مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4259|ئىنكاس: 13

داڭگال تەپەككۇر ئەلبۇمى <2-بۆلۈم> [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14478
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2543 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 11:11:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
( سەمىمى ئەسكەرتىش؛ بۇ يازمىنى ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشى مەنى قىلىندى.شۇنداقلا بايقالسا جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمەن.)

    1-مىنىڭ ھەقىقى خوشاللىقىم كىشىلەر تىلىدىكى ئەمەس دىلىدىكى كىملىكىم.

    2- مەن چىرايىم،بوي -تۇرقۇم ۋە ھەم تۇرمۇشۇم،ھاياتىمنىڭ ئۆزگەرگىنىدىن ئەمەس قەلبىم،قارىشىم ۋە ھەم تەپەككۇر قەترىللىرىمنىڭ رەڭگا-رەڭلىگىدىن سۆيىنىمەن.

   3- ماڭا قارا،قايغۇ ۋە ئازاپلىرىمنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئىتىراپ قىلالىغاچقا ئۈمۈت ۋە ئىقباللار مىنى بېشىغا ئېلىۋاتىدۇ.

   4- ساڭا ئېيىتسام ،مەن كۆتۈرگەن ئەپكەشنىڭ بىر ئۇچىدا نامراتلىق يەنە بىر ئۇچىدا بايلىق ئېغېرلىغى بار.

  5- مەن خەلقىمنىڭ ئىسمىمنى بىلمەسلىكىدىن  رەنجىمەيمەن،ئەمماكى قىلغان -ئەتكەنلىرىمنى ئەسلەپ تۇرغىنىدىن ھوزۇرلىنىمەن.

  6- شۇنداق،مەن يازغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ تولۇق چۈشۈنۈپ كىتىشىنى خالاپ كەتمەيمەن. راستىنى دىسەم مەن سىلەر ئۈچۈن ئەمەس كىيىنكىلەر ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن.

  7- دەرۋەقە، بىز بارلىق يالغانلارنى توقىۋاتىمىز،ساختىلىقلارغا  يول قويۇۋاتىمىز .تۇرمۇشىمىز،ھاياتىمىز،كەچمىشلىرىمىزنى پەردەزلەۋاتىمىز ،دۇنيانىمۇ نىقاپلاشتىن باش تارتمىدۇقيۇ ھەقىقى نەپرەتلىنىشكە تىگىشلىكلىكى ئۆزىمىز ئىكەنلىكىگە چىن پۈتمىدۇق.

  8-بىز ئېرىشمەكچى بولغان خوشاللىق تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۆتكەن دەقىقىللىرىمىزنى تۇيدۇرماي سىپاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

9-شەخسىيەتسىز تەپەككۇر-پىكىر يۈرگۈزۈش ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۇلى.

  10-ئوي-پىكىر ۋە ھېس- تۇيغۇللىرىمىز قانچىكى يېقىنلاشقانسىرى ھازىر جاۋاپلىقىمىز شۇنچە دادىللىشىپ بارىدۇ.

  11-پەقەت مەنىۋىيىتىمىزدىكى بوشلۇق بولىدىكەن رىئالدىكى پاكىتلار ئالدىدا تېڭىرقاپ قېلىشىمىز تۇرغان گەپ.

  12- ئۆزىمىزنى چۈشۈنۈش يولىدا نۇرغۇن نەرسىلەرگە قۇربانلىق بىرەلىگىنىمىزدىلا ھاياتىمىزدا ئۆلمەس مەنالارنىڭ قالدىغانلىقىغا جاۋاپ تاپىمىز.
  
  13-بىزدە ئۇچۇۋاتقانلارنى قارشى ئالىدىغانلاردىن تىللايدىغانلار كۆپرەك.

  14- ئاياللىرىمىزنىڭ قانچىلىك پەسلىكى ئەرلىرىمىزنىڭ قانچىلىك <ئېسىل>لىغىنىڭ <بۈيۈك نەتىجە> سى.

  15-بىز قەدىرلىنىشنى ،سۆيۈلۈشنى،ئۆلمەسلىكنى ئويلىساق ئۆزىمىزدىن ھالقىيالىشىمىز كىرەك.

  16-توۋا،چولپانلىرىمىز ئىلان ئارقىلىق تولنىلىۋاتامدۇ ياكى كۇرسىنى يوقىتىۋاتامدۇ؟!

  17-بىزنى يۈگۈرۈك قىلىپ ،كاللىمىزنى بىخۇتلاشتۇرۇپ ،ئەقىلسىز قىلىۋىتىپارغىنى بېر قېسىم ئادەت ۋە ئەھكاملىرىمىزدىن باشقىسى ئەمەس.

  18-ھاياتىڭ بەدىلىگە كەلگەن شادىيانلىرىڭ خەلىق پۇلى بىلەن جۇلالانغان بولسا -پاھ! بۇ سېنىڭ ئېرىشكەنلىرىڭمۇ؟

  19-غورورنىڭ يەنە بىر تەرپى ئۇ سېنى بىلىپ بىلمەي مەغلۇبىيەتكە داقىرتىپ سۆرەپ كىرىدۇ.

20-كىملىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئەمەس ئادىمىلىك گۇۋاھنامىسى بولالىغىنىدىلا سەن پەقەت سەن ئىكەنلىكىڭگە يىتىسەن.

21-ئۆزىڭنى چۈشۈنۈش ھارۋىسىنى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەيدانلىرىغا ئاستا-ئاستا سۆرەپ كىرگىنىڭدىلا سەن يولۇقتۇرغان ھەر بىر دوقمۇشلار دىلىڭغا چىراق يېقىپ تۇردۇ.

22-ھايات بىر بۇلاققا ئوخشايدۇ،گەپ سېنىڭ ئەشۇ بۇلاق سۈيىنى قانداق ئېچىشىڭدە قالدى.

23-قانائەت ئارمانلىرىڭدىن ئۈستۈن كىلەلىگىنىدىلا تېخىمۇ كۆپ بەخىت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

24-مۇھەببەت ئۆز نۆۋىتىدە سىنى بىر شەخسى ھۆكىمران بولۇشقا ئۈندەيدۇ.ئەپسۇسكى،سەن بۇ ھوقۇقنى قولۇڭغا ئالغاندا ئۇنىڭ شېرىنلىرى بارا- بارا سەندىن يىراقلىشىشقا باشلايدۇ.

25-مۇھەببەتنىڭ شېرىنى ۋە گۈزەللىكى دەل سەن بۇ يولدا ئىزدەنگەن مۇشاقەتلىرىڭدىن تېپىلىدۇ.

26-مەسىللەرگە ۋە شەييىلەرگە كۆڭۈل كۆزۈڭ بىلەن ئەمەس ئەقىل كۆزۈڭ بىلەن قاراپ باھا ۋە ئىزاھ بىرەلىگىنىڭدە ئاندىن ئاداشمىغان بولىسەن.

27- ئۆزەڭ ياشاۋاتقان موھىت ۋە رىئالدىن قاچقىنىڭ ئۆزەڭنى ئۇنتۇغۇنىڭ بىلەن باراۋەر.

28- ياشاشنىڭ مۇدداسى ۋە مەقسىدى كۆز ئالدىڭدىكى ئەملىيەتنى قانچىلىك توغرا بىر تەرەپ قىلالىغىنىڭ بىلەن ئۆلچىنىلدۇ.

29-بىپەرۋالىق ئەملىيەتتە زېھنىمىزنىڭ چېچىلىپ ،خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ دۆت بولىۋال دىگەن مەنانى ئىپادىلىمەيدۇ.بەلكى مۇناسىۋەتسىز ئەتراپىڭغا ئازراق ئارلاشساڭ زېھنىڭنى يېغىۋالالايسەن دىگەن ئۇقۇمدىن باشقىسى ئەمەس.

30-يول قويۇش ئەمەس يول قويۇشنى بىلىش سېنى نۇرغۇن <ئۇھ> لاردىن خالاس قېلىدۇ.

31-ھېسيات كونتورۇللىغىنى يوقاتسا خۇدۇڭ تۈگىشىدۇ، خۇدۇڭ تۈگەشسە بېتىڭ ئۆچىدۇ.

32-قەلبىڭدىن چېقرالمىغان مۇھەببەتلا ئەڭ قورقۇنۇشلۇق.

33-مۇھەببەت يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلسە ئەسەببىلىشىدۇ ،ئەسەببىلىك قايناپ -تاشسا سىنى ۋەيران قىلىدۇ.

34-جىسمىڭ قۇدۇقتا،پۇت-قولۇڭ چۈشەكتە بولسىمۇ ئەقلى تەپەككۇر قىلىشنى بىلسەڭ دۇنيا يەنىلا گۈزەل كۆرۈندۇ.

35-ئۆزەڭنىڭ ياخشى تەرىپلىرىنى ئېيىتىشتىن قورۇقما،راسچىللىق بىلەن بىمالال ،توغرا ئوتتۇرغا قويالىساڭ بۇ سېنىڭ ئەخلاق-سۈپىتىڭ.

36-مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىلا نەتىجىنىڭ قانچىلىك تاتلىقلىقىنى،ئارمانلىرىڭنىڭ شۇنچىلىك ئاچچىقلىقىنى ھېس قىلىسەن.

  37-<سەن ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەييامەن> دىگۈچىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئۆز قولىدا ئۆزى تەييا بولۇپ بولىدۇ.

38-سېنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىڭ-دۈشمىنىڭنىڭ كۈلپىتى.

39-ئۆزۈڭ ۋە ئۆزۈڭگە باپ بولمىغان ئىشلارنى ئالدىراپ يۈكلىۋالساڭ تىزگىنىڭ چېقىپ كېتىدۇ.

40-دىلىڭدىكى ئازاپ ۋە ئوقۇبەتنىڭ ئاچچىقلىرىنى چېقرىۋىتىشكە جۈرئەت ۋە ئىمكانىڭ بولمىسا ئاخىرى ساراڭلىق كوچىسىغا كىرىپ كېتىسەن.

41- ھتتىگىنەي، بىر ئۆمۈر بەخىت دەپ ئۆتۈپ كەتتىڭ،بەخىتنىڭ  سېنى ئەگىپ ئوتۈپ كەتكىنىنى ھېس قىلالماي.

42-ئىززەت ۋە ھۆرمەتنىڭ پەيدا بولىشى دەل مېھىر-مۇھەببەتنىڭ قوساق كۆتۈرگەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

43-ئۇنتۇلۇش-ئۆلۈش ئەمەس ئۆلتۈرلۈش.

44- شۇنداق گۇناھسىز كىشىلەر باركى ئۇلار كۆز ئالدىدىكى ساپ بولمىغان تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەققانى مېھىر-مۇھەببەت غۇنچىللىرىنى ئىختىيارسىز چەيلەپ قويىدۇ.

45- چاقچاقچى كىشىلەرنىڭ سۆزى ئوچۇق،راس يالغىنىنى پەرىق ئېتىش تەس...ئاسان دۈشمەن تېپىۋالىدۇ.ئەڭ قىززىقى بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن دوستى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ ئاخىرلاشقاندا بىرسىمۇ قالماي تاشلاپ كېتىدۇ.

46-مەنىۋىيىتى ئاچ كىشىلەر دىيانەتسىزلىك ۋە ئىنساپسىزلىقىدىن ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى يەپ قويىدۇ.

  47-ماددى مەنپەت ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بېرىدىغانلار ئۈچۈن ۋىجدان ئاتالغۇسى مەۋجۇت بولمايدۇ.

48-غايە-بىر خىل ئىنتىلىش.گەپ ئۇنىڭغا قانداق ۋە قانداق ئىنتىلىشتا.

49-ۋىجدان ئادەمنى ئوخشىمىغان رەۋىشتە  بىر خىل قېلىپقا سېلىپ قويىدۇ-دە كىچىككىنە ئارزۇ-ئارمانلارمۇ روياپقا چېقماي قالىدۇ.

50-ئاچكۆزلۇك،بېخىللىق -چۈشۈنۈشنىڭ دۈشمىنى.

51-بەخىت ۋە خاتىرجەملىكنى ئۇ دۇنياغا يۈكلەپ قويغان كىشىلەرنىڭ ئوربىتىسىدا ياشاش ئۇقۇمى زەئىپلەشكەن بولىدۇ.

52- بۇ دۇنيادا دوزاق بار دىيىلسە ئۇ دەل غېرىپلىق ۋە يالغۇزلۇق.

53-قابىليەت -ئەقىل دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئازلا بىر قىسمى.ئېىنىقىنى ئېيىتقاندا ئۇمۇ بىر خاسلىق.

54-ئەركىن پىكىر قىلىش ئىختىدرىغا ئىگە بولغان كىشىلەرلا بىكىنمىچىلىكتىن خالى كىشىلەردۇر.

55- توغرا ئاڭ بىلەن ئەقلى ئىختىدار بولغانغىلا غەلبە دەرۋازا ئېچىپ كەتمەيدۇ.يەنە ئۇنۇڭغا غەيرەت ۋە تىرشىش جۆرە بولۇپ كەلسۇن.

56-تەپەككۇرى باي كىشىلەرلا شەخسىيەتتىن يىراقلىشالايدۇ.

57- ئەقىل-پاراسەت بىلىمدىن تۇغۇلىدۇ،يىڭىلىندۇ ۋە مۈكەممەللىشىدۇ.

58-ئۇلۇغ غايە،ئىستەك ۋە ئىتىقاد ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ چېرتوژ ى بولسا خۇراپاتلىق،ماددىغا چوقۇنۇش،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىلا ئۆتۈپ كېتىشنى ئۆزىگە رام قىلىۋىلىش ئەقىلسىز كىشىلەرنىڭ تەرتىۋى.

59-ئەملىيەتتىن قاچقانلىق-تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەنلىك.

60-يىڭىلغىنىغا تەن بەرگەن كىشىلەر چۈشكۈنلۈككە ئەل بولغان كىشىلەر.

61-ھاۋايى ھەۋەسنىڭ قۇلى بولغانلار بەخىت ۋە خوشاللىقنىڭ گۆرى بولغانلاردۇر.

62- پىكىر تىرەنلىگى،خاسلىقى ۋە مۈكەممەل،ئۆزگىچىلىكى ھاياتلىق چەمبىركىنى شۇنچە روشەنلەشتۇرۈپ بەرگۈچى تۈپكى ئامىل.

63-نادانلارنى ئەقىلسىز دەپ ھاقارەتلەش يىتىلمىگەن تەخەيگە مىنىۋىلىپ بىلىنى ئوشتىۋەتكەندەك بىر ئىش.

64-ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن قېلىنغان ھەركەتلەر ماھىيەتتە كۆڭۈللۈك تۇيۇلغىنى بىلەن ئەملىيەتتە ئازاپلىق جەريان.

65-خوتۇنى يوق ئادەمنىڭ بالىسى بولمىغىنىدەك بايرىقى يوق ئادەمنىڭ نوقۇل كۈرەش نىشانى نىمە قىلسۇن؟!

66-سۈننى ئۇسۇلدا مال بورداپ،سىلياۋ يىپىپ سەي تېرىپ،دارا بىلەن ئاشلىق ئوخشۇتۇپ يىمەكلىك سۈپۈتىنى چىڭ تۇتۇش كالا ھارۋىسىدا شەھەر باشقۇرغاندەك بىر ئىشمۇ قانداق؟!

67-ئازاپ،جاپا -مۇشاقەت ئۆزىگە يېتىشنىڭ تۈۋرىكى.

68-دۇنيادا شۇنداق كۈلەلمەيدىغان كىشىلەر باركى ئۇلار بىر ئۆمۈر تەكەببۇرلۇق ،تەمانىڭ غالچىسى بولۇپ ئۆتۈپ كىتىدۇ.

69-باراۋەرلىكنىڭ خەرىتىسى -ھاكىميەتنىڭ ھويلىسىدا.

70-پايدا -مەنپەت،كۈڭۈل ئېچىش ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان دوسلۇقنىڭ ئاچىمىقى ھامان كۆتۈڭگە كىرىپ كېتىدۇ.

71- ئېغىر بېسىقلىق  نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇش بىلەن يەنە نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى يوقۇتىدۇ.

72-چاكىنا ئادەملەر -ئەڭ قانائەتسىز.

73-مۇھەببەت -ھايات نوپۇزى بولغان كىشىلەرنىڭ مەيدىسىدىكى گۈل.

73-ئادەمنى ئەڭ ئوسال قىلىدىغىنى -ئادىمگەرچىلىك قەرزى.

74-ساختا ئابروي ۋە ھەشەمەتلىك ئىبارىلەر ھازىرىمىزدىكى ئەڭ قەبىھ ،ئەڭ رەزىل ۋە ئەڭ تېتىقسىز تەييا چۆپلەردۇر.

75-باشقىلارنى خوشال قىلماقچىمۇ؟ ئاۋال ئۆزۈڭدىن كەلسۇن.

76-تولا تالاغا قارىغاننىڭ چاتىرقى ژىرلىپ كىتىدۇ.

77-ئەڭ كاززاپ ئادەم-ئەڭ بىلەرمەن ئادەمدۇر.

78-سۆيگۈ ۋە نەپرەت ئىززەت ۋە ھۆرمەتنىڭ باغرىدا گۈلخان بولۇپ يېنىپ تۇردۇ.

79-مۇھەببەت بابىدا ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش يولىدا ئەڭ زور بەدەل تۆلىيەلەيدۇ.

80-سەنئەتكار-مەدىھىيە بىلەن ئۆرە تۇردۇ.

81-تىللاردا ۋە خاتىرلەردە قايتىلانمايدىغان سۇئال كىشىلەر جاۋاپ بېرىشتىن قاچقان سۇئاللار.

82- نۇرغۇن ئادەم ئالى جاپالىق كويىدا خوشامەتچى بولۇپ كېتىدۇ.

83- غىلچىڭ خوتۇننىڭ قولىدىكى ئەردىن كوچىدكى تىلەمچى خوپ.

84- پىتنىدىن يىراق تۇرۇشنىڭ چارىسى بىپەرۋالىق ۋە سالماقلىق.

85-ئاياللار بىلەن بولغان دوسلۇق ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

86-ھاياتتىن ۋاز كىچىش ئۆزىنى چۈشەنمەسلىك بىلەن كامال تاپىدۇ.

87- تۇرمۇش رېتىمى بۇزۇلغان ،تۈگۈمەس غەملەر ۋۇجۇدىنى قاماللاپ ئەتراپىدىكى ۋە ھەتتا ياراتقۇچىسىغىمۇ يۈز كىلەلمەسلىكىگە كۆزى يەتكەن ئىنسانلار مەڭگۈ خاتىرجەم ياستۇققا باش قويالمايدۇ.

88- نامرات ۋە بەخىتسىزلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرالىغانلارلا ئەڭ ھۆر ئادەملەردۇر.

89-يۇۋاش،مۇلايىم،سەمىمى ئادەملەر ئەڭ كۈشتۈڭگۈر ئادەملەر.

90-يىڭى شەييى ۋە ھادىسلەر ئادالەت تۇغى ئاستىدا روياپقا چېقىدۇ.

91- قانۇن قاچان دىن،ئۆرۈپ-ئادەت،ئەدەپ -ئەخلاقنىڭ ئىچىگە بۆسۈپ كىردىكەن زىدىيەت ۋە تەڭپۇڭسۇزلۇق شۇندىلا پولتۇيۇپ چېقىشقا باشلايدۇ.

92-دۆت،ئەخمەق ئادەملەرگە قول بەرگەنلەر نادان ئادەملەرگە قول بەرگەنلەردىن ھۇشيارراق.

93-ھەددىدىن زىيادە قىزغىنلىق خاسلىقنى خۈنۈكلەشتۈرۋىتىدۇ.

94-ياخشى ياشايمەن دىگەنلەر ئۆزىنى ياخشى تىزگىنلەپ ياخشى قەدەملەر بىلەن يولغا چېقىدۇ.

95-نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ چاقچاق كۆتۈرەلمەسلىكى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس .گەپ چاقچاقنىڭ قانداق ئېغىزلاردىن تۆكۈلىۋاتقانلىقىدا.زەھەرخەندىلىك،نەپسانىيەتچىلىك غەرزىدە ئېيتىلغان چاقچاقلار بەتنام ۋە شەھۋەتتىنمۇ رەزىل.

96- مەخسەتلىك ھالدا باشقىلارنىڭ دېھقىتىنى ئۆزەڭگە قاراتقىنىڭ نۇخسانلىرىڭنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ.

97-مىجەز -خاراكتېرىڭنى بىلىشىدىغان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلمىغىنىڭدا بىخەتەرلىكىڭدىن سۆز ئاچقىنى بولمايدۇ.

98-قۇرۇق گەپ يوغانچى،پوچى،ھاكاۋۇر ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئەس قاتىدۇ.

99-ئادەتتىكى يوقىلاڭ ئىشلارغىمۇ <ھاياجانلاندىم>،<ھاياجانلاندۇق> دەپ تۈكرۈك چاچراتقانلار پات ئارىدا ئەشۇ تۈكرىكىنىڭ ئۆزىگە يېنىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ.

100-سەھنە باشقا،ياشاش باشقا.


  2011-يىل شەھرى ئۈرۈمچى.

مەنبە؛ ئۆزەم.

 مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پالىيىتىگە يوللاندى.
    
      

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
قۇملۇق + 100 *****
atabore + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

بىز نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىمىز ؟.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 878
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6838
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4543 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 11:49:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ھېكمەتلىرىڭىزنى قايىللىق بىلەن ئوقۇپ  چىقتىم ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .  ئىنتايىن ئۆتكۈر ، قايىل قىلارلىق  ھېكمەتلەردىن دۇردانە تىزىپسىز .     ھەر بىر ھېكمىتىڭىز بىر ھەقىقەت  بوپتۇ !

گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما . ھايات تەبىرىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40316
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3359
تۆھپە نۇمۇرى: 242
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 12:50:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ھىكمەتلەركەن رەھمەت سزگە.

ھاياتلىكتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28022
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7983
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1426 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2014-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 01:51:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىئاللىقتا ۋە ھايات يولىمىزدا ئەمىلى ئۇچرايدىغان ھېىكمەتلەركەن..ھارمىغايسىز...كۈچۇرۇپ ساقلاپ قۇياي بىر كۈنلىرى چۇقۇم ئەسقېتىپ قالىدۇ ....

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر . دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.

سۆيگۈنۈڭگە قىلغ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2160
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11849
تۆھپە نۇمۇرى: 407
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 03:21:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
44- شۇنداق گۇناھسىز كىشىلەر باركى ئۇلار كۆز ئالدىدىكى ساپ بولمىغان تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەققانى مېھىر-مۇھەببەت غۇنچىللىرىنى ئىختىيارسىز چەيلەپ قويىدۇ. [s:148]  [s:148]  [s:148]

سىنى مەڭگۈ سۈيەلمەيمەن چۈنكى مەنمۇ مەڭگۈ ياشىيالمايمەن،

ئادەمگە بىلىم كى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 3520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165139
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 08:36:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن 2-بۈلۈمى چىقىپتۇ دە، ھەقىقىتەن ياخشى تەپەككۈرلەركەن.

yaxawargin totkun bolsimu

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38167
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5326
تۆھپە نۇمۇرى: 243
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 02:39:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدى ! مەن سىزدىن ئارتۇق جەۋھەرى يىققۇچىنى ئېتىراپ قىلمايمەن !!!!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40732
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3016
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2011-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 08:50:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەرمىلەرنى نەلەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەنسىز؟ مېنىڭ شۇنداق بىلگۈم بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14478
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2543 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 05:11:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت serhil كە 2011-05-15 08:50 AMئەۋەتىلدى :
بۇ تەرمىلەرنى نەلەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەنسىز؟ مېنىڭ شۇنداق بىلگۈم بار
 
  بەك بىلگۈڭىز بولسا دەپ بىرەي...مەن بۇلارنى خىلىل.ھېبىبۇللانىڭ خاتىرسىدىن كۆچۈردۈم.

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4776
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 4919 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 07:30:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

7-قەۋەت (serhil) نىڭ يازمىسىغا

ئەتراپقا ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارىسىڭىز سىزمۇ بىر قانچە قۇچاق كۆچۈرەلەيسىز  ... [s:151]

ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۋالغان تىلەمچى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش