مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 607|ئىنكاس: 10

ئارىچىغا راستىنلا ئالتە تاياقمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

اللە مىھرىبان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30435
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1709
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 729 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 12:18:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ ھۆكۈملۈكنى چىقىرىشتىن ئاۋۋال <ئارىچى >دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئۈستىدە توختىلايلى. <ئارىچى> دېگەن سۆز ئارلاشقۇچى، ئارىسىغا كىرگۈچى دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈردىغان بولۇپ، ئىككى زىدىيەتلىك قارمۇ -قارشىلىقنىڭ ئارىسىغا كىرىش ئارقىلىق زىدىيەتنى پەسەيتىشنى كۆرسىتىدۇ.
  خەلق ئارىسىدا قوللىنىۋاتقان مەنا دائىرىسىدىن قارىغاندا، <ئارىچى >دىگەن سۆزگە زىدىيەتنى پەسەيتكۈچى، تۈگەتكۈچى، كۆڭۈل بۆلگۈچى، ئىتتىپاقلاشتۇرغۇچى دىگەن مەنالار بەكمۇ يىقىن تۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئابدۇكېرىم ئابلىز باشچىلىقىدىكى <<ئارىچىغا ئالتە تاياق >>ناملىق ئىتۇتتىكى ھوشۇر قارى ئوبرازى بەكمۇ ماس كېلىدۇ. <<ئارىچىغا ئالتە تاياق>>ناملىق ئىتۇتتا ھوشۇر قارى ئاغىنىسىنىڭ ئائىلە ماجراسىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تۈگەتمەكچى، ئىككىسىنى ياخشىلىماقچى بولىدۇ، قىسقارتىپ ئېيتقاندا <ئارىچى >بولىدۇ. ئەمما زىدىيەتنىڭ كوملىماتسىيە نۇقتىسىغا كەلگەندە، زىدىيەت تەرىپىدىن تېپىك يەيدۇ.
  رىئاللىقتا باشقىلار ئارىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، جىدەللەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن <ئارىچى>بولۇپ چوڭ جىدەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغان، زىدىيەتنى پەسەيتكەن، ئەر-ئاياللار ئارىسىنى ياخشىلىغان، خاتاغا قارشى توغرىنى قۇۋۋەتلىگەن ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. بەزەن ھاللاردا بۇنداق < ئارىچى >لار قارمۇ-قارشى زىدىيەتنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرايدۇ. دەل مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا <<ئارىچىغا ئالتە تاياق>>دىگەن ھۆكۈملۈك مەيدانغا كەلگەن.
   <<ئارىچىغا ئالتە تاياق >>دىگەن ئىبارىنى كەڭ خەلق ئاممىسى بىر قەدەر ئومۇملاشقان قائىدە سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنى ماقال دىمەي ھۆكۈملۈك دېيىشىمدىكى سەۋەپ دەل ئۇنىڭ خاتا ھۆكۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
   ئۇنداقتا <<ئارىچىغا ئالتە تاياق >>دىگەن ھۆكۈملۈكنىڭ خاتالىقى نەدە؟ دەل ئۇنىڭ <<ئالتە تاياق >>دىگەن نەتىجىسىدە. بۇ خاتا ھۆكۈملۈكنىڭ كىشىگە بېرىدىغان بىۋاستە تەسىرىدىن قارىغاندا، ئۇ كىشىلەرنى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشماسلىققا، ناھەقچىلىكنى كۆرسىمۇ، كۆرمەسكە سېلىپ ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشكە ئۈندەيدۇ. بۇ ئىبارە بىزنىڭ <<ئىنسان ئىنسانغا قەرىزدۇر >>دەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇرىمىزغا يۈگەن سالىدۇ. خاتا بىلەن توغرا زىدىيەتلەشكەندە،  توغرا، ناھەقچىلىككە ئۇچراۋاتسىمۇ، ھەقىقەتنى قوغدىماي، ئەكسىنچە <<ئارىچىغا ئالتە تاياق >>دېگەن ئىبارىنى ئەجداتلاردىن قالغان تىلتۇمار سۈپىتىدە مەسئۇلىيەتسىز خامۇش كۆڭلىدىن تەسۋىي سېرىغاندەك ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ غورۇرسىزلىقىغا تەسەللى تاپىدىغان خارەكتىرنى يېتىلدۈرىدۇ، خالاس.
  ئۇنداقتا بىر-بىرىنىڭ ھالىغا مۇڭ بولمايدىغان، ئىشلىرىغا ئارلاشمايدىغان، ئۆزىنىڭ پاشىسىنىلا قورۇپ، ئاجىزلارنىڭ پاشىغا يەم بولىشى بىلەن كارى بولمايدىغان خارەكتىر تەرەققى قىلسا، شۇ <<ئالتە تاياق >>لاردىن قورقىدىغان قورقۇنچاق كىشىلەر كۆپەيسە، ئويلاپ قالدىم، شۇ خارەكتىر ۋە شۇ توپتىن تەركىپ تاپقان توپنىڭ تەغدىرى قانداق بولار؟
  قارىغاندا <<ئارىچىغا ئالتە تاياق >> دىگەن خاتا ھۆكۈملۈكنىڭ كۈلكىلەر بىلەن تەشۋىق قىلىنغىنىدىن قارىغاندا، ئەسئەت قۇرباننىڭ :
                       توغرىنىڭ ئۇلىدىن كېسەك تەگسە بېشىمغا،
                       يارىلسا باش، بەختىمگە بولغۇسى تامغا.
دېگەن بېيىتى توغرىدەك قىلىدۇ.

 مەنبە: يۈگەن   2011-يىلى4-ماي غۇلجا شەھرى

دۇنيادا ئەسكى ئادەم بولمايدۇ، پەقەت مەلۇم ھەركىتى ئەسكى بولىدۇ. -يۈگەن

خوراز چصللصماقت

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2645
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10664
تۆھپە نۇمۇرى: 526
توردا: 10423 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 01:12:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئارىچىغا راستىنلا ئالتە تاياقمۇ؟  

ئارىچىغا ئالتا تاياق دىگەن سوز ئومۇملاشقاندەك قىلغان بىلەن، ۋاختى كەلگەندە بۇ سوز ھەر بىر كىشىنىڭ ئىدىيىسىدە قايتۇرغان ئىنكاسى ئوخشاش بولماسلىغى مۇمكىن. ئارلىشىدىغان ۋاقىت بولدۇ ،ئارلاشمايدىغان ۋاقىت بولدۇ. ۋەزىيەتنى توغرا كۇزەتىپ ئارىغا كىرسىڭىز ئالتا تاياق ئەمەس ئالتە ساۋاپ تېپىشىڭىز مۇمكىن..

بالام خوراز چىللىغىلى نەۋاق تېخىچە ئويغانمىدىڭما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3825
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7260
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 9795 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 01:12:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن  بەزىدە مۇشۇنداق ئەھۋالغىمۇ  دۇچ  كىلىدىكەن    ..مىنىڭ  بىشىمدىنىمۇ  ئۆتكەن  لىكىن  مىنىڭ  نىيتىم  بەكمۇ ياخشى ئىدى........بەلكىم توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن بولغۇيمىتىم  دەپمۇ  ئويلاپ قالىمەن.........

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 01:13:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئارىچىعا ئالتا تاياق» بۇ بىزنىڭ جەمىيىتىمىزنىڭ حاتالىقى
جەمىيىتىمىزدە تۅگە كۅردۉڭمۇ ياق  دىگنلىك توعرىدەك تۇرۇدۇ بولمىسا كۅرگەن ئادەم حەي  ..........

يۈرەك قانېمىغىچ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18529
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4021
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 01:27:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
" ئارىچىغا ئالتە تاياق " مەيدانغا كەلگەندىن كىيىنلا " ئۆزەڭنى بىل ئۆزگنىنى قوي " مۇ ماس ھالدا تەرەققىي قىلماقتا .

ھايات يالىڭاچلىنىپ ئاياللارغا ئايلانماقتا ، ياشار ئۇندا ئەركەكلەر سەرسان !

ئۆزىڭزگە ئىشىنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31448
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1419
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 01:33:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارچىغا ئالتە تاياق دەپلا سۆزلەپ كىتىپسىلەرغۇ؟ [s:181]

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38776
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 436
تۆھپە نۇمۇرى: 9
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2011-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 09:19:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

اللە مىھرىبان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30435
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1709
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 729 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 10:34:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  inaqliq كە 2011-05-07 09:19 AMئەۋەتىلدى  :
ئەمدى قىلغىلى غەيۋەت قالماي ئاتا بوۋىمىزدىن قالغان ماقال تەمسىللەرنى ئىنكار قىلغىلى تۇرساق بولمايدۇ بالىلار، بۇ نەچچە مىڭ يللىق تۇرمۇش تەجرىبىسىدىن كەلگەن ، خۇددى بەزى ياش بالىلار ساقىلىنى ھەپتە ئۆستۈرۈپلا جەننەتنىڭ قازىسى بولىۋالغاندەك گەپ بوپتۇ بۇ...
   ھا ھا ھا ئۇ ھەرگىزمۇ ماقال ئەمەس قېرىنداش!..ئەجداتلاردىن قالغان ئىبارىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئۇ زامانلاردىمۇ تىلغا ئۇستا، ھەييار كىشىلەر كۆپ ئۆتكەن..

دۇنيادا ئەسكى ئادەم بولمايدۇ، پەقەت مەلۇم ھەركىتى ئەسكى بولىدۇ. -يۈگەن
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38776
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 436
تۆھپە نۇمۇرى: 9
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2011-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 10:42:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بالام،مەن يىنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4921
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 320
توردا: 5980 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2012-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 01:16:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوشنىڭىز ئۇرۇشۇپ قالدى دەيلى:سىز كىرىپ ئۇلارنى ئاجراتماقچى بولدىڭىز.ئەتىسى مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىشىڭىز چۇقۇم.1-سىزدىن نۇمۇس قىلىپ،سىزگە گەپ قىلماسلىغى مومكىن.2-<تاماشامنى كۆرگىلى كىرىپتۇ>دەپ سىزدىن ئاغرىنىشى مومكىن.ئەڭ ياخشىسى ئەر-خۇتۇنلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشمىغان تۈزۈك.

ئاۋال بىلىپ ئاندىن سۆزلە،ئالتۇن تېپىپ ئاندىن خەجلە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش