مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1072|ئىنكاس: 12

تەغدىر مانا مۇشۇنداق باشلانغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39668
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 02:02:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىش  پەسلىنىڭ قەھرىتان سوغوق بىر كۈنى، تاڭ يورشى بىلەن ، يىڭى بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى، بوۋاقنىڭ تۇغۇلىشى بىلەنلە،ئائىلىگە خۇشاللىق، جەمىيەتكە ئىناقلىق،خەلىققە خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلدى.
بۈگۈن بۇ بوۋاققا ئىسىم قويۇلماقچى بولۇپ، ئۇنۇڭغا ( ئەكبەر ) دەپ ئىسىم قويدى.
ئەكبەر ، بىر مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى، ھەمدە بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئۆسۇپ يىتىلدى، ئۇنىڭ ئارزۇيى مۇشۇ ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلىشتى.
ئەكبەرنىڭ چىھرىدىن نۇر، بەدىندىن كۈچ قۇۋەت ئۇرغۇپ تۇردىغان، قەيسەر يۈرەك بالا بولدى.
ئەكبەر، كىچىكىدىنلا ئەقىل پاراسەتلىك بولۇپ، باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى باكمۇ ياخشى كۆرەتتى.
ئەكبەرنى، بولسا نۇرغۇن  تەغدىر قىسمەتلەر ۋە سىناقلار كۈتمەكتە ئىدى. ئەكبەر بۇ سىناقلارغا بەرداشلىق بىرەلەمدۇ ؟ ئۇنداقتا بۇنىڭ ھىكايسىگە قۇلاق سىلىڭ.

مەھەلىدىكى بالىلارنىڭ ھەمسى ئەكبەرنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى، ھەم  ئۇبالىلارنىڭ سەركىسى ئىدى.
بىر كۈنى ئۇ دوسلىرى بىلەن، سۇغا چۈمۈلمەك بولۇپ، دەريا بويغا كەلدى، دەريانىڭ سۈيى سۈزۈك، ئەتىراپى بولسا بۆك باراخسان دەرەخلەرىگە تولغان،
ھاۋاسى ساپ بولۇپ، تۇمەن مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ سەيلىھگاھى ئىدى.
ئەكبەر، دوسلىرى بىلەن سۇغا چۈمۈلگەچ ئويناۋاتاتتى، قارشى تەرەپتى گۈكۈرگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، بالىلار نىمىش بولغىننى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن، يۈگىرشىپ ئۇ يەرگە كەتتى، ھەمدە ھايال بولمايلا قايتىپ كېلىشتى، قارشى تەرەپتە بىر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسنىڭ يەرنى تۈزلەۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاستى دەرەخ شاخلىرى ۋە كۆتكى چىققانلىقىنى، ئەتراپتىكى چوڭ كىچىك بالىلار، ۋە ئائلىكلەرنىڭ ئەشۇ شاخلارنى يىغىشۋاتقانلىقىنى دەپ كەلدى، بۇنى ئاڭلاپ ئەكبەر ۋە دوسلىرى بارماقچى بولدى.
ئەكبەر، توختۇتۇغلۇق ماشىنىنىڭ كەينىدىن ھەدەپ دەرەخ شاخلىرنى تېرىۋاتاتتى، توساتتىنلا ماشىنا قوزغۇلۇپ كېتىپ ئۇنى بسىۋەتتى.............

ئەكبەرنىڭ، سول پۇتى ماشىنىنىڭ زەنجۈر چاقى ئاستىدا قىلىپ، پۇتى ئېغىر دەرىجىدە سۇنغانتى، ئۇنى دوختۇر خانىغا ئېلىپ بارغاندا، ئەكبەرنىڭ دوسلۇرمۇ كەينىدىن، يىرىم يالىڭاچ كىيىملىرنىمۇ تولۇق كەيمىگەن ھالدە ئەگىشىپ كەلدى.
ئۇنى دوختۇرلار كۆرۈپ تىزدىن ئوپۇرسىيە قىلىنمسا بولمايدىغانلىقىنى ئيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر يىلدىن ئارتۇق داۋالاندى، ھەمدە ئۈچ قىتىملىق چوڭ ئوپۇراتسىيەدە، ناركۇز ئوكۇلى كۆپ ئشلىتىلىپ كەتكەچكە ئەستە تۇتۇش قابىلىتى تۆۋەنلەپ خۇدىرى بولۇپ قالغانتى، ئۇ ھالىتىنى كۆرگەن ئاتا-ئانىسى، تۇققانلىرى، ۋە دوسلىرى بەكمۇ قايغۇردى.........

ئەكبەر، مەكتەپ ئوقۇش يىشىغىمۇ يىتىپ قالدى، لېكىن شۇ ناركۇز ئۇكۇلى سەۋەبىدىن، ياخشى ئوقۇيامىدى.
چوڭ بولغانسىرى خاتىرسمۇ ئەسلىگە كەلگىلى تۇردى، ئەسلىگە كەلگەن بىلەنمۇ ئوقۇشتىن مەھرۇم قالدى........
كېيىن باشقىلار دادىسغا يول كۆرسىتىشى بىلەن، ئەكبەرنى ئابتۇمبىل رېمۇنۇت قېلىشنى ئۈگىنىشكە شاگىرتلىققا بەردى.
ئەكبەر، بۇ ھۇنەرنى بەك تەسلىكتە ئۈگىنىۋاتاتتى، ئاردا ئىككى يىلمۇ ئۆتۈپ قالدى. ئەكبەرنىڭ دادىسنڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمايۋاتاتتى، دادىسنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۆزى ئۈچۈن سىڭدۇرگەن ئەجىرگە جاۋاپ قايتۇرالماسلىقىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتى.

ئاخىرى رەھىمسىز تەغدىر دادسنى ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك - مەڭگۇلۇك ئايرىۋەتتى، ئەكبەرگە بەكمۇ ئېغىر كەلگىنى، دادىسى ئۇنىڭ قولۇدا ( قان سەپىرا ) قېلىش بىلەن،
بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن جان ئۈزگەنتى.  بۇ ئەكبەرنىڭ 13 ياشقا كىرىشكە 8 كۇنلا قالغان .
چوڭلار ئەكبەرگە نەسەھەت قىلىپ كۆڭلىنى ياسايتى،كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن، ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۋاقانلىقىنى، بۇنېڭدىن كېيىن يەنە ياشىمىسا بولمايدىغانلىقىنى،دادىسنىڭ ھايات چاغلىردىكى ئشلىرنى سۆزلەپ بىرىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى تەسەللى تاپقۇزاتتى.  

ئەكبەر، ئۇلارنىڭ گىپىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى يەنىلا يىرىم ئىدى، باشقىلار بالسنى ئەركىلەتكىننى كۆرسە، ياكى دادا دېگەن سۆزنى ئاڭلىسا بەكمۇ ئازاپلىنىپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كىتىەتتى.  ئاردىن نەچچە يىللارمۇ ئۆتۈپ كەتتى.
ئەكبەر، ھۇنەرنىمۇ ھەممە شاگىتلارنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈدەك بولۇپ ئۈگەندى، ئۆزنىڭ ئۈستازىىنمۇ ئىشىپ چۈشكىدەك دەرىجگە ئۆتتى، ئۇنىڭ ناممۇ ئاخىرى چىقتى.
ئەكبەر، ئۆسمۇرلۇكتىن ياشلىققا قەدەم قويدى، چوڭ بولغانسىرى سالامەتلىكى ۋە پۇتىمۇ  پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى.  

كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى ئۇنىڭ ھۆرمىتىمۇ بارغانسىرى ئاشماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ھەرتەرەپتىن يىتىلۋتقان چاغلىرى بولچاچقا، ھسياتمۇ پەيدا بولغانتى.
ئەكبەر بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغىچىلارغا بەكمۇ ياردەم قىلاتتى، شۇنداق بولغاچقا ئۇلارمۇ ئەكبەرنى ھۆرمەت قىلاتتى، ۋە ياخشى كۆرەتتى.
كىيىن خوتەندىن ئوقۇشقا كەلگەن بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدى، قىزنىڭ ئسمىى بولسا ئاينۇر ئىدى. بۇقىزمۇ شۇنداق چىرايلىق كىلىشكەن بولۇپ ھەممە ئادەمنىڭ مەسلىكى كىلەتتى.
بۇلار بىر مەزگىل دوس بولغاندىن كىيىن مۇھەببەتلەشتى،ئاردىن ئىككى يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى.
ئەكبەر بىر قىتىم ياز پەسلىنىڭ تومۇز كۈنلىرى خوتەنگە بىرىپ ئاينۇر بىلەن كۆرشۈپ كەلمەكچى بولۇپ، يولغا چىقتى.
خوتەنگە بارغاندىن كىيىن ئاينۇرنىڭ دوسلىرى ئەكبەرنى ئانچە ياقتۇرمىدى، ھەم ئۇنى كەمسىتىپ مەسخىرە قىلدى،چۈنكى ئاينۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئەكبەر بولسا رېمۇتچىتى.......
ئۇ قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ بىكەتكە قاراپ ماڭغاندا، ئھتىياتسىزلىقىدىن يىنىدىكى پۇللارنى چۈشۈرۈپ قويۇپ يۇرتىغا كىتەلمەي تۇرۇپ قالدۇ، يىنىدا كۆپ پۇلى بولمىغاچقا، ئىككى كىچە باغچىدا ياتىدۇ، ئاينۇر بولسا ئەكبەر كىتىپ بولدى دەپ بىلدۇ.
ئاخىرى قۇرلۇش ئورنىغا بىرىپ كىرا قىلغىدەك پۇل تېپىش ئۈچۈن كېتۋاتسا، ئىلىگىرى ئەكبەرنىڭ يۇرتىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان دوستى قۇربان ئۇچىراپ قالدۇ، ھەمدە ئەخۋالنى ئيتىدۇ.
ئەكبەر  قۇربانغا ئەينى چاغدا ئوقۇۋتقان مەزگىللەردە ئۇنىڭغا كۆپ ياردەملەرنى قىلغانتى، قۇربانمۇ بۇ دوستىنىڭ قىيىنچىلىق تارتقىنىى ئاڭلاپ، ئاينۇرغا بەكمۇ خاپا بولۇپ كەتتى، ھەمدە ئەكبەرگە يىنىدىكى پۇلنىڭ ھەممىنى بىردۇ، ۋە ئۆيگە تەكلىپ قىلدۇ، بۇلار بىرۋاخ تاماختىن كېيىن خوشلاشمقچى بولدى.
ئەكبەر قايتىپ كىلىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا  باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرشى ئارقىلىق بىر شىركەتتە ئەزا بولۇپ چەتئەلگە چىقىپ كىتىدۇ.

                                                     كىتىپ قالدىم يىراقلارغا تۇرتۇمنى تاشلاپ،
                                                     تۇققانلىرىمدىن ئايرىلىپ كۆزۇمنى ياشلاپ.
                                                     تاشلاپ كەتتى دىمە مېنى ئەزىز قەشقىرىم، 
                                                     تەدبىر بىلەن قايتىمەن ئەقلىمنى رۇسلاپ. 

بىر يىلدىن كىيىن قايتىپ كىلىدۇ، ئاينۇرمۇ ئاللا قاچان باشقىلار تەرپىدىن.........
ئەكبەر بۇنچە تىز ئۆزگۈرۈپ كەتكەن بۇ قىزغا قاراپ پەقەتمۇ ئشەنگىشى كەلمىدى، ھەم ئەكبەر بۇ يۇرۇتتا قانداقمۇ يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرەمەن دەپ يەنە يۇرتنى تاشلاپ چىخكەتمەكچى بولدۇ.
ئاردىن 5 يىل ئۆتتى، ئەكبەر بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان جاپا - مۇشەققەتلەرنى، ئسسىق - سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردى.
باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى شەرەپ دەپ بىلدىغا بۇ ياش،
بىر قىتىملىق ئېغىر ئوت ئاپىتىدە، ئەكبەر ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچىرشىغا قارماي، قەيسەرلىك روھى بىلەن، 3 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان،7 قىرىنداشنىڭ ھاياتىنى، قۇتقۇزۋالدۇ .
بۇىداق خەتەرلىك پەييىتتە، پىداكارلىق بىلەن قەھىرىمانلارچە، جەسسۇر قىياپىتىدىن كىم تەسىرلەنمەيدۇ؟
شۇنىڭ بىلەن ئەكبەر، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىردىن بەھرىمان بولدۇ.  
ئەكبەر شۇنۇڭدىن كىيىن كىشىلەر قەلبىدە تېخىمۇ چۇڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ ماختاشلىرغا، ھۆرمىتىگە سازاۋار بولدۇ.
بۇ ياش كىچىكىدىنلا مۇشۇ ئالي بىلىم يۈرتىدا خىزمەت قىلىشنى،ناھايىتىمۇ ئارزۇ قىلاتتى،ئاخىرى بۇ مەخسەتكە يەتتى.
رەھمەتلىك دادسى، ھەربىي سەپتىن قايقان،ۋە كەسىپ ئالماشتۇرۇپ مۇشۇ ئالي بىلىم يۇرتىدا 33 يىل خىزمەت قىلغان.
ئەمدىلىكتە بولسا ئەكبەر، رەخمەتلىك دادىسنىڭ ئىزىنى بىسىپ، مۇشۇ ئورۇندا خىزمەت قىلۋاتىدۇ.
ئاينۇرنىڭ قىسمەتلىرنى ئەكبەر دوستلىردىن ئاڭلىشىچە ئۇ ئاللىقاچان ئۆزنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنى يوقاتقان،شۇ سەۋەپتىن يۇرتىغىمۇ كىتەلمىگەن...................

                                 دوستلۇرۇم بۇنىڭغا ئىشىنىڭلار ، بۇ بىر ھەقىقى پاجىئە، بۇنىڭدا ساختىلىق يوق !

                                         ئەكبەر ئۆزىنىڭ ئارزۇ مەقسەتلىرىگە  ئاخىرى يىتىدۇ.
                                                            مەنبە: مەرگەن

سەن مەنپەئەت ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25966
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 847
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 5169 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 05:07:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىڭىزنىڭ تىلىدىنلا ھەقىقى ۋەقە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغانتىم.
ئاللاھ ئۆزى ياقتۇرغان بەندىلىرىنى ئاشۇنداق سىنايدۇ، ئۇ يىگىتكە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!! ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33876
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1952
تۆھپە نۇمۇرى: 166
توردا: 2344 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2011-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 08:10:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپادىلەشتە ياخشى ئىپادىيەلمەپسىز،گەرچە ھەقىقىي ۋەقەلىك بولسىمۇ پەقەت ياخشى چىقماپتۇ [s:172]  [s:172]

1+1=3

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1132
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7939
تۆھپە نۇمۇرى: 265
توردا: 4366 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 08:24:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (楼兰美女) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەركەككە قەسەم كىرەك ئەمەس، ئەركەكنىڭ قىلغان ھەر-بىر سۆزى قەسەم~ ~ ~

سەرگەردان786

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38967
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2011-4-28
ئاخىرقى: 2011-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 08:32:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2-قەۋەتتىكى 罗兰美女گە     باشقىلارنىڭ ئەسىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگۈنۈپ قوي .  ئۆزۆڭ تېما يازمايسەن  باشقىلار يازسا ھۆرمەت قىلمايسەن .

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8817
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8666
تۆھپە نۇمۇرى: 279
توردا: 4140 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 10:08:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇنكى سىلە  تەنقىدىتنى ئاڭلاپ كۆنمىگەن دە، يالغاندىن بولسىمۇ ماختاپ قويسا ئۆزەڭلىنى قويدىغانغا يەر تاپالماي قالسىلەر،راسىت گەپ قېلسا قاتتىق كۆڭلۇڭلىگە تېگىپ كىتىدۇ !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39668
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 12:57:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:تەغدىر مانا مۇشۇنداق باشلانغان(مەرگەن)

قارغاندا مەن مىسىرانىمغا خاتا كىرىپ قالدىممۇ نېمە؟
بۇ مۇنبەردە ئادەمنىڭ قەدىرى يوختەك قىلامدۇ نېمە؟
ھەرقانداق بىر ئادەم بىر تېما يىزىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقت ۋە زىھنى قۈۋتىنى سەرىپ قىلدۇ؟
مىنىڭ بۇ تېمام ھەقىقەت بۇنىڭغا ئىشىنىشىڭلار، كىرەكتى مەن بۇىنى سىلەرگە ئىبىرەت بولۇپ قالارمىكىن دەپ يوللىغان ئەپسۇس............
كونىلار راس دەپتىكەن ئالتۇننىڭ قەدىرنى زەگەر بىلدۇ دەپ ھە؟
مەن بۇنداق قەدىرسىز بولۇپ يۈرگىچە ئاستا ئۆزەمنى سوراپ چىكىنگىنىم تۈزۈكتەك قىلدۇ.
باشقىلارنىڭ دىگىنى يالغان ئەمەسكەن، سۆز چۆچەكمۇ بىكاردىن چىقمايدۇدا ........

ئاللاھ يولىدا جې

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6068
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8270
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 4611 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 01:11:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  oygak2005 كە 2011-05-05 10:08 PMئەۋەتىلدى  :
چۇنكى سىلە  تەنقىدىتنى ئاڭلاپ كۆنمىگەن دە، يالغاندىن بولسىمۇ ماختاپ قويسا ئۆزەڭلىنى قويدىغانغا يەر تاپالماي قالسىلەر،راسىت گەپ قېلسا قاتتىق كۆڭلۇڭلىگە تېگىپ كىتىدۇ !!!
بۇ  مۇنبەر  قانداقتۇر مەخسۇس يازغۇچىلار چىقىدىغان سەھىپە ئەمەس . تىما يوللۇغۇچىنىڭ يېزىقچىلىق سەۋيەسىنىڭ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلىدىن بەزىبىر كەمچىللىك نۇخسانلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن . بۇ دىگەن مۇنبەرداشلارنىڭ كۆڭلىدىكى دەرتلىرىنى ، كۆرگەن ئاڭلىغان تەسىرلىك ئىش - ۋەقەلەرنى يوللاپ ، مۇنازىرە قىلىدىغان ، مۇنبەرداشلارنىڭ ھەق - ناھەقكە بولغان قارىشىنى سىنايدىغان مەيدان . يوللۇغۇچىلار مەيلى يۇقىرى سەۋيە بىلەن تىما يوللىسۇن ياكى ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلىسۇن ، سىزگە مەقسەتنى بىلدۈرەلىگەن ، باشقىلارنىڭ باھا بىرىشىگە ئىرىشكەن بولسا ، ئۇنىڭدىن ئۇنداق - مۇنداق دەپ ئەيىپ ئىزلەش دۇرۇس ئەمەس . شۇڭا كۆپچىللىك ئىنكاسنى نۇقۇل ئەسەر يوللۇغۇچىنىڭ تىل سەۋيىسىگە قارىتىۋالمىساق .

ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن، قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن. پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا، بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن.

ئاينىڭ يۈزىدىمۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4439
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5555
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 2595 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 01:34:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەدەت بىرىشنى ئۈگەنسەڭلا  ئاللاھ نارازى  بوپ قالاما؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36947
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2011-4-9
ئاخىرقى: 2011-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 03:42:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەقدىر دىگەن شۇنداق،بەزدە ئادەمنى  ئەزىزلەر ئىچدىن خار قىلدۇ . خارلار ئچدىن ئەزىز قىلدۇ.......... [s:131]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش