مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: motiwarlar

ئاتا-ئاناڭلارنى پىنسىيىگە چىقىرىپ قويۇڭلا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ماڭا يۇكسەك ئىرا

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4279
تۆھپە نۇمۇرى: 747
توردا: 3525 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 06:37:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ...نىسىپ قىلسا ئوزۇم ھالال ئەمگىكىم بىلەن باقىمەن......... [s:132]

تەڭ ئىدۇق ئىككىمىز تەڭرى ئالدىدا ، ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس  دەۋىر ئالدىدا. كۈرەڭلەپ  كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن ، ئاخىرى  تەڭ  بۇلىمىز  قەبرە ئالدىدا .

ساغلام ھايات سىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33426
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7076
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 1601 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 06:55:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ......................

ھازىر نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئاتا- ئانىسىنى پىنسىيىگە چىقىرىپ قۇيۇش ئەمەس مەخسۇس بالا باققۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۋاتىدۇ ..........شۇنداقلارغا  [s:172]  [s:172]  [s:172]  [s:172]  [s:172]

ساغلام  ھايات  سىزگە يار بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31333
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4097
تۆھپە نۇمۇرى: 888
توردا: 3775 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 01:02:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  jinasta كە 2011-05-05 03:27 PMئەۋەتىلدى  :
بۇ تىمىنى  بەك ياخشى يوللاپسىز ،  يېزا نۇپۇس بولسا بولمامدىكەن . چۇشەنچە بەرسىڭىز بۇلامدۇ . ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم . ئانىلىرىمىز ئۇچۇن جاپا چىكىپسىز ، رەخمەت سىزگە .
ئىلاۋە؛ 7-ماي ئىشچىلىرى توغرىسىدا بەزى دوسىتلار تازا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولالماپتۇ.شۇڭا دوسىتلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى ۋولقان ئەمگەك سوغۇرتا بىلوگىدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلدىم.شۇ سەۋەپتىن ۋولقان بىلوگىدىكى دوسىتلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كوللېكتىپ كارخانىلىرىنىڭ ،كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان 300مىڭ پېنسىيونېرى ئاساسىي كۈتۈنۈش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2010– يىل5– ئاينىڭ21– كۈنى10:22شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ چاڭيۈەن مۇنداق دېدى:
جاڭ شىنيۈ
   ئىلاۋە: ئاپتونوم رايون يېقىندا شەھەر – بازارلاردىكى كوللېكتىپ كارخانىلىرىنىڭ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان پېنسىيونېرلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش كاپالىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مالىيە نازارىتىنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر – بازارلاردىكى كوللېكتىپ كارخانىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان پېنسىيونېرلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش كاپالىتى قاتارلىق قالدۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش چارىسى››نى ئېلان قىلدى، ‹‹چارە››نىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كوللېكتىپ كارخانىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان 300 مىڭ پېنسىيونېرىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.
  مۇخبىر: ‹‹سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش چارىسى››نى تۈزۈشتىكى سەۋەب نېمە؟
   خۇاڭ چاڭيۈەن: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر – بازارلاردا پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەن ۋە قانۇندا بېكىتىلگەن پېنسىيە يېشىغا توشقانلار 1 مىليون 830 مىڭ كىشى، شەھەر – بازار كارخانىلىرى ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە پېنسىيە پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلار 1 مىليون 330 مىڭ كىشى بولۇپ، يەنە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 500 مىڭ كىشى بار. بۇنىڭ ئىچىدە كوللېكتىپ كارخانىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان پېنسىيونېرى 300 مىڭ كىشى، شەھەر – بازارلاردىكى ياشانغانلار 200 مىڭ كىشى.
   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر تەرەپتىن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كارخانىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، تۇرالغۇ، دوختۇرغا كۆرۈنۈش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، بولۇپمۇ 2008 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت چىقىرىپ، شەھەر – بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش چارىسىنى يولغا قويۇپ، 210 مىڭ كىشىنى تۇرمۇش ياردىمىدىن بەھرىمەن قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ سىياسەت چىقىرىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ بىر تۈركۈم ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كوللېكتىپ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغانلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى نامايان قىلدى.
   مۇخبىر: تارىخىي قالدۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسى قانچىلىك؟
   خۇاڭ چاڭيۈەن: شىنجاڭنىڭ شەھەر – بازارلىرىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا ئىشلىگەن ‹‹7 – ماي ئىشچىلىرى››، ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىلىرى›› قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   مۇخبىر: ‹‹7 – مي ئىشچىلىرى››، ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىلىرى›› قانداق كىشىلەر؟
   خۇاڭ چاڭيۈەن: ‹‹7 – ماي ئىشچىلىرى››، ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىلىرى›› ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 – ، 70 – يىللىرىدا رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ‹‹7 – ماي›› يوليورۇقىغا ئاۋاز قوشۇپ نېفىت، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، بىناكارلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قاتناش – تىرانسپورت، مېتاللورگىيە، رەڭلىك مېتال، دورا ياساش، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، يېنىك سانائەت، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، ھەربىي سانائەت قاتارلىق ساھەلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى كارخانىلارنىڭ قوشۇمچە ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن ياكى شەھەر – بازارلارنىڭ كوچا باشقارمىسى، ئاھالىلەر كومىتېتلىرى قۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىش ئورنىدا ئىشلىگەن شەھەر – بازار نوپۇسىدىكى كىشىلەر، ئەمگەك تارماقلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان، رەسمىي كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىسى بولمىغان، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشمىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
   مۇخبىر: نېمە ئۈچۈن ‹‹7 – ماي ئىشچىلىرى››، ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىلىرى›› قاتارلىقلارنىڭ كۈتۈنۈش كاپالىتى مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ؟
   خۇاڭ چاڭيۈەن: ‹‹7 – ماي ئىشچىلىرى››، ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىلىرى›› قاتارلىقلارنىڭ كۈتۈنۈش كاپالىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەم تارىخىي قالدۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئېھتىياجى، ھەم شەھەر – بازارلاردىكى ئاھالىلەرنى قاپلىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى.
   مۇخبىر: ‹‹7 – ماي ئىشچىلىرى››، ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىلىرى›› قاتارلىقلارنى شەھەر – بازارلاردىكى كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش غەملەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش قاتارلىق تارىخىي قالدۇق مەسىلىلەر قانداق ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىدۇ؟
   خۇاڭ چاڭيۈەن: ‹‹7 – ماي ئىشچىلىرى››، ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىلىرى››نىڭ دۆلەت ئېتىراپ قىلغان ئىستاژى يوق، ئۇلار سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققى تاپشۇرمىغان، شۇنداقلا پېنسىيەگە چىقىش يېشىدىن ئاشقان، بۇ قېتىم ئۇلار ئالاھىدە كىشىلەر دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى مەسىلىسىگە قالدۇق مەسىلىلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
   ‹‹7 – ماي ئىشچىلىرى››، ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىلىرى›› قاتارلىقلارنىڭ پۇل تۆلەپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا ئىجازەت قىلىشتا شەھەر – بازارلاردىكى كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تۆلەش ھوقۇقى بىلەن مەجبۇرىيىتىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپى بىلەن ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. شەخسلەر 15 يىل ھەق تاپشۇرسا ئاندىن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ھەق تاپشۇرمىغانلار بەھرىمەن بولالمايدۇ، ھەق تاپشۇرغىنىغا 15 يىل بولمىغانلارمۇ بەھرىمەن بولالمايدۇ.
   مۇخبىر: سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟
   خۇاڭ چاڭيۈەن: سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار شىنجاڭنىڭ شەھەر – بازار نوپۇسىدا بولۇشى، 1996 – يىل 1 – يانۋاردىن بۇرۇن شەھەر – بازارلاردىكى تۈرلۈك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا ئىشلىگەن ‹‹7 – ماي ئىشچىلىرى››، ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىلىرى›› قاتارلىقلاردىن بولۇشى؛ ئىشلىگەن ۋاقتى ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇشى؛ 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرى قانۇندا بېكىتىلگەن پېنسىيە يېشىدىن (ئەرلەر 60 ياش، ئاياللار 55 ياش) ئاشقان بولۇشى كېرەك.
   مۇخبىر: سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەق تۆلەش ئۆلچىمى ۋە بەھرىمەن بولىدىغان تەمىناتى قانداق بولىدۇ؟
   خۇاڭ چاڭيۈەن: تولۇقلاپ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى مۇنداق: شەخسلەر 15 يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇپ، شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش ئىسچوتى ئاچىدۇ. ئەر – ئاياللارنىڭ ھەممىسى 60 ياشتىن باشلاپ تولۇقلاپ ھەق تاپشۇرىدۇ، 60 ياشقا كىرگەنلەرنىڭ تولۇقلاپ تاپشۇرىدىغان ھەققى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 33 مىڭ 500 يۈەن تاپشۇرىدۇ. 60 ياشتىن باشلاپ بىر ياش ئاشسا 1600 يۈەننى كەم تاپشۇرىدۇ، 75 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش سوممىسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، 9500 يۈەنلا تاپشۇرىدۇ.
   تەمىناتى مۇنداق بولىدۇ: بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان ھازىرقى بەلگىلىمە بويىچە ھەر بىر كىشىگە ئوتتۇرىچە 400 يۈەن بېرىلىدۇ، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كۈتۈنۈش پۇلى ئالغان ئايدىن باشلاپ، كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش ياشانغانلار ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، يەنى 70 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان پېنسىيەگە چىققانلارغا ئايدا يەنە 70 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ، 80 ياشتىن ئاشقان پېنسىيەگە چىققانلارغا ئايدا يەنە 105 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ، ‹‹7 – ماي ئىشچىلىرى››، ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىلىرى›› قاتارلىقلار شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش غەملەپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن كېيىنكى كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش تەمىناتى مېخانىزمىغىمۇ كىرگۈزۈلىدۇ؛ سۇغۇرتىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەلگىلىمە بويىچە دەپنە ياردەم پۇلى ۋە نەپىقە پۇلى بېرىلىدۇ؛ ‹‹7 – ماي ئىشچىلىرى››، ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىلىرى›› قاتارلىقلار تولۇقلاپ ھەق تاپشۇرۇپ سۇغۇرتىغا قاتناشقاندىن كېيىن، سۇغۇرتا پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ئالەمدىن ئۆتسە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئورگانلىرى ئۇلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان تەمىنات چىقىمىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش ئىسچوتىدىكى قالدۇق پۇلنى بېكىتىلگەن مەنپەئەتلەنگۈچىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
   مۇخبىر: تارىخىي قالدۇق مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىشتا قانداق قىيىن نۇقتىلار بار؟ ئۇ قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟
   خۇاڭ چاڭيۈەن: بۇنىڭدا ئاساسەن مۇنداق ئىككى قىيىن نۇقتا بار. بىرىنچى، خادىملارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش تەس بولۇش؛ ئىككىنچى، قىسمەن شەخسلەرنىڭ تولۇقلاپ ھەق تاپشۇرۇپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى تەس بولۇش.

   خادىملارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش تەس بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋاقىتلىق ئورگىنى قۇرۇپ ئاشكارا، ئادىل ئىش بېجىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىشنى ياخشى بېجىرىشكە مەسئۇل بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تەكشۈرۈش، تەستىقلاش، بېجىرىش ۋاقىت چەكلىمىسىنى سەل ئۇزارتىپ، ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە بېجىرىپ بولۇشى كېرەك.
   مۇخبىر: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈزۈملەرنى قانداق ماسلاشتۇرۇش كېرەك؟
   خۇاڭ چاڭيۈەن: ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئائىلىسىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇنلىرىغا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە كاپالەت پۇلى بېرىلىدۇ؛ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن پېنسىيەگە چىققانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، ئىلگىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى بېرىشى توختىتىلىدۇ؛ 2009 – يىل 31 – دېكابىردىن بۇرۇن 55 ياشقا توشمىغان ئاياللار، 60 ياشقا توشمىغان ئەرلەرنىڭ 1996 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ تولۇقلاپ ھەق تاپشۇرۇپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا ئىجازەت قىلىنىدۇ.
مەنبە ؛ۋولقان ئەمگەك سوغۇرتا بىلوگى

http://yixilyakut.51.com

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37259
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 837
تۆھپە نۇمۇرى: 154
توردا: 1484 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 09:29:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تىمىنى كورۇپ كوپ يەرلىرنى بىلىۋالدىم، بۇ دۇنيادا بىز بىلمەيدىغان ئىشلار بەك  كوپكەن. تىما ئىگىكە كوپ رەىمەت، بۇ تولىمۇ پايدىلنىش قىممىتى يۇقۇر  تىمىكەن.

http://yixilyakut.51.com

بەر - بەر تۈرك .( ي

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40244
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 655
تۆھپە نۇمۇرى: 154
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2011-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 11:50:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئاللاھ دۇئالىرىمنى ئىجابەت قىلغىن . ئامىن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش