مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 22497|ئىنكاس: 55

قىسمەتلەرگە تولغان ھايات ( مۇكاپاتلىق ئەسە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 8214
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 34143
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3594 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-28 12:14:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشى

  يانفونننىڭ چاقىرغۇ مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ يۈرىكم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى، جىددىيلەشكەن ھالدا يانفوننى ئىتتىكلا ئېلىپ نومۇرغا قارىدىم ۋە ماڭا يادا بولۇپ كەتكەن، كاللامغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن، تونۇش نومۇرىنى كۆرۈپ خوشاللىقتىن يۈرىكم تىپىرلىدى.
-ۋەي، تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ؟قانداقراق ؟ ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ئوكۇلىڭىز تۈگىدىمۇ يا؟- يانفوندىن مەن كېچە –كۈندۈز ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغان دىلنۇرنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئەھۋال سوراۋاتاتتى.
     ـ خۇداغا شۈكرى، خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم،ئوكۇلۇم تۈگەي دەپ قالدى، يەنە ئىككى –ئۈچ كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقىمەن، ئۆزىڭىزچۇ، تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ؟- دېدىم مەن.
     - خۇداغا شۈكرى، مېنى دەپ شۇنداق دېشۋارچىلىق تارتقىنىڭىزنى ھەر بىر ئويلىسام بەكلا خىجىللىق ھېس قىلىمەن، سىزگە نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنى راستىنلا بىلمەيۋاتىمەن،- دېدى دىلنۇر مەن ئاڭلاپ قانمايدىغان تاتلىق ئاۋازدا.
      - ھېلىمۇ ھەر قېتىم تېلىفون قىلسىڭىز بىر رەھمەت ئېيتىسىز، سىزنىڭ رەھمەتلىرىڭىزنى ئاڭلىسام ماڭا شۇ كۇپايە ،ئەگەر ‹‹تېخىمۇ چوڭ رەھمەت ئېيتىمەن›› دېسىڭىز كۈندە بىر قېتىم مېنى كۆرگىلى قېشىمغا كېلىڭ ئەمسە، سىزنى كۈندە كۆرۈپ تۇرسام ماڭا بولغان رەھمىتىڭىز شۇ ،- دېدىم مەن چاخچاق ئارىلاش.
    - ۋېيەي، كۈندە بېرىۋالسام مەندىن بىزار بولۇپ كېتەرسىز ھېلى،- دېدى دىلنۇر ئەركىلىگەن تەلەپپۇزدا.
     - سىزنى كۆرۈشتىن قانداقمۇ بىزار بولاي،يېنىمدىن بىردەممۇ نېرى بولمىسىڭىز ، سىزنى كۈندە كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن! -دېدىم مەن كۆڭلۈمدىكىنى ئىپادىلەپ. ئۇ سۆزۈمگە نېمە دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمىدى بولغاي :
      -خوش ئەمسە، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،- دەپ تېلىفوننى قويىۋەتتى.ئۇ تېلىفوننى قويۇۋېتىش بىلەن يۈرىكىممۇ تېلىفون بىلەن تەڭ ئۇنىڭ قېشىغا كېتىپ قالغاندەك بىر خىل سېزىم پەيدا بولدى.كۆزلىرىمنى يۇمۇپ ئۆزۈمنىڭ بالىلىق دەۋردىكى نومۇسقا تولغان ھاياتىمنى ، دىلنۇر بىلەن تونۇشۇپ قېلىش جەريانلىرىمنى خىيال ئېكرانىمدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم.
      كىچىك ۋاقىتلىرىمدا دادام مەھەللىمىزدە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن تامچى ئىدى، ئۆي سالدۇرماقچى بولغان كىشىلەر نە –نەلەردىندۇ دادامنى ئىزدەپ كېلىپ ئېلىپ كېتەتتى،دادام بىر چىقىپ كەتسە نەچچە ھەپتىگىچە ئۆيگە كېلەلمەيتتى،ئۇ ۋاقىتتا مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم بولۇپ، ئائىلە تۇرمۇشىمىز دېگەندەك ياخشى بولمىسىمۇ ھەر ھالدا كۆڭۈللۈك ئىدى،ھەر قېتىم دادام ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئۆيىمىز بايرام شادلىقىغا چۆمەتتى،كېيىن ئاپام يەنە يەنە بىر ئوغۇل ئۇكاش تۇغۇپ بەردى،ئۇكام تۇغۇلۇپ بولغۇچە ئارىلىقتا ئاپام بىرنەچچە ئايغا يېقىن يېزىدىكى بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ كەلدى، ئاپام تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن مەھەللە كومېتېتىنىڭ كادىرلىرى نەچچە كۈنگىچە ئۆيىمىزگە كېلىۋېلىپ ،دادام ئۇلارغا خېلى كۆپ پۇل بەرگەندىن كېيىن ، ئاندىن ئۇلار كۆزدىن يوقالغان ئىدى،( ئاپامنىڭ ئېيتىشىچە دادام ‹‹ئاران بىر ئوغلۇم بولۇپ قالدى›› دەپ تۇرىۋالغاچقا ئاپام اللاھتىن تىلەپ يۈرۈپ ،تىلىكى ئىجاۋەت بولۇپ ،بۇ ئۇكامنى تۇققان ئىكەن،شۇڭا ئاھالىلەر كومېتىتىغا تۆلىگەن 2000 يۈئەن جەرمانىمۇ دادامنىڭ كۆزىگە كۆزىگە كۆرۈنمىگەن ئىكەن ، ئۇكام تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى دادامنىڭ خۇشالىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن )ئاپام ئۇكامنى تۇققان ۋاقىتتا دادام سىرتلارغىمۇ چىقماي ئاپام ۋە بىزنىڭ ھالىمىزدىن ناھايتى ياخشى خەۋەر ئالغان ئىدى.
ھەممە بەختسىزلىك ئۇكام تۇغۇلۇپ بەش –ئالتە ئايلار ئۆتكەندە باشلاندى، بىر كۈنى كەچتە مەكتەپتىن كەلسەم، ئۆيدە ئادەم يوق، قوشنىمىز ئايسىخان ئانام مېنى ئۆيگە ئەكىرىپ تاماق بەرگەندىن كېيىن ،دادامنىڭ ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ،ئاپامنىڭ ئۇكىلىرىمنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا كەتكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە قولۇمنى يېتىلەپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ دادام ياتقان ياتاققا ئەكىردى،دادام باش –كۆزلىرى تېڭىلغان ھالدا كېسەل كارۋىتىدا ھۇشسىز دېگۈدەك ياتاتتى.ئاپام كاۋاتنىڭ قېشىدا دادامنىڭ گېپىس بىلەن قاتۇرۇپ تېڭىۋېتىلگەن قولىنى تۇتقىنىچە كۆز يېشى قىلىپ ئولتۇراتتى،سىڭىللىرىم نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغاندەك ئاپامنىڭ پېشىگە ئېسلىپ يىغلىشىپ تۇرىشاتتى.
     -دادا،نېمە بولدىڭىز دادا-دەپلا دادامغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.
     - داداڭ تام ئۈستىگە قويۇلغان لىمدىن تېيىلىپ يىقىلپ كېتىپتۇ بالام،بىر قولى ۋە بەل ئۇمۇرتقىسى سۇنۇپتۇ،بۇ نېمە كەلگۈلۈك ئەمدى، ئەمدى قانداق قىلارمىز....؟،-دېگىنىچە ماڭا ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى ئاپام .
   -يىغلىمىسىلا ،سەبرى قىلسىلا ھۆرنىساخان،بۇمۇ اللاھنىڭ بۇيرىغىنى،خۇدايىم شىپالىق بېرىپ ،يۈسەن قارىينىڭ سالامەتلىكى تېزراق ئەسلىگە كەلگىلى نېسىپ قىلسۇن،-دەپ تەسەللى بەردى ئايسىخان ئانام ئاپامغا، شۇنداق قىلىپ دادام دوختۇرخانىدا بىر ئايدىن ئارتۇقراق ياتتى، قولى خېلى ساقىيىپ قالدى ،بىراق بېلى پەقەتلا ئەسلىگە كەلمىدى، مەسئۇل دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە بەل ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ئېزىلىپ كەتكەچكە ،بېلى تولۇق ئەسلىگە كلەلمەيدىكەن ، ئەگەر شارائىتىمىز يار بەرسە ئىچكىردىكى داڭلىق دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋاتلاتساق ،ھاسا تاياقتا بولسىمۇ مېڭىشقا ئازىراق ئۈمىد بارمىش،دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاپامنىڭ بېشىغا تاغ يىقىلغاندەك بولدى، ئىچكىرىگە ئاپىرىشتىن تۈگۈل ، مۇشۇ دوختۇرخانىدا داۋالىتىشقىمۇ پۇل يەتمەيتتى، ئۆيدىكى بار پۇللار تۈگەپ ،داۋالاش ئۈزۈۈلۈپ قالغاچقا،ئامالسىزلىقتىن دادامنى دوختۇرخانىدىن ياندۇرۇپ ئەچىقتۇق، ئەمدى دادام مەڭگۈ ئورنىدىن تۇرالمايدىغان ،بىر ئادەم ئۆرۈپ ياتقۇزۇپ قويمىسا ئۆرۈلەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى،ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرىكى،ئاپام ۋە بىز تۆت بالىنىڭ تايانچىسى بولغان دادام ئەمدى پۇل تېپىپ بىزنى بېقىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغاندىن سىرت ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىنمۇ چىقالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
دادام يېرىم پالەچ بولۇپ قالغاندىن كېيىن ،بىزنىڭ كۈنىمىز تېخىمۇ بەك تەسلەشتى، ئۇكىلىرىم تېخى كىچىك بولغاچقا ،پەقەت ‹‹يەيمەن››دەپ كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرۇشتىن باشقىنى ئۇقمايتتى، ھەممە دەردۇ –بالا بىچارە ئاپامنىڭ بېشىغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇرۇق –تۇققانلار ۋە خۇلۇم –خوشنىلار ياردەم قىلغان ئازىراق پۇل بىلەن پاختا كەمپۈت چىقىرىدىغان ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ،كۈندە دادامنىڭ ۋە ئۇكىلىرىمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ ،مېنى مەكتەپكە ماڭدۇرىۋېتىپ ،ئىنىمنى دادامنىڭ قېشىغا قويۇپ، ئىككى سىڭىللىرىمنى ئېلىپ مەكتەپلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ،پاختا كەمپۈت سېتىش ئارقىلىق ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبۇر بولدى.ئاپام كەچتە سودا قىلىپ ئۆيگە كەپ بولغۇچە ، دادام ئورنىدىن تۇرالمىغاچقا ،ئىنىم ياتقان جايىغا چوڭ –كىچىك تاھارەت قىلىپ ،ئۆزىنىڭ تاھارەتلىرىگە يۇمىلاپ ، چىرقىراپ يىغلاپ دادامنى بەكلا ئاۋارە قىلىۋېتەتتى، بەزىدە ھەتتا داداممۇ ئورنىغا كىچىك تاھارەت قىلىپ قوياتتى، بىچارە ئاپام سودىسىنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ،بىر ھازاغىچە دادامنىڭ ۋە ئۇكامنىڭ ئاستىنى ئېرىقداپ ،كىيىملىرىنى ئالماشتۇراتتى، بۇنداق ۋاقىتلاردا دادام ‹ ‹ بۇ نېمە كۈن ماڭا ! مېنى مۇشۇنداق قىينىغۇچە ،مەندەك يارىماس ،ئۆلۈمتۈكنىڭ جېنىنى تېزراق ئالساڭچۇ ئۇلۇغ خۇدا...!›› دەپ ئۆزىنى –ئۆزى ئۇرۇپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتەتتى،بۇ ۋاقىتتا ئاپام بىلەن ئىككىمىز دادامنىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ ،دادام بىلەن قوشۇلۇپ تەڭ يىغلايتتۇق، مەن گەرچە ئەمدىلا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن بولساممۇ، خېلى ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم،ئائىلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى ،ئاپامنىڭ بىز ئۈچۈن تارتىۋاتقان جاپالىرىنى سىڭىللىرىمغا قارىغاندا خېلى چۈشىنىدىغان بولغاچقا ، مەكتەپتىن بالدۇر قايتىپ كېلىپ،ئىنىمنىڭ ئاستىنى قۇرۇقداپ،ئانچە –مۇنچە تاماققا تەييارلىق قىلغاچ تۇراتتىم.
    كۈزنىڭ ئاچچىق شىۋىرغانىلىرى زىمىستان قىشنىڭ سوغۇقلىرىنى قوغلاپ كەلدى،بىزنىڭ كۈنلىرىمىز تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتتى،ئاپاممۇ قاتتىق سوغۇقتا سودا قىلغىلى چىقالمىدى، خۇلۇم –خوشنىلارنىڭ ياردەم قىلىپ بەرگەن پۇللىرىغا كۆمۈر سېتىۋېلىپ، ئۇن – ياغ دېگەندەكلەرنى ئېلىپ كۈنىمىزنى بەك تەستە ئۆتكۈزىۋاتاتتۇق، مېنىڭ كىيىملىرىم بەكلا يېلىڭ بولغاچقا مەكتەپكە بارالمىدىم،ئائىلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۇققان سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا قىشلىق كىيىم –كېچەك ئېلىپ ،ئۆيىمىزنى بىلىدىغان بىر ساۋاقدىشىمنى ئېلىپ ئۆيگە كەپتۇ، ئەكەلگەن مامۇق چاپان بىلەن قىشلىق ئىشتاننى ماڭا كىيدۈرۈپ قويدى، سىنىپ مەسئۇلىمىز ئۆيىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ،ئىچى ئاغرىدىمۇ قانداق ئىككى يۈز يۈئەن پۇلنى ئاپامغا تۇتقۇزدى، بۇ ۋاقىتتا ئاپام تەسىرلىنپ كۆز يېشى قىلدى،مەن مۇئەللىم ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنى كىيىپ يەنە مەكتەپكە باردىم .قەھرىتان قىش كۈنلىرى ،ئۆيىمىزدىكى قىيىنچىلىقلىرىمىز ئاز كېپ قالغاندەك ،ئىنىم قاتتىق ئاغرىپ قالدى، ئاپامنىڭ دورا دۇكانلىرىدىن ئېلىپ بەرگەن دورىلىرىمۇ كار قىلمىدى، ئامالسىزلىقتىن خوشنىلاردىن پۇل قەرز ئېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى،دوختۇرلار تەكشۈرگەندىن كېيىن ،ئىنىمنىڭ ئۆپكىسىگە سوغۇق ئۆتكەنلىكىنى، جىددىي ياتاققا ئېلىپ داۋالىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى،ياتاققا ئالدۇرۇش ئۈچۈن پۇل تۆلىمىسە بولمايتتى، ئۆيدە پۇل دېگەن نەرسە قۇرۇپ كەتكەن ئىدى، ئاپام ئىلاجىسىز ئىنىمنى ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكەلدى،ئىنىمنىڭ قىزىتمىسى بەكلا ئۆرلەپ، يۆتىلىپ ،ياندۇرۇپ دېگەندەك ھالى كۈندىن –كۈنگە بوشاپ كېتىۋاتاتتى، خوشنىلاردىن ئۆتنە –يېرىم سورىغۇدەكمۇ يېرىمىزمۇ قالمىغىلى تۇرغان ئىدى، ئۆيدىن سىڭىللىرىمنىڭ ‹‹قورسىقىم ئاچتى،ئاش يەيمەن...››دېگەن يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى،
     ئاپام بىچارە كۆزلىرىنىمۇ ئاچماي ئوت –كاۋاپ بولۇپ ياتقان ئۇكامغا قاراپ كۆز يېشى قىلاتتى،دادام بولسا ئۆزىنى -ئۆزى ئۇرۇپ ھۆركىرەپ يىغلايتتى، ئېچىنىشلىق ئەھۋالىمىزدىن ئاپامنىڭ بېشى بەكلا قېتىپ نېمە قىلارنى بىلمەي قالدى، مۇشۇنداق ئېغىر كۈندە يەنە خوشنىمىز ئايسىخان ئانام بىزگە ئۇن –ياغ،كۆمۈر دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەكىرىپ بەردى ۋە بىزنىڭ ھالىمىزغا بەكلا ئىچ ئاغرىتى، بىر كۈنى كەچتە ئايسىخان ئانام ئاپامنى چاقىرىپ چىقىپ كەتتى، بىر كەمدە ئاپامنىڭ كۆزلىرى ياش يۇقى كىرىپتۇ،دادامنىڭ :
    - يىغلاپسىلەرغۇ!نېمە بولدۇڭلار؟،-دېگەن سوئالىغا جاۋابمۇ بەرمەي يىغلىغىلى تۇردى،مەن ئاپامغا ئېسىلپ تەسەللىي بەردىم، يىغا –زارە بىلەن قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن،بىر كەملەردە خىرە –شىرە ئۇيقۇلۇقتا ئاپامنىڭ دادامغا :
        - ئايسىخاننىڭ ئوغلى بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئۇقۇپ ،بىزگە بەك ئىچى ئاغرىتىپتۇ، ئۇنىڭ ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىدىغان بىر قوشنىسى بار ئىكەن،كىچىك بالىلارنىڭ يىللىقىنى سېتىۋېلىپ ئىچكىرىگە ئاپىرىپ ،تىجارەتكە سالىدىكەن،ئايسىخاننىڭ ئوغلى ‹‹يۈسەنكام ئورنىدىن تۇرۇپ ھەركەت قىلالمىسا،ھۆرنىساخىچام تۆت بالا بىلەن جاننى ئۇنداق قىينىغۇچە، قەھرىمانجاننى يىللىقققا سېتىپ ،پۇلىنى ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرسە بولمامدۇ؟››دەپ مەسلەھەت كۆرسىتىپتۇ، ئايسىخان ماڭا‹‹مەن سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارغا ئىچىم ئاغرىپ بۇ گەپلەرنى سىلىگە قىلىۋاتىمەن، ئۆيگە كىرىپ يۈسەن قارى بىلەن مەسلەھەتلىشىپ باقسىلا››دەيدۇ، بالىلارنى ئىچكىرىدە تىجارەتكە سالىدىكەن دېگىنى ‹ئوغرۇلۇققا سالىدۇ›دېگىنى،ئىچكىرىگە بالا ئاپىرىپ ئوغرۇلۇققا سالىدىغان ئىشلارنى جىق ئاڭلىغان ئىدىم باشقىلاردىن، ئايسىخاننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىمنى بىلمىدىم،كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ گەپ قىلماي يېنىپ چىقتىم...،- دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم،مەن دادامنىڭ نېمە دەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن جىم ياتتىم.
     - ‹‹يىللىققا تۇتۇپ بېرىش››دېگەن سېتىۋالغان لوبەنلەر بالىنى ئىچكىرىدە قانداق ئىشقا سالسا گەپ قىلماي رازى بولۇش دېگەنلىك ،ئۇلار بالىنىڭ يىللىقىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئوغرۇلۇققا،بۇلاڭچىلىققا سالىدۇ سىلە دېگەندەك، بۇ دېگەن قاراپ تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ بالىسىنى ئوتقا ئىتتىرگەنلىك بولمامدۇ؟ئىچكىرىدە لوبەنلەرنىڭ قولىدا يۈرۈپ ،ئوغرۇلۇق قىلىدىغان بالىلارنىڭ كۈنى بەك تەسمىش ئاڭلىسام،ئۆزىمىزنىڭ بالىسىنى ئوغرۇلۇق قىلشقا تۇتۇپ بەرسەك ،ئۇنىڭ يامان يولغا كىرىشىگە يول ئېچىپ بەرسەك ،بىزنى قانداقمۇ ئادەم دېگىلى بولسۇن؟قانداقمۇ ئاتا –ئانا دېگىلى بولسۇن؟ ئايسىخانغا دەڭلار،بالىنى ئۇ كۇلىچىغا بەرمەيمىز،-دېدى دادام. ھەركەت قىلىش ئىقتىدارىدىن قېلىپ ئائىلمىزنى شۇنداق ئېغىر كۈنگە قويغانلىقىدىن،بىزنى باقالمىغانلىقىدىن كۈندە نەچچە رەت ئۆزىنى شاپىلاقلاپ ئۇرۇپ، ئۆزىنى –ئۆزى ئەيىپلەيدىغان بىچارە دادامنىڭ يەنە ئائىلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئويلىماي،مېنىڭ ئىچكىرىگە بارسام تارتىدىغان ئېغىر كۈلپەتلىرىمنى، يامان يولغا كىرىپ قېلىشىمنى ئويلىغانلىرىنى ئاڭلاپ ،بۇرنۇمنىڭ ئىچى ‹‹ۋىژژىدە››ئېچىشىپ ،كۆزۈمگە ‹‹لۆممىدە ››ياش كەلدى،راستىنى دېسەم ئاپامنىڭ ‹‹ئىچكىرىگە ئاپىرىپ ئوغرۇلۇققا سالىدۇ››دېگەن گېپىنى ئاڭلاپلا قورققان ئىدىم، چۈنكى بىزنىڭ مەھەللىدە ئىچكىرىگە بېرىپ ئوغرۇلۇق قىلىپ كەلگەن چوڭ بالىلاردىن بىرنەچچىسى بار بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئىچكىرىدىكى قورقۇنۇچلۇق ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشلىرىدىن بىز كىچىك بالىلارنىڭ تېنىمىز شۈركىنەتتى،شۇ سەۋەبتىن ‹‹ئىچكىرىدە ئوغرۇلۇق قىلىش››دېگەن گەپ ماڭا بەكلا قورقۇنۇچلۇق بىلىنەتتى، شۇڭا دادامنىڭ گەپلىرىدىن كۆڭلۈم خېلى ئورنىغا چۈشۈپ ،خاتىرجەم بولۇپ قالدىم ۋە بۇ گەپلىرىنى ئويلاپ يېتىپ يەنە ئۇخلاپ قاپتىمەن.
                ئىنىمنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ،ئادەمنى ئەنسىرەتكۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالدى، مۇشۇ كۈنلەردە بىز بىر ئائىلىلىكنىڭ كۈنى ئىتنىڭ كۈنىدىنمۇ بەتتەر بولۇپ قالغان بولۇپ،بىچارە ئاپام بىلەن دادامنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرىمايۋاتاتتى،مەنمۇ مەكتەپكە بارمىغىلى بىرنەچچە كۈنلەر بولوپ قالغان ئىدى، ئائىلمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ ئىنىمنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ ئىچىم بەكلا سىيرىلدى،كېچلىرى بىر كەملەرگىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيتتى،ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئاپام بىلەن دادامغا ئۆلۈشكۈن ئاپام دەپ كىرگەن ئايسىخان ئانامنىڭ ئوغلى ئېيتقان ئىش توغرىسىدا ئېغىز ئېچىش قارارىغا كەلدىم،گەرچە چوڭلاردەك جىق ئىشلارنى چۈشىنىپ يەتمىسەممۇ،بىراق كاللامدا ئۇ كۇلىچىغا يىللىق ئىجارىگە بېرىلسەملا ،ئائىلمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى پۈتۈنلەي ياخشىلىنپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم، ئائىلىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى مېنىڭ شۇنداق قىلىشىمنى كۈتۈپ تۇرىۋاتاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەتتىم.
           ئاپام بىلەن دادام مېنىڭ قورقۇمسىراپ تۇرۇپ ئۆلۈشكۈن كەچتە ئىككەيلەننىڭ قىلغان پاراڭلىرىنى ئاڭلىغىنىمنى، ئۆزۈمنىڭ ئۇ كۇلىچىغا يىللىق ئىجارىگە بېرىشكە قوشۇلىدىغىمنى،شۇنداق قىلساملا ئائىلىمىزنىڭ ھازىرقى تەس كۈندىن قۇتىلىدىغانلىقىنى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىمنى بىردە ئاچچىقلىنپ،بىردە ئىچ ئاغرىتىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئاڭلىدى، ئۇلار بىرنەچچە كۈنگىچە مەن دېگەن ئىشلار توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىدى،بىراق ئاپام بىلەن دادامنىڭ بوغۇلۇپ –بوغۇلۇپ يۆتىلىپ ،كۆزىنىمۇ ئاچماي ،ئوت –كاۋاپ بولۇپ قىزىپ ياتقان ئىنىمغا،سوغۇقتىن دۈگدىيىشىپ،يۆتىلىشىپ ‹‹ ئاپا ،قورسىقىم ئاچتى››دەپ قىرقىرىشىپ يىغلىشىۋاتقان سىڭىللىرىمغا،مۇز يېغىپ تۇرغان سوغۇق ئۆيگە قاراپ ئۈنسىز ياش تۆكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇردۇم،ئەمدى بىرەر چارە تاپمىساق ھەممىمىز سوغۇقتىن بىرنەرسە بولۇپ قېلىشىمىز مۈمكىن ئىدى،ئاخىر بولماي ئاپام بىلەن دادام مەسلەھەتلىشىپ مېنىڭ يىللىقىمنى ئۈچ مىڭ يۈئەندىن دېيىشىپ،ھېلىقى كۇلىچىغا يىللىققا ئىجارىگە بېرىدىغان ، ئۇ كىشى كېلىشكەن پۇلنى دادامغا ئالدىن بېرىدىغان،مېنى چاغاندىن يېنىپلا ئىچكىرىگە ئېلىپ ماڭىدىغان بولۇپ كېلىشتى.
       ئالدىن ئىككى يىللىققا بېرىلگەن ئالتە مىڭ يۈئەننى يۈئەن پۇل قولغا تېگىپ، ئۆيگە لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئالغاندىن سىرت يەنە ئىنىمنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ داۋالاتتۇق،مەن ئۈچۈن ئالدىن بېرىلگەن ئالتە مىڭ يۈئەن پۇل بىزنىڭ ئائىلىنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرگەن ئىدى.چاغانغا ئازلا قالدى،ماڭىدىغان كۈنۈم يېقىنلاشقانسېرى ، ئىچكىرىگە كەتسەم مەڭگۈ قايتىپ كېلەلمەيدىغاندەك، شۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك بىر خىل سېزىم پەيدا بولۇپ، يۈرىكىمگە قورقۇنۇچ كىرىۋالغان ئىدى،دادام بىلەن ئاپامنىڭمۇ كۆزىدىن ياش قۇرىمىدى،چاغانمۇ ئۆتۈپ كەتتى، مېنى ئېلىپ مېڭىشقا دېيىشكەن كۈنمۇ يېتىپ كەلدى،مېنى ئېلىپ ماڭماقچى بولغان كۇلىچىنىڭ ئىنىسى ئايسىخان ئانامنىڭ ئوغلى بىلەن ئۆيىمىزگە كەلگەن كۈنى،ئۆيىمىزدە قىيامەت بولغاندەك يىغا –زارە قاپلىدى،مەن دادام ،ئاپام ، سىڭىللىرىم بىر –بىرىمىزگە ئېسىلىشىپ قاتتىق يىغلاشتۇق، مەن ماڭغىلى ئۇنىماي تىرەجەپ تۇرىۋالدىم،بىراق پۇلنى ئالدىن ئېلىپ بولغاندىكىن، ماڭماي ئامال يوق ئىدى،شۇنداق قىلىپ كۆز ياشلار ئىچىدە ئۆيۈمدىن،يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ كۆزۈم ئارقىغا تارتىشقان ھالدا يات بىر شەھەرگە ماڭدىم.     

 ئىچكىردە ئۆتكەن ھايات


            ئايسىخان ئانامنىڭ ئۆيىدىكى تېلىۋېزوردا ئانچە –مۇنچە كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىدىغان،بىزنىڭ يۇرتتا ئانچە كۆپ بولمىغان يات بىر تىلدىكى كىشىلەر بىلەن ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان،ئېسىللىكى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان، ماڭا پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان يات بىر شەھەرگە قەدەم باستىم، ( بىزنى ئېلىپ كەلگەن ئادەم خوجايىننىڭ مەخسۇس ئىچكىرىگە بالا توشۇيدىغان ئىنىسى ئىكەن، بىزگە خوجايىن بولىدىغان ئادەمنىڭ ئىسمى ئابلا جودا ئىكەن،بۇنى كېيىن ئۇقتۇم) پويىزدا مەندىن سەل چوڭراق كېلىدىغان بىر بالا ،ئۈچ ياشلار چامىسىدا بىر بالا ئۈچىمىزنى بىللە ئېلىپ كەلدى، ئون ئىككى ياشتىن ئەمدىلا ھالقىغان ھاياتىم ئىچكىرىدە ، ئاتا –ئانام كۆرمىگەن گۇئاڭجۇدا ئۆتۈشكە باشلىدى، دەسلەپتە كەلگەن ۋاقتىمىزدا بىرەر ئايغا يېقىن ، ياخشى تاماقلارنى بېرىپ،ناھايىتى ئەتىۋارلاپ باقتى، كېيىنچە قولنى قايناقسۇ بار داسقا سېلىپ ئەينەك شارچىنى ئېلىش ،قىسقۇچ ئارقىلىق يانچۇقتىكى پۇلنى قىسىپ ئېلىش....قاتارلىق ئوغرۇلۇق قىلىش ئۇسۇللىرىنى مەشق قىلىشقا سالدى،يەنە بىر تەرەپتىن خەنزۇچە ئۆگەتتى،دەسلەپتە پەقەتلا قاملاشتۇرالماي قاتتىق تاياق يىيىش ،تاماكا بىلەن بارمىقىمنى كۆيدۈرۈش، تاماق بەرمەي ئاچ قويۇش....قاتارلىق جازالارغا ئۇچرۇدۇم، كېيىنچە مەشق قىلىۋېرىپ خېلى قاملاشتۇرىدىغان بولدۇم،ئۇلار مېنىڭ ،دادام ،ئاپاملارنىڭ ئاڭلىغىنىدەك شىنجاڭدىن ئەكەلگەن بالىلارنى ئوغرۇلۇققا سالىدىكەن،مەن بىلەن كەلگەن بالىنىڭ ئىسمى ئېرپان ئىدى،ئۇنىڭ دادىسى قىمارغا بېرىلپ ۋەيران بولۇپ،ئاخىرى ئېرپاننى مېنى يىللىققا ئىجارىگە قويغاندەك ئىجارىگە قويۇپتۇ،بىزنى يۈزىنىڭ يېرىمى تارتۇق بىلەن قاپلانغان،چىرايى قورقۇنۇچلۇق، تەلەتى سەت ئىلھام دېگەن بىرسى بازارغا ئەچىقاتتى ۋە ئوغرىلايدىغان نەرسىلەرنى ئىشارەت قىلپ كۆرسىتىپ بېرەتتى،ئۆيدىكى مەشق قىلىش بىلەن كوچىغا چىقىپ خەقنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىش ئوخشىمىغاچقا، دەسلەپتە قورقۇپ ئوغۇرۇلۇق قىلالمىدىم،ئوغرۇلۇقنى قاملاشتۇرالمىغاندىكىن ئۇلار مېنى ئۇرۇپ، تاماق بەرمەي ئاچ قويۇپ ،بارماقلىرىمغا تاماكا يېقىپ كۆيدۈرۈپ قاتتىق قىينىدى، ئاخىرى ئامالسىز كىشىلەرنىڭ يانچۇقىغا قول سالىدىغان بولدۇم،بۇنداق ۋاقىتلاردا يۈرۈكۈم دۈپۈلدەپ سوقۇپ،پۇت –قوللىرىمدا جان قالمايتتى،كېيىنچە بارا –بارا كۆنۈپ كەتتىم،ئېرپان بىلەن ئىككىمىز نەچچە قېتىم تۇتۇلۇپ قالدۇق،بۇنداق ۋاقىتتا خوجايىنىمىز ئابلا جودانىڭ خوتۇنى (ئەمىلىيەتتە نىكاھ ئوقۇتۇپ بىر ئۆيدە تۇرغان ئايالى )ھېلىقى بىز بىلەن بىرگە ئەكەلگەن ئۈچ ياشلىق بالىنى ساقچىخانا ئالدىدا كۆتىرىۋېلىپ ،‹‹مەن ئۈچ بالا بىلەن تۇل قالغان ئايال،بالىلىرىمنى تۇتىۋالساڭلار، مەن قانداق جان باقىمەن،ئۇنداق قىلماڭلار،ئەمدى بالىلىرىمىنى ئوغرۇلۇققا سالمايمەن...››دەپ غەلۋە قىلاتتى،بەكراق چىڭغا چىقسا بالا بىلەن بىللىلا يەردە يۇمىلاپ يېتىۋېىلپ بىشەملىك قىلاتتى،ساقچىلار ئامالسىزلىقتىن بىزگە ئەمدى ئوغرۇلق قىلماسلىق توغرۇلق تەربىيە ئىشلەپ ،جەرمانە ئېلىپ قويىۋېتىشكە مەجبۇر بولاتتى.
       ۋاقىت ئۆتكەنسېرى يۈرىكم يوغىناپ خېلى چوڭ –چوڭ نەرسىلەرنىمۇ بىمالال ئوغرىلىيالايدىغان ھالغا يەتتىم، ئوغرۇلۇق قىلىش تەجىربەممۇ خېلى موللىشىپ قالدى،بىز جاپا تارتىپ ئوغرىلىغان نەرسىلەرنى ئىلھام دېگەن تارتۇق ھېچنىمىسىنى قويماي تارتىۋېلىپ ئابلا جوداغا ئاپىرىپ بېرەتتى،ئۇ تارتۇق نەگە بارساق شۇ يەردە كەينىمىزدىن پايلاقچىدەك ماراپ يۈرگەچكە ،ئۆزىمىز ئوغرۇلاپ تاپقان بەش –ئون كوي پۇل ياكى بىرەر –يېرىمتال نەرسىلەرنى تىقىۋېلىش ھەرگىزمۇ مۈمكىن بولمايتتى، بىز ئابلا جودا بىزگە بەرگەن پارچە –پۇرات پۇللارنى خەجلەيتتۇق،ئىچكىرىدە ئوغرىلىق قىلىپ يۈرۈپ نۇرغۇن ياخشى –يامان ئىشلارنى كۆردۈم،نۇرغۇن جىنايەتلەرگە شاھىت بولدۇم،نۇرغۇن كىشىلەرنى زار –زار قاخشاتتىم،تالاي قېتىم تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلگىچە تاياق يېگەن يەرلىرىممۇ ، پۇت –قوللىرىمدىن ھەتتا جېنىمدىنمۇ ئايرىلغىلى تاس قالغان يەرلىرىممۇ نۇرغۇن ، ( بىر قېتىم ئوغرۇلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قېلىپ ،قاتتىق تاياق يەپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىم)بۇنداق ۋاقىتلاردا مېنىڭ باش –كۆزۈمنى سىلاپ ،دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغان،جاراھەتلىرىمنى تېڭىپ قويىدىغان،ئەھۋالىمغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ئاتا –ئانام ،ئىنى –سىڭىللىرىم قېشىمدا يوق،بارلىق دىشۋارچىلقنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزۈم چىقىشىم كېرەك،( بۇ يەردە ماڭا كۆيۈنۈپ،ئىچ ئاغرىتىدىغان ماڭا كۆيىنىدىغان،مېنى قوغدايدىغان ئېرپان ۋە يەنە بىر بالا بار ئارىمىزدا ) ،بېشىمغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرنىڭ سەۋەبىنى ھەرگىزمۇ ئاپام –داداملاردىن كۆرۈپ رەنجىپ باقمىدىم، چۈنكى مېنى ئابلا جوداغا يىللىققا تۇتۇپ بېرىشى ئىلاجىسىزلىقتىن بولغان ئىدى، شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئوغرىلىغان پۇللارنىڭ بىر قىسمىنى ئىلھام تارتۇققا كۆرسەتمەي تۇرۇپ تىقىپ قويۇشنى ئۆگەندىم،خوجايىنىم ئابلا جودانىڭ ‹‹گۇئاڭجۇ دېگەن يۇۋاشلارنى بوزەك قىلىپ قوينىغا ئالمايدىغان،يامانلار جان باقالايدىغان ،ئېسىللكىمۇ،رەزىللىكمۇ بار شەھەر،ئىچكىرىدىكى شەھەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ يامان شەھەر گۇئاڭجۇ دېسەك ھاپ كەتمەيدۇ.... ››دېگەن گەپلىرىنىڭ راستلىقىنى ئەمىلىيەتتە كۆردۈم ،ئاڭلىدىم، كېيىنكى چاغلاردا ئوغرىلاپ تاپقان پۇللىرىمنىڭ كۆپلىكى بىلەن ئابلا جودانىڭ غوللۇق ئادىمىگە ئايلىنىپ ( ئىچكىرىدە بالىلارنى ئوغرۇلۇققا سالىدىغان خوجايىنلار قول ئاستىدىكى ئادىمىنى تونىماي ،پەقەت ئۇلار ھەر خىل رەزىل ۋاستىلەر ئارقىلىق تېپىپ بەرگەن پۇلنىلا تونۇيتتى ) ئۇنىڭغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغانلار ئىچىدە ئىناۋەتلىك بولۇپمۇ قالدىم،ئالىي مېھمانخانىلاردا ياتقان، ئېسىل تاماقلاردىن ھوزۇرلانغان ۋاقىتلىرىممۇ،تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ ، قېچىپ يۈرۈپ ۋەيرانە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا مۆكۈپ ئاچ قورساق كۈن ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىممۇ بولدى، ئارىمىزدا بىز بىلەن بىرگە بازار ئوينايدىغانلاردىن ( بىزنىڭ تىلىمىز بويىچە ئوغرۇلق قىلىدىغانلار ‹‹بازار ئوينايدىغانلا›› دېيىلەتتى )بىرنەچچىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرىۋېتىلگەنلىكىنى ،قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغانلىرىنىڭ پېيىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ،يۇرتىمىزدىن ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەن قىزلارنىڭ پاھىشخانىلارغا سېتىۋېلىپ ئىتنىڭ كۈنىنى كۆىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، قۇلۇقۇم بىلەن ئاڭلىدىم، ‹‹بۇ دۇنيادا كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ›› دېگەن گەپنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشىنىپ يەتتىم،ئەتراپىمدىكى جىنايەت بىلەن تولغان دۇنيادا نۇرغۇنلىغان رەزىللىكلەرنى كۆرۈپ ،يۈرىكىم توختاپ قېتىپ قالغاندەكمۇ بولۇپ قالدى.
      ‹‹ بازار ئويناش›› جەريانىدا داۋاملىق كىرىپ تاماق يەيدىغان، قەشقەرلىك بىر كىشى ئاچقان ‹‹مۇسۇلمانچە ئاشخانا››دا مەندىن ئوننەچچە ياش چوڭ كېلىدىغان ،توپ كىيىم –كېچەك سودىسى قىلىدىغان ،نۇرئېلى ئىسىملىك بىر بالا بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، بۇ جايدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر –بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچ ئاز بولغاچقا،يۈگۈرۈپ يېقىنلىشىپ كەتمەيتتۇق،بىراق نۇرئېلى ئاكام بەش نامازنى تەرك قىلمايدىغان،ئىسلامىي قائىدىلەردىن خەۋىرى بار ،چىقىشقاق، كىچىك پېئىل بولغاچقا ئاسانلا چىقىشىپ قالدىم،دەسلەپتە ئۇ مېنىڭدىن يىرگەندەك بىر خىل تەرىزدە مۇئامىلە قىلدى،كېيىن مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماڭا ھېسداشلىق قىلدى، نۇرئېلى ئاكام ماڭا دائىم دىنىي جەھەتتىن تەلىم بېرەتتى،ھەدىسلەردىن سۆز ئېچىپ ئىمانلىق، ئىنساپلىق بولۇش، باشقىلارغا ياخشلىق قىلىش ،گۇناھلىق ئىشلاردىن قول ئۈزۈش توغرىسىدا تەلىم بېرەتتى، مەن ئۇنىڭ ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك ئېسل تەلىملىرىنى ئاڭلاپ ،يۈرىكىمدىن تەسىرلىنەتتىم، ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئەمەل قىلشقا تىرشاتتىم ،بىراق مېنىڭ ئابلا جوداغا ياللىنىپ قىلىۋاتقان ئوغرۇلۇق كەسپىم بىلەن نۇرئېلى ئاكامنىڭ نەسىھەتلىرى بىر –بىرىگە زىت بولۇپ،قىلىۋاتقان ئىشىمدىن ۋاز كېچىش ( ئابلا جودانىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ) مېنى ئۆلۈم يولىغا ئېلىپ باراتتى،شۇڭا مەن نائىلاج ئۆز كەسپىمنى قىلىشقا مەجبۇر ئىدىم،بىراق نۇرئېلى ئاكامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانسېرى ئۆزۈمنىڭ ئىشىدىن شۇنچىلىك بىزارلىق ھېس قىلاتتىم،بۇ ئىشلاردىن بىراقلا قۇتۇلۇپ ،ھالال ئەمگىكىم بىلەن ياشاشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم.
رەزىللىك بىلەن گۈزەللىك ئارىسىدا يۈرۈپ يات بىر شەھەردە ،ھارام پۇل تېپىپ ياشاۋاتقىلى يەتتە يىل بولۇپ قالدى، ئىككى سىڭلىم باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئىنىم تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇيدۇ، ئائىلەمدىكىلەر مەن ئەۋەتىپ بەرگەن پۇللار بىلەن تۇرمۇشىنى خېلى خاتىرجەم ئۆتكۈزىۋاتىدۇ،ئۆزۈمنىڭ ھارام يولدا مېڭىۋاتقانلىقىدىن چۈشىنپ تۇرساممۇ بەزىدە ‹‹بۇ مېنىڭ ئىختىيارىم ئەمەس››دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىمەن،بەزىدە ساڭا ئوغۇرۇلۇق قىلشتىن باشقا ھالال يول چىقماسمۇ؟دەپ ئۆزۈمنى ئەيىپلەيمەن.يەتتە يىل جەريانىدا خوجايىنىم بىر قېتىم ئۆزى ،بىر قېتىم ئىنىسى بولۇپ ،ئىككى قېتىم يۇرتۇمنى كۆرسىتىپ كەلدى،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكانىمنى، مېھرىبان ئاتا –ئانامنى ،ئىنى –سىڭىللىرىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى ھاياجانلىق ھېسياتىمنى بىر ئۆمۈر ئۇنتالمايمەن دېسەممۇ بولىدۇ،دادامنىڭ :
     -جاھان نېمە بوپ كېتىۋاتىدۇ ھازىر،بۇرۇن بىز كىچىك ۋاقىتلاردا ‹‹پالانى ئىچكىرىگە قېچىپ كېتىپتۇ ›› دېسە ،ئۇ كىشى ‹‹ئەسكى ئادەم›› دېگەن ئۇقۇم كاللىمىزغا دەرھال كېلەتتى، مەھەللە –يۇرتتىكى چوڭ –كىچىك ھەممەيلەن بېرىپ ئۆچىرەت تۇرۇپ، خۇددى قورقۇنۇچلۇق مەخلۇقنى كۆرگەندەك قاراپ ھەيران قالاتتۇق ۋە ئۇ كىشىگە ھەممىمىز نەپرەت بىلەن يامان كۆزدە قارايتتۇق،ھازىر يۇرتۇمىزدىن ئىچكىرىگە بېرىپ ئوغرۇلۇق قىلىش،خىروئىن ئېلىپ –سېتىش،بالىلارنى ئالداپ ئاپىرىپ سېتىش،قىزلارنى پاھىشانىغا تۇتۇپ بېرىش.....ئادەتتىكى ئىشلار بولۇپ قاپتۇ، بىزمۇ بىر ئاتا –ئانا تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ بالىسىنى جىنايەت يولىغا ئىتتەردۇق مانا،بالىمىز ھارام يول بىلەن تاپقان پۇلنى نومۇس قىلماي خەجلەۋاتىمىز،بىزمۇ ئادەممۇ ئەمدى.....،- دەپ ئۆزنى –ئۆزى ئۇرۇپ ھۆڭرەپ يىغلاشلىرى ھەر بىر ئېسىمگە كەچسە ،ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ ،كۆزۈمگە يىغا يامىشىدۇ، يۇرتۇمغا قايتىپ بارغان ۋاقىتتا،شۇ يەردە تۇرۇپ بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ھالال ياشاش ئىستىكى شۇنداق كۈچلۈك بولسىمۇ،بىراق قېپ قېلىشقا ئامالسىز ئىدىم،چۈنكى خوجايىنلارغا يىللىق ئىجارىگە سېتىلغانلار كۆرۈنمەس بىر يىپ بىلەن شۇ خوجايىنلارغا چەمبەرچاس باغلىۋېتىلىدىغان بولۇپ،بۇنى بىرنەچچە ئېغىش سۆز بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايتتى ھەم بۇنداق ئىشلار بېشىغا كەلمىگەن كىشىلەر بۇنى چۈشىنىپمۇ يېتەلمەيتتى.
         تاماق يېيىش جەريانلىرىدا نۇرئېلى ئاكام بىلەن ئۇچرۇشۇپ ،ئۇنىڭ نەسىھەتىلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىغانسېرى، ئۆزۈمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن سەسكىنىشكە باشلاپ ،بۇنداق يىرگىنىشلىك تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم، بۇ ئويلىرىمنى نۇرئېلى ئاكامغا بىرنەچچە قېتىم ئېيتتىم، ئۇ ماڭا :
- بەك توغرا ئويلاپسەن،ئادەم بۇ دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگەن ئىكەن،ئادەمدەك ياشىشى كېرەك،ئىنسان ئۆزى قىلغان بارلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىقى ئۈچۈن ئۇ دۇنياغا بارغاندا جاۋاب بېرىدۇ،بولسا ھالال پۇل تاپ ،مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن،-دېدى.مەنمۇ شۇنداق بولىشىنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىم،بىراق بۇ ئارزۇيۇمنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بىلمەيتتىم ھەم ئەمەلگە ئاشۇرۇشمۇ بەك تەس ئىدى.شۇنداق بۇرۇقتىمىلق كەيپىيات ئىچىدە تۇرغاچقا ‹‹بازار ئويناش››قا چىققاندا ئىلگىرىكىدەك ئۇنچە بەك ئۆزۈمنى ئۇرۇپ كەتمەيدىغان،كىشىلەرنىڭ يانچۇقىغا بۇرۇنقىدەك قول سېلىپ كەتمەيدىغان بولدۇم،بۇ ئىشلىرىم ئىلھام تارتۇقنىڭ كۆزىدىن ئەلۋەتتە قېچىپ قۇتۇلالمىدى،ئۇنىڭ چېقىشتۇرىشى بىلەن خوجايىنىمنىڭ قول چوماقچىلىرى تەرىپىدىن بولىشىغا ئۇچۇقدالدىم ۋە تۆۋە قىلىپ ئاران قۇتۇلدۇم،( بۇ چوماقچىلارنىڭ ئادەم ئۇرۇش،قىيناش ئۇسۇللىرى ئاجايىپ ۋەھشىي بولۇپ، گومىنداڭنىڭ باندىتلىرىدىنمۇ ئېشىپ چۈشەتتى)كۈنلىرىم يەنىلا ‹‹ بازار ئويناش ››بىلەن ئۆتىۋاتاتتى،بىراق كاللامدا بۇ رەزىل ئىشتىن قول ئۈزۈپ ھالال پۇل تېپىپ ياشاش ئىستىكى كۈندىن –كۈنگە كۈچىيىپ باراتتى،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماڭا ئەڭ كۆيىنىدىغان ،يېقىن دوستۇم ئېرپان باشقىلار تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلدى،ئېرپاننىڭ ئۆلتۈرۈلىشى كاللامغا بەك تەسىر قىلىپ ،نەچچە كۈنگىچە قويغان –تۇتقىنىمنى بىلمەي يۈردۈم ،ئۆزۈمنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەنسىرەشكە باشلىدىم، ‹‹ئەمدى بۇ يولدىن قول ئۈزۈشۈم كېرەك››دېگەن بىر ئوي كاللامدا تېخىمۇ بەك ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى.قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا بولغان بىزارلىقىم كۈندىن –كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتاتتى.
     مەن بازارغا چىقىپ كەتكەن بىر كۈنى ئابلا جودا قول ئاستىدىكى بىرسىنىڭ جىدىلىگە ئارىلىشىپ قېلىپ ،يەنە بىر خوجايىن بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قاپتۇ،ئۇ خوجايىنىڭ قول چوماقچىلىرى بىلەن بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ئارىسىدا ئۇرۇش- چېپىش ئىشلىرى بولۇپ،نەچچە ئادەم يارىلىنىپ ئاخىرى ساقچىلارنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بېسىقىپتۇ،بىراق شۇ ئىشتىن كېيىنن ھېلىقى خوجايىن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بىزنىڭ خوجايىنغا ئاداۋەت ساقلاپ يۈرۈپ،بىزنىڭ بالىلار قايەرگە ‹‹ بازار ئوينىغىلى ››چىقسا شۇ يەردە ئۇرۇپ –تىللاپ يۈردى،مەنمۇ ئۇلارنىڭ تايىقىدىن قۇرۇق قالمىدىم،بۇ ئىككى خوجايىن ئارىسىدىكى ئاداۋەت بارغانسېرى چوڭايغىلى تۇردى.بىر كۈنى كېچىدە بىزنىڭ خوجايىننىڭ ئەتراپىدا يۈرىيدىغان بىر قول چوماقچى ئاغزى –بۇرنى قان،باش –كۆزى يېرىلغان ھالدا كەپتۇ، ئۇنىڭ ئەپتى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىدى،بىز ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورۇدۇق، ئۇ بىزگە خوجايىن بىلەن قىمار سورۇنىدىن چىقىۋاتقاندا( ئابلا جودا بىزنىڭ ئوغرۇلىغان پۇللىرىمىز بىلەن قىمار ئوينايتتى) يۈز –كۆزلىرى نىقابلانغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇرۇپ كەتكەنلىكىنى،قالغانلارنىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى،ئۆزىنىڭ تاياقتىن ئاران قۇتۇلۇپ قېچىپ كېلىۋالغانلىقىنى ئېيتتى،بىز ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار تاياق يېگەن جايغا باردۇق، ساقچىلار يېغىپ كېتىپتۇ،بىزنىڭ ئۇلارنىڭ تۇققانلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ ( ئابلا جودانىڭ خوتۇنى ئايشەم ئاچام ساقچىلارغا شۇنداق تونۇشتۇردى) بىزنى نەق مەيدانغا كىرگىلى قويدى،نەق مەيدان ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولۇپ ،ئابلا جودانىڭ قۇلىقى كېسىۋېتىلگەن،قورساق ،كۆكرەك قىسىمىنىڭ ئوننەچچە يېرىگە پىچاق تىقىۋېتىلگەن بولۇپ ئاجايىپ ئېچىنىشلىق ئۆلگەن ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆلۈپ كەتكەن يەنە ئىككەيلەننىڭ ئەھۋالىمۇ بەك قورقۇنۇچلۇق ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ جەسىدىنى ياندۇرۇپ ئەكىلىپ ،شۇ جايدىكى ‹‹ مۇسۇلمانلار زاراتكارلىقى››غا قويدۇق، خەقنىڭ بالىلىرىنى چەكتىن ئاشقان قىيىن –قىستاقلار بىلەن ھەر خىل جىنايەت يولىغا باشلىغان ، گۇناھ پاتقىقىغا پاتقان ،ئۆزىنى كۇلىچى خوجايىنلار ئىچىدە تۆتنىڭ بىرى سانايدىغان ئابلا جودا ئۆزىنىڭ قارا گۇرۇھنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن شۇنداق ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتتى،مەن ئۇنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن نۇرئېلى ئاكامنىڭ ‹‹ھەرقانداق ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئىزدەك –سورىقى بار، ھەر كىم ئۆز قىلمىشىدىن جاۋاب بەرگۈچى...››دېگەن سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ بەكراق چۈشىنىشكە باشلىدىم.
     دوستۇم ئېرپان بىلەن ئابلا جودانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن مېنىڭ بېشىمغىمۇ قورقۇنۇچ سايىسى كىرىۋېلىپ ،‹‹ ئۆلۈكۈم مۇشۇ ئاتام كۆرمىگەن ياقا يۇرتلاردا قېلىپ قالارمۇ ؟››دېگەن ئوي بىلەن ئۆزۈمنىڭ تەقدىرىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم،قارىسام ئايشەم ئاچاممۇ بۇرۇنقى بىشەملىكىلىرىدىن قېلىپ قالغاندەك، ئىلھام تارتۇقمۇ ئۆزىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ قالغاندەك تۇراتتى،( قارا گۇرۇھنىڭ ئادەملىرىنى ئابلا جودا بىلەن ئاداۋەتلىشىپ قالغان ھېلىقى خوجايىن ئىشقا سالدىمىكىن دەپ گۇمانلىناتتۇق ھەممىمىز) ، ئۇ خوجايىننىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن قارا گۇرۇھتىكىلەرنىڭ بىزدىنمۇ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقاتتۇق، ئايشەم ئاچام،ئىلھام تارتۇق بىرنەچچىمىز مەسلەھەتلىشىپ ئايشەم ئاچام يۇرتقا قايتىپ كېتىدىغان، ئىلھام تارتۇق باشقا بىر خوجايىنغا ئىشلەيدىغان،مەن ئېلى ئاكامنىڭ قېشىغا بارىدىغان بولدۇق،قالغانلارمۇ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بويىچە ئىش كۆردى،مېنىڭ يۇرتۇمغا شۇنداق قايتىپ بارغۇم بولسىمۇ،بىراق ئۇ جايغا بارغاندا باشقىلارنىڭ ‹‹كۇلىچى ئوغرى››دەپ ئىزا –ئاھانەت قىلىشىدىن ،توغرا يول تاپالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەيتتىم ،يەنە بىر تەرەپتىن بېرىپلا دەسمىي قىلىپ تىجارەت قىلغۇدەك پۇلمۇ يوق ئىدى، شۇڭا بىر مەزگىل قايتىپ بارماي نۇرئېلى ئاكامنىڭ ئارقىسىدا يۈرۈپ ،ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ھالال ئەمگىكىم ئارقىلىق ئازىراق پۇل تېپىپ ئاندىن قايتىشنى ئويلاپ قالغان ئىدىم.



كۈلۈپ باققان تەقدىر



     نۇرئەلى ئاكام مېنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىمنى ئاڭلاپ ،ئۆزىنىڭ قېشىدا ئىشلشىمگە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى،مەنمۇ ئۇنىڭ ماڭا ئوخشاش قاڭلىنپ كەتكەن داڭلىق بىر ئوغرىغا ئىشىنپ قېشىدا ئېپ قالغىنىدىن ئالەمچە مىننەتدار بولدۇم،شۇنداق قىلىپ نۇر ئەلى ئاكامنىڭ كىيىم –كېچەك سودىسىغا ياردەملىشىشكە كىرىشىپ كەتتىم. راستىنى ئېيتسام ھالال پۇل تېپىش مېنىڭ ئويلىغىنمىدىن نەچچە ھەسسە قىيىن ئىكەن،بۇ يەردە كىيىم –كېچەكلەر سېلىنغان ئېغىر تاغارلارنى يۆتكەش،ئامبارنى كۈزەت قىلغاچ ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇش....دېگەندەك ئۇششاق –چۈششەك،يۈگۈر –يېتىم ئىشلار ماڭا ئوخشاش خەقنىڭ كەينىدىن ماراپ يۈرۈپ،تەييار پۇلغا ئىگە بولىدىغان بىر نانقېپىغا دەسلەپتە تەس كەلدى،ئىش ئېغىر كەلگەنسېرى كىشىلەرنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىپ جاننى ئۇپراتماي ئاسانلا پۇل تاپقان ۋاقىتلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلەتتى، بىراق ئۇ ۋاقىتلارنى ئويلاۋېتىپ ‹‹ ئوغرۇلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتتا پۇلىنى ئوغرىغا بەرگەنلەردىن ،پۇل ئوغرىلىيالمىغان ۋاقىتلاردا خوجايىننىڭ لالما ئىتلىرى تەرىپىدىن ئۆلگۈدەك تاياق يېگەن ،نەچچە قوۋۇرغاڭ سۇنۇپ،ئۆلۈكسان بولۇپ ياتقان ۋاقىتلىرىڭنى ئۇنتۇدۇڭمۇ؟نۇرئەلى ئاكاڭ ساڭا نەسىھەت قىلغان ۋاقىتتا، تەسىرلىنىپ كۆزۈڭگە ياش ئالغانلىرىڭىنى ئۇنتۇدۇڭمۇ؟نۇرئەلى ئاكاڭ باشپاناھ بولمىغان بولسا، يەنە نەلەردە سەرسان بولۇپ تېنەپ يۈرەتتىڭ؟ قارا گۇرۇھنىڭ ئادەملىرىگە يولۇقۇپ قالساڭ، بۇ چاغقىچە ئۆلۈكىڭمۇ چىقمايتتى،نېمانداق ۋىجدانسىز نېمە سەن؟.... ››دېگەن خىياللار بىلەن ئۆزۈمنى ئەيىپلەيتتىم.
      ئۆزۈمنى –ئۆزۈم ئەيىپلەپ ،ھەيدەپ يۈرۈپ نۇرئەلى ئاكامنىڭ پەندى –نەسىھەتلىرى ئاستىدا ئۇنىڭ قېشىدا تۇرۇپ قالدىم،ئۇنىڭدىن بەش ۋاق ناماز ئوقۇشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم،نامازنىڭ خاسىيىتىدىنمۇ دىلىم باشقىچە يورۇپ قالغاندەك،كۆڭلۈم ئېچىلپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم، جاپالارغىمۇ كۆنۈپ قالدىم، جاپا تارتسىمۇ ھالال ئىشلەپ تاپقان پۇل باشقىچە قەدىرلىك كۆرىنىدىكەن ئادەمنىڭ كۆزىگە،ھالال پۇل تاپسا خەقنىڭ ئالدىدا قورۇنۇپ –تەمتىرەپ يۈرمەي،گەۋدىسىنى تىك تۇتۇپ ، باشنى كۆتۈرۈپ يۈرگىلى بولىدىكەن،باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىۋاتقان ۋاقىتلاردىكى تۇتۇلۇپ قېلىشلاردىن ،تاياق يېيىشلەردىن ئەنسىرەش ھازىر ماڭا پۈتۈنلەي يات ئىدى،بالدۇرراق ئەقىل تاپمىغانلىقىمغا ،بۇرۇنراق توغرا يولدا ماڭمىغىنىمغا ئۆكۈنگەنمۇ بولدۇم. ئۆز ئەجرىم بىلەن تاپقان پۇللارغا قاراپ كۆز يېشى قىلىپ.نۇر ئەلى ئاكامنىڭ ‹‹ئاز تاپساڭمۇ ھالال ياشا،شۇندىلا كۈنلىرىڭنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىسەن...››دېگەن گېپىنىڭ تېگىگە بارغانسېرى يېتىشكە باشلىدىم.ھارامغا يېقىنلاشقانسېرى شۇنچە گۇناھ پاتقىقىغا پاتىدىغانلىقىنى، ھالال ياشىغانسېرى گۇناھلاردىن يىراق بولغىلى بولىدىغانلىقىنى،پۇلنىڭ ئىنسان ھاياتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ،بىراق پۇلدىنمۇ مۇھىم،پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ بارىلىقىنىمۇ چۈشىنىپ يەتتىم.ئۆز ئەجر –مېھنىتىم بىلەن ھالال ياشاپ ئۆتكەنسېرى ئەتراپىمدا ياخشى نىيەتلىك ،ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ كۆپلىكنى ھېس قىلدىم، بۇرۇنقى ھارام بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىم مەندىن بارغانسېرى يىراقلىشىشقا باشلىدى.
          نۇرئەلى ئاكامنىڭ قېشىدائۈچ يىل تۇرۇپ ئۇنڭ يېقىن ياردەمچىسى بولۇپ قالدىم، مېھنىتىمگە چۇشلۇق كىرىمىممۇ ،ئائىلەمگە ئەۋەتىدىغان پۇللىرىممۇ كۆپەيدى،بۇ پۇللار مېنىڭ جاپالىق ئەجرىم ،ھالال مېھنىتىم بەدىلىگە قولغا كەلگەن پۇللار ئىدى،دادامنىڭ ئائىلىمىزنى مېنىڭ ھالال ئەمگىكىم بىلەن بېقىش ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشقان ئىدى.دادام ،ئاپامنىڭ يۇرتقا قايتىپ كېلىش توغرۇلۇق قايتا –قايتا ئېيتقان سۆزلىرى ھەم ئۆزۈمنىڭ يۇرتۇمغا،ئاتا –ئانام، ئىنى –سىڭىللىرىم،ئۇرۇق –تۇققانلىرىمغا بولغان ئوتتەك سېغىنىشلىرىم ،بۇ يات شەھەردىن زېرىكىش ھېسلىرى مېنى يۇرت تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىشكە ئۈندىدى.
يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگىلى بىر يىل بولاي دەپ قالدى،دەسلەپتە كەلگەن ۋاقىتلاردا بىرنەچچە ئايلارغىچە ئىچكىرىدە تۇرغان ۋاقىتىلىرىمدا قىلىپ يۈرگەن پەس ئىشلىرىم سەۋەپلىك خۇلۇم –خوشنا ،ئۇرۇق –تۇققانلاردىن نومۇس قىلىپ ئۆزۈمدىن –ئۆزۈم خۇدۈكسىرەپ ،سىرتلارغىمۇ كۆپ چىقالماي يۈردۈم،خۇلۇم –خوشنىلىرىممۇ مېنى كۆرسە يامان كۆزدە قارىشاتتى،كېيىنچە مېنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىپ بەش ناماز ئۆتەشلىرىمگە ،ئائىلەمدىكىلەرگە ياردەملىشىشىمگە قاراپ ماڭا بولغان مۇئامىلىرىنى ئۆزگەرتتى،چوڭ سىڭلىم ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرمەيلا ،مەكتەپتىن ئايرىلىپ بىر تاللا بازىرىدا ئىشلەۋاتاتتى، ئىنىم بىلەن كىچىك سىڭلىم ئوقۇۋاتاتتى،ئائىلىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى مەن ئىچكىرىگە دەسلەپتە ماڭغان ۋاقىتلاردىن كۆپ ياخشىلىنىپ كەتكەن ئىدى، مەن نۇرئەلى ئاكامنىڭ قېشىدا ئىشلەش جەريىنىدا يىغىپ قويغان پۇللىرىمنى دەسمىي قىلىپ ،ئاپامنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن قويۇق بازار بولىدىغان بىر جايدا كاۋاپچىلىق قىلىشقا باشلىدىم، ھالال تاپقان پۇلنىڭ بەرىكىتىمۇ بولىدىكەن،ئاتا –ئانامنىڭ دۇئاسى ،ئۆتىگەن نامازلىرىمنىڭ خاسىيىتىدىنمۇ ، تىرىشچانلىقىمنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈپ ، تاپاۋىتىم ياخشى بولۇپ كەتتى،گەرچە كاۋاپچىلىقنىڭ جاپاسى بولسىمۇ، بىراق كىرىمىم خېلى كۆپەيدى. ئائىلمىزنىڭ ھال –كۈنىمۇ كۈندىن –كۈنگە ياخشىلىنىشقا باشلىدى، مەن بانكىغا ئېشىنچى قويغان پۇللارنى ھېسابلاپ كۆرۈپ ،ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەن شوپۇرلۇقتا ئوقۇپ، ماشىنا ئېلىش ئارزۇيۇمنى دادام –ئاپامغا ئېيتتىم،ئۇلارمۇ بانكىغا قويغان پۇللارنىڭ ھېساباتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پىكرىمگە قوشۇلدى،شوپۇرلۇق مەكتىبىگە تىزىملىتىپ،جاپالىق مەشقلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنى ئالدىم، شىركەتكە ئايدا بىر يۈز ئەللىك يۈئەن تۆلەپ بېرىش توختامى بىلەن ئاخىرى ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان تاكسىدىن بىرنى سېتىۋالدۇق،دادام- ئاپامنىڭ شاتلىقتىن ئاققان كۆز ياشلىرىنى ،ئىنى –سىڭىللىرىمنىڭ شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن ،خۇلۇم –خوشنىلىرىمىزمۇ بىزنىڭ ماشىنا سېتىۋالغانلىقىمىزغا بەكلا خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئەمدى كۈنلىرىم تېخىمۇ ئالدىراش ۋە مەنىلىك ئۆتۈشكە باشلىدى،كۈندە تاكسىى بىلەن كىرا قىلىپ تاپقان پۇللارنى يىغىپ ئائىلمىزدە ئىشلىتىدىغانغا مۇۋاپىق قىسمىنى ئېلىپ قويۇپ قالغىنىنى ھەپتىدە بىر بانكىغا سالاتتىم،بىر ئاي توشقاندا شىركەتكە تۆلەشكە تېگىشلىك پۇللارنى بىراقلا تۆلەيتتىم،كىراكەشلىك قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، ھەر خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان،ھەر خىل تىپتىكى ،ھەر خىل قاراشتىكى ياخشى -يامان كىشىلەرنى ئۇچراتتىم،ھەر خىل مەزمۇندىكى گەپ –سۆزلەرنى ئاڭلىدىم، نۇرغۇن ياخشى –يامان گەپ –سۆزلەرگە شاھىت بولدۇم، ھالال يوللار بىلەنمۇ، ھارام يوللار بىلەنمۇ جان بېقىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يۇرتىمىزدىمۇ بارلىقىنى كۆردۈم،ئاڭلىدىم،يۇرتىمىزدا ياخشى نىيەتلىك،مېھرىبان ،كۆيۈمچان،ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئىچكىرىدىكى مەن كۆرگەن رەزىل كىشىلەردىن كۆپىلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم،ئىشقىلىپ ياخشى –يامان كىشىلەر ھەممە مىللەت ئارىسىدا بار ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يەتتىم.
      بىر كۈنى كەچتە ‹‹قاپلان دېسكوخانىسى››نىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتسام ، مەسلىكتىن خۇدىنى بىلمەي،تۈزۈك دەسسەپمۇ تۇرالمىغان بىر قىزنىڭ قولتۇقىدىن يۆلىۋالغان ئىككى يىگىت ماشىنىنى توستى،(تاكسى دېگەنگە ھەر تۈرلۈك ئادەملەر چىقىدىكەن، ئۆزىنىڭ تاكسى ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇپ رەسۋاچىلىق قىلشقا ئۇرۇنغان ،سودىدا كېلىشەلمەي بىر –بىرى بىلەن بوغۇشقان....كىشىلەرنى نەچچە قېتىم تاكسىدىن تىللاپ چۈشۈرىۋەتكەن،ئۇلار شىركەتكە ئۈستۈمدىن ئەرز قىلىپ كەچۈرۈم سورىغان يەرلىرىممۇ بار ئىدى)مېنىڭ كەسپىم تاكسى ھەيدەپ جان بېقىش بولغاچقا ،تاكسى توسقان كىشىلەرنى سالمىسام بولمايتتى ھەم تاكسىغا چىققانلارنىڭ پىشانىسىدە بەلگىسى بولمىغاندىكىن ئۇلارنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. تاكسى ھەيدەش جاريانىدا دىبا- رېئوستىرانلاردا ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قېلىپ بىر –بىرىنى يۆلىشىپ ماشىنىغا چىققان قىز –ئوغۇللارنى ،ئېرى ،خوتۇنى تۇرۇپ ئاشنا ئوينايدىغان ئەر –ئاياللارنى ،ئەرلەرگە ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچىشىپ ،ياتاق ئاچقۇزدىغان قىزلارنى ،چوڭ ياشلىق ئاياللارغا ھەمراھ بولۇشۇپ بېرىدىغان كۆڭلى پەس ئوغۇللارنى كۆرۈپ تۇرغاچقىمۇ ،بۇ قىزمۇ ‹‹ئوغۇللار بىلەن ھاراق ئىچىشتە بەسلىشىدىغان،ئاتا –ئانىسى ئالداپ ،باشقىلار بىلەن كېچىسى ياتاق ئاچقۇزۇپ يۈرىيدىغان شۇنداق قىزلاردىن بىرى ئوخشايدۇ ››دېگەن ئويلار بىلەن ئۇ قىزغا نەپرەت كۆزۈمدە قارىغاچ ،ئۇلارنى ماشىنىغا چىقاردىم ۋە ئوغۇللار ئېيتقان مېھمانخانىغا قاراپ ماڭدىم.
