|
|
|
|
يۈرىكىم،سەندىن سوراي،چىن سۆزۈڭنى ئېيتقىنا،زادى كىم ئۈچۈن مۇڭلىنىسەن؟ زادى كىم ئۈچۈن ئىزتىراپ چېكىسەن؟
قارىغىنا باھار كەپتۇ،چىرايلىقلىقىغا كۆيۈپ قالدىم-مەن!
نېمىشقا سۆزلىمەيسەن؟ باھار چىرايلىق ئەمەسمىكەن؟ قارىغىنا ئاۋۇ بىر جۈپ كېپىنەككە ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرۈپ بىر-بىرى بىلەن ئوينىشىپ كەتكىنى!
قارىغىنا،ئاۋۇ گۈلنىڭ ئۇزلىقىغا، خۇشپۇرىقى دىماقنى ياردىغۇ زادى!
قارىغىنا ،ئاۋۇ كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلىكىگە، پىلتىڭلاپ ئوينىشىۋاتقان بېلىق-بېلىجانلارنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىنى قانداق قىلاي تېخى!
قارىغىنا،ئاۋۇ تاغنىڭ مەزمۇت،زەبەردەسلىكىگە،بولسا ئادەم شۇ تاغدەك مەغرۇر بولسا-ھە؟!
قارىغىنا ،يايلاقتىكى شادىمان قويچىغا،قۇلاق سالغىنچۇ،نەي ئاۋازىنىڭ يېقىملىقىغا ....
ھەي،سېنى نوقۇپ قويايمۇ،نېمىشقا مېنىڭ گەپلىرىمگە پەرۋا قىلمايسەن؟ سېنىڭ ھېسلىرىڭ ئۆلگەنمىدى-يا؟!
يۈرىكىم،سەندىن ئۆتۈنەي،يوق كىشىلەر ئۈچۈن ئۆرتەنمە،ئۆزۈڭگە قوشۇپ مېنىمۇ قىينىما!
يۈرىكىم ،ئۆتۈنەي،كىم ئۈچۈن ئۈنسىز يىغلايدىغانلىقىڭنى ماڭا دېگىن،مەن بىلىشكە ھەقلىققۇ زادى!
يۈرىكىم ،بولدى قىل ،ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ كۈل قىلما،ماڭا سەن لازىم...
يۈرىكىم،سۆزلىگىن،قۇلاقلىرىم سېنىڭ ئۈنۈڭنى سېغىندى...
يۈرىكىم يەنىلا سۈكۈتتە.
مەن ئۇھسىندىم.
يۈرىكىم ئۆزى بىلەن سىرداشتى:
مەن ئۇنى قاچان ئۇچراتتىم،شۇندىن بۇيان گاچا بولدۇم.
مەن ئۇنى قاچان يولۇقتۇردۇم،شۇندىن ئېتىبارەن گاس بولدۇم.
مەن قاچان ئۇنىڭغا قەلبىم تۆرىدىن ئورۇن بەردىم،شۇندىن بۇيان رېئاللىقتىن يىراقلاپ كەتتىم.
مەن قاچان ئۇنىدىن باشقىنى تونۇماس بولدۇم،شۇندىن بۇيان ئۆزلىكىمنى يوقاتتىم.
مەن قاچان ئۇنىڭ ئالىمىگە شەيدا بولدۇم،شۇندىن بېرى ئۆز ئالىمىم چۆلدەرەشكە باشلىدى.
لېكىن ئۇ كىم؟
ئاھ،يۈرىكىم،مېنى قورقۇتما، كىم ئۈچۈن شۇنداق بولدۇڭ،زادى كىم ئۈچۈن؟!
يۈرىكىم يەنىلا سۈكۈتتە.چۈنكى بۇ سوئالغا ئۇمۇ جاۋاب ئىزدىمەكتە...
كىم ئۈچۈن؟
م.م پارلاق
2011-5-5
|
|
|
|
|
|