مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 24376|ئىنكاس: 48

سۆيگۈ تىنىقلىرى(پوۋېست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر كىمنىڭ ئۆزى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2114
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15081
تۆھپە نۇمۇرى: 584
توردا: 5254 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 10:05:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




 




بىر-بىرىمىز ئۈچۈن تىنماي سوقۇۋاتقان ئوتلۇق يۈرەكلىرىمىز ئىككىمىزنىڭ ۋىسالىغا سەۋەب بولالمايدۇ،ۋىسالنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن،ھىجراننىڭ بولسا ئۇنىڭدىنمۇ تولا!
ساڭا ۋاپا قىلمىدىم،ئۇنىڭدىن كۆرىدىغىنىم ئېنىقلا ۋاپاسىزلىق؛ۋاپا قىلمىغان يارنىڭ، ۋاپا كۈتكىدەك ھەققى يوق.
يۈرەكلەر مۇھەببەت دەپ تىپىرلىغان دەملەردە،ئۇ بىزگە نەزەر –قىرىنى سالمىغان بولىشى مۇمكىن،ئەكسىچە يۈرەكلەر باشقا يۈكسەكلىك ئۈچۈن سوقۇۋاتقان دەقىقىلەردە مۇھەببەت بىزنى ئىشىك ئالدىدا ساقلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن،چۈنكى،ھەر قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقتى-سائىتى بولىدۇ،بىز ئالدىرىساقمۇ بەرىبىر!

~ ~ ~
كۆزلىرىڭگە ئۇۋال قىلما، قىز
تۈتۈن سۆيگۈ سەندىن تانغاندا-
بەخت شۇدۇر،باغاشلىغىن تېز-
چىن مۇھەببەت سەنچۈن يانغاندا!
~ ~ ~
يازنىڭ \"ھىممەت\"ى بىلەن بۇ زېمىن يەنە قىزىشقا باشلىدى.شامال قاياقلارغىدۇ ساياھەتكە كەتكەندەك،بۇ يەرنىڭ دەرەخلىرىنى ئىرغىتمىغىلى خېلى بولدى. ئىسسىقنىڭ تەپتىدىن ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان نەپەسلىرىم مېنى قىينىغىلى تۇردى. قولۇمدىكى كىتابنى چۆرىۋېتىپ شامالدۇرغۇچ ئالدىغا كەلدىم.تېلىفونمۇ دېمى سىقىلغان كىشىدەك بوغۇق ئاۋازدا سايرىدى.نومۇرىغا قارىدىم،ئىلھاملارنىڭ ئۆيىنىڭ نومۇرى ئىكەن.
ۋەي-دېدىم تېلىفوننى ئېلىپ ئېرىنچەكلىك بىلەن.
-ئەسسالام دەپ تېلىفون ئېلىشنى قاچان ئۆگىنەرسەن -ھە؟!-ئىلھامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى-نېمە قىلىۋاتىسەن؟
-شامالدۇرغۇچقا ئىسسىقتىن ھال ئېيتىۋاتىمەن-دېدىم -نېمە دېگەن ئىسسىقچىلىق بۇ؟ ئادەم بىر يەرگە قېچىپ كەتكىدەك بوپ كەتتى-دېسە !
-ئۆگىنىش قىلمايۋاتامسەن؟
- بايا بىر ئوبدان قىلىۋاتقان،ئەمدى خۇشياقماي قالدى.
-مەن سېنى بىللە ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ ئۆگىنىش قىلايلى دەپ ئىزدىگەن.
- ئۇ يەر سالقىن-ھە؟ ئۆستەڭ بويىغا
-ياق ،تونۇر تونۇر!
-ساراڭ! بارمايمەن ئەمىسە...
-ئىسسىقتىن ئۆگىنىش خۇشياقمىغان ئادەمنى سالقىن يەرگە باشلىماي،ئىسسققا چىللايدىغان ساراڭمۇ-مەن؟ باشقا يەردىن كېپ قالغان ئادەمدەك سۆزلىمىگىنە،ئۇ يا سەن بېرىپ باقمىغان يەر بولمىسا!
-ماقۇل ،قاچان ماڭىمىز؟
-تېلىفوننى قويۇپلا ماڭايلى،مەن تەييار.
-بولىدۇ،بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇر،مەنمۇ تېزلا تەييار بولىمەن.
تېلىفوننى قويۇپلا كىتابلىرىمنى بىر خالتىغا سېلىپ ،ئۈستىۋېشىمنى تۈزەشتۈردۈم.
دەرۋازىدىن چىقىپلا ئىلھامنى كۆردۈم.ئۇ يوغان سومكىدىن بىرنى كۆتۈرۈۋالغانىدى،مەن كۈلۈپ كەتتىم:
-بىر چۈشتىن كېيىن ھەممە نەرسىنى كاللامغا قاچىلىۋالاي دەپ ھەممە كىتابنى ئېلىپ مېڭىپسەنمۇ-نېمە؟ نېمىدىگەن يوغان سومكا بۇ!
-شۇ ،سېنىڭ بارىڭدا جىقراق نەرسىلەرنى سورىۋالاي دەپچۇ!-دېدى ئۇمۇ كۈلۈپ.
بىز مەھەللىدىن يىراقلاپ ،ئۆستەڭ بويىغا كەلدۇق. ئىلھام سومكىسىدىن بىر ئەدىيالنى چىقىرىپ يەرگە سالدى.
-ۋاي نېمىگە يوغان سومكا كۆتۈرۈۋالدىكىن دېسەم ،ئەدىيال بار دېگىنە؟
-بۇلارمۇ بار تېخى-دېدى ئۇ سومكىسىدىن يەيدىغان نەرسىلەرنى چىقىرىپ-قورساق ئاچقاندا ئېنىرگىيە تولۇقلاپ ياخشى ئۆگىنىش قىلىپ،ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن ،بۈگۈن مەن تولۇق تەييارلىق بىلەن چىقتىم.
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بىر ھازا كۈلدۈم.
-بولدى كۈلىۋەرمىگىنە،سېنى ماڭا كۈلۈپ بەرسۇن،دەپ ئەمەس،بىلمىگەن يەرلىرىمنى دەپ بېرەمدىكىن دەپ چاقىردىم-دېدى ئۇ .
-ماقۇل،سەنلا ئۆگىنىش قىلىش خىيالىغا كەلگەن بولساڭ ،مەن تەييار جۇمۇ ساڭا ياردەم قىلىدىغانغا!
ئىلھام تەنتەربىيەگە بەكلا قىزىقىدۇ،پۇرسەت تاپسىلا دەرستىن قېچىپ توپ ئوينايدۇ،شۇڭلاشقىمىكىن ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچارراق.
-نېمىدىگەن جىق فورمۇلا -بۇ؟ بېشىم ئاغرىپ كەتتى بۇلارغا قاراپ-دېدى ئۇ ماتېماتىكا كىتابنى يېپىۋېتىپ.
-ئامال يوق،ئۆگەن ئەمدى-دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ قوشۇمامنى تۈرۈپ-ئايشەم ئاپاملار سېنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتسىكەن دەپ ئولتۇرىدۇ.
-تەنتەربىيەدىن بەرگەن كەسپىي ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالدىم،مەدەنىيەت پەنلىرىگە قاراپ كەتمەيدىكەنغۇ،خەنزۇ تىلى بىلەن ئەدەبىياتتىن نومۇر ئالساملا بولدى،بۇنداق تەبىئىي پەن دېگەن نەرسىلەرنى ئۆگەنمەيمەن !
-ئەجەبمۇ بېلىڭ بوشكەن سېنىڭ! كېيىن بىر ئۆينى قانداق باقارسەن؟
-بۇ نەرسىلەرنى بىلمىسە ئۆي باقالمايدۇ دەيدىغان گەپ يوقتۇ؟
-ئۇنداق دېگىنىم يوق،مۇشۇ ئىشتىنلا سېنىڭ قانچىلىك ئىرادىسىزلىكىڭنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
-قىزىقمىغان نەرسىگە ئۆزۈمنى زورلىغۇم يوق.ئۈچ يىل ئۆگەنمەپتىمەن،نەچچە كۈن قالغاندا قانچىلىكمۇ ئۆگىنىپ كېتەرمەن ئەمدى؟ راست گەپنى قىلسام،مەن ساڭا ھەمرا بولغاچ كىتاب ۋاراقلىغىلى چىقتىم.سەن ئۆگىنىشڭىنى قىلىۋەر.مەن سېنى قوغداپ تۇراي،پاشا-چىۋىنلاردىن.
مەن ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ ،كىتابىمنى ئاچتىم.
ئۆستەڭ بويى ھەقىقەتەن سالقىن ئىدى. قۇشلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن سۇنىڭ شىلدىرلىشى قوشۇلۇپ ئادەمگە بىر خىل ئارامبەخش تۇيغۇ بېرەتتى.
-ئىلھام ،مېنى ياخشى يەرگە باشلاپ كەپسەن جۇمۇ!ئۆگىنىش قىلغانچە قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ-دېدىم كىتابنى ئوڭ-تەتۈر ۋاراقلاپ ئولتۇرغان ئىلھامغا قاراپ.
-ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ كەتسەڭ مېنىڭ تۆھپەمنى ئۇنتۇپ قالما-ھە!-دېدى كۆزلىرىمگە قاراپ.
-بۇنىڭغا مەن بىر نېمە دېيەلمەيمەن،ئىمتىھاننى سەن بېرىشىپ بەرمىسەڭ-يا ماڭا؟-دېدىم ھەييارلىق بىلەن كۆزۈمنى ئوينىتىپ.
-ئىمتىھاننى ساڭا بېرىشىپ بەرسەم مۇشۇ يەردىلا قېپ قالارسەنمىكىن؟-دېدى ئۇ .
-ۋاي مانى قارا! بۇنچىلىك تۆۋەن چاغلىما ئۆزۈڭنى،ئىشقىلىپ بۇگەپنى مەن دېمىدىم.
ئۇ گەپ قىلماي جىمىپ قالدى، مەن يەنە كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم.
-مېھرىبان-دېدى بىر چاغدا ئىلھام تۆۋەن ئاۋازدا-راستىنلا ئىچكىرىدە ئوقۇغۇڭ بارما؟
-شۇنداق،بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتىغا ئۆتمىسەم ھېساب ئەمەس-دېدىم بېشىمنىمۇ كۆتۈرمەي.
سەنغۇ شۇ يەرگە لايىق.لېكىن ..-ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋەتتى.
-لېكىن نېمە؟ توختاپ قالدىڭغۇ؟-دېدىم ئۇنىڭغا سىڭايان قاراپ.
-لېكىن ئۇ يەردە قورسىقىڭ قىينىلىپ قالارمىكىن،سەن قورسىقىڭغا ئامراقراق،كىچىكىڭدە ئاپاڭ تاماق ئېتىپ بەرمىسە بىزنىڭ ئۆيگە يىغلاپ كىرىپ،ئاپامنىڭ تامىقىنى يەپ چىقىپ كېتەتتىڭ.شۇڭا سەندىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن.
-ھازىر چوڭ بولدۇم.
-چوڭ بولساڭ تاماق يېمەمسەن؟
-ساراڭمۇ-سەن؟ تاماق يەيمەن،دېمەكچى،چوڭ بولۇپ قالدىم،ئۇنداق شارائىتقىمۇ كۆنەلەيمەن.بولمىسائۆزۈم ئېتىپ يەيمەن.
ئارىنى يەنە جىمجىتلىق باستى. بىر چاغدا كۆزۈم تورلىشىپ كىتابتىكى خەتلەرنى كۆرەلمەي قالدىم.شۇندىلا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ،كەچ بولغانلىقىنى سەزدىم.
-كەچ بوپ كېتىپتىغۇ!-دېدىم كىتابىمنى يېپىپ.
-كۆرۈۋەر ،ھازىر بېرىپ ئۈستەل چىرىغىمنى ئەكىلىمەن.
-ئادەمنى ساز قىلمىغىنە.ماڭايلى-دېدىم ئورنۇمدىن تۇرۇپ.
-ما نەرسىلەرنى يېۋىتىپ كېتەيلى،مېنى يەنە ئېغىر سومكىنى كۆتۈرۈپ كەتسۇن دېمەيدىغانسەن؟-دېدى ئۇ يەيدىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ.
-ماقۇل-مەن يەنە ئولتۇردۇم.
ئىككىمىز بىر نەرسە يېگەچ پاراڭلاشتۇق.
-ئىلھام ،بۈگۈن ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن.راستلا-دېدىم.
-ئېيتما بولدى،ئەتە يەنە كېلەيلى.مەنمۇ ئۆگىنىش قىلىمەن .ئەدەبىياتنى بولسىمۇ كۆرۈپ قوياي-دېدى ئۇ
-ماقۇل.ئەتە مەنمۇ ئەدەبىياتنى كۆرەي،تەڭ تەكرار قىلايلى.
-مېھرىبان،بىلەمسەن،سېنىڭ تەسىرىڭگە ئۇچرىمىغان بولسام تولۇقتا قەتئىي ئوقۇغۇم يوقتى.دەرسلىرى پەقەتلا خوشياقمايدۇ ماڭا.
مۇناسىۋەتسىز پاراڭدىن بىرنى قىلاي،!
دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.-ئۆگۈنلۈككە جەمىلەنىڭ تويى،بارىدىغانسەن-ھە
-بارىمەن.مېنى ئېلىۋال جۇمۇ،تەڭ بارايلى.
-ئوغۇللار بىلەن بىللە بارارسەن؟
-ئىككىمىز تەڭ بارايلى،كەچتە رېستۇرانغىلا بارمامدۇق.
-قانداق بولار؟ ئۇ بىزنىڭ يېقىن دوستىمىز تۇرسا؟
-ھېچنىمە بولمايدۇ،باشقىلار جىق تۇرسا يوقلىقىمىزنى چاندۇرمايدۇ.
-ھە-راست،ساڭا بىر گەپنى دەپ بېرەي،سەنلا بىلىپ قال، ئەمما جۇمۇ!
-نېمە گەپتى ئۇ؟
-جەمىلە سېنى ياخشى كۆرەتتى.
-تويى بولاي دەپ قالغان ئادەمنىڭ سىرىنى باشقا بىرىگە دېيىش توغرا ئەمەس،بولۇپمۇ بۇرۇن ياخشى كۆرگەن ئادىمنى ئاشكارىلاش-دېدى ئۇ كۆزلىرىنى يىراققا تىكىپ.
-سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەمتىڭ؟
-ياق،مەن باشقا خىل تىپتىكى باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرىشىم مۇمكىن.
ئۇ يەنە جىمىپ كەتتى.
.ماڭايلى،ئەمدى ماڭمىساق ئاپامدىن تىل ئاڭلايمەن-دېدىم

ئۆستەڭ بويىدىكى تار ،ئۇزۇن يولدا ئىككى گەۋدە پەيدا بولدى،مەن بىلەن ئىلھام.
-ئىلھام ،ناخشا ئېيتىپ بېرە!
-سەن ئېيتقىنە.
- مەن ناخشا ئېيتسام ھەممە كىشى قۇلىقىنى ئېتىۋېلار!
-بىلەتتىم شۇنداق دەيدىغىنىڭنى،ساڭا خېلى نەرسىلەرنى بەرگەن خۇدا ئاۋازنى بەرمەپتىكەن.
-شۇ ،بولمىسا ناخشىغا بەك مەيلىم بارتى مېنىڭ ...
-ناخشامنى باشلىدىم ،ئەمىسە-دېدى ئىلھام گېلىنى قىرىپ قويۇپ.
-ھە،قۇلىقىم سەندە!
-بازاردا كۆڭلەك سېتىۋاتىدۇ،
مېنىڭمۇ ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ.
دادامغا دەيمۇ،ئاپامغا دەيمۇ؟
ئىزا تارتقۇم كېلىۋاتىدۇ..
-ۋاي ماڭغىنە ..
-توختا،ئاخىرى بار
-ئاڭلىمايمەن
-ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،
بەش ۋاراقنى تولدۇرۇپ،
خېتىم كەتتى گۈل بېيجىڭغا،
ئۆزۈم قالدىم ئولتۇرۇپ.
ئىلھام ناخشىسىنى توختىتىپ كۈلۈپ كەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ كۈلكىسىگە ئىختىيارسىز قوشۇلۇپ كەتتىم،
كىچىك ۋاقتىڭدا سېنى ناخشا ئېيت دېسىلا مۇشۇنى ئېيتاتتىڭ-ھە؟.
-كەتسەڭ مەن مۇشۇ ناخشىنى ئېيتىپ قالىمەن-دە!-دېدى ئىلھام كۈلكىدىن كېيىن
.
-ۋاي مەن ئۆتەلەيمەنمۇ ئۆتەلمەيمەنمۇ بۇنى خۇدايىم بىلىدۇ.كەتسەڭ دەپ كەتكىنىنى!
-مەنغۇ ئۆتمىسىكەن دەپ تىلەيمەن.
-دۈشمەن!
-سەن كەتسەڭ گەپكە سېلىپ ئوينىغۇدەك ئادەم قالمايدۇ ئەمەسمۇ!
مەھەللىگە كېلىپ قالغان ئىدۇق.مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئالدىراپ ئۆيگە كىردىم.
-سەن بارما بۇدۇنيادا؟-ئاپامنىڭ سوراقلىرى باشلاندى-چۈشتە ئۇخلاپ قوپسام،ھېچيەردە كۆرۈنمەيسەن،نەگە باردىڭ؟
-ئۆگىنىش قىلغىلى...-دۇدۇقلاپ ئارانلا جاۋاب بەردىم.
- كىم بىلەن
-ئىلھام بىلەن،ئۆستەڭ بويىغا...
-ئۆستەڭ بويىغا؟ ئۆگىنىش قىلغىلى بارىدىغان جايما ئۇ؟ خەق كۆرسە نېمە دەر؟ نامازشامدا قايتقىنىنى قانداق قىلاي-تېخى! داداڭغا ئۆزۈڭ جاۋاب قىل
-مەن يا باشقا بىرى بىلەن بارمىسام، ئىلھامنى ئوبدان بىلىسىلەر،ئاپىلىرى بىلەن ياخشى ئۆتىسىلەرغۇ؟
-ئۇ دېگەن ئوغۇل بالا.سەن دېگەن قىز بالا!
مەن ئاستا ياتاق ئۆيۈمگە كىردىم. ئاپام كەينىمدىن يەنە بىر نېمىلەرنى دەۋاتاتتى.
-توۋا، مۇشۇنداقمۇ يوقاپ كېتەمسەن ئاچا-دېدى سىڭلىم مۇقەددەس .
-نېمە؟ سەن قالغانمۇ ئەمدى مېنى سوراق قىلمىغان؟-دېدىم ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ.
-ئاپام مېنى بارلىق دوستلىرىڭنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتتى.
مەن گەپ قىلمىدىم.ئىشىك ئېچىلدى،بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاپامنى كۆردۈم.
-كەچلىك تامىقىڭنى يە چىقىپ. ئىمتىھانىڭغا ئاز قالدى.
مەن ئۈنسىز ئاپامغا ئەگەشتىم.
-ئەگەر مۇئەللىملىرىڭ ،بالىلارنىڭ قورسىقىغا ئەھمىيەت بېرىڭلار، مۇشۇ مەزگىلدە سەمرىپ كەتسىمۇ جىق يېسۇن ،دېمىگەن بولسا، بۈگۈنكى ئىشىڭ ئۈچۈن سېنى ئىككى كۈن ئاچ قوياتتىم.ئىمتىھانىڭ تۈگىسە ھېسابلىشىمەن سەن بىلەن-دېدى ئاپام بىر پىيالە سۇيۇقئاشنى ئالدىمغا قويۇۋېتىپ.
-مەن بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم، ئۆگىنىش قىلدىم شۇ!ئۆي بەك ئىسسىقكەن،شۇڭا سالقىنراق يەرگە بېرىپ كىتاب كۆرەي دېگەن.
-ئۆزۈڭنى ئاقلىماي تامىقىڭنى يە! كېيىن ساڭا ئۆتىدىغان ئوبدان دەرسىم بار!
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بەش كۈنلا قالدى. بۇرۇندىن ياخشى ئۆگەنگەچكىمىكىن تەكرارماڭا ئېغىر تۇيۇلمىدى.
ياتاق ئۆيدە كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرسام، تېلىفون جىرىڭلىدى. ئىلھام؟
-ۋەي، ئىلھام -دېدىم كىچىك بالىدەك ئەركىلەپ-بۈگۈن ئۆستەڭ بويىغا بارالمايمەن، ئاخشام ئاپام بەك ئاچچىقلاپ كەتتى، ھېلىمۇ دادام ھېچنىمە دېمىدى.
-مەنمۇ ساڭا بارالمايمەن دەپ تېلىفون قىلغان،مېنىڭ ئاپاممۇ ئاچچىقلىدى-دېدى ئىلھام مەيۈس ئاھاڭدا.
-ۋۇي ،بۇ ئاپىلارغا نېمە بولغاندۇ؟ بۇرۇن دائىم بىرگە ئۆگىنىش قىلىڭلار دەيتتىغۇ؟-دېدىم ئەجەبلىنىپ.
-بىلمىدىم،بەلكىم مېنى سېنىڭ ئۆگىنىشىڭگە دەخلى قىلمىسۇن دېگەندۇ،مېنىڭ ناچارلىقىم ھەممىگە ئايان ئەمەسمۇ؟
-ماڭغىنە ۋاي!-دېدىم ئۇنىڭدىن باتناپ-بەلكىم كەچ قالغاندىكى ئەنسىرىگەندۇ.
-بوپتۇلا،نېمە بولسا مەيلى،سەن ياخشى تەكرار قىل ،مېھرىبان.
-سەنمۇ شۇ،تىرىشقىن -ھە!
-ماقۇل،كېيىن تېلىفون قىلاي.
-ئەمىسە خوش
-خوش،تېلىفوننى قويە-دېدى ئىلھام كىچىك بالىغا بۇيرۇق قىلغاندەك.
-سەن قويە-دېدىم مەنمۇ قەستەن قېرىشىپ.
-ئەمىسە قويمايلى ھەر ئىككىمىز-دېدى ئۇ.
-ساڭا ئىچىم ئاغرىمىغان بىلەن ئايشەم ئاپام بىلەن ئەكبەر دادامنىڭ پۇلىغا ئىچىم ئاغرىيدۇ،قويۇۋەتتىم،خوش!
ئۆگۈنلۈككە ئىمتىھان.بۈگۈن جەمىلەنىڭ تويى.ئەتىگەندىلا قىزلار تېلىفون قىلىپ ،تەڭ بارايلى دېدى.مەن ئىلھام بىلەن كەچتە بارىدىغانغا دېيىشىپ قويغان تۇرسام،ئۇلارمۇ بىلەن كەتسەم قانداق بولىدۇ؟مەن ئۇلارغا ئۆگىنىش قىلىپ چارچاپ كەتكەنلىكىمنى،كەچتە رېستۇرانغىلا بارىدىغانلىقىمنى ،مەن ئۈچۈن جەمىلەدىن كەچۈرۈم سوراپ قويۇشنى دېدىم. ئۇلار بىر مۇنچە تەنە گەپلەرنى قىلىشتى.دېمىسىمۇ مەن،ئىلھام،جەمىلە ئۈچىمىز بەك يېقىن ئۆتەتتۇق.لېكىن بىرەر تويغا تولۇق قاتنىشىپ باقمىغاچقا ئەتىگەندىلا بېرىۋالغۇم كەلمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلھامنى تاشلاپ قويۇپ كەتسەم قاملاشماس.
ئاپام تويدىن كېلىپ مېنىڭ تېخىچە ئۆيدىلىكمنى كۆرۈپ:
-نېمىشقا تېخىچە ماڭمىدىڭ؟ئۆگىنىشمۇ مۇھىم،دوستمۇ ئوخشاشلا مۇھىم،شۇنچە يېقىن دوست تۇرۇپ تېخىچە
ماڭمىغىنىڭ نېمىسى؟ بېرىپ ھە-ھۇ دېيىشىپ بەرگىن،قولداش بولۇشقا ئۇنىمىغاندىكى يېنىدا ئولتۇرۇپ بەرسەڭمۇ بولىدۇ.مۇشۇنداق قىلساڭ،كېيىن تويۇڭغا ھېچكىم كەلمەيدۇ جۇمۇ!-دېدى.
-كەچتە رېستۇرانغىلا بارىمەن-دېدىم -ئىمتىھانغا بەكلا ئاز قالدى،سەل ئەنسىرەۋاتىمەن.
ئىلھام بىلەن دېيىشىپ قويغانلىقىمنى دېيىشتىن قورقتۇم.
-مەيلى ئەمىسە.
كەچ بولدى.ئىلھام تېلىفون قىلمىدى.ئاپام كىرىپ ئالدىراتتى:
-كەچ بولدى، تەييارلىق قىلغىن .ئەمدى بارمىساڭ سەت تۇرىدۇ قىزىم.بالدۇر بېرىپ بىردەم كۆرۈنۈپ قويۇپ كەلگىن.كەچ قالىسەن بىكار.
-ماقۇل.
ئاپام چىقىپ كەتتى.قايسى كىيىمنى كىيىش كېرەك؟ تېلىفوننىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى.چوقۇم ئىلھام !
-ۋەي،ۋەي-دېدىم ئالدىراپ-سېنى ساقلاپ تېخىچە ئولتۇردۇم.نېمانداق بىر بالا-سەن؟
-مەن دادامنىڭ موتۇسىكىلىتىنى ساقلاپ كەچ قالدىم،شۇنىڭ بىلەن بارايلى،تېز تەييار بول!
-ماقۇل-دەپلا تېلىفوننى قويدۇم.ئىشكابىمنى ئېچىپ نېمە كىيىشنى بىلمەي قالدىم.بىرەر رېستۇرانغا لايىقراق كىيىمىممۇ يوقكەن.بولدىلا بارنى كىيەي.
سىرتتىن موتۇسىكىلىتنىڭ سىگنال ئاۋازى ئاڭلاندى،ئاپامغا ،ئىلھام ساقلاۋاتىدۇ،مەن ماڭىمەن.دېدىم. ئاپامنىڭ تەرى دەرھال تۈرۈلدى:
-ئاپتۇبۇس بىلەن بارغىن.
-يالغۇز بارامدىم؟ كەچ قالسام ئەنسىرىمەمسەن؟
-داداڭ كېلەي دەپ قالدى.شۇ ئاپىرىپ قويسۇن ،مۇشۇ تاپقىچە ئولتۇرغاندىكىن،يەنە بىردەم ساقلا ئەمدى.
مەن تۇنجى قېتىم ئاپامنىڭ گېپىنى ئۇنىڭ يۈزىچىلا رەت قىلىپ سىرتقا ماڭدىم.
ئىلھامنىڭ كەينىگە چىقتىم. ئاپام ئىلھامنىڭ يېنىدا ھېچنىمە دېمىدى،بىر ئوبدان سالاملىشىپ،ئۆيىدىكىلەرنى سورىدى.ۋە:
-بالام،مېھرىباننى بالدۇرراق ئەكىلىپ قويۇڭ،كەچ قالماڭلار-دېدى. ئىلھاممۇ چىرايلىق سالام قىلىپ بېشىنى لىڭشىتتى.
بىز ماڭدۇق.كەينىمگە قارىدىم،ئاپام بۇلۇتلۇق ئاسماندەك تۇتۇلۇپلا قېپ قالدى،كۆڭلۈم باشقىچىلا بولۇپ كەتتى.ئاپامغا زادى نېمە بولغاندۇ؟ بۇرۇنقى چاغلىرىمىز يادىمدىن كەچتى:
~ ~ ~
ئىلھامنىڭ ئاپىسى بىلەن ئاپام بەك يېقىپ دوست.ئېسىمنى بىلسەم ،مەن يا ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدە،يا ئىلھاملارنىڭ ئۆيىدە. بىز ئىككى قىز.ئۇلار بولسا ئىككى ئوغۇل.ئاپاملار دائىم، بىرەرسىنى ئالماشتۇرۋالايلى بالىلارنىڭ ،بىر ئوغۇل بىر قىز بولۇپ تەڭشىلىپ كېتىدۇ ،دەپ چاقچاقلىشاتتى.
ئىلھامنىڭ نەتىجىسى كىچىكىدە بەك ياخشى ئىدى.باشلانغۇچنىڭ بەشىنچى يىللىقىغا چىققان ۋاقتىمىز ئىدى.بىر كۈنى مۇئەللىم مېنى بالىلارنىڭ بەدەل پۇلىنى يىغىپ قويۇڭ،مەن ئالدىراش دېدى.مەن ھەممە بالىلارنىڭ پۇلىنى يىغىپ،مەكتەپتىن قايتىش ئالدىدا مۇئەللىمگە ئەكىرىپ بەردىم.
ئەتىسى مۇئەللىم مەندىن پۇلنى سورىدى،مەن ئاخشام ئەكىرىپ بەرگەنلىكىمنى ئېيتسام، مۇئەللىم مېنى يالغان سۆزلىمەڭ،نەدە ماڭا ئەكىرىپ بېرىسىز،دېۋىدى،مەن شۇ يەردىلا يىغلاپ كەتتىم.ئىلھام دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ قولىدىكى قەلەم قۇتىسىنى مۇئەللىمگە قارىتىپ ئاتتى ۋە :
-مۇئەللىممۇ سىزدەك بولامدۇ؟ مەن گۇۋاھ مېھرىبانغا،ئۇنى نېمىشقا يالغانچى دەيسىز،سىز يالغانچى دېگەن!بىزگە سىزدەك مۇئەللىمنڭ كېرىكى يوق-دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
مۇئەللىم دەرھال كېلىپ ئىلھامنى تارتىپ سىنپتىن ئاچىقىپ كەتتى.
ئەتىسى مۇئەللىم مەندىن كەچۈرۈم سورىدى،ئەلۋەتتە ئىشخانىسىدا :
-شۇ ئاخشىمى بەرگەن پۇلنى مەن تارتمامغا سېلىپ قويۇپلا كېتىپ قاپتىمەن،ئەتىسى ئېسىمدە يوق يەنە سىزدىن سوراپتىمەن.لېكىن ئىلھامنىڭ قىلغىنى بەكلا ئېشىپ كەتتى.نېمىلا دېگەن بىلەن مەن ئۇنىڭ نەچچە يىل بىلىم بەرگەن ئوقۇتقۇچىسىغۇ.
مەن ئىلھام ئۈچۈن مۇئەللىمدىن كەچۈرۈم سورىدىم.نېمىلا دېگەن بۇ مېنىڭ مۇئەللىمىم.دېگىنى توغرا،مۇئەللىم ئىشىنىڭ تولىلىقىدىن ئۇنتۇپ قالغاندۇ.
ئىلھامغا بولغان ئىشلارنى دەپ بەرسەم ئۇ مېنى تىللاپ كەتتى:
-سەن نېمىدىگەن دۆت! مەن مەكتەپكە بارمايمەن،ئوقۇغۇم كەلمەيۋاتىدۇ مېنىڭ.
-ساراڭمۇ-سەن!
~ ~ ~
-مېھرىبان ،ئەجەب جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتىڭغۇ-ئىلھامنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى.
-دەيدىغان گەپ تاپالماي شۇ-دېدىم .
-نەچچە كۈن كۆرمىسەم ئەجەب باشقىچىلا بوپ قاپسەنغۇ؟
-گەپنى ئاز قىلىپ موتۇسىكىلىتنى ياخشى ھەيدە.
-خوپ !