   - سۈبىنۇر دېگەن جالاپ تازا قويدا ،تېپىپ بەرگەن باشقا قىزلىرىغا قارىغاندا ئۈچ يۈز يۈئەننى ئارتۇق ئالدا ئادەمدىن،-دېدى ئاق پىشماق،چىراي –شەكلى قاملاشقان بىرسى.
     - داداڭنىڭ بىر قېتىملىق تېلىفونى بىلەن نەچچە مىڭ سوم كىرىدىغان تۇرسا،ئۈچ يۈز يۈئەن دېگەن نېمىتى ساڭا ئاداش،-دېدى يەنە بىرسى.
    - دادام بۇرۇنقىدەك جىق پۇل بەرمەس بولىۋالدى ھازىر،ئاپامنى ئالداپ يۈرۈپ ئېلىۋاتىمەن پۇللارنى،-دېدى ئالدىنقىسى.
   - ئۆتكەنكىدەك ‹‹ ئىچكىرىگە چىقىپ كېتىمەن››داداڭغا يەنە بىر قېتىم قورقاق سالساڭ ،پۇل دېگەن ئۆزلىكىدىن سېنى تاپىدۇ،-دېدى كېيىنكىسى.
    - شۇنداق قىلمايمۇ بولمايدىغان ئوخشايدۇ،بىراقزە سۈبىنۇر دېگەن پاسكىنا ئارتۇق ئېلىۋالغان ئۈچ يۈز كوي پۇل ياتاق ئاچقۇزۇشقا يارايتتى،-دېدى باشتىكىسى.
     - ئۈچ يۈز كوي ئارتۇق ئالغانغا چۇشلۇق ،پاك –پاكىز ئاپئاق پاختا ، ئانىسى سۆيمىگەن قىز ئىكەن بۇ،نەچچە ۋاقىتلاردىن تاپقىنى ساپلا ئىش كۆرۈپ قالغان نىمىلەر ئىدى،ھازىر بۇنداق پاك قىزلارنى تاپماقنىڭ تەسلىكىدە بۇ بىزگە كەلگەن ئامەت ئاداش،-دېدى كېيىنكىسى.
    - بەك سەزگۈر نېمىكىنا بۇ،چاينىمۇ بەك تەستە ئىچتا،سۈبىنۇرمۇ بەك ئۇستا كەلدى،بوپتۇ ،بەرگەن پۇلغا چۇشلۇق راسا بىر قېنىپ ئوينايلى،-دېدى ئالدىدا گەپ قىلغىنى .
   - ھۇشىغا كېلىپ قالسا بىرەر ئىش چىقارماس –ھە،-دېدى كېيىنكىسى.
     - جاجىسى پۇل،نېمىدىن قورقاتتىڭ،-دېدى ئالدىنقىسى.ئۇلارنىڭ گەپ –سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ بۇ قىزنىڭ مەست قىلىش دورىسى ئىچكۈزۈلۈپ ھۇشىدىن كەتكەنلىكىنى بىلدىم،ئۇلارنىڭ مەقسىتى قىزنىڭ ئىپپەت –نومۇسىغا تېگىش ئىكەنلىكى ئېنىق چىقىپ تۇراتتى،‹‹ھازىر پاك قىزلارنى تاپماق تەس››دەپ تۇرۇپ ، پاك بىر قىزنى بۇلغۇماقچى بولغان بۇ ئىككى مۇناپىققا بىردىنلا قاتتىق غەزىپىم ئۆرلىدى، ئىككىسىنى ماشىنىدىن تارتىپ چۈشۈرۈرپ ،قىزنى قوغداپ قالماقچى بولدۇم ،بىراق ئۇنداق قىلسام ئۇلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالىمەن،مەن يالغۇز،ئۇلار ئىككى ئادەم،بۇرۇنقى چاغلىرىم بولسا بۇنداق نەچچىسىگە تېتىيتتىم،ھازىر بۇرۇنقى ئىتتىكلىكىم قالمىغان ئىدى، ئىشنىڭ ئالدى –كەينىنى ئويلاپ قىلمىسام ،ئۇلار ئۆزلىرىگە پايدىلىق بىرەر باھانە –سەۋەبنى كۆتۈرۈپ چىقسا ،باشقىلارنىڭ ھوقۇق –مەنپئەتىگە دەخلى قىلغان بولۇپ قالاتتىم،قانداق قىلش كېرەك؟كاللامغا تۇرۇپلا بىر ئوي كەچتى،ماشىنىنىڭ ماي يولىنى ئاستا قىسىۋالدىم،ماشىنا بىرئاز ئىلگىرلەپ توختاپ قالدى.
    - كەچۈرۈڭلار ،ماشىنىدىن چاتاق چىقتى،مەن تەكشۈرۈپ باقاي،بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار،-دېدىم ۋە يەرگە چۈشۈپ ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئۇ يەر –بۇ يەرلىرىنى كوچىلىغاچ تاكسى ھەيدەيدىغان يېقىن دوستۇم ئەخمەتكە ھەرقانداق مۇھىم ئىشى بولسىمۇ تاشلاپ ئىنتايىن تېز كېلىشنى،جىددىي ئىش چىقىپ قالغانلىقىنى،تۇرىۋاتقان ئورنۇمنى ئېيتىپ تېلىفون قىلدىم.
    - بولدى،بۇنداق ئەبجەق ماشىناڭدا ئولتۇرمايمىز،چۈشە ئاداش،باشقا ماشىنا تېپىپ ماڭايلى،- ھېلىقى ئاق پىشماق شۇنداق دېگىنىچە قىزنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە ماشىنىدىن چۈشتى.يەنە بىرسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۈشتى.ئۇلارنى بىر ئاماللار قىلىپ توسۇپ قالمىسام،باشقا ماشىنىغا چۈشسىلا قىز تۈگىشەتتى.
    - بولدى ماشىنىنى بىر ئامال قىلىپ ھەيدەي،چىقىڭلار،-دېدىم مەن.
    - بىردەم بۇزۇلدى دەيسەن،بىردەم چىقىڭلار دەيسەن،نېمە ئويۇن ئوينايسەن؟بولدى باشقا ماشىنىغا چىقايلى ،-دېدى ،تەلىيىمگە بۇ جايغا تاكسى ئانچە كۆپ كەلمەيتتى،
    - بۇ قىز سىلەرنىڭ دوستۇڭلارما؟-دېدىم مەن دوستۇم ئەخمەت كېلىپ بولغۇچە قەستەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن.
    - ھە،بىزنىڭ دوستىمىز،قانداق؟-دېدى ئاق پىشماق.
    - بۇ قىزنى نەگە ئاپىرىسىلەن؟-دېدىم مەن.
    - نەگە ئاپىرىشىمىز بىلەن نېمە كارىڭ؟-دېدى ئۇ.
    - سىلەر بۇ قىزنى نېمە قىلماقچى ؟-دېدىم مەن .
     - ئاناڭنى ھاراملىق،نېمە كارىڭ سېنىڭ ؟سېنى بىر ئادەم سوراقچى قويغانمىدى؟ ئىشىڭنى قىلە ماڭ-دېدى ھېلىقى مۇباپىق قىزنى سۆرىگەچ.
  - سەنلەرنىڭ ئاچا –سىڭلىڭلار يوقمۇ؟ مىللىتىمىزنڭ پاك قىزلىرى سەندەك ھايۋانلارنىڭ دەستىدىن بۇزۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ،بۇ قىزنى قويىۋېتىش،-دېدىم مەن قىزنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ.
     - مانا ئەمسە ھارامدىن بولغان،-دەپلا مۇشت بىلەن بىرنى سالدى ھېلىقى ئاق پىشماق،مەنمۇ ئۇنىڭغا قول ياندۇردۇم، ئاغىينىسى بىلەن ئىككىسى بىر بولۇپ مېنى ئاستىغا بېسىۋالدى،بىز كاللەك بولۇشۇپ راسا ئېلىشىۋاتقاندا ئاق پىشماقنىڭ قولىدىكى يالت –يۇلت چاقناۋاتقان بىرنەرسىگە كۆزۈم چۈشتى.‹‹پىچاق››دېگەن ئوي كاللامغا دەرھال كېچىپ ئۆزۈمنى قاچۇرماقچى بولدۇم،بىراق ئۈلگۈرەلمەي قالدىم.
قاپىقىم شۇنداق ئېغىر،كۆزلىرىم يەملىشىپ قالغاندەك تەستە ئېچىلدى،ئەتراپىمغا ئاستا قارىدىم،بېشىمدا ئاپام،ئىنى –سىڭىللىرىم ،ئەخمەت يەنە بىرنەچچە ئادەملەر قاراپ تۇراتتى،كۆزۈمنى يەنىمۇ كۈچەپرەك ئېچىپ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېلىقى ئىككى خۇمسى بىلەن تاكسىغا بىرگە چىققان قىزنىمۇ كۆردۈم.
   - بۇ قايەر؟ مەن نەدە؟....-دېگىنىمچە ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولدۇم،بىراق قاتتىق ئاغرىقتىن ۋارقىرىغىمچە تۈگۈلۈپ يېتىپ قالدىم.
    - ئاخىرى ھۇشۇڭغا كەلدىڭ جېنىم بالام،مېنى بەكمۇ ئەنسىرەتتىڭ ئوغلۇم،-دېدى ئانام ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ.
    - خۇداغا شۈكرى ،ئاخىرى ھۇشۇڭغا كەلدىڭ، بۇ دوختۇرخانا،سەن ھۇشسىز ياتقىلى ئۈچ كۈن بولدى، بىز سەندىن بەكمۇ ئەنسىرىدۇق ئاكا ،-دېدى ئىنىممۇ يىغلامسىراپ تۇرۇپ.
     - دوختۇرخانا؟مەن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىم،-دېدىم .
    - سېنى مەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدىم،خاتىرجەم داۋالانغىن ئاداش، ئاللاھ ئۆزى شىپالىق ئاتا قىلغاي،-دېدى ئەخمەت.ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن ھېلىقى كۈنى يۈز بەرگەن ئىشلار( ئاق پىشماقنىڭ پىچاق تىقىۋەتكەنلىكى ) غۇۋا ئېسىمگە كەلدى. ئۇ كۈنى ئاق پىشماق مېنىڭ بىرنەچچە يېرىمگە پىچاق تىقىۋېتىپتۇ،مەن ھۇشۇمدىن كېتىپ يىقىلىپتىمەن،ئۇلار قىزنى سۆرەپ ئېلىپ ماڭماقچى بولغاندا ئەخمەت تاكسىغا يەنە بىر دوستىنى سېلىپ كېلىپ قاپتۇ،ئۇ ماشىنىنىڭ چىرىقىنىڭ يورۇقىدا مېنىڭ يەردە ياتقىنىمنى،ئىككى مۇناپىقنىڭ قىزنىڭ قولىدىن سۆرەپ ماڭغىنىنى كۆرۈپتۇ ۋە شۇ ھامان جىددىي قۇتقۇزۇشقا ، 110غا تېلىفون قىپتۇ،ئۇلار بۇ ئىككى خۇمسىلار بىلەن ئېلىشىۋاتقاندا ساقچىلار كېلىپ قاپتۇ ۋە ئۇلارنى تۇتۇپتۇ.
       مەن قۇتقۇزىۋالغان قىزنىڭ ئىسمى دىلنۇر بولۇپ ،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي كۆڭلى يېرىم بۇلوپ ، چۈشكۈنلىشىپ يۈرگەن كۈنلەردە سۈبىنۇر دېگەن قىز بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ،ئۇ قىز دىلنۇرنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بەرگەن بولۇپ بىرنەچچە قېتىم دىبا،چايخانا ...دېگەندەك جايلارغا ئاپىرىپتۇ، دىلنۇر بۇ جايلاردىكى ئويۇن –تاماشىلارغا مەپتۇن بولۇپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالغاندەك بوپتۇ،شۇنداق قىلىپ سۈبىنۇر چالغان داپقا ئۆزى بىلىپ –بىلمەي ئۇسۇل ئويناپ يۈرۈپتۇ، تاكى مەن پىچاق يەپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ،ئۆزى ھۇشىغا كەلگەنگە قەدەر سۈبىنۇر دېگەن قانجۇقنىڭ قىز تونۇشتۇرىدىغان دەللال ئىكەنلىكنى بىلمەپتۇ.
     ھېلىقى ئىككى مۇناپىقنىڭ ئارىسىدىكى ئاق پىشماق ۋىلايەتتىكى مەلۇم بىر ئورۇندىكى باشقارما دەرجىلىك رەھبىرىي كادىرنىڭ بالىسى بولۇپ،بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ بىر بالىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن كېسىلپ كېتىپ،دادىسننىڭ ھوقۇقى،پۇل خەجىلشى بىلەن تۈرمىدە ئۇزۇن تۇرمايلا يېنىپ چىققان ئىكەن، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ ئاتا –ئانىسىنىڭ نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلماي ئۆزى بىلگەنچە يامان ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتۇ،بۇنىڭدىن ئاچچىقى كەلگەن دادىسى ئۇنى خېلى قاتتىق ئۇچۇقداپتۇ،ئۇ دادىسىغا قېيىداپ ئىچكىرىگە چىقىپ كېتىپتۇ، بالىسىغا چىدىمىغان ئاتا –ئانا ئۇنى ئىچكىرىدىن ياندۇرۇپ ئەكەپتۇ،ئۇ ئىچكىرىدىن كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ ،ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرۈپتۇ،بۇ قېتىمقى ئىشتا ئۇ ئىككى مۇناپىق قىزلارنى ئالداپ نومۇسىغا تېگىشكە ئۇرۇنۇش،قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى،سۈبىنۇر دېگەنمۇ قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.
       ئۆپكە قىسمىمغا پىچاق چوڭقۇرراق كىرىپ كەتكەچكە دوختۇرخانىدا ئۈچ ئايغا يېقىن يېتىپ داۋالاندىم،داۋالىنىش چىقىملىرىمنى قانۇن بويىچە ھېلىقى ئاق پىشماقنىڭ باشلىق دادىسى ئۆز ئۈستىگە ئالدى،بۇ جەرياندا دىلنۇر كۈندە دېگۈدەك كېلىپ مېنى يوقلاپ تۇردى.ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسىمۇ نەچچە قېتىم يوقلاپ كېلىپ قىزىنى قۇتقۇزىۋالغانىقىمغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېيتتى،مەن ئۇلارنىڭ رەھمەت –ھەشقاللىسىنى ئاڭلىغاندا ئۆزۈمدىن خېلى پەخىرىلىنىپ قالاتتىم. دىلنۇر ئىككىمىز خېلى ئوبدان چىقىشىپ قالغان ئىدۇق، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن نومۇس قىلىپ ئۆزىنى ئەيىپلەيتتى، مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەتتىم، بارغانسېرى ئۆزۈمنىڭ دىلنۇرغا مەپتۇن بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم،دىلنۇر كەلمىگەن كۈنلىرى كۆزۈم ئىشىكتە بولاتتى،ئۇنى كۆرگەندە ياكى تېلىفوندا ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا يۈرىكم تېپىچەكلەپ ھاياجانغا چۆمەتتىم، ئۇ پۈتكۈل خىيالىمنى چۇلغاپلا ئالغان ئىدى، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپلا كەتسەم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ ،بەزىدە كېسىلىمنىڭ ساقايماسلىقىنى ئۈمىد قىلىپمۇ قالاتتىم.ئۇنى چىن يۈرۈكۈمدىن ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم،كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇنىڭ ئوماق چىرايىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم، ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن كىنولاردىكى ‹‹ قىزنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە بىر يىگىت توساتتىنلا قېشىغا پەيدا بولۇپ قىزنى قۇتقۇزىۋالىدىغان،قىز يىگىتتىن مىننەتدار بولۇپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزسىدىن ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىپ بارا –بارا ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا مۇھاببەت شەكىللىنىدىغان›› كۆرۈنۈشلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ دىلنۇر بىلەن ئىككىمىزنى شۇ كىنودىكى باش قەھرىمان بولغان يىگىت بىلەن قىز دەپ پەرەز قىلىپ تاتلىق خىياللار بۆشىكىدە بۆلىنەتتىم، يەنە تۇرۇپلا ‹‹ سەن كىم ئىدىڭ شۇنچە، دىلنۇرنى ئاشىقىڭ دەپ خىيال قىلىدىغانغا ؟ ھالىڭغا بېقىپ ئىش كۆرسەڭ بولارمىكىن، سەن دېگەن ئىچكىرىدە ئوغرۇلۇق قىلىپ جان بېقىپ ، يۇرۇڭغا قايتىپ كېلىپ ئەمدى ئادەم بولماقچى بولىۋاتقان بىر ئوغرى ›› دېگەن ئوي كاللامغا كىرىۋېلىپ ئۆزۈمنىڭ دىلنۇرغا بولغان تاتلىق خىياللىرىنى ئۆزۈم مەسخىرە قىلىپ كۆڭلۈم بىئارامچىلىققا تولاتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئىختىيارسىز ھالدا بۇرنۇم ئېچىشىپ كۆزلىرىمگە ياش كېلەتتى،بىراق ئوغۇلبالا بولغانىلىقىم ئۈچۈن كۆز ياشلىرىمنى زورىغا يۇتىۋېتەتتىم ۋە ئۆزۈمنى باشقا خىياللارغا زورلايتتىم.
      دىلنۇر ئاتا-ئانىسىنىڭ دەسمىي سېلىپ بېرىشى بىلەن باش كىيىمى ساتىدىغان بىر كىچىك دۇكان ئېچىۋالغان ئىدى،مەنمۇ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقىپ كىراكەشلىك ئىشىمنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم،بەزى كۈنلىرى ئۇنى ئىزدەپ دۇكىنىغا باراتتىم، بەزى كۈنلىرى تېلىفوندا كۆرۈشەتتۇق، دىلنۇرغا بولغان شەيدالىقىم كۈندىن –كۈنگە ئېشىپ باراتتى،بىراق كۆڭلۈمنى ئۇنىڭغا قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەي ئازاب ئىچىدە تولغۇناتتىم،‹‹ ئۇنىڭغائۆزۈمنىڭ مۇھاببىتىمنى ئىزھار قىلسام رەت قىلىۋەتسە قانداق قىلارمەن؟››دېگەن تەشۋىش يۈرىكىمنى تاتلاپ ئارام بەرمەيتتى،يەنە بىر تەرەپتىن بۇرۇنقى ئىشلىرىمنى ئۇقۇپ قېلىپ مەندىن ئۆزىنى تارتارمۇ؟دېگەن ئەندىشىمۇ كاللامنى قاتۇراتتى، بۇرۇقتىمىلىق كەيپىياتقا پەقەتلا چىدىمىدىم،بۇنداق كېتىۋەرسەم ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ بىرەر ئىش چىقىرىپ قويۇشۇم مۈمكىن ئىدى،شۇڭا ‹‹نېمە بولسا بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي››دىلنۇرغا تېلىفون قىلىپ دەيدىغان مۇھىم گېپىم بارلىقىنى،كەچتە كۆرۈشۈشنى ئۆتۈندۈم.ئۇ بىرئاز تۇرۇپ كېتىپ ماقۇل بولدى،كەچتە مەلۇم بىر چايخانىنىڭ ئالدىدا دىلنۇرنى ساقلاپ تۇردۇم،ئۇ كەلگەندىن كېيىن بىرلىكىتە كىرا قىلىش ئۈچۈن كۈندە نەچچە رەت ئالدىدىن ئۆتسەممۇ كىرىش نېسىپ بولمىغان ھەشەمەتلىك بېزەلگەن چايخانىغا كىردۇق.
نېمە دەپ ئېغىز ئېچىشنى،گەپنى قايەردىن باشلاشنى بىلمەي ئۆزۈمگە –ئۆزۈم بوغۇلاتتىم،ھەر ئىككىمىز ئالدىمىزغا قويۇلغان سوغۇق ئىچىملىكنى ئىچكەچ ئۈن –تىنسىز ئولتۇراتتۇق،دىلنۇر ‹‹نېمە گەپ بار ئىدى؟››كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا پات –پات ماڭا قاراپ قوياتتى، گەپ قىلماي گاچىدەك ئولتۇرىۋېرىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى.
     -سودىڭىز قانداقراق ھازىر؟-دېدىم ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ.
      -خۇداغا شۈكرى،يامان ئەمەس،-دېدى دىلنۇر،ئارىنى يەنە جىمجىتلىق باستى،ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم ئالدىدا سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلماق نېمانداق تەستۇ،ئادەتتە خېلى گەپدان ئىدىم،بۈگۈن نېمە بولغاندۇ ماڭا؟ئۆزۈمنىڭ لىڭتاسمىلىقىمدىن گۆشۈمنى يېگۈدەك بولدۇم ۋە ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ :
    -سىزگە دەيدىغان مۇھىم بىر گېپىم بار ئىدى،-دېدىم.
    -قېنى ئېيتىڭ،قۇلۇقۇم سىزدە،-دېدى دىلنۇر يېقىملىق ئاۋازدا.
      -سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرىمەن،سىزگە بولغان مۇھاببىتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن دىلنۇر....،-يەنە نېمىلەرنى دېدىمكىن ئىشقىلىپ يۈرىكىمدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىۋالدىم، مۇھاببىتىمنى قوبۇل قىلىشنى ئۆتۈندۈم،بىراق ئىچكىرىدە تۇرغان ۋاقتىمدىكى ئىشلارنى ئېيتمىدىم ھەم ئېيتقۇدەك جۈرئەتمۇ يوق ئىدى.ئۇسۆزلىرىمنى ئاڭلاپ گەپ –سۆز قىلماي بىر ئاز تۇرىۋالغاندىن كېيىن :
       -مەن ئويلۇنۇپ باقاي ،-دېگەندىن باشقا گەپ قىلمىدى،ئۇ ‹‹ئويلۇنۇپ باقاي›› دېگىلىمۇ ئىككى ھەپتىدىن ئاشقان ئىدى،بىراق ھېچ بىر جاۋاب بەرمەيتتى،تېلىفون قىلساممۇ ئالمايتتى،ئىچىم تېخىمۇ تىتىلداشقا باشلىدى،‹‹ئۇ نېمىشقا تېلىفونۇمنى ئالمايدىغاندۇ؟مېنى بۇرۇنقى ئىشلىرىمنى ئۇقۇپ قالدىمۇ يا؟››دېگەن تەشۋىشلىك خىيال كاللامنى قوچۇۋەتكەن ئىدى،ئاخىرى چىدىماي ئۇنىڭ دۇكىنىغا ئىزدەپ باردىم،ئۇ سودا قىلۋاتقان ئىكەن ،بىر ئاز ساقلاپ تۇردۇم،ئىشىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن ماڭا قارىدى.
    -تېچىلىق تۇردىڭىزمۇ؟-دېدىم مەن.
    -خۇداغا شۈكرى،يامان ئەمەس،-دېدى ئۇ.
     -بەك ئالدىراش بولمىسىڭىز سىرتقا چىقساق ،سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى،-دېدىم .ئۇ بىر ئاز تۇرۇپ كېتىپ ماقۇل بولدى،ئىككىمىز يەنە ئالدىنقى قېتىم كىرگەن چايخانىغا كىردۇق.بىردەم ئۈنسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن گەپ باشلىدىم.
       -سىزگە ئۆتكەندە دېگەن گېپىمنى ئويلۇنۇپ بولدىڭىزمۇ؟ جاۋاب كۈتۈپ كۆزلىرىم تېشىلەي دەپ قالدى،بۇنداق گەپ قىلماي ،يا تېلىفونۇمنى ئالماي تۇرىۋالسىڭىز بەك بۇرۇقتۇم بولۇپ كېتىدىكەنمەن،مېنى ئۇنداق قىينىماڭ،بۇنداق كېتىۋەرسەم ساراڭ بولۇپ قېلىشىم مۈمكىن،-دېدىم .
     -شۇ تاپتا مەن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدىم،سىزنى باشقىلاردىن ئانچە –مۇنچە سۈرۈشتۈردۈم،-ئۇ شۇنداق دەپلا توختاپ قالدى،يۈرىكم ‹‹قارتلا››قىىلپ قالدى،ئۇنىڭ گېپىنىڭ داۋامىنى پەملەپ بولدۇم.
   -مەن توغرۇلۇق گەپ ئاڭلاپ قالغان ئوخشىمامسىز؟-دېدىم ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ.ئۇ گەپ قىلماي يەرگە قارىدى.
   -‹‹باشقىلاردىن سۈرۈشتۈردۈم ››دېگىنىڭىزگە قارىغاندا مېنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىمنى ئۇققاندەك قىلىسىز،ئەسلى كەچۈرمىشلىرىمنى تونۇشقان ۋاقتىمىزدا سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىغان ئىدىم،بىراق سىزنىڭ مېنى پەس كۆرۈپ كۆزگە ئىلماسلىقىڭىزدىن قورقۇپ دېيەلمىگەن ئىدىم،‹‹كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈمى ئاشكارا››دېگەن گەپ بار،بۇ گەپلەرنى يوشۇرساممۇ بەرىبىر سىزنىڭ قۇلىقىڭىزغا يېتىپ بولغاندەك قىلىدۇ،مەن ئۆز ئاغزىم بىلەن سىزگە ھەممىنى تولۇق ئېيتاي ،-دېدىم ۋە بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىمنىڭ بىرىنى قويماي ئېيتىپ بەردىم،ئۇ سۆزلىرىمنى كۆز ياشلار ئىچىدە ئاڭلىدى.
       دىلنۇرغا بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ ئىچىمنى بوشۇتۇپ ،ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ كەلگىلىمۇ بىر ھەپتىدىن ئاشتى،قولۇم پەقەتلا ئىشقا بارمايتتى،ماشىنىنى ئايلىق ئىشلەپ بېرىۋاتقان شوپۇر بالىغا تاشلاپلا قويدۇم،ئىچىمدىن بىر خىل يىغا قاپسىيتى،ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ بۇنداق ئازابلىق بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن،گېلىمدىن بىرنەرسىمۇ ئۆتمەيدۇ،ئاپامنىڭ ‹‹نېمە بولدۇڭ بالام؟ مىجەزىڭ يوقمۇ؟بىرەر يېرىڭ ئاغرىمدۇ؟››دېگەن سوئاللىرىنى جاۋابسىز قويۇپ تورۇسقا تىكىلىپ ياتقىنىم ياتقان.ۋۇجۇدۇمنى ئۈمىدسىزلىك چۇلغىۋالغان بولۇپ،ئۆزۈمنى تاشلاپ باشقىلا بىر ئادەمگە ئايلىنپ قالغان ئىدىم.بۇنداق گاراڭلارچە ئۆتىۋېرىشكە يەنە چىدىمىدىم، ئاخىرى يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ دىلنۇرغا يەنە تېلىفون قىلىپ كۆرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلدىم،ئۇ تەسلىكتە ماقۇل بولدى.كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئۇنى جېنىمدىن ئەزىز كۆرىدىغانلىقىمنى،تەلىۋىمنى ئويلۇشۇپ كۆرۈشىنى يەنە بىر قېتىم ئۆتۈندۈم.ئۇ يەرگە قاراپ تۇرۇپ يەنە ‹‹ئويلۇنۇپ باقاي›› دېدى ،ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆزى كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ تېلىفون قىپتۇ،بېشىم كۆككە يېتىپ ئۇ دېگەن جايغا بىر سائەت بۇرۇن بېرىۋالدىم، ئىككىمىز كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇ ماڭا بىر پارچە خەتنى بېرىپ چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ قولىدىن خەتنى ئېلىپ يۈرۈكۈم تېپىچەكلەپ، قېنىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك قاتتىق سوقۇپ كەتتى، خەتنى شۇ جايدىلا ئېچىپ ئوقۇدۇم.
         ‹‹ياخشىمۇسىز قەھرىمان ؟مەن ئۇلۇغ اللاھتىن تېنىڭىزنىڭ ھەر ۋاقىت سالامەت بولىشىنى ،كۈنلىرىڭىزنى خاتىرجەم ئۆتىشىىنى تىلەيمەن،ئەسلى ھازىرقىدەك ھەممە نەرسە ئۇچۇرلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ۋاقىتتا سىزگە خەت يېزىپ يۈرمىسەممۇ بولاتتى،بىراق بۇ گەپلەرنى يۈزتۇرانە دېيەلمەي قالدىم، سىز ماڭا تەلەپ قويغان شۇ ۋاقىتلاردا خۇشاللىقتىن يۈرۈكۈم يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان ئىدى،چۈنكى مەنمۇ سىزنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم،سىزنىڭ ۋىجدانلىق،غورۇرلۇق، ھەققانىيەتچى ،كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان مىجەزىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، ھازىر سىزدەك ۋىجدانلىق،غورۇرلۇق يىگىتلەرنى تاپماق تەس ئىدى، بىراق مەن قىز بالا بولغاچقا ھېسياتىمنى يوشۇرۇپ يۈرگەن ئىدىم،سىز مېنى ھېلىقى رەزىل مۇناپىقلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىۋالغاندىن كېيىن ،كۆڭلۈمدە ئىككىمىزنى تەقدىر تېپىشتۇرغان ‹‹بىر جۈپلەر ››دەپ ھېسابلايتتىم، شۇ جايدىلا ماقۇللۇق جاۋابى بېرىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋېلىپ ،‹‹ ئويلۇنۇپ جاۋاب بېرەي ››دېدىم،ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن سىزگە ماقۇللۇق جاۋابىنى بەرمەكچى بولوپ تۇراتتىم،بىر كۈنى ئاپام مەندىن تۇيۇقسىز:
     -ھېلىقى شوپۇر بالا بىلەن ھازىرمۇ كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتامسىز؟-دەپ سورىدى.مەن:
     -ھەئە،بەزىدە تېلىفوندا كۆرىشىمىز،-دېدىم.
      -بولدى ،گەپ يورغۇلاتماڭ،بەزىدە ئەمەس خېلى قويۇق كۆرىشىدىكەنسىلەن، ئەمدى ئۇ بالا بىلەن كۆرۈشكۈچى بولماڭ، ئۇ بۇرۇن ئىچكىرىدە يانچۇقچىلىق قىلىپ يۈرگەن ئىكەن،بۇنى مەن خەقلەردىن ئاڭلىدىم، ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ،بىز ئۇنىڭغا ئۇ سىزنى قۇتقۇزىۋالغانغا چۇشلۇق رەھمەت –ھەشقاللا ئېيتتۇق،ئەگەر ئۇ خالىسا تېگىشلىك ھەق بەرسەكمۇ بولىدۇ،ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشكىنىڭىزنى ئاڭلاپ قالماي ،سىزنىڭ ئۇنداق تېگى پەس كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈشىڭىزنى خالمايمەن-دېدى سوغۇق ئاۋازدا.ئاپامنىڭ ‹‹ئۇ يانچۇقچى››دېگەن گېپى بىلەن مېڭەم ئايلىنىپ،قالغان گەپلىرى قۇلۇقۇمغا يېرىم –يارتا كىرگەندەك بولدى.بۇنداق بولىشىنى ھېچ ئەقلىمگە سىغدۇرالمىدىم، بىرنەچچە كۈنگىچە دورا يېگەن بېلىقتەك خامۇش يۈردۈم. ئاپام دېگەن گەپلەرنىڭ يالغان بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، سىزنى ئويلىساملا ئىچ –ئىچىمدىن يىغا تۇتاتتى،سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم،بۇنداق بۇرۇقتىمىلىق ئىچىدە ئۆتىۋېرىشكە چىدىماي نەۋرە سىڭلىمغا ئاستىرىتىن مەھەللىڭىزگە بېرىپ سىزنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشنى ئېيتتىم، ئاپامنىڭ ئېيتقانلىرى راست چىقىپ قالدى،مەن قانداق قىشنى،سىزگە نېمە دېيىشنى بىلمىدىم،شۇڭا تېلىفونىڭىزنىمۇ ئالمىدىم،بىراق كۈنلىرىمنى يىغا بىلەنلا ئۆتكۈزدۈم،يۈرىكىمگە قولۇمنى سېلىپ باقسام سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن،سىز ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشۈش تەلىۋىنى قويغان ۋاقتىڭىزدا ئاپامنىڭ ئىرادىسىگە خىلاب ھالدا سىز بلىەن كۆرۈشتۈم ۋە بۇرۇنقى ئىشلىرىڭىزدىن خەۋەر تاپقانلىقىمندىن بىشارەت بەردىم،سىز بەك ئەقىللىق ئىدىڭىز قەھرىمان،مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى سۆزۈمنىڭ بېشىنى ئاڭلاپلا چۈشىنىپ بولدىڭىز، شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ قېشىڭىزدا ھۆڭگىرەك ئېتىپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتۇپ ،ئىتتكىلا چىقىپ كەتتىم، سىز بىلەن كۆرۈشكىلى بىرنەچچە كۈن بولۇپ قالدى،كۈنلىرىم ئازاب ئىچىدە ئۆتىۋاتىدۇ، سىز بىلەن كۆرۈشكەن كۈنى چىرايىڭىزغا قارىسام ئورۇقلاپ،كۆزلىرىڭىز ئولتۇرۇشۇپ باشقىچىلا بولۇپ كېتىپتۇ، بۇنداق كېتىۋەرسەم سىزنىمۇ،ئۆزۈمنىمۇ ئازابلاپ يۈرگۈدەكمەن،ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئاخىرى سىزگە بۇ خەتنى يېزىشنى توغرا تاپتىم،سىزگە ‹‹ماقۇل ››جاۋابىنى بەرسەم ئاپامنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايمەن،‹‹ياق››جاۋابىنى بەرسەم،ھەر ئىككىلىمىز ئازاپتىن پۇچلۇنۇپ ئۆتىمىز، بۇ خېتىمنى ئوقۇغاندىن كېيىن مېنى شەرمى –ھايانى بىلمەي،‹‹مېنى ياخشى كۆرىمەن›› دەپ يۈرگىنىنى دەپ ئويلاپ قالماڭ،مەن پەقەت سىزنى ئەڭ يېقىن ئادىمىم دەپ بىلگەچكە خەتكە شۇنداق گەپلەرنى يازدىم،شۇ تاپتا كاللام قۇپقۇرۇق ،ماڭا توغرا يول كۆرسىتىدىغان بىر ئادەمگە شۇنداق مۇھتاج بولىۋاتىمەن، نېمە قىلىشنى بىلمەي بېشىم بەكلا قاتتى.....››خەت شۇنداق ئاياقلاشقان ئىدى.
        خەتنى ئوقۇپ بىر تەرەپتىن دىلنۇرنىڭمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن كۆڭلۈم ئالەمچە شادلاندى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ تەڭقىسلىكتە قالغانلىقىدىن بەكلا ئازابلاندىم،ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ بۇ ئىشنى يېقىن دوستۇم ئەخمەتكە مەسلەھەت سېلىشنى توغرا تاپتىم،ئەخمەت سۆزۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھازىرچە دىلنۇرنىڭ كۆزىگە بەك كىرىۋالماي،ئەمەلىي ھەركىتىم ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاپىسىنى قايىل قىلىشىم توغرۇلۇق مەسلەھەت بەردى،مەن ئۇنىڭ مەسلەھەتىنى توغرا تېپىپ ،پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىشقا ئۆزۈمنى ئۇردۇم. ھەر ۋاق نامىزىمدا اللاھتىن دىلنۇر بلىەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا ئاسانچىلىق بېرىشنى تىلىدىم، دىلنۇرغا كۈندە بىر قېتىم تېلىفون قىلىپ ھال –ئەھۋال سوراپ ،ئىككىمىزنىڭ ئىشىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇنىڭىغا ۋەدە بېرەتتىم،بىر كۈنى ئاپامغا دىلنۇر توغرۇلۇق ئېغىز ئاچتىم،ئاپام گېپىمنى ئاڭلاپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن‹‹ داداڭغا ئېيتىپ باقاي ››دېدى.دىلنۇر ئاتا –ئانىسى بىلەن دادامنى يوقلاپ بىرنەچچە قېتىم ئۆيىمىزگە كەلگەن ئىدى،دادام ئاپامدىن مەن ئېيتقان گەپلەرنى ئاڭلاپ رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ، مېنىڭ قايتا –قايتا سۈيلىشىم بىلەن ئاپام ئايسىخان ئانامنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە باردى، ئاپامنىڭ دېيىشىچە دىلنۇرنىڭ ئاپىسى ئۇلارغا پەقەتلا چىراي ئاچماپتۇ،بىراق دادىسى بەك قىزغىن مۇئامىلە قىپتۇ،ئاپامنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىشىمنى تېزراق ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئامالى دىلنۇرنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى پەملەپ،ئۇنىڭ دادىسىغا يېقىنلىشىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
      دىلنۇرنىڭ دادىسى مېنىڭ مىجەزىمنى ياقتۇرۇپ قالدىمۇ قانداق، ماڭا بەكلا قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى، ئاپىسى مېنى تىللاپ قوغلىۋەتمىسىمۇ،تازا چىراي ئېچىپ كەتمەيتتى،شۇنداقتىمۇ يەنە يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ ئۇلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن تىرىشتىم.پۇرسەت كەلدى دەپ ھېسابلىغان بىر كۈنى دىلنۇرنىڭ ئائىلىسىدىكلەرنى تاماققا تەكلىپ قىلدىم،دىلنۇرنىڭ دادىسى زورلاپ تۇرىۋالغاچقىمۇ قانداق تەلىيىمگە ئاپىسىمۇ كەلدى،تاماق يېيىش جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئىچكىرىگە بېرىپ قالغانلىقىمنى،ئۇ يەردە كۆرگەن كۈنلىرىمنى يىغا ئارىلاش سۆزلەپ بەردىم،قارىسام دىلنۇرنىڭ ئاپىسىمۇ تەسەرلىنىپ كۆز يېشى قىلغىلى تۇرۇپتۇ،سەمىمىيىتىم ئارقىلىق دىلنۇرنىڭ ئاپىسىنى قايىل قىلدىم،ئۇلار بىزنىڭ توي ئىشىمىزغا ئاخىرى قوشۇلدى.
     تەقدىر ماڭا كۈلۈپ چىراي ئاچقان ئىدى،دىلنۇر بىلەن توي قىلغىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپ قالدى،ئۆزۈمنىڭ بەختلىك تۇرمۇشۇمدىن بەكلا رازى ئىدىم، ئوقىتىممۇ روناق تېپىپ ،كىرىمىمۇ ئاشقان ئىدى. بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ سۆيۈملۈك ئايالىم دىلنۇر بىلەن بىر ياشتىن ئاشقان ئوماق ئوغلۇم ئەلقىراننى ئېلىپ باشلانغۇچتا ماڭا ئانىلارچە كۆيۈنگەن ،ئائىلىمىزگە كۆپ ياردەملەرنى قىلغان سىنىپ مەسئۇلۇمنىڭ ئۆيىگە كەلدىم،مۇئەللىم مەن تونۇشلۇق بەرگەندىن كېيىن ئاندىن مېنى تونۇدى ۋە ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى.گەپتىن گەپ چىقىپ ئولتۇرۇپ بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىمنى مۇئەللىمگە سۆزلەپ بەردىم، مۇئەللەم كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ:
     - كىچىككىنە تۇرۇپ كۆپ ئىشلارنى كۆرۈپ ، داستان بولغۇدەك كەچۈرمىشلەرنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزۈپسەن، نۇرغۇن دىشۋارچىلىقلارنى تارتىپسەن، ھېلىمۇ تەلىيىڭ ئوڭدىن كىلىپ ،ساق –سالامەت يۇرتقا قايتىپ كېلىپ ،ياخشى ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ،ھالال ياشاپسەن،بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھارامدىن يىراق بول،ھالال ياشا، اللاھ ئەجرىڭنى بېرىپ قىلغان ئىشلىرىڭ تېخىمۇ روناق تاپسۇن،خۇدايىم بۇيرىسا شارئىتىم يار بېرىپ قالسا كەچۈرمىشلىرىڭنى چوقۇم يېزىپ چىقىپ،باشقىلارغا ئىبرەت قىلىمەن،-دېدى .مەن مۇئەللىمگە رەھمەت ئېيتتىم.
      بىر كۈنى ئوغلۇمنى ئوينۇتۇپ ئولتۇرۇپ ،تېلىۋېزور كۆرىۋېتىپ ‹‹ قانۇن ۋە پۇقرا›› پىروگىراممىسىدا ئىچكىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ سېتىۋېتىلگەن ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى كۆرۈپ بۇرۇنقى ئىشلىرىم ئېسىمگە كېچىپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى.ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىدى، بېسىپ ئۆتكەن ھايات مۇساپەمنى ئويلاپ ئۆزۈمنى يۈز ياشقا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشۇمغا ،ماڭا كۈلۈپ چىراي ئاچقان تەقدىرگە مىڭ شۈكۈرلەر ئېيتتىم.



مەنبە : ئۆز قەلىمىم


ئەسكەرتىش: ئەسەر ھوقۇقى مىسرانىمغا تەۋە،باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت يوق.





     







ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sirlikmalika + 100 قوللىرىڭىزغا دەرت كەل.
mastana888 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
muslina216 + 100
RIFAT + 100
saptilak + 500 نادىر تىما. سىزنى تەبرىكلەيمەن.
YuqunAdam + 200
narkos + 200 ئېسىل ئەسەر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1000  مۇنبەر پۇلى + 210   باھا خاتىرىسى

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ھەركىم ئۆزتەغدى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13407
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8460
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 05:28:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ياخشى تىمىكەن...................

مەن ئۈچۇن ھايات بىر. يۈرەك بىر ......K

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7474
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5426 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 10:12:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ تەسىرلىك ياخشى يېزىپسىز، ئۇقۇپ بولغىچە كۆزلىرىم بىر قانچە قىتىم نەملەشتى ، ھە نىمە بولسا ئاخىرى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىپتۇ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

پىچاقنى ئۆزۈڭگە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3025
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9262
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 5371 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 11:22:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ .ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن.مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بولغۇچە نەچچە قېتىم كۆزلىرىم نەملەشتى.مەنمۇ قانۇن  ۋە پۇقرا  پروگراممىسىدىكى كىچىك نارسىدىلەرنىڭ تارتقان ئازابىنى  كۆۈرۈپ مىڭ يېرىمدىن تۆكۈلۈپ كەتكەن ئىدىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40249
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3661
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1072 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 11:38:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  ،بىزنىڭ   ئىچكىرى  ئۆلكىلەردە  ئېقىپ  يۈرىۋاتقان   ئاشۇنداق  بالىلىرىمىزنىڭ   ئەھۋالى 
بەك  ىاراپ   .

ھايات مەن ئۈچۈن  ھەممىدىن قىممەت ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت كېچەلەيمەن ھەر ئىككىسىدىن ئەركىنلىك ھۆرلۈك ئۈچۈن پەقەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38482
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2011-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 01:17:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن ياخشى ھىكايە بۇ ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 880
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14076
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7264 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 01:25:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقتىم، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز. مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 03:52:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسەرنى ئۆزىڭىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. شۇنداقمۇيە؟

دۇنيا مېھرى-مۇھە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5228
يازما سانى: 640
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10004
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 10096 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 12:36:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنى بۈگۈن ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ھەم بەك تەسىرلەندىم..سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز بىر بىردىن ئەھمىيەتلىك ۋە مەنىلىك، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42331
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3016
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 02:41:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bizlerning beximizga yene kandak kunler kiler.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
savdaye + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش