مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6042|ئىنكاس: 22

ئانامغا مەرسىيە (مۇخەممەس) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 784
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13594
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 3270 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 09:24:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانامغا مەرسىيە

(ئالاھىدىن ئابدۇرېشىتنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس)

(بۇ مەرسىيەنى ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق ئانىلارغاھۆرمەت بېغىشلايمەن)

 

ئانا ، چولدە يىگانە توغراقلارغا يىغلايمۇ ؟

ئۇرۇق-تۇققان تەڭتۇشۇڭ ئامراقلارغا يىغلايمۇ ؟

سەندىن قالغان ئايۋىنىڭ قازناقلارغا يىغلايمۇ ؟

ئانا، تەقدىر قىسمىتى - چاقچاقلارغا يىغلايمۇ ؟

سىېنى مەندىن ئايرىغان تۇپراقلارغا يىغلايمۇ ؟

 

كۆرەي دىدىم، بالدۇرراق جاپايىڭغا چىدالماي،

‹‹بالام›› دىگەن مېھرىڭڭە، ئاۋازىڭغا چىدالماي،

مىڭ قۇياشنىڭ تەپتى بار دىدارىڭغا چىدالماي،

يىغلاپ تۇرۇپ تۇغۇلدۇم، پەريادىڭغا چىدالماي،

ماڭا يىگەن شۇ ئاچچىق تولغاقلارغا يىغلايمۇ ؟


سەۋەپكارى بىر ئۆزۈڭ تەۋەللۇتۇم، تويۇمنىڭ ،

سەن ئانىسى مەن ئەمەس، مىللىتىمنىڭ،قوۋمىمنىڭ،

قات قېتىغا سىڭدۇردىڭ ئادەملىكنى قەلبىمنىڭ،

جاراڭلايدۇ ئاۋازىڭ  ساداسىدا  روھىمنىڭ ،

«ئەللەي بالام» دەپ قاتقان قوشاقلارغا يىغلايمۇ؟

 

قانلىرىڭ بار يۈرەكتە يۈرۈگۈڭدىن قېتىلغان ،

 غۇرۇرۇڭ بار جىسمىمدا غۇرۇرۇڭدىن چېچىلغان ،

تامغۇسى بار ئەجداتنىڭ قوللىرىڭدا بېسىلغان ،

چېچىكى بار گۈلۈڭنىڭ سېغىنچىمدا ئىچىلغان،

باھارىڭدا توزىغان  ياپراقلارغا  يىغلايمۇ ؟

 

ئانا ! دىدىم تەلمۈردۇم ئىشىكلەردە دىۋانە ،

تۇپراق بېشى، قەبرەڭدە بولۇپ يۈردۈم پەرۋانە،

بىلمەپتىمەن قەدرىڭنى بولمىغاندا سەرسانە،

قۇرۇپ قالدىم  قەلبىمنىڭ چۆللىرىدە يىگانە،

كۆز يېشىمدەك سۈپ-سۈزۈك بۇلاقلارغا يىغلايمۇ؟

 

زىمىستاندا پەريادىم، باھارىم يوق تومۇز يوق ،

ئانا! دىدىم ئېرىدىم مېھرىبان يوق گۈل يۇز يوق،

ئاق كۆڭلۈڭدەك ئاقاردى چاچلىرىمدا قۇندۇز يوق ،

ئۆچتى قۇياش سامادىن، تۈنلىرىمدە يۇلتۇز يوق،

ئانا، ئۆزۈڭ ياققان شام - چىراقلارغا يىغلايمۇ؟

 

يۈرۈگۈمدە سەن ياققان چىراقلار بار، نۇرلار بار ،

ماڭا قالغان ئارزۇيۇڭ نىشانىڭ بار، يوللار بار ،

سېغىنچىمدا يېزىلغان داستانىم بار، قۇرلار بار

سۆيۇپ-سۆيۇپ قانمايمەن سەن سۇ بەرگەن قوللار بار،

تاۋاپ  قىلىپ تەۋەررۇك  ئاياقلارغا  يىغلايمۇ؟

 

غۇرۇرۇڭ بار ئوغلۇمدا، ئىللىقلىقىڭ تەپتىدە ،

ھارمايدىغان كۈچ-قۇۋۋت بويلىرىڭ بار بەستىدە

دۇئايىڭدۇر كاپالەت ئەۋلادلىرىڭ بەختىدە ،

قىزلىرىمدا مىھرىڭ بار، يۇرىكىڭ بار كۆكسىدە،

ئىللىق كۈلكەڭ پارلىغان زىناقلارغا يىغلايمۇ ؟

 

يىغلاپ كەتتىم بۇقۇلداپ ،قەبرەڭگە قۇچاق ئاچتىم،

بىلەلمىدىم قەدرىڭنى، ئانا دەپ قوشاق قاتتىم ،

سەن قالدۇرغان چەكمەننى، بېشىمغاقويۇپ ياتتىم،

قىلالمىدىم زىكرىڭنى، بوز تورغايغا دان چاچتىم،

روھىڭ مەندىن سورىغان سوراقلارغا يىغلايمۇ ؟

 

ئىچۈرسەڭچۇ شاھادەت قوللىرىڭدا «بالام!»دەپ ،

بېزىسەڭچۇ جىنازام، گۈللىرىڭدا «بالام!»دەپ ،

كېپىنىمنى تىكسەڭچۇ ،يىپلىرىڭدا «بالام!»دەپ

ئېڭىكىمنى چاتساڭچۇ رومىلىڭدا «بالام!»دەپ،

چۈشلىرىمدە كېرىلگەن  قۇچاقلارغا  يىغلايمۇ ؟


يەتكۈزەرمەن مۇقەددەس پەرزىڭگە دەپ ئىش باشلاپ،

ياشارمەن دەپ دۇنيادا سېنى يۇدۇپ- ھاپاشلاپ،

لېكىن بالدۇر كەتتىڭغۇ ، مېنى يىگانە تاشلاپ،

ئېسىلدىمغۇ ئانا ! دەپ جىنازاڭنى باغاشلاپ ،

ماڭا بەرگەن ھىكمىتىڭ - ساۋاقلارغا يىغلايمۇ ؟

 

ئاق كۆڭلۈڭدەڭ ساپلىقنى ئۇدۇم قىلدىڭ نەۋرىگە ،

كۆز يېشىمدا  سۇغۇرۇپ  گۈل تېرىدىم  قەبرىگە ،

ھېچبىر ئازاپ تەڭ بولماس ئانىسىزلىق دەردىگە ،

كۆز يۇممىغاي ئانىلار، نالە قىلدىم تەڭرىگە!،

يۈرىكىمنى ئۆرتىگەن پىراقلارغا يىغلايمۇ ؟

 

مەنبە: ياۋايى ئىجادىي ئەسەرلىرىمدىن .

بۇ مۇخەممەسنى مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىگە تەۋسىيە قىلىمەن .

2011-يىل 6-ماي قەشقەر 


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
fatima + 200 بەك ئىسىل
wali0998 + 500 ياخشى يېزىلغان ئىجادىي تىما
YuqunAdam + 500 نادىر ئەسەر بوپتۇ
sargarda + 100 ئېسىل  چىقىپتۇ  بۇرا
تاڭنۇر + 500 ئىسىل ئەسەر ، نەق يۈرەككە تەگدى

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1800   باھا خاتىرىسى

قىلالمايمەن دىي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 611
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12390
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7780 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 10:25:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ مۇكاپاتقا تەۋسىيە قىلىمەن ، ھارمىغايسىز. [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

♥زىمىن بىرىنجى ۋ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18299
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7573
تۆھپە نۇمۇرى: 1016
توردا: 5586 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 10:41:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر  دۇنيادا  ھەقىقىي پاك ،ھەقىقىي ساپ  ۋە  ھەقىقىي مۇكەممەل مۇھەببەت
بار دېيىلسە  ئۇ دەل  ئانىنىڭ  بالىغا  بولغان  مۇھەبىتىدۇر ....

بۇ  مۇخەممەس  بەك ياخشى  يېزىلىپتۇ ،،،
تېخىمۇ  تېرىشىڭ .. سىزگە  مۇۋەپىقىيەتلەر  يار بولسۇن !


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 784
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13594
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 3270 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 11:19:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان دوستلارغا تەشەككۇر !

يۇرت_ئوغلانى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6231
تۆھپە نۇمۇرى: 226
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 11:56:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (ruhsana) نىڭ يازمىسىغا

ياخشىمۇ سىز مەن بۇناخشىنى ئۇزىندىن بىرى ئىزداۋاتتاتتىمبۇ ناخشىنىڭ تور ئادىرسىنى دەپ بىرەلەسىز مۇ ؟

♥زىمىن بىرىنجى ۋ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18299
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7573
تۆھپە نۇمۇرى: 1016
توردا: 5586 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 02:05:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4-قەۋەت (XARULHAN007) نىڭ يازمىسىغا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 784
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13594
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 3270 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 09:15:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستۈنكى قەۋەتتكىلەرگە:  

كۆز ياشلىرىم بىلەن يازغان ئەسەرلىرىمگە ئېلان قىستۇرۇۋالمىسىڭىزچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38282
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3375
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2011-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 10:57:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى چىقىپتۇ، مەنمۇ پەقە ت ئۈزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم، قەلىمىڭىزگە تەشەككۈر. [s:166]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 784
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13594
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 3270 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 11:38:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇچۇن ئادەم ،سەرگەردان،تاڭنۇر قاتارلىق بۇرادەرلەرنىڭ  <ئانامغا مەرسىيە > ناملىق ئەسىرىمنى ئوقۇپ باھالاپ مۇكاپاتلىغىنى ئۈچۈن تەشەككۇر ئېيتىمەن !

زامان ساڭا باقمى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8692
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8517
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3471 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 03:57:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا  ياۋايى!!! سېنىڭ مۇنداق ئۇستا شائىرلىقىڭنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام سەن بىلەن كۆرۈشكەن قولۇمنى بىرەر ھەپتىگىچە يۇيماي يۈرەركەنمەن. ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسەن!!!

دۇنياغا قارىسام كۈلگۈم كېلىدۇ دەرت ئەلەم ئىچىدە ئۆلگۈم كېلىدۇ بىراۋدىن كەلمىگەچ قىلچىلىك شەپقەت تەنھا جىمجىت يۈرگۈم كېلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش