مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 914|ئىنكاس: 0

بۈۋى فاتىمە ۋاپات كۈنى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 04:27:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەنبە : بىلدۈر تورى


ئىسلام دۇنياسىدا << بۈۋى فاتىمە ۋاپات كۈنى >> دېگەن خاتىرە كۈنمۇ بار ، بۇ خاتىرە كۈنى قۇربان ھېيىت ، روزا ھېيىت قاتارلىقلارغا ئوخشاش  ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەممە مۇسۇلمانلار بىردەك داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدىغان خاتىرە كۈن بولمىغاچقا ، يۇقىرىدىكى ھېيىت ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلمىدى ، ئەمما زور بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بولۇپمۇ ئايال مۇسۇلمانلار تائىپىسىدە بۇ كۈن يەنىلار مۇھىم خاتىرە كۈن ھېسابلىنىپ ئالاھىدا خاتىرلىنىدۇ .

فاتىمە – مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى ئايالى خەدىچە  خۇۋەيلىددىن مەككە مۇكەررەمەدە تۇغۇلغان قىزى بولۇپ ، پەيغەمبىرىمىز ئەۋلادى بولغاچقا << بۈۋى فاتىمە >> ۋە << فاتىمە زەھرا >> ( گۈزەل فاتىمە ) دەپ ھۆرمەتلىنىدۇ . فاتىمە 18 يېشىدا يەنى مىلادىيە 623 – يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب بىلەن مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە توي قىلغان ۋە ھەزىرتى ئەلىدىن ھەسەن ۋە ھۈسەيىن ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل ھەم ئۇممۇكۈلسۈم ، زەينەب ئىسىملىك ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان . فاتىمە ئەقىللىق ، دىيانەلىك ، پىكىرچان ، سۆزمەن ، شائىر ئايال ئىدى . دادىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مەككە شەھرىنى فەتىھ قىلىش ، ۋىدالىشى ھەجى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشقان . ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىغا ئۇ بايان قىلغان 18 ھەدىس كىرگۈزۈلگەن . مىلادىيە 632 – يىلى دادىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ قاتتىق قايغۇ – ئەلەم ۋە مۇسىبەتتە بولۇپ ، دادىسىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ مەرسىيە يازغان ۋە شۇ قايغۇ – ئەلەم دەردى بىلەن دادىسىنىڭ ۋپاتىدىن كېيىن ئۇزاق  ئۆتمەي  27 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئۇنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراش بىردەك بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ كونكىرىت ۋاقتى ھەققىدە ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل قاراش بار . بىر قاراشتىكىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن << يېرىم يىل كېيىن >> يەنى ھىجرىيىنىڭ 10 يىلى رامىزان ئاي ( 9 – ئاي ) ئۆتۈپ 4 – كۈنى ( 14 – كۈنى دەيدىغانلارمۇ بار ) دەيدۇ ؛ يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر : مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن << ئۈچ ئاي كېيىن >> يەنى شۇ يىلى ھىجرىيە جامادىلئاخىر ( 6 – ئاي ) نىڭ 15 – كۈنى دەيدۇ .  ئادەتتە كۆپىرەك ھىجرىيە 6 – ئاينىڭ 15 كۈنى دەپ قارىلىدۇ . ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئاياللار تەشكىلاتلىرى بۇ كۈننى << بۈۋى فاتىمە ئايىمى >> دەپ ئاتاپ ، ئۆزلىرى بەلگىلىگەن ۋاقىت بويىچە خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ .  بولۇپمۇ شىئەلەر فاتىمەنى << بۈۋى ئانا >> دەپ ھۆرمەتلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ، بۈۋى فاتىمەنىڭ ۋاپات كۈنىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ . بۇ كنى مەسچىتلەردە دۇئا – تىلاۋەت قىلىدۇ ، ۋەز – تەبلىغ ئېلىپ بارىدۇ ، شۇنداقلا دىنى مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلايدۇ ، شەرىت – شارائىتى بارلار ئالاھىدە بېرىپ بۈۋى فاتىمەنىڭ مەقبەرىسىنى يوقلايدۇ . مىلادىيە 10 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىئەلەر شىمالى ئافرىقىدا ئۇنىڭ نامىدا << فاتىمىيە سۇلالىسى >> ( مىلادىيە 909 – يىلدىن 1171 – يىلغىچە ) دېگەن سۇلالىنىمۇ قۇرغان ئىدى

بۈۋى فاتىمە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆيۈملۈك قىزى ، خەلىفە ھەزىرتى ئەلىنىڭ دىيانەتلىك ئايالى ، ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەتكە ئىگە بولغانلىقى ، ئىسلام دىنىغا سادىق بولغانلىقى ، دادىسىنىڭ تەلىم – نەسىھەتلىرىنى بىۋاستە ئاڭلاپ ، نۇرغۇن ئىشلاردا رەسۇلۇللاھقا ھەمدەمدە بولۇپ ئىشلەپ كۆپ جاپا – رىيازەتلەرنى چەككەن ئايال مۇسۇلمابلار نەمۇنىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى رايونلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاياللار ، بولۇپمۇ تەسەۋۋۇپ ئېتقاتىدىكى ئەھلى تەرىقەتچىلەر ئۇنىڭ ۋاپات كۈنىنى << فاتىمە ئاغچا ئايىمى >> دەپ ئاتاپ خاتىرلەيدۇ . شۇكۈنى مۇسۇلمان ئاياللار ئاخۇنلارنى تەكلىب قىلىپ قۇرئان – تىلاۋەت ، تەكبىر ئاللاھ ، مەۋلۇد – سالاۋات ئۆتكىزىدۇ ياكى ئاياللار مەسچىتكە بېرىپ بۈۋى فاتىمەنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتى ، ئىش – ئىزلىرى ھەققىدىكى تەرغىب – تەرغىباتلارنى ئاڭلاپ ، ھەدىە ئاتاپ خاتىرلەيدۇ .

ئۇيغۇر ئايال مۇسۇلمانلىرى گەرچە شىئەلەردەك ياكى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى رايونلىرىدىكى مۇسۇلمانلاردەك داغدۇغىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارمىسىمۇ ، ئەمما بۈۋى فاتىمەنى ئالاھىدە ئىززەت – ئىكارام بىلەن تىلغا ئالىدۇ . ئاياللارغا خاس بىرەر ئىشنى قىلىش ئالدىدا : << مېنىڭ قولۇم ئەمەس ، بۈۋى فاتىمەنىڭ ( ياكى بۈۋى فاتىمە ئانامنىڭ ) قولى >> دەپ ئىش باشلايدىغانلىقى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە بۈۋى فاتىمەنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنىڭ قانچلىك ھۆرمەت – ئىكرامغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .

يۇقىرىدىكى ھېيىت ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلەردىن باشقا ، ئىسلام دىنىدىكى ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭمۇ بولۇپمۇ شىئە قاتارلىق مەزھەپلەرنىڭ يەنە ئۆزىگە خاس بىرمۇنچە خاتىرە كۈنلىرى بار .

****************
شۇنداق قىلىپ  ئىنشائاللاھ مىسراىمدىكى قېرىنداشلىرىمغا تىزغان بىر دەستە گۈلۈم مۇشۇ يەردە تاماملاندى . بۇ ماقالىلەر ھەممىسى شەمشىدىن ھاجىنىڭ ‹‹ مىلادىيە 1950 – يىلىدىن 2050 -يىلىغىچە ئىسلامىي ھېيىت – ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلەرنىڭ مىلادىيە ۋە ھىجىرىيە بويىچە ۋاقىت سېلىشتۇرمىسى ›› ناملىق كىتابىدىن كۆچۈرۈلدى . مەقسەت قېرىنداشلارنى ئۆزىمىزنىڭ قەدىرلىك كۈنلىرى ھەققىدە ئازىراق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ۋە ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمۈد قىشتىن باشقا ئەمەستۇر .

ماقالىلەرنىڭ مىسرانىمدىكى تىزىملىكى :

1. ھىجىرىيە يېڭى يىل كۈنى
2. مەۋلۇد
3. روزا ۋە رامىزان
4. مىئراج كېچىسى
5 . بارات كېچىسى
6. نئاشۇرا كۈنى
7 . قەدر كېچىسى
8 . قۇربان ھېيىت

ئاخىردا بىلدۈر تۇرايى نى قوللاپ تۇرىشىڭلارنى سورايمەن . ئاللاھ خالىسا مىسرانىمدىكى دوستلارغا يەنە داۋاملىق پايدىلىق خۇشپۇراق گۈلدەستىلەرنى تىزىپ تۇرىمەن .






ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم ھېيىت – ئايەملەر ۋەخاتىرە كۈنلەر
( ھىجىرىيە ۋاقتى تەرتىپى بويىچە تونۇشتۇرۇلدى )
بۇ مەزمۇن شەمشىدىن ھاجى نىڭ ‹‹ مىلادىيە 1950 – يىلىدىن 2050 -يىلىغىچە ئىسلامىي ھېيىت – ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلەرنىڭ مىلادىيە ۋە ھىجىرىيە بويىچە ۋاقىت سېلىشتۇرمىسى ›› ناملىق كىتابىدىن كۆچۈرۈلدى .( ئاللاھ كىتاب ئىگىسىدن رازى بولغاي !)

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش