تۆتىمىز بىر بولۇپ قەرىت ئويناتىمىز..قىزغا پات-پات قاراپ قوياتتىم. بۇدا ئۇنداق ئوغۇرلۇقچە قارىمايتىم ئوچۇق ئاشكارە قارايتىم. گەپ قىلغۇم كېلىپ قالسا گەپمۇ قىلىپ قوياتتىم.
ئەكرەم تۇيۇقسىزلا سىلەر ئويناپ تۇرۇڭلار مەن ئاۋۇ ئۆيگە كىرىپ چىقاي دەپ يەنە بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئەمدى بۇ ئىككى قىز بىلەن قالدىم. مۇشۇ چاققۇچە كەلگۈچە ئىككى قىز بىلەن يالغۇز قېلىپ باقمىغان ئىدىم.
ئەركىنجان ئاكا ،سەن قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باققانمىتىڭ..؟
تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالدىن چۆچۈپ كەتتىم. ئەكرەمنىڭ سىڭلىسىنىڭ مەندىن بۇ گەپنى نىمە ئۈچۈن سورىغانلىقىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم. چۈشۈنەي دەپمۇ چۈشىنەلمىدىم. بۇ قىز نىمە دەيدىغاندۇ ئەمدى،بۇ گەپنى مەندىن سوراپ نىمە قىلىدۇ، مەن دېگەن ئاكىسىنىڭ دوستى تۇرسام ئاكىسىنىڭ دوستىدىنمۇ مۇشۇنداق دەپ سۇئال سورىغان بارمۇ...؟
ئەركىنجانكا تۇرۇپ كەتتىڭغۇ..؟ قىزلار بىلەن يۈرۈپ بېقىپتىكەنسەندە ھە..مۇھەببەتلەتشكەن قىز دوستۇڭنى ئەسلىتىپ قويدۇممۇ قانداق جىم تۇرۇپ كەتتىڭ.
نىمە دەيدىغانسەن گۇلنۇر..( ئەكرەمنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىسمى گۇلنۇر ئىدى)
مەن مۇشۇ چاققا كەلگۈچە قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان. بۇ گەپنى دىگۈچە ئۇ قىزغا قارىدىم ، قىزمۇ مەندىن قانداق جاۋاپ چىقىدىكىن دەپ ئاغزىمغا قاراپلا تۇرۇپتىكەن.
شۇنداق مەن مەكتەپتە ھېچكىم بىلەن يۈرۈپ باقمىغان.
يالغان سۆزلىمە دېدى ئەركىننىڭ سىڭلىسى، سەن چىرايلىق، ساددا تۇرساڭ قىزلار بىلەن قانداقسىگە يۈرمەي قالىسەن. سىنىپىڭدىكى قىزلار ساڭا ئامراق بولغىيتى ھەقىچان..
نىمە دەيدىغاندۇ بۇ قىز...؟ قىزلار بىلەن يۈرمىگەن يۈرگەنلىكىمنى سوراپ قانداق قىلىدىغاندۇ. دوستۇمنىڭ سىڭلىسى بوپ قاپتۇ بولمىسا دەيدىغان گېپىم بار ئىدى بۇ قىزغا..
ئۇكام ،،ئۇكام..
تۇيۇقسىز ئەكرەمنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ سىڭلىسىنى چاقىرىۋاتاتتى.
سەن بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرغىن ئاداش مەن كىرىپ چىقاي..ئەركىنكام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇر، ئەركىنجان ئاكام بەك بەلەن گەپلەرنى قىلىپ بېرىدۇ ساڭا.. شۇنداقمۇ ئەركىنجانكا..؟ مەن ئاكامنىڭ يېنىغا كىرىپ چىقاي.
گۇلنۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى. بۇ قىز زادى شۇنداق ئاغزى ئىتتىك قىز..
ئەمدى ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. قىز بىلەن يالغۇز قالدىم. يۈرەكلىرىم ئويناپ كېتىۋاتاتتى، يەنە بىر تەرەپتىن سېلىپ كېتىۋاتاتتى. باشقىلار ئۆزى قىزىقىپ قالغان ، ياخشى كۆرۈپ قالغان ئادەملەر بىلەن ئۇچراشسا يۈرىكى سالىدۇ دەيتى، ئۇلارنىڭ دىگېنى مانا مۇشۇ ئوخشايدۇ.
قىزغا قارىدىم قىزمۇ سەل تارتىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. بەلكىم مېنىڭ گەپ قىلىشىمنى ساقلاپ تۇرغاندۇ، ياكى ئۇ قىزمۇ ماڭا ئوخشاش يۈرىكى سېلىۋاتقاندۇ.
ئەمدى گەپنى قەيەردىن باشلىسام بولار..قىز بىلەن بىر يەردە يالغۇز تۇرۇپ گەپ قىلىشمىساق بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولاتتى. ياق گەپ قىلىشمىساق ئوغۇل بالىلىق مىجەزىمگە توغرا كەلمەيتى. تېخى ئۇ قىزغا تەلەپ قويىمەن دەپ يۈرۈپتىمەن، ساراڭمۇ مەن ..بىر قىزغا قاراپ تۇرۇپ ،يېنىدا ئولتۇرۇپ تۇرۇپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلالماي قانداقمۇ تەلەپ قويۇشتىن ئېغىز ئاچالايمەن. تەلەپ قويالمساممۇ گەپ قىلىشىم كېرەكتە. بىر قىزغا قىزىقىپ قالغان ۋاقىتتا ، ياخشى كۆرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى بېسىلىۋاتقان ۋاقىتتا يېنىدا باشقىلار بولسا گەپ قىلماق ئاسانغا چۈشكەن بىلەن يالغۇز قالغان ۋاقىتتا گەپ قىلىشنىڭ تەسلىكىنى ئەمدى بىلىپ يەتكەن ئىدىم.
سىز گۇلنۇر بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇمسىز دەپ گەپنى تەستە باشلىدىم.
-ھە،،مەن گۇلنۇر بىلەن بىر سىنىپتا، بىر پارتىدا ئولتۇرىمەن دەپ ئادەتتىكىدەكلا جاۋاپ قايتۇردى قىز..
-سىنىپىڭلاردا قانچە بالار بار..؟
سىنىپتا 40 نەچچىگە يېقىن بالا بار.
مەن گەپنى شۇنداق تەستە دەۋەتسام بۇ قىز جاۋاپنى شۇنداق ئاسان بېرىۋاتاتتى.
-گۇلنۇر دەرىستە ئۇستىمۇ يە..؟
-ھە..گۇلنۇر قارىسا ئويۇنچىدەك تۇرغان بىلەن دەرىسكە ئۇستا، سىنىپتا ئالدىدا ماڭىدۇ .
-سىزمۇ دەرىسكە ئۇستىغۇ دەيمەن. سىزنىمۇ دەرىسكە ئۇستا ، ئەلاچى دەۋاتاتتى.
مەنمۇ ھەر ھالدا ياخشى، سىزگە كىم شۇنداق دىگەن دەپ سۇئال نەزىرىدە ماڭا قارىدى قىز.
ئاپلا چاندۇرۇپ قويامدىم نىمە..؟ بۇ قىز ئۆزى توغرۇلۇق مېنى باشقىلاردىن گەپ ئالغانمىدۇ دەپ چۈشۈنۈپ قالارمۇ ئەمدى..؟ چاندۇرمايمەن ، چاندۇرمايمەن دەپ تۇرۇپ يەنە چاندۇرۇپ قويىدىغان بولدۇمدە.
ھېچكىمغۇ ئۇنداق دېمىگەن. سىزنى دەرىسكە ئۇستا قىز دەپ گۇلنۇر شۇنداق دېگەندەك قىلغان، يادىمدا قاپتىكەن دەپلا يالغان گەپتىن بىرنى قىلدىم.
قىزنى يەنە سۇئال سورامدىكىن دەپ يۈرۈكۈم سېلىپ كېتىۋاتاتتى. مەن يالغان گەپ قىلىشنى تازا بىلىپ كەتمەيتىم، يالغان گەپتىن بىرنى شۇنداق تەستە چىقارغان بىلەن يەنە قايتا قايتا سورالسا مەن ئامالسىزلىقتىن شۈكلىشىپ كېتەتتىم ياكى راس گەپنىلا قىلىۋېتەتتىم.
ھە..مۇنداق دەڭ.مەن گۇلنۇر دېگەندەك ئۇنداق ئەلاچىمۇ ئەمەس دەپ دېدى قىز.
ئۇھ..يۈرىكىم ئەمدى سەل جايىغا چۈشتى. قىز قاچان ئۇنداق دىگەن ئىدى دەپ يەنە سۇئال سورىمىدى.
قىزلار بىلەن پاراڭلاشماق نىمانچە تەستۇ..ھە..!
ئەمدى سەل جىددىيلىشىم بېسىىلغاندەك ئىدى. بىراق قىزغا يەنە قايسى گەپ توغرۇلۇق گەپ قىلىشنى بىلەلمىگەن ئىدىم. كاللام قېتىپ قالغان ئىدى.
ئەكرەمنىڭ تېزراق يېنىپ چىقىشىنى باياتىمقى ھالىتىمگە قايتىشىمنى ئارزۇ قىلغان نىيەتتە ئەكرەم كىرىپ كەتكەن ئۆيگە قاراپ باقتىم.
ئىشىككە قاراپ يەنە قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىدىن بىر باش بىز بار تەرەپكە ماراغلىق ئىدى.
بۇ ئەكرەمنىڭ بېشى ئىدى.
بۇ گۇي قىزغا مېنىڭ قانداق گەپ قىلىشىمنى كۆرۈش ئۈچۈن مارلاۋېتىپتىكەن ئەمەسمۇ . نىمىشقا جىددىيلىشىپ كېتىدىكەنمەن دېسەم ، ئەسلى ئەكرەم بىزگە قاراۋېتىپتىكەن .مەنمۇ بىرى بىىزگە قاراۋاتقاندەك ، گېپىمنىڭ توغرا چىقىۋاتقان ياكى چىقمايۋاتقانلى توغرىسىدا بىرى توغرا خاتالىقنى ئايرىپ بېرىۋاتقانداەك گەپ قىلغىنىم بىكار ئەمەس ئىكەندە.
مەن بۇ يەردە جىددىيلىشىپ تۇرسام ئەكرەمگە ئويۇن بولۇپ بەردىمۇ نىمە، ھەي دوستۇم مۇشۇنداق يېرىڭ بولمايدۇ ئەمەسمۇ..؟ بەلكىم ماڭا كۆيىنىپ، ماڭا ئامراق بولغانلىقىڭ مېنى يېقىن دوستۇم دەپ بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن بىزگە شۇنداق ئوغۇرلقچە قاراۋاتقانسەن، بىراق بۇ ئوغۇرلۇقچە قارىشىڭ ماڭا پەقەت ياقمىدى دەپ ئەكرەمنى ئىچىمدە تازا تىللدىم.
داۋامى بار....