپپا— بۇ خىل دوپپا خۇددى گىلەمگە ئوخشايدۇ، ھەممە يېرىگە چىرايلىق رەڭلىك يىپلار بىلەن گۈل چېكىلىدۇ. دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ تالالىلىرى توق يېشىل يىپتا، ئۈستىدىكى گۈلى ئاق، قىزىل، ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى رەڭدىكى يىپتا بېزىلىدۇ، ئەتراپتىكى گۈل گىئومېتىرىيىلىك شەكىلدە ئوچۇق قىزىل، قىنىق يېشىل، قېىنىق بېغىرەڭ يىپلار بىلەن ئەگرى- بۈگرى قىلىپ زىننەتلىنىدۇ. دوپپىنىڭ گىرۋىكىدىكى گۈللىرىنىڭ چۆرىسى ئاق، قىزىل يىپتا، گۈللىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئاچىماق بىخلار قىزىل، توق يېشىل يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ چۆرىسى قارا مەخمەل بىلەن تىكىلىدۇ. بۇ قۇمۇل، تۇرپان خەلقىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمى.
گۈللۈك مانچېستىر دوپپا— بۇ خىل دوپپىلار ھەر خىل رەڭدىكى مەخمەل، مانچېستىرلاردىن تىكىلىدۇ، دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. گۈللىرى قىزىل، كۆك، ھال، يوپۇرماقلىرى يېشىل، غۇنچىلىرى ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپلار بىلەن چېكىلىدۇ.
مارجانگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ تېگى ئاق زەر رەختتىن تىكىلىپ، گۈللىرى يوغان- يوغان، دانە- دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستىگە ۋە گىرۋەكلىرىگە چېكىلگەن گۈل سەل سوقۇچاق بولۇپ، ھال، ئاق، قېنىق قىزىل يىپلاردا تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى يوپۇرماقلار توق يېشىل رەڭدە بولىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى پۈتۈن گۈل، يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن چۆردىلىپ بىر قاتاردىن چېكىلىدۇ. شۇنىڭدەك گۈل ئۈستىگە ۋە يان تەرىپىگە ئاق يىپەكتىن يوپۇرماق پارچىسى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەر، قىزلار ۋە چوكانلارغا خاس بولۇپ، كۇچا ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.
سەدەپ يۇلتۇز گۈللۈك دوپپا— بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. كۆك مەخمەل تەگلىككە توق سېرىق يىپەك يىپ بىلەن گۈللەر پۈتۈن، يوغان چېكىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن بېزىلىدۇ. يۇلتۇز گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر بۇلۇڭغا قىزىل مارجان قادىلىدۇ. يۇلتۇزنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدىغان يالغۇز مارجان يېشىل رەڭلىك بولىدۇ. يۇلتۇز گۈلنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى غۇنچە گۈلنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل مارجان تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، جىيەكنىڭ ئۈستىگە ئۆركەش قىلىپ ئاق سەدەپ مارجان تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا كۇچا ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، قىزلارنىڭ يارىشىملىق باش كىيىمىدۇر.
ئانار گۈللۈك مارجان دوپپا— بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ، تېگى قېنىق زىغىررەڭ مەخمەلدىن بولىدۇ. گۈللىرىنى تېگى توق سېرىق ئالتۇنرەڭ يىپتا، تۆپىسىدىكى ئانار ۋە ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ئوخشاش يىپتا، گۈلىرى ئاق ئۇششاق سەدەپ مارجاندا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گىرۋىكىدىكى گۈلگىمۇ ئانارنىڭ يوغان شەكلى چۈشۈرۈلۈپ، ئوتتۇرىسىغا چېچىكى تىكىلىدۇ.
چەكمە قىزىلگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ تېگىدىكى توق سېرىق زەر رەخكە باشقا دوپپىلارغا گۈل تىكىش قائىدىسىدىن ئالاھىدىرەك قىلىپ، يوغان قىزىل گۈللەر چۈشۈرۈلىدۇ. گۈل يېشىل يىپتا، ئۇنىڭ ئەتراپى ئاق قىزىل يىپتا، چېتىدىكى گۈلى قېنىق بېغىرەڭ چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئارىلىقى ۋە گىرۋىكىدىكى يېشىل يوپۇرماقلار ئاق يىپ بىلەن ئاجرىتىلىپ دانە- دانە قىلىپ تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئىچى ھاۋارەڭ يىپتا، ئەتراى ئوچۇق قىزىل ۋە قارا يىپتا چېكىلىدۇ،َ گويا توزنىڭ قاناتلىرىدەك يېيىلىپ تۇرغان يوپۇرماقلىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى چىرايلىق تۈس بېرىدۇ. دوپپىنىڭ يان بۇرجىكىگە توق يېشىل رەڭ يىپتا قارلىغاچ قانىتىدەك ئاچىماق قىياق گۈل چېكىلىدۇ. جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا قىزلار ۋە چوكانلارغا لايىقتۇر.
ئاق گۈل چىمەن دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى مۇرەككەپ ئەمەس. گۈللەر دوپپىنىڭ ئۈستىدىن تا ئاستىغىچە بىر خىل تۈردە، ئاق گۈل چېچەك، غۇنچىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ گۈللىرى بېغىررەڭ يىپتا، قالغان گۈللىرى، غۇنچىلىرى بولسا ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ تۆت تالاسى ئاق يىپەك يىپ ئارقىلىق بۇغۇم- بۇغۇم، گۈل چېكىلگەن سىزىقلار بىلەن ئاجرىتىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس بولۇپ، خوتەن، قەشقەر تەۋەسىدە كۆپ كىيىلىدۇ.
گۈل يوپۇرماقلىق چىمەن دوپپا— تۆت تالالىق بولۇپ، كۈلرەڭ تەگلىك رەختكە ئاق يىپەك يىپ بىلەن سىزىقلار چېكىلىدۇ، دوپپىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇققا چېكىلىدىغان يوپۇرماقلار دوپپىنىڭ كۆرۈنۈشىگە ماسلاشقان ھالدا ئاق يىپ بىلەن تىكىلىپ، چۆرىسى قارا يىپ بىلەن ئالاھىدە ئاجرىتىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئارىلىقلىرىغا، جىيەكلىرىگە ئاق يىپ بىلەن ئۆركەش شەكىلدە چىقىرىلغان يوللار دوپپىغا تېخىمۇ ھۆسۈن قوشىدۇ. ئۆركەشنىڭ ئاق يوللىرى قارا يىپ بىلەن ئاجرىتىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس.
گۈل دوپپا— تۆت تالالىق بولۇپ، كۆك مەخمەلدىن تىكىلىدۇ. ئۈستىگە بىرلا يەرگە گۈل چېكىلىدۇ. گىرۋىكىگە تۈز يول قىلىپ ئاق يىپەك يىپتا سىزىقلار تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گۈلىنىڭ يېرىمىنى قىزىل، ئوتتۇرىسىنى توق سېرىق، ئاق يىپەكتە، يان تەرىپىدىكى گۈلى قېنىق ھال رەڭلىك، غۇنچىلىرى كۆك، سېرىق رەڭلىك، بىخلىرى توق سېرىق رەڭلىك، يوپۇرماقلىرى كۆك رەڭلىك يىپلاردا بېزىلىدۇ. جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. تۆت تالاسى قىزىل يىپ بىلەن لىنىيە بويىچە ئاجرىتىلغان بولۇپ ياش بالىلار ۋە يىگىتلەرگە خاستۇر.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.
مىرئادى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 11:41:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاتام ماڭا ياخشى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24901
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 293
توردا: 3503 سائەت
تىزىم: 2011-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 11:44:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوپپا كيىشنىمۇ تەشۋىق قىلىپ قويايلى ............ھازىر دوپپىنى بەك خاتا كيىدىغان بولۇپ كەتتى بولۇپمۇ ئەرلەر ..................

ئەرلەر جەمئىيەتتە يۈزلۈك ئورۇنغا ئىگە بولمىسا يەر بولغىنى بولغان...........

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 03:17:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بىرىنچى قېلىپتىكى دوپپىغا ئوخششاش،بەك ياراشتى ماڭا،خى خى خى....... [s:139]  [s:139]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

يېرىم چېلەك سۇ ب

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39362
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3271
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 02:14:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:121]  [s:121]  [s:121]  [s:121]  [s:121]  [s:121]  [s:134]  [s:134]  [s:137]  [s:132]  [s:132]

lovebyk99 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 12:50:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش