مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 17932|ئىنكاس: 62

ئايرىلىش (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41870
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3768
تۆھپە نۇمۇرى: 111
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2011-5-24
ئاخىرقى: 2011-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 12:27:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

    ئاپتوردىن: مىسرانىم تور بېكىتىنىڭ كەڭ ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە بىر قىسىم ياش يازغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئەدەبىي قىزغىنلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئەدەبىيات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن ۋە قوللايمەن. مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىنى قوللىغان كوللىكتىپ ۋە پائالىيىت ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان جاپاكەشلەر ھارمىغايسىلەر!


ئايرىلىش

(ھېكايە)


    ھايات يەنە بەزىدە ئادەمگە شۇنداق ساۋاقلارنى بېرىدۇكى، سىز پەقەت ئۇنىڭ ئاچچىق قايناملىرىدا قايناپ، ئوتىدا قاقلىنىپ، پۇچىلىنىپ بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن بەزى خاتالىقلىرىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلايسىز. شۇنداق چاغلاردا يا قاتتىق پۇشايمان يەيسىز، ياكى تولىمۇ ئاجىز ھالدا ئۇنى پەقەت ئاچچىق بىر ساۋاق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىسىز.

    -مەركىنە؟...،نېغمەت بىلەن راستلا ئايرىلىپ كەتتىڭلارما؟

    دىلارە نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئاڭلىغان مىش-مىش پاراڭغا ئىشەنمەي مەركىنەنىڭ ئۆزىدىنلا سورىغانىدى.

    - ھەئە، ئىككى ئايچە بولدى،- دېدى مەركىنە چوڭقۇر ئۇھسىنىپ.

    - ئەمما...، بۇنىڭغا پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، سىلەر شۇنداق ياخشى ئۆتىۋاتاتتىڭلارغۇ؟

    - ئەمەلىيەتتە ئىشلار ئۇنداق ئاددىي ئەمەس.

    مەركىنەنىڭ بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىگۈسى كەلمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ دىلارەگە دەيدىغان باشقا گەپلىرى بار ئىدى.

    - دىلارە مەن ھېلىقى ئىشنى ئويلىساملا بەك خىجىل بولىمەن: سەن نېغمەتنىڭ سېنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلگەندە ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتكەنىدىڭ، مەن ساڭا تەسەللى بېرىپ «ئاشۇ بالا ئۈچۈن يىغلاۋاتامسەن؟...، ئەرزىمەيدۇ. قىز بالىمۇ ئوغۇل بالا ئۈچۈن يىغلامدۇ. قاراپ تۇر، ئۇ بالا ھامان بىر كۈنى تارتىپ قالىدۇ، سەن كۆرگەن كۈن ئۇنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ...» دېگەنىدىم.

    - ئۇ ئىشنى ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، خاتېرجەم بول.

    - بولدى كۆڭلۈمنى ياسىما، مەن سەندىن ئەپۇ سورىۋالمىسام كۆڭلۈم ھەرگىز تىنچىمايدۇ. مەن مۇھەببىتىڭنى تارتىۋالغاندەكلا ئىش قىلدىم. ھەتتا شۇ مەزگىللەردە مۇناسىۋىتىمىزمۇ بىر مەزگىل ياخشى بولمىدى. باشقىلار كەينىمىزدىن «بىر بالىنى تالىشىپ سوقۇشۇپ قاپتۇ...» دېگەندەك گەپلەرنى تارقىتىشتى. بىلىمەن، دەسلەپتە سەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن، ئۇنى قوغلاشقان. بىراق بەختىڭ تەتۈر كېلىپ ئۇ ساڭا قىزىقمايدىغان چىقىپ قالدى. ئەمما ئۇ سېنى رەت قىلغان مەزگىللەردە مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتىم يوق ئىدى، ھەتتا سېنىڭ تېزراق مۇرادىڭغا يېتىشىڭنى تىلەيتتىم. بىراق بىر چاغدا ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا كۆڭلى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن دەسلەپ ھەيرانلا قالدىم. خېلى چاغلارغىچە ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدىم. بىراق ئۇ قىلىمەن دېگىنىنى قىلالايدىكەن. مېنى ئاستا-ئاستا ئۆزىگە قارىتىۋالدى. مەن راستلا بەك خىجىل دىلارە. مېنى كەچۈرگىن.

    - بولدى قىلە، قاچانقى گەپ ئۇ. سەن تولا ئويلاۋەرمەي. خۇشال يۈرە.

    - سەندىن نېغمەتكە ئەمەس ماڭا يېنىپ قالغان ئوخشايدۇ. ئۇ چاغدا نېغمەتنىڭ ئىسمىنىمۇ چاقىرغۇم كەلمەيتتى. ئۇنى دائىم «ئۇ بالا، ئاشۇ بالا» دەيتتىم. سېنىڭ نېمىگە يىغلايدىغىنىڭنىمۇ پەقەت بىلەلمەپتىكەنمەن. بىراق ئەمدى ھەممىنى بىلدىم. ئازابىڭنىڭ تەمىنى تېتىدىم دىلارە،- مەركىنەنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ ئاۋازلىرى بوغۇلىۋاتاتتى.

    - ماڭا دەپ بېرە، سەن ئۇنى قانداق ئۇنتۇپ كەتكەن؟- ئۇ ئاخىر يىغلاپ تاشلىدى.

    دىلارە دەرھال مەركىنەنىڭ يېنىغا كېلىپ بېشىنى سىلىغىنىچە قۇچىقىغا باستى ۋە يەلكىسىنى يەڭگىل پەپىلەپ تەسەللى سۆزلىرىنى قىلدى. ئاندىن ئارام بولسۇن دەپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ بېشىدا ھال-مۇڭ بولۇشۇپ ئولتۇردى.

    - مەنمۇ بىر مەزگىل ساڭا ئوخشاشلا ئازابلانغانىدىم. دائىملا خاتىرەمنى يوقىتىپلا ھەممىدىن قۇتۇلسام دەپ ئويلايتتىم. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق خىيال ئىكەن. كېيىن بارا-بارا «نېمە قىلىمەن ئۆزۈمنى ئارتۇقچە ئازابلاپ» دەيدىغان بولدۇم. ئاخىر ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. ۋاقىت ھەممىنى ئىزىغا چۈشۈرىدىكەن. چىدىغىن، سېنىڭمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. كېيىن ئويلىساڭ چوقۇم كۈلۈپ كېتىسەن.

    دىلارە ئۇنى ئازابلانمىسۇن دەپ روھىنى كۆتۈرىدىغان گەپلەرنى قىلغان بولسىمۇ بۇ گەپلەر مەركىنەگە باشقىچە ئۈنۈم بېرىۋاتاتتى، ئۇ تىنچلانماقتا يوق ئەكسىچە ئازاب ۋە خىيال قاينىمىغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىپ كېتىۋاتاتتى…

    - ئەگەر مەن خاتىرەمنى يوقاتسام قانداق قىلىسەن؟

    - پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن. ساڭا ھەممە ئىشلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بېرىمەن. يەنە...

    - ئۇ چاغدا تۇيۇقسىزلا مەن ئەزەلدىن تونۇمايدىغان بىرى ماڭا گەپ قىلىپ كېتىدۇ. ماڭا كۆيۈنۈپ كېتىدۇ، تېخى بىر نېمىلەرنى ئېسىمگە سالالماي كېسىلىپ كېتىدۇ. بىراق مەن نېمە بولغىنىنى بىلمەي ھاڭۋېقىپلا تۇرىمەن. ھا-ھا... ئادەم خاتىرىسىنى يوقاتسا ئاشۇنداق بولۇپ قالارمۇ؟...

    مەركىنە مېيىقىدا كۈلدى ۋە بېشىغا ئەكېلىۋالغان بالا تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ سىلاپ ئولتۇرۇپ يەنە كۆزىگە ياش ئالدى. ئايرىلىش ئۇنىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ نازۇك قىلىۋەتكەنىدى.

    - بىر چاغلاردا ئۇنىڭدىن كۈندە تېلېفون كېلەتتى. بىز سائەت-سائەتلەپ مۇڭدىشىپ كېتەتتۇق. شۇ چاغلاردا ئۆزۈمنى بەكمۇ بەخىتلىك ھېس قىلاتتىم.

    ئۇ يىغلامسىرىغىنىچە تېلېفوننى چىڭ قۇچاقلايتتى. ئازابتىن تىترەۋاتقان يۈرەكلىرىگە ياقاتتى. دىلارە بولسا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇراتتى. دەل مۇشۇ چاغدا «جىرىڭ» قىلغان تېلېفون ئاۋازى ھەر ئىككىيلەننى چۆچۈتىۋەتتى. ئۇ ياش يۇقى يۈز-كۆزلىرىنى ئېيتىشتۇرۇپ تېلېفوننى ئالدى.

    - مەركىنەما؟

    «ئوت ئۈستىگە ياغ» دېگەندەك ئۇنىڭدىن دائىم مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا تېلېفون كېلەتتى.

    - ئوبدان تۇردۇڭمۇ؟ مەن نېغمەت.

    - ئاخىر زامان بولغىدەك- ھە!

    - نېمە، گېپىمنى قىلىۋاتامتىڭ؟ قارغاۋاتامتىڭ-يە؟...

    - سېنى قارغىغىنىمنىڭ نېمە پايدىسى. ئېغىزىم ئۇپىرايدۇ شۇ،- مەركىنە دائىم ئۇنىڭ ئالدىدا زورمۇ-زور قەيسەر بولۇۋالاتتى. نېمە دەرد بولسا ئىچىدىلا بىلەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدىمۇ شۇنداق ئىدى.

    - مەندىكى نەرسىلىرىڭنى قايتۇرۇپ بېرەي، سەنمۇ مېنىڭكىنى قايتۇرۇۋەت. ئىشىمىز پاكىز تۈگەپ كەتسۇن.

    نېغمەت بۇرۇن مەركىنەگە بەرگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان سوۋغاتلارنى قايتۇرۇشۇپ بۇ يولنىڭ ئايىغىنى ئۈزۈۋېتىش قارارىغا كەلگەنىدى.

    - ئۇ نەرسىلىرىڭنى مەن تېخى يىغىشتۇرمىدىم. نەدىلىكىنى بىلمەيمەن. ۋاقتىم چىقسا ھەممىنى تېپىپ دېمىسەڭمۇ قايتۇرۇپ بېرىمەن.

    - تېخى تېپىپ بولالمىدىڭما؟

    - خاتېرجەم بول، نەرسىلىرىڭنى يەۋالمايمەن. ۋاقتىم چىقسىلا قايتۇرۇپ بېرىمەن.

    - سېسىق گەپ قىلما مەركىنە، سەن ئىلگىرى بۇنداق ئەمەستىڭ.

    نېغمەت گەپنى قاتتىقراق قىلىپ مەركىنەنىڭ رايىنى ئۆزىدىن تېزراق ياندۇرماقچى بولدى.

    - ئىلگىرى!؟ ئىلگىرى دېگەن گەپنى قىلما! ئىلگىرى تاتلىق گەپ قىلاتتىم، ئوماق ئىدىم، مىجەزىممۇ ئېسىل، پەزىلەتلىك «پەرىشتە» ئىدىم. مۇشۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى سەن دېگەنتىڭغۇ؟...- ئۇ ئاچچىقىدا تېلېفوننى جاققىدە قويۇۋەتتى.

    شۇ تاپتا نېغمەت ئۆزىگە قانداق باھا بېرىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالدى. «مېنىڭ قىلىۋاتقانلىرىم توغرىمۇ؟... خاتامۇ؟...» دەپ ئويلايتتى ئۇ ھەمىشە...

    - سوۋغاتلارنى قايتۇرۇپ بەردىڭىزمۇ؟

    - ياق، ئۇ «ۋاقتىم چىققاندا...» دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

    - ھە...- گۈلزار ئارتۇق-تۆشۈك گەپ قىلمىدى.

    - گۈلزار ، مەن ئەسكىمۇ؟ سىزنى ئوينىتىۋاتامدىم؟

    - گەرچە ئۈچىمىز ئارىسىدىكى بەزى ئىشلار ناتوغرىدەك بىلىنسىمۇ، مەن سىزنى ئۇنداق قىلدى دەپ ئويلىمايمەن.

    - نېمىشقا؟...

    - چۈنكى سىز ماڭا كۆيۈنىسىز. مېنى قوغدايسىز، ماڭا ياردەم قىلىسىز. يەنە...، پەقەت يالغان سۆزلىمەيسىز. مەن پەقەت سىزنىڭ يېنىڭىزدىلا ئۆزۈمنى بىر خىل ئازادە ھېس قىلىمەن. لېكىن...

    - نېمە لېكىن؟

    - سىز قىزلارنىڭ كۆڭلىنى پەقەت چۈشەنمەيدىكەنسىز.

    - ھە؟... ، قانداقسىگە دەيسىز.

    - ئەمىسە كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ھە،- گۈلزار چوڭقۇر بىر تىنىۋېلىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.

    سىزنىڭ پورتمالىڭىز، دائىم ئېسىپ چىقىدىغان ئاسما سومكىڭىز، يەنە پۇتىڭىزدىكى ماۋۇ ئاياق. ھەممىنى ئۇ ئېلىپ بەرگەن شۇنداققۇ؟- بۇ نەرسىلەرنى مەركىنەنىڭ ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ئۇ ئۆزى ئېيتىپ بەرگەنىدى.

    - شۇنداق، سىز يالغان گەپ قىلىشقا ئۆچ. شۇڭا ماڭا ئېيتىپ بېرىسىز. بىراق مەن ھەر قېتىم ئۇ نەرسىلەرنى كۆرسەم بەك ئازابلىنىمەن. ئۆزۈمنى ئاراڭلاردىكى ئارتۇقچە ئادەمدەك ھېس قىلىمەن. بىراق سىز بۇلارنى ئازراقمۇ ئويلاپ قويمايسىز. قارىڭە ھازىرمۇ ئۇ نەرسىلەرنىڭ بىرىمۇ يېنىڭىزدا كەم ئەمەس،- بۇ گەپلەردىن نېغمەت ئەجەبلىنىپ گەپمۇ قىلالماي قالدى.- بۇ مېنىڭ قانداقتۇر سىزنى باشقۇرغىنىم ياكى بۇيرۇق قىلغىنىم ئەمەس. بىز تېخى رەسمىي يۈرمىدۇق. شۇڭا ئۇنداق قىلىش ھوقۇقۇممۇ يوق. پەقەت شۇ قىزلارنىڭ قەلبىنىڭ سىز كۆرەلمەيدىغان تەرەپلىرىنى سۆزلەپ بەردىم. ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ. مېنىمۇ باشقىچە ئويلاپ قالماڭ.

    گۈلزار ئەپچىللىك بىلەن ئىچىدىكىنى تۆكۈۋالدى. نېغمەت بۇ كىچىك قىزنىڭ ئەقىللىقلىقىغا قايىل بولدى. ئەمەلىيەتتە گۈلزار بۇ گەپلەرنى بۇرۇنلا دېيىشنى ئويلاپ كەلگەنىدى. مۇۋاپىق پۇرسەت چىقمىغاچ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ پۇرسەتنى ئۆزى يارىتىش ئويىغا كېلىپ سوئاللارنى مەقسەتلىك سورىغانىدى.

    - ئەمىسە مەن كەتتىم. ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم،- گۈلزار گېپىنى دەپ بولۇپلا كېتىپ قالدى. ئەمما نېغمەتنىڭ يەنە دەيدىغان گەپلىرى ۋە سورايدىغان سوئاللىرى بار ئىدى. بىراق قىز ئۇنى تىت-تىت قىلىپ قويۇپ كېتىپ قالدى. نېغمەتمۇ بۇرۇن گۈلزار بىلەن بىر ئوبدان مۇڭدىشىۋېتىپ «ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم-ھە؟» دەپلا چىقىپ كېتەتتى. كۆز ئالدىدىكى بىر قاتار ئىشلاردىن نېغمەت «قىزلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىكەنسىز» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئازراق چۈشەنگەندەك بولدى.

    ئەتىسى نېغمەت مەركىنەگە يەنە تېلېفون قىلدى.

    - كەچۈرىسەن، يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بەرگىن.

    نېغمەتنىڭ دائىملا «نەرسە،نەرسە» دەپ تۇرۇۋېلىشى مەركىنەنى ھەم گۇمانلاندۇرسا ھەم ئاچچىقلاندۇرۇپ قويدى.

    - نېمىمۇ قىلارسەن ئۇ ئەخلەتلەرنى،-ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ئاغزىدا ئەخلەت دەپ قويغىنى بىلەن يۈرىكى چىدىمايتتى.

    - شۇنداق. ئۇ سەن ئۈچۈن ئەخلەت. بىراق باشقىلار ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس. نەرسە مەندە تۇرسا گۈلزار بەك ئازابلىنىدىكەن.

    نېغمەت گۈلزارنىڭ ئىسمىنى چىقارماي دېگەن لېكىن، مەركىنەنى ئۆزىگە تېخىمۇ ئۆچ قىلىش ئۈچۈن بەزى گەپلەرنى ئايىماسلىق قارارىغا كەلدى. بۇنداق بولغاندا مەركىنە ئۇنىڭدىن بالدۇرراق ئۈمىدىنى ئۈزەتتى ۋە كۆپ ئازابلانماسلىقىمۇ مۇمكىن ئىدى.

    - يەنە شۇ گۈلزار، سۆز-چۆچەك دېگەن بىكارغا تارقالمايدۇ،- ئۇ باشقىلاردىنمۇ گۈلزار توغرىلىق ئانچە-مۇنچە ئاڭلىغانىدى،- سەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپسەندە؟!...

    مەركىنە گۈلزارنىڭ گېپىنى نېغمەتتىن ئاڭلارمەن دەپ ئويلىمىغانىدى. غۇژژىدە كەلگەن ئاچچىقى ئۇدۇل مېڭىسىگە چىقتى ۋە تېلېفوننى جاققىدە قويۇۋېتىپ ئولتۇرۇۋېلىشقا ئاران ئۈلگۈردى...

    ئۇ شۇ ئولتۇرغانچە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىدى. ئارىدىكى مۇھەببەتنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ سەۋەبىنى گۈلزارغىلا ئارتتى. گۈلزار ئۇنىڭ كۆزىگە جىن، ئالۋاستى كۆرۈندى. شۇ ئاچچىقىدا گۈلزارنى تېپىپ راسا سوقۇشۇپ، چاچلىشىپ ئاچچىقىنى چىقىرىپ كېلىشىنىمۇ ئويلىدى...، يەنە بىر تەرەپتىن ھەممىدىن ۋاز كېچىپ «سۇيۇق بالا» نى تاشلىۋېتىپ، ھەممىنى تەل-تۆكۈس ئاياقلاشتۇرىۋېتىشنىمۇ ئويلىدى...، غۇرۇرىنى قايرىپ نېمىلا بولسا چىداپ ئۆتكۈزۈۋېتىپ نېغمەت بىلەن مەجبۇرىي يارىشىۋېلىشنىمۇ ئويلاپ باقتى...، بىراق مەركىنە ئىشنىڭ ئۇ دەرىجىگە بېرىپ يىتىشىنى ئۈمىد قىلمايتتى. «زادى قانداق قىلىش كېرەك؟» ئۇ ئۆزىدىن جىددىي سوئال سورايتتى. ياخشى چارە تېپىلىشنى قاتتىق ئۈمىد قىلاتتى...

    بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ۋاراق قەغەزگە تەكلىپنامە يېزىپ بىرەيلەنگە تېلېفون قىلدى ۋە گۈلزارغا بېرىپ قويۇشنى تاپىلىدى...

    خەتتىكى تەكلىپ بويىچە گۈلزار بىلەن مەركىنە مەكتەپ ئىچىدىكى قەھۋەخانىدا كۆرۈشتى.

    مەكىنەنىڭ ئالدىدىكى بۇ قىزغا قاتتىق ئاچچىقى بولسىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالدى. «بۇنىڭغا مەدەنىيەتسىزلىك قىلىپ قويسام - نېغمەتنىڭ ئىلگىرىكى يۈرگىنى قىلىقسىز نېمىكەن،- دەپ قالمىسۇن يەنە» دەپ ئويلايتتى ئۇ ئىچىدە.

    شۇ تاپ ھەر ئىككەيلەن جىددىيلىشىپ تەبىئىي بولالمايۋاتاتتى. لېكىن مەركىنە چوڭ بولغاچقىمىكىن گۈلزارغا قارىغاندا ئازراق ئەركىن ئىدى.

    - سىزنى تۇيۇقسىز چاقىرىتىشىمدىن مەقسەت، سىز بىلەن نېغمەتنىڭ ئىشى توغرىسىدا سۆزلىشىپ باقايمىكىن دېۋىدىم.

    - مەيلى،- گۈلزار ئەيمىنىپ قىسقا سۆزلەۋاتاتتى.

    - سىز ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈۋاتامسىز؟

    - ياق.

    - ئەمىسە، يۈرمەكچى بولۇۋاتامسىز؟

    - بىلمەيمەن.

    - بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟

    - بۇ ئىشقا نېغمەت ئاكامنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.

    - سىز ئارىمىزغا كىرىپ بىزنى ئايرىۋەتمەكچىمۇ؟- مەركىنە گەپنى ئۇدۇل، قاتتىقراق قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

    - مەن ئەزەلدىن ئۇنداق ئويلاپ باقمىدىم. مەركىنە ھەدە، مېنى خاتا چۈشەنمەڭ. مەن ئارىمىزدا قاچان، قانداقسىگە بۇنداق يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئاتا-ئانام نېغمەتنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن يېقىن ئۆتىدىكەن. ئۆيدىكىلەر نېغمەت ئاكامغا ماڭا كۆز قۇلاق بولۇپ قويۇشۇمنى تاپىلاپتىكەن. نېغمەت ئاكاممۇ ماڭا ئۆز ئاكامدەك كۆيۈندى. كېيىن...، مەن راست چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىزمەن. ئىشقىلىپ مەن يۈز بەرگەن ھەممە ئىشلارنى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ چۈشىنىمەن ھەم ئۇنىڭغا بويسۇنىمەن.

    «ماڭا دېگۈدەك گەپ قالمىدىغۇ ئەمدى. ئەجەپ يامان نېمىكىنا!» دەپ ئويلىدى مەركىنە ئىچىدە. مەركىنە ئەسلى « سوۋغاتلارنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىپسىزغۇ؟» دەي دېدىيۇ، لېكىن نېغمەتنى «ھەممىنى دەپ يۈرۈپتۇ» دەپ قالمىسۇن دەپ ئاياپ قالدى.

    - بۇ گەپچە قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيدىكەنسىزدە.

    - مەن نېغمەت ئاكام بىلەن ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەيمەن. ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا قەرزدار دەپ ئويلايمەن.

    - مەنمۇ ئىلگىرى شۇنداق ئىدىم. مېنىڭچە سىز ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئەخمەقلىق قىلغىنىڭىزنى ھېس قىلىسىز.

    - ھەدە، مەن ئىشىڭلارنى خېلى بىلىمەن. مېنىڭچە ئايرىلىش بىرلا ئادەمگە باغلىق ئىش ئەمەس، ئۇنىڭدا سىزنىڭمۇ تىگىشلىك مەسئۇلىيىتىڭىز بار.

    مەركىنە بۇ قىزنىڭ ئاددىي ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈردى. ئۇنىڭ دەل، ئورۇنلۇق جۈملىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئەجەللىك زەربە بولغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا مەلۇم تەرەپتىن تەربىيە بولدى، ئۇنى ئويلاندۇردى. دېمىسىمۇ ئۇلارنىڭ قەلبىدىن «قەدىرلەش» دېگەن سۆزنىڭ ئۆچكىنىگە ئۇزۇن بولغانىدى.

    - خۇددى سىلەرنىڭ يۈرۈش يۈرمەسلىكىڭلارغا بىرنېمە دېگىلى بولمىغىنىدەك بىرنىڭ ئايرىلىش ئايرىلماسلىقىمىزغىمۇ تېخى بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. مەن نېغمەتنى ئۇبدان چۈشىنىمەن،- مەركىنە ئۆزىنىڭ گۈلزاردىن ھامان ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇۋاتاتتى،- سىز بىلەن تونۇشقىنىمغا خۇشالمەن. مەن ياردەم قىلىدىغان ئىشلىرىڭىز بولسا ئېيتىڭ، قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن. ماڭىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قالدى، خوش.

    ئۇ گەپنى ئۈزۈپلا چىقىپ كەتتى...

    گۈلزارنىڭ گەپ-سۆزلىرى بىر تەرەپتىن مەركىنەنى ئويلاندۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ئۇ نېغمەت بىلەن گۈلزارنىڭ ئارىلىقىنىڭ يەنىمۇ يېقىنلاپ كېتىشىنى خالىمايتتى.

    مەركىنە پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ ئويلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ھەممە ئىشلارنى ئويلاپ چىقتى. ئۇنىڭغا ھەممىدىن بەكرەك تەسىر قىلغىنى بولسا گۈلزارنىڭ: «مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەيمەن» دېگەن گېپى بولدى.

    بىر دەمدىن كېيىن ئۇ ئېسىنى يىغىپ نېغمەتكە تېلېفون قىلدى.

    - سوۋغاتلىرىڭنى ئېلىۋالغۇڭ بارمۇ؟

    - ئەلۋەتتە. ھازىر مەن بىكار، سېنى ياتاق بىنايىڭلارنىڭ ئالدىدىلا ساقلاپ تۇراي.

    - ھەي ئەخمەق، مەن ساڭا ھازىر بېرىمەن دېمىدىمغۇ. ئۇلارنىڭ قايسىسىنى، قاچان، قەيەردە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۆزۈم بەلگىلەيمەن. گۈلزارنى خاتىرجەم قىلاي دېسەڭ دېگىنىم بويىچە قىلىسەن. بولمىسا بىرنىمۇ بەرمەيمەن،- مەركىنە گېپىنى دەپ بولۇپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. نېغمەت قايتۇرۇپ ئۇرسىمۇ ئالمىدى.

    ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ مەركىنە نېغمەتكە يەنە تېلېفون قىلدى.

    - ياخشى تۇردۇڭما؟ بۈگۈن بىرىنچى ئايغا بىر. مەن بۈگۈن نەرسىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرماقچى. ئەگەر ئالغىڭ بولسا ياشلار باغچىسىغا كەل. مېنى سائەت نەچچىدە قەيەردىن تېپىشنى بىلىسەنغۇ دەيمەن، - مەركىنە گېپىنى دەۋېلىپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. نېغمەت قايتۇرۇپ ئۇرسا يەنە ئالمىدى.

    توغرا، نېغمەت ئۇنى نەچچىدە، قەيەردىن تېپىشنى بىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆتكەن يىلى دەل ئەشۇ باغچىدا ئەڭ بەختلىك مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزگەنىدى.

    - نېمە ئويۇن ئوينايدىغاندۇ بۇ قىز بالا!...

    نېغمەت ئاچچىقلاپ ئۆز-ئۆزىگە كېسىلىپ كەتتى. بىر تۇرۇپ ئۇ مېنى تازا بىر ئوسال قىلاي دەپتۇ-دە دەپ ئويلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن بارمايمىكىنمۇ دەپ باقتى. بىراق قانداقلا ئىش بولسا چىشىنى چىشلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىپلا قۇتۇلماقچى بولدى.

    نېغمەت تونۇش مەنزىرىگە بىر قۇر سەپ سېلىۋەتكەندىن كېيىن كونا ئىزىنى بېسىپ مەركىنە تەرەپكە كەتتى.

    - بۇ يەرگە چاقىرىپ نېمە قىلاتتىڭ...

    نېغمەت بىر نېمىدىن خىجىل بولغاندەك باشقا ياققا قارىۋالدى.

    - مانا نەرسىلىرىڭ.

    مەركىنە «ئالدىراپ كېتىپسەندە» دەۋەتكىلى تاس قالدى. لېكىن تاپقان چارىسى بويىچە ئېيتقاندا ئۇ بۇنداق دېسە بولمايتتى. مۇھەببىتىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇ كونا يولنى يەنە بىر بېسىشقا مەجبۇر ئىدى.

    - ھەي، قاراڭ بۇ يەردە سېرىلىپ ئوينايدىغان يەر بار ئىكەن. مەن ئېگىزدىن سىيرىلىشتىن قورقىمەن. سىزچۇ؟- ئۇ غەيرەت قىلىپ ئۆتكەن يىلى مۇشۇ كۈنى، مۇشۇ جايدا دېگەن گېپىنى قايتىدىن تەكرارلىدى.

    ئەينى چاغدىكى گەپ- سۆز ۋە مەنزىرىنىڭ يەنە تەكرارلىنىشى نېغمەتنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ مەركىنەنى، گەپ تېشىپ مېنى تازا بىر ئوسال قىلماقچى، دەپ ئويلاپ قالدى. بىراق مەركىنەنىڭ چىرايىدىن ھېچ ئۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈنمەيتتى. ئۇ چىرايىدا ئىلگىرىكىدەكلا تەبەسسۇم پەيدا قىلىشقا تىرىشىپ قاراپ تۇراتتى.

    - ئارتىسلىق قىلىۋاتمايدىغانسەن؟ - پەس ئاۋازدا سورىدى نېغمەت.

    مەركىنە لام - جىم دېمىدى. ئۇنىڭ كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلگەن بولسىمۇ چىداپ سىڭدۇرۈۋەتتى. ئۇ شۇتاپ قانداقلا قىلمىغان بىلەن ئىلگىرىكى گۈزەل كۈنلىرىنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. بىراق ئۇ ئۆزىگە «ئويۇن» تۈگىگىچە ئۈمىد ئۈزمەسلىك كېرەك دەپ تەسەللى بېرەتتى.

    نېغمەتمۇ بىردەم گەپ قىلماي جىم تۇردى. ئاندىن مۇز سۇپىنىڭ پەشتىقىغا كېلىپ مەركىنەنى ساقلاپ تۇردى. ئۇ ئەسلى، «قورقماڭ، بەك ئاسان، يۈرۈڭ مەن ئۆگىتىپ قويىمەن» دېسە توغرا بولاتتى.

    مەركىنەمۇ مۇز سۇپىغا چىقتى. سۇپا 15مېتىرچە ئېگىز، 30 مېتىرچە ئۇزۇن، يەسلىلەردە كىچىك بالىلارنىڭ سىيرىلىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقىغا ئوخشايدىغان يانتۇلۇق ئىدى.

    - چۈشە،- نېغمەت قوپالراق ئىدى.

    مەركىنە «نېمانداق قوپاللىق قىلىسەن. ئەينى چاغدا چۈشۈڭ، مەن ئىتتىرىپ قويىمەن، قورقماڭ، دېگەنتىڭغۇ؟...» دەيتتى ئىچىدە.

    - سىز ئاۋال چۈشۈڭ، بولمىسا مېنى يىقىتىۋېتىسىز، - مەركىنە گەپنىلا ئەمەس ھەتتا چىراي ئىپادىلىرىنىمۇ ئەينى چاغدىكىگە ئوخشىتىشقا تىرىشتى.

    نېغمەت سېيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى ۋە بىر يەردە توختىدى. كەينىدىنلا مەركىنە بىر قوڭۇر تاشلىق خاتىرىنى ئېلىپ چۈشتى. بۇ دەل ئەينى چاغدا نېمەت مەركىنەگە سوۋغا قىلغان خاتىرە ئىدى.

    -بۇ ماڭا بەرگەن خاتىرەڭ، قايتۇرۇۋال، ئاۋۇ يەردە يەنە بىر نەرسەڭ بار، - ئۇ ياندىكى چانا تېيىلىش مەيدانىنى كۆرسەتتى.

    مۇز قېتىپ كەتكەن كۆلنىڭ ئۈستى. ئەتراپتا چانا تېيىلىپ ئوينىشىۋاتقان ئادەملەر. ئۇلار ئىلگىرىكىدەكلا غەمسىز كۆرىنىدۇ. چۈنكى بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خۇشاللىق ئىزدەپ كەلگەن، پەقەت بۇ ئىككى ياشلا ئەسلىمىسىنى ئىزدەۋاتىدۇ.

    - ئاۋۇ يەرگە بارايلىچۇ.

    مەركىنە بىر چانىنىڭ ئۇستىگە چىقىۋېلىپ چانا تايىقىنى يەرگە تىيىدى، بىراق چانا تۈزۈك ماڭمىدى. «چۈش» يەنە تەكرارلاندى.

    نېغمەت ئۆزىنى يا ئوتتا ئەمەس، يا سۇدا ئەمەس، يا خىيالىي دۇنيادا ئەمەس، يا رېئال دۇنيادا ئەمەستەك ئاجايىپ بىر قىسما سەزدى، ئۇ باشقا نەرسە ئويلىيالمايتتى. ئەسلىمە ۋە رېئاللىق ئۇنىڭ كاللىسىدا توختىماي ئايلىناتتى. بىر تۇرۇپ ئۇ بۇ «چۈش» نىڭ داۋامىغا قىزىقاتتى.

    نېغمەت دەسلەپ ئۇنى ئىتتىرىپ ئاستا ماڭدى، كېيىن يۈگۈردى. ئۇنىڭ قولى مەركىنەنىڭ مۆرىسىگە تەگكەندە، ئىنچىكە، يۇمران سۆڭەك ۋە يۇمشاق ئەت ئەينى چاغدىكىدەكلا غايىۋى سېزىم بەردى. بىر دەمدىن كېيىن ئۇلار بىر كىچىك قار بوۋاينىڭ يېنىغا كەلدى.

    - قارا، بۇ ئەينى چاغدا سەن ماڭا ياساپ بەرگەن قار بوۋاي، مەن بۇنى ئەتىگەن تېخى قولۇمنىڭ ئۈششۈپ قالغىنىغا قارىماي ياسىدىم. ئەمدى ئۇنى بۇزىدىغان چاغ كەلدى. سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن بۇزغىن.

    نېغمەت بۇ تاللاشتا بەكمۇ قىينالدى. مۇشۇ قار بوۋاي بۇزۇلسىلا ھەممە تۈگەيدىغاندەك، مەركىنەمۇ ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن غايىپ بولىدىغاندەك ھېس قىلدى. بىراق يەنىلا ئەزمىلىك قىلماي بۇزۇش قارارىغا كەلدى. ئۇ قار بوۋاينى بۇزۇشى بىلەن تەڭ ئىچىدىن بىر قارا قەلەم قۇتىسى چىقتى.

    - بۇ سەن ماڭا بەرگەن ئىككىنچى سوۋغات، بۇ قەلەمنى بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ قاپقا سېلىپ قويدۇم. نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئامانەت ئەمەسمۇ. ئەمدى مېنىڭكىنى قايتۇرۇپ بەر.

    نېغمەت مەركىنە ئەينى چاغدا يۈرەك شەكلىدە قاتلاپ بەرگەن ئون يۈەنلىك پۇلنى قايتۇرۇپ بەردى.

    - ئەمىسە مەن كەتتىم، قالغان نەرسىلەرنى كېيىن ئېلىۋالىمەن. خوش.

    مەركىنە ئاستا يۈگۈرگەن پېتى ئۇزاپ كەتتى. نېغمەت ھاڭۋاققىنىچە مۇز مەيدانىدا يالغۇز قالدى...



    كېچە. تۈگىمەس، چىرماش خىياللار نېغمەتنى ئورىۋالدى. ئۇ ئۇياققا-بۇياققا تولغىنىپ ئوخلىمايتتى. مەركىنەنىڭ بۈگۈنكى چۈشىنىكسىز قىلىقلىرى نېغمەتنىڭ كاللىسىغا بىرمۇنچە چۈشىنىكسىز سوئاللارنى قالدۇرۇپ قويغانىدى.

    ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن نېغمەت مەركىنەگە تېلېفون قىلدى. ئۆتكەنكى ئىشتىن كېيىن نېغمەت مەركىنەنىڭ مەقسىتىنى ئانچە-مۇنچە چۈشىنىپ قالغانىدى.

    - بۈگۈن قۇتلۇق كۈن. بۇنى ھېلى بىلىپ قالىسىز مەن سىزنى مەكتەپنىڭ قەھۋەخانىسىدا ساقلايمەن. چوقۇم كېلىڭ-ھە؟

    مەركىنە چىداپ ئىككى ھەپتە نېغمەت بىلەن ئالاقىلەشمىگەنىدى. بۈگۈن «ئويۇن»نىڭ ئازراق بولسىمۇ نەتىجىسىنى كۆرگەنلىكىدىن خۇشاللاندى ھەم تەييارلىقىنى قىلىپ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ قەھۋەخانىغا ماڭدى.

    - كەلدىڭمۇ؟ ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئوبدان تۇرغانسەن؟

    - ياخشى. قارىسام سەنمۇ ياخشى تۇرغاندەك قىلىسەن.

    مەنىلىك سالامدىن كېيىن ھەر ئىككەيلەن بىر دەم گەپ-سۆز قىلىشماي تۇردى. ئاندىن مەركىنە «ھەممە ئاشىقلارنىڭ بايرىمى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى بولسا بىزنىڭ 1-ئاينىڭ 14-بولامدا؟» دېگەچ چىرايلىق بىر كوروپكىنى نېغمەتكە سۇندى. نېغمەت كوروپكىنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى قۇرۇپ قالغان بىر تال ئەتىرگۈلنى كۆردى.

    ئەسلى نېغمەت ئاشىقلار بايرىمىنى ئالدىغا سۈرۈپ مەركىنەگە بايراملىق شاكىلات ۋە بىر تال ئەتىر گۈل ئېلىپ بەرگەنىدى. مەركىنە ئەينى چاغدىكى ۋەدىسى بويىچە گۈل قۇرۇپ قالسىمۇ كىتابنىڭ ئىچىدە ساقلىغانىدى.

    - بىز 2- ئاينىڭ 14- كۈنى تەتىل قىلىپ يۇرتىمىزغا كېتىپ قالىدىكەنمىز. بىر شەھەردە بولمىغاندىن كېيىن شۇنداق ياخشى بىر بايرامنى ئۆتكۈزەلمەي قالغۇدەكمىز. شۇڭا مەن 1-ئاينىڭ 14-كۈنىگە ئۆزگەرتىۋەتتىم،- نېغمەت بىر گۈللۈك قاپنى مەركىنەگە سۇندى. مەركىنە قاپنى ئېچىپ بىر يىل ئاۋال نېغمەتكە بەرگەن سۈرىتىنى كۆردى.

    نېغمەت بۇنداق ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ ئىككى ھەپتىدىن بېرى ۋىجدانىنى سوتلاپ، ئۆز - ئۆزىنى كۆپ ئەيىبلىدى ھەم مەركىنەدىن قاتتىق تەسىرلەندى. ئەپلىشىپ قېلىشنىمۇ كاللىسىغا كەلتۈرۈپ تۇردى. ئەمما ئۇ «مۇناسىۋىتىمىز ھامان ئىلگىرىكىدەك ياخشى بولمايدۇ، ئارىمىزدا مېھىر-مۇھەببەت قالمىدى» دەپلا ئويلايتتى. يەنە بۈگۈنكىدەك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە چىداپ تۇرالماي ئىلگىرى مەركىنەگە يېزىپ قويغان، ئەمما ئۇنىڭغا ئېغىر كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بەرمىگەن خېتىنى ئاستا ئۇنىڭ ئالدىغا سۇنۇپ،- ۋاقتىڭنى ئېلىپ قويدۇم ھە،- دېگىنىچە ئالدىدىكى قەھۋەنى ئىچىۋېتىپ، نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

ئاددىي خەت
    مەركىنە سەن مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىسەن، پۈتۈن زېھنىڭنى، يۈرىكىڭنى سەرپ قىلىۋاتىسەن. ساڭا كۆپ رەھمەت. بىلىمەن، مېنىڭ سەندىن نىمىشقا ئايرىلىپ كەتكىنىم ھازىرغىچە كاللاڭدا ئېنىق ئەمەس. ئەمدى دېمىسەم بولمايدىغان يەرگە بېرىپ قالدى. توغرا، ئىككىمىز ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئىناق، ساپ ۋە ئايرىلماس بولۇپ ئۆتكەن. ھەممە بىزگە ھەۋەس قىلاتتى. مەنمۇ سېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرەتتىم، مۇھەببىتىڭنى شۇنچىلىك پاك، غۇبارسىز دەپ ئويلايتتىم، سەن كۆزۈمگە نۇقسانسىز، ئېۋەنسىز كۆرۈنەتتىڭ. بىراق ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئەڭ دەسلەپ ئۆزۈڭ ئۈششۈك تەككۈزدۈڭ. يازلىق تەتىل مەزگىلىدە باشقا بىرەيلەن ساڭا كۈندە تېلېفون قىلىدىغان بولدى. سەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن دائىم سۆزلىشىدىغان بولۇۋالدىڭ، تېخى بىرنەچچە قېتىم ئۇچراشقان بولدۇڭ. ھەتتا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولدى. قىزىق يېرى ئۇمۇ ئاتا-ئاناڭنىڭ دوستىنىڭ بالىسى ئىكەن. ئەمما سۆيۈنىدىغىنىم، سەن ئۇنىڭدىن تېلېفون كەلسىلا ماڭا ئېيتاتتىڭ، نېمە دېيىشكىنىڭنى دەپ بېرەتتىڭ، (ماڭا قىلىشقان پارىڭىڭلارنىڭ ھەممىنى قويماي دەپ بېرەمتىڭ ياكى تاللاپ دەپ بېرەمتىڭ ئۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ...) لېكىن، ئەمدى ئالاقىنى توختات، دېسەم پەقەت ئۇنداق قىلالمىدىڭ. ھەتتا، «ئادەم دېگەن خام سۈت ئەمگەن نەرسىكەن، ماڭا ۋاقىت بەر. ئىككىڭلاردىن بىرنى تاللىۋالاي» دېدىڭ. مۇشۇ ئىش توغرىلىق بىز كۆپ سوقۇشۇپ كەتتۇق. سەن مەن بىلەن يۈرۈشتىن بۇرۇنلا «مەن ھەرگىز يۈرگىنىم بىلەن سوقۇشمايمەن، ئوغۇل بالا بىلەن سوقۇشقان قىز ياخشى قىز ئەمەس» دەيتتىڭ. مەنمۇ «مەن ھەرگىز يۈرگەن قىزىمنى يىغلاتمايمەن، كۆزىدىن ھەرگىز ياش ئاققۇزمايمەن» دەيتتىم. لېكىن ئىككىلىمىز بۇ ئىشلارنى قىلالمىدۇق. ئاقىۋەت سوقۇشۇش بارا-بارا كۈندە قىلىدىغان ئىشىمىز بولۇپ قالدى. ھۆرمەت، ئىززەت دېگەنلەر ئارىمىزدا قۇرىدى. مەن كۆپ چىدىدىم، ئوڭشىلىپ كېتىشىڭنى كۈتتۈم. ئويلىغىنىمدەك، سەنغۇ كېيىن گۇناھىڭنى تونۇپ ئۇنىڭدىن ئالاقەڭنى ئۈزۈپ تۈزىلىپ كەتتىڭ، (ئەمما مەن خېلىغىچە ئۇنىڭدىن ئالاقەڭنى ئۈزۈشۈڭگە نېمىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقىنى بىلمەي يۈردۈم. لېكىن سۈرۈشتۈرمىدىم. نىمىشقا؟... يەنىلا سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئاۋايلىدىم.) لېكىن كېيىن ماڭىمۇ ئاتا-ئانامنىڭ دوستىنىڭ قىزى ئۇچراپ قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ بىلىسەن. مانا ھازىر ئىككىمىز دۈشمەن بولۇپ قالاي دېدۇق. مەنمۇ كۆڭلۈڭگە يەتكۈچە ئازار بەردىم، سېنى كۆپ يىغلاتتىم، سەنمۇ مەن بىلەن يەتكىچە جېدەللەشتىڭ. سوقۇشتۇڭ...

    سەن مېنىڭ سېنى يىغلاتقىنىمنى ھەرگىز ئۇنۇتمايسەن. مەن سېنىڭ مەن بىلەن دائىم جېدەللىشىپ سوقۇشىدىغىنىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمەن. مۇشۇ ھاڭلارلا ئارىمىزدا بولىدىكەن مۇناسىۋىتىمىز تەتۈر يۆلىنىشكە ماڭسا ماڭىدۇكى ھەرگىز ياخشىلانمايدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ يېنىشالماسلىقىمىزدىكى سەۋەپ. قانداقلا قىلغان بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ھەرگىز ئىلگىرىكىدەك ياخشى بولالمايدۇ، ئۇ كۈنلەر مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ مەركىنە ... سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك گۇناھ ئىككىلىمىزدە بار. سېنىڭ دېگىنىڭدەك ئادەم راستلا خام سۈت ئەمگەنىكەن. ئاخىرىدا مېنى چۈشىنىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.

    خەير-خوش، ئامان بول!...

    خەتنى ئوقۇپ بولۇپ مەركىنە قاتتىق ئازابلاندى، خۇددى ئۇ دۇنيادا يالغۇزلا قالغاندەك، ھەممە ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىۋاتقاندەك، جىمى ئادەم كۈلۈپ، پەقەت ئۇلا يىغلاۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ئۇنىڭ تىنىچلانغۇسى، بۇ نەس يىغىنى توختاتقۇسى كېلەتتى. ئېغىزىنى قولى بىلەن چىڭ ئىتىۋالغىنى بىلەنمۇ ئېڭەكلىرى تىترەپ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلاتتى. ئۇ بىر ياقتىن يىغلايتتى، بىر ياقتىن سومكىسىدىن قەغەز قەلەم ئېلىپ خەتنىڭ كەينىگە:

    «مەن ‹ئادەم خام سۈت ئەمگەنىكەن› دېگەن گەپكە بەك ئۆچ بولدۇم. بىراق ئادەم راستلا شۇنداق نەرسىكەن. يېنىدا بار چېغىدا قەدرىگە يەتمەيدىكەن. كەتكەندە بولسا كۈندە يىغلاپ ئولتۇرغىنى بىلەن ئورنىغا كەلمەيدىكەن. بىراق مەن ئۆكۈنمەيمەن. ھەم پۇشايمانمۇ قىلمايمەن. مەن يەنە بەختلىك، دىلارەگە ئوخشاش نۇرغۇن قىزلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ، بىراق مەن ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن بىر يىل يۈردۈم. ساڭا بەخت تىلەيمەن نېغمەت. سەن ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى بالا. ھەممە قىزلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك بالا. مەن سېنىڭ مەڭگۈ بەختلىك بولىشىڭنى، مەندىنمۇ ياخشى، ئەخلاقلىق قىزغا ئۇچىرىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. سەن ئەسكى قىزغا ئۇچراپ قالساڭ مەن چىدىمايمەن نېغمەت... خەير، ئامان بول» دەپ يازماقتا ئىدى...

    ئۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ھەممىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولۇپ، خەتنى تەقلەپ قويۇپ ياتىقىغا چىقىپ كەتتى.

    خىيال- ئازاب تارتقاندا، يالغۇزلۇق تارتقاندا، ھەسرەتلەنگەندە بىزگە ھەمراھ: خۇشاللانغاندا، ھاياجانلانغاندىمۇ يەنىلا بىز بىلەن بىللە. ئۇ بىزنىڭ يېقىن دوستىمىز.

    مەركىنەنىڭ كاللىسىنى يەنە خىيال قاپلىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە خۇشاللىقمۇ، قايغۇمۇ، چۈشمۇ، رېئاللىقمۇ، چۈشكۈنلۈكمۇ، غايە ۋە ئارزۇ-ئارمانلارمۇ بار...، «سەن ئاچچىقىڭغا پايلىمايلا چوڭ زىيانلارنى تارتىۋالىسەن. بىر ئىشلارغا سوغۇق قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلساڭ، ئۆزۈڭنى توختىتىۋېلىپ ،ئازراق ئويلانساڭلا بۇنچىلىك قايناشنىڭ ھاجىتى يوق ئىشلارغۇ بۇ...» مەركىنە ئۇرۇشقان چاغلىرىنى ئەسكە ئالدى. ھەم نېغمەتنىڭ ئۇ گەپلەرنى ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى. سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ ئىش قىلىپ، خەتنى ھازىر بېرىۋەتمەسلىك، «ئويۇن» نى تولۇق ئوينىۋېتىش قارارىغا كەلدى ...

    - نېغمەتما؟ مەن مەركىنە. مەن سەن بەرگەن سائەتنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى، سائەت ئىككى يېرىملار بىلەن كۆرۈشەلەرمىزمۇ؟...

    - بۇ نەرسىنىڭ ۋاقتى توغرا كەلمەي قالدىمۇ، تېخى ئۈچ ئاي بارغۇ؟... ،- نېغمەت مەركىنەنىڭ نېمە ئويۇن ئويناۋاتقىنىنى بىلىپ بولغانىدى.

    - ئاي كۈن ئۆزگەرگەن بىلەن ۋاقىت-سائىتى، ئورنى ئۆزگەرمىدى،-دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى مەركىنە.

    مەركىنە تاغ باغرىدىكى راۋاقتا ئولتۇراتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي نېغمەت كەلدى.

    - قارىغىنە، نېمىدېگەن چىرايلىق... قارا، ياپ - يېشىل دەرەخ، كۆپ - كۆك ئاسمان، زۇمرەتتەك سۇ...، ھەي، سەن مېنى قاچان قېيىققا ئېلىپ چىقىپ ئوينىتىسەن؟

    - مەركىنە، ئۇنداق قىلمىغىن، ھازىر دېگەن بىرىنچى ئاي، ھەممە يەر قار بىلەن قاپلانغان تۇرسا، نەدىكەن ئۇ ياپ-يېشىل دەرەخ، زۇمرەتتەك سۇلار.

    نېغمەت: «ساڭا بەك ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ. سېنىڭ بۇ ھالىتىڭنى كۆرسەم بەك ئازابلىنىپ كېتىدىكەنمەن. ئۆزۈمگە ئۆچلۈكۈم كېلىدىكەن» دېمەكچى بولدى-يۇ، لېكىن دېمەكچى بولغىنىنى يۇتۇۋەتتى.

    مەركىنەنىڭ كۆزىگە لىق ياش كەلدى. بىراق، ئۇ يىغلىماسلىقى كېرەك ئىدى. شۇڭا، كۆپ غەيرەت قىلدى ھەم ئۆزىنى بەك تۇتىۋالدى.

    - مە، بۇ سائىتىڭ، سەن «بۇنى ئۈستىلىڭگە تىزىپ قوي» دېگەنىدىڭ. سەن يەنە « مەن ساڭا گۈل ئەكەلمىدىم. گۈلنى يا ئىشلەتكىلى بولمىسا، نەچچە كۈندىن كېيىن قۇرۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭدىن ساڭا دائىم لازىم بولىدىغان نەرسىلەردىن ئالغىنىم تۈزۈككەن، دەپ بۇنى ئالدىم» دېگەنىدىڭ...

    - بولدى گەپ قىلما، بۇ سەن بەرگەن پورتمال بىلەن تاسما، مەن سېنى يېنىمدا چىڭ ساقلىيالمىدىم، بېلىمنىمۇ مەھكەم باغلىيالمىدىم، مېنى كەچۈر،- نېغمەت كەينىگە ئۆرۈلۈپ كەتمەكچى بولىۋېدى، مەركىنە ئۇنى توختىتىۋالدى.

    - توختا، خېتىڭنى ئېلىپ كەت.

    مەركىنە ئالدىنقى كۈنى تەقلەپ قويغان خەتنى بېرىۋەتتى. نېغمەت خەتنى ئېلىپ شۇ يەردىلا ئوقۇشقا باشلىدى. مەركىنە ئاستا ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىپ قالدى...

    نېغمەت خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، ئالدىدىكى مۇز تۇتۇپ كەتكەن كۆلگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى.

......

    كېچە، ھەممە ئۇيقۇدا. ئاي، يۇلتۇز ۋە بىر جۈپ ياشنىڭ كۆزلىرىلا پال-پال قىلىپ تۇرىدۇ. چەكسىز خىياللار، قىيىن سوئاللار، تۈگىمەس «نىمىشقا...؟» لار ئۇلارنى قىينىماقتا. يۈرىكىنى ھەرە بولۇپ چاقماقتا...، ئۇلار ئۈن تۈنسىز بىر-بىرىگە مونولوگ قىلماقتا...

    مەركىنە ئويلايتتى: «نېغمەت، مەن كۆپ كۈچىدىم. بىراق سەن تەسىرلەنمىدىڭ. باغرىڭ تاش بولۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ. خېتىڭدىن قارىسام ھېلىقى بالىنىڭ ئىشى كۆڭلۈڭگە بەكلا تىگىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. شۇڭا گۈلزارنىڭ ئىشىدا سېنى ئەيىبلىيەلمەيمەن. بىراق ماڭا بىر نەرسە ئېنىق مەن ئۇتتۇردۇم، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرالمىدىم.»  

   نېغمەت ئويلايتتى: «غەيرەتلىككەنسەن مەركىنە. مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن خېلى قۇربانلىقلارنى بەردىڭ. بۇ جەھەتتە مەن ساڭا ھەقىقەتەن قايىل. بىراق ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى قانداقتۇ ھېلىقى بالىدىن، ياكى گۈلزاردىن كۆرۈشكە بولمايدۇ. سەندىنمۇ، مەندىنمۇ كۆرۈشكە بولمايدۇ. ئەمىسە زادى نېمىدىن كۆرىمىز؟... بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن. بەلكىم سەنمۇ دەپ بېرەلمەيسەن. تەن ئالىمەن، مەن ھەقىقەتەن ساڭا بەك قاتتىقلىق قىلىۋەتتىم. بىراق...، نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغىنىمنى بىلمەيمەن. نېمىشقا ‹زادى ئايرىلىپ كېتىشىمىز كېرەك› دەپ تۇرىۋالىدىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. بەلكىم ئايرىلماسلىقىمىز كېرەكتۇ...»

    ئەتىسى كەچ بولغاندا مەركىنە يەنە نېغمەتكە تېلېفون قىلدى.

    - قانداق ئەھۋالىڭ؟ پەسكە چۈشكىن، بېرىدىغان نەرسە بار.

    - نى..نېمە؟ نەگە چۈشىمەن،- نېغمەت تەمتىرەپ گېپىنى تاپالماي قالدى.

    -خاتىرجەم بول ئەمدى ساڭا چاپلىشىۋالىدىغان مەركىنە يوق. مەن دەرىزەڭنىڭ ئالدىدىلا،- ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

    - مەن ئونداق دېمەكچى ئەمەس..،-ئۇ يۈگۈرگەنچە پەسكە چۈشتى. پەستە مەركىنە ئۆزى بىلەن تەڭ قونچاقنى قۇچاقلاپ تۇراتتى.

    - سوۋغاتلىرىڭنىڭمۇ ھەممىسىنى بېرىپ بولدۇم. ئال، بۇ سەن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمگە بەرگەن سوغىتىڭ. ئەسلى بۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەي دېگەنىدىم. بىراق يەنە ساقلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالماپتۇ،- مەركىنە ئەڭ ئامراق قونچىقىنى نېغمەتكە سۇندى،- ئەينى چاغدا مەن بۇ يوغان سوۋغاتنى تولىمۇ پەخىرلەنگەن ھالدا ياتاققا ئېلىپ كىرگەنىدىم، ئۇنى كۈندە قۇچاقلاپ ياتاتتىم. سوۋغىمۇ تۈگىدى. پۇرسەتمۇ تۈگىدى. ئىككىمىزنىڭ ئىشىمۇ تۈگەپ كەتسۇن.

    - ياق پۇرسەت تۈگىمىدى. بىردەم تۇرۇپ تۇر، كەتمە ھە.

    نېغمەتنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى. ھەمدە يۈگۈرگەن پېتى ياتىقىغا كىرىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشتە تەييارلاپ قويغان بىر دەستە ئەتىرگۈلنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

    - مەركىنە، مەن سېنى ھەرگىز يىغلىتىپ كىرگۈزىۋەتمەيمەن. ئەينى چاغدا قانداق ھاياجان بىلەن مەغرۇر كىرىپ كەتكەن بولساڭ، ھازىرمۇ شۇنداق كىرىشىڭنى ئۆتىنىمەن، بولامدۇ؟!- ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش ئەگىيتتى، ئاۋازلىرى تىترەيتتى...

    - بۇ 13تال ئەتىرگۈل،300 تال ئالالمىدىم. سەن ئابلىزغا «ئۇ ماڭا 300 تال ئەتىرگۈل ئېلىپ بەرسە ئاندىن يۈرىمەن» دەپتىكەنسەن، مەندە ئۇنچىلىك كۆپ پۇل بولمىغاچقا مۇشۇنچىلىكلا ئالدىم. بىراق بۇلارنىڭ 300 تال ياپرىقى بار، مەن ساناپ چىقتىم. راس، مەركىنە كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلغىن،- نېغمەتنىڭ كۆزىدىنمۇ ئىختىيارسىز ياش تۆكۈلۈپ كەتتى.

    ھەي ياش! سەنمۇ قىزىق ھە؟! كىشى ئازابلانسىمۇ ئاقىسەن، خۇشاللانسىمۇ ئاقىسەن، ئۆزۈڭ كىچىك بولغىنىڭ بىلەن ئالەمچە سىرلىقسەن.

    - مەن ئۇ چاغدا چاقچاق قىلىپ قويغان. مەن گۈلۈڭنى نېمە قىلىمەن، ماڭا مۇھەببىتىڭ بولسىلا كۇپايە ئەمەسمىدى؟- مەركىنە كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ ئېرىپ كەتتى،- ئابلىزمۇ قىزىقچىكەن. ئەمىسە سىز باغۋەن بىلەن يۈرسىڭىز بولغىدەك دەيدۇ تېخى.

    ئۇنىڭ كۆزى يىغلايتتى. ئېغىزى، دىلى كۈلەتتى. دېمىسىمۇ ئۇ خېلىدىن بېرى زارىقىپ كۈتكەن مۇھەببىتىگە ئېرىشتى. مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى ئۇ تولىمۇ ئارزۇ قىلغان ئەمەسمىدى...

    مەركىنە نېغمەتنىڭ قولىدىكى بىر دەستە گۈلگە، تويۇپ تويۇپ قارىۋالدى ۋە نېغمەتنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ:

    - رەخمەت...، بىراق مەن قوبۇل قىلالمايمەن. مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشسۇن،- دەپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئېغىزىنى قاماللاپ يىغلىغىنىچە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى. چۈنكى نېغمەتنىڭ قىلغانلىرى ئۇنىڭ قاتتىق غۇرۇرىغا تەگكەنىدى.

    -مەن ئېرىشتىم، ماڭا مۇشۇ بولسىلا كۇپايە،- دەيتتى ئۇ ئىچىدە.


(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە)
2007- يىلى 14-فېۋرال

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 05:10 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tuprag + 10 كىملەرنىدۇر ئىسىمگە س.
zulayha + 100 مېنى يىغلاتتىڭىز.
moghal + 300 نادىر ھىكايە.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 300  مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى!

قىزلار دىن-دىيان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 858
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10648
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 3293 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 05:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم تۆۋە مۇشۇ بەزى يازغۇچىلار قەستەن ئاجايىپ ئىسىملارنى ئويلاپ تاپىدۇ دىسە.مەركىنە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟شۇمۇ ئىسىم بوپتۇ ئەمدى

ھەممە ئۇيغۇرنى جەننىتى بولسىكەن دەيمەن،

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6911
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 05:07:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى يېزىپسىز،تېخىمۇ تىرىشىڭ.

ئاخىرىنى ئوقۇۋېتىپ تاسلا قالدىم مەركىنە بىلەن تەڭ يىغلىۋەتكىلى.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

مەرەز بەي .

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36571
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 655
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2011-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 05:08:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
دۇنيا - ئاخىرەتلىكىمنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بەش قولدەك بىلىمەن . چۈنكى مەن ھېچكىمگە ئوخشىمايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41870
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3768
تۆھپە نۇمۇرى: 111
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2011-5-24
ئاخىرقى: 2011-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 05:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-قەۋەت (Muslime) نىڭ يازمىسىغا

كەچۈرۈڭ، بۇ مەن ئويلاپ تاپقان ئىسىم ئەمەس. باشقىلار قىزىغا ئەرزان توۋلاپ شۇنداق ئىسىم قويۇپتۇ.
  سىزگە تەۋسىيەم، ئەڭ ياخشىسى ئويلىماي سۆزلىمەيلى.
  ئويلىماي سۆزلىسەڭ، ئاغرىماي ئۆلىسەن. دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار كونىلاردا.

ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى!

قىزلار دىن-دىيان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 858
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10648
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 3293 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 05:29:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4-قەۋەت (shohret) نىڭ يازمىسىغا

ھە مەن تىخى سىزنى ئۆزى ئىچىدىن ئويلاپ تاپقان ئىسىم ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
ھازىر قانداقلا ئىسىم ئۇچراتساق ھەيران قالمىساق بولامدۇ نىمە

ھەممە ئۇيغۇرنى جەننىتى بولسىكەن دەيمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37768
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4944
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2011-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 06:46:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا تەسرلىككەن ، مەركىنە شۇنداق قىلىپ نېغمەتىنكى مۇھەببىتنى قۇبۇل قىلمدى دە . ..

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15149
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5640 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 07:47:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارتون فىلىم ! بۇ تۇلۇقسىز ئوتتۇرىدىكى ئىشلارمۇ ؟

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22872
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6852 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 07:56:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  Muslime كە 2011-05-24 05:00 PMئەۋەتىلدى  :
خۇدايىم تۆۋە مۇشۇ بەزى يازغۇچىلار قەستەن ئاجايىپ ئىسىملارنى ئويلاپ تاپىدۇ دىسە.مەركىنە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟شۇمۇ ئىسىم بوپتۇ ئەمدى
سىز مەركىنە دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنسىز جىما .

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئازاپلىرىم،مېنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17654
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9605 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 10:57:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي.توللۇق ئوقۇپ بۇلۇپ ئىنكاسىمنى تەھرىرلەيمەن.

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش