ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 34قەۋەت Bashliq كە 2011-05-08 01:33 PMئەۋەتىلدى :
17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۇ ئاساسەن ياركەنت خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى، خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان موڭغۇل ئەۋلادلىرى ۋە موڭغۇل قەبىلىلىرىمۇ بارا-بارا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى. 1609-1610-يىللىرى ياركەنت خانلىقىنىڭ خانى مەھمۇدخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغلى ئەھمەدخان تەخت ۋارىسى بولدى، جەمەت ئىچىدە نىزا يۈز بېرىپ، خانلىق زاۋاللىققا يۈزلەندى. ئىسلام دىنىدىكى خوجىلارنىڭ كۈچى يەنىمۇ ئۇلغىيىپ، ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلاردىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپ شەكىللەندى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش-تالاش توختىماي داۋام قىلدى. 1680-يىلى ياركەنت خانلىقى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا باش كۆتۈرگەن جۇڭغارلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى. غالدان ياركەنت خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئوردا ئەزالىرىدىن بولغان ئابدۇرېشىتنى يۆلەپ خان قىلىپ تىكلەپ، .............
=============================
ئەينى چاغدا مىرزا ئابابەكرى دېگەن بۆلگۈنچىلەر خانلىقنىڭ ھاكىمىيتىنى قولغا ئېلىپ خەلق بېشىغا بىر مەزگىللىك قىرغىنچىلىق ۋە بالايىئاپەتلەرنى سالغاندىن كېيىن، سابىق خانلىقنىڭ سەرسان ئەمەلدارلىرى ۋارىسى بولمىش ئابدۇرەشىتخان كابۇلدىكى قېرىنداشلىرى ئارقىلىق كۈچ توپلاپ مىرزا ئابابەكرى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، تارىختىكى بۈيۈك سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە سوپا ئىشانلارنىڭ كۈچى بىلەن جۇڭغاردىن چىققان غالدان ئۇشبۇ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ۋەيران قىلغان ئەمەسمۇ......
.......
مىرزا ئابابەكرى ئۆزئىچىگە ئالغان دوغلات جەمەتى نۇرغۇن يىللار قەشقەر گە بۆلىنمە ھالدا ھۆكىمىرانلىق قىلغان ، سابىق خانلىق بولغان چاغاتاي خانلىقىنىڭ (يەنى موغۇلىستاننىڭ ) ۋارىس خاقانى بولغان سەئىدخان(ئابدۇرەشىد خان ئەمەس،ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ ئوغلى ،تەخىت ۋارىسى ) كابۇلدا بىرمەزگىل بىر نەۋرە قېرىندىشى بابۇر شاھ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزبېكلەرگە قارشى كۆرەشلەرگە قاتناشقان ،ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغان ، سەئىدخان شۇ ؛ئارقىلىق كۈچ توپلاپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ مىرزا ئابابەكرىنى يوقاتقان ۋە ئەڭ ئاخىردا1514- ياركەند سەئىدىيە خاندانلىقىنى قۇرۇپ چىققان .