خىياللىرىمنى يەنە قايتۇرۇپ ئەكەلدىم
~ ~ ~.
شۇ ئىشتىن كېيىن ئىلھام دەرسكە قىزىقماس بولدى.ھە دېسىلا تەرلەپ -تەپچىرەپ مەيداندا يۈگۈرۈپ توپ ئوينىغىنى ئوينىغان.
تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ مەن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپىغا ئۆتتۈم.لېكىن شۇ چاغدا چوڭ ئاپام قاتتىق ئاغرىپ قالغان چاغلار ئىدى.چوڭ ئاپام:
-بالام،شۇ يىراق يەرگە بارماي كۆز ئالدىمدا ئوقۇسىڭىز بولمامدۇ.سىز يوق چاغدا كۆز يۇمۇپ قالارمەنمىكىن دەپ كۆڭلۈم يېرىم.
نەۋرىسىگە بالىسىدىنمۇ چارە كۆيىنىدىغان بۇ چوڭ ئاپامنىڭ گېپىنى يىرىشقا يۈرىكىم تاش ئەمەستە-مېنىڭ.بارمىسام نېمە بوپتۇ.
مەن شەھىرىمىزدىكى نۇقـتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇدۇم.ئىلھام پىلاندىن سىرت ئوقۇغۇچى بولۇپ مەن كىرگەن ئوتتۇرا مەكتەپكە كىردى. ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولمىغان بىلەن تەنتەربىيەدە بەكلا ياخشى ئىدى.نەچچە قېتىم ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجە ئالدى.مەكتەپ ئۇنى پىلاننىڭ ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا كىرگۈزدى.
مەكتەپتىكى جىق قىزلار ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. ئۇنىڭغا قانچە قىزنىڭ خەت يېزىپ كۆڭلىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بىلمەيمەن.ئىشقىلىپ ئۇ مەكتەپتىكى قىزلارنىڭ چوقۇنغۇچىسى ئىدى.مەن شەرەپ تاختىسىدىن چۈشمەيتتىم.ئۇ خەقنىڭ نەزىرىدىن چۈشمەيتتى.
~ ~ ~

-كەلدۇق،چۈشە مېھرىبان-دېدى ئىلھام بىرچاغدا.
-ھە،كەلدۇقما؟-دېدىم موتۇسىكىلىتتىن چۈشكەچ. رېستۇران جىمجىت ئىدى. تېخى ئويۇن باشلىماپتىدە.
بىز رېستۇرانغا كىردۇق. ۋاھ،ھەممىسى بىزنىڭ ساۋاقداشلاركەنغۇ! توي ئىگىسى بىز بوپتىمىز، شۇنىڭغا قارىغاندا مەنمۇ چوڭ بوپتىمەن جۇمۇ!
-بىزنىڭ ئۈمىدلىك ستۇدېنتلىرىمىز ئەمدى كەپتۇ-دە!-دېدى ماھىرە ئالدىمىزغا كېلىپ.
-ستۇدېنت دېمىگىنە، يىراق تېخى-دېدىم .
-نەچچە كۈنلۈكلا ئىش قالدىغۇ شۇ.كىرىپ قەغەزگە ئۆگەنگەنلىرىڭنى يېزىپ چىقساڭلا بولىسەن شۇ-دېدى ئۇ بىزنى ئۈستەلگە باشلىغاچ.
-قىزلار بىلەن يۈز يېقىشىپ،ئوغۇللار بىلەن باش لىڭشىتىپ كۆرۈشتۈم. قىزلارغا قاراپ سەل ئەيمىنىپ قالدىم.ئۇلار چىرايلىق كۆينەكلەرنى كىيىپ،قاملاشتۇرۇپ گىرىم قىلىپ ئادەم مەستلىكى كەلگۈدەك دەرىجىدە چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى.مەن ئۇچامدىكى كوپتام ،ئىشتىنم، پۇتۇمدىكى ئاددىي باسنۇشكام بىلەن بەكلا قورۇنۇپ قالدىم.ئوغۇللار تەرەپكە قارىدىم،ئوغۇللارمۇ ئاق كۆڭلەك ،قارا شىم كىيىپ،پۇتلىرىدىكى خۇرۇم ئاياغلىرىنى پارقىرىتىپ ئولتۇراتتى.ئىلھاممۇ ئۇلاردىن پەرقلىق ئىدى.
-مېھرىبان ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ بولغانسەن-ھە؟-سورىدى رەيھان.
-قىلىپ بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ،قالغىنىنى خۇداغا تاپشۇردۇم-دېدىم كۈلۈپ.
-سەندىن باشقىمىز ئوقىمىدۇق.مانا جەمىلە بۈگۈن باشلاپ بەردى، كەينى-كەينىدىن تويىمىز بوپ كەتسە،بىر ئۆينى كىيىپ ئولتۇرىمىز باشقا ،سەن بەك بەختلىك جۇمۇ مېھرىبان.
-ئوقۇمىغانلارنى بەختسىز دەپ كىم دەيدۇ؟ -دېدىم ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ياساپ.
-قىزلار ،تۇرۇڭلار ،قىز كەلدى،چاچقۇلارنى تەييار قىلىڭلار -دېدى ماھىرە.ماھىرە قىز بېشى بوپتۇ-دە!
-شادلىقى دەريا،كۈلكىسى جانان،
بىر جۈپ ياش كېلۇر تويلار مۇبارەك...
يېقىلمىق توي ناخشىسىغا جۆر بولۇپ چىرايلىق ياسانغان قىز-يىگىت كىرىپ كەلدى،بىز قولىمىزدىكى چاچقۇلارنى بەخت تىلەپ ئۇلارغا چاچتۇق.ئاھ،نېمدىگەن ھاياجانلىق مىنۇتلار -بۇ!
قىز -يىگىت ۋە ئۇلارنىڭ قولدىشى تەييارلاپ قويۇلغان ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى.مەن جەمىلەگە قارىدىم،ئاپئاق لىباس ئىچىدىكى جەمىلە كۆزۈمگە بەكلا چىرايلىق بەكلا بەختىيار كۆرۈندى.ئۇنىڭغا قاراپ تۇيۇقسىز مېنىڭمۇ توي قىزى بولغۇم كېپ كەتتى.ئىلھام ئىككىمىز بېرىپ ئۇلار بىلەن سۈرەتكە چۈشتۇق. جەمىلە قۇلىقىمغا پىچىرلىدى:
-كەچتىمۇ كەلمىگەن بولساڭ،سەندىن دوستلۇقتىن چىقىپ كېتەتتىم-دېدى كىچىك ۋاقتىمىزدىكىدەك.
-خاپا بولما،بۈگۈن بەكلا چىرايلىق بولۇپ كېتىپسەن.ھەممە ئادەم ھەسەت قىلغۇدەكلا-دېدىم.
-بۈگۈنكى باش پېرسوناژ مەن تۇرسام، باشقا بىرسى مەندىن چىرايلىق بولۇپ كەتسە بولمايدۇ-دېدى ئۇ كۈلۈپ .مەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق شادىمان،ئازراق مەمەدانلىقىنى ياخشى كۆرىمەن ھەم كۆنۈپ قالغان.
. سۈرەتكە چۈشۈپ بولۇپ،ئىلھامغا قايتايلى دېدىم.
-نۆۋەتتە قىز بىلەن يىگىتنى لىرىك تانسىغا تەكلىپ قىلىمىز-رىياسەتچىنىڭ ئاۋازى مېنىڭ ئاۋازىمنى بېسىۋالدى.
قىزغىن گۈلدۈراس ئالقىش سادالاردىن كېيىن ئۇلار مەيدانغا چۈشتى.جەمىلە تاتلىق كۈلۈپ ئويناۋاتاتتى.
-مېھرىبان،كېيىنكى قېتىملىق تانسىدا سېنى تارتىمەن-ھە!-ئىلھام قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.
-مەن ياخشى ئوينىيالمايمەن-دېدىم. ئۇلارنىڭ تانسىسى ئاخىرلاشتى. ئۇلاپلا يەنە بىر لىرىك مۇزىكا قويۇلدى.ئىلھام قولۇمدىن تارتىپلا مەيدانغا چۈشتى.مەن تەمتىرەپ دېگۈدەك ئويناشقا باشلىدىم.
-ياخشى بىلمەيمەن دېگەنغۇ مەن-دېدىم نارازى بولۇپ-خەقلەر مېنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ چوقۇم
-ماڭا سەنلا لايىق كېلىسەن،سەندىن باشقىسى بىلەن ئوينىسام مەنمۇ چېنىپ قالىمەن.ساڭا قارىغاندا ئازراق ياخشى ئوينايمەن ،خالاس -دېدى ئىلھام.
-مۇشۇنى ئويناپ بولۇپ ماڭايلى-ھە،ئاپام بالدۇر قايتىڭلار دېگەن-دېدىم.ئىلھام بېشىنى لىڭشىتتى.
-مەن بەك چېنىپ قاپتىمەن بۇ قىزلاردىن-ھە؟بۇلار بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ-دېدىم .
-تاڭ،مەن بىلمىدىمغۇ،ماڭىغۇ سەندەك كىيىنگەنلەر چىرايلىق كۆرىنىدۇ-دېدى ئىلھام.
-كۆڭلۈمنى ياساپ قويدۇڭ-ھە؟ ساڭا رەخمەت -دېدىم.
-كۆڭلۈڭنى ياساپ نېمە قىلاي،سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ياسايدىغان ۋەزىپەم يوق،راست گەپنى قىلىۋاتىمەن.دېدى ئۇ پەرۋاسىزلا.
مەن ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويدۇم.مۇزىكا تۈگىدى. بىز جەمىلەنىڭ يېنىغا بېرىپ،ئۆزرە ئېيتىپ قويۇپ ماڭدۇق. ساۋاقداشلىرىمىز بىزنى ئۇزىتىپ ئىشىك ئالدىغىچە چىقتى.
-ئىلھام موتۇسىكىلىتنى قاراپراق ھەيدە، مېھرىباننى ساڭا تاپشۇردۇق-ھە!-دېدى ماھىرە.
-قاراپ ماڭاسىلەر،بىز سىلەردىن پەخىرلىنىمىز-دېدى مۇختەر.
-بىزنىڭ ئۈمىدىمىز سىلەردە!-دېدى ئەكرەم.
-بىلدۇق، سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنى يەرە قويمايمىز-دېدى ئىلھاممۇ ئۇلارنىڭ چاقچاقلىرىغا ماسلىشىپ.
بىز ماڭدۇق.ئۇلار كىرىپ كەتتى.
-بۇ بالىلار نېمانداق قىزىقچى بولۇپ كەتتى؟-دېدىم.
-قىزىقچى؟ ئۇنداق ئەمەسقۇ؟ بىز راستىنلا ئۇلارنىڭ ئۈمىدى تۇرساق-دېدى ئىلھام
-ۋاي ماڭغىنە،ساراڭدەك گەپ قىلىپ-دېدىم نارازى بولغان ئاھاڭدا.
ئىلھام كۈلۈپ كەتتى:
-مېھرىبان،ھەي ،مېھرىبان،سېنى مۇشۇنداق جىلە قىلىپ ئويناپ كۆنۈپ قاپتىمەن،راستىنلا يىراقلارغا كېتىپ قالساڭ قانداقمۇ ئۆتكۈزەرمەن بۇ كۈنلەرنى؟
-خوپ بوپتۇ،كىم سېنى مېنى جىلە قىلسۇن دېگەن؟
-ئامراق، ھەي ،مەن ساڭا-ئىلھامنىڭ ئاۋازى سۇسلاپ كەتتى.
-مەن ساڭا ئۆچ،دائىملا خاپا قىلغان ئادەمنى،سەندىن تېزرەك قۇتۇلسام دەيمەن.
-چوڭ سۆزلىمە،مەن بولمىسام سەنمۇ كۆنەلمەيسەن چوقۇم، يىراققا بېرىۋېلىپ بىرىنچى بولۇپ ماڭا تېلىفون قىلسەن ،ئىلھام سېنى كۆرگۈم كېلىپ كەتتى دەپ!
-ۋاي،جۆيلىمە !
ھەر ئىككىمىز جىمىپ قالدۇق.
-ھەي ،مېھرىبان-دېدى ئىلھام بىر چاغدا-سەن جەمىلە سېنى ياخشى كۆرىدۇ دېگەنتىڭ،بۈگۈن قارىسام ئۇ شۇنچىلىك خۇشال،مېنى كۆرۈپمۇ باشقىچە بولۇپ قالمىدى،يالغان سۆزلەپسەن -ھە؟
-يالغان ئەمەس،بۇرۇن ئۇ دائىم شۇنداق دەيتتى.
-چوقۇم مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن دېيەلمەي،جەمىلە سېنى ياخشى كۆرىدۇ دېدىڭ-ھە؟
-ساراڭ بوپسەن ئىلھام، خۇدا ساقلىسۇن سېنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىن!-دېدىم كۆكىرىپ.
-نېمانچە سەكرەيسەن؟ راست ئوخشىمامدۇ؟
-ئادەمنى جىلە قىلىپ ئۆلتۈرەي دېدىڭغۇ زادى! مەن چۈشۈپ قالىمەن، توختا!-دېدىم جىلە بولۇپ.
-راست شۇنداق خىيالىڭ بولسا دەۋەرگىن ئۆزۈڭنى قىينىماي،مەن ئويلىشىپ باقىمەن، سەن بىلەن شۇنچىلىك يېقىن تۇرسام،قىينىلىپ كېتىشىڭنى خالىمايمەن.
-ئاھ،خۇدا،ئىلھام،ساڭا دەيدىغان گېپىم يوق.بۈگۈن كاللاڭدىن ئوبدانلا چاتاق چىقىپتۇ.
يول ئەجەبمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى.ئىلھامنىڭ چاقچاق قىلغانلىقىنى ياكى راست دېگەنلىكىنى بىلەلمەي قالدىم،نېمىدىگەن سەت ئىش بۇ،بىرسىگە كۆيۈپ كۈل بوپ كەتسەممۇ ئۆزۈم ئاۋال ئېغىز ئېچىپ يۈرمەسمىنا! ئىلھام مېنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسا بولاتتى.جەمىلەنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا دەپ نېمە قىلاتتىم؟ مەنمۇ ساراڭ.
بۇ يول ئاخىرى تۈگىدى.مەن ئالدىراپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ئىلھام بىر نېمىلەرنى دېدى. مەن ئاڭلىمىدىم.
ئاپام بىلەن دادام بىر قانچە دوستى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ قويۇپ ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم.توۋا، ما ئىلھامنىڭ گەپلىرى مېنى باشقىچىلا قىلىپ قويدى دېسە!
كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ بولىشىمغا تېلىفون جىرىڭلىدى.
-ئاچا،ئىلھام ئاكامكەن-دېدى سىڭلىم تېلىفوننى ماڭا ئۇزىتىپ.
-ھە،نېمە گەپ؟-دېدىم تېلىفوننى ئېلىپلا.
-ۋاي نېمانچە قوپال تېگىسەن ئادەمگە، سېنى ئۆيىگە تېنچ-ئامان كىرىۋالدىمىكىن دەپ تېلىفون قىلدىم-دېدى ئىلھام.
-ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالغان ئادەم تىنچ -ئامان كىرمەي قالامدىم؟
-مېھرىبان چوڭ ئاپا،ئەجەب باشقىچە بولۇپ قاپلىغۇ؟ ئىلھام چوڭ دادام خاپا قىلىپ قويۇپتۇ-دە-دېدى ئىلھام كۈلۈپ.
-دەپ قوي ئۇ غەلىتە چوڭ داداڭغا، ئۇ بىرىنچى دەرىجىلىك ساراڭ بوپتۇ. تۆتىنچى دوختۇرخانىغا بېرىپ كەلسە بولغۇدەك.
ئىلھام كۈلۈپ كەتتى.
-مۇشۇنداق تاتلىق قىلىقلرىڭ بار دېسە، سەن موماينىڭ،ياخشى چۈش كۆر موماي.
-كىم مومايكەن؟ سەن بوۋاي تازا!
-دېمىسەڭمۇ مەن بوۋاي شۇ!
-خوش بوۋاي-دېدىم مەنمۇ كۈلكىدىن ئۆزۈمنى تۇتۇپ.
-مومايغا دەپ قوي،بوۋاينى چۈشەپ يۈرمىسۇن ،ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ.
-ۋاي ،ماڭغىنە،موماينىڭ چۈشىگە كىرىدىغانلار ئۆچىرەت بوپ كەتتى. ئۇ دەلتە بوۋايغا نۆۋەت تەگمەيدۇ-دېدىم.
-تېلىفوننى قويە-دېدى ئىلھام.
-دېمىسەڭمۇ قويىمەن ،خوش!-دەپلا تېلىفوننى قويىۋەتتىم. توۋا، بۈگۈن ئەجەب بىر گەپلەر بولۇنۇپ كەتتى دېسە ئارىمىزدا؟
ئۇيقۇم كەلمىدى،ئىلھامنىڭ گەپلىرى خىيالمىغا كىرىۋالدى.ئاھ،خۇدا نېمە ئىش بۇ؟
بۈگۈن ئىمتىھان.ئون نەچچە يىل ئۆگەنگەن بىلىمنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغان پەيت .ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقى بىلەن ئىمتىھان مەيدانىغا كەلدىم.مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ ،ئىمتىھان بېرىدىغان سىنىپىمغا ماڭدىم.
-تەمتىرىمەي ياخشى بەرگىن،ھەرگىزمۇ بالدۇر يېنىپ چىقما،قايتا-قايتا تەكشۈرگىن،ئاق قويمىغىن قەغەزنى....
ئاپام كەينىمدىن بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپلا قېپ قالدى.
كارىدوردا ئىلھامنى ئۇچراتتىم. ئىككىمىز بىر مەيداندا ئەمەس ئىدۇق،لېكىن ئۇدۇل سىنىپتا ئىمتىھان بېرەتتۇق.
-مېھرىبان،قانداق كەيپىياتىڭ؟-سورىدى ئىلھام.بۈگۈن ئۇنى كۆرۈپ باشقىچىلا بولۇپ قالدىم.بۇرۇنقىدەك ئەركىن بولاي دەپمۇ بولالمىدىم.
-ياخشى.سەنچۇ،تەييارلىقىڭلىرىڭ قانداقراق؟
-كىرىپ بىلگىنىمنى يېزىپ،بىلمىگەننى دەتتىكام دەپ ئېتىپ چىقىمەن شۇ!-كۈلدى ئىلھام شۇ گەپنى قىلىۋېتىپ.
-ساڭا ئامەت تىلەيمەن،غەيرەت قىل،بوۋاي-بۇ گەپنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالدىم،يۈزۈم ئىختىيارسىز قىزىرىپ كەتتى.
-موماينىڭ مۇشۇ گېپىنى كۈتۈۋاتقان ئىدىم.سەنمۇ شۇ مېھرىبان-دېدى ئۇ .
-مەن كىرىپ كەتتىم،ئىمتىھاندىن كېيىن كۆرۈشەيلى-دېدىم سىنپقا قاراپ.
-خوش،مەنمۇ كىرىپ كەتتىم.
قوڭغۇراق چېلىندى.ئىمتىھان قەغەزلەر تارقىتىلدى.مەن پۈتۈن دىققىتىمنى يىغىپ جاۋاب يازدىم.سوئاللارنى ئىشلەپ بولۇپ سائەتكە قارىسام يەنە يېرىم سائەت ۋاقىت باركەن.ئاپامنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ،قايتا-قايتا تەكشۈردۈم.ۋاقىت توشۇشقا ئون بەش مىنۇت قالغاندا ،قەغەزنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتتىم.كارىدورغا چىقىپلا ئىلھامنى كۆردۈم.
-سەن قاچان چىقىۋالدىڭ؟-سورىدىم ھەيران بولۇپ.
-ھازىر-دېدى ئۇ .
-قانداقراق؟
-ياخشىغۇ،ئەدەبىيات دېگەنگە ئانچە-مۇنچە ئىشلەپ قويىدۇ كاللام.چۈشتىن كېيىنكى ماتىماتىكىنى خۇداغا تاپشۇردۇم ئەمما!
بىز سىرتقا چىقتۇق.ۋاقىت توشۇپ،ئون بەش مىنۇتتىن كېيىن بىزنى دەرۋازىدىن چىققىلى قويدى.سىرتتا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بىلەن ئىلھامنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.چىقىشىمىزغىلا ئۇلار ،قانداق بەردىڭلار،دېگەندەك بىر مۇنچە سوئاللارنى ياغدۇرىۋەتتى.بىز ،ياخشى دەپ قىسقىلا جاۋاب بەردۇق.ئىككى ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ بىر تېز تاماقخانىدا تاماق يېدۇق.
چۈشتىن كېيىنكى ماتىماتىكا،ئەتىسىدىكى ئۇنۋېرسال تەبىئىي پەن،خەنزۇ تىلى،ئۆگۈنلىكى ئېلىنغان ئېنگلىز تىلى...ئىشقىلىپ بۇ ئىمتىھانلار تۈگىگىچە ئۆيدىكىلەر ئىسسىقىنى ئىسسىق دېمەي،بىز بىلەن تەڭ ئىمتىھان مەيدانىدا يۈردى.ئەي ،جاپاكەش ئاتا-ئانىلار!
ئارزۇ تولدۇرىدىغان چاغ كەلدى.مەن ئۆلچەملىك جاۋاب بىلەن ئۆزەمنىڭ نەتىجىسىنى مۆلچەرلەپ،ئىشەنچ بىلەن بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتىنى يازدىم.ئىلھام مىسكىن ئىدى.ئۇ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ:
-مېھرىبان،مەن سېنى قوغداپ بېيجىڭغا باراي دېگەن،لېكىن بارالمايدىغان ئوخشايمەن-دېدى.
-ھېچقىسى يوق.نەتىجەڭ ماس كەلگەن مەكتەپنى يازغىن،مەن دائىم سېنى مېنى قوغداپ تۇرغاندەك سېزىمەن-دېدىم ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ.
-مەن شىنجاڭ ساقچى-ئوفېتسىرلار مەكتىپىنى يازايمىكىن.-دېدى ئۇ -نېمىشقا شىنجاڭدا ئوقۇمايسەن؟
-مېنىڭ ئىچىكىرىگە بېرىپ بىز بىلەن بولغان پەرقىنى بىلىپ ،كۆرۈپ كەلگۈم بار-دېدىم.
-مەيلى،ئىختىيارىڭ،لېكىن مەركەزگە بېرىۋېلىپ مەن ساڭا ئېيتىپ بەرگەن،ناخشا ،يۇمۇرلارنى ئۇنتۇپ قالما-ھە؟-دېدى ئۇ .
-قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايمەن،تېلىفون قىلىپ يەنە ئېيتىپ بەر دېسەم، ئېيتىپ بېرىسەنغۇ؟-دېدىم كۈلۈپ.
-ماقۇل،ئەمىسە باغلىشايلى،كىم گېپىدە تۇرمىسا شۇ ئەخمەق،يالغانچى بولسۇن!-دېدى ئۇ چىمچىلاق بارمىقىنى چىقىرىپ.
نەتىجىلەرمۇ چىقتى.چاقىرىقلارمۇ كەلدى.ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىز يازغان مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئىدۇق. مەن ۋىلايەت بويىچە تەقدىرلەندىم.ئىلھام ماڭا يوغان قونچاقتىن بىرنى سوۋغا قىلدى.مەن ئۆيدىكىلەرگە دوستلىرىم سوۋغا قىلدى دەپ ئىلھامنىڭ ئېلىپ بەرگىنىنى دېمىدىم.مەن ئۇنىڭغا كىتاب سوۋغا قىلدىم.
ئەتە ماڭىمەن،كۆڭلۈم تولىمۇپەرىشان.ئۆزۈم ئارزۇ قىلىپ ئۆتكەن مەكتەپ بولسىمۇ ،كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يېرىم ئىدى.ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۆيگە يىغىلدى.ئاپام بىلەن دادام ئۇلارنى كۈتۈپ ئاۋارە ئىدى.مەن ياتاق ئۆيۈمدە يىغىشتۇرۇپ بولغان نەرسىلىرىمگە قاراپ ئولتۇراتتىم.بىر چاغدا تېلىفون جىرىڭلىدى.
-ۋەي-دېدىم تېلىفوننى ئېلىپ.
-مېھرىبان،ئۆيۈڭنىڭ كەينىدىكى چىغىر يولغا چىققىنە-بۇ ئىلھام ئىدى.مەن ئىككىلەنمەيلا ماقۇل بولدۇم.توۋا،كۆڭلۈم ئۇنىڭ شۇ گېپىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك پاللىدە يورۇپ كەتتى.مەن ئاستا ئۆيدىن چىقتىم.
ئايدىڭ كېچە.يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى ئۆيىدىن چىقىپ مېنى ئۇزاتقاندەك،ئاسماندا يۇلتۇزلار تولىمۇ جىق ئىدى.مەن ئەتراپىمغا قارىۋېتىپ،چىغىر يولغا ئۆتتۈم.باشقا چاغدا،بۇيولدا جىن بار دەپ ئاڭلىغاچقىمۇ، كەچلىكى تۇرماق،كۈندۈزىمۇ قورقۇپ ئاران ماڭاتتىم.بۈگۈن يۈرىكىم يوغىناپ قالغاندەك تۇيۇلدى.
-مېھرىبان-يولنىڭ بىر ياقىسىدىكى ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئاستىدىن ئىلھامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئىلھام،بۇ سەنما؟-دېدىم ئۇنىڭغا يېقىنلاپ.
-ھەئە ،مەن،كېلە بۇ يەردە ئولتۇرغىن-دېدى ئىلھام ئۈجمە دەرىخى ئاستىدىكى كىشىلەر ياساپ قويغان ئورۇننى كۆرسىتىپ.مەن بېرىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم ۋە؛
-بۇ كەچتە ئادەمنى قورقۇنچ باسىدىغان جايغا چاقىرىپ نېمە قىلاتتىڭ؟ -دېدىم نارازى بولغان ئاھاڭدا.
-مەن تۇرسام نېمىدىن قورقاتتىڭ؟ بىلەمسەن،ئەتە كېتىدىغانلىقىڭنى ئويلاپ ئۇيقۇم كەلمىدى.بىر گەپنى ساڭا دېۋەتمىسەم زادى بولمىغۇدەك.
-نېمە گەپتى ئۇ شۇنچە مۇھىم؟-سورىدىم مەن ،لېكىن قەلبىم بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدى.
-بوۋاي موماينى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ-دېدى ئۇ .
-قايسى بوۋاي قايسى موماينى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ؟-دېدىم قەستەن.
-مېھرىبان سەن گېپىمنى چۈشەندىڭ،لېكىن قەستەن بىلمەس بولىۋالدىڭ -ھە؟-دېدى ئۇ .
-مەن نېمىنى بىلمەس بولىۋاپتىمەن؟
-ئىلھام مېھرىباننى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ،سەن بېرىپ مېھرىبان دېگەن ئەخمەق قىزغا دەپ قوي،تولا بىلمەس بولىۋېلىپ ئىلھامنى قىينىمىسۇن.
مەن ھېچنىمە دېمىدىم.نېمە دەيمەن؟مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقمنى سەزگەن ،لېكىن ھازىر ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
-مېھرىبان نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟-ئۇ كۆزلىرىمگە تىكىلدى.ئاينىڭ نۇرىدا ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇنچىلىك خۇمالىق ،مۇڭلۇق كۆرۈنەتتى.
-نېمە دەيمەن،مەنمۇ ئىلھامغا بەك ئامراق.ئۇ باشقىلار بىلەن چاقچاقلاشسا،كۈلۈشۈپ يېقىن ئۆتسە چىدىمايمەن.ئۇنىڭ گەپلىرىگە قەستەن جىلە بولىۋالىمەن.ئۇنى دائىم مېنى جىلە قىلىپ تۇرسىكەن دەپ ئويلايمەن. لېكىن ئۇنىڭغا ئامراق قىزلار بەك جىق بولغاچقا،ماڭا ئورۇن يوقمىكىن دەپ باشقا خىياللاردا بولۇپ باقماپتىمەن-دېدىم بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ.
-بېشىڭنى كۆتۈرگىن مېھرىبان،ئىلھام سېنىڭ مۇشۇ گېپىڭگە تەشنا.ئۇنىڭغا ئامراق قىزلار جىق بولغان بىلەن ئۇ پەقەت بىرلا قىزغا ئامراق.ئۇ پەقەت شۇ قىزنىلا ياخشى كۆرىدۇ.
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.بىزنىڭ كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى.بۇرۇن مۇھەببەتنى يوشۇرۇپ قويۇپ دوستلۇق نەزىرى بىلەن تىكىلىدىغان كۆزلەر بۈگۈن ئوتلۇق ھاياجان،تاتلىق ھېسلار بىلەن ئۇچراشتى.ئاي نۇرى بىزنىڭ تۇنجى سۆيگۈمىزگە شاھىت بولدى.


بۇ شەھەر مېنى ئوبدانلا ئۆگەيلىدى.ئىلھام توغرا دەپتىكەن.مەن مەكتەپنىڭ تاماقلىرىغا كۆنەلمىدىم.دائىم يىغا بېسىپلا تۇراتتى.ئىلھامنىڭ تېلىفونى مەن ئۈچۈن شىپالىق دورا،ئىسسىق باسىدىغان تاماق ئىدى. ئۇ مېنى كۈلدۈرەتتى.جىلە قىلسىمۇ كۈلۈپلا تۇراتتىم.ئىلھامنىڭ گېپىگە كىرىپ شىنجاڭدا ئوقۇسامچۇ؟ دىلىمنى بىر خىل پۇشايمان ئۆرتەپ تۇراتتى.بەلكىم ئىلھام بولمىغان بولسا بۇخىل پۇشايمان قەلبىمگە ئىز سالمىغان بولار ئىدى.
ئىلھام،بالىلىق چاغلىرىمدىكى شادلىقىمغا ،قايغۇمغا ئورتاق ئىدىڭ.مانا ئەمدى ياشلىقىمنىڭ تاتلىق دەملىرىگە،سۆيگۈمگە ھامىي بولۇپ تۇرۇپسەن.پېشانىگە پۈتكەن دەپ مانا ئىككىمىزنى دېسە بولغۇدەك.بىزنى بالىلىقىمىزدىن باشلاپ بىرگەئۆتۈشكە نېسىپ قىلغان ئاللاھقا رەھمەت!
تەتىل قاچان كېلەر؟ مەن تەتۈر ساناققا چۈشۈپ كالېندارنىڭ ۋارىقىنى يىرتىشقا باشلىغىلى خېلى بولدى.تاتلىق ئەسلىمىلەر،ئىلھامنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرى،سۆيگۈمىزگە گۇۋاھ چىغىر يول...مەن سىلەرنى كۈتۈۋاتىمەن!

ئۆيدىكىلەر مېنى ئالغىلى ئالدىمغا چىقىپتۇ.ئىلھام نېمىشقا چىقمىغاندۇ؟ ئاپاملاردىن خىجىل بولدى تايىن.بولمىسا بۈگۈن كېلىدىغانلىقىمنى بىلەتتى.
ئۆيگە كېلىپ دادام ئاپام سىڭلىم بىلەن قانغۇچە مۇڭداشتىم.ئۇلار مېنى بەكلا سېغىنىپتۇ.مېنىڭ ئۇلارنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنىغۇ تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيتتىم.كەچ كىردى.ئىلھامدىن بىرەرقېتىم تېلىفونمۇ كەلمىدى.ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەر مېنى كۆرگىلى كەلدى،مەن ئىلھامنى گەپ ئارىلاپ سورىسام،ئاپىسى ئۆيدە قالغان،دەپلا ئاددىيلا جاۋاب بەردى.
ياتاق ئۆيۈم رەتلىك يىغىشتۇرۇلغان بولۇپ ،نەرسىلىرىم جايىدا تۇرۇپتۇ.ماۋۇ ئىلھام سوۋغا قىلغان كېلەڭسىز سەت قونچاق شۇ،دېدىم ئۇنىڭ بۇرنىنى چىمدىپ قويۇپ.ئىلھام،ساڭا زادى نېمە بولدى؟مەن مېڭىش ئالدىدا تېلىفون قىلغان ئىدىڭ،بىز ئىككىمىز تەتىلدە نېمە ئىشلارنى قىلىمىز،نەلەرگە بېرىپ ئوينايمىز دەپ بىر مۇنچە پىلانلارنى تۈزۈپ كەتمىگەنمىدۇق؟ئەمدى سەنمۇ كىرپىدەك قىشلىق ئۈچەككە كىرىۋالمىغانسەن؟ نېمانداق مەن بىلەن تېخىچەكارىڭ بولمايدۇ؟مېنى يىغا تۇتتى.
تاڭمۇ ئاتتى.ئىلھامدىن تېخچە خەۋەر يوق.مەن چىدىمىدىم.ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدىم.ئۇ ئۈرۈمچىدە ئىشلەتكەن نومۇر توختاپ قالغانىدى،ئۆيىگە قىلاي بولمىسا.بۈگۈن ئاپاملارنىڭ قاتار چېيى،ئۇنىڭ ئاپىسىمۇ كەتكەن بولسا،دادىسى ئىشقا كەتسە،ياخشى پۇرسەتكەن ئۇرىۋېرەي.
-ۋەي،كىمۇ؟-تېلىفوننى ئالغان ئىلھامنىڭ ئىنىسى دىليار ئىدى.
-مەن مېھرىبان ئاچاڭ،ياخشى تۇردۇڭمۇ دىليار-دېدىم مەن.
-مېھرىبان ئاچا،سىزما؟ سىزنى ئەجەب كۆرگۈم كەلدى.بىزنىڭ ئۆيگە كەلمەمسىز؟ ئاپاملار بىلەن تەڭ سىزنى كۆرگىلى باراي دېسەم كېيىن بارغىن دەپ مېنى ئاپارمىدى.-دېدى ئۇ.
-ۋاقتىم چىقسىلا بارىمەن،سەنمۇ بىزنىڭ ئۆيگە كەلگىن،ئوخشىتىپ تاماق قىلىپ بېرىمەن،ئۆزۈڭ يالغۇزما؟-دېدىم مەن.
-ئاكام بار،ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەمسىز؟ ئۇنى چاقىراي-ھە؟-ئاكا،مېھرىبان ئاچامكەن،سەن بىلەن سۆزلىشىمەن دەيدۇ!
تۇرۇپكىدىن ئۇنىڭ ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.بىرىنىڭ ساپما كەشنى سۆرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.ئىلھامغا مەن بىلەن سۆزلىشىش خۇشياقماپتۇمۇ نېمە دەپ ئويلىدىم.
ماڭ كىرىپ تاپشۇرۇقۇڭنى ئىشلە-ئىلھامنىڭ قوپال ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ھە،ياخشىمۇ سەن؟تېنچ-ئامان كېلىۋالدىڭمۇ؟-ئىلھام مەندىن سوغۇقلا ئەھۋال سورىدى.
-تېنچ-ئامان كېلىۋالدىم.لېكىن ئەھۋالىم ئانچە ياخشى ئەمەس.بەزىلەر نېمىشقا مېنى ئىزدىمەيدۇ؟
-مېھرىبان،بەزىلەردىن رەنىجىمە.
-نېمىشقا رەنجىمەيمەن؟مېنىڭ رەنجىيدىغانغا ھەققىم بار!
-ئەمدى سېنىڭ رەنجىيدىغانغا ھەققىڭ قالمايدۇ.بۈگۈندىن باشلاپ ھەممە ئىشلار ئاخىرلاشسۇن.مەن تەتىلدە كۇرستا ئوقۇيدىغانغا تىزىملىتىپ قويغان.ئەتە ماڭىمەن،شۇڭا سەل ئالدىراش،سەن بىلەن كۆرۈشەلمەيمەن.
-ئىلھام بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ نېمانداق گەپلەرنى قىلىسەن؟ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مۇشۇنداق ئۆزگىرىپ كەتتىڭما؟ قېنى بىزنىڭ پىلانلىرىمىز؟قېنى سېنىڭ ۋەدىلىرىڭ؟مەن سەن بىلەن كۆرۈشىمەن.ھازىرلا ھېلىقى ئۈجمە دەرىخنىنڭ يېنىغا چىققىن.
-خاپا بولما،مەن چىقالمايمەن.-ئۇ تېلىفوننى قويۇۋەتتى.
بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟مەن بۇنداق بولارىنى قەتئىي ئويلاپ باقمىغانغۇ؟ \"ئالدىراپ بەرگەن كۆڭۈلنىڭ ئەتىۋارى بولمىدى\"دېگەن ھەق گەپكەن جۇمۇ!تېلىفوننىڭ تۇرۇپكىسىنى تۇتقىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم.
-ئاچا،ساڭا نېمە بولدى؟-سىڭلىمنىڭ ئاۋازىدىن ئېسىمگە كەلگەندەك بولدۇم.
-ھېچنىمە،بىر نەرسىنى خىيال قىلىۋاتقان ئىدىم-دېدىم تۇرۇپكىنى قويۇپ.
-ئاچا ،سەن باشقىچىلا بولۇپ قاپسەن،ساڭا بىر ئىش بولغان ئوخشايدۇ-دېدى ئۇ .
-مۇقەددەس،ماڭا ھېچنىمە بولمىدى.ياخشى ئوقۇغىن،باشقا ئىشلارغا قەتئىي زېھنىڭنى چاچما،بولامدۇ-دېدىم ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ.
-مەكتەپتىكى ھەممىسى مېنى ئاچىڭىزدەك ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈڭ دەيدۇ.بەزىدە سەندىن پەخىرلەنسەم،بەزىدە سېنى ئۆزۈمگە بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.-دېدى ئۇ مەيۈس ئاھاڭدا.
-سەن مەندىنمۇ ئەقىللىق تۇرساڭ،نېمە دەپ بېسىم ھېس قىلاتتىڭ؟
-نەدە مەن سەندىن ئەقىللىق؟
تاتلىق سىڭلىم،مەندەك كۈنگە قېلىپ قالمغىن،ئىلھام مېنىڭ قەلبىمنى مۇشۇنداقمۇ ئازابلامسەن؟

تەتىل ئاياغلاشتى. ئىلھام راستىنلا كۇرستا ئوقۇيمەن دەپ ئۈرۈمچىگە كېتىپتۇ.بىز كۆرۈشمىدۇق.ئۇنىڭ تېلىفوندىكى ھەممە ئىش ئاخىرلاشتى دېگەن گېپى بىلەن بىز ئايرىلىپ كەتكەن بولدۇق.
تۇنجى سۆيگۈنىڭ ماڭا سۇنغان سوۋغىسى مۇشۇ بولدى. بولدى ئەمدى ھېچكىم بىلەن يۈرمەيمەن.مۇھەببەت ،ئەمدى كېلىپ مېنىڭ قەلب ئىشىكىمنى چەكمە،مەن سەندىن بىزار!
شۇندىن كېيىن مەن يەنە كىتاب خالتىسىغا ئايلاندىم،كۈنلىرىم سىنىپ،ياتاق،كۇتۇپخانا ئوتتۇرىسىدىكى يولدا قاتراش بىلەن ئۆتتى.كۈنلەر ئايلارنى،ئايلار يىللارنى قاتلاپ ،مانا ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىقىپ قالدىم.
قىشلىق تەتىلگە قويۇۋېتىدىغانغىمۇ ئازلا قالدى.
-مېھرىبان قانچىنچى چېسلانىڭ بېلىتىنى ئالدىڭ قىزىم؟-دېدى ئاپام بىر كۈنى تېلىفوندا.
-15-چېسلانىڭ
-ئىلھامنىڭ تويىغا ئۈلگۈرۈپ كەلگۈدەكسەن قىزىم-دېدى ئاپام


-ئىلھامنىڭ تويىغا؟.
-ھەئە،ئىلھامنىڭ تويىنى قىلىۋېتىدىغان بولدۇق.ئايشەم ئاپاڭ كېلىن كۆرىدىغان بولدى.بۇلتۇر مەكتىپى پۈتتى.خىزمىتىمۇ ھەل بولدى.توي قىلىدىغانلا يېرىگە كېلىپ قالغان شۇ-ئاپام خۇددى ئۆزى ئوغۇل ئۆيلەپ،كېلىپ كۆرىدىغاندەك خۇشال ئىدى.
-قىلسا قىلمامدۇ،مەن بەرىبىر بارمايمەن.توي بىلەن خوشام يوق!
-ۋۇي،ساڭىمۇ ئاز قالدى،توي دېگەننىڭ قانداق قائىدىلىرى بولىدۇ،كۆرۈپ قويىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلھام بىلەن ئاكا-سىڭىلدەك ئۆتەتتىڭ.بارمىساڭ سەت بولىدۇ-ئاپام ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ،شۇڭا مۇشۇنداق دەيدۇ شۇ.
ھەي،ئاپا ،سېنىڭ قىزىڭ مېھرىباننى مۇھەببەتكە نەپرەت بىلەن قارايدىغان قىلىپ قويغىنى ئاشۇ ئىلھام،مەن بىلەن نېمە سەۋەبتىن ئايرىلىپ كەتكىنىنى مەن تا ھازىرغىچە بىلمەيمەن.سۈرۈشتۈرۈپمۇ باقمىدىم.سۈرۈشتۈرۈشكىمۇ رايىم يوق.يا ئۇ ۋاپاسىز كېلىپ بىر چۈشەنچە بەرمىدى.مەن يەنە ئۇنىڭ تويىغا بېرىپ ھە-ھۇ دېيىشىپ بېرەمدىم؟
-ئاپا ،بارغاندا بىر گەپ بولسۇن-دەپلا تېلىفوننى قويۇۋەتتىم.
ئۆزۈم يالغۇز مەيداننى بىر يۈگۈرۈپ چىقتىم،ئىلھام،توي قىلساڭ قىلىۋەر،مەن ھەيران قالمايمەن.خۇدايىم ھەممە ئادەمنى جۈپتى بىلەن ياراتقان.مەنمۇ بىر كۈنى توي قىلىمەن،توي قىلىمەن...ياشلىرىم تۆكۈلدى.مەن كىم بىلەن توي قىلىمەن؟ئىلھام سەن بىلەن توي قىلسام بولار ئىدى.سەندىن باشقا بىرى بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى ئويلىسام يۈرىكىم ئاغرىيدۇ.مەن سەندىن باشقىسىغا كۆنمەيمەن!
نەچچە ۋاقتىن بېرى خىيالىمدىن خېلى نېرى بولۇپ قالغان ئىلھام مېنى يەنە قىينىغىلى تۇردى.ئۆزۈم سۆيگەن ئادەمگە باشقىلار بىلەن بېشىڭ باش،ئايىغىڭ تاش بولسۇن دەپ بەخت تىلىيەلمەيمەن،مەن ئۇنچىلىك ئالىيجاناب ئەمەس!
ئىلھام ،مەن بىلەن كارىڭ بولمىسىمۇ،مەن بىلەن يۈرمىسەڭمۇ مەن چىدىدىم،لېكىن باشقا بىرى بىلەن توي قىلىمەن دېسەڭ مەن راسىتىنلاچىدىمىدىم.
ئىمتىھانلارنى قانچىلىك ئوسال كەيپىياتتا بەرگىنىمنى بىلمەيمەن.ئۆيگە ئالدىرايتتىم.بارسام خۇددى ئىلھامنىڭ تويىنى توسۇپ قالالايدىغاندەك.
ئۆيگە كەلدىم.ئاپام ئىلھامنىڭ توي ئىشلىرىغا قارىشىپ كۈندە دېگۈدەك ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئىدى.ئاڭلىسام،ئىلھام ئۈرۈمچىدىكى نەۋرە سىڭلىسى بىلەن توي قىلارمىش.مەنمۇ ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان بولسام ئۇ قىز بالىغا ئىلھامنىڭ قەلبىگە بۆسۈپ كىرگۈدەك پۇرسەت بەرمەيتتىم.ئىسىت!
ئاپامنىڭ زورى بىلەن ئۇلارنىڭ تويىغا باردىم.بارمىسام ئاپام چوقۇم مەندىن سەۋەبىنى سوراپ تۇرۇۋالاتتى.مەن بولغان ئىشلارنى ئاپامغا دېيەلمەيتتىم.
ئۇنىڭ تويىغا كەلگەن ئادەم بەكلا جىق ئىدى.ئاخشىمى رېستۇران تېخىمۇ قىزىپ كەتتى.ئىلھام بەكلا سۇلغۇن ئىدى.مېنى كۆرۈپ يالغان ۋىجدان ئازابى تارتقان بولىۋالغاندۇ-تايىن!
\"ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن،ئەقىدەمگە يىغلايمەن\"دېگەن راست گەپكەن،مانا مەن ھېچنىمە بولماي ئولتۇرمامدىم.ساڭا قىلغان ئەقىدەمگە ئۆكۈندۈم خالاس!ئىلھام،سەنمۇ تايىنلىقلا بىر ئادەمغۇ...
-مېھرىبان ،تانسا ئوينايلى-دېگەن ئاۋاز خىيالىمنى بۆلدى.بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام مەردانكەن.
-مەردان؟-دېدىم ھەيران بولۇپ.
-مەن يادىڭىزدا باركەنمەن-ھە؟-دېدى ئۇ كۈلۈپ.
-مېنى شۇنداق ئۇنتۇغاق دەپ ئويلامسىز؟ سىزمۇ مېنى ئۇنتۇماپسىزغۇ ئەنە-دېدىم مەنمۇ سۇس كۈلۈپ.
-تۇرىڭە،تانسا ئوينىغاچ پاراڭلىشايلى-دېدى ئۇ .مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم.
-بېيجىڭ ياخشىمىكەن-دېدى مەردان
-ياق،-دېدىم كۈلۈپ-يۇرتقا يېتىدىغان جاي يوقكەن.
-كېلەر يىلى پۈتىدۇ ھە مەكتىپىڭىز؟
-ھەئە،سىزچۇ راست نەدە بوپ كەتتىڭىز؟
-بىز نەدە بولاتتۇق.شىنجاڭنىڭ قىرلىرىدىن ئاشالماي يۈردۇق.مەنمۇ ئىلھام بىلەن بىر مەكتەپتە ئىدىمغۇ،ئۇنتۇپ قاپسىز-دە؟
-ۋاي ئېسىم قۇرىسۇن.خاپا بولماڭ-دېدىم ئوڭايسىزلىنىپ-پۈتتۈرۈپ بولدۇم دەڭ؟
-شۇنداق،ھازىر ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتىمەن.
-ياخشىكەنغۇ.مۇبارەك بولسۇن!
-رەھمەت.تېلىفون نۇمۇرىڭىزنى دەپ بېرىڭچۇ راست،يەنە كۆتۈرۈلۈپ قالماي يادىڭىزدىن-دېدى مەردان .
-خەلق ساقچىلىرى ئالدىراش كېلىدۇ،دەپ بەرسەممۇ ئىزدەيدىغان ۋاقتىڭىز چىقماسمىكىن-دېدىم .
-سىزنى ئىزدىگىلى ۋاقىت چوقۇم چىقىدۇ،چىقمىسىمۇ چىقىدۇ ،دەپ بەرگىڭىز كەلمەيۋاتىدۇ-ھە؟
-ياق،ئۇنداق ئەمەس-دېدىم -ھېلى دەپ بېرەي.
مۇزىكا ئاخىرلاشتى.مەردان نومۇرۇمنى دەپ بەرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئورنىغا كەتتى.مەن قىزلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىم بىلەن كۆزۈم ئىلھام بىلەن يېڭى كېلىنچەكتە ئىدى.كېلىنچەكنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ مەمنۇنلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە بەختىيار بولار ئىدىم-ھە؟!
تېلىفونۇم سايرىدى،مەن بىر چەتكە بېرىپ تېلىفوننى ئالدىم:
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،كىمۇ؟-مەن ئەسسالام دەپ تېلىفون ئېلىشنى ئاخىرى ئۆگەنگەن ئىدىم.
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،مەن مەردان،مەن سىرتتا،چىقسىڭىز،سىز بىلەن پاراڭلىشاي دېگەن.
مەن دەماللىققا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.قانداق قىلاي؟بۇ يەردە خەقنىڭ بەختىگە كۆز قىزارتىپ ئۆزۈمنى ئازابلاپ ئولتۇرغاندىن چىقساممۇ چىقايچۇ،شۇ خىيال بىلەن مەردانغا ماقۇل دېدىم.
مەن قىزلارغا بىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان بولۇپ قالدىم، دەپ قويۇپ سومكامنى ئېلىپ ماڭدىم.ئۇلار \"
-ئوغۇل دوستى بىلەن كۆرۈشىدۇ چوقۇم-دېيىشىپ كەتتى،مەن كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم.مەردان ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپتۇ.ئۇ مېنىڭ چىققانلىقىمنى كۆرۈپ ئالدىمغا كەلدى.
-نەدە پاراڭلىشىمىز؟-دېدىم ئۇنىڭغا سوئال نەزىرى بىلەن قاراپ.
-ئۇدۇلدىكى تورتخانىغا كىرەيلى-دېدى ئۇ يولنىڭ يەنە بىر قېتىدىكى \"شەھلا\"تورتخانىسىنى كۆرسىتىپ.
-بولىدۇ-دېدىم مەن.
بىز تورتخانىنىڭ بۇلۇڭىدىكى بىر ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردۇق.
-كۆرۈشمىگىلى بەكلا ئۇزۇن بوپ كېتىپتۇ مېھرىبان بىزگە-دېدى ئۇ قولىدىكى ۋېلكىنى پىرقىرىتىپ تۇرۇپ.
-شۇنداق بوپتۇ راست-دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ.
سىز چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز ،قىزلار چوڭ بولسا چىرايلىق بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ
-سىز گەپكە ئۇستا بولۇپ كېتىپسىز ،مەردان
-لېكىن مەن ھەممە قىزنىڭ ئالدىدا بۇنداق گەپكە ئۇستا ئەمەس،سىزنى ماختاپ قويسام شۇنداق دەۋاتسىز ھە؟مەن راست گەپنى قىلىۋاتىمەن.
-رەھمەت،مەن يەنىلا بۇرۇنقىدەكلىغۇ لېكىن
-مىجەزىڭىز بۇرۇنقىدەك تاتلىق تۇرۇپتۇ،كىچىكىمدە سىزنى بەك بوزەك قىلاتتىم.سىزنى كۆرۈپلا شۇ كونا كېسىلىم قوزغىلىپ يەنە سىزنى بوزەك قىلىپ،خاپا قىلىپ ،قېچىپ كەتكۈم كېلىۋاتىدۇ.
ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈپ كەتتۇق.
-كىچىك چاغدىكى دوستلار باشقىچە بولىدۇ ھە؟ مەنمۇ ئەسلەپ قالىمەن شۇ چاغلارنى-دېدىم دېرىزىدىكى ئەكسىمگە قاراپ.
-سىز بەرگەن ھېلىقى قولياغلىق ھازىرغىچە يېنىمدا بار-دېدى مەردان.
-قولياغلىق؟ھە يادىمغا كەلدى-مېنى يەنە كۈلكە بېسىۋالدى-تېخىچە ساقلاۋاتامسىز؟
-ساقلاۋاتىمەن،ئۇ دېگەن مەن قىز بالىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان تۇنجى سوۋغا تۇرسا،ئەزىزلەپ ساقلايمەن-دە؟
-سوۋغا قىلغان؟ ۋاي،مېڭىڭە،مەن سىزگە سوۋغا قىلمىغان ،قولى قاناپ كېتىپتۇ دەپ بېرىپ تۇرغان،ئۇ چاغلاردا سوۋغا بېرىشنى بىلەتتىممۇ-مەن؟
ئىككىمىز يەنە كۈلۈشۈپ كەتتۇق.مەن سائەتكە قارىدىم ،ئوندىن ئاشقانىدى.
-مەن ماڭايمىكىن،بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ-دېدىم.
-مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي ئەمىسە-دېدى مەردان.
-بولدى تاكسى توسۇپ ئۆزۈم كېتىمەن.
-ساقچى ئاپىرىپ قويسا بىخەتەر بولىدۇ،بىزنىڭ ۋەزىپىمىز خەلقىنىڭ ئامانلىقى-دېدى ئۇ ماڭا سالام بېرىپ.مەن يەنە كۈلۈپ كەتتىم.
-ماقۇل ئەمىسە.
بىز تاكسىدىن بىرنى توستۇق.مەردان يول بويى قىزىق گەپلەرنى قىلىپ مېنى كۈلدۈرۈپلا كەلدى.ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ماشىنىدىن چۈشتۈم ۋە\"
-كۈندۈزى كەلسىڭىز سىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىلاي،ھازىر بەك كەچ بولۇپ كەتتى.سىزگە رەھمەت-دېدىم.
-رەھمەت دەۋەرمەڭچۇ؟ ئادەمنى يات كۆرگەندەك ،كىرىپ ياخشى ئۇخلاڭ-دېدى.
-يولدا دىققەت قىلىڭ،سىزمۇ ياخشى ئارام ئېلىڭ،مەن كىرىپ كەتتىم ئەمىسە!
مەن دەرۋازدىن كىرىشىمگىلا ئاپام ئالدىمغا چىقتى.
-كىمۇ ئۇ سېنى ئەكىلىپ قويغان؟
-بىر كونا ساۋاقدىشىم.
-كىرىپ ئۇخلا،ئەتە پاراڭلىشايلى.مەن دەرۋازىنى تاقىۋىتەي.دېدىم ئاپام.
ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ،ياستۇقۇمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان بىر كونۋېرتنى كۆردۈم.كونۋېرت ئۈستىگە قېرىنداش قەلەم بىلەن:
-ئاچا،بۇ خەتنى دىليار بەرگەن،ئىلھام ئاكام ساڭا يازغان خەتكەن.بايا ئەكىلىپ بەردى.ھېچكىم كۆرمىسۇن دېگەن،سەن قايتىپ كەلگىچە ئۇيقۇم كېلىپ كەتتى.شۇڭا بۇ يەرگە قويۇپ قويدۇم.
دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.مۇقەددەسنىڭ پۇچۇركىسى.
مەن بىر ھازا تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن كونۋېرتنىڭ ئاغزىنى يىرتتىم:
-سالام ،مېھرىبان!
ئەڭ ئاۋال سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن. بۇ خەتنى يېزىش -يازماسلىق توغرىسىدا بەك كۆپ ئويلاندىم.لېكىن يازمىسام ساڭا،ماڭا بەك ئۇۋال بولاتتى. يەنىلا يېزىشنى لايىق تاپتىم.تويۇم بولۇپ بولغاندىن كېيىن كۆرىسەن بۇ خەتنى.
بىلىمەن،مېھرىبان،مېنى سۆيىسەن.لېكىن مەنمۇ ساڭا شۇنى دېيەلەيمەن،مەن سېنى سەن مېنى سۆيگەندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق سۆيىمەن.بۇ راست!
بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپلا ،سېنى بىر ئۆمۈر قوغداپ ئۆتسەم دەپ ئويلايتتىم، بۇ خىيال كېيىن مۇھەببەتكە،تولىمۇ كۈچلۈك مۇھەببەتكە ئايلاندى.مەن سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى بىلمەي تۇرۇپ ساڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلالمايتتىم.چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرمەي قالساڭ،مەن ھەتتا سەن بىلەن بولغان دوستلىقىمنىمۇ ساقلاپ قالالمايتتىم.مەن قورقتۇم.
ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە ئاز قالغان چاغدىلا سېنىڭمۇ ماڭا مەيلىڭ بارلىقىنى بىلدىم.بىلەمسەن مېھرىبان شۇ كۈنلەردىكى خۇشاللىقىمنى؟ سەن ماڭىدىغان كۈنى قەلبىمنى ئىزھار قىلدىم.سەن قەلبىمنى قوبۇل قىلدىڭ.بېشىم خۇشاللىقتىن كۆككە يەتكەندەك بولدى.مەن ئۆز-ئۆزۈمگە سېنى بىر ئۆمۈر بەختلىك قىلىمەن دەپ ۋەدە بەردىم.
سەن بىلەن تېلىفوندا كۆرۈشۈپ تۇردۇم.بىلەمسەن ،شۇ چاغدا ياخشى ئوقۇغان بولسام ،مېھرىباننىڭ يېنىدا بولالايتتىم دەپ بەك كۆپ پۇشايمان يېدىم.لېكىن نە چارە؟
تەتىلنى تۆت كۆز بىلەن ئەمەس ،سەككىز كۆز بىلەن كۈتتۈم.مەن سەندىن بۇرۇن تەتىل بولۇپ ئۆيگە قايتتىم.سەن ماڭىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى سەن بىلەن تېلىفوندا دېيىشكەن گەپلەرنى ئاپام ئاڭلاپ قاپتۇ.مەن تېلىفوننى قويۇپ تۇرىشىمغا ئاپام مېنى يېنىغا چاقىردى.
-بايا مېھرىبان بىلەن پاراڭلاشتىڭ-ھە؟-دېدى ئاپام .مەنمۇ بۇ ئىشنى ئۆيدىكىلەرگە دەي دەپ تۇراتتىم.چۈنكى سەن يا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بىلمەيدىغان ئادەم بولمىساڭ.شۇڭا سەن بىلەن يۈرۈۋاتقانلىقىمنى ئاپامغا دېدىم.خىيالىمدا ئاپامنى خۇش بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن.چۈنكى ئۇ سېنى ئۆز قىزىدەك كۆرەتتى ئەمەسمۇ؟ لېكىن كىم ئويلىغان ،ئاپام بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ تۇتۇلۇپ كەتتى.
-ئاپا ،نېمە بولدى؟ سەنمۇ مېھرىبانغا ئامراققۇ؟ نېمىشقا خاپا بولىسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزمۇ چوڭ بولدۇق.يۈرسەك بولىدىغان ياشتىغۇ!
-مەن مېھرىبانغا ئامراق.بۇ ھەقىقەت.مەنمۇ ئۇنى كېلىن قىلىۋېلىشنى بەك خالايمەن،لېكىن ئۇنى كېلىن قىلسام بولمايدۇ.بىز ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بېرىپتۇ مانا.
-ئاپا گېپىڭنى چۈشەنمىدىم.
-بىچارە بالىلىرىم ،خۇدا نېمىشقىمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ ئوتىنى دىلىڭلارغا سالغاندۇ؟گەپنى ئوچۇق قىلاي،ئاڭلىغىن بالام.سەن تۇغۇلۇپ بىر ئايدىن كېيىن مېھرىبان تۇغۇلدى.قىرقىم توشماي تۇرۇپلا ئاغرىپ قالدىم.سېنى ئېمىتسەم بولمايتتى.سەن قىرىق كۈنلۈك بولماي تۇرۇپلا كالا سۈتى بىلەن بېقىلدىڭ.مەريەم ئاپاڭ بۇنى ئاڭلاپ،مەن ئېمىتەي،مېھرىبان سۈتۈمنى ئېمىپ بولالمايدىكەن،ئوغۇل بالا تۇرسا ،ئانا سۈتىدىن بۇنچە بۇرۇن ئايرىلىپ قالسا ئاجىز بولۇپ قالمامدۇ؟دېدى.ئۇ ئۇنداق دېگەن يەردە مەن قارشى چىقاتتىممۇ؟ مەنمۇ سېنىڭ ئانا سۈتىگە تويۇپ چوڭ بولۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن-دە! شۇنداق قىلىپ مەريەم ئاپاڭ سېنى بىر ئايغا يېقىن ئېمىتتى.كېيىن مەنمۇ ياخشى بولۇپ قېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا ئاپارمىدىم.شۇنداق قىلىپ سەن مېھرىبان بىلەن ئېمىلداش بالىلاردىن بولۇپ قالدىڭلار.بىلىشىڭ كېرەك.ئېمىلداش بالىلارغا نىكاھ چۈشمەيدۇ.شۇڭا مەن مېھرىباننى كېلىن قىلسام بولمايدۇ.مەريەم ئىككىمىز باشتا بۇ ئىشلارغا سەل قاراپتۇق.بىز بۇرۇنراق دېسەك بولاتتى بۇ گەپنى-دېدى ئاپام ئېغىر تىنىپ.
مەن خۇدۇمنى بىلمەيلا قالدىم،مۇنداق ئىشلارمۇ باركەندە؟ بۇ ئىشلارغا نېمە دېگۈلۈك؟ئاھ،مېھرىبان،سەن مەن ئۈچۈن بىر چۈش بولۇپ قالامسەن؟
-بالام،مېھرىبان بىلەن كۆرۈشمە،ئۇنىڭ ئازابلانغانلىقىنى كۆرسەڭ چىدىماي خاتايولدا مېڭىۋېرىشىڭ مۇمكىن.-دېدى ئاپام.
ئاپا-مەن چوڭ بولۇپ تۇنجى قېتىم ئاپامنىڭ ئالدىدا ياش تۆكتۈم-مەن قانداق قىلىمەن؟مېھرىبان قانداق قىلىدۇ؟
-بالام ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ.يىغلىما !
سېنىڭ تېلىفونىڭنى ئېلىپ قانچىلىك بىئارام بولغانلىقىمنى بىلەمسەن ،مېھرىبان؟ مەن سەندىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچماقچى بولدۇم.سېنىڭ يىغلىغان ھالىتىڭنى كۆرۈشتىن قورقىمەن.سېنى يىغلاتقۇم يوق.مەن سەن بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدىم.ئۈرۈمچىگە كەتتىم.تەتىللەردە ئۆيگە قايتمىدىم.دادام -ئاپام مېنى كۆرگىلى ئۈرۈمچىگە كېلەتتى.مەن مەھەللىنى سېغىندىم،سەن بىلەن بىللە ئۆتكەن بالىلىقمنى سېغىندىم،لېكىن مەن يەنىلا چىدىدىم.سەنمۇ مېنى ئىزدىمىدىڭ.ئايرىلىش سەۋەبىنى سوراپ يۈرمىدىڭ.مەن ئاپامدىن سېنىڭ ئەھۋالىڭنى سوراپ تۇردۇم،ئاپام سېنى ياخشى تۇرىۋېتىپتۇ.لېكىن سەل جىمغۇر بولۇپ قاپتۇ دېدى.بىزنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىمىزگە ھېچكىم سەۋەبچى ئەمەس.تەغدىر بىزنى قوشماپتۇ مېھرىبان!
يۇلتۇز مېنىڭ نەۋرە سىڭلىم.ئۇنىڭ ئاپىسى دادامنىڭ سىڭلىسى،بۇنى بىلىسەن.ئۇ بەش ياشقا كىرگەندە ،ئۇنىڭ ئاپىسى ماشىنا ۋەقەسىدە تۈگەپ كەتتى.شۇندىن كېيىن ئۇ بەكلا ياۋا،جىمغۇر بولۇپ قالدى.ئۈرۈمچىدىكى چوڭ ئانىسى ئۇنى بەكمۇ ئەتىۋارلىدى.ئۆگەي ئاپىسىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى.لېكىن ئۇپەقەت بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندىلا خۇشال ئوينايتتى.ئۇ دائىم مېنى ماڭا قوغدىغۇچى بولۇڭ،سىز بولسىڭىزلا مەن ھېچنىمىدىن قورقمايمەن دەيتتى.
ئالىي مەكتەپنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇيدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ئۇ تولىمۇ خۇش بولدى.شۇ تەتىلدە ئۇ ماڭا بىر پارچە خەت يېزىپتۇ.خەت بىرلا قۇر ئىدى:
مەن ئىلھام ئاكامنى ياخشى كۆرىمەن.ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسام ،مەن ئەڭ شادىمان ئادەم بولالايمەن..
مەن جاۋاب خەت يازدىم:
-يۇلتۇز،تاتلىق سىڭلىم،ئىلھام ئاكىڭىزمۇ سىزنى ياخشى كۆرىدۇ،ئۇ مەڭگۈ سىزنىڭ ئاكىڭىز. ئۇ يەنە بىر پەرىشتىدەك ئاچىڭىز بىلەن تەڭ سىزنى قوغدايدۇ.
ئۈرۈمچىگە چىققاندىن كېيىن ئۇنى كۆپ ئىزدىمىدىم.چوڭ ئاپام تۇرۇپ-تۇرۇپلا:
-بىچارە يۇلتۇزنى يېنمدا بولسىكەن دەيمەن،ئىلھامغا چېتىپ قويىدىغان خىيالىم بار -دەپ قوياتتى.
تەقدىر دېگەن ئاجايىب بولىدىكەن.مەن چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرگەن مېھرىبانىم ماڭا تەئەللۇق ئەمەسكەن.مەن تەقدىرگە تەن بەردىم.ئاشۇ بىچارە يۇلتۇزنىڭ قەلبى بولسىمۇ،ئۆزى سۆيگەن كىشىنىڭ ۋىسالىغا نائىل بولسۇن.
مېھرىبان ،مەن ئەمدى ساڭا ئاكا بولاي.مەڭگۈلۈك ئاكاڭ بولاي.سېنى پەقەت ئاكاڭ ئورنىدىلا قوغدىيالايمەن ئەمدى!
مېھرىبان ،سەن بەختىڭنى تاپساڭ،مېنىڭ شادلىقىم شۇ!ساڭا ئاللادىن چەكسىز بەخت تىلەيمەن.بەختلىك بول ،مېھرىبان!
سەن قانمىغان،ساڭا قانمىغان ئىلھامدىن.

توۋا،بۇ نېمە ئىش ئەمدى.خەتنى ئوقۇپ بولغىچە ياشلىرىم ئېقىپ ياستۇقۇمنى ھۆلدەپ بولدى.ئىلھام،مەن سەندىن ئاغرىنىپ يۈرۈپتىمەن،مەن كىمدىن ئاغرىنىشىم كېرەك ئەمدى؟ئاپامدىنمۇ؟ سېنىڭ ئاپاڭدىنمۇ؟ تەقدىردىنمۇ؟
ئاھ،بىچارە مېھرىبان،ئاھ،بىچارە ئىلھام!
بىر كېچىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى ،قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن.ئەتىسى ئاپامنىڭ چاقىرغان ئاۋازى بىلەن كۆزۈمنى ئاچتىم.
-كۆزۈڭ نېمانچىلا ئىشىپ كەتتى؟يىغلىدىڭما؟-سورىدى ئاپام .
ئاپا!-دەپلا ئاپامغا ئېسلىپ قايتىدىنلا يىغلاپ كەتتىم
-نېمە ئىش بولدى؟مېنى ئەنسىرەتمەي ماڭا دېگىن-ئاپامنىڭ ئاۋازى جىددىي ئىدى.
مەن ئىلھامنىڭ خېتىنى ئاپامغا سۇندۇم.ئاپام ئوقۇپ بولۇپ ،ماڭا قارىدى ۋە:
-سەن ئۇنى ياخشى كۆرەمتىڭ؟ سەن ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەنمىدىڭ؟-دەپ سورىدى.
-ئاپا مەن ئىلھامنى ياخشى كۆرەتتىم.ئەمدى قانداق قىلىمەن؟
-كەچۈرگىن قىزىم،ھەممىنى قىلغان مەن.سېنىڭ بەختىڭنى توراپ قويدۇم.بۇنداق بولارىنى كىم ئويلىغان دەيسەن؟
-سەندە گۇناھ يوق ئاپا!ئۆزۈمنىڭ شور پېشانىلىكىمدىن كۆرىمەن.
-ئىلھام دېگەندەك بەختىڭنى تاپقىن قىزىم.ئىلھام ئېسىل بالا.لېكىن بۇ دۇنيادا ئۇنداق بالىلار يەنە بار.
-قەلبىمدە پەقەت شۇلا بار تۇرسا.
-كۆڭۈل دېگەننى مەيلىگە قويساڭ شۇنداق بولىدۇ.ئىشىنىمەن،ئىلھامدەكتىن بىرىنى چوقۇم تاپالايسەن.ئاخشام سېنى ئەكىلىپ قويغان بالا كىمۇ؟
ئاپامنىڭ بۇ گېپى مەرداننى يادىمغا سالدى.
-مەردان،مەمەت مۇئەللىمنىڭ ئوغلى،بۇرۇن بىزنىڭ مەھەللىدە ئىدى،كېيىن خىزمىتى شەھەرگە يۆتكىلىپ ،مەھەللىمىزدىن كۆچۈپ كەتكەنچۇ!
-بولىدىغان بالىكەنغۇ ئەنە!
-ۋاي سەن نېمە دەۋاتىسەن ئاپا،ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئىشىم يوق! ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بۇ ئىشلارنى ئويلىغۇممۇ يوق.كاللام بەك قالايمىقان.
-بىرى كېلىپ تەسەللىي بولسا،ئازابىڭ يېنىكلەيدۇ قىزىم.بولغىدەك يېرى بولسا ئۆزۈڭنى ئېلىپ قاچما.ئىلھامنى يادىڭدىن چىقىرىۋەت.بىلىمەن،ساڭا ئاسان توختىمايدۇ.لېكىن مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئۈچۈن ئاھ ئۇرىۋەرسەڭ تۈگىشىپ كېتىسەن!
تېلىفونۇم سايراپ كەتتى.مەردانكەن.مەن ئاپامغا قارىدىم.ئاپام بۇرنۇمنى چىمدىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم-دېدىم تۆۋەن ئاۋازدا.
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟
-ھەئە-دېدىم ئارانلا.
-نېمانداق ئارانلا چىقىدۇ ئاۋازىڭىز؟ ئەمدى تۇرغان ئوخشايسىز-ھە، ھورۇن قىز؟
-ئۇنداق ئەمەس،سەل بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ شۇ-دېدىم ئەمدى تۇرغانلىقىمنى دېيىشتىن خىجىل بولۇپ.
-دورا يەڭ.
-كچىك بالىغا ئىش ئۆگەتكەندەك گەپ قىلىدىكەنسىزغۇ؟-دېدىم .ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
-چۈشتىن كېيىن سىز بىلەن كۆرۈشەي دېگەن راست،ئەتە ئۈرۈمچىگە ماڭىمەن،سىز بىلەن ئوبدانراقمۇ مۇڭداشماپتىمەن،ئاخشام بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە جىق گەپلىرىمنى دېيەلمەي قالدىم-دېدى ئۇ كۈلكىدىن توختاپ.
-چۈشتىن كېيىن؟ قانداق بولاركىن؟-دېدىم ئويلىنىپ.
-مەن سىزنى تۈنۈگۈنكى تورتخانىدا ساقلايمەن،سائەت ئىككىدە.چوقۇم كېلىڭ-ھە-ئۇ شۇنداق دەپلا تېلىفوننى قويۇۋەتتى.نېماندا قىزىق؟ مېنىڭ رايىمغا باقمايلا،چوقۇم كېلىڭ دېيىشلىرىنى تېخى!
لېكىن مەن ئوغۇل بالىلارنىڭ مۇشۇنداق ئازراق ھەيۋىسى بولىشىنى ياقتۇرىمەن.
مەن ئويلىنىپ ئۇزاق ئولتۇردۇم.توۋا،بۇ تەتىلدە كەلسەم ئىلھامنىڭ تويى بولۇپ كەتتى.ئىلھامدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلىپ يەتتىم.ئويلىمىغان يەردىن مەردان تۇرمۇشۇمدا پەيدا بولۇپ قالدى.ئۇمۇ مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىكى ساۋاقدىشىم.ئۇنىڭ بىلەن قانداق تونۇشقانتىم راست؟
~ ~ ~


مەن بوغچامنى ئېسىپ ،دادام ئىشلەيدىغان توك ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا تۇراتتىم(ئۇ چاغدا يېزىلىق توك ئىدارىسى بىزنىڭ مەھەللىدە ئىدى،يېنىدىلا باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىدى)ماڭا ئوخشاش بوغچا ئېسىۋالغان بىر ئوغۇل بالا يېنىمغا كەلدى ۋە:
-سەنمۇ مەكتەپتە ئوقامسەن؟ نېمانداق ماڭا ئوخشاش بوغچا ئېسىۋالدىڭ-دېدى.
-دادام مېنى ئەتە مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىدۇ.ئەتە دەرس باشلايدۇ دەيدۇ.-دېدىم مەن.
-داداڭ سېنى ئالداپ قويۇپتۇ.بۈگۈنلا دەرس باشلىدى.مېنىڭ دادام مالىم.قارا،ئاۋۇ بالىلارغا توپ ئۆگىتىۋاتقان مېنىڭ دادام.-دېدى مەكتەپ مەيدانىدا توپ كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ.
-دادام يالغان ئېيتمايدۇ.كىچىك بالىلارنى ئەتە كەلسۇن دەپتۇ-دېدىم .
-مەنمۇ كىچىك بالا تۇرۇپ بۈگۈن كەلدىمغۇ مانا!بىزنى سىنىپلارغا بۆلۈپ بولدى.ئەتە كەلسەڭ سېنى ئالمايدۇ،سەن ئوقۇيالمايسەن ئەمدى-دېدى ئۇ قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ.
-ياق ،مەن ئوقۇيمەن.مېنى مەكتەپكە ئالىدۇ،ئالمىسا دادامغا دەيمەن-دېسەم،
-داداڭ يا مېنىڭ دادامدەك مالىم بولمىسا،مېنىڭ دادام ئەجەب يامان- دېدى ئۇ.
-مېنىڭ دادام توك ياسايدۇ.دادام ياساپ بەرمىسە،سەن دەنشى كۆرەلمەيسەن.مېنىڭ دادام سېنىڭ داداڭدىن يامان.
-دېدىم مەن ئولتۇرغان ئورنۇمدىن تۇرۇپ.
بىز تازا قىزىق بىر نېمە دېيىشىۋاتقاندا،دادام چىقىپ قالدى:
-مېھرىبان،ماڭامدۇق قىزىم،ئاپىڭىزنىڭ تامىقى پىشىپ قالدى-دېدى ماڭا قاراپ.
-دادا،ما بالا مېنى مەكتەپتە ئوقۇيالمايسەن دەۋاتىدۇ-دېدىم ئۇنى كۆرسىتىپ.
-ئوقۇيالايسىز قىزىم،مەردان چاقچاق قىلىۋاتىدۇ-ھە؟-دېدى دادام ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.
-ئۇ مېنىڭ دادام سېنىڭ داداڭدىن يامان دېدى،ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ قويما-دېدىم دادامنىڭ قولىنى تارتىپ.دادام گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى.
-مەرداننىڭ دادىسى راستنىلا يامان.داداڭدەك بول جۇمۇ بالام.ماڭ كىرىپ داداڭنىڭ يېنىدا ئوينا-دېدىم دادام.ئۇ ماڭا قاراپ تىلىنى چىقىرىپ قويۇپ مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
ئەتىسى مەكتەپكە باردىم.مۇئەللىم بىزنى چەتتىكى بىر سىنىپقا ئەكىردى.مەن كىرىپلا مەرداننى كۆردۈم.مەن ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ، ئىلھامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
-قىز بالا تۇرۇپ خىجىل بولماي ئوغۇل بالىنىڭ يېنىدا ئولتۇرامسەن؟ ئوغۇللار بىلەن ئوينىساڭ چېچىڭ ئۆسمەيدۇ-دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.
-يەنە شۇنداق دېسەڭ مالىمغا دەيمەن-دېدىم مەن.
-مېھرىباننى بوزەك قىلساڭ سېنى ئۇرىمەن جۇمۇ-دېدى ئىلھام مۇشتىنى تۈگۈپ.
-قىز بالىنىڭ يېنىدا ئولتۇرساڭ قورقۇنچاق بولۇپ قالىسەن-دېدى ئۇ ئىلھامغا قاراپ.
-نېمە كارىڭ؟ مېھرىبان مەن بىلەنلا ئولتۇرىدۇ.-دېدى ئىلھام.مەردان تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويۇپ ئالدىغا قارىۋالدى.


مېھرىبان،بۇ ياققا چىقىپ ،ماڭا ياردەملەشكىنە قىزىم-ئاپامنىڭ ئاۋازى بىلەن خىيال دەرياسىدىن قايتىپ چىقتىم.
مانا ھازىر-دېدىم مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ.
ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ ئاپام بىلەن مۇڭداشتىم.ئاپامنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن،ئىلھامنى ئۇنتۇپ كېتىمەن دېدىم.دېمىسىمۇ ،ئەمدى ئۇنتۇماي نە چارە؟
چۈشتىن كېيىن مەردان بىلەن كۆرۈشۈش كېرەكمۇ كۆرۈشمەسلىك كېرەكمۇ؟ كاللام چىگىشلىشىپ كەتتى.تاماق يەپ بولۇپ ،ئۇنىڭ قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدىم.
مېھرىباننىڭ دەل ۋاقتىدا كېلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن.
مەردان.
ئۇنىڭ قىسقا ئۇچۇرى قىسقىلا يېزىلغان بولۇپ،ئىسمى -جىسمىغا لايىق قىسقا ئۇچۇر ئىدى.مەن ئىككىلىنىپ ئولتۇرسام ئاپام كىرىپ قالدى.
-نېمىنى ئويلاۋاتىسەن؟ ئىلھامنىما؟
-ياق،ئۇنى ئويلىمايمەن ئەمدى، راست ئاپا،خاتىرجەم بول،ئۇ دېگەن ئۆيى بار ئادەم ھازىر!
-كاللاڭدىن ئۆتكەن بولسىلا بولدى.-دېدىم ئاپام مېنى قۇچاقلاپ.
-ئاپا -دېدىم مەن ئاستا -مەردان چۈشتىن كيىن كۆرۈشەيلى دەيدۇ،قانداق قىلىمەن؟
-كۆڭلۈڭ تارتسا ئىككىلەنمە،مەمەت مۇئەللىمىنىڭ بالىسى بولسا بولىدىغان بالىكەن،ئاپىسىمۇ بەك ياخشى ئايال.-دېدى ئاپام.
-ئەمىسە بېرىپ كۆرۈشەي،لېكىن ئۇ باشقىچە گەپ قىلمىدى،بىز ئارتۇق ئويلاپ كەتتۇقمۇ ھە ئاپا؟-دېدىم كۈلۈپ.
-شۇنى دەيمەن،لېكىن باشقا خىيالى يوقمۇ دېيىشكە بولمايدۇ،بېرىپ كۆرۈشۈپ باق-دېدى ئاپام بېشىمنى سىلاپ.
سائەت بىردىن ئاشقانىدى،مەن مېڭىشقا تەييارلىق قىلدىم.ئاپام ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى.
-قىزىڭ چوڭ بولسا ،ياشلىق سىمايىڭنى ئۇنىڭدىن كۆر دېگەن راست گەپكەن-دە-دېدى ئاپام ماڭا زوقلىنىپ.
-مەن سەندەك چىرايلىق ئەمەس،ئاپا،ياشلىق سىمايىڭىنى مەندىن كۆرەلمەيسەن-دېدىم چېچىمنى تۈزەشتۈرگەچ.
-نەدىكىنى؟ مېنىڭ قىزىم ئاي جۇمۇ،ئاي!ئۇدۇل كەلگەن ئادەمگە بېرىۋەتكۈم كەلمەيدۇ-دېدى ئاپام كۈلۈپ.
-ئاپا مۇشۇ ياسىنىشىم بولدىمۇ؟-دېدىم بىر پىرقىراپ.
-ھازىر كىنوغا چىقىدىغاندەك بولۇپ كەتتىڭ!
-مەن ماڭاي،ئەمدى ماڭمىسام كېچىكىمەن-دېدىم ئايىغىمنى كىيىپ.
-مەن سېنى ئۆزۈم ئۇزىتىپ قوياي-دېدى ئاپاممۇ ئورنىدىن تۇرۇپ.
دەرۋازىدىن چىقىشىمغىلا ئاپتۇبۇس كەلدى.مەن ئاپام بىلەن خوشلىشىپ ئاپتۇبۇسقا چىقتىم.يېرىم سائەتتىن كېيىن مەن ھېلىقى تورتخانىنىڭ ئالدىغا كەلدىم.مەردان ئالدىمغا چىقتى ۋە سائىتىگە قارىۋېتىپ:
-مېھرىبان ،ئون مىنۇت كېچىكتىڭىز،خاتىرىلەپ قويۇپ،كېيىن ھېسابىنى ئالىمەن -دېدى.
-ئاران ئون مىنۇت كېچىكىپتىمەنما؟ ئاپتۇبۇسنى بۇنچە تېز ئەكىلىپ قويا دەپ ئويلىماپتىكەنمەن دېسە!بىلسەم كېيىنكى ئاپتۇبۇسنى كۈتەركەنمەن-دېدىم مەنمۇ كۈلۈپ.
-ئەسكى بوپ قاپسىز مېھرىبان،مەن بۇ يەرگە كېلىۋالغىلى نەۋاق؟-دېدى مەردان چىرايىنى يالغان پۈرۈشتۈرۈپ.-ئىچىگە كىرەيلى.
بىز ئالدىنقى قېتىم ئولتۇرغان ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇق.
-بۇ بىزنىڭ كونا جايىمىز بولۇپ قالدى-دېدى مەردان.
-نەدىكى كونا جايكەن ئۇ؟ بۇ تېخى ئەمدى ئىككىنچى قېتىمغۇ؟
-ئىككىنچى قېتىم بولغاندىكىن ئۈچىنچى،تۆتىنچى،ھەتتا يىگىرمىنچى قېتىملارمۇ بولىدۇ
-مەن ھەر قېتىم چاقىرسىڭىز كېلىۋەرمەيمەن.
-قېنى كۆرىمىز-دېدى مەردان ئۆزىگە ئىشەنگەن ئاھاڭدا.ئۇنىڭ مەغرۇرلىقى تېخىچە باركەن -دە؟
-سىزگە بىر نەرسە كۆرسىتەي-دېدى مەردان يانچۇقىنى ئاختۇرغاچ.
-نېمە كۆرسىتىسىز؟-دېدىم قىزىقىپ.
-بۇ ھېلىقى قولياغلىق-دېدى مەردان بىر قولياغلىقىنى پۇلاڭلىتىپ.مەن تونۇدۇم،بۇ مەن ئۇنىڭغا قولىنى تېڭىشقا بەرگەن قولياغلىق شۇ ئىدى.
-راستىنلا ساقلاپ كەپسىزدە؟
-شۇنداق بولمايچۇ؟بىر ئۆمۈر ساقلايمەن!
مەن قولۇمدىكى ۋېلكىنى ئۇيان ئۆرۈپ،بۇيان ئۆرۈپ گەپ قىلماي ئولتۇردۇم.
-مېھرىبان،بىرەرسى بىلەن يۈرمىدىڭىزما؟
مەرداننىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سوئالى مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى.نېمە دەپ جاۋاب بېرەي؟ ئىلھام بىلەن يۈردۈم دېسەم،نېمە دەپ ئايرىلىپ كەتتىڭلار دەپ سورىشى ئېنىق.ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم،،پېشانىمىزگە پۈتمەپتۇ ،دەمدىم؟ھازىر بۇ گەپلەرنى دەپ نېمە قىلاي؟
-ياق-دېدىم جىق سوئالدىن قۇتۇلماق بولۇپ.
-ئۆگىنىش دەپلا ئۆتۈپ كەتتىم دەڭ؟ باشقا ئىشلارنى ئويلايدىغان چاغلارمۇ كەلدى،مېھرىبان،كىتابتىن باش كۆتۈرۈڭ-دېدى ئۇ ئۇرغۇلۇق قىلىپ.
-ئۇغۇ شۇ -دېدىم كۈلۈپ-سىزچۇ راست؟ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى سۆزلەپ بېرىڭە!
-مەن مەكتەپتە بىز قىز بىلەن يۈرگەن،كېيىن ئايرىلىپ كەتتۇق.ئۇ ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپتە بىرمەزگىل يۈرگەن بىرى بىلە توي قىلىۋالدى.ھازىر مەنمۇ تەنھا شۇ!ياخشىراق بىرىنى تاپسام ،ئىلھامدەك تويۇمنى قىلساملا بولاتتى شۇ!
ئىلھامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ يەنە باشقىچە بولۇپ قالدىم.
- جىمىپ كەتتىڭىزغۇ؟ماڭا بىرەرسىنى تەۋسىيە قىلىشنى ئويلاۋاتامسىز نېمە؟
-ياقەي،تەۋسىيە قىل دېسىڭىز ئويلىشىپ باقسام بولىدۇ،خېلى جىق دوستىلىرىم بار بىر-بىرىدىن ئېسىل!
-ئۆزىڭىزنىلا تەۋسىيە قىلمامسىز؟
-ۋاي،مېڭىڭە!چاقچاق دېگەننى قىلىپ قويىسىز ئەمما !-يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى.
-قاراڭ،قىزىرىپ كەتتىڭىز،خىجىل بولىۋاتىسزغۇ؟ چوقۇم بىر گەپ بار سىزدە!
-مەندە نېمە گەپ بولاتتى؟
-مېھرىبان،ئەگەر ئۆزۈمنى سىزگە تەۋسىيە قىلسام ئويلىشىپ باقارسىزمۇ؟
-چاقچاق قىلماڭچۇ!
مەردان جىمىپ قالدى.مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.ئۇ ماڭا مەنىلىك قاراپ ئولتۇراتتى.مەن يەنە دەرھال يەرگە قارىۋالدىم.
-مېھرىبان،بۇ گەپلىرىم يالغان ئەمەس.ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.-مەرداننىڭ ئاۋازى تولىمۇ سەمىمىي بىلىندى.
مەن ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم.
-تۇيۇقسىز بوپ قالدى،شۇڭا دەماللىىققا بىر نېمە دېيەلمەيۋاتىسىز-ھە؟
مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.مەردان يەنە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدى.مەن جىممىدە ئولتۇرۇپ ئاڭلىدىم.
مەن مەردان بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.مەردان دېگەن گەپلەرنى ئاپامغا دېمىدىم.ئاپاممۇ ئارتۇق سورىمىدى.
مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟
مەردان كۈندە ئاخشىمى ماڭا تېلىفون قىلاتتى.ئۇنىڭ خۇشچاقچاق،قىزغىن،مەردانە مىجەزى ماڭا يېقىپ قېلىۋاتاتتى.
بۈگۈن غەربلىكلەرنىڭ ئاشىق-مەشۇق بايرىمى،ياق ،خاتا بولۇپ قاپتۇ،بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان بىزلەرمۇ جىققۇ ھازىر!
ئەتىگەندە مەردان تېلىفون قىلدى.
-بىرەر تال گۈل ئالغىڭىز يوقما بۈگۈن-دېدى ئۇ تېلىفوننى قويۇش ئالدىدا.
-بۇ يا بىزنىڭ بايرام بولمىسا-دېدىم مەن.
بىز خوشلاشتۇق.كەچتە ئۆيدە يالغۇز قالدىم.تېلىفۇنۇم يەنە سايرىدى،مەردان ئىدى.
-مەن ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىدا،چىقىڭ-دېدى ئۇ تېلىفوننى ئېلىپلا.
-يالغان ئېيتماڭ-دېدىم مەن.
-سىىزنى ئالداپ نېمە قىلاي؟چىقىڭە،ھازىرلا ئۈرۈمچىدىن كېلىشىم،سىز بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپلا يەنە قايتىمەن-دېدى ئۇ جىددىي تەلەپپۇزدا.
مەن تېلىفوننى قويۇپ سىرتقا چىقتىم.ئىشىك ئالدىدا راستىنلا بىر ماشىنا تۇراتتى.ماشىنا ئىشىكى ئېچىلدى.مەن مەرداننى كۆرۈدۈم.
-ماشىنىغا چىقىڭ-دېدى ئۇ.
-نەگە بارىمىز؟
-ھېچيەرگە،چىقىڭە تېز.
-مەن ماشىنىغا چىقتىم،مەردان بىر تال ئەتىرگۈلنى ماڭا سۇندى.مەن قاراپ تۇرۇپ قالدىم.
-ئېلىڭە،سىزگە مۇشۇ گۈلنى بېرىمەن دەپ ئاتايىن كەلدىم-دېدى ئۇ.
مەن ئالدىم.ماشىنا يولنى بىر چۆرگىلەپ يەنە بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
-ئەمدى كىرىپ كېتىڭ.مەن تاماق يەيدىغان چاغدەن پايدىلىنىپ بۇ يەرگە كەلگەن،قايتمىسام بولمايدۇ-دېدى مەردان.
مەن گەپ قىلماي ماشىنىدىن چۈشتۈم.ماشىنا ئۇچقاندەك كېتىپ قالدى.مەن چۈش كۆرگەندەكلا بولۇپ قالدىم.توۋا،ماۋۇ مەردان ئەرۋاھتەك،كېلىپ جىندەكلا كېتىپ قالدى دېسە!
مەن گۈلنى ئەكىرىپ سۇغا چىلاپ قويدۇم.
كۆڭلۈم بىلىپ-بىلمەي مەردانغا مايىل بولۇپ قېلىۋاتاتتى.
تەتىلىم توشاي دېدى.بۇ قېتىم ئەجەب مەكتەپكە قايتقۇم كەلمەي قالدى.ماڭىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى مەردان بىلەن كونا جايدا كۆرۈشتۇق.
-مېھرىبان،مېڭىش ئالدىدا بولسىمۇ ،مېنىڭ كۆڭلۈمنى خۇش قىلىۋېتىپ مېڭىڭ.مېنى قىيناۋەرمەڭ-دېدى مەردان قولۇمنى تۇتۇپ.
مەن ئۇنىڭغا ئىلھام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى دېدىم.
-مەن بىلىمەن،ئىلھام ماڭا دەپ بەرگەن.سىزنىڭمۇ ماڭا ئۆز ئاغزىڭىز بىلەن دەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنەتتىم.
مەن ئۇنى رەت قىلىشقا سەۋەب تاپالماي قالدىم.راستىنى ئېيتسام كۆڭلۈممۇ رەت قىلىشقا ئۇنىمايۋاتاتتى.
مەن مەردانغا ماقۇل بولدۇم.مەردان ئالەمچە شادلاندى.مەن ئىلھامنىڭ كۆڭلىنى قوبۇل قىلغان چاغدىكىدەك خۇش بولمىغان بولساممۇ،ئىشقىلىپ خۇشال ئىدىم.
\"مەرداننى توغرا تاللىغان بولاي،ئىلاھىم،خۇدايىم بۇيرىسا ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر سادىق بولىمەن\"دەپ پىچىرلىدىم ئۆزۈمگە.
مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم.بىر كۆزۈم كەينىمدىلا قالدى.مەردان بىلەن ئۇزۇن كېچىلەرنى تېلىفون ئارقىلىق تۈنەپ چىقتۇق.مەردان،سېنى تاللاپ خاتا قىلماپتىمەن.خۇداغا شۈكرى!
ماي بايرىمىدىكى دەم ئېلىشتا مەردان بېيجىڭغا كەلدى.بىز بىللە بېيجىڭنىڭ ئەڭ گۈزەل يەرلىرىنى ئايلاندۇق.بېيجىڭ ماڭا باشقىچىلا سۆيۈملۈك بىلىنىپ كەتتى.مەردان يېنىمدا بولغاچقا شۇنداق تۇيۇلدى چوقۇم!
دەم ئېلىش ئاخىرلاشتى،مەن كۆزۈم قىيمىغان ھالدا مەرداننى ئۇزىتىپ قويدۇم.
بېكەت شۇنداق بىر جاي،بىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتكەنلەر ئۈچۈن ۋىسال ساھىلى،بىرىنى ئۇزاتقانلار ئۈچۈن ھىجران شاھىتى!
مەردان كەتتى،مەن بىر قۇچاق ھىجراننى كۆتۈرۈپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم.
تەتىل سېنى كۈتىمەن!
تەتىلمۇ كەلدى.سەپەرگە كونا بولۇپ قالغاچقا ،ئۆيدىكىلەرنى ئالدىمغا چىقماسلىققا كۆندۈردۈم.مەردان مېنىڭ ئالدىمغا چىقتى،بېكەت،مانا ئەمدى بىزگە ۋىسال ساھىلى بولدى!
تەتىلدە مەردان بىلەن ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرۈشتۈم.ئۇ ھەپتە ئاخىرى بولسىلا بۇ يەرگە چاپاتتى،بىچارە!
بۈگۈن مەردان بىلەن سۈرەتخانىغا كىرىپ رەسىمگە چۈشتۇق.رەسىم چىققۇچە ھېلىقى كونا جايغا-تورتخانىغا باردۇق.
-ماڭا تورت يېگۈزىۋېرىپ،چىشىمنى قۇرت يەپ كەتتى مانا-دېدىم مەن.
-مەيلى،ھەممە چىشىڭىزنى يەپ كەتسە،مەن چايناپ بېرىمەن تاماقلارنى.شۇنداق بولسا،مەندىن قەتئىي ئايرىلمايسىز-دە!
-ماك-ماك بولۇپ قالسام قارىماسسىز ھەقىچان؟
-مېھرىبان،ماك-ماك بولغۇچە بىرگە ئۆتەيلى-دېدى مەردان كۆزلىرىمگە تىكىلىپ.
-ھاسسىمىزنى توكۇلدىتىپ،بالىلارنىڭ ئۆيىگە بارىمىز تېخى!-دېدىم مەنمۇ.
ئاھ،بەختىيار مىنۇتلار!
رەسمىمىز چىقتى.
-نېمانداق سالاپەتلىك بالا ماۋۇ-دېدى مەردان ئۆزىنى كۆرسىتىپ-يېنىدىكى قىز بالىمۇ بوپ قويىدىكەن ھە؟
-بوپ قويامدىكەن-دېدىم رەسمىنى تارتىپ ئېلىپ-مەن قارىسام ماۋۇ بالا بوپ قويىدىكەن،بۇ قىز بالا تايىنلىقلىكەنغۇ؟
-ھەي-دېدى مەردان مۈرەمگە بىرنى ئۇرۇپ-مېنىڭ قىز دوستۇمنى بىر نەرسە دېگۈچى بولماڭ!سىزگە كۆرسەتمەيمەن!
ئۇنىڭ كىچىك بالىدەك تاتلىق قىلىقىدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم.بىز يەنە خوشلاشتۇق.بۇ خوشلىشىش قاچان ئاياغلىشار-ھە؟
مەن ئاپتۇبۇس ساقلاپ تۇرسام ،بىرماشىنا ئالدىمغا كېلىپ توختىدى.ماشىنىنىڭ دېرىزىسى چۈشۈرۈلدى.ئىلھام؟
-مېھرىبان،ماشىنىغا چىققىن،مەنمۇ مەھەللىگە يۇلتۇزنى ئالغىلى ماڭغان.-دېدى ئۇ.
مەن بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن ماشىنىغا چىقتىم.
-ئاڭلىسام،مەردان بىلەن يۈرىۋېتىپسەن-ھە؟-دېدى ئىلھام ماشىنا ئەينىكىدىن ماڭا قاراپ.
-شۇنداق،سەن نەدىن بىلدىڭ؟
-مەردان ئۆزى دەپ بەردى.
-يۇلتۇز ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ راست؟
ئۇلار توي قىلىپ بولۇپ ئىلھامنىڭ ئىدارىسى بەرگەن ئۆيدە تۇرۇۋاتقاچقا،مەھەللىدە يۇلتۇزنى بەك ئاز ئۇچرىتاتتىم.
-ياخشى تۇرىۋاتىدۇ،ھازىر ئېغىر بوي،كۈزنىڭ ئاخىرى يەڭگىپ قالارمىكىن-دېدى ئۇ كۈلۈپ.
-مۇبارەك بولسۇن!
-رەھمەت،ئوقۇشۇڭ پۈتسىلا توي قىلارسىلەر؟ مەرداننى جىق ساقلاتقىدەكسەن.
-ساقلىسۇن-دېدىم مەن .
-ساقلاشقا ئەرزىيدىغان كىشىلەرنى ساقلاشنىغۇ ھەممە ئادەم خالايدۇ.
ئارىمىزنى جىمجىتلىق باستى.مەھەللە دوقمۇشىغا كەلگەندە:
-مەن مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالاي-دېدىم.ئىلھاممۇ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەندەك ماشىنىنى توختاتتى.
-رەھمەت-دېدىم ماشىنىدىن چۈشكەچ.
-مېھرىبان،يات كۆرمە مېنى!مەن سېنىڭ ئاكاڭ ،يادىڭدا تۇت!
-يادىمدا تۇتىمەن،خوش!
ھەي،ئىلھام،مېنىڭ چۈشۈم!
تەتىل كېلىدۇ،يەنە كېتىدۇ ،چۈنكى ۋاقىت چەمبىرىكى جىم تۇرمايدۇ-دە.مەن ماڭىدىغان چاغلار يەنە كەلدى.بىز قىيمىغان ھالدا يەنە خوشلاشتۇق.بىر يىل قالدى ،پەقەت بىر يىل قالدى.
مەكتەپكە كېلىپلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.تۆتىنچى يىللىقتا دەرس كۆپ بولمىغان بىلەن،باشقا ئىشلار جىق ئىدى.مەردان بىلەن بۇرۇنقىدەك جىق تېلىفون قىلىشمايدىغان بولۇپ قالدۇق.مەنغۇ ئالدىراش دەپ ئىزدىمەي،ئۇمۇ تۈزۈك تېلىفون قىلماس بولىۋالدى.مەن بىرەر بىر قىلىپ قالساممۇ ،ۋەزىپە بار ئىدى،كېيىن قىلاي،يىغىن ئېچىۋاتقان،كېيىن پاراڭلىشايلى،دەپ تېلىفوننى قويۇۋېتەتتى.
ئىشقىلىپ ئۇ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىندى.مەكتەپتىكى ئىشلار ئازدەك بۇ مەرداننىڭ خاپىلىقىنى قانداق كۆتۈرەي؟
تازا ھالقىلىق يىلغا كەلگەندە،ماڭا مەدەت بەرمەكتە يوق،مەندىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقىلى تۇردى.
تەتىلمۇ كېلەر-ھە؟ بېرىپ تاناۋىنى تارتمىسام!
يېڭى يىل ئاخشمى ،سىنىپتىكىلەر بىلەن يېڭى-يىللىق تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتاتتىم.مەردان تېلىفون قىلدى.يېڭى يىلىمنى تەبرىكلەپ تېلىفون قىلىپتۇ-دە بۇ؟
مەن خۇشال تېلىفوننى ئالدىم.
-مېھرىبان يالغۇز يەرگە بېرىڭچۇ؟سىزگە دەيدىغان گېپىم بار!
يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى.مەن كارىدورغا چىقتىم.
-مەردان،نېمە گەپ ئىدى؟سۆزلەڭ-دېدىم مەن پەس ئاۋازدا.
-مېھرىبان ،قانداق دېيىشنى بىلمەي قالدىم،دېسەم سىزگە ئېغىر كەلمىسۇن.سىز بىلەن ئايرىلىپ كەتمىسەم بولمىدى.
-نېمە؟ -كۆزلىرىم چانىقىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالدى.
-مېھرىبان سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن.مەن توي قىلمىسام بولمايدىغان بولۇپ قالدى.
-سەۋەبى نېمە؟-دېدىم يىغلاپ تۇرۇپ.
-مەن خاتالاشتىم.بىر قىز بالىنىڭ كەلگۈسىنى نابۇت قىلدىم،سىزدىن كەچمىسەم ئۇ قىز بالا تۈگىشىدۇ...
مەرداننىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمىدىم.تېلىفون قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى.مەن سىرتقا قاراپ ماڭدىم.
بېيجىڭنىڭ سوغۇقى خېلى بار.لېكىن مەن مۇزلىمىدىم.ياق ،مەن مۇزلىدىم،مۇزلىغىنى مېنىڭ تېنىم ئەمەس.يۈرىكىم.
مۇھەببەت، ماڭا مۇشۇنداق توختىماي چاقچاق قىلساڭ بولامدا؟مەن نېمىشقا مۇشۇنداق ئازاب تارتىمەن؟مەن ياخشى كۆرگەنلىكى ئادەملەرنى مەندىن تارتىۋالغۇڭ كېلەمدا؟ نېمىشقا مېنى كۆرەلمەيسەن؟نېمىشقا مېنىڭ بەختىمگىلا كۆز قىزارتىسەن؟
مەن تويدۇم،بېيجىڭغا كەلگەنگە جاق تويدۇم!بېيجىڭ،سېنى ياخشى كۆرمەيمەن...
تەتىلدە ھېچكىم مېنىڭ ئالدىمغا چىقمىدى.مەن يالغۇز ئۆيگە قايتتىم.ئاپامغا ئېسىلىپ تازا ئۈن سېلىپ يىغلىدىم.
تېلىفونۇم سايرىدى،مەن ئالدىم:
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،مەن يۇلتۇز-دېدى قارشى تەرەپ.
-يۇلتۇز بۇ سىزما؟ قانداق ياخشى ياتامسىز؟ قىزىڭىزنى يوقلاپ باراي دېگەن،ئاڭغىچە سىز تېلىفون قىلىپسىز مانا،مېنى خىجىل قىلىپ-دەپ ئۆزرە ئېيتتىم.ئۇنىڭ قىز تۇغقانلىقىنى بايا ئاپامدىن چالا ئاڭلىغانىدىم.
-مەن تۇرۇپ كەتكىلى نەۋاق؟ قىزىممۇ چوڭ بولۇپ قالدى.سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي دېگەن،بۈگۈن كېلەلەرسىزمۇ؟
-ۋاي،بارىمەن،چوقۇم بارىمەن.
-ئەمىسە تاماققا تەييارلىق قىلىپ تۇراي،ئىلھام سىزنى ئالغىلى بارسۇن ھازىر.
-ياق،كەلمىسۇن،مەن ئۆزۈم باراي-دېدىم دەرھال.
-ياق،بارىدۇ،مەن ساھىبخان،مېنىڭ گېپىم گەپ.خوش تېلىفوننى قويۇۋەتتىم دېدى يۇلتۇز.
مەن كىيىملىرىمنى كىيىپ تەييار بولدۇم.بىر چاغدا ئىلھامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.ئۇ ئۆيىمىزگە كىرگەن ئىدى،دادام -ئاپام بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن،يۇلتۇز ساقلاپ كەتتى،بىز ماڭايلى-دېدى.
بىز ماڭدۇق.
-مېھرىبان،نېمانداق غەمكىن ئولتۇرىسەن-دېدى ئىلھام.
-مەردان توي قىلغۇدەك-دېدىم كۆزلىرىمنى يىراققا تىكىپ.-نېمانداق مەنلا يۈرگەن ئادەملەر باشقىلار بىلەن توي قىلىۋالىدىغاندۇ؟
-مەردان مېنى ئىزدىگەن،ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن دەپ بەكلا يىغلاپ كەتتى.ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوقكەن،مېھرىبان،ئۇنىڭدىن ئاغرىنما.بەلكىم پېشانەڭگە پۈتۈلگىنى باشقا بىرسىدۇ.كۆڭلۈڭنى كەڭ تۇت.
-كۆڭلۈمنى كەڭ تۇتۇپ،ھەممە ئازابقا ئورۇن بېرىۋەردىم ھېلىمۇ!مەن نېمىدىگەن شور پېشانە-كۆزۈمدىن ياش قۇيۇلدى.
-سەن يىغلىساڭ،مەن بەك ئازابلىنىپ كېتىمەن،مېھرىبان.ئۆتۈنەي،يىغلىما،قەيسەر ياشا!
مەن قەيسەر بولالمايمەن ئەمدى!
-بىلىمەن،ساڭا بەك ئۇۋال بولدى ھەم بولىۋاتىدۇ.لېكىن ئىشەنگىن ،ھامان بىر كۈنى ئەڭ بەختلىك قىزغا ئايلىنىسەن!
-رەھمەت تەسەللىي بەرگىنىڭگە.
-قىزىمنى سوراپ قويمايسەنغۇ راست!-دېدى ئىلھام تېمىنى يۆتكەپ.
-قىزىڭ كىمگە ئوخشايدۇ ؟-سورىدىم يېشىمنى سۈرتۈپ.
-ماڭا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايدۇ.ئىسمىنى نېمە قويدۇق پەرەز قىلىپ باقە!
-يا ئاپىسىغا يېقىن،يا ساڭا يېقىن بىر ئىسىم قويغانسىلەر چوقۇم!
-ئۇنىڭ ئىسمىنى يۇلتۇز مېھرىبان قويايلى دەپ تۇرۇۋالدى.شۇڭا مېھرىبان قويدۇق.
مېھرىبان؟-مەن ھەيران بولدۇم.يۇلتۇزنىڭ ئورنىدا مەن بولسام بۇ ئىسىمنى قويارمىدىم؟
-ھەيران بولما ،مېھرىبان،يۇلتۇز ساڭا بەك ئامراق.
بىز ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قالغان ئىدۇق.يۇلتۇز ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ.مەن ماشىنىدىن چۈشۈشۈمگە يۇلتۇز ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ ،يۈزىنى يۈزۈمگە يېقىپ كۆرۈشتى.ئۇنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىدىن كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى.بىز ئۆيگە كىردۇق. ئۆي تولىمۇ پاكىز،رەتلىك ئىدى.بۆشۈكتە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان كىچىك مېھرىبانغا قارىدىم.ئۇ تولىمۇ ئوماق ئىدى.راست ئىلھامنىڭ ئۆزى ئىدى.ئۇنىڭ كىچىك ۋاقلىرى يادىمغا يەتتى.كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى.ئۇلارنىڭ بەختىگە كۆز قىزارتقىنىم ئەمەس،ئىشقىلىپ ئۆزۈمنى تولىمۇ بىچارە ھېس قىلىپ كەتتىم.
-راست ماڭا ئوخشامدىكەن؟-سورىدى ئىلھام .
-قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن.-دېدىم كۈلۈپ.
-چاي ئىچىڭلار كېلىپ-دېدى يۇلتۇز بىزگە .
بىر دەمدىلا ئوخشىغان پولۇنى كۆتۈرۈپ چىقتى.مەن پولۇغا ئامراق.لېكىن تاماققا ھېچ رايىم بارماي قالدى.يۇلتۇزنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن زورلاپ يەپ باقتىم.
-ئوخشىماپتۇما؟ ئەجەب يېمەيسىزغۇ ئاچا؟-دېدى يۇلتۇز .
-ئاچا،دېمەي ئىسمىنى ئاتاۋىرىڭ -دېدى ئىلھام-خەق تېخى ئوقۇغۇچى.
-ئۇنداق قىلسام ھۆرمەتسىزلىك بولار؟-دېدى يۇلتۇز.
-ياق ،ئۇنداق بولمايدۇ،ئىسمىمنى ئاتاۋېرىڭ-دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.
-ماقۇل ،ئەمىسە ئىسمىڭىزنى ئاتاۋېرەي.
تاماقتىن كېيىن ئۇلار بىلەن بىز ئاز پاراڭلىشىپلا مېڭىشقا ئالدىرىدىم.
-مېھرىبان ئويغانسا بىردەم ئەركىلىتىپ قويۇپ ماڭمامسىز؟-دېدى يۇلتۇز.
-مېنىڭغۇ شۇنداق قىلغۇم بار ئىدى،لېكىن بۇ كىچىك مېھرىبان نېمانداق ئويغانمايدىغاندۇ؟-دېدىم بۆشۈككە قاراپ.
-ئويغىتايلى-دېدى ئىلھام.يۇلتۇز بۆشۈكتىكى مېھرىباننى مەجبۇرى يەشتى.ئۇ كۆزلىرىنى ئاچتى،چالا ئويغىنىپ قالغاچقىمىكىن،يىغلاپ كەتتى.
-نېمانداق تاتلىق يىغلاشلىرى؟-دېدىم ئۇنى كۆتۈرۈپ.
-سىز ئەكەلگەن كىيملەر چوقۇم يارىشىدۇ-دېدى يۇلتۇز-چوڭ ئۆيگە بارغاندا كىيگۈزۈپ ئاپىرىمەن.
-قانداقراق كېلەركىن؟ كىچىك بالىغا تۇنجى كىيىم ئېلىشىم مۇشۇ.ياخشىسىنى ئالالماي قالغان بولسام خاپا بولماڭلار.
-نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز؟ مېنىڭمۇ كىيىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ ھازىر.قىزىمغا ئىچىم تارلىق قىلىپ ئاران ئولتۇرىمەن-دېدى يۇلتۇز كىيىملەرنى قولىغا ئېلىپ.
مەن كۈلدۈم.يۇلتۇزنىڭ مىجەزى نېمىدىگەن ياخشى،مەن ئىلھام ئۈچۈن خۇش بولدۇم.
-ئەمدى ماڭاي-دېدىم،مېھرىباننى يۇلتۇزغا بېرىپ-ئازراق ئىشىم بار ئىدى.
-ئىلھام ئاپىرىپ قويسۇن-دېدى يۇلتۇز-بۈگۈن بەرىبىر باشقا ئىشى يوق ئۇنىڭ.
-بولدى،ئۆزۈم كېتەي،بالىنى بېقىشىپ بەرسۇن سىزگە ،بۈگۈن بەك ھارغۇزىۋەتتىم سىزنى.
-ۋاي ئۇ بالا باقالايدىغان ئادەم ئەمەس،بالىنى يىغلىتىشتىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ قولىدىن-دېدى يۇلتۇز تۇمشۇقىنى تۈرۈپ.
-ھەي،ئادەمگە تۆھمەت چاپلىماڭ،مەن بېقىپ بەرگەچكە مۇشۇنداق تېز چوڭ بولۇپ كەتكەندۇ بىزنىڭ مېھرىبان؟
مەن ئۇلارنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن بىردەم ھۇزۇرلاندىم.نېمىدىگەن كۆڭۈللۈك!
مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم.ئىلھام مېنى ئاپىرىپ قويىمەن دەپ تۇرۇۋالدى. يۇلتۇز مېھرىباننى كۆتۈرۈپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ بىزنى ئۇزاتتى.
ئىلھام ماشىنى تولىمۇ ئاستا ھەيدىدى.
-مېھرىبان كۆڭلۈڭ يېرىمكەن-ھە؟
-ياقەي،سىلەرگە مەستلىكىم كەلدى.بەختىڭنى قەدىرلە!-كۆزۈمدىن ياش ئەگىدى.
-مېھرىبان ،سېنىڭ بەختلىك بولۇشۇڭنى تىلەيمەن.مەردان بىلەن ئىككىڭلارنىڭ ئىشى كۆڭلۈمنى تولىمۇ يېرىم قىلدى.لېكىن بەزى ئىشلارغا نېمىشقا ئادەمنىڭ ئىلاجى بولمايدىغاندۇ؟
-ئىلھام،مەن نېمىشقا ياخشى كۆرگەن ئادەملىرىم بىلەن بىرگە بولالمايدىغاندىمەن؟ نېمىشقا تەقدىر ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇلارنى يېنىمدىن ئېلىپ كېتىدىغاندۇ؟ مەرداننىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ،ئۇنىڭدىن قايتا سوراپ يۈرمىدىم.دېگىنە؟ ئۇ راستىنلا ئامالسىز قالغانمىدۇ؟ مەن نېمىشقا خەققە شۇنچىلىك ئىشىنىدىغانمەن؟ ئەينى چاغدا سەن ماڭا ئايرىلىپ كېتەيلى دېگەن چېغىڭدىمۇ، مەن سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمىگەن.ھازىرمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمەن.قىلغانلىرىم توغرىمىدۇ؟مەن نېمىشقا خەقنىلا ئويلاپ،ئۆزۈمنى ئويلىمايدىغاندىمەن؟
-مېھرىبان،سېنىڭ تەقدىرىڭ بەلكىم باشقا بىرى بىلەن باغلانغاندۇ؟ ئىشىنىمەن.سەندەك ئېسىل قىزلارغا خۇدا ئەڭ ئېسىل بەختنى ئاتا قىلىدۇ.
-مېنى بەزلىمە ئىلھام!مەرداننىڭ تويىغا بارسام قانداق بولار؟
-نېمە قىلسەن بېرىپ؟ ئۆزۈڭنى ئازابلاپ كېلەمسەن؟ مەرداننىمۇ باشقىچە قىلىپ قويىسەن.
-لېكىن مېنىڭ بارغۇم بار.مېنى ئۇنىڭدىن ئايرىغان ئادەمنى كۆرگۈم بار.
-مېھرىبان بىكار بولساڭ بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ يۇلتۇز بىلەن مۇڭدىشىپ تۇرغىن.ئۇنىڭ بۇ يەردە جىق دوستى يوق،ئۇ سېنى بەك چوڭ بىلىدۇ.
-مەنمۇ يۇلتۇزغا ئامراق بولۇپ قالدىم.لېكىن سىلەرنىڭ ئۆيگە بارسام،كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالىدىكەن.مېنى چۈشىنىشىڭنى ئۈمىدى قىلىمەن.
ئىلھام گەپ قىلمىدى.
-مېنى جەمىلەنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىنە،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈم كېلىپ قالدى.
ئىلھام ماشىنىنى جەمىلەنىڭ ئۆيىگە قاراپ ھەيدىدى.تېزلا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.مەن ئىلھامغا رەھمەت ئېيتىپ ماشىنىدىن چۈشتۈم.
جەمىلە مېنى كۆرۈپ بەكلا خۇش بولۇپ كەتتى. ئۇ ئۆيىدە يالغۇز ئىدى.مەن ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى دەپ بەردىم.ئۇ مەردانغا بەك ئاچچىقلاپ كەتتى.
-قانداق دېگەن بالا ئۇ؟ كۆرۈشكىن دەرھال،تويىنى بۇزىۋەت.خەق دېگەن سەن بىلەن بالدۇر يۈرگەن.سەن بىلەن يۈرۈپ تۇرۇپ ئۇنداق قالايمىقان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەكتى.نېمانداق ئۆزىنى بىلمەيدىغان نېمە ئۇ؟ سېنى ئالداۋاتقان بولمىسۇن يەنە!
-بىلمەيمەن ئاداش،مەردانغا قىيمايۋاتىمەن،لېكىن خەقنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىسام ئاۋۇ قىزغا ئۇۋال بولۇپ قالمىسۇن دەيمەن.
-كۆڭۈلچەكلىكىڭدىن مۇشۇنداق ھەسرەت چېكىپ ئولتۇرغان بەندىسەن! ئۆزىنى بىلمىگەن بىر نېمىلەرگە ئۇۋال بولسا بولمامدۇ!
-ئەمىسە قانداق قىلىمەن؟ مەرداننىڭ توي كۈنىمۇ توختاپ بوپتۇ.
-قاچان قىلىدىكەن؟
-ئۆگۈنلۈككە.
-نېمانداق تېز؟ ئۈرۈمچىدە قىلامدىكەن؟
-قىز بالىمۇ ئۈرۈمچىلىككەن،بىر يەردە ئىشلەيدىكەن.شۇڭا ئۈرۈمچىدىلا قىلىدىكەن.
-ۋاپاسىزنى قارا؟ قىز بالا دېگەن نېمانداق ئاجىز؟
ئۇنىڭ بىلەن بىردەم مۇڭدىشىپ ئۆيگە قايتتىم.
ئۆيگە كېلىپ مەردانغا تېلىفون قىلدىم.ئۇ تېلىفوننى ئالمىدى.كاللامدا تۈمەن خىل قىياس.جەمىلەنىڭ گەپلىرىنى ئويلىدىم.مەن راستىنلا كۆڭۈلچەكلىك قىلىپ مۇشۇ كۈنگە قالغاندىمەنمۇ؟
مەرداننىڭ تويىغا بېرىش نىيىتىمدىن ياندىم. مەردان ۋاپاسىزلىق قىلدى. ئۇنىڭغا ئېسىلىۋېلىشمنىڭ ئورنى يوق. خەقنىڭ تويىنى بۇزۇۋېتىپ ،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ھالدىمۇ،ۋاپاسىزلىق قىلغۇسى بار ئادەم ھامان قىلىدۇ ۋاپاسىزلىق دېگەننى.تويدىن كېيىن ئېرىدىن كۆرىدىغان ۋاپاسىزلىقتىن خۇدا ساقلىسۇن!
ئەگرى-توقاي مۇھەببەت يولۇم مېنى بۇ يولغا قايتا قەدەم باسماسلىققا ئۈندەپ تۇراتتى. مەن ئوقۇشۇم كېرەك،مەن پەقەت ئوقۇشتىنلا خۇشاللىق تاپالايدىغان ئوخشايمەن! ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ،ئاسپىرانلىقتا ئوقۇيدىغان بولدۇم.مەن جەنۇبىي جۇڭگوغا بېرىشنى لايىق كۆردۈم.ئاسپىرانتلىقنى جۇڭشەن ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇيدىغان بولدۇم
.
سېنتەبىرنىڭ بېشى يۇرتىمىز خېلى سالقىن بولۇپ قالغان چاغ ،لېكىن گۇاڭجۇ تېخىچە ئىسسىق تەپتىدىن يانمىغان ئىدى.بۇ يەردە بىرەرمۇ تونۇشۇم يوق ئىدى.مۇئەللىملىرىمنىڭ ياردىمى بىلەن ياتاققا ئورۇنلاشتىم. ئۇلار مېنى مەكتەپتىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىغا باشلاپ باردى. ئاشخانا بەك چوڭ ئىدى.لېكىن ئۇيغۇر ئۇستاملار ئەمەس، خۇيزۇ ئۇستاملار تاماق قىلاتتى. يەنىلا ئۇيغۇرچە تاماق يېيەلمەيدىكەنمەن-دە؟
مەن بۇ يەردە نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلارنى كۆردۈم. قاراشتىنلا ئۇلار مەندىن كىچىك ئىدى. مەندەك ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلار يوقمىكىنا؟
تىنجىق ،نەم ھاۋا مېنى خېلى قىينىغانمۇ بولدى. لېكىن كۆنمەي نە چارە؟
مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش كەيپىياتى يامان ئەمەس ئىكەن، گەرچە بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتىغا يەتمىسىمۇ، گۇاڭجۇدىكى باشقا مەكتەپلەرگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ياخشى ئىكەن.
بىر كۈنى كۇتۇپخانىدىكى بىر ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە تۇرغان\"سەرسان روھ\"ناملىق رومانغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. قايسى ئۇيغۇر بالىنىڭدۇ-بۇ؟ ئەجەب ئېلىپ ئوقۇغۇم كېلىپ كەتتى.مەن ئىگىسنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئۇ ئۈستەلنىڭ كەينىدىكى كىرىسلودا كىتاب ۋاراقلاپ ئولتۇردۇم.بىر چاغدا ئېگىز بوي، بۇغداي ئۆڭ،كۆزلىرى يوغان ،قارىماققا مەندىن چوڭدەك بىر ئوغۇل بالا كېلىپ ئۇ ئۈستەلدە ئولتۇردى.مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلشقا پېتىنالماي قالدىم.مەن يا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتمىدىم، يا ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدىم. مەن ئۇنىڭغا يوشۇرۇنچە قاراپ ئولتۇردۇم.ئۇنىڭ كۆرىۋاتقىنى خەلقئارالىق قانۇنغا ئائىت كىتاب ئىدى.قانۇنغا ئائىت كەسىپكەندە بۇ بالىنىڭ ئۆگىنىۋاتقىنى!
بىر چاغدا ئۇ قايرىلىپ كەينىگە قارىدى، مەن جىددىيلىشىپ كېتىپ دەرھال يەرگە قارىۋالدىم.قولۇم تىترەپ، كىتابىم يەرگە چۈشۈپ كەتتى.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كىتابنى ئالدى ۋە ماڭا سۇنۇپ:
-كىتابنى قالايمىقان يەرگە تاشلاشقا بولمايدۇ جۇمۇ!-دېدى. ئاھ،خۇدا ،ئۇ مېنىڭ ئۇيغۇرلىقىمنى بىلىۋاپتۇ-دە؟ ئۇنىڭغا يوشۇرۇنچە قاراپ ئولتۇرغانلىقىمنى بىلىۋالغانمىدۇ؟ ۋاي،يۈزۈم! مەن كىتابنى ئىتتىك ئېلىپلا ،رەھمەتمۇ دېمەستىن سىرتقا ماڭدىم.
پۇتلىرىم كالامپايلىشىپ كەتتى.مەن كۇتۇپخانىڭ كەينىدىكى كۆل بويىغا بېرىپ ئولتۇردۇم.يۈزۈم تېخىچە ئوت ئىدى.
- يېنىڭىزدا ئولتۇرسام بولامدۇ؟-دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنى كۆردۈم.
-بو..بولىدۇ-مەن دۇدۇقلاپ ئاران جاۋاب بەردىم.باياتىن بېرى ئوتتەك يېنىۋاتقان يۈزلىرىم تېخىمۇ قىزىشقا باشلىدى.
-ئىسىمىم مۇتەللىپ، ئاسپىرانتلىقنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن،كەسپىم خەلقئارالىق قانۇن،بۇرۇن گۇاڭجۇ ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇغان-دېدى ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ.
-مېنىڭ ئىسمىم مېھرىبان، بۇرۇن بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇغان،بۇ يىل كەلدىم.ئىنسانشۇناسلىقنى ئۆگنىۋاتىمەن.-دېدىم .
-بۇرۇن بۇ مەكتەپتە مەندىن باشقا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر يوق ئىدى.بۇ يىل ئىككى ئۇيغۇر قىز كەلدى دەپ ئاڭلىغان،مانا بۈگۈن بىرىنى كۆردۈم تېخى!-دېدى ئۇ كۈلۈپ.
-يەنە بىر ئۇيغۇر قىز بارمىكەن؟ مەن ئەجەب بىلمەيدىكەنمەنغۇ؟ ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويۇڭە!-دېدىم مەن دەرھال يېقىن تونۇشۇمغا مۇراجەت قىلغاندەك.
-مەنمۇ تونۇمايمەن،سىزنىمۇ ئەمدى كۆردۈم تېخى!
مەن ئۈمىدسىزلىنىپ كۆلگە قارىدىم.
-خاپا بوپ قالدىڭىز؟ داڭلىق ئۇنۋېرستىتتا ئوقۇغان قىزلار مۇشۇنداق نازۇك كېلەمدا؟
-ياق، كىم خاپا بولۇپ قاپتۇ؟ ئازراق ئۈمىدسىزلىنىپ قالدىم شۇ.بۇ يەردە بىرمۇ تونۇشۇم يوق ،شۇڭا بىر ئۇيغۇر قىزى بار دېگەننى ئاڭلاپ بەك خۇشال بولغان ئىدىم.-دېدىم قولۇم بىلەن يەرنى تاتىلاپ.
-قولىڭىز بىلەن يەر ئاغدۇرۋاتامسىز؟ چوڭ بولمىغانلا قىزكەنسىزغۇ ھەي-دېدى ئۇ قولۇمغا قاراپ.-مانا بۈگۈن مەن بىلەن تونۇشتىڭىز،ئەتە-ئۆگۈن ئۇنىمۇ ئۇچرىتىپ قالارسىز.
-ئۇغۇ شۇ-دېدىم .
-مەن بۇ يەرگە تونۇش، سىرتقا چىقماقچى بولسىڭىز ماڭا دەڭ،مەن بىللە ئەچىقىمەن.-دېدى مۇتەللىپ.
-مەنغۇ سىرتقا تولا چىقىپ كەتمەيمەن،لېكىن شۇ ئۇيغۇرچە تاماق يېگۈم كېلىپ كەتتى.
-قورساققا ئامراقكەنسىزدە؟ ياخشى ئىش بۇ.يەپ تۇر،بەك تۇر دېگەن گەپ بار، بەزى قىزلار تاماققا سەل قارايدۇ.سەل تۇرۇپ سىزنى شەھەر ئىچىدىكى بىر ئۇيغۇرچە ئاشخانىغا ئاپىراي،تامىقى بەك ئوخشايدۇ.-دېدى ئۇ.
-سىزنىڭ ئىشىڭىز يوقتۇ-ھە؟ سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويارمەنمۇ؟-دېدىم ئۆزرە ئېيتىپ.
-ئىشىم يوق.بېرىشنى خالىسىڭىزلا!
مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.ئۇ ماڭا بۇ يەر توغرىلىق جىق گەپلەرنى قىلىپ بەردى.مەن زەن قويۇپ ئاڭلىدىم.
-ئەمدى كىرىپ تەييارلىق قىلىڭ، كەچ قالمايلى-دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرغاچ.
-ماقۇل-دېدىم مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ.ئۇ ئاۋال مېنى ياتىقىمغا ئاپىرىپ قويدى.ۋە:
-ئون بەش مىنۇتتىن كېيىن مۇشۇ يەرگە كېلىمەن-دېدى.مەن ماقۇل بولۇپ ياتىقىمغا چىقىپ كەتتىم.
كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرايمۇ ؟ ئالماشتۇرسام ئۇ بالا ماڭا بەكلا ئېتىبار بىلەن قاراپ كېتىپتۇ دەپ قالارمۇ ؟ ئالماشتۇرمىسام،مېنى ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشنى بىلمەيدىغان قىزكەن دەپ قالارمۇ؟كاللام زىددىيەت بىلەن تولدى.قانداق قىلىشنى بىلمەي دېرىزە تۈۋىگە كەلدىم، يىراقتىن ئۇنى كۆردۈم. ئۇ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپتۇ.مەنمۇ ئالماشتۇراي ئەمىسە!ئۇ نېمانداق تېز كېلىپ بولغاندۇ؟ ياتىقى يېقىنلا يەردىكەن-دە؟
مەن ئامراق كۆڭلىكىمنى كىيىپ،سۇس گىرىم قىلدىم. سومكامنى كۆتۈرۈپ پەسكە يۈگۈردۈم.ئۇنى بەك ئۇزاق ساقلاتتىم ھېلىمۇ!
-خاپا بولماڭ،بەك ساقلىتىۋەتتىم-دېدىم ئۇنى كۆرۈپلا ئوڭايسىزلانغان ھالدا.
-بۇ قىزلارنىڭ ئادىتىغۇ-دېدى ئۇ كۈلۈپ-ھېچقىسى يوق.
\"بەك جىق قىزلارنى ساقلاپ باققان بالىمۇ نېمە-بۇ؟ \"دېدىم ئىچىمدە ئۇنىڭغا يەر تېگىدىن قاراپ.
-مېترو بىلەن بارايلى،تېز بولىدۇ-دېدى ئۇ.
-سىز نېمە دېسىڭىز شۇ.مەن بۇ يەرنى بىلمەيمەن.
دېگەندەك تېزلا ئۇ دېگەن ئاشخانىغا كەلدۇق. ئاشخانا بەك چىرايلىق بېزەلگەن بولۇپ،قويۇق مىللىيىچە پۇراق چىقىپ تۇراتتى. بىز بىر ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردۇق. كۈتكۈچى تاماق تىزىملىكىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ :
-سىز بۇيرىتىڭ.نېمە يېگۈڭىز بولسا دەۋېرىڭ -دېدى.
مەن تىزىملىكىنى قولۇمغا ئالدىم.تاماقلار خېلىلا قىممەت ئىدى.مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.
-سىز بۇيرىتىڭ،مەن بۇ يەرنىڭ قايسى تامىقى ئوخشايدۇ بىلمەيمەن-دېدىم ئۇنىڭغا تىزىملىكنى سۇنۇپ.
-بۇ يەرنىڭ ھەممە تامىقى ئوخشايدۇ-دېدى ئۇ كۈلۈپ.-مەيلى مەن بۇيرىتاي ئەمىسە.
ئۇ تىزىملىككە بىر قارىۋېتىپ بىر مۇنچە تاماقلارنى بۇيرۇتتى
نېمانداق جىق؟ بولدى قىلىڭ -دېدىم مەن دەرھال-ئىككى ئادەم يەپ بولالايمىزمۇ؟.

-يەپ بولىمىز-دېدى ئۇ كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ.
بىردەمدىلا تامىقىمىز چىقتى. ۋاھ،راستىنلا بەك ئوخشايدىكەن بۇ يەرنىڭ تامىقى! ئۇ مېنى تارتىنماي يېيىشكە دەۋەت قىلدى.
تاماقنىڭ خېلى جىقىنى يەپ بولدۇق.
-قالغانلىرىنى زەللە قىلايلى،سىز ياتاققا ئاپىرىپ يەڭ-دېدى ئۇ .
-ياق،سىز ئەكىتىڭ-دېدىم مەن خىجىل بولۇپ-ھېلىمۇ بەك جىق يەپ كەتتىم.
-ياتاققا بېرىپ يېگۈڭىز كېلىپ قالىدۇ دەيمەن-دېدى ئۇ كۈتكۈچىنى چاقىرغاچ.كۈتكۈچى قالغان تاماقلارنى سۇلياۋ خالتىلارغا قاچىلاپ بەردى.
-پۇلنى تەڭ تۆلەيلى -دېدىم مەن.
-بۇنداق گەپ يوق.سىز بۇلارنى كۆتۈرۈشكە مەسئۇل-دەپ خالتىلارنى ماڭا سۇندى. –
مەن يەنە قارشىلىق كۆرسىتىشكە پېتىنمىدىم.
-كەتكۈچە ئاپتۇبۇس بىلەن كېتەيلى،خېلى بالدۇركەن،مەن ئەتراپنى سىزگە تونۇشتۇراي-دېدى مۇتەللىپ.
ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە بىز ئاپتۇبۇسقا چىقتۇق. ئۇ يول بويى ماڭا ئەتراپتىكى مۇھىم سودابىنالىرى،ئىش بېجىرىش ئورنى، مەدەنىيەت مەيدانى دېگەندەك يەرلەرنى كۆرسەتتى.
-بىرەر كۈن ۋاقىت چىقىرىپ سىزنى ئاق بۇلۇت تېغى(بەييۈن تېغى)بىلەن سۈن جۇڭشەن خاتىرە سارىيىغا ئاپىرىپ كېلەي،دوستلىرىڭىز سىزنى كۆرگىلى كېلىپ قالسا شۇ يەرلەرگە ئاپارمىسىڭىز بولمايدۇ-دېدى.
-مېنى كىممۇ كۆرگىلى كېلەر؟ كېلىش نيىتى بارلارنىڭ ۋاقتى يوق،ۋاقتى بارلارنىڭ كېلىش نىيىتى يوق-دېدىم مەن ئېگىز بىر بىناغا كۆزۈمنى تىكىپ.
-كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ قويدۇممۇ نېمە؟
-ياق-دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ-رەھمەت ،سىزنى بەكلا ئاۋارە قىلدىم بۈگۈن.
ئارىمىزنى سۈكۈت باستى.
-بىر بېكەت قالدى كېلىدىغانغا-دېدى مۈرەمگە ئۇرۇپ.مەن چۆچۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
-سىزنى چۆچۈتىۋەتتىم-ھە؟-دېدى ئۇ ئوڭايسىزلىنىپ.
-ئۇنداق ئەمەس.
-نېمىلا دېسە ،ياق ،ئۇنداق ئەمەس دەيدىغان قىزكەنسىز.
-ئەمىسە نېمە دەيمەن؟
-كۆڭلىڭىزدە نېمە ئويلىسىڭىز شۇنى دەڭ.مەندىن تارتىنماڭ،ئوخشاش ئادەمغۇ بىز.يەنە كېلىپ بۇ يەردە بىز تۇغقان ھېسابلىنىمىز!
-ماقۇل-دېدىم بېشىمنى لىڭشىتىپ.
مەكتەپكە كەلدۇق.
-ھېرىپ كەتكەن بولسىڭىز ياتىقىڭىزغا ئاپىرىپ قوياي،ھارمىغان بولسىڭىز مەكتەپنى بىردەم ئايلىنىپ كىرىپ كېتەيلى-دېدى ئۇ.مەن نېمە دېيىشىم كېرەك؟ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم.
-قارىغاندا ھارغان ئوخشايسىز،بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ-دېدى ئۇ مېنىڭ ياتىقىم بار تەرەپكە قايرىلىپ.مەن ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.
ياتاق ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا قايتىدىن رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتىم.
ياتاقتا مەندىن باشقا ئىككى خەنزۇ ،بىر مىياۋزۇ قىز بار ئىدى. ئۇلار مېنى كۆرۈپ:
-سېنىڭ بۇ مەكتەپكە كېلىپ خۇشال بولغان ھالىتىڭنى ئەمدى كۆردۇق.ئاۋۇ بالا بەك كېلىشكەن بالىكەن،سېنىڭ ئوغۇل دوستۇڭما؟-دېيىشىپ كەتتى.
-ياق،مېنىڭ يۇرتدىشىم،خاتا چۈشەنمەڭلەر-دېدىم .
-خىجىل بولمىغىن،قارىغىنە يۈزۈڭنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى!-ئۇلار تەڭلا كېلىپ مەڭزىمنى چىمدىپ قويدى.مەن تۇمشۇقىمنى تۈرۈپ:-نەدە قىزىرىپ كەتتىم؟ ئەجەبكەنسىلەر-دېدىم. ئۇلار كۈلۈشۈپ كەتتى.
ئەتىسىدىن باشلاپ مەن مۇتەللىپ بىلەن تەڭ مەكتەپ ئاشخانسىغا چىقىدىغان بولدۇم. بىز پەقەت مەكتەپ ،كەسىپ،ئۆگىنىش دېگەندەك تېمىلاردىلا پاراڭلىشاتتۇق. ئۇنىڭ تونۇشلىرى جىق ئىدى.دائىم يولدا ئۇ بۇلار بىلەن سالاملىشىپ كېتەتتى.ئۇنىڭ باھانىسىدا مەنمۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر سىڭىللىرىم بىلەن تونۇشتۇم.ئۇلار دائىم ياتىقىمغا كېلىپ مېنى زېرىكتۈرمەيتتى.
بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى. مۇتەللىپنى شۇنچە ساقلىساممۇ كەلمىدى. قورسىقىم بەكلا ئېچىپ كەتكەن ئىدى.مەن ئۇنىڭغانەچچە قېتىم تېلىفون قىلساممۇ تېلىفوننى ئالمىدى.مەن ئۇلارنىڭ ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا باردىم ۋە ياتاققا قارايدىغان ئايالدىن ئۇلارنىڭ ياتىقىنىڭ تېلىفون نومۇرىنى بىلدىم. تېلىفون قىلدىم .تېلىفوننى ئالغىنى بىر خەنزۇ بالا ئىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە مۇتەللىپ بۈگۈن تۇيۇقسىز قىزىپ قاپتۇ.ئۇلار ئۇنى دوختۇرغا كۆرسىتەيلى دېسىمۇ ئۇنىماي يوتقانغا چۈمكىلىپ يېتىۋاپتۇ.يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى. مەن تېلىفوننى ئۇنىڭغا بېرىشنى ئېيتتىم.بىردەمدىن كېيىن مۇتەللىپنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
-مېھرىبان بۇ سىزمۇ؟- ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ تۆۋەن ھەم جانسىز ئىدى.مەن ئۆزۈمنى يىغىدىن ئاران تۇتۇپ جاۋاب بەردىم:
-ھەئە مەن،نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ دوختۇرغا بارايلى،چۈشۈڭ ،مەن سىزنى دوختۇرغا ئاپىراي.
-بىردەم ئۇخلىۋالسام ياخشى بولۇپ قالىمەن.چوڭ ئىش يوق.
-ياق ،سىزنى ساقلاپ مەنمۇ تېخىچە تاماق يېمىدىم، يەنە چۈشمىسىڭىز مەن تاماق يېمەي مۇشۇ يەردە ئولتۇرىمەن-دېدىم قەتئىي ئاھاڭدا.
-ساراڭ قىز ،تاماق يەڭ، بولمىسا سىزمۇ ئاغرىپ قالسىز-دېدى ئۇ سۇس كۈلۈپ.
-بوپتۇ ئاغرىپ قالسام.سىز بولمىسىڭىز مەن كىم بىلەن تەڭ تاماق يەيمەن؟
-جاھىللىقىنى بۇنىڭ،ماقۇل مەن چۈشەي،مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ.
-ئەمدى ياخشى بولدى.،تېز بولۇڭ-ھە! تېلىفوننى قويۇۋەتتىم.
-ماقۇل، ھېلى كۆرۈشەيلى.-دەپ تېلىفوننى قويۇۋەتتى مۇتەللىپ.
ئالاھەزەل يىگىرمە مىنۇتلاردىن كېيىن ئۇ بىر ياتاقدىشى بىلەن تەڭ چۈشتى.
-مېھرىبان بولغاندىكىن سەن بارمىساڭمۇ بولىدۇ،ۋاڭ تاۋ-دېدى ئۇ ياتاقدىشىغا قاراپ.
-ئەمىسە بىرەر ئىش بولسا ماڭا تېلىفون قىل -دېدى ئۇ مۇتەللىپنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ.
مەن ئۇنىڭغا قارىدىم .كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ،چىرايى سارغىيىپ كېتىپتۇ.
-ئەجەبمۇ بىر ئۆزىڭىزگە ئىچىڭىز ئاغرىمايدىكەن-دېدىم مەن -قارىڭە بولۇپ قالغان ھالىڭىزنى! دوختۇرغا بارغىلى ئۇنىمايدۇ تېخى!ئۆزىڭىزنى خاسىيەتلىك ئادەم دەپ قالغانما،دوختۇرغا بارمايمۇ ساقىيىپ كېتىدىغان؟
-ھالىم ئاران تۇرغاندىمۇ مېنى كۈلدۈرەلەيسىز-ھە سىز؟-دېدى ئۇ يەرگە قاراپ كۈلۈپ-بىلەمسىز مەن پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ بۇ گېپىڭىزگە كۈلۈۋاتىمەن.
-مەن سىزنى كۈلدۈرمىدىم،ئەيىبلەۋاتىمەن يولداش مۇتەللىپ! ساغلاملىق ئىنقىلابنىڭ دەسمايىسى!
-تەنقىدىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن يولداش مېھرىبان!
بىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
-موللا زەيدىننىڭ يۇرتدىشى بولۇشقا لايىق جۇمۇ سىز!-دېدى مۇتەللىپ-جىممىدە يۈرگىنىڭىز بىلەن تۇيۇقسىز مۇشۇنداق يۇمۇرلۇق پارتلاپ قويىسىز -دېسە!
مەكتەپ ئامبۇلاتورىيىسىگە كەلدۇق. بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقىمۇ بۇ يەر جىمجىت ئىدى. دوختۇر ئۇنىڭ قىزىتمىسىنى ئۆلچەپ بولۇپ، ئاسما ئېسىشنى ئېيتتى.
سېستىرا قىز ئۇنىڭغا ئاسما ئېسىپ بولۇپ چىقىپ كەتتى. بىز ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق.
-قاراڭ،مانا بۈگۈن سىزدىن باشقا ئاغرىق ئادەم يوقكەن.سىز قاملاشماي قاپسىز-دېدىم بېشىمنى چايقاپ تۇرۇپ.
-مېھرىبان قورسىقىم ئاچتى-دېدى ئۇ ئاپىسىغا ئەركىلىگەن كىچىك بالىدەك .
-ئەمدى ئاشخانىدا تاماق يوق.قانداق قىلىمىز؟-دېدىم .
-سىزنىڭ توكلۇق قازىنىڭىز بارغۇ؟ ماڭا سۇيۇقئاش ئېتىپ بېرىڭە.دائىم سۇيۇقئاش ئەتتىم ئۆزۈمگە دەيسىز-يۇ،بىرەر قېتىم ماڭا يەپ باق دېمەيسىز.ئەمدى بىمار بولۇپ قالدىم،ئېتىپ بېرەرسىز؟
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم.-دە:
-ئوخشىتىپ ئېتەلمىسەم سىزنى مەسخىرە قىلمىسۇن دەپچۇ! يېگۈڭىز بولسا ئېتىپ بېرەي-دېدىم
-ھازىرلا ئېتىپ بېرىڭ،ئېتىپ مۇشۇ يەرگە ئەكىلىڭ-دېدى ئۇ خۇشال بولۇپ.
مەن ماقۇل بولۇپ ماڭدىم. ياتاقتىكىلەر كۇتۇپخانىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى.مەن \"بىسمىللاھ\"دەپ ئېتىشنى باشلىدىم. ئىچىمدە\"خۇدايىم بۇيرىسا بۇ تامىقىم ئۆمرۈمدە ئەتكەن ئەڭ تاتلىق تاماق بولسۇن\"دەپ تىلىدىم.ئېتىپ بولۇپ تېتىپ باقسام ئاغزىمغا خېلى تېتىدى.مەن خۇشال ھالدا مۇتەللىپنىڭ يېنىغا ماڭدىم.
ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا ئۇ سۆزلەپ كەتتى:
-نېمانداق مېزىلىك پۇرايدۇ؟ تېز بولۇڭ، بەك يېگۈم كېلىپ كەتتى. -مەن ئۇنىڭغا لىق بىر چىنە،ئۆزۈمگە يېرىم چىنە ئۇستۇم.
-راستىنلا بەك ئوخشاپتۇ.سىزنىڭ ئەتكەنلىكىڭىزگە ئىشەنمەي قېلىۋاتىمەن،مېھرىبان-دېدى ئۇ ماڭا مەنىلىك قاراپ.
-مېنى جىلە قىلىمەن دېمەڭ،بولمىسا ئاسما ئوكۇلنىڭ يىڭنىسىنى تارتىۋېتىمەن-دېدىم مەن،
-مەيلى تارتىۋەتسىڭىز، بۇ تاماقنى يەپ بولسام، ئاسما ئوكۇلنىڭ لازىمى قالمايدۇ-دېدى ئۇمۇ بوش كەلمەي.مەن كۈلۈپ كەتتىم.
ئۇنىڭ ئاسما ئوكۇلى تۈگىدى.ئۇ خېلىلا روھلۇق بولۇپ قالغان ئىدى. مەن قولۇمدىكى تاماق قاچىلىرىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم.
-ساقىيىپسىز،سىز كۆتۈرۈڭ!
-خوپ،ئاشپەزخان.
-كىم ئاشپەزخانكەن؟
-سىز! ئاسپىرانتلىقنى ئەسلى ئاشپەزلىك كەسپىدە ئوقۇسىڭىز بوپتىكەن-دېدى ئۇ دەرەختىن بىر تال يوپۇرماقنى ئۈزىۋېتىپ.
-قولىڭىزدىكى يوپۇرماقنى قىيما قىلىپ مانتا ئېتىپ بەرسەم ھە سىزگە!
-مەيلى،سىز ئېتىپ بەرسىڭىز يەۋېرىمەن،يوپۇرماق ھالال تۇرسا!
-ياتىقىڭىزغا چىقىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ،ئەتىگىچە سەللىمازا ساقىيىپ دەرسكە چىقىڭ-دېدىم مەن ئۇنىڭ قولىدىن قاچىلارنى ئالماق بولۇپ.
-ساقىيىپ كەتتىم مانا،بىردەم مەكتەپنى ئايلىنايلىچۇ-دېدى ئۇ.
-بۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپما؟
-ياتاققا قارايدىغان ئادەمنىڭ يېنىغا قويۇپ قويايلى-دېدى ئۇ .
بىز ئۇلارنىڭ ياتىقى ئالدىغا كەلدۇق.نەرسىلەرنى قويۇپ قويۇپ، مەكتەپنىڭ كەينىدىكى جۇجىياڭ دەرياسى بويىغا باردۇق.
-مېھرىبان سىزگە رەھمەت-دېدى قولىدىكى تاشنى دەرياغا ئېتىۋېتىپ-غەملىرىمنى مۇشۇ تاش بىلەن تەڭ دەرياغا تاشلىۋەتتىم.
-سىزنىڭ ماڭا قىلغان ياردەملىرىڭىز ئالدىدا بۇ قانچىلىق ئىشتى.مەنمۇ ئىزچىل سىزگە بىر ئىش قىلىپ بەرسەم دەپ ئويلاپ يۈرگەن، بۈگۈن مانا پۇرسەت بوپتۇ ئاخىرى،ئاغرىپ قالغىنىڭىزمۇ ياخشى بوپتىكەن بىر ھېسابتا-دېدىم مەن كۈلۈپ.
-شەيتان قىز،سىز خۇش بولىدىغان ئىش بولسا كۈندە ئاغرىپ قالاي ئەمىسە-دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.
-ئاغزىڭىزغا ئۇرۇڭ.-دېدىم مەن جىددىيلىشىپ-خۇدايىم بۇيرىسا ئەمدى ئاغرىپ قالماڭ.
-مېنىڭ ئاغرىپ قېلىشىمنى خالىمايسىزكەندە؟
-مەن ھېچكىمنىڭ ئاغرىپ قېلىشىنى خالىمايمەن-دېدىم.
-بۇرۇنقى قىز دوستۇم بەك ئۇششۇق ئىدى. قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيتتى. لېكىن مەن يەنىلا ئۇنى قەدىرلەيتتىم، ئۇنىڭ قىلىقلىرىدىن ئۆزۈمگە شادلىق ئىزدەيتتىم-دېدى ئۇ ئېغىر تىنىپ-سىز ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۇششۇق بولغىنىڭىز بىلەن يوللۇق ئۇششۇقلۇق قىلىدىكەنسىز.
-مېنى ھېچكىم ئۇششۇق دەپ باقمىغان ھەي!-دېدىم مەن ئۇنى ئىتتىرىپ-نەرىم ئۇششۇقكەن مېنىڭ؟
-مۇشۇ گېپىڭىز ئۇششۇقلۇق ئەمەسما؟-دېدى ئۇ ماڭا سوئال نەزىرى بىلەن تىكىلىپ.
-ماڭا ئۇۋال قىلسىڭىز قاراپ تۇرامدىم ئەمىسە؟ بۇ ئۇششۇقلۇق ئەمەس.
-سىز تاتلىق ئۇششۇق.
-نەدە بۇنداق گەپ بار ؟ ئەمىسە سىز چۈچۈك ئۇششۇق.
مۇتەللىپ گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ يېتىپ قالدى.
-مېھرىبان،ھەي،مېھرىبان ،ئەمدى گەپ قىلسىڭىز مەن كۈلۈپ ئۆلۈپ قالىدىغان ئوخشايمەن.
-بولدى گەپ قىلماي، بىر ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغۇم يوق.
-مېھرىبان،بىلەمسىز سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى چاقىرىدىغانغا مەن بەك ئامراق-دېدى مۇتەللىپ كۈلكىسىنى توختىتىپ.
-ئىسمىم يېقىملىق تۇرسا؟
-ماختىنىڭە پوچى قىز!
مەن كۈلۈپ قويدۇم ۋە:
-چاقچاق قىلىپ قويدۇم.-دېدىم.
-مېھرىبان، بۇرۇنقى ئىشلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرمەمسىز؟
-بۇرۇنقى؟ سۆزلىگىدەك ئىش يوق-دېدىم پەرۋاسىزلا.بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلىغۇم يوق ئىدى مېنىڭ.
-ئەمىسە مەن سۆزلەپ بەرسەم ئاڭلامسىز؟
-بولىدۇ،مەن ھېكايە ئاڭلاشقا بەك ئامراق.
-ھېكايە ئەمەس بۇ،كەچمىشىم -دېدى ئۇ تەرىنى تۈرۈپ.
~ ~ ~
ئالىي مەكتەپكە چىقىشتىن بۇرۇن بىرەر قىزغا تۈزۈكرەك قاراپ باققان ئەمەسمەن. باشقىلار مېنى ھالى چوڭ دەيتتى.لېكىن بۇنى ئېتىراپ قىلمايتتىم،قىزلارغا قارىمىغانلىقىم ئۈچۈنلا ئۇنداق دېسە قاملاشمايدۇ-دە؟
تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىققان چاغلىرىم ئىدى. سىنىپىمىزدىكى زەينۇرە ھە دېسىلا ماڭا قاراپ ئولتۇرىدىغان بولۇۋالدى.مەن بەك بىئاراملىق ھېس قىلاتتىم.بىر كۈنى ئۇ ماڭا بىر پارچە خەتنى سۇنۇپ كېتىپ قالدى.
ئوقۇغۇم بولمىسىمۇ زورلاپ ئاچتىم:
سالام،مۇتەللىپ،سىزگە بۇ گەپنى قانداق دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم.سىزمۇ ھېس قىلغانسىز ،يېقىندىن بۇيان سىزدىن كۆزۈمنى ئۈزمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقمنى؟ سىزنى ياخشى كۆرىمەن!چىن دىلىمدىن...
زەينۇرە
مەن خەتنى ياپتىم.قىسقا يېزىلغان بۇ خەتتىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن زەينۇرەنى ياخشى كۆرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن پەقەتلا خوشۇم يوق. ياسىنىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.ئەتىدىن كەچكىچە ئۆيىدىكى بىر نېمىلەرنى داڭلاپلا يۈرگەن.ئىمتىھان دېسە يۈزىنى قېلىپ قىلىپ خەقتىن كۆچۈرگەن. مۇئەللىم تەنقىدلىسە،دادام باشلىق،دادامغا دەيمەن،دەپ مۇئەللىمىگە يانغان.ئىشقىلىپ سىنىپ بويىچە ئەڭ كۆزۈمگە سىغمايدىغان قىز!
مەن قانداق رەت قىلاي؟ مەنمۇ بىر پارچە خەت يازدىم:
زەينۇرە،مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن،لېكىن بۇ ساۋاقداشلارچە ياخشى كۆرۈش،خالاس!
خەتنى يېزىپ بولۇپ ئۇنىڭ پارتىسىغا سېلىپ قويدۇم، ئىسمىمنىمۇ يازمىدىم.مەن سىزدىن ئەڭ بىزار دەپ يېزىشقا قولۇم بارمىدى،نېمىلا دېگەن بىلەن مېنى ياخشى كۆرگەنلىكى گۇناھ ئەمەستە؟
ئەتىسى مۇزاكىرە ۋاقتى ئىدى. مەن ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرىۋاتاتتىم.تۇيۇقسىز ئىشىك جالاققىدە يېپىلدى. ھەمممىمىز بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارىدۇق.بىلدىمكى،چىقىپ كەتكىنى زەينۇرە ئىدى.
ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇ مەكتەپكە كەلمىدى. ئىككىنچى قېتىملىق مانۋېر ئىمتىھانى ئەتە ئېلىناتتى.مۇئەللىم مېنى چاقىردى:
-مۇتەللىپ،ئەسلى بۇ ئىشلارغا مەن قارشى چىقسام توغرا بولاتتى،لېكىن بۇ ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ قالدى. ئەتە زەينۇرەنى ئەكىلىڭ،ئۇ سىزدىن باشقىسى كەلسە مەكتەپكە بارمايمەن دەپ تۇرۇۋاپتۇ.دادىسى بىلەن ئاپىسىمۇ بەك ئەنسىرەۋېتىپتۇ. بۇ يىل ھالقىلىق بىر يىل.ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىنىڭىز بولۇپ قالسۇن،ئىمتىھان تۈگىگىچە ئۇنىڭغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلىڭ-دېدى.
مەن رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدىم.
ئەتىسى ۋېلىسپتىمنى مىنىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردىم.ئىشىك ئالدىدا بىردەم تۇرىۋېتىپ ،ئىشىكنى چەكتىم.ئىشىكنى زوينۇرە ئاچتى.
-مۇتەللىپ؟-ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى-مەن ھازىرلا تەييار بولىمەن.سىز ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ.
مەن كىردىم .ئاپىسى بىلەن دادىسى مېنى مېھمانخانا ئۆيگە باشلىدى.ئۇنىڭ دادىسى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمنىڭ ۋالىيسى،ئاپىسى ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى ئىدى.
-بالام، زەينۇرەگە نېمە بولغانلىقىنى بىلمىدىم،بىزمۇ بەك خىجىل.شۇ ئىمتىھانىنى بېرىۋالغۇچە ياردەم قىلغان بولسىڭىز-دېدى ئاپىسى بىر پىيالە چاينى ئالدىمغا قويۇپ.
-نېمە بولغانلىقىنى بىلمىدىم دېگىنىنى تېخى! كورىيەنىڭ مۇھەببەت كىنولىرىنى ئاز كۆرسۇن دېسەم مەيلىگە قويۇۋېتىپ ،بۇ كەم بولغاندا ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ،ئوغۇل بالىغا كۆيدۈم-پىشتىم،ئۆلىمەن،ئۆچىمەن دەپ يۈرىدۇ مانا! خەقنىڭ قىزىنىڭ يامان گېپىنى ئاز قىل دېسەم ئۇنىمايسەن،مانا بىزگە يانغىنى!-دېدى دادىسى ئاچچىقىلىنىپ.
ئاپىسى گۇناھكاردەك بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇراتتى.
-بالام،بۇ گەپنى داداڭ-ئاپاڭغىمۇ دېمىگىن-دېدى دادىسى ئۇھ تارتىپ.-بۇ بالىمۇ ياخشى بولۇپ قالار،
مەن ھېچكىمگە دېمەيدىغانلىقمنى ئېيتتىم.
زەينۇرە چىرايلىق ياسىنىپ چىقتى.مەن ئۆزۈمنىڭ ۋېلىسپىتىدا،ئۇ ئۆزىنىڭ ۋېلىسپىتىدا مەكتەپكە قاراپ ماڭدۇق.مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپلا بېشىمنى كۆتۈرۈپ بىزنىڭ سىنىپقا قارىدىم.سىنپتىكى بالىلار دېرىزە تۈۋىگە كېلىۋىلىپ بىزگە قاراۋاتاتتى.مەن ئىچىمدە ئۇلارنى بىر مۇنچە تىلىدىم\"ئەبلەخلەر،تاماشا كۆرىۋاتامسىلەر؟\"
بىز سىنىپقا كىردۇق.
-ۋاي،مۇتەللىپ،قار مەلىكىنى قايتۇرۇپ ئەكەپسەندە-ئاخىرى؟-دېدى رىيات كېلىپلا مۈرەمگە قولىنى قويۇپ.زەينۇرەنىڭ تېرىسى قارامتۇل بولغاچقا ،بالىلار تەنە قىلىپ \"قار مەلىكە \"دەپ ئاتايتتى.
مەن رىياتتى ئىتتىرىۋېتىپ جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم.زەينۇرە تولىمۇ خۇشال ئىدى.ئىمتىھان باشلاندى.زەينۇرە يەنىلا ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى.مۇئەللىملەر نەچچە قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.بىر چاغدا ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ:
-مۇتەللىپ،مەن پەستە ساقلاپ تۇراي،تېز چىقىڭ،ئاپام بىزنى تاماق ئېتىپ ساقلاۋاتىدۇ-دەپ ئاق قەغەزنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتتى.كومىسسىيە بولغان مۇئەللىم بۇ ئىشلارغا ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئىمتىھاندىن كېيىن، مۇئەللىم سىنىپقا كىردى:
-ساۋاقداشلار ،بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە تىنماڭلار،بۇ بىزنىڭ سىنىپنىڭ مەخپىيىتى بولۇپ قالسۇن-دېدى، بالىلار بېشىنى لىڭشىتتى.
ئەتىسىدىن باشلاپ زەينۇرە مەكتەپكە يەنە كەلمىدى.ئاڭلىسام ئۇنى داۋالاتقىلى ئۈرۈمچىگە ئەكىتىپتىمىش.شۇنىڭدىن كېيىن بالىلار مېنى\"بىر قىز بالىنى ساراڭ قىلىپ قويغان مۇتەللىپ\"دەپ جىلە قىلىدىغان بولىۋالدى.
شۇنىڭدىن كېيىن قىز بالىغا تېخىمۇ قارىماس بولدۇم.
ئالىي مەكتەپنىڭ تەييارلىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى.مەن سىنىپتىكىلەر بىلەن تۈزۈك پاراڭلاشمايتتىم. بولۇپمۇ قىزلارغا قەتئىي قارىمايتتىم
نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پوتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدۇق.بىزنىڭ سىنىپتا توپ تېپىدىغانلار خېلى بار ئىدى. بولۇپمۇ مەۋلان ئىككىمىز بەك ئوبدان ماسلىشاتتۇق.
مۇسابىقە باشلىنپلا بىزنىڭ سىنىپنىڭ غەلىبە سادالىرى ئۈزۈلمىدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رىقابەتچىمىز خېلى كۈچۈك ئىدى. بۇ سىنپتىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنۋېرستىتىنىڭ بالىلىرى بولۇپ، بەدەن سۈپىتى،تېخنىكىسى ياخشى ئىدى. مۇسابىقە بەك كەسكىن بولدى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھۇجۇمچىلىرى بىرەرمۇ توپ كىرگۈزەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇھسىناتتى.مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا بىر مىنۇت قالغاندا ،مەن بېشىم بىلەن ئۈسكەن بىر توپ قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتارسىغا كىرىپ كەتتى.
-مۇتەللىپ يارايسەن! مۇتەللىپ، مۇتەللىپ...مەيداننى قىقاس-چۇقان قاپلىدى. مۇشۇ بىر توپ بىلەن بىز چېمپىيۇن بولدۇق.نەتىجىمىزنى تەبرىكلەپ سىنىپتىكىلەر شەھەر ئىچىدىكى بىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانسىغا بېرىپ تاماق يېدۇق.بۇ قېتىملىق يىغىلىشتىن كېيىن مەن سىنپتىكى قىزلار بىلەن ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىدىغان بولدۇم.
بىر كۈنى قايناقسۇ ئالاي دەپ قايناقسۇخانىدا ئۆچىرەتتە تۇرسام،
چولپانمۇ ئۆچىرەتتە تۇرامدا؟ مەن بولسام ئۆچىرەتنى بۇزۇپ قايناقسۇ ئېلىۋېرەتتىم-دېگەن ئاۋاز دىققىتىمنى تارتتى،مەن دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم.-يۇ قېتىپلا قالدىم.
كۆزلىرى يوغان ھەم بۇلاقتەك قاپقارا، يۈزى قاشتېشىدەك سۈزۈك، لەۋلىرى جىنەسىتىدەك،قېشى ھىلالئايدەك بىر قىز ماڭا قاراپ تۇراتتى.
ئاھ،خۇدا نېمانداق چىرايلىق قىز بۇ؟
-سىزگە كەلدى ئۆچىرەت،نېمىگە ھاڭۋېقىپ قالدىڭىز-دېدى ئۇ يەنە.مەن شۇندىلا ئېسىمنى يىغىپ:
-رەھمەت-دېدىم .
قايناقسۇنى ئېلىپ بولۇپ ئۇنىڭغا :
-ئىسمىم مۇتەللىپ،تەييارلىق 18-سىنىپتا ئوقۇيمەن-دېدىم.
-بىلىمەن، ھېلىقى كۈنى بىزنى يېڭىۋالغاندا سىنىپتىكى قىزلىرىڭلار ۋارقىراپ ئىسمىڭىزنى تۆكمە قىلىۋەتكەن تۇرسا،بىلمەي قالارمەنمۇ؟
توۋا نېمانداق ھالى چوڭ بۇ قىزنىڭ؟ چىرايلىق بولسا نېمە بوپتۇ؟
-مېنىڭ ئىسمىم ئىپارە،شىنجاڭ7-سىنىپتا ئوقۇيمەن-دېدى ئۇ .
-ھە،جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنۋېرستىتىنىڭ بالىلىرى بىلەن بىر سىنىپكەنسىزدە؟
-مەنمۇ شۇ مەكتەپنىڭ-دېدى ئۇ قايناقسۇ ئېلىۋېتىپ.
-ۋاھ،قالتىسقۇ؟ كەلگۈسىدىكى ئايال ساقچى!
ئۇ قايناقسۇنى ئېلىپ بولدى. ئىككمىز پاراڭلىشىپ تەڭ ماڭدۇق.
-مەن كەلدىم،خوش -دېدى ئۇ ئۈچىنچى ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە.
-سىزنىڭ ياتىقىڭىز مۇشۇ يەردىما؟ مەن بەشىنچى ياتاق بىناسىدا -دېدىم كۈلۈپ.ئۇ كىرىپ كەتتى. مەن بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ياتىقىمغاماڭدىم.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى كۆرگۈم كېلىدىغان، ئاشخانا، ئوقۇتۇش بىناسى...ئىشقىلىپ ھەممىلا يەردە ئۇنى ئۇچراتسام دەيدىغان بولۇپ قالدىم.نېمىشقا ئۇنى بۇرۇنراق ئۇچراتمىغاندىمەن؟ قىز بالىغا قاراپمۇ قويمايدىغان تۇرسام قانداق ئۇچرىتىمەن-ھە؟
بىر كۈنى يولدا ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم.ئۇ يالغۇز ئىدى.مەن بەك خۇشال بولدۇم.
-ئىپارە،نېمانداق تەس سىزنى ئۇچراتماق-دېدىم دەرھاللا.
-سىز يۈرگەن قالايمىقان جايلارغا بارمايدىغان تۇرسام قانداق ئۇچرىتالايسىز؟-دېدى ئۇ جاۋابەن.
-مەن نەدە قالايمىقان يەرلەردە يۇرىدىكەنمەن؟-دېدىم كۈلۈپ.
-مەن نەدىن بىلەي؟-دېدى ئۇ.
-تاماق يەپ كېلەيلى-دېدىم ئۇنىڭ كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۈزلا قىلىپ.
-نەگە بېرىپ يەيمىز؟شەھەر ئىچىگە كىرەيلى-دېدى ئۇمۇ رەت قىلماي.
-بولىدۇ-دېدىم تېزلا.
-ئەمىسە يېرىم سائەتتىن كېيىن مۇشۇ يەردە كۆرۈشەيلى-دېدى ئۇ. بىز ئۆز ياتاقلىرىمىزغا قاراپ ماڭدۇق.
مەن يىگىرمە مىنۇتتىن كېيىنلا ئۇ جايغا باردىم. دەل يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇ كەلدى. ئۇ كىيىۋالغان قىزىل كۆڭلەك ئۇنى باھاردا ئېچىلغان گۈلگە ئوخشاش تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتەتتى.
قەلبىمدە چەكسىز خۇشاللىق.بىز ئاپتۇبۇسقا چىقتۇق.ئۇ شۇنداق ئەركىن ئولتۇراتتى. ئوغۇل بالا تۇرۇپ مەن ئازراق قورۇنۇپ قالدىم.ئالدىنقى قېتىم مەن سىنىپتىكىلەر بىلەن كەلگەن ئاشخانىغا كەلدۇق.
ئۇ بىر مۇنچە تاماقلارنى بۇيرۇتتى.مەن گەپ قىلمىدىم.
تاماق يېگەچ ئانچە-مۇنچە پاراڭلاشتۇق.ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇمۇ مەن بىلەن بىر يۇرتتىن ئىكەن،بەش ياشقا كىرگەن يىلى دادىسىنىڭ خىزمىتى ئاپتونۇم رايونغا يۆتكىلىپ،ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەپتىكەن.بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يۇرتىمىزدا ئىكەن.مەن تېخىمۇ خوش بولدۇم.
تاماقلار ئېشىپ قالدى. زەللە قىلايلى دېسەم ئۇ ئۇنىمىدى.تولىمۇ ئىسراپچىلىق بولدى-دە!
شۇنىڭدىن كېيىن بىز دائىم ئۇچرىشىپ تۇردۇق. سىنىپتىكىلەر مېنى ئۇنىڭ بىلەن يۈرىۋاتامسەن دەپ سوراپ كەتتى.مەن بېشىمنى چايقاپ قويدۇم.
ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىسى.بىز كېتىدىغانغا بىر ھەپتىلا قالدى.ئەجەب كېتىشكە كۆزۈم قىيماي قالدى.بىزمۇ تەييارلىقنى ئىككى يىل ئوقۇغان بولساق-ھە؟
بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن بازار ئايلانغىلى چىقتىم.بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن،باغچىغا كىردۇق. بىز بۇ يەردە جىق رەسىمگە چۈشتۈق.
-ھاردىڭىزمۇ؟ ئاۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىردەم دەم ئالايلى-دېدىم ئۇنىڭغا.ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى.
بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن،مەن ئۇنىڭغا:
-ئىپارە، بىر ھەپتىدىن كېيىن مەن بۇ مەكتەپتىن كەتسىەم سىز بىلەن يەنە مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقۇدەك پۇرسەت چىقارمۇ؟-دېدىم
-مېنى كۆرگىلى كەلسىڭىز بولىدۇغۇ-دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.
-كۆرگىلى كەلسەم خۇش بولامسىز؟
-ھەئە.
-ئىپارە -دېدىم ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ-سىزنى ياخشى كۆرىمەن،مەن بىلەن يۈرۈشنى خالامسىز؟
ئۇ بېشىنى مۈرەمگە قويدى:
-مۇشۇ گېپىڭىزنى ساقلاۋاتقان مەن-دېدى ئۇ ..
قىز بالىغا قارىمايدىغان مەندەك بىرىنىڭ قەلبىنى ئىپارە پۈتۈنلەي قامال قىلىۋالغان ئىدى.ئىپارە مېنىڭ بارلىقىم، خۇشاللىقىمغا ئايلاندى. كېچىكىپ باشلانغان سۆيگۈ تولىمۇ تاتلىق بىلىندى.
تەتىلدە ئۇنى كۆرگىلى نەچچە قېتىم ئۈرۈمچىگە باردىم.تەتىلمۇ ئاياغلاشتى. يولىمىزنىڭ يېرىمى بولسىمۇ بىللە ئىدى.مەن ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ،ئاندىن گۇاڭجۇغا قاراپ ماڭدىم. قەلبىم ئىپارەدە قالدى.ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ مەن بىلەن خوشلاشتى.
مەكتەپتە ئازراقلا دەم ئالىدىغان پۇرسەت بولسىلا ئۇنىڭ يېنىغا باراتتىم.ئۇمۇ مېنىڭ يېنىمغا نەچچە قېتىم كەلدى. باشقىلار بىزگە بەخت تىلەشتى.
بىر يىلمۇ تېزلا ئۆتۈپ كەتتى.ئەمدى ھەقىقىي ھىجران باشلاندى، ئارىمىز تېخىمۇ يىراقلاشتى. ئىپارە كۈندە يىغلاپ تېلىفون قىلاتتى.مەن ئۇنىڭغا يىغلىمىغىنىم بىلەن مەنمۇ ئۇنى بەكلا سېغىنغان ئىدىم.
ئارىنى يىراق كۆرمەي ئۇنى يوقلاپ تۇراتتىم.تۆتىنچى يىللىققا چىقىدىغان تەتىلدە،ئاپام قىز دوستۇم بار-يوقلىقىنى سوراپ قالدى.مەن دېسەم بولىدۇ دەپ ئويلاپ ئىپارەنىڭ سۈرىتىنى ئاپامغا كۆرسەتتىم.
-نېمانداق چىرايلىق قىز بۇ؟-دېدى ئاپام سۈرەتكە قاراپ-ئەجەب بىرسىگە ئوخشايدىكىنە بۇ قىز؟
-تېگى مۇشۇ يەرلىك ئاپا-دېدىم كۈلۈپ-بەلكىم تونۇشۇڭ مۇمكىن، دادىسىنىڭ ئىسمى ئىمىن،ئاپىسىنىڭ ئىسمى پەرىدە.
-نېمە؟ ئىمىن؟-ئاپام قاتتىق چۆچۈپ كەتتى.
-نېمە بولدى ئاپا؟ تونۇمدىكەنسەن؟
-ئايرىلىپ كەت،دەرھال ئايرىلىپ كەت-دېدى ئاپام ئىپارەنىڭ سۇرىتىنى يىرتىپ.
-ئاپا،نېمە قىلغىنىڭ بۇ؟-دەرھال ئاپامنىڭ قولىدىكى سۈرەتنى تارتىۋالدىم-نېمە بولدى ساڭا؟
-مېنىڭ ئوغلۇم بولساڭ،ئىمىن دېگەن كاززاپنىڭ،پەرىدە دېگەن ئىچى يامان تۈلكىنىڭ قىزى بىلەن ئايرىلىپ كەت!
-سەن ئۇلارنى تونۇمسەن؟
-بىزنىڭ ئۇ دۇنيا بۇدۇنيالىق دۈشمىنىمىز تۇرسا تونۇماي قالامدىم؟ خۇدايىم قانداق قىلارمەن،ما بالىغا قىز چىقمىغاندەك ئاشۇ بىر نېمىلەرنىڭ قىزىنى تېپىۋالغىنىنى؟
-ئاپاخەققە ئۇۋال قىلما،ئۇلار ياخشى ئادەملەر، يۈز-ئابرويلۇق، ئېسىل كشىلەر.
-ئەمىسە داداڭ بىلەن ئىككىمىز ئەسكى ئادەمكەنمىزدە؟دادىسى بۇ ياققا كىرسىلە،سىلىگە دەيدىغان مۇھىم گەپ بار-دېدى ئاپام.
دادام كىردى.
-نېمە ئىش بۇنداق جىددىي-دېدى دادام ماڭا قاراپ-بىرەر ئىش تېرىغان ئوخشىمامسەن؟
-ياق-دېدىم دەرھال.
-ئۇ بەك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتۇ دادىسى. دۈشمىنىمىزنىڭ قىزىنى بىزگە كېلىن قىلىپ بەرمەكچىكەن.ئىمىننىڭ قىزى بىلەن تېپىشىۋاپتۇ.
-ئىمىن؟-دادامنىڭ چىرايى ئۆڭدى-قانداق بىلدىڭ؟
-ئۇلارنىڭ كۈچۈكىنىڭ رەسىمنى كۆردۈم، پەرىدە دېگەن تۈلكىنىڭ ئۆزىكەن.
-ئاپا-دېدىم ئاپامنىڭ ئۇنى كۈچۈك دېگەنلىكىگە چىدىماي-نېمانداق سەت گەپ قىلىسەن؟
-بولغان ئىشلارنى داداڭ دەپ بەرسۇن،مېنىڭ قايتا تىلغا ئالغۇم يوق-دېدى ئاپام ئورنىدىن تۇرۇپ-مەن چىقىپ كەتتىم.
ئاپام چىقىپ كەتتى.دادام بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ مەندىن سورىدى:
-ئۇ قىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىسەن؟
-تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن دادا-دېدىم .
-بالام ،كۆڭۈل دېگەننىڭ تىزگىنى بولىدۇ،سەن ئۇنى چىڭ تۇتالىساڭ ،ساڭا بويسۇنىدۇ.
-دادا زادى نېمە ئىش ؟ ماڭا دەپ بەرگىنە!
دادام ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە تۈۋىگە باردى ۋە گېپىنى باشلىدى
~ ~ ~
ئەينى يىللاردا مەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرى ئىدىم. ئىمىن شۇ يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بىزنىڭ ئىشخانىغا ئىشقا چۈشتى.ئۇنىڭ چىقىشقاق،قىزغىن، تىرىشچانلىقى ماڭا يېقىپ قالدى. مەن ئۇنى ئۆز ئىنىمدەك كۆرۈپ ئىشلارنى ئۆگەتتىم.يېتەكچىلىك قىلدىم.ئۇمۇ مېنى چوڭ كۆرەتتى. بىر يىلدىن كېيىن ئۇ پەرىدە بىلەن توي قىلدى.مەن ئۆز ئىنىمنىڭ تويىغا باش بولغاندەك باش بولۇپ ،قاراشتىم. پەرىدە ۋىلايەتلىك شىپاخانىدا سېستىرا ئىدى.
ئۇ كېلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن مەن ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولدۇم. ئىمىننى ئۆزۈمنىڭ ئورنىغا كۆرسەتتىم.ئۇ يېڭى كەلگەن بولغاچقا بۇ ئورۇنغا چىقىشى ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى.لېكىن مەن ئۇنىڭ نۇرغۇن ياخشى گېپىنى قىلىپ،پىكرىمدە چىڭ تۇردۇم. مەن ئاساسىي قاتلامدە نۇرغۇن تۆھپىلىك ئىشلارنى قىلغاچقا ،ھەممىسى بەك چوڭ بىلەتتى. مېنىڭ گېپىم بىلەن ئىمىن مېنىڭ ئورنۇمغا چىقتى.
بەش يىلدىن كېيىن پارتكوم شۇجىسى بولدۇم.ئىمىن مۇئاۋىن شۇجى بولدى.شۇ يىلى مەن سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، بىر مەزگىل ئارام ئالدىم.سالامەتلىكىم ياخشى بولغاندىن كېيىن ،ئىدارىگە قايتتىم.مەن خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ،تۆۋەنگە بېرىلىدىغان يىگىرمە مىڭ يۇەن پۇلنىڭ ئورنىنىڭ كەملىكىنى بىلدىم.ۋە ئىمىننى چاقىردىم:
-ئىمىن ئۇكام، مەن ساڭا تاغدەك ئىشىنىمەن،بۇ ئىشتا سېنىڭ قولۇڭ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن-دېدىم قاتتىق تەلەپپۇزدا.
ئىمىن گەپ قىلماي تۇرۇۋالدى.مەن بۇ ئىشنى ئۇنىڭ قىلغانلىقىنى بىلدىم:
-باشقا ئادەم بولسا كەڭچىلىك قىلمايتتىم. سەن بولۇپ قاپسەن، ئىرادەمگە خىلاپ بىر ئىشنى قىلاي،ئىككى كۈن ئىچىدە پۇلنى تولۇقلاپ قوي.بولمىسا ساڭىمۇ يۈز -خاتىرە قىلمايمەن-دېدىم.ئىمىن گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى.ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنى يەنە چاقىردىم.ئۇ بوشلۇق تېخىچە تولدۇرۇلمىغان ئىدى.
-ئاخىرقى ياخشىلىقىم بولۇپ قالسۇن، ماۋۇ چەكنى ئاپىرىپ يىگىرمە مىڭ يۇەننى ئېلىپ بوش يەرنى تولۇقلاپ قوي-دەپ ئۆزۈم يىغقان پۇلنىڭ چېكىنى ئۇنىڭغا بەردىم.
ئەتىسى ئشقا كەلسەم،ئاپتونۇم رايونلۇق تەپتىش ئىشخانىسىدىن كەلگەن بىر نەچچەيلەن ئىشخانامدا ئولتۇرۇپتۇ.مەن ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن ،ئۇلار كېلىش سەۋەبىنى ئېيتتى:
-بىز مەلۇم كىشىلەر تەمىنلىگەن ئىسپاتلارغا ئاساسەن سىزنىڭ خىيانەتچىلىك قىلمىشىڭىزنى دەلىللىگىلى كەلدۇق.خىزمىتىمىزگە ماسلىشىڭ.
مەن نېمە بولمغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالدىم. ئىمىن؟ ياق ،ئۇ قىلمىدى.
مېنىڭ ئۆزۈمنى ئاقلاشلىرىم قانۇنىي ئاساسىي يوق دەپ قارىلىپ،ئېتىراپ قىلىنمىدى.
-ئەسلىدە سىزنى ئاپتونۇم رايونغا تاللاپ ئۆستۈرمەكچى ئىدۇق.لېكىن بۇ قىلمىشىڭىز بىزنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈردى.پۇلنىڭ سانى ئاز بولغان بىلەن، سىزنىڭ ئىستىلىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.دوختۇرخانىغا كەتكەن پۇلنى بۇ يول بىلەن تولۇقلىۋالمىسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟
ئاپتونۇم رايوندىن كەلگەن بۇ رەھبىرىمىزنىڭ گېپىگە قانداق جاۋاب قىلىشنى بىلمىدىم.ئون نەچچە يىل خەقنىڭ يىڭنە چاغلىق نەرسىسىنى ئالماي،پاك ياشاپ كەلگەن ئىدىمغۇ مەن؟ مانا قۇرۇق سۆز ،قۇرۇق تۆھمەت دېگەن!
تۈرمىدە ياتقانلىقىم ئېغىر كەلمىدى،غۇرۇرۇم، شۇنچە يىللىق پاك ئەجرىمنىڭ يەرگە ئۇرۇلغانلىقى ماڭا بەك ئەلەم بولدى.مەن بىر ئۆمۈر پاك ياشايمەن دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە قىلغان، خەلقىم مەندىن پەخىرلىنىپ بېشىغا كۆتۈرگەن ئەلنىڭ ئوغلى ئىدىمغۇ!
مېنىڭ دېلويىم ئاياغلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي،ئىمىن ئاپتونۇم رايونغا يۆتكەپ كېتىلدى.
مەن تۈرمىگە كىرىپ ئىككى يىلدىن كېيىن،مەن بىر مەزگىل يېزا باشلىقى بولغان قىزىليۇلتۇز يېزىسىدىكى ئامما مېنى گۇناھسىز دەپ ئۇدا بىر ئاي ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ نامايىش قىلىپتۇ.بىر نەچچە كىشى ۋەكىل بولۇپ ،ئاپتونۇم رايونغىمۇ چىقىپتۇ.
ئەلنىڭ دۇئاسى ئۇلۇغ، ئەل ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ.مەن قويۇۋېتىلدىم. بىلەمسەن، مەن ئىككى يىل ئىچىدە ئوبدانلا قېرىپ كەتتىم.ئاپاڭ بىچارىمۇ ھالىدىن كەتتى.چوڭ ئاكاڭ شۇ يىلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن.خىيانەتچىنىڭ ئوغلى دەپ قالدۇرۋېتىلدى.ئاكاڭغا بۇ ئىش ئېغىر كېلىپ يېزىدىكى چوڭ داداڭنىڭ يېنىغا بېرىپ دېھقان بولۇپ كەتتى.بىلىشىڭ كېرەك،بالام ،بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمىن سەۋەبچى!
~ ~ ~
دادامنىڭ گېپى تۈگىدى.ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق بولدى.ئىپارەنىڭ دادىسى راستىنلا شۇنداق رەزىل ئادەممىدۇ؟ ئىپارە نېمىشقىمۇ ئۇ ئادەمنىڭ قىزى بولۇپ قالغاندۇ؟
بىر ياقتا ئائىلەم،مېنىڭ ئەزىز دادام ،ئاپام،يەنە بىر تەرەپتە مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈ دىلكىشىم، ئەبەدىي بىللە ئۆتۈشكە ۋەدىلەشكەن ئىپارىم.
بېشىم تولىمۇ قاتتى.نەچچە كۈنگىچە ئىپارەنى ئىزدىمىدىم.ئۇ توختىماي ئۇچۇر يازاتتى.مەن يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇپ چىقاتتىم.مەن بىر ئوغۇل بالىغۇ،تومۇرۇمدا ئېقىۋاتقىنى دادامنىڭ قېنى،ئىپارەدىن ۋاز كەچسەم نېمە بوپتۇ.ئۇنداق رەزىل ئادەمنىڭ قىزى قانچىلىك بولماقچىدى؟
مەن ئۇنىڭغا ئايرىلىپ كېتەيلى دەپ ئۇچۇر يازدىم ۋە ئۇ تېلىفون نومۇرىنى ئىشلەتمىدىم.قىينالدىم،يولدىكى جۈپلەرنى كۆرسەم، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ قالسام ئۆرتىنىپ كېتەتتىم.
تەتىل توشتى.ئاپام قۇلىقىمغا ئۇنى قايتا ئىزدىمەسلىكنى قۇيۇۋەتتى. مەن ۋەدە بەردىم.
مەكتەپكە كېلىپ بىر مەزگىل خامۇش يۈردۈم.ئاغىنىلىرىم ،چىدىمايدىغان ئادەم ئايرىلىپ نېمە قىلاتتىڭ؟ يارىشىۋال ،دېدى. مەن ئۇلارغا سەۋەبىنى دېمىدىم.يارىۋېلىش خىيالىم يوق،دېدىم.
ئۆكتەبىردىكى دەم ئېلىشتا ھېچيەرگە بارمىدىم. مەكتەپ مەيدانىدا يالغۇز توپ ئويناۋاتسام.ئىپارە يېنىمدا پەيدا بولۇپ قالدى.ئۇ كېلىپلا ماڭا ئېسىلدى. مەن ئۇنى ئىتتىرىۋەتتىم.ئۇ يىغلىدى.
-مۇتەللىپ تاش يۈرەك،مەن كەلمىسەم مېنى ئىزدەي دېمەيسىز؟
-سىز بىلەن ھېچقانداق ئىشىم يوق،كېتىڭ-دېدىم مەن توپنى كۈچەپ تېپىپ.
-نېمىشقا مۇناسىۋىتىمىز قالمىدى؟مەن نېمە قىلدىم؟
-سىز ھېچنىمە قىلمىدىڭىز ھەم قىلالمايسىز-دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي.ئۇ ئالدىمغا كەلدى ۋە:
-سەۋەبىنى دەڭ، بولمىسا يولدىكى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆزۈمنى ئاتىمەن-دېدى. نېمىلا دېگەن مېنىڭ سۆيگەن ئادىمىم ئەمەسمۇ،ئۇنىڭ بۇ گېپىگە چىدىمىدىم.
-ئولتۇرۇڭ،مەن سەۋەبىنى دەپ بېرەي-دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ.ئۇنىڭ كۆزلىرىدە لىغىرلىغان ياش يۈرىكىمنى پىچاقتەك تىلدى.
بىز ئولتۇردۇق، مەن ئېغىر تىنغاندىن كېيىن،دادام سۆزلەپ بەرگەن ئىشلارنى شۇ پېتى ئۇنىڭدا سۆزلەپ بەردىم.
-ئىشەنمەيمەن،مېنىڭ دادام ئۇنداق ئادەم ئەمەس، دادىڭىز دادامنى كۆرەلمەي تاپقان گەپلەركەن.خىيانەتچىلىكنى ئۆزى قىلىپ دادامنى بىر نەرسە قانداق بولىدۇ-دېدى ئۇ.مەن ئۇنى بىر تەستەك سالدىم.ئۇنىڭ يۈزلىرى قىرىپ كەتتى.ئۇ ياندۇرۇپ بىرنى ئۇرماقچى بولىۋېدى ،مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدىم.
-ھەر ئىككىمىزگە دادىمىز تاتلىقكەن،ئايرىلىپ كەتكىنىمىز توغرا بوپتۇ-دېدىم-كېتىڭ،مېنى ئىزدىمەڭ .مەن سىزنى تونۇمايمەن.
ئۇ ئورنىدىن تۇردى ۋە:
-دادامغا تېلىفون قىلىپ ھەممنى سورايمەن.زادى كىمنىڭ دادىسى رەزىلكىن،ئېنىقلىمىسام ھېساب ئەمەس.مەن كەتتىم.مەنمۇ سىزنى تونۇمايمەن-بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى.
ئۇ كەتتى،مەن كەينىمگە قارىمىدىم.بولسا ئۇ ھاياتىمدىن مەڭگۈ يوقاپ كەتسۇن.كۆز ياشلىرىم يۈزۈمنى يۇيدى
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ،ئىپارە بىلەن تېلىفوندا كۆرۈشتۈم.ئۇنىڭ يىغىسى يۈرىكىمنى ئەزدى.ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىشنى، چوڭلارنىڭ ئاداۋىتى بەدىلىگە ئىككىمىزنىڭ بەختىنى يوق قىلىشنىڭ تولىمۇ چوڭ قۇربانلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالغان ئىدىم.لېكىن ئۇنىڭ ئاخىرىدا دېگەن گېپى مېنى ئۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەندۈردى:
-مۇتەللىپ،مېنىڭ دادام چوڭ باشلىق بولمىغان بولسا، چوقۇم ئۇلاردىن كېچىپ سىزنى تاللىغان بولار ئىدىم.سىزنىڭ دادىڭىز قالپىقى يوق ئەمەلدىن قالغان بىرىغۇ،نېمىشقا ئۇنڭدىن كەچمەيسىز؟بىزنىڭ كەلگۈسىمىز چوقۇم گۈزەل بولىدۇ،دادامغا ئىشىنىڭ،مەن سىزنى ئۇنىڭغا قوبۇل قىلغۇزىمەن.يېنىمغا قايتىپ كېلىڭ ،مۇتەللىپ!مەن سىزنىلا سۆيىمەن.
-ئادەم ئەمەسكەنسىز ئىپارە!
-سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم گۇناھما؟ مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك قۇربانلىقنى بېرەلمەمسىز؟
-سىزنى خاتا تاللاپ يۈرۈپ قاپتىمەن.چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولمايدۇ دېگەن گەپنى ئەمدى چۈشەندىم.چىرايىغا كۆيۈپ يۈرگەنلەرگە ئىبرەت بولسۇن مەندىن! مېنى ئىزدىمەڭ،سىز بىلەن يۈرگىنىم قار باسقان چۈشۈم ،خالاس!
~ ~ ~
مۇتەللىپنىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ تۇراتتى. مەن بىر پارچە قەغەزنى ئۇنىڭغا سۇندۇم.
-رەھمەت-دېدى زورىغا كۈلۈپ.
-ھېلىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز-ھە؟-سورىدىم مەن قىزىقىپ.ئۇ بېشىنى چايقىدى.
-دادامنىڭ دېگىنى توغرىكەن،كۆڭۈل تىزگىنىنى ياخشى باشقۇرالىساقلا ،كۆڭۈل دېگەن بىزنىڭ قۇلىمىزكەن.ئۇنى ئۇنتۇپ كەتتىم. لېكىن بىلەمسىز،ما كۆڭۈل تىزگىنى يېقىندىن بۇيان ماڭا بويسۇنماي بىر يەرلەرگە كېتىپ بارىدۇ-دېدى .
-ۋاي،نەلەرگە قاچۇرۇپ قويدىڭىز ئەمدى ئۇنى-سورىدىم مەن.
-ھازىرچە مەخپىي-دېدى مۇتەللىپ كۈلۈپ-ئەمدى نۆۋەت سىزگە كەلدى،مېنىڭكىنى ئاڭلىۋېلىپ ،سىز دەپ بەرمىسىڭىز ئادىل بولمايدۇ جۇمۇ!
ئۇ مېنى يات كۆرمەي ،ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بەرگەنىكەن،مەنمۇ سۆزلەپ بېرىشىم كېرەك.مەن ئىلھام بىلەن مەرداننىڭ ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم.
كەچ بولۇپ كەتتى،قايتايلى-دېدىم ئۇنى ئالدىرىتىپ-مەنمۇ سۆزلەپ بولدۇم ھېكايەمنى.
-مەن مەردان بولۇپ قالسامچۇ ھەي-دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ.
-ئۇنداق ۋاپاسىز بولۇپ نېمە قىلاتتىڭىز؟-دېدىم -ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغۇممۇ يوق.
-ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام،سىزنى قەدىرلەيتتىم.-ئۇ بۇگەپلەرنى تولىمۇ ئۇرغۇلۇق قىلىۋاتاتتى.
مەن گەپ قىلمىدىم.ئۇنىڭ ياتىقى ئالدىغا بېرىپ ،قاچىلىرىمنى ئېلىپ ياتىقىمغا ماڭدىم.
بۈگۈن بەكلا خۇشال بولدۇم.مۇتەللىپ بىلەن ئوبدانلا سىردىشىپ ،يېقىن بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.
ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئۇنىڭ قىسقا ئۇچۇرىنى كۆردۈم:
-مېھرىبان،مەن پەستە سىزنى ساقلايمەن،تېز چۈشۈڭ.
مەن بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي،دېرىزىدىن پەسكە قارىدىم.مۇتەللىپ راستىنلا پەستە تۇراتتى.
ۋاي،خۇدا،مەن نېمانچە ۋاق تۇردۇم بۈگۈن ئورنۇمدىن؟مەن يۈزلىرىمنى ئالدىراپ يۇيۇپ،كىيىملىرىمنى كىيىپلا پەسكە چۈشتۈم.
-قاق سەھەردە بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟-دېدىم مەن.
-سىز ھورۇن قىز ئەمدى تۇردىڭىزما؟-دېدى ئۇ.
-ياق،نىكەم مەن تۇرغىلى،قىسقا ئۇچۇرىڭىزنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن شۇ-دېدىم يالغان ئېيتىپ.
-يالغانچى،ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا تېلىفونغا قارايدىغان ئادىتىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ دېمەڭ-دېدى ئۇ.
-شۇ سىزگە تاماق ئېتىپ بېرىپ چارچاپ قاپتىمەن تۈنۈگۈن-دېدىم ئاخىرى بولماي.
-بۈگۈندىن باشلاپ ئەتىگەنلىكى يۈگۈرۈپ چېنىقىمىز،سالامەتلىك ئىنقىلابنىڭ دەسمايىسى دېگەن بىرى ماڭا-دېدى
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىر ھازا كۈلدۈم.ئۇ قولۇمدىن تارتىپ؛
-كۈلۈپ تۇرىۋەرمەي،بولىڭە تېز-دېدى. مەن ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.بىز مەيداننى ئۈچنى چۆرگىلەپ چىقتۇق.مەن ھاسىراپ بولالماي قالدىم.
-يەنە بىرنى، غەيرەت قىلىڭ-دېدى ئۇ ،
-مەن...مەن يۈگۈرمەيمەن ....چىدىمىدىم-دېدىم ۋە جايىمدا لاپپىدە قىلىپ ئولتۇرۋالدىم.
-ۋاي ،چىدىماس-دېدى ئۇ -تۇرۇڭ،يۈگۈرۈپ كېلىپ ئولتۇرۇۋالسا سەمىرىپ كېتىدۇ،سەمرىپ سەتلىشىپ كەتسىڭىز مەنمۇ ئالمەيمەن سىزنى جۇمۇ!
-كىم سىزنى ئېلىڭ دېدى؟مەن تۇرمايمەن،سەمرىپ كەتسەم مەيلى.تۇرغىدەك كۈچ يوق ھازىر پۇتۇمدا-دېدىم مەن مىدىر قىلماي.
ئۇمۇ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى.
-ساراڭدەكلا ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىكەنسىز-دېدىم مەن پۇتۇمنى ئۇۋىلاپ-دەرسكە چىققۇدەك ھالىم يوق مېنىڭ ھازىر.
-نېمانداق ئاجىز قىز سىز؟ مەيداننى نەچچىنى چۆرگىلەپ قويۇپ بولۇپ كەتكەن ھالىنى! مەن سىزنى يۈدۈپ ياتىقىڭىزغا ئاپىرىپ قوياي ،ئەمدى قاقشىماڭ ھە!
-ۋاي مېڭىڭە،ئۆمىلەپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۆزۈم كېتىمەن-دېدىم مەن ئۇنىڭغا ئالىيىپ.
-شۇ ئەمەسمۇ،ھالىم يوق دېمەي،چېنىقىپ تۇرۇش كېرەك .كېيىنچە مېنى تاشلاپ يۈگۈرۈپ كېتىدىغان بولۇپ كېتەمسىز تېخى!
-ئەتە چىقمايمەن-دېدىم.
-ياق چىقىسىز،بۇ دېگەن بۇيرۇق. مەندەك ئاغرىپ قالسىڭىز،مەن سىزگە تاماق ئېتىپ ساقايتىپ قويالمايمەن جۇمۇ!
-يۈگۈرمىسە ئاغرىپ قالىدۇ دېگەن گەپ يوقتۇ؟
-چېنىقىش ئادەمنىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ،ئاسان زۇكام بولمايسىز
شۇنىڭدىن باشلاپ كۈندە ئەتىگەندە مۇتەللىپ ئىككىمىز يۈگۈرگىلى چىقىدىغان بولدۇق.بىزنىڭ بىللە يۈرىيدىغان ۋاقتىمىز كۆپىيىشكە باشلىدى،مەن ئۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىۋاتاتتىم،بىردەم بولمىسا ئىزدىگۈم كېلىپ تۇراتتى.
-سىز بۇ يىل ئىككى ئۇيغۇر قىزى كەلدى دېگەنتىڭىزغۇ راست،نېمىشقا ھازىرغىچە كۆرمەيمەن-دېدىم بىر كۈنى تۇيۇقسىز
-سىزگە نېمە دېيىشنى بىلەلمەي دەپ قويغان يالغاندىن-دېدى ئۇ كۈلۈپ-ماڭا سىز بىر بولسىڭىزلا يېتەرلىك.
-قانداق گەپ بۇ؟
-سىزگە كۆڭلۈم تىزگىنى بىرسى تەرەپكە قاراپ ئېغىپ كېتىۋاتىدۇ دېگىنىم يادىڭىزدىمۇ؟-دېدى مۇتەللىپ.
-ھەئە-دېدىم ئۇنىڭغا سوئال نەزىرىدە قاراپ-كىم ئىدى ئۇ؟
-سىز-دېدى ئۇ كۆزلىرىمگە قاراپ-كېيىن بىلىپ قالىسىز دېگەنغۇ مەن سىزگە.ئەمدى بىلىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى.
-مەن ئەمدى ئالدىراپ بىرسىنىڭ كۆڭلىنى قوبۇل قىلمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن.لېكىن مەن سىزگە ئۆچ ئەمەس.
-بىلىمەن،بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن چىقالمايۋېتىپسىز.
-سىزگە ئىشەنمىگىنىم ئەمەس.
-بولىدۇ،بىز يۈرمەيلى،ئالدىمىزدىكى يازلىق تەتىلدە توي قىلايلى.-دېدى مۇتەللىپ قەتئىي ئاھاڭدا.
-نېمە دەپ يۈرىسىز؟ ئوقۇشىمىز پۈتمىسە تېخى!
-ئۇنى ساقلاپ نېمە قىلىمىز؟ بىز توي قىلساق تامامەن بولىدۇ.
-مەن بۇ ئىشلارنى ئويلاپ باقمىغان-دېدىم.
-ھازىرچە مۇشۇنداق ئۆتۈپ تۇرايلى،تەتىلدە ئەمەلىيەتتىن كۆرۈڭ.
ئادەم خۇشال ئۆتسە ،ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيدىغان چېغى.كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يازلىق تەتىلمۇ كېلىپ قالدى.
مۇتەللىپنىڭ ئۆيىدىكىلەر راستىنلا ئۆيىمىزگە ئەلچى ئەۋەتىپتۇ.مەن بەكلا ھەيران بولدۇم.ئۆيدىكىلەر كېيىن جاۋابىنى بېرەيلى دەپ ئۇلارنى يولغا سالدى.
مۇتەللىپ ئۈرۈمچىگە كېلىڭ،شۇ يەردە كۆرۈشەيلى دېدى.مەن ئۆيدىكىلەرگە دوستۇمنىڭ يېنىغا بارىمەن دەپ ئۆيدىن چىقتىم.
بىز بىر قەھۋەخانىدا كۆرۈشتۇق.
-مېھرىبان،نېمىشقا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەلچىسىنى ياندۇرۋەتتىڭىز؟ مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىسىزغۇ؟
-مەنمۇ بىلمەيمەن.-دېدىم بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ.
-توي قىلايلى ،مېھرىبان،سىزگە كاپالەت بېرەي،سىزنىڭ كۆزىڭىزدىن تامچە ياش ئاققۇزمايمەن.مېنى ئازابلىماڭ.
-مۇتەللىپ سىزگە ماقۇل دېگۈم بار.لېكىن مۇھەببەتتىن ئازار يېگەن قەلبىم بەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىپتۇ.
-سىزگە تەئەللۇق مۇھەببەت ئەمدى يېنىڭىزغا كەلدى. ئۇنى قوبۇل قىلىڭ،ئۇ پەقەت سىزگىلا تەۋە!
-مۇتەللىپ،مېنى ئالداپ قويماڭ،سىزدىنمۇ ئازار يېسەم مەن رەسمىي تۈگىشىپ كېتىمەن..
-،قوشۇلدىڭىزغۇ-ھە؟مېھرىبان،سىز مېنىڭ مېھرىبانىم!
كۆزلىرىم نەملەندى،مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم..
-تۇرۇڭ مېھرىبان،تويلۇق سۈرەت چۈشىدىغان جاينى كۆرۈپ كېلەيلى-دېدى مۇتەللىپ قولۇمدىن تارتىپ.بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدۇق.ئىشىك يېنىغا كەلگەندە ،ئىشىكنىڭ يېنىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان مەردانغا كۆزۈم چۈشتى.
-مەردان-دەۋەتتىم ئىختىيارسىز.
-ئىپارە-دېدى مۇتەللىپمۇ تەڭلا.
مەردان بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى قىز تەڭلا ئورنىدىن تۇردى.
بىز كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتۇق.
توۋا،بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىنىڭ قىزىقلىقىنى!مېنىڭ بۇرۇنقى مەردانىم بىلەن مۇتەللىپنىڭ بۇرۇنقى ئىپارى توي قىپتۇ ئەمەسمۇ؟
-مېھرىبان،ئىپارە بىلەن مەرداننىڭ بىرگە بولۇپ قالغىنىغا ھەيران بولىۋاتىمەن،بۇ جاھان نېمىدىگە تار!-دېدى مۇتەللىپ سىرتقا چىقىپلا.
-مەنمۇ شۇنداق ئويلاۋاتىمەن،لېكىن ئىپارەمەردانغا زايە كېتىپتۇ.-دېدىم ئاچچىق كۈلۈپ-مەجبۇرىي بولۇپ قالمىغان بولسا،مەرداننىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.
-ھېچكىم ھېچكىمگە زايە كەتمىدى،دەل تېپىشىپتۇ بۇلار-دېدى مۇتەللىپ.
توي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. بىر كۈنى ھېرىپ بازاردىن كەلسەم،ياستۇقۇمنىڭ ئۈستىدە بىر پارچە خەت تۇرۇپتۇ.ياستۇقۇمنىڭ ئۈستىدە خەت كۆرۈشنى خالىمايتتىم،بۇ يەنە كىمنىڭ خېتىدۇر؟
-ئاچا،بايا پوچتىكەش ئەكىلىپ بەرگەن،ياستۇقۇڭنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدۇم.كىمكەن ساڭا خەت يازغان،تويى بولاي دەپ قالغان قېرى قىزغا خەت يازىدىغان قايسى ئەخمەقتۇ-دېدى سىڭلىم مېنى جىلە قىلىپ.
-ساڭا يازغانمىدۇ-يا؟ ئىسمىمىزنى ئالماشتۇرۇپ قويدى چوقۇم!-دېدىم مەنمۇ كۈلۈپ.
-مەن ئۇنداق خەت يازىدىغان يۈرەكسىزلەرنى ياقتۇرمايمەن،گېپى بولسا ماڭىلا دېسۇن!
-دېدى ئۇ كۆزۈمگە قاراپ كۆزلىرىنى ئوينىتىپ ھەييارلىق بىلەن.
-90-يىللاردا تۇغۇلغان ياش بالىلار نېمىدىگەن يۈرەكلىك!بىز راست قېرىپتۇق-دېدىم ئولتۇرغاچ.
-مەن چىقىپ كەتتىم.خېتىڭنى ئوقۇۋال-دېدى ئۇ بۇرنۇمنى چىمدىپ قويۇپ.
خەتنى ئاچتىم:
سالام ،مەن ۋاپا قىلمىغان ئەزىز مېھرىبان!
تەقدىر ئىنساننى نېمە كويلارغا سېلىپ نېمە قىسمەتلەرگە يولۇقتۇرمايدۇ-ھە؟ بىلەمسىز،مەن يۈزۈم قىزارغان، ۋاپاسىزلىق بەدىلىگە ئەلەم تارتىۋاتقان ھالدا سىزگە بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن،سىزدىن باشقىنى كۈتمەيمەن.پەقەت مەندىن ئازار يېگەن دىلىڭىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن شادلىنىپ ئۆتكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىمنى سىزگە ئېيتىۋالاي دېگەن خىيالىم بار ،خالاس!
سىزنى ياخشى كۆرگىنىم راست.قەتئىي يالغىنى يوق. لېكىن ئۆزۈمنىڭ مۇھەببىتىنى ئۆزۈم بەربات قىلغىنىممۇ راست.
سىز بىلەن يۈرگەن چاغلىرىم مېنىڭ ئەڭ بەختىيار مىنۇتلىرىم.مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ،بېغىشلاش ۋە ئېرىشىشىنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن چاغلىرىم.
ئىپارە قاچان ھاياتىمدا پەيدا بولدى،شۇندىن باشلاپ مەن ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويدۇم.
شۇ يىلى مەن ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ساقچى بولۇپ باھالاندىم،باھالاش يىغىنىدا ئىپارەنىڭ دادىسى بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ قالدىم.شۇندىن كېيىن ئۇ مېنى دائىم ئۆيىگە چىللاپ تۇردى.ئىپارە باشقا ساقچىخانىدىن بىزنىڭ ساقچىخانىغا يۆتكىلىپ كەلدى. دادىسىنىڭ گېپى بىلەن مەن ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدىم. ئىپارەنىڭ گۈزەللىكى،دادىسنىڭ ئورنى،ماڭا بولغان مۇئامىلىسى مېنى سىزدىن يىراقلاشتۇرغىلى تۇردى.
ئىنسان نېمىشقا خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ؟ قەلبىگە،نەپسىگە قۇل بولغانلىقى ئۈچۈن.
ئىنسان نېمىشقا ئۆكۈنىدۇ؟ نەپس بورىنى قەلبىنى يىغلاتقانلىقى ئۈچۈن.
سىزدىن ئايرىلىشقا تاپقان باھانەمنى ئىپارە ماڭا ئۆگەتكەن.قىز بالا قىز بالىنىڭ قەلبىنى چۈشنىدىغان چېغى،سىزدىن ئايرىلىش تولىمۇ ئاسانغا چۈشتى.سىزدىن ئاغرىنغۇم كېلىدۇ تۇرۇپ ئويلىسام،شۇ چاغدا ماڭا ئېسىلىۋالغان بولسىڭىز ،بەلكىم مەنمۇ كەينىمگە يېنىپ،سىزنىڭ يېنىڭىزغا قايتىپ بارار بولغىيدىم،بۇ كۈنلەرگىمۇ يولۇقماس بولغىيدىم...
ئىلھامنى ئۇچراتقان چېغىمدا قەلبىم ۋىجدان ئازابى تارتقاندەك بولدى.ئۇنىڭغىمۇ يالغان ئېيتتىم.بىلىمەن،ئۇ سىز ئۈچۈن ھېچنىمىدىن يانمايدۇ.
ئىپارە بىلەن توي قىلىپ مەن ئۆزۈمنىڭ خاتالاشقانلىقىمنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىم.ئۆيدە بىر ۋاق تاماق يەپ باققىنىمنى بىلمەيمەن،توي قىلغان،ئايالى ،ئۆيى بار ئادەم مەندەك كۈندە سىرتتىن تاماق يەپ،كىيىملىرىنى كىر يۇيۇش دۇكىنغا ئاپىرىپ يۈرەمدا؟ئۇنىڭ نەگە بېرىپ،نەدە تۇرغانلىقىنى سوراش ئەركىممۇ يوق.مەن ئەرما؟!قېنى بۇرۇنقى مەردان؟!
ئەرلەر ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئايالنى تاللىغان بولسىدى،نىكاھتىن كېيىن پۇشايمان قىلمىغان بولار ئىدى،بۇ گەپنى كىم دېگەن بولغىيدى؟
باشلىقنىڭ ئەركە قىزىغا ئەر بولماقنىڭ تەسلىكىنى مەن بىلىمەن .خىزمەتتە بىرەر نەتىجە ئالسام،باشلىق قېيناتاڭنىڭ كۈچى دەپ خەق ئېتىبارغا ئالمايدۇ.خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىممۇ سۇسلىشىپ كەتتى.ئۆيدىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمەيدۇ،ئىدارىدىن يەنە تېخى!
بىلەمسىز،ھازىر نېمىنى ئويلايمەن؟
مېھرىباندەك مېھرىبان ئايالىم بولسا،ئۇ خىزمەت قىلماي ،ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالىلىرىمنى بېقىپ بەرسە،كەچتە مەن بىلەن مۇڭدىشىپ،مەن بىلەن تەڭ بالىلارغا ھېكايە سۆزلەپ بەرسە،مۇسابىقە كۆرسەم، يېنىمدا ئولتۇرۇپ مەن ئامراق كوماندىغا مەن بىلەن تەڭ ۋارقىراپ مەدەت بەرسە،بەش ۋاق نامىزىدا ئۆيىمىزنىڭ ئەمىنلىكنى تىلىسە...
ھەي،ۋاپاسىزلارغا نەدە تۇرۇپتۇ ئۇنداق تاتلىق تۇرمۇش؟
بىلىمەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنداق تۇرمۇشقا لايىق ئەمەسلىكىمنى.
مۇتەللىپنىڭ ئىشلىرىنى بۇرۇن ئىپارەدىن ئاڭلىغان.ئىككىڭلارنىڭ بىرگە بولۇپ قالغىنىڭلاردىن ھەيران بولدۇم.مۇتەللىپ مەندىن تەلەيلىككەن.
كۆڭۈل قالايمىقان بولسا، يازغان خەتلەرمۇ مۇشۇنداق تاققا-تۇققا بولىدىغان ئوخشايدۇ.نېمىلەرنى يېزىپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن.ئىشقىلىپ بىر ۋاپاسىزنىڭ كۆرىدىغان كۈنىنى كۆرىۋاتقانلىقىمنى سىزگە بىلدۈردۈم دەپ ئويلايمەن.
ماڭا ئىككىنچى قېتىم بۇ دۇنياغا يارىلىش پۇرسىتى بولسا، مەن سىزدىن ھەرگىز كەچمەيمەن.ئالتۇننى خەققە سۇنۇپ،مىسنى ئەتىۋارلايدىغان ئىشنى قەتئىي قىلمايمەن،راست!
ئەمدى بۇلارنى دېيىشنىڭ ئورنى يوق ئەمما!
مېھرىبان.سىزگە چەكسىز بەخت تىلەيمەن.

مەردان
خەتنى ياپتىم.قەلبىمدە بىر ھاڭ پەيدا بولدى.ھېچنىمىنى ئويلىغۇم يوق.خۇدايىم ۋاپاسىزلارغا بېرىدىغان كۈن مۇشۇدۇر بەلكىم.لېكىن ئىچىمدە ئىپارەگە ئىنساب،مەردانغا بەخت تىلىدىم.بىر ئائىلە بولسىمۇ تىنچ ئۆتسۇن.ئۆتكەن ئىشلارغا تەگەش نە ھاجەت؟
ماڭا مۇتەللىپ بار.خۇدايىم ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشكە نېسىپ قىلغاي!
ئاۋغۇستنىڭ8-كۈنى تويىمىز بولدى.ئىلھام بىلەن يۇلتۇز تويىمىزغا بەك ئوبدان قاراشتى.نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلارنى ئۆيىمىزگە (مۇتەللىپنىڭ ئاكىسىغا ئېلىپ قويغان ئۆي،ئاكىسى قازاقىستاندا تۇرۇپ قالغاچقا بوش قالغان ئىدى)چىللىدۇق.ئىلھام بىلەن مۇتەللىپ بەك يېقىن بولۇپ كەتتى.
-مېھرىباننى يىغلاتساڭ ،مەندىن ئاۋال يۇلتۇز كېلىپ سەندىن ھېساب ئالىدۇ-دېدى ئىلھام.
-توغرا دەيدۇ ئىلھام،مېنى بوش چاغلىماڭ-دېدى يۇلتۇز.
-مەن مېھرىباننى بوزەك قىلالايدىغاندەك تۇرامدىم؟ مەكتەپتە دائىم مېنى بوزەك قىلىدۇ بۇ!-دېدى مۇتەللىپ.
-نەدىكىنى؟كۈندە ئەتىگەندە يۈگۈرتۈپ ھالىمنى قويمايسىزغۇ سىز؟-دېدىم مەن .
-سىزنى جىقراق كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ئاران ئويلاپ تاپقان ئامالىم بۇ-دېدى مۇتەللىپ بېشىنى قاشلاپ.
بىز ھەممىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
ئاشخانا ئۆيدە نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۋاتسام،ئىلھام كىردى.
-مېھرىبان-دېدى ئۇ قولىدىكى پەتنۇسنى ماڭا سۇنۇۋېتىپ-بەختىڭىنى تاپتىڭ،مەن بەك خۇشال!
-رەھمەت،ئىلھام ئاكا-دېدىم كۈلۈپ.
سېنتەبىرنىڭ بېشىدا بىز مەكتەپكە ماڭدۇق.ئىككى ئۆيدىكى چوڭلار، ئىلھام بىلەن يۇلتۇز بىزنى ئۇزاتقىلى چىقتى.
-سىلەر مەكتەپكە ئەمەس،شېرىن ئاي ئۆتكۈزگىلى ساياھەتكە ماڭغاندەك تۇيۇلىۋاتىسىلەر ھازىر ماڭا-دېدى ئىلھام.
-ھاياتلىق سەپىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن بالام-دېدى مۇتەللىپنىڭ دادىسى ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ.
بىز ئۇلارغا قىيمىغان ھالدا ئايروپىلانغا چىقتۇق.ئايروپىلان ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى.مەن ئۆزۈمنى بەختكە يېقىنلاپ بېرىۋاتقاندەك سەزدىم-دە، مۇتەللىپنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدىم. سۆيگۈنىڭ ھارارەتلىك تىنىقلىرى بىز بىلەن تەڭ كۆككە كۆتۈرۈلدى.خۇدايىم بۇ قېتىم ماڭا سۇنغان بەختىڭنى مەندىن تارتىۋالمىغىن،سەندىن ئۆتۈنەي.


2011-يىلى19-ئاپرېل
گۇاڭجۇ
م.م پارلاق


ھازىرغىچە 8 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 111 تىرىشىڭ
zulayha + 100 اللەدىن بەختىڭىزنى تى.
sarkarda01 + 100 ئېسىل يازمىڭىزدىن سۈيۈندۈم!
مۇرات + 300 ساق ئىككى سائەت ئولتۇرۇپ ئوقۇپتىمەن....ي
Dilnaz + 300 بارىكاللا ~~~
شاتئاي + 100 تاتلىق ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!!!
بەرگى + 100 بەك ياخشى يىزىپسىز ، نادىرلىنشىغا تىلەكد
ALganazar01 + 100 ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1000  مۇنبەر پۇلى + 211   باھا خاتىرىسى

سەندە يېتۈك تالانت ۋە تولۇق ئىشەنچ بولمىسا ،"ئەدەبىيات"دېگەن "ئېزىتقۇ"غا ھەۋەسلەنمە!

ئازاپلىرىم،مېنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9687 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 10:23:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارلاق ،بىلەتتىم زادى سىزنىڭ ئەسىرىڭىز بىلەن يۈز كۈرۈشىدىغانلىقىمنى.ئالدىنقى <كېچككەن ۋىسال>مۇ يۈرەكلەرگە بېرىپ تەككەن ئىدى.
ئالدى بىلەن بىرنىچى رەتتىن ئۇرۇن زاكاس قىلۋالاي. [s:154]

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ھىچكىمنىڭ ھىچكى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11987
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8443
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 1059 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 10:33:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئالدى رەتتىن ئۇرۇن زاكاس قىلۋىلىپ ئاندىن بەھوزور ئولتۇرۇپ تازا بىر ئۇقۇي [s:152]  [s:152]

ۋەتەن ساتقان خائىنلارنى تۇپراقمۇ ئۆز قوينىغا ئالمايدۇ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39196
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3215
تۆھپە نۇمۇرى: 104
توردا: 488 سائەت
تىزىم: 2011-4-30
ئاخىرقى: 2011-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 10:34:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئەسەر ئىدى. تىما ئېگىسىگە رەخمەت.

كۆرەلمەسلە ئىشىنى قىلسۇن!

ئەسلىمە كىشىدە خ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3481
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8221
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 11:19:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قېتىممۇ بىرىنجى مۇكاپاتنى مەن ئالاي دەپسىزدە...ھى ھى ھى ...ئالدىرماي ئوقۇپ كەتتىم ئەمسە!!! [s:127]  [s:127]

مەدىنىيەت قۇبۇل قىلدۇق دەپ ،ئەسلىدىكى ئېسىل ئەخلاقىمىزدىن،ئېسىل تۇرمۇش ئۇسۇللۇرىمىزدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمىز ھېچقايسىمىزغا سىر ئەمەس.                  شەربەتى

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6912
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 11:33:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت راستىنلا ياخشى تېمىكەن.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

DaT~↘ToLa

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4051
يازما سانى: 604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10058
تۆھپە نۇمۇرى: 368
توردا: 5408 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2014-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 11:41:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانچە ياخشى يىزىلغان ئەسەر بۇ .ئاللا ئىگەم شۇ قۇللىرڭىزغا دەت بەرمىسۇن .مەن ئۇقۇغان يەنە بىر نادىر تىما بۇلدى .مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە قانتاشتۇرغان بۇلسىىڭز چۇقۇم 1-بۇلشىنى تىلەيمەن .تىلى شۇنداق راۋان ،سۇز ئىبارىلەر بەكلا جايىدا .بەك ياخشى يىزىپسىز .ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

پاكىزلىق ئىماننىڭ جۇملىسى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5463
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10409
تۆھپە نۇمۇرى: 426
توردا: 1154 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 11:43:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بىكارچېغىمدا چوقۇم ئۇقۇيمە ھە. [s:166]

كىشى يارئۇچۇن جاپاچەكسە،ئاخىردائۇنىڭ بەدىلىگەۋاپانى يارقىلالايدۇ.

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19537
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5364 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 02:08:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن ، ئوقۇۋىتىپ يىغلاپ كىتىپتىمەن مېھرىبان بىلەن بىللە  [s:136]
شۇنداق ئىسىل ئەسەرنى بىزگە سۇنغىنىڭىزغا تەشەككۈر  [s:166]
بەكلا  ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپسىز . ئىپارمۇ مەرداننىڭ قىز دوستىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كىيىن يىپىشىۋالمىسا بولدۇ ، تىخى ئايرىلىپ كىتىشكە باھانە-سەۋەپ تىپىپ بەرگىننى قانداق قىلاي ، ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ، مەردانغىمۇ ئاز .

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

قىزلار دىن-دىيان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 858
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10648
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 3293 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 03:40:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى يىزىلىپتۇ،يۇلتۇزدەك بىر ئىنسان مىنىڭمۇ تۇرمۇشۇمدا بار..

ھەممە ئۇيغۇرنى جەننىتى بولسىكەن دەيمەن،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